ئاق گۈلسامساق دۆلىتىدە- گىرگورىي پىتروۋ

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت

«ئاق گۈلسامساق دۆلىتىدە» (Finland: the country of white lilies؛ Beyaz zambaklar ülkesinde) ناملىق كىتابىدا ئاپتور، بارلىق يوقسۇللۇقلار، ئىمكانسىزلىقلار ۋە تەبىئىي شارائىتنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي، ئاز بىر قىسىم زىيالىيلارنىڭ رەھبەرلىكىدە ئەسكەرلەردىن دىنى زاتلارغىچە، پروفېسورلاردىن ئوقۇتقۇچىلارغىچە، دوختۇرلاردىن سودىگەرلەرگىچە بولغان ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ ھەمكارلىق ئىچىدە ڧىنلاندىيەنى قالاقلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىنى، باشقا ئىنسانلارغا ئۆرنەك شەكلىدە كۆز ئالدىمىزغا نامايان قىلىنغان. «ئاق گۈلسامساق دۆلىتىدە» ئەينى ۋاقىتتا مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشىنى قاتتىق  تەشەببۇس قىلغان كىتابلار ئارىسىدىن يەر ئالغان.

مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ كىتاب ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ قانداق قىلىپ مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالالىشى ۋە تەرەققى قىلىشى مەسىلىسىدە قېرىنداشلىرىمىزغا ئىلھام بېرەلىشى مۇمكىن. 1809-يىلىدىن ئېتىبارەن روس ئىمپېراتورلۇقىنىڭ بىر پارچىسى بولغان فىنلاندىيە ئەينى ۋاقىتتا چەكلىك بىر ئاپتونومىيىگە ئىگە بولۇپ، رايۇننىڭ بۇرۇنقى شىۋىتسىيە باشقۇرۇشى ۋاقتىدىكى ئاساسى قانۇنى ۋە ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھەققى بار ئىدى. فىنلاندىيە قانداق قىلىپ شۇ خىل ھالەتتىن ھازىرقىدەك ھالەتكە كېلەلىدى دىگەن سوئالغا بۇ كىتابتىن جاۋاب تاپالىشىمىز مۇمكىن. 200 بەتلىك بۇ تۈركچە كىتابنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئاپتور:

ژۇرنالىست،مۇتەپپەككۇر يازغۇچى گىرگورىي پىتروۋ 1866-يىلى روسىيەدە تۇغۇلۇپ 1925-يىلى 61 يېشىدا پارىژدا ۋاپات بولغان. خرىستىيان دىنى تەلىم- تەربىيە ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن چېركاۋلارغا قارشى دىنى پىكىرلىرى سەۋەبىدىن دىنى خىزمىتىدىن قوغلانغان.  رۇسىيىدىكى بولشېۋىك ئىنقىلابىدىن كېيىن مەملىكىتىنى تەرك ئېتىپ باشقا دۆلەتكە كەتكەن.  قىسقا بىر ۋاقىت ئىستانبۇلدا ياشىغان ئاپتور، «پاتقاقلىقلار دۆلىتى» ئىسمى بىلەن تۇنۇلغان، كېيىن «ئاق گۈلسامساق دۆلىتى» غا ئۆزگەرگەن فىنلاندىيىدە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن فىنلاندىيىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى داستان قىلىپ كىتاب ھالىتىدە يېزىپ چىققان.   ئۇنىڭ ھېكايىسى ئانا ۋەتىنى رۇسىيىدىلا ئەمەس، ھاياتىنىڭ ئاخىرىنى يىللىرىنى ئۆتكۈزگەن يۇگۇسلاۋىيە خەلقىنىڭمۇ پۈتمەس-تۈگىمەس سۆيگۈسى بىلەن يۇغۇرۇلغان.

كىتابدىن ئۈزۈندىلەر:

“دۆلەتلەرنىڭ كۈچلىنىش ياكى ئاجىزلىشىشى، مىللەتلەرنىڭ ئىلگىرىلىشى ياكى كەينىگە چېكىنىشى، پەقەت دۆلەت باشقۇرغۇچى كىشىلەرنىڭ ئەھلى بولىشىدىن، ياكى باشقۇرۇش قابىلىيەتلىرىدىن ۋە ياكى قابىلىيەتسىزلىكىدىن نەتىجىگە كەلگەن ئەمەس.  باشقۇرغۇچىلار ياخشى ياكى يامان بولسۇن، قەھرىمان ياكى زالىم بولسۇن، ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ بىر نامايەندىسىدۇر. ئۇلار مىللى روھنىڭ بىر كۆپەيتىلمىسىدۇر، خەلق ئىچىدىن چىققاندۇر، خەلىقنىڭ بىر قىسمىدۇر. بىر مىللەت قانداق بولسا، دۆلەتنى باشقۇرغۇچىلارمۇ شۇنداق بولىدۇ.  يۇقىرقى سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇرۇندىن بېرى “ھەرقانداق مىللەت، ئۆزلىرىگە لايىق ئىدارە قىلغۇچىنىڭ ۋە دۆلەت باشقۇرغۇچىنىڭ قولىدا قالىدۇ” دېيىلگەن.”

“زىيالى بولۇش دىگەن، مودىغا چۈشۈرۈپ كىيىم، شەپكە، گالىستۇك بىلەن كۆينەك كىيىش ئەمەس،  زىيالىلار خەلىقنىڭ مېڭىسى دىگەن گەپ. خەلقىمىز سىلەرنى ياخشى بىر مائارىپ تەربىيىسى ئالغاندىن كېيىن يۇقىرى مائاش ئېلىپ، كېچىلىرى كۆڭۈل ئاچسۇن دەپ سىلەرنى ئۇ ئورۇنغا ئەكەلگەن ئەمەس.  ئۇ خىل ھاياتتا ياشايدىغانلار ھەقىقى زىيالى بولالمايدۇ.  ئۇلار كەينىگە چىكىنىپ كەتكەن ئادەملەردۇر.”

“تەڭرىم، مېنى دوستلىرىمنىڭ شەررىدىن ئامان ئىسەن قىل، دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تېتىيمەن.”

 

ئىنكاس يازىمەن