ساقچى تەرەپ سىزنى تۇتۇۋالغاندا

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت

تەييارلىغۇچى: X تورداش

تۈركىيەدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەۋجۇت سىياسى ۋە ئىجتىمائى قاتلاملارغا مەنسۇپ كىشلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئىستانبۇل ۋە قەيسەرى بۇ خىل قاتلاملارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشنى تاللىغان شەھەرلىرى بولۇپ، مەزكۇر شەھەرلەردە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قىزىق نۇقتا خەۋەرلەر ئەڭ تىز تارقىلىدۇ. ئىنتېرنېت ئۇللۇق تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىشى بولسا خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىنى تىخىمۇ تېزلەشتۈرۈپ، مەسىلىنىڭ كىچىك- چوڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇرلارنىڭ دىققەت نەزىرىنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈشنى ئەۋجىگە چىقىرىدۇ.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققەت نەزىرنى قوزغايدىغان جىددى مەسىلىلەردىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كېتىشى ۋە تۈركىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىش خەۋىپىگە دۇچ كېلىشى بولۇپ، مەزكۇر يازمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نىمە سەۋەپتىن تۇتۇلۇۋاتقانلىقى مەسىلىسىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تۇتۇلغاندىن كىيىنكى قانۇنى باسقۇچ ۋە جەريانلار تەپسىلى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

بىرىنچى، نازارەتكە ئىلىشى ئۈچۈن ئاساس بولىدىغان ئامىللار

ج خ ئورگانلىرىنىڭ(ساقچى، ئىستىخبارات) مەلۇم بىر كىشى ياكى گۇرۇپپىنى قانۇن بويىچە نازارەتكە ئىلىشى ئۈچۈن مەزكۇر كىشىلەردە تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل ئەھۋالنىڭ بىرەسى مەۋجۇت بولغان بولىدۇ.

  1. تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان ئىش- ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىش ياكى ئۇرۇنۇش
  2. تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا تېرورلوق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ھەرقانداق بىر قۇراللىق ياكى قورالسىز تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش ئەزا بولۇش، تەشۋىقاتىنى قىلىش
  3. تۈركىيە نىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلارنى توپلاش، يوللاش
  4. تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان پىلان- لاھىيەلەرنى تۈزۈش
  5. تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئېتىبارىغا تەسىر يەتكۈزۈدىغان گەپ-سۆز ۋە تەشۋىقاتلارنى قىلىش
  6. مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرمەي تۇرۇپ قانۇنسىز قۇرال ساقلاش، ئىلىپ يۈرۈش
  7. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلماستىن ۋە قايىل قىلارلىق بىرەر مەنتىقلىق سەۋەبى بولمىغان شارائىت ئاستىدا نورمىدىن ئارتۇق خىمىيىلىك دورا- دەرمەك ۋە بېنزىنغا ئوخشاش سەزگۈر ماددىلارنى ساقلاش، ئىلىپ يۈرۈش، توشۇش.
  8. مۇناسىۋەتلىك رۇخسەتلەرنى بېجىرمەي تۇرۇپ تەشكىلات، جامائەت قۇرۇش
  9. تېرورلوق ۋە شىددەت تۈسىنى ئالغان ئۈن- سىن ۋە نەشىر بويۇملىرىنى ساقلاش، تارقىتىش، تەرغىپ قىلىش.

يۇقىرىقىلار سىياسى جىنايەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئاساسلىق ئامىللار بولۇپ، ئوغۇرلۇق، بۇلاڭچىلىق، گۆرۈگە ئىلىۋېلىش، باج ئوغرىلاش، ئادەم ئۇرۇش، يارىلاندۇرۇش، ھاقارەت قىلىش دىگەندەك ئىجتىمائى جىنايەتلەر ھەممەيلەننىڭ سەمىدە دەپ قارىلىپ ئۇلارنىڭ ئەقلىگە ھاۋالە قىلىش مۇۋاپىق كۆرۈلدى.

