مەزلوۋ نەزىريىسى ۋە بىزنىڭ ھالىمىز

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت

مەزلوۋ نەزىريىسى ياكى مەزلوۋنىڭ ئېھتىياجلار دەرىجىسى (Maslow’s hierarchy of needs)، ئامېرىكىلىق پىسخولوگ ئابراھام مەزلوۋ (Abraham Maslow) تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تەرەققى قىلدۇرۇلغان ئىنسان پىسخولوگىيىسى نەزەرىيىسىدۇر.

مەزلوۋ نەزىريىسى، ئىنسانلارنىڭ مەلۇم كاتېگورىيىسىدىكى ئېھتىياجى ھەل بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئىچىدە مەۋجۇت بولغان ئېھتىياجلار دەرىجىسىدە “تېخىمۇ يۇقىرىدا تۇرىدىغان ئېھتىياجلىرىنى” قامداش يولىغا كىرىدىغانلىقىنى ۋە شەخىسنىڭ كىشىلىك تەرەققىياتىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھاكىم بولغان ئېھتىياج كاتېگورىيىسىنىڭ ماھىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى ئاساسى تېما قىلىدۇ.  شەخس، مەلۇم كاتېگورىيىسىدىكى ئېھتىياجلىرىنى تامامەن قامداپ بولماي تۇرۇپ تېخىمۇ يۇقىرىدىكى ئېھتىياج كاتېگورىيىسىگە ئۆتەلمەيدۇ.

مەزلوۋ ئېھتىياجلارنى شۇ شەكىلدە كاتېگورىيەگە ئايرىيدۇ.

  1. فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجلار(نەپەس، سۇ، ئۇيقۇ)
  2. بىخەتەرلىك ئېھتىياجلىرى (ۋۇجۇد، ئىش، ئائىلە، ساغلاملىق، مال بىخەتەرلىكى)
  3. ئىجتىمائىي ئېھتىياجلار (ئەل ئاغىنە، سۆيگۈ)
  4. ھۆرمەت ئېھتىياجلىرى(ئۆز ئۆزىگە ھۆرمەت، مۇۋەپپەقىيەت، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتى)
  5. ئۆزىنى نامايان قىلىش ئىھتىياجى(مەسىللەرنى ھەل قىلىش، ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، پەزىلەت، ئەخلاق)

مەزلوۋنىڭ نەزىرىدە شەخسكە ھاكىم بولغان ئېھتىياجلار قايسى كاتېگورىيەدە بولسا، كىشىلىك تەرەققىياتىمۇ شۇنىڭغا قاراپ بولىدۇ.

تۆۋەن دەرىجىدىكى ئېھتىياجلار ھەل بولماي تۇرۇپ، ئۈست دەرىجىدىكى ئېھتىياجلارنى ئىدراك قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنداق ئېھتىياجلارمۇ بولمايدۇ.  مەسىلەن: كۈندىلىك ھاياتىدا قۇرسىقى تويىدىغان،ئەمما بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولغان، دائىم ئۆزىنى خەتەر ئىچىدە ھېس قىلىدىغان بىر ئىنسان، دۇنيا قارىشىنى تۇرغۇزۇش ياكى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش دىگەندەك بىر ئېھتىياجنى ھېس قىلمايدۇ.

مەلۇم كاتېگورىيىسىدىكى ئېھتىياجلار ھەل بولغاندا ئىنسان يۇقىرى دەرىجىدىكى ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ.  بۇ خىل ئەھۋالدا كىشىلىك تەرەققىيات دەرىجىسىمۇ يۇقىرى دەرىجىگە چىقىدۇ. مەزلوۋنىڭ نەزىرىدە پسىخولوگلارنىڭ ۋەزىپىسى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى نامايەندە قىلىشى ئېھتىياجى كاتېگورىيىسىگە كېلىشىگە، توسقۇنلۇق قىلغان ئامىللارنى يېڭىپ چىقىشىغا ياردەم قىلىش ئىكەن.

بۇ نەزەرىيىنىڭ قانچىلىك توغرا ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلار جۈملىدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكىلىك ھالىتىنى ئانالىز قىلىشقا قانچىلىك دەرىجىدە ياردىمى بولىدىغانلىقى ئاساسى تېما ئەمەس. تەپەككۇرۇمنى غىدىقلىغان بولسا بۇ نەزەرىيىنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىلىشى ۋە مەسىلىلەرگە تار دائىرىدە قاراشتىن كەڭ دائىرىلىك ئانالىز قىلىشغا بولغان پايدىسى ئىدى.

تۈركىيىدە ياشاۋاتقانلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدىكى ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلىش بەك زۆرۈر دەپ ئويلايمەن. مەيلى ئىقتىسادى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى سىياسىي جەھەتتىن بولسۇن كۆرۈنەرلىك ھالدا غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئاجىز ھالەتتە تۇرىدىغانلىقى، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ياخشى تونۇۋېلىشنى تېخىمۇ زۆرۈر قىلىدۇ.

بەلكىم تۈركىيىدە ماڭا ئوخشاش بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارمۇ ئاز بولمىسا كېرەك. سىياسىي جەھەتتىكى بېسىملار ۋە ئارقا تۈۋرۈكنىڭ بولماسلىقى، ئوتتۇرىدا يىتىم بالىدەك قېلىش بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنىڭ قانمىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى. بۇ خىل ئەھۋالدا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نىسپى ھالدا يۇقىرى دەرىجىدىكى ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارغا سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك ھالدا تەجرىبىسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالىمىز.

ئەگەر مەن بىخەتەرلىك ئېھتىياجى كاتېگورىيىسىدە ياكى ئۇنىڭدىمۇ تۆۋەن بولغان ھايات قېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلار كاتېگورىيىسىدە بولسام، باشقا بىرى ھۆرمەت ئېھتىياجى ھەتتا ئۆزىنى نامايان قىلىش ئېھتىياجى كاتېگورىيىسىدە ھەرىكەت قىلىدىغان بولسا، مىنىڭ قىلغانلىرىمنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. قارشى تەرەپ مەيلى ياخشى نىيەت بولسۇن ياكى يامان نىيەت بولسۇن، تۆۋەن كاتېگورىيىدىكىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ھەرگىز ئۇلاردەك ھېس قىلالمايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنى ئوبېكتىپ بىر شەكىلدە باشقىلارغا ياردەم قىلغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. لېكىن ئۆزىنى نامايەن قىلىش ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. ئەگەر رېئالىست دۇنيا قارىشى ھاكىم بولغان كىشى بولسا، ۋاستە تاللىماستىن، باشقىلارنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ ھۆرمەت، ئۆزىنى نامايەن قىلىش ئېھتىياجىنى قامداشقا تىرىشىدۇ.

بۇ يەردە ئىككى مىسال بىلەن مەزلوۋ نەزەرىيىسىنىڭ مۇھىملىقىنى، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتىم.

يېڭى مەۋسۈم باشلىنىش بىلەن ھەر قايسى جەمئىيەتلەر،ئورۇنلارنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش خىزمەتلىرى جانلىنىپ كەتتى. بىر قانچە جەمئىيەت، ئورگان، ئورۇنلارنىڭ يۈزتۇرانە سۆزلىشىشىگە قاتنىشىش، ماتېىيال تاپشۇرۇش جەريانىدا نۇرغۇن خىياللار كاللامدىن كەچتى. ھەر خىل شەخسى ئۇچۇرلارنىڭ توپلىنىشى مىنى ناھايىتى راھەتسىز قىلدى. بىخەتەرلىك ئېھتىياجى تېخى قامدالمىغان بىرى ئۈچۈن شەخسى ئۇچۇرلارنىڭ ھەر خىل شەكىلدە توپلىنىشى، كىشىنى راھەتسىز قىلىش تۇرغانلا گەپ.

ياردەم قىلغۇچىلارنىڭ ئېھىتياجى ئالغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجى دەرىجىسىدىن ئۈستۈندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئالغۇچىلارنىڭ ئەندىشە قىلغان نۇقتىلىرىغا دىققەت قىلىپ كېتەلمەيدۇ ياكى دىققەت قىلمايدۇ. يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ نىيىتىنى يامان بولسا ياكى ياخشى نىيەتتە بولغان تەقدىردىمۇ رېئالىست دۇنيا قارىشى زىھنىيىتىگە ھاكىم بولغان بولسا، ئالغۇچى چوقۇم ئۆزىنى قوغداشنى بىلىشى كېرەك. ياردەم قىلىدىكەن دەپ خالىغان يەرگە ئۇچۇرلىرىنى بەرمەسلىكى،بەرگەن تەقدىردە دېيىلگەن خەۋىپلەرنى ئويلىشىشى كېرەك.

ئىككىنچىسى ،شەخسىي سىياسىي بىخەتەرلىك ئېھتىياجى بولمىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىياجى كاتېگورىيىسىدە تۇرغانلارنى سىياسەتتىن توسۇش، ئۇلارغا باشلامچى بولۇشقا تىرىشىش، ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىگەللەش قاتارلىق ئىشلىرى. بۇمۇ ئالدىنقى مىسالغا ئوخشاشلا دىققەت قىلشقا تىگىشلىك بىر ئىش. ۋاقتى كەلگەندە بىخەتەرلىك ئېھتىياجى كاتېگورىيىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كەتكەنلەر ھاياتىنى يەنىلا داۋام قىلىۋېرىدۇ، ئەمما ھالقىپ ئۆتەلمىگەنلەر ئەڭ ئەنسىرىگەن ئەھۋاللارغا دۇچار بولۇپ قالىدۇ. تۇنۇلغان جامائەت ئەربابلىرى، بايلار، تۇنۇلغان سىياسەتچىلەر گەرچە بىخەتەرلىك ئېھتىياجى كاتېگورىيىسىدە تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، پۇلى ئۇلارنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدۇ ياكى كېچىكتۈرەلەيدۇ.

بۇ نەزەرىيىگە ئىشەنمىسىڭىز،خاتا دەپ قارىسىڭىز مەيلى[1]. لېكىن باشقىلارنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن ئۆزىڭىز ۋاز كېچىشنى خالىمايدىغان نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قالماڭ. دىققەت قىلىڭ!  سىز قايسى كاتېگورىيەگە، سىزگە يول كۆرسۈتۋاتقانلار قايسى كاتېگورىيەگە مەنسۈپ. ئۆزىڭىزنىڭ تەقدىرىنى باشقىلارنىڭ ۋىجدانىغا، ئارزۇسىغا تاشلاپ بەرمەڭ، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا تىرىشىۋاتقانلارغا!

[1] شەخسەن مەنمۇ توغرا دەپ قوبۇل قىلىۋالغان ئەمەس. چۈنكى مىنىڭ نەزىرىمدە ھەر قانداق بىر ئىجتىمائىي پەننىڭ پەلسەپىسىنى تۈرك ئىسلام پەلسەپىسى ئاستىدا ئىلغىۋېتىش كېرەك. بۇ نەزەرىيىگە چۈشمەيدىغانلار بولغىنىدەك، نەزەرىيىگە چۈشىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، ئۇنداق بولمىغان بولسا بۇ نەزىرىيە دۇنيادا پۇت دەسسەپ تۇرالمىغان بولاتتى. مەسىلە بۇنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىدا ئەمەس، ئۆزىنى قانداق قوغداشتا.

ئىنكاس يازىمەن