پەقەت بىرلا ئىش: مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئارقىسىدىكى ئاددىي ھەقىقەت

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت

   ئەسكەرتىش: كىتابنىڭ ئەسلى ئىسمى The One Thing  بولۇپ، Tek Bir Şey  شەكلىدە تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئىكەن. بۇ خاتىرەمدە «پەقەت بىرلا ئىش» دەپ ئىشلەتتىم. تېخىمۇ ياخشى تەرجىمىلەر بولسا ئىنكاس قىسمىغا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.

   كىتاب ھەققىدە:

   «پەقەت بىرلا ئىش» داڭلىق ئۆي-مۈلۈك كارخانىچىسى گارىي كېللېر ۋە جەي پاپاسان تەرىپىدىن يېزىلغان كىشىلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى چىنبايان كىتاب بولۇپ، دىققىتىنى ئەڭ مۇھىم بولغان بىرلا نەرسىگە مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ ئىشلارنى ئاددىيلاشتۇرۇشتىكى رولى بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» ، «ۋال كوچىسى گېزىتى» ، «ئامازون تورى» نىڭ ئەڭ ياخشى سېتىلغان كىتابلار تىزىملىكىدە ئورۇن ئالغان بولۇپ، ھازىرغىچە 26 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ  Goodreads نىڭ 100 چوڭ سودا كىتابىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

   كىتابنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى «بىزنى ئازدۇرىدىغان ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىن يىراقلاشتۇرىدىغان يالغانلار» بولۇپ، بۇ بۆلۈمدە بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنىڭ ئالاھىدە بىر قابىلىيەت دەپ ماختىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسلىكى تەھلىل قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇنىڭغا ئوخشاش ئالتە تانە «يالغان» سۆزلىنىدۇ. بۇ قىسىم «مۇۋەپپەقىيەت كىم ئەڭ كۆپ ئىش قىلسا شۇ ئۇتۇپ چىقىدىغان ئويۇن ئەمەس» دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق بىر يەكۈن بىلەن ئاخىرلىشىدۇ: «بىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىز قىلىۋاتقان ئاز سانلىق ئىشلاردىن كېلىدۇ». [1]

«پەقەت بىرلا نەرسە»

   ئىككىنچى بۆلۈمدە ئاپتور كىتابتىكى ئەڭ مۇھىم سوئالنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «مەن قىلماقچى بولغان،  ئۇ ئىشنى قىلسام باشقا ھەر قانداق ئىشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان ھەتتا باشقا ئىشلارنى قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمايدىغان ئىش نېمە؟» ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قىلماقچى بولغان «پەقەت بىرلا ئىش» سىنى تېپىشىغا يول كۆرسىتىپ بەرگەندىن كېيىن ھەر كۈنى شۇ ئىش ئۈستىدە تۆت سائەت ۋاقىت ئاجرىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

   ئۈچىنچى بۆلۈمىدە «پەۋقۇلئاددە نەتىجىلەر» مۇلاھىزە قىلىنىدىغان بولۇپ، تىلغا ئېلىنغان پىرىنسىپلارنى قانداق ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچكە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. بۇ بۆلۈمدە ئاپتور ئوتتۇرىغا قويغان ئۇقۇملارنىڭ بىرى «ۋاقىتنى تىزگىنلەش» بولۇپ، چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە پەقەت بىرلا ئىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدۇ.

كىتابتا تىلغا ئېلىنغان نۇقتىلاردىن بىرى دومىنو ئېففېكتىنى ئىشلىتىپ چوڭ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش

 

    بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ دەسلەپتە كىچىك ئىشلاردىن باشلانغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. لېكىن تۇنجى كىچىك ئىشنىڭ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كېلىدىغان ئىشقا بولغان تەسىرىنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلمىگەن بولۇشىمىز مۇمكىن. بۇنى ئاپتور دومىنو ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن.

    رەسىمدىكىدەك، بىرىنچى دومىنو ئەمەلىيەتتە ئېگىزلىكى تەخمىنەن ئىككى سانتىمېتىر كېلىدىغان كىچىك بىر قۇتا شەكلىدە بولىدۇ. لېكىن ھەر بىر دومىنو ئۆزىدىن 1.5 ھەسسە چوڭلۇقتىكى دومىنونى يىقىتىۋېتەلەيدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇزۇن بىر قاتار دومىنولارنىڭ كەينى-كەينىدىن تىزىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز، ھەر بىرى دومىنو ئۆزىدىن 1.5 ھەسسە چوڭ دومىنونى يىقىتۋەتسە، 57-قېتىملىق تەكرارلىنىش ئارقىلىق يەرشارى بىلەن ئاينىڭ ئارىلىقىچىلىك ئېگىزلىكتىكى دومىنونى يىقىتۋەتكۈدەك كۈچ مەيدانغا كېلىدۇ.

     قىسقىسى ھەر بىر ئىشنى كىچىك سانىماي ئەستايىدىل قىلغاندا ( تۇنجى دومىنونى مۇۋەپپەقىيەتلىك يىقىتقاندا) ئاندىن ئۇنىڭدىن چوڭ ئىشلارنى تەۋرەتكىلى بولىدۇ. بۇ بىۋاسىتە چوڭ ئىشلارغا تۇتۇش قىلغاندىن ئاسان بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بىر نەچچە قېتىملىق تەكرارلىنىشتىن كېيىنلا ئەسلىدە ئىمكانسىز بىلىنگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. دومىنونىڭ ھەيۋىسىنى تۆۋەندىكى ھەرىكەتلىك رەسىمدىن تېخىمۇ جانلىق ھېس قىلالىشىڭىز مۇمكىن. تۇنجى قەدىمىڭىزنىڭ ھەيۋىسىنى ھەرگىز سەل چاغلىماڭ!

 

   كىتابتىن ئۈزۈندىلەر:

   مايكىل فېلپس سۇ ئۈزۈشنى ئۆزىنىڭ «پەقەت بىرلا ئىش» سى قىلىپ تاللىغان ۋە ھەر كۈنى ئالتە سائەت سۇ ئۈزۈشنى مەشىق قىلغان. بۇ خىل دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىرلا ئىشنى قىلىش ئۇنى 22 ئالتۇن مېدال بىلەن تارىختىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان سۇ ئۈزۈش ماھىرى ۋە ئەڭ داڭق چىقارغان ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىسىگە ئايلاندۇرغان.

ستېۋ جوبس ئالما شىركىتىگە قايتقاندا ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىلىنى ئازايتقان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەپسانە ھەممىمىزگە تونۇشلۇق.

«بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئىشنى قىلىش ئىككىلىسىنى قىلماسلىق بىلەن باراۋەر».

«مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئەسلىدە تولىمۇ ئاددىي ئىش: ئۇ توغرا ئىشنى، توغرا ئۇسۇلدا دەل ۋاقتىدا قىلىش خالاس».

«ئىنسانلار كېلەچىكىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ، ئۇلار ئادىتىنى، ئادىتى بولسا كېلەچىكىنى بەلگىلەيدۇ».

«ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئېغىر ئىشلەش، تىنماي خىزمەت قىلىش ئەمەس. بەلكى مۇھىم ئىشلارنى ئالدىن قىلىش، پىلانلاش ۋە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش دېگەنلىكتۇر». – مارگارىتا تارتاكوۋىسكىي

«ئۈنۈم بىر ئىشنى توغرا قىلىشنى، تەسىر قوزغاش توغرا بىر ئىشنى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ».

«سىزنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىغان كىشىلەر بىلەنلا ئارىلىشىڭ». – ئوپرا ۋىنفرېي (ئەخلاق نۇقتىسىدىن بۇ پىكىرگە قوشۇلمىساممۇ ھەتتا يىرگەنسەنمۇ، دۇنيانىڭ قانۇنىيتىنىڭ مۇشۇ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايمەن)

«خىزمەت رېزىنكە توپقا ئوخشايدۇ، ئۇنى يەرگە تاشلىسىڭىز، قاڭقىپ چىقىدۇ. قالغان تۆت توپ: ئائىلە، ساغلاملىق، دوست- ئاغىنە ۋە پۈتۈنلۈك – چاقچۇق توپقا ئوخشايدۇ. ئەگەر بۇلارنىڭ بىرىنى يەرگە تاشلىسىڭىز، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كېتىدۇ».

«ئەكس تەسىر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشنىڭ ئورنىغا، تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈم يارىتىش ئۈچۈن ئاز ئىشلارنى قىلىشىڭىز كېرەك».

كىچىككىنە تەسىرات:

   گەرچە كىتابنىڭ ئىسمىدىنلا ئاپتورنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولسىمۇ، بۇ كىتاب «ئۇستىلىق تەلەپ قىلىدىغان كۆپ ئويلىۋالماسلىق سەنئىتى» دېگەن كىتابقا ئوخشاشلا ئىسمى ئادەتتىكىچە ئەمما مەزمۇنى قىزىقارلىق بىلىندى. «بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش» ، «تەڭپۇڭ بىر ھايات ياشاش» ، «كۆپ ئىش قىلىۋېلىش» دېگەنلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان، بۈگۈنكىدەك تېز تۇرمۇش رېتىمىدا كۆپىنچىمىزنىڭ ئازدۇر- كۆپتۇر گىرىپتار بولۇپ قالغان «كېسەللىرىمىز» گە باشقىچە ئۇسۇلدا دىياگنوز قويۇپتۇ.

  كىتابتىكى مېنى ئويلاندۇرىدىغان بىر قىزىقارلىق نۇقتا، ئاپتورنىڭ نەزىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئېنىقلىمىسى بولدى. كېللېر دۇنيادا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ مەلۇم بىر ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغانلىقىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەتنى شەرھلىگەن ئىكەن. مەسىلەن ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« سۇ ئۈزۈش ماھىرى ھەر كۈنى سۇ ئۈزۈشنى بىردىن- بىر مۇھىم ئىش دەپ قاراپ شۇنىڭغا مەركەزلەشكەنلىكى ئۈچۈن دۇنياغا تونۇلىدۇ؛ شۇنىڭدەك داڭلىق مۇزىكانت ئەتىگەندە چېنىقىپ، چۈشتە سەل كىتاب ئوقۇپ، كەچ بولغاندا پىيانىنو ئالدىدا ئولتۇرۇپ مەشىق قىلىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، دۇنياغا تونۇلالمايدۇ».

   ئاپتور مەلۇم بىر ساھەدە ئىختىساسلىشىشنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەپ قارايدىكەن، لېكىن باشقىلارنىڭ تەڭپۇڭ بىر ھاياتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھايات دەپ قارىشىغا ھۆرمەت قىلىدىكەن. بۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ زادى نېمىنى مۇۋەپپەقىيەت دەپ قارايدىغانلىقىنى ئويلىشىپ بېقىشقا ئۈندەيدۇ. بەزى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېشىمى ئەلۋەتتە شۇنداق بولۇشى كېرەكتەك بىلىنىشى مۇمكىن، لېكىن ماڭا ئوخشاش بەخت، مۇۋەپپەقىيەت، قابىلىيەت، ئىقتىدار، كىشىلىك تەرەققىيات دېگەندەك سوبىكتىپ ئۇقۇملارنىڭ مەنىسىنى ئىزدەشكە قىزىقىدىغان بىرى ئۈچۈن بۇ قىزىقارلىق بىر قاراش ھېسابلىنىدۇ.

    كىتابنى بەك ئېسىل كىتاب دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئوقۇپ بېقىشقا، ئۆزىنى تونۇش ئۈچۈن ئىزدىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان بىر كىتاب.

  ئەگەر سىزمۇ قانداق قىلغاندا مەلۇم ئىشتا ئىختىساسلاشقىلى بولىدىغانلىقىغا، ئۆزىڭىزنىڭ قايسى ساھەدە، نېمە ئىش ئۈستىدە ئىختىساسلىشىشقا ماس كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىشكە قىزىقسىڭىز، بۇ كىتابتىن ۋە ئاپتورنىڭ بىلوگىدىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

    ئاخىرىدا ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ بىلوگنى ۋە بىلوگىدىكى ئادەت يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كېرەكلىك جەدۋەل، پايدىلىنىش ماتېرىيالى قاتارلىقلارنى ئورتاقلىشىپ قويدۇم.

مۇۋەپپەقىيەت بىلەن سىزنىڭ ئارىڭىزدىكى ئالتە يالغان:

«پەقەت بىرلا نەرسە»

ئاپتورنىڭ بىلوگى : https://www.the1thing.com/

كىتابنىڭ تونۇشتۇرۇش ۋىدىيوسى

66 كۈندە ئادەت يېتىلدۈرۈش جەدۋىلى

ئۈچ قەدەمدە ئۆزىڭىزنىڭ «پەقەت بىرلا ئىش» سىنى تېپىڭ! 

ئىنگىلىزچە ئاۋازلىق كىتابنى ئاڭلاش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ!

[1] Pareto principle: Roughly 80% of the effects come from 20% of the causes.

ئىنكاس يازىمەن