ئىككىنچى، نازارەتكە ئىلىش ھەركىتى

يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغان ئېغىر جىنايەتلەردىن باشقا تۈركىيە ئاساسى قانۇنى ۋە يەرلىك سىياسى سىستېمىىلار تەرىپىدىن جىنايەت دەپ بېكىتىلگەن ھەرقانداق بىر جىنايەت تەشەببۇسى كۆرۈلگەندە تۈركىيە ج خ باشقارمىسىنىڭ مۇناسۋەتلىك دىلو تارماقلىرى تۇتۇش ھەرىكىتىنى (نازارەتكە ئىلىش) ئىلىپ بارىدۇ.

تۇتۇشتىن ئىلگىرى ج خ تارماقلىرىدا تۇتۇلغۇچى ھەققىدە ماددى ئىسپات ۋە گۇمان  سەۋەبىدىن پاش قىلىنغانلىق ئۇچۇرى بولىدۇ. ج خ تارماقلىرى ئۆزىنىڭ كۆزىتىش چەمبىرىكىدە ئىرىشكەن مەلۇماتلىرى ياكى مەلۇم شەخىس، ئورگان ھەتتا دۆلەتلەر تەرىپىدىن قىلىنغان پاش قىلىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن گۇماندارنى تۇتىدۇ. گۇماندار ھەققىدە ئېرىشىلگەن مەلۇماتنىڭ چوڭ كىچىكلىكى، گۇماندارغا يۈكلەنگەن شۈبھىنىڭ تەسىرىگە ئاساسەن تۇتۇش جەريانىدا قوللىنىدىغان ئەسكىرى كۈچ ۋە تەدبىرلەرمۇ ئوخشاشمايدۇ.

ج خ تارماقلىرى ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا گۇماندارنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرماقچى بولسا:
  1. سوت مەھكىمىسى تەستىقلىغان ئاختۇرۇش قارارىنى كۆرسىتىپ ئاندىن ئاختۇرىدۇ. ئەگەر ئاختۇرۇش جەريانىدا گۇماندارنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ شەخسى مۈلۈكلىرى زىيانغا ئۇچرىسا ج خ تارماقلىرى تۆلەپ بىرىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققۇچىلار قانۇنى جەھەتتىن ھوقۇقلىرىنى قوغدىسا بولىدۇ.
  2. ئاختۇرۇش جەريانىدا ج خ تارماقلىرى تەرىپىدىن يىقىن قوشنىلاردىن ياكى باشقا پۇقرالاردىن بولۇپ ئىككى كىشى شاھىتلىققا چاقىرلىدۇ. بۇ شاھىتلار ج خ تارماقلىرىنىڭ ئاختۇرۇش جەريانىدا گۇماندارنىڭ شەخسى مۈلكىگە دەخلى تەرۇز قىلغان قىلمىغانلىقىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن چاقىرغان پۇقراۋى نازارەتچىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
  3. گۇماندار ھەققىدە ئېرىشىلگەن مەلۇماتلارغا مۇناسىۋەتلىك ماددى بويۇملار تىزىملىنىپ ئىلىپ كېتىلىدۇ ۋە گۇمانداردا تېپىلغان جىنايەت ماددىلىرى قاتارىدا ئەيىبلەشتە قوللىنىلىدۇ.

ئۈچىنچى، تۇتۇش، نازارەتخانىغا ئىلىپ بىرىش ۋە سوراق قىلىش

ئاختۇرۇش ھەركىتى ئاياغلاشقاندىن كىيىن گۇماندار تۇتۇپ مېڭىلىدۇ ۋە قانۇن بويىچە تۇتۇلغانلىق قەغىزىنى ئائىلە ئەزالىرىغا تاپشۇرىدۇ، بۇ قەغەزدە تۇتۇلۇش سەۋەبى ۋە گۇماندارنىڭ ھەق- ھوقۇقلىرى يېزىلغان  بولىدۇ. نورمال شارائىتتا نازارەتتىكى كىشىنىڭ تۆت تۈرلۈك ھەققى بار:

بىرىنچى، ئادۋۇكات تەلەپ قىلىش ياكى قىلماسلىق. پۇللۇق ئادۋۇكات ئىلىشقا قۇربى يەتمىگەنلەرگە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھەقسىز ئادۋۇكات بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىككىنچى، سوراق جەريانىدا سورالغان سوئالغا سۈكۈتتە تۇرۇش ھەققى(نورمالدا بىرقېتىم سوئال سورىلىدۇ ۋە بىرىلگەن جاۋاپ نىمە بولسا شۇنى يازىدۇ). ئۈچىنچى، داۋالىنىش ھەققى. تۆتىنچى، ئەرىز شىكايەت قىلىش ھەققى (بۇ تۇتۇلۇشقا نىسبەتەن ۋە تۇتۇلۇپ قولغا ئېلىنغاندىن كىيىنكى ھۆكۈمگە نىسبەتەن ئوخشاش).

ئاندىن كىيىن يۇقىرىنىڭ يول يورۇقىغا ئاساسەن يىقىن ساقچىخانىغا ياكى نازارەتخانىغا ئىلىپ بېرىلىدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قانۇنىدا نورمال شارائىت ئاستىدا ساقچىخانىدا 24 سائەت، نازارەتخانىدا 4 كۈن تۇتۇپ تۇرىدۇ. ( ئەمما چەتئەللىكلەر ئىستىسنائى مۇئامىلىلىرىگە دۇچ كىلىدۇ، ئۇيغۇرلارمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن). ساقچىخانا پەقەت ۋاقىتلىق تۇرۇپ تۇرۇش ئورنى بولۇپ ئىجتىمائى جىنايەتلەر ۋە ھەق تەلەپ دەۋالىرى ئۈچۈن سىستېمىلىق خىزمەت بىرىدۇ.

ئەمما سىياسى جىنايەتلەرگە قانۇندىن بەكرەك ھوقۇقنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇئامىلە قىلىنىدىغان بولغاچقا خىزمەت سېستىمىسى نورمال ئىشلىمەيدۇ. ئەمما نازارەتخانىلار بىرقەدەر سىستېمىلىق ۋە قانۇن- نىزامغا ئۇيغۇن خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ خاراكتېرى بىزنىڭ ۋەتەندە خىتاي مۇستەملىكىلىرى قۇرۇپ چىققان تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى( جۈلىيۇسۇ) غا ئوخشايدۇ. ئەمما پىرىنسىپى ئوخشىمايدۇ. تۈركىيەنىڭ نازارەتخانىلىرىدا بىر گۇماندار نورمال شارائىتلاردا  4كۈن تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ. بۇ تۆت كۈن ئىچىدە قىلىنىدىغان سوراقلار قىلىنىپ گۇماندار تەپتىشنىڭ ئالدىغا ئىلىپ كېلىنىدۇ.

نازارەتخانا تۈرمە سەپىرىنىڭ ياكى ئەركىنلىك مەنزىلىنىڭ بوسۇغىسى بولۇپ تۆت كۈن جەريانىدا گۇماندار سوراق قىلىنىپ، تەپتىشنىڭ ئالدىغا ئىلىپ كېلىنىدۇ. تۈركىيەدە بىر مەھكىمە تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن سوت مەھكىمىسى بىر ئورۇندا بولىدۇ. گۇماندارنى سوراق قىلغۇچى ساقچىلار گۇماندارنى تەپتىشنىڭ ئالدىغا كەلگەندە گۇماندارنىڭ ئادۋوكاتىمۇ بىللە بولىدۇ.

ئەمما چەتئەللىكلەر بىر ئاز پەرقلىق بىر ئىجرا ئۇسۇلى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ئەڭ كەڭ قوللىنىۋاتقان ئىككى تۈرلۈك ئىجرا ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى،  چەتئەللىك ( تۈركىيە ۋەتەندىشى بولمىغان كىشلەر) گۇماندارلار تۇتۇلغاندىن كىيىن بىۋاستە كۆچمەنلەرنى يۇرتىغا قايتۇرۇش مەركىزىگە ئاپرىۋىتىلىدۇ ياكى يىقىن تەۋەلىكتىكى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ ساقچىخانىدىكىلەرنىڭ كۆچ ئىدارىسىغا باغلىق دۆلىتىگە قايتۇرۇش مەركىزىگە ئاپىرىۋىتىشگە ھاۋالە قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلەر نورمالدا سوراق قىلىنمايدۇ. چۈنكى پاش قىلغۇچى تەرەپ ماددى ئىسپات ياكى ئوبېكتىپ بىر جىنايەت بىلەن پاش قىلمىغان ياكى گۇمانداردا تەھدىت دەپ قارىلىدىغان ئىش ھەركەت بولمىسىمۇ بوپ قىلىش ئېھتىمالى بار دەپ قارالغان كىشلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇلارنىڭ بەزىلىرى قانۇنسىز تۈركىيەگە كەلگەن چەتئەللىكلەر، ۋىزىسىنىڭ ۋاقتى توشقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا بۇلارنى سوراق قىلىپ مەھكىمىگە بېرىشنىڭ ئورنىغا بىۋاستە دۆلىتىگە قايتۇرۇش مۇۋاپىق كۆرىلىدۇ. ئەمما دۆلىتىگە قايتۇرۇلسا ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرايدىغان، ئېزىلىش ۋە زۇلۇمغا ئوخشاش تەڭسىز مۇئامىلىلەرگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بولغان كىشلەر قايتۇرۇشتىن مۇستەسنا قالدۇرۇش بىلەن بىللە ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كېتىشنى خالىمىغان كىشىلەرمۇ  خالىغان بىر دۆلەتكە كېتىش تەلىپىنى قىلالايدۇ ۋە كېتەلەيدۇ.

ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى بىر ئاز پەرقلىق بولۇپ نورمالدا بۇ خىل ئەھۋاللاردىنمۇ مۇستەسنا. قايتۇرۇش مەركىزىگە ئىلىپ بېرىلغان كىيىن دۆلىتىگە ياكى ھېچقانداق دۆلەتكە قايتىشنى خالىمايدىغان كىشلەر نورمالدا 3 ئاي، 6 ئاي، بىر يىل گۆچ ئىدارىسىگە باغلىق تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كىيىن  قوغلاپ چىقىرىش قارارى بىلەن قوشۇپ قويۇپ بېرىلىدۇ.  گۇماندارلار تۇتۇلغان ھامان ئادۋۇكات تەكلىپ قىلسا بۇ جەريان بىرئاز قىسقىرايدۇ.

ئىككىنچى خىل ئەھۋالدا تۇتۇلغان گۇماندارنىڭ ئىپادىسى ئىلىنىدۇ يەنى سوراق قىلىنىدۇ. ئاندىن تۆت كۈن ئىچىدە تەپتىش ۋە سوت مەھكىمىسىگە چىقىدۇ. ئەگەر قولغا ئىلىشقا توشۇپ قالسا تەپتىش قولغا ئىلىش قارارى بىرىدۇ ۋە سوتقا يوللايدۇ. سوتتىن قانۇنى “دىئاگنۇز” قويغاندىن كىيىن يا تۈرمىگە يوللاپ ھۆكۈم ساقلىشىنى ئېيتىدۇ ياكى قويۇپ بىرىش قارارى بىرىدۇ.

نورمال شارائىتلاردا تەپتىش ۋە سوتنىڭ ھەر ئىككىلىسى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا ئاساسەن بۇ جەرياندا ئاكتىپ رول ئالىدۇ. قويۇش بىرىش شەكلىمۇ بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ. بىرىنچىسى، بىۋاستە قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئەسلىدىكىدەك ياشايدۇ. ئىككىنچىسى، بەلگىلىگەن مۆھلەت ئىچىدە تۈركىيىدىن چىقىپ كېتىش شەرتى بىلەن قويۇپ بىرىدۇ. ئۈچۈنچىسى، نازارەتكە قويۇپ بىرىدۇ.

ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئەھۋال دەل ئۈچۈنچى خىل ئەھۋال بولۇپ نازارەتكە قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىن سىستېمىلىق ھالدا بەلگىلىگەن مۇددەتتە ۋە ئورۇندا ئىمزا قويىدۇ. نورمالدا ئىككى ئايدا بىر، بىر ئايدا بىر، 15 كۈندە بىر ھەپتىدە بىر، ئۈچ كۈندە بىر دىگەندەك ئىمزا قويۇش تۈرلىرى بار. بۇ خىل شەرت بىلەن قويۇپ بېرىلگەن كىشلەر ئاۋۋال قويۇپ بىرىش قەغىزىدە  نازارەتلىك قويۇپ بىرىش باشقارمىسىغا بىرىپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ، ئاندىن بۇ ئورگان بەلگىلىگەن ساقچىخانىغا بىرىپ تىزىملىتىپ ئارخىپ تۇرغۇزىدۇ، ئاندىن ئىمزا قويش ئىشىنى باشلايدۇ.

نورمالدا بىر قېتىملىق ئىمزا كېچىكتۈرۈلسە ياكى قەستەن سەل قارالسا مەھكىمىدىن قايتىدىن تۇتۇش قارارى چىقىرىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال سىزگە ئارتىلغان جىنايەتنى كۈچلەندۈرۈپ قايتىدىن قاراپ چىقىشقا تۈرتكە بولىدۇ. نازارەتخانىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەرگە ئادەتتە تۈركىيىدىن باشقا دۆلەتلەرگە چىقىش چەكلىمىسى چىقىرىلىدۇ ئەمما ئىقامەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش رەسمىيەتلىرى بىكار قىلىنمايدۇ. كۆچ ئىدارىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇپ قويۇۋېتىلگەنلەرنىڭ ئىقامەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش رەسمىيەتلىرى بىكار قىلىنغاندىن سېرىت، قوغلاپ چىقىرىش قارارى چىقىدۇ.

مەيلى كۆچ ئىدارىسىدىن مۇئەييەن مۇددەتتىن كىيىن قويۇپ بېرىلسۇن، مەيلى نازارەتخانىدىن قويۇپ بېرىلسۇن، قويۇپ بىرىلگەن كىيىنكى باسىدىغان جەريانلارنى ئادۋوكاتلار باسىدۇ. ئىمزا قىتىم سانىنى ئازايتىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قوغلاپ چىقرىش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىقامەت ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئادۋوكاتنىڭ ۋەزىپىلىرى قاتارىدىن بولۇپ ھېسابلىندۇ.

ھەرقانداق بىر سەۋەپتىن تۇتۇلغان ياكى قولغا ئىلىنغان ئۇيغۇرلار ۋەتەندە ئادەتلىنىپ قالغان پۇل بىلەن ئىش ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئۇنتۇپ تۈركىيە قانۇنىغا مۇراجىئەت قىلىشى كېرەك. تۇتۇلغاندىن كىيىن تەشكىلات باشلىقلىرى ياكى ئابرۇيلۇق كىشلەرنى ئىشقا سېلىپ ياكى غەيرى ئەخلاقى يوللار بىلەن تۇتۇلغۇچىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىھۇدە ئاۋارىچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە بەزى قويمىچىلار تەرىپىدىن ئالدىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەشكىلات رەھبەرلىرى پەقەت مۇۋاپىق دەپ قارالغاندا كېرەكلىك ئىسپات چىقىرىپ بىرىش ۋە ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىشقا ياردەم بىرەلەيدۇ. تۈركىيەنىڭ قانۇنى سىستېمىسىغا ئارىلىشالمايدۇ.

ئىنكاس يازىمەن