گېرمانىيە ۋىزىسى ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا- 2023-01-11 يېڭىلاندى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 5 مىنۇت

ئەسكەرتىش: بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىككى بالام ۋە ئۆزۈمگە ئىككى يىللىق شېنگېن ۋىزىسى ئالدىم. بۇنداق ئالالىشىمنىڭ سەۋەبى بۇرۇنقى ياۋرۇپا سەپەرلىرى ۋە ۋىزا ئىتلىماس قىلغان ۋاقىتتىكى ئەستايىدىللىقمىكىن دەپ ئويلايمەن. شېنگىن، ئامېرىكا ۋىزىلىرىنى تولاپ سىناپ يۈرۈپ خېلى تەجىربىلىك بولۇپ قالدىم. ئەگەر بۇ ھەقتە مەسلەھەت سورىماقچى بولسىڭىز، بىۋاستە خەت قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.

تۆۋەندىكى مەزمۇنلار 2019- يىلىغا ئائىت. 

2019-04-11 كۈنى: گېرمانىيە سەپىرى

    ئىستانبۇلدا ئىلتىماس قىلغان ئائىلە ساياھەت ۋىزىسى رەت قىلىنىپ، ئىچىمىزدىن پەقەت ماڭىلا 20 كۈنلۈك ساياھەت ۋىزىسى بېرىلگەن بولغاچقا، گېرمانىيىگە بىر كۈنلۈك سەپەر ئۈچۈن بولسىمۇ بېرىپ كېلىشىم كېرەك بولدى. بۇ قىلىش بۇندىن كېينكى ۋىزا ئىلتىماسىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولارمىش. شۇڭا ئەڭ ئەزان بېلەتتىن (بېرىپ كېلىش 760 لىرا) ئېلىپ گېرمانىيە سەپىرىنى باشلىدىم. بىر كۈنلۈك سەپىرىم 2- ئاپرىل چۈشتىن، 3- ئاپرىل كەچكىچە داۋام قىلغان بولدى. بۇ جەرياندا يولۇققان مەسىلىلەرنى ئورتاقلىشىش ئۈچۈن بