يېڭى ھايات- ئورخان پامۇك

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت

“بىر كۈنى بىر كىتاب ئوقۇدۇم، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ھاياتىم ئۆزگەردى.”

“بۇنىڭ ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرى ئىكەنلىكىنى تۇيدۇم. ھالبۇكى، مەن ئۆيۈمگە قايتماقچى ئىدىم؛ يېڭى بىر ھاياتقا ئۆتۈشنى – ئۆلۈشنى زادى خالىمايتتىم.”

رومان ھەققىدە

“يېڭى ھايات” ئوقۇغان بىر كىتابنىڭ تەسىرى بىلەن ئەقلى لال بولغان، كىتابتىن چېچىلغان نۇرغا ياشلىق ھاياتىنى، مۇھەببىتىنى بېغىشلىغان، كىتاب ۋەدە قىلغان مەنزىلگە يېتىش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەرلەرگە چىقىپ، ئاجايىپ سەرگۈزەشتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بىر قەھرىماننىڭ ھېكايىسى.

ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم ئارىسىدىكى غىل-پال كۆرۈنىدىغان نۇرغا شەيدا بولغان ئوسمان ئەبجەق ئاپتوبۇسلارغا چىقىپ ئەڭ خەتەرلىك يوللارنى تاللاپ سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. نەچچە بالا-قازادىن ئاتلايدۇ، ئۆلۈم پەرىشتىسىنىڭ سېھىرلىك يۈزىنى كۆرگەندەك بولىدۇ ھەمدە تىرىكلىك ھاياجىنىدا لاغىلداپ تىترەيدۇ. ئۆزىدەك ”تاپتىن چىققان“ بىر قىز جانان بىلەن يولدا ئۇچرىشىپ سەپىرىنى داۋام قىلىدۇ.

سەپەر جەريانىدا تۈركىيەنىڭ قالاق، غېرىبانە يېزىلىرىنى، غەلىتە ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بېكەتلىرىنى، مىسكىن ئادەملىرىنى، مەخپىي تەشكىلات ئادەملىرىنى، يولدا قازاغا ئۇچرىغان “بەختلىك ياشلار”نى، “مەن تۈرك دېگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك” دېگەن شوئار چاپلانغان گازارمىلارنى، يولدا چۈشۈپ قالغان ئەسكەرلەرنى، مەكتەپلەرنى، جېكسونغا ھەۋەسمەن ئوغۇللارنى، چىرايلىق ئېتىزلارنى، مەھەللىنىڭ خىلۋەت يېرىگە ماكانلاشقان بايلارنى كۆرىدۇ. ئومۇمەن ھەر جايدا ئاجايىپ-غارايىپ ئادەملەر ۋە ئىشلارغا شاھىد بولىدۇ.

مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ غېمىنى قىلىدىغان، بۇ يولدا ئۆز ئوغلىنى قۇربان قىلىشتىنمۇ يانمايدىغان يەرلىك باي، دوختۇر نارىن ئوغلى مەھەممەتنىڭ ”سېھىرلىك كىتاب“ ئارقىلىق نۇرغۇن ياشلارنى ئازدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئوسمانغا مۇھىم بىر ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ. جاناننىڭ ۋەسلىگە يېتەلمەيۋاتقان ئوسمان ئۇنىڭ ئوغلى، جاناننىڭ كونا مۇھەببىتى مەھەممەتنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ئەمما جاناندىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

كېيىن ئوسمان ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقىپ، توي قىلىپ بالىلىق بولىدۇ. ئىككىنچى قېتىم كونا ئىزىنى بويلاپ سەپەرگە ئاتلىنىدۇ، ئاپتوبۇستىن تارتىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، بېكەتلەرنىڭ يېڭىلىنىپ، يېزىلارنىڭ قىياپىتىدىمۇ يېڭى ئۆزگىرىش بولغانلىقى كۆرىدۇ، دوختۇر نارىننىڭ بىر زامانلاردىكى خىلۋەت، چىرايلىق ئۆيى ۋە باغ-ۋارانلىرىنى تاپالمايدۇ، ئۆيلەر زاۋۇت، بىناغا، دەرەخلەر ئېلېكتىر تۈۋرۈكلىرىگە، چىغىر يوللار ئاسفالىت يوللارغا ئايلانغان، ھەممە يەرنى دېگۈدەك قاتناش بەلگىلىرى، بانكا ۋە شىركەتلەرنىڭ يوغان ئېلان تاختىلىرى ئىگىلەپ كەتكەنىدى.

ئوسمان بۇ سەپىرىدىن ئۆتمۈشىنىڭ ھېچقانداق ئىزناسىنى تاپالمايدۇ، ئىلگىرىكى تەۋەككۈلچىلىكى، قىزغىنلىقى، ھاياجانلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇرۇنقى سەۋدالىقى ۋە جاراھەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ، يېڭى ھاياتىنى قايتىدىن باشلاش قارارىغا كېلىدۇ. ئىللىق ئائىلىسىنى، قىزىنى ئويلايدۇ، كەلگۈسىگە ئۈمىدلىك قارايدۇ. ئەمما قىسمەت ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدۇ، ئىلگىرى سېھىرلىك ئۆلۈمنى قوغلىشىپمۇ ئۆلمىگەن قەھرىمان، بۇ قېتىمقى ئۆيىگە قايتىش سەپىرىدە ئۆلۈم بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

ئاخىرقى ھېسابتا، ئەڭ بۇرۇن ئىنتىلگەن يېڭى ھايات ئۇنىڭغا قۇچاق ئاچىدۇ. ھالبۇكى بۇ پەيتتە ئۇ تىرىكلىك پىلانىنى سوقۇۋاتاتتى. ئەمما تەقدىر ھامان ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە باقمايتتى، قوغلىغاندا قاچقان ئۆلۈم ھامان بىر كۈنى ئۇنى كۈتۈلمىگەندە ئىزدەپ تاپىدۇ.

«يېڭى ھايات» ئىزدەشنى بايان قىلىدۇ، ھېكايە ئېيتقۇچىنىڭ «ھاياتنى ئۆزگەرتىدىغان» كىتابى بايان قىلغان دۇنيا، مۇھەببەت، تۇرمۇش ۋە ئۆلۈمنىڭ مەنىسىنى ئىزدەشنىڭلا ئەمەس، روماندىكى «يېڭى ھايات»ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، يوقالغان جانان، جاناننىڭ بۇرۇنقى يىگىتى مەھەممەتنى ئىزدەشنىمۇ بايان قىلىدۇ، يەنە تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا يېڭى ھاياتنىڭ قانداق يېزىلىشى كېرەكلىكىنى ئىزدەيدۇ.

پېرسۇناژلار

بايانچى: (باش قەھرىمان)

جانان: كىتابنى يىگىتى مەھەممەتتىن ئالغان باش قەھرىمان قىز.

مەھەممەت: بىر سۇيىقەست ۋە ئۆلۈمدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن ئىسمىنى ئوسمانغا ئۆزگەرتىپ يوقاپ كەتكەن ۋە «يېڭى ھايات»نىڭ تەخەللۇس قوللانغان ئاپتورىنى ئىزدەيدىغان يىگىت.

دوختۇر نارىن: “مەتبەئەدىن چىققان بارلىق كىتابلار دەۋرىمىزنىڭ، ھاياتىمىزنىڭ دۈشمىنى” دەيدىغان، بىر كىتاب ئوقۇپلا دادىسىغا قارشى چىقىپ يوقاپ كەتكەن ئوغلى ناھىتنى ئىزدەۋاتقان ۋە شۇ كىتابقا قارشى مەخپىي تەشكىلات قۇرغان بىر ئادەم.

ناھىت: ئوسمان دەپ ئىسىم قوللانغان مەھەممەتنىڭ ئۆزى.

رىفقى بەگ: تۆمۈر يول خىزمەتچىسى، بالىلار ئۈچۈن رەسىملىك رومانلار يازىدىغان، باش قەھرىماننىڭ دادىسىنىڭ سىرلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن سەپدىشى.

ئوسمان، مەھەممەت، ناھىت، جانان، رىفقى تاغا، دوختۇر نارىنلارنىڭ ھەممىسى نامەلۇم شەخسلەر، ھەممىسى باش قەھرىمان، ھەممىسى ھېكايە توقۇغۇچىلار، يەنى يازغۇچىنىڭ دەل ئۆزى.

ئاپتور ھەققىدە

ئورخان پامۇك 1952 – يىلى 7 – ئىيۇن ئىستانبۇلدا باي ۋە يۇقىرى مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئورخان پامۇكنىڭ دادىسى گۈندۈز پامۇك، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى ئىنژېنېرلىرىدىن بىرى، ئانىسى شەكۇرە خانىم بولسا، ئوسمانلى دەۋرىدە گىرىت ۋالىيسى بولغان ئىبراھىم پاشانىڭ نەۋرىسىدۇر.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئىستانبۇلدىكى بىر ئامېرىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان ئورخان پامۇك، 22 يېشىغىچە رەسسام بولۇش خىيالى بىلەن ياشىغان ۋە ئۆزىنى پۈتۈنلەي رەسىم سىزىشقا ئاتىغان. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىستانبۇل پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىناكارلىق كەسپىدە ئۈچ يىل ئوقۇغان ۋە يېرىم قالغان ئوقۇشىنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇخبىرلىق كەسپىدە داۋاملاشتۇرغان. ئۇ نەتىجە قازىنالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، 23 يېشىدىن تارتىپ رومان يېزىشقا باشلىغان.

«جەۋدەت ئەپەندى ۋە ئوغۇللىرى»: تۇنجى رومانى 1982 – يىلى نەشىر قىلىنىغان. بىر باي تۈرك ئائىلىسىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد ھېكايىسى بايان قىلىنغان بۇ رومان، «ئورخان كامال» ۋە «مىللىيەت» قاتارلىق رومان مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن.

«جىمجىت ئۆي»: بۇنىڭدىن بىر يىل كېيىن، ئۇنىڭ ئىككىنچى رومانى نەشىر قىلىنغان.

«ئاق قەلئە»: 1985 – يىلى نەشىر قىلىنغان رومان، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا نۇرغۇنلىغان تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.

نامى چېگرادىن ھالقىغان ئورخان پامۇك 1985 – 1988 – يىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكىنىڭ كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مېھمان ئالىم» بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ ۋە ئۇ يەردىمۇ رومان يېزىشنى داۋاملاشتۇرغان.

«قارا كىتاب»: بىر ئادۋوكاتنىڭ ئىستانبۇلدىكى كۈندىلىك تۇرمۇش ھېكايىسى بايان قىلىنغان رومان، 1990 – يىلى تۈركىيەدە نەشىر قىلىنغان.

«يېڭى ھايات»: 1994 – يىلى نەشىر قىلىنغان رومانى، تۈركىيەدە ئەدەبىيات ساھەسى بويىچە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان كىتابلار ئارىسىدا يەر ئالغان.

«مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»: 1998 – يىلى نەشىر قىلغان بۇ رومانىدا، ئوخشىمىغان ئاشىق ۋە ئائىلە ھېكايىسىنى بايان قىلىشقا تىرىشقان.

«قار»: ئورخان پامۇك زىيارەت خاتىرىلىرىدە قانچىلىك سىياسەتكە ئارىلاشمىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، 2002 – يىلى «سىياسىي رومان» دېيىشكە بولىدىغان «قار» رومانىنى نەشىر قىلدۇرغان.

«ئىستانبۇل»: ئامېرىكىدا ياشىغان ئۈچ يىلدىن باشقا ئۆمرىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزگەن ۋە ھازىرغىچە ئۆزى تۇغۇلغان بىنادا ياشاۋاتقان ئورخان پامۇكنىڭ يېڭى رومانىنىڭ نامى «ئىستانبۇل» دۇر. يازغۇچى بۇ ئەسىرىدە ياشلىق ۋاقتىنىڭ ئەسلىمىلىرى بىلەن بىللە، ئىستانبۇلنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن فوتوگرافلارنى كىرگۈزۈپ، كىتابنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتقان ھالدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن.

ئورخان پامۇكنىڭ 30 يىلدىن ئارتۇق ئىجادىيەت ھاياتى ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپلەرگە تولغان ھايات بولۇپ، تۇنجى رومانىدىن باشلاپ ھازىرغىچە تۈركىيە ۋە خەلقئارادا 24 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، 2006-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئالغان ۋە بۇ مۇكاپاتنى ئالغان تۇنجى تۈرك ھەمدە ئەڭ ياش ئىككى كىشىدىن بىرى بولۇپ قالغان. ئەسەرلىرى 60 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان، يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتتە نەشىر قىلىنىپ، 11 مىليون نۇسخىدىن ئارتۇق بېسىلغان. 2006-يىلى ”ۋاقىت“ ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى داڭلىق 100 شەخسىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

تەسىراتلار

بۇرۇن بىر قانچە خىل تىلدا “مىنىڭ ئىسمىم قىزىل” نى ئوقۇپ باققان بولساممۇ تۈگىتەلمىگەن ئىدىم. بۇ قېتىم سوۋغا قىلىنغان كىتاب بولغاچقىمۇ ياكى ھەقىقەتەن ئورخان پامۇكنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيالىغۇدەك بوپ قالدىممۇ بىلمىدىم، بىر ئىككى كۈندە بۇ كىتابنى قولۇمدىن چۈشۈرمەي ئوقۇغان بولدۇم. “يېڭى ھايات” باشلىنىشتىلا مىنى ئىچىگە تارتىپ ئەكىرىپ كەتكەن ئىدى. بىر خىل ھەيرانلىق، ھوزۇر، قىزىقىش بىلەن ئوقۇغان كىتاب بولدى. تەسۋىرى بايانلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن، كۆپ بولىشىغا قارىماي، مەندەك بىر “نەسىر دۈشمىنى” ئوقۇرمەننى جەلىپ قىلالىشى ھەقىقەتەن تەقدىر قىلغۇدەك ئىش ئىدى.

“بىر كۈنى بىر كىتاب ئوقۇدۇم، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ھاياتىم ئۆزگەردى.” دىگەندەك ئاددى جۈملە بىلەن باشلانغان، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ تەكرار-تەكرار ۋاراقلىغان، شۇنداق تۇرۇقلۇق كاللامدا يەنىلا نۇرغۇن سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تاپالمىغان كىتابلاردىن بىرسى بولسا كېرەك. كىتاب ئۇچۇق بىر شەكىلدە ئاخىرلاشقاندەك قىلسىمۇ لېكىن ۋاراقلاش جەريانىدا ئەسلى بۇ كىتابنىڭ بىر ئىزدەشنى بايان قىلغان كىتاب ئىكەنلىكى ھىس قىلدىم.ئاخىرىدا ئىزدىنىشنى توختاتتىم ھەم ھەممىنى ئۇنۇتقان بولدۇم. ئوقۇپ باقمىغانلارغا شىددەت بىلەن تەۋسىيە قىلىمەن.

كىتاب ئۇچۇرى

يېڭى ھايات- ئورخان پامۇك

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر مۇھەممەت

مىللەتلەر نەشرىياتى

370 بەت

باھاسى: 15 لىرا

ئەسكەرتىش: ھازىرغىچە ئېلىكترونلۇق نۇسخىسى تېپىلمىدى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتابخانىلاردىن سېتىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

پايدىلانغان ماتىرياللار

دۇنيادا ئىز قالدۇرغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇلۇغ زاتلىرى – 10

«يېڭى ھايات»رومانى ھەققىدە

ئەرتۈرك، ئورخان پامۇك ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى

ئىنكاس يازىمەن