20% ئەگەشكۈچىڭىز سىزگە ھەسەت قىلىدۇ.

20% ئەگەشكۈچىڭىز سىزگە ھەسەت قىلىدۇ.

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت بىر قانچە كۈن بۇرۇن داڭلىق بلوگېرنىڭ بىر دەرسىنى ئاڭلىغان ئىدىم. دەرس ئارىسىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە پىرىنسىپ قىلىپ ھەر 10 كىشىدە ئىككى كىشىنىڭ ئۆزىگە ھەسەت، نەپرەت قىلغانلىق سەۋەبىدىن تەقىب قىلغانلىقىنى (مەن نېمىشقا ئۇنىڭدەك قىلالمايمەن تۇيغۇسىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەر) تەخمىن قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇپ كەتسە مەسىلىنى ئۆزىدىن ئىزدەيدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى. ئىنكاسلاردىن ھېس قىلغان ھەسەت، نەپرەت 20% تىن ئاز بولسا نورمال دەپ قارايدىكەن.

20% ئەگەشكۈچىڭىز سىزگە ھەسەت قىلىدۇ. داۋامى...
ۋىرۇستىن كېينكى دۇنيا قانداق بولا؟

ۋىرۇستىن كېينكى دۇنيا قانداق بولا؟

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت بىر قانچە كۈن بۇرۇن يۇۋال نوھ ھارارىنىڭ «تاجىسىمان ۋىرۇستىن كېيىنكى دۇنيا« ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇغان ئىدىم. ماقالىدە ئىككى چوڭ نوقتا ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ، بىرى پۇقرالارنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش بىلەن پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق – مەنپەئەتى مەسلىسى. ئىككىنچىسى مىللەتچىلىكنىڭ يەكلىنىشى بىلەن يەرشارى مىقياسىدىكى ئىتتىپاقنىڭ تەقەززاسى.

ۋىرۇستىن كېينكى دۇنيا قانداق بولا؟ داۋامى...

ئابدۇللاھ چىفتچى: ھەقىقەت ياكى سۈيقەست نەزەرىيىسى – ئەلدەر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت يۇقارىدا مەن ئۆزۈم قىزىققان 17 تۈرلۈك ئالدىن پەرەز بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر بۇنى ۋە ئۆزى قىزىققان بېشارەتلەرنى يىغىپ ئىستاتىستىكا قىلىپ باقسا بولىدۇ. مەسىلەن، ئۈستىدىكى ئالدىنقى شەرتلەر بويىچە، يۇقارقى 17 بېشارەتتىن ئەڭ ئاز دېگەندە 12سى توغرا بولسا، 5% خەۋپ چېكى بىلەن، مەن بۇنى تەلەيگە تايىنىپ چىققان ھادىسە ئەمەس دەپ قوبۇل قىلىمەن.

يېتەرسىزلىكلەر
    بۇ تۈرلۈك ئۇسۇلنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى بولسا، سىناق مودىلى قەستەن ئىككىلىك (Binomial) قىلىنغان بولۇپ، ھەربىر بېشارەت قەستەن مۇستەقىل ۋە قوش ئاقىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ. ھەمدە غەلبە ۋە مەغلۇبىيەت ئاقىۋەتلىرى تەڭ ھالدا 0.5 دەپ قارىدۇ. بۇ جەھەتتىن مودىللانغان ۋەقەلەر ئەمەلىيەتكە ماس كېلىشى ناتايىن. ھەمدە، نەزەرگە ئېلىنغان بېشارەتلەرنىڭ سانى تۆۋەن بولسا ئىستاتىستىكىلىق پەرق كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن. ھەمدە بېشارەتلەر بەك كېيىن، مەسىلەن يۈز/ئىككى يۈز يىلدىن كېيىن، كۆرۈلىدىغان بولسا؛ ياكى بەك مۈجىمەل ئىپادىلەنگەن بولسا بۇلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش تەسكە چۈشىدۇ.

ئابدۇللاھ چىفتچى: ھەقىقەت ياكى سۈيقەست نەزەرىيىسى – ئەلدەر داۋامى...
تەجرىبىلەرنى ئايىمايلى!

تەجرىبىلەرنى ئايىمايلى!

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت “ئالتۇن بولسىلا چوقۇم بىر كۈنى پارقىرايدۇ” دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بولىدىغان. گۈزەل يازمىدىن بىرنى يېزىپ ئاسان تاپقىلى بولمايدىغان ياكى يۇيۇلۇپ كېتىش خەۋپى بولغان سۇپىلاردا ئېلان قىلىش ئالتۇننى كۆمۈپ قويۇپ ئۆزۈڭ تاپ دېگەندەكلا بىر ئىش. شۇڭا ئىزدەشنى ئۆگىنەيلى. ئىزدەشتىن ئاۋۋال يېزىشنى، باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۆگىنەيلى. ئورتاقلاشقاندا ئۈنۈملۈك ئورتاقلىشىشنى ئۆگىنەيلى.

تەجرىبىلەرنى ئايىمايلى! داۋامى...