رۇسىيە ساياھەت خاتىرىسى – X

رۇسىيە ساياھەت خاتىرىسى
ئوقۇلۇش ۋاقتى: 6 مىنۇت

رۇسىيە ساياھەت خاتىرىسى

ئىسمىنى ئاشىكارلاشنى خالىمايدىغان سەيياھ

    باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئەدەبىيات دەرسلىكى كىتابىدا  لېنىن توغرۇلۇق بىر دەرس بولىدىغان. ئاشۇ دەرىسلىكتە  « سانت پېتىربۇرگنىڭ غەربى شىمالىدا…» دەپ بىر جۈملە بولىدىغان. بۇ دەرسىنىڭ نەرى تەسىر قىلىپ كەتتى بىلمەيمەن، لېكىن ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە. رۇسىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، كونا پايتەختى ۋە ياۋروپانىڭ 4- چوڭ شەھىرىگە زىيارەتتە بولۇپ قېلىشىمنى ئۇخلاپ ئويلىساممۇ خىيالىمغا كىرىپ قالمايتتى.

   ئەگەر سانت پېتىربۇرگنى بىر جۈملە بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگىن دىسە، ئىچى پۇشۇپ قالسا يامغۇر ياغىدىغان، ئورمانلىق بەك جىق، يېشىل ۋە نەملىك، بىپايان تۈزلەڭلىك بىر يەركەن، دەپ تەسۋىرلىگەن بولاتتىم.

  1. رۇسىيە ۋىزىسى

    رۇسىيە تۈركىيە پاسپورتىدىن ئوخشاشلا ۋىزا تەلەپ قىلىدىكەن. مەن ۋىزىنى   ئىستانبۇل، ئاقسارايدىكى  Marina Vize Merkezi دىن ئالدىم. ئالاقىلىشش نومۇرى: +90 538 954 74 58

    ۋىزا نورمالدا 10 خىزمەت كۈنىدە چىقىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن 140$ پۇل ئالىدىكەن. ئەگەر تېز چىقارماقچى بولساق 4 كۈندە چىقىرىپ بېرىدىكەن ۋە 220$ دوللار ئالىدىكەن. ۋىزا چىقماي قالمايدىغان ئەھۋاللار ئاساسەن بولمايدىكەن.

  1. ۋىرۇس تەكشۈرتۈش

    سەبىھە گۆكچەن ئايرىدورۇمىدا كورونا ۋىرۇسس تەكشۈرۈش ھەققى 250 لىرا ئىكەن، تەخمىنەن ئىككى سائەت ئەتراپىدا نەتىجىسى چىقىدىكەن. رۇسىيە سانت پېتىربۇرگتا  ۋىرۇس تەكشۈرۈش ئۈچۈن نورمالدا 24 سائەتتە تېز چىقارغۇزىمىز دېسەك بەش سائەتتە چىقىدىكەن، باھاسى 1950 رۇبلى ئىكەن. 100 دوللار 7300 رۇبلى بولىدىكەن. بەش سائەتتە تېز سۈرئەتتە چىقارسا باھاسى ئوخشاشمۇ ياكى قىممەتمۇ سوراپ باقماپتىمەن.

  1. رۇسىيىگە ماڭدۇق

    ئىستانبۇلدىن رۇسىيەنىڭ سانت پېتىربۇرگ شەھىرىگە تەخمىنەن بەش يېرىم سائەت ئەتراپىدا  ئۇچىدىكەنمىز. يېتىپ بېرىشقا ئاز قالغاندا تولدۇرىشىمىز ئۈچۈن بىر ئانكىت بېرىدىكەن. بۇ ئانكىت رۇسچە ۋە ئېنگلىزچە بولۇپ رەسىمىگە تارتىۋالماپتىمەن، تولدۇرىدىغان مەزمۇنلار ئىسىم فامىلە، تۇغۇلغان ۋاقت، پاسپورت ۋاقتى توشۇش ۋاقتى،  قەيەردىن كەلگىنىڭىز(يولغا چىققان ئايرىدورۇم)، ۋىروس تەكشۈرۈشنى قايسى جايدىن قىلغۇزغىنىڭىز، تۈركىيەدىكى ئادرىس، رۇسيەدىكى ۋاقىتلىق ئادرىسىڭىز، كېلىش مەقسىتىڭىز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.  بۇنى تولدۇرۇپ قويسىڭىز ئايرۇپىلاندىن چۈشكەندە ئىشىك يېنىدا بىر خادىم يىغىۋالىدىكەن.  چىگرىدىن كىرىشتە مەندىن ھېچنىمىنى سورىمىدى. بىر ۋاراقنى بېرىپ ئىمزا قوي دېدى. ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كىيىن پاسپورتۇمغا تامغا قويۇپ كىرسەڭ بولىدۇ، دەپ يولغا سېلىپ قويدى. باشقا بىر قېرىندىشىمىز (4بالىسى) ئائىلىسى بويىچە موسكىۋاغا  كەپتىكەن، ئۇلارنى ھەتتا تېلىفونلىرىغىچە تەكشۈرۈپتۇ.

رۇسىيە ساياھەت خاتىرىسى

  1. سانت پېتىربۇرگ پۇلكاۋا ئايرىدورۇمىدا

    سانت پېتىربۇرگ ئايرىدورۇمىغا كىرىپلا خەنچە خەت كۆزەمگە سانچىلدى. بۇ يەردە كۆپىنچە يەرلەرگە رۇسچە،  ئېنگىلىزچە، خەنچە ياكى بولمىسا پەقەت رۇسچە ۋە خەنچە يېزىلىدىكەن. شەھەر ئىچىدىغۇ ئاساسەن رۇسچىدىن باشقا خەتلەر يوقكەن دىسىمۇ بولىدىكەن.

    سانت پېتىربۇرگقا بېرىشتىن بۇرۇن توردىن قاراپ باقسام ئايرىدورۇمدا ھەقسىز  تور بارلىقىنى يېزىپتىكەن، لېكىن ئۇ تورنى ئىشلىتىش ئۈچۈن بىر تېلىفون نومۇرى بولۇشى كېرەككەن. تۈركىيەنىڭ نومۇرىنى كىرگۈزسسەم بولمىدى، چۈنكى مەن خەلىقارالىق مۇلازىمەتنى ئېچىۋەتمىگەن. ئايرىدورۇمدىكى قوشنا ئىككى تېلىفۇن دۇكىنى باركەن، بىرىگە كىرسەم بىر كۆك كۆز رۇس ئولتۇرۇپتۇ. كارتا سېتىۋالىدىغىنىمنى دىسەم  بەكلا بۇزۇق ئېنگىلىزچىسى بىلەن 600 رۇبلىغا  چەكسىز تور بار، دەيدۇ. (ئېنگىلىزچىسى ھەجەپ ناچاركەن دىسەم بۇ دۆلەتتە ئېنگىلىزچە سۆزلەيدىغان ئادەم بەكلا ئازكەن، ياش ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ ئېنگىلىزچىسىمۇ شۇنداق ناچاركەن.  لېكىن بۇ دۆلەتتە ئۆزبىكلەر، تاتارلار بەكلا جىقكەن، شۇڭا تىلدىن ئانچە قىيلىنىپمۇ كەتمەيدىكەن). ياندىكى دۇكانغا كىرسەم بىر ئۆزبىك بالا باركەن، سورىسام تېلىفۇن كارتىسىنى مىڭ لىرا دەيدۇ. بايىقى دۇكانغا قايتىپ كىرىپ باھا تالاشسام  ئۇنمىدى. (ئىككى كۈن تۇرۇش جەريانىدا بىلدىمكى رۇسلار ئاساسەن باھا تالاشمايدىكەن، سىز تالاشسىڭىزمۇ پايدىسى يوقكەن). شۇنىڭ بىلەن دوللارنى تەڭلىسەم رۇبلى بەرگىن ياكى  كارتىدىن تۆلە دەيدۇ.  ئامال يوق ئۈستى قەۋەتكە چىقىپ پۇل ئالماشتۇرسام ئەللىك دوللارغا 3000 رۇبلى بەردى. ھۇ! قويمىچىلار! دەۋىتىپ قالغان خەجلىگەن پۇللىرىمنىڭ ھەممىنى سىرتتىكى بانكىدىن ئالماشتۇردۇم. شۇنداق قىلىپ كارتىنى پاسپورتۇمغا ئېلىپ  تۇققانلارغا، ئەزىزلەرگە ساق سالامەت كەلگىنىمنى خەۋەر بېرىۋېتىپ سىرتقا چىقتىم.

رۇسىيە ساياھەت خاتىرىسى

    تۈركىيەدە كۆڭلەك بىلەنمۇ تەلەيدىغان ھاۋا بىلەن خوشلىشقانىدۇق، بۇ يەردە ئادەم توڭلىغۇدەك شامال ئۇچۇپ تۇرىدىكەن. توردىن زاكاس قىلغان ياتاقنىڭ ئادرىسىغا قاراپ باقسام 39- نومۇرلۇق ئاپتۇبۇس ئاشۇ ئەتراپتىن ئۆتىدىكەن. لېكىن مەندە كارتا يوق، تۈركىيەدە كارتىسىز ئاپتۇبۇسقا چىقىش مۇمكىن ئەمەس بولغاچقا، بىسمىللا دەپ ئۈسۈپلا چىقتىم (تۈركىيەدە ئالدى ئىشىكتىن چىقىپ كەينى ئىشىكتىن چۈشەتتۇق، بۇ يەردە قايسى ئىشىك ئۇدۇل كەلسە شۇنىڭدىن چىقىۋەرسەك بولىدىكەن). تەلىيىمگە كارتا بولمىسىمۇ چىقساق بولىۋېردىكەن، بىلەت ساتىدىغان بىلەتچى ئاپاش باركەن، قولىدا كارتا سۈركىگەن سۈركىمىگەننى تەكشۈرەيدىغان ئەسۋاپنى كۆتۈرۋېلىپ توختىماي ئايلىنىپ بىلەت سېتىپ كارتا تەكشۈرۈپ تۇرىدىكەن. شۇنداق قىلىپ مەن چۈشمەكچى بولغان ياتاقنىڭ يېنىدىكى Moskovskaya بېكىتدە چۈشۈپ قالدىم.

  1. مېھمانخانىدا

    ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ خەرىتىنى ئېچىپ ياتاقنى ئىزدەپ ئانچە قىينالمايلا تېپىپ كەلدىم. ياتاق 2970 (ناشتىلىقسىز) رۇبلى ،كىچىكلا بىر ياتاقكەن. باھاسىغا قارىغاندا قىممەتتەك بىلىندى، (لېكىن بىر كۈن ئايلىنىپ كەلگەندىن كىيىن ئورنى قاتناشقا بەكلا قولايلىق بولغاچقا كىچىك ئاددى بولسىمۇ يېتىۋەردىم، مەن بۇ يەرگە ياتقىلى كەلمىگەندەكىن قاتناشقا قولايلىق بولسلا بولدى دەپ ئۆزەمگە تەساللى بەردىم 😁). ياتاقتىكى مۇلازىمەتچى يىگىت ئېنگىلىزچە گەپ قىلسام بىلمەي، گوگىلدا تەرجىمە قىلغىلى تۇردى. شۇ ئارىدا بىرىنى جەمىلە دەپ چاقىردى، قارىسام بىر ئۆزبەك ئاناشكەن،  شۇنىڭ بىلەن  قىيەپتىكۈ، دىيەپتىكۈ  دەپلا مەن ئۇيغۇرچە، ئۇ ئاناش ئۆزبىكچە، ئاۋۇ ئاداش رۇسچە بىردمدىلا گېپىمىزنى چۈشۈنۈشۈپ، ياتاققا ئورۇنلاشتىم. ئويلاپ كەتتىم، ئۇيغۇرلا  تىلغا باي بولۇپ كېتىپتۇ، ئوتتۇرا ئاسيانى ئۇيغۇرچىمىز بىلەن تاكى تۈركىيگىچە، خەنچىمىز بىلەن خېلى يەرلەردە گېپىمىزنى ئۇقتۇرۇپ ئىشلىرىمىزنى جۆندەپ كىتەلەيمىزكەن.

  1. سانت پېتىربۇرگ مېتروسىدا

بۇ شەھەرگە كەلگۈچە ئايرۇپىلاننىڭ ئۈچ كىشىلىك ئورنىدا يالغۇز يېتىپ ئۇخلاپ كەلگەن بولساممۇ  يەنىلا بىر خىل ھارغىنلىق ھېس قىلىپ تۇراتتىم. خىيالىمدا ياتاققا كىرىپلا ئۇخلىۋېلىپ، ئاندىن ئايلىنىشقا چىقىمەنغۇ، دەپ پىلان قىلغاندىم. رۇس يىگىت قەھۋە ئىچ، دەپ قالدى. ماقۇل دەپتىمەن كاساپەت ئىچىگە كىرىپ چۆمۈلگۈدەك چوڭ بىر ئىستاكان بىلەن ئەكەپتۇ. شۇنداق تەستە ئىچىپ بولۇپ (يېرىم تاشلاپ قويسام ئۇنىڭغا ئەدەپسىزلىك قىلغان بولمىسۇن دەپ ئىچىۋەتتىم 😢). ياتاققا كىرىپ بىردەم يېتىپ باقسام بايا ئىچكەن قەھۋەنىڭ تەسىرىمىكىن ھېچ ئۇيقۇ كېلىدىغان چىراي ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن سىرتقا چىقتىم. رۇسىيەنىڭ كوچا قۇرلۇشلىرى ئوكرائىنانىڭ كوچا قۇرلۇشلىرىغا ئوخشاش ئىكەن. مەن لېنىنىڭ ھەيكىلىنىڭ يېنىدىكى مېترو بىكەتتكە كىرىپ  كوزنەكتىن قاتناش كارتىسى سېتىۋالدىم. (خاتا ئېسىمدە تۇتىۋالمىغان بولسام 80 رۇبلى) ئاندىن يۈز رۇبلى پۇل قاچىلىۋالدىم، كارتىنى سۈركىسەم 80 رۇبلى تۇتىۋالدى. بايا 39- نومۇرلۇق ئاپتۇبۇستا 55 رۇبلى ئالغاندى. ئۇنىڭغا قارىغاندا ماۋۇ قىممەتكەن دەپ ئويلاپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ پەسكە چۈشىدىغان پەلەمپەي لېفىتنىڭ يېنىغا كېلىپ ھەيران قالدىم. چۈنكى بۇ مەن مۇشۇ كەمگىچە كۆرگەن ئەڭ چوڭقۇر (رۇسيەنىڭ مېتروسى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇرمىش ) لېفىت ئىدى. خېلى ئۇزۇندا پەسكە چۈشسەم چىقىدىغان لېفىت بىلەن چۈشىدىغان لېفىتنىڭ ئارلىقىدا بىر ئايال ئامانلىق ساقلىغۇچى لېفىتقا قاراپ تۇرىدىكەن، بۇئىش ماڭا غەلىتە تۇيۇلدى. لېفىتنىڭ ئۈستىدىكى يوغان ئاچقۇچىنى قالايمىقان ئېچىپ تاقىمىسۇن دەپ قارامدۇ ياكى نىمىگە قارايدۇ بىلەلمىدىم.  مېترو ساقلاش سۇپىسى ھەربىر ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدا ئېچىلىدىغان تۆمۈر ئىشىك بولىدىكەن، باشقا جايلارنىڭ ھەممىسىدە قېلىن تام باركەن. بۇ بىكەتتە مېترو كەلگەندە ئالدىغا سەكرەپ ئۆلىۋېلىش دەيدىغان ئىش يوقكەن، دەپ ئويلىسام بىر قانچە بىكەت مۇشۇنداق قالغان بىكەتلەر  نورمال تۈركىيەنىڭكىدەك ئىكەن.  مېترولىرى خېلى ئوبدانلا كونا ھەم ئەبگاكەن،  ماڭغاندا بەك يۇقرى ئاۋازدا شاۋقۇن چىقىدىكەن، ياندىكى ئادەم بىلەن ۋاقىراپ تۇرۇپ گەپ قىلمىسا ئاڭلىمايدىكەن.

رۇسىيە ساياھەت خاتىرىسى

  1. كوچىدا

   مەن 2- نومۇرلۇق مېترودىن ئالتە بىكەت مېڭىپ 5- نومۇرلۇق مېتروغا ئالمىشىپ (مېترو ئالماشساق تۈركىيەدىكىدەك ھەقلىق ئەمەسكەن). بىر بىكەت مېڭىپ Admiraltyskaya  بېكىتىدىن سىرتقا چىقىپ، مەيدانلارنى ئايلاندىم. كۆكۈش  رەڭ رۇسلارنىڭ رەڭگىكەن، دەپ قالدىم. بىنالارنىڭ رەڭگى بولسۇن، ياشلارنىڭ كىيىمى بولسۇن كۆپىنچىسى كۆكۈش رەڭدە بولىدىكەن. كوچىدا ساياھەتچىلەرنى ئايلاندۇرىدىغان قەدىمكى ئۇسلۇپتا ياسالغان خادىكلار باركەن. كوچىدا ساياھەتچىلەر بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ پۇل تاپىدىغان ئەنئەنىۋى كىيىم كىيگەن رۇس قىزلىرى باركەن.  بۇ يەرنى بىردەم ئايلىنىپ  باشقا يەرلەرنى ئايلىناي، دەپ كىتىۋاتسام بىر ئافرىقىلىق بىر بالا پاراخوت بىلەن شەھەر ئايلان، دەيدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن بىر ئاناشمۇ ئوخشاش گەپنى قىلغاندى. ئۇنىڭدىن سورىسام  800 رۇبلى دىگەنىدى، بۇ ئافرىقىلىق بالىغا سېنىڭ قىممەتكەن، دىسەم ئۇلارنىڭ پاراخوتى كىچىك بىزنىڭ چوڭ. چوڭلارغا 1200 ئىدى، ساڭا ئوقۇغۇچى باھاسىدا 1000 رۇبلىغا قىلىپ بېرەي، دەيدۇ. ماقا! بىر ئايلىنىۋېىتەي، دەپ پاراخوت تەراپكە ماڭغاچ پاراڭلاشتىم، ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋېتىپتۇ، رۇسىيەدە ھايات قانداق دىسەم، قەدرئەھۋال دېدى.

رۇسىيە ساياھەت خاتىرىسى

   پاراخوتقا چىقىپ ئايلىنىشنى باشلىۋەتتۇق، بۇ دېڭىزنىڭ سۈيى بىرخىل مايلىشاڭغۇ كۆرىنىدىكەن. تۈركىيەنىڭكىدەك سۈپسۈزۈك. كۆكۈش كۆرۈنمەيدىكەن. ئافىرىقىلىق ئىككى سائەت ئايلىنىسەن دىگەنىدى، مەن تۈركىيەنىڭ كۆپتۈرمىچى يالغانچى ساياھەت شىركەتلىرى تەرزىدە  ئۇنچىۋالا ئۇزۇن ئايلانماس دەپتىمەن، كاساپەتلە راسلا ئىككى سائەت ئايلاندۇرۇپ، تاس قالدى ئەمدى توختاتمىساڭ دەرياغا ئاتلايمەن دىگۈزۋەتكىلى.

    پاراخوت توختاشقا يېقىن يامغۇر يېغىپ كەتتى، مەن تۈركىيەنىڭ يامغۇرىدەك سىم-سىم ياغامىكىن، دەپ قاپتىمەن.  بىر دەمدىلا قۇيۇۋەتتى، مەن  ئەۋلىيا ئىسھاق ئورتودوكىس چېركاۋىغا بېرىپ بولغىۋچە مېنى سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك قىلىۋېتىپ توختىدى.  چېركاۋ بەكلا ھەيۋەتلىك ھەم چوڭكەن، گۈمبەزلىرى ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەنىكەن، كىرىش بېلىتى 400 رۇبلى، گۈمبەزنىڭ يېنىغا چىقىش بېلىتى 400 ئىكەن.

رۇسىيە ساياھەت خاتىرىسى

    تورۇسقىمۇ ئادەمدىن يوغان ھەيكەللەرنى تۇرغۇزۇپتۇ، ئاشۇ چاغدا قانداق تۇرغۇزغان بولغۇيتى دەپ ھەيران قالدىم.  چېركاۋنى بىرە سائەتتىن ئارتۇق زىيارەت قىلىپ چىقسام يەنە يامغۇر يېغىپ كېتىپتۇ. يەنە يامغۇردا پالاقشىپ يۈرۈپ مېترو بىلەن ياتاققا قايتىپ كېلىۋالدىم. ئىككى قېتىملىق مېترودا ئولتۇرۇش ئارقىلىق ئوڭ سولۇمنى ئازراق ئىلغا قىلىۋالدىم. بۇ شەھەردە مېترو لېنىيەسدىن بەشى باركەن، شەھەرنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىگە دىگۈدەك بارغىلى بولىدىكەن.

  1. سانت پېتېربۇرگتا جۈمە

    بۈگۈن جۈمە بولغاچ يۇيۇنۇپ، تارىنىپ  جۈمەنى بۇ شەھەردىكى  ئەڭ چوڭ مەسچىت سانت پېتىربۇرگ مەسچىتىدە ئوقۇش ئۈچۈن يولغا چىقتىم. يولدا بىر قېتىم ئېزىپ كېتىپ، بىر قېتىم تېلىفونغا قاراپ بىكەتتىن ئۆتۈپ كېتىپ، دىگەندەك  مەسچىتكە سائەت بىر بىلەن ئاران بېرىپتىمەن. مەسچىت يېشىل گۈمبەزلىك  شۇنداق ھەيۋەت ھەم چىرايلىق مەسچىتكەن. ھاياجاندا بىر ئىككى پارچە رەسىمگە تارتىۋېتىپ بارسام مەسچىتنى رىمىنوت قىلىش ئۈچۈن  تاقىۋېتىپتۇ. ئىچىگە ئىمام ۋە جامائەتتىن با شقا ئادەم كىرگۈزمەپتۇ،  ئەتراپنى بىر ئايلىنىپ ئۆزبەكنىڭ ئاشخانىسىدا تاھارەت ئېلىپ سەپكە كىرىپ ئولتۇردۇم. ۋەتەندىكىگە ئوخشاش مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى ۋەتەننىلا ئەسلەتتى، تۈركىيەنىڭكى ھۈ! ئۈ! دەيدىغان ئەزانلىرىدىن خېلىلا يېقىملىق ۋە تونۇش ئاڭلاندى.  ئارقىدىن نامازغا تۇردۇق، ئالدىنقى سەپتە بىر ئورۇن بوش قېلىۋېدى يېنىمدىكى كىشى دەررۇ سەپنى تولۇقلىدى. مەنمۇ ئۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلىدىم، يېنىمدىكى كىشىمۇ دەررۇ يېنىمغا كېلىپ بوش ئورۇننى تولۇقلىدى. بۇ ئەھۋالنى يەنە تۈركىيە بىلەن سېلىشتۇردۇم، تۈركىيەدە ھېلىھەم ۋىرۇس دەپ بىر مېتىردىن ئارلىق قويۇپ ناماز ئوقۇۋاتىمىز. نورمالدىمۇ سەپ تولۇقلاشنى بىلمەيدۇ ياكى بىرسى ئۇنى سەپ تولۇقلىسا تۇتىۋالىدىغاندەك تولۇقلىمايدۇ. ناماز ئوقۇدۇق، ئۆزبەك ئىمامنىڭ قىرائەتى يەنە ۋەتەننى ئەسلەتتى، نامازدا سالام بېرىپ بولغاندىنن كىيىنلا تۈركىيەدە دەررۇ قوپۇپلا كىتەتتۇق. بۇ يەردە ۋەتەندىكىگە ئوخشاش ھەممە چىرايلىق ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىۋېتىپ ئاندىن تۆت راكئەت سۈننەت ئوقۇۋېتىپ، دۇئا قىلىۋېتىپ ئاندىن تۇرىدىكەنمىز. ماڭا ئوخشاش ئالتە يىل تۈركىيەدە ياشاپ، ۋەتەندىكى بۇ ئىشلىرىمىزنى ئۇنتۇپ كەتكەن بىرىگە راسلا تولىمۇ يېقىشلىق بىلىندى.

رۇسىيە ساياھەت خاتىرىسى

    مەسچىتنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى شۇنداق ئېسىل ئىدى. ئىچىنىمۇ كۆرۈشكە قىزىقتىم لېكىن ئىشىك باقار رۇس ھېچكىمنى كىرگىلى قويمايۋاتاتتى.  تۈركىيەدىن بەش سائەت ئۇچۇپ  كېلىپ، مەسچىتنىڭ ئىچىنى كۆرەلمەي كەتسەم بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ – دە، شۇنىڭ بىلەن ساقلاپ تۇردۇم.  بىر ۋاقىتتا ئىشىكنى ئېچىۋەتتى، مەسچىت ھويلىسىغا كىردىم. لېكىن مەسچىتنىڭ ئىشىكى ئالدىغا  ئاگاھلاندۇرۇش تانىسى تارتىپ قويۇلغان بولۇپ ئىچىدىكى ئىمام ۋە باشقا ناماز ئوقۇغانلار چىقىۋاتاتتى، بىر چاغدا بىر ساقال قويۇۋالغان بالا ئىچىدىن چىقتى. ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپ كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا تۈركىيەدىن كەلگىنىمنى ۋە مەسچىتنى كۆرمەي كەتسەم بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ئۇ مەن ئىشىك باقارغا سېنى ماڭا ياردەملىشدۇ، دەيمەن، ئۈستىدە بىر ئىشكاپ بار ئېلىپ چۈشەيلى، ئاندىن كۆر دېدى. ماقۇل دېدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ئۇيغۇر، بىر ئۆزبەك، بىر تۈركمەن، بىر ئازەرى تۆتىمىز ئۇ ئىشكاپنى ئېلىپ چۈشتۇق. مەسچىتنىڭ ئىچىنى، ئۇلارنىڭ ئۇستازى بىلەن دەرىس ئوقۇيدىغان دەرسخانىسىنى كۆرسەتتى.

  1. ئاشخانىدا

    بايا تاھارەت ئالىدىغانغا يەر ئىزدەۋاتقاچ مەسچىتنىڭ يېنىغىلا جايلاشقان بىر ئاشخانىنى كۆرۈپ، ھېلى مۇشۇ يەردە تاماق يىسەم بولغۇدەك، دەپ كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويغانىدىم. ئاشخانىغا كىرىپ بىر قۇتا گازلىق ئىچىملىك، بىر پولو بۇيرۇتسام 300 رۇبلىلىق بولۇپتۇ. پولونى گۆشى ئاز، نوقۇت ۋە بىر سۈرىيەلىكنىڭ نېپىز نېنى بىلەن  ئېلىپ كەلدى. پولو خېلى ئوخشاپتۇ لېكىن سۈرىيەلىكنىڭ نېنىنى يىگۈم كەلمىدى.  ئاشخانىدا يەنە تونۇرمۇ باركەن، ئىككى سامسىنى 160 رۇبلىغا ئېلىپ  بۇ شەھەردىكى ئەڭ چوڭ سودا سارايغا قاراپ ماڭدىم.

  1. سودا سارايدا

    سودا سارايدا نەرسىلەرنىڭ باھاسى  كۆپىنچىللىرىنىڭ تۈركىيەنىڭكىگە قارىغاندا ئەرزان، ئاز بىرقىسىملىرى تۈركىيەدىن قىممەت ئىكەن. ئېلىكترونلۇق ئۈسكىنىنىلەرمۇ تۈركىيەدىن خېلىلا ئەرزان ئىكەن. سودا سارايدا ۋاي دىگۈدەك بىر نەرسە كۆرمىدىم،  ئاياللارنىڭ نەرسىللىرى كۆپ، ئەرلەرنىڭ دۇكانلىرى ئازكەن.

خاتىمە

    سودا سارايدىن چىقىپ ئاپتۇبۇس بىلەن شەھەر مەنزىرىسى تاماشا قىلغاچ ياتاققا  قايتىش ئۈچۈن ئاپتۇبۇسقا چىقتىم. يولدا كۆپىنچە ماشىنا گىرمانيە بىلەن كورىيەنىڭ ماشىنىسى ئىكەن. لادا ماركىلىق ماشىنىنى مەن پەقەت كونا تۆتچاسا ماشىنىلا ئىشلەپ چىقىرىدۇ، دەپ ئويلايتتىم. يېڭى پاسوندىكى ماشىنىللىرىمۇ باركەن. كوچىدا قىزىل چىراقلاردا كىشىلەر تۈركىيەگە قارىغاندا خېلىلا مەدەنىي ئىكەن. 100 سېكونتلۇق قىزىل چىراقتا ماشىنا بولمىسمۇ ساقلاپ تۇرىدىكەن. تۈركىيەدە ماشىنا بولمىسىلا ئۆتىۋېرىپ كۆنۈپ قالغان مەن ، بىر ئىككى قېتىم  ماشىنا يوق چاغدا چىداپ بولالماي  قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتىۋەدىم. ماسكا تارتىۋالغاننىڭ پايدىسىنى مۇشۇنداق چاغدا كۆرىدۇ ئادەم😁.

    بازاردىن بالدۇر كېلىپ ياتقاچ مۇشۇ خاتىرىلەرنى يېزىپ ياتتىم، ئىنشائاللاھ ئەتە باشقا بىرە يازغۇدەك ئىش يۈز بەرسە يازىمەن، بولمىسا بۇ قېتىمقى رۇسىيە ساياھەت خاتىرىسى مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن. ئىنشائاللاھ  ئەگەر سىزنىڭ  رۇسىيە سەپىرىڭىز ئۈچۈن كىچىككىنە پايدىسى باركەن دەپ قارىسىڭىز ھەققىمدە خالىس دۇئا قىلىپ قويغايسىز.

    سىزمۇ ساياھەت خاتىرسىنى يېزىپ ھەمبەھىرلەڭ، باشقىلار پايدىلىنىپ قالسۇن.

    2021- يىلى 20- ئاۋغۇست (جۈمە)، سانت پېتېربۇرگ

ئىنكاس يازىمەن