تۈركىستان قايغۇسى – ئەلدەر كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 10 مىنۇت ھەربىر ئۇيغۇر ئوقۇمىسا بولمايدىغان كىتابلاردىن بىرى بولغان «تۈركىستان قايغۇسى»نىڭ تۇنجى قىسمىنى خېلى بۇرۇنلا ئوقۇغان بولساممۇ، 2-قىسمى توردىن تېپىلمىغاچقا تېخى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان ئوخشايدۇ دەپ يۈرگەن ئىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە 1-ۋە 2-قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تولۇق نۇسخسى» تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2016-يىلىلا نەشىر قىلىنىپ بولۇپتىكەن. شۇڭا كېچىكىپ تاپقان بۇ كىتابنى ئوقۇغاچ، ماڭا بەك تەسىر قىلغان يەرلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆپچىلىككە سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم. بەلكىم سىزنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىڭىزنى قوزغاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

تۈركىستان قايغۇسى – ئەلدەر كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى داۋامى...

مەككە ئېتىكاف خاتىرىسى 

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 15 مىنۇت ئەسكەرتىش: ھىجرىيە كالىندارى قەمەرىيە (ئاي) كالىندارى بولغاچقا كېچە كۈندۈزدىن بۇرۇن بولىدۇ. بىر كۈن (سوتكا) – شامدىن باشلىنىدۇ. شۇڭا يازمىدا، ھىجرىيە كالېندارى بويىچە ئاۋۋال بىر كۈننىڭ كېچىسىدىكى ۋەقەلەر ئاندىن شۇ كۈننىڭ كۈندۈزىدىكى ۋەقەلەر تىلغا ئېلىندى.

مەككە ئېتىكاف خاتىرىسى  داۋامى...

يوقاپ كەتتىم

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت يوقاپ كەتكىلى بەك ئۇزۇن بولدى… مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلاردە قۇلاق تۆۋىدە جاراڭلىغان پەقەتلا شۇ سۆزلەر:   دۇنيا مۆمىنگە زىندان، كاپىرغا جەننەتتۇر ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :«دۇنيا مۆمىنگە زىندان، كاپىرغا جەننەتتۇر». مۇسلىمدىن.

يوقاپ كەتتىم داۋامى...

مۇپەتتىش – نىكولاي ۋاسىلىيەۋىچ گوگول

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت يۇرتۇمدا ياز مەۋسۇمى بەك ئىسسىق بولاتتى. بەزى ۋاقىتلاردا ھاۋانىڭ بۇلۇتلۇق، سالقىن بولۇشىنى بەكلا ئۈمىد قىلىپ كېتەتتۇق. كېيىن يۇقىرىدىن باشلىق كەلسە باشلىقلارنى ئىسسىقتا قىينىلىپ قالمىسۇن دەپ ئامانغا سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرىدىغان بومبا ئاتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق. دېمىسىمۇ يۇقىرىدىن باشلىق كېلىدىغان كۈنلىرى يۇرتۇم باشقىچىلا سالقىن بولۇپ قالاتتى. باشلىق كېلىدۇ دېسە، مەكتەپلەرنى ئوقۇ- ئوقۇتۇشنى تاشلاپ كەڭ كۆلەملىك تازىلىق قىلدۇراتتى. بەزىدە ناھىيە بويىچە ھەممە يەر تازىلىق بىلەن مەشغۇل بولۇپمۇ كېتەتتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتسە، ئىچىمىزدە “بىرەر باشلىق كەلگەن بولسا بوپتىكەن”، دەپمۇ قالاتتۇق. قىلىنغان پۈتۈن ئىشلار شۇ باشلىقلارغا كۆرسىتىش ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى.

مۇپەتتىش – نىكولاي ۋاسىلىيەۋىچ گوگول داۋامى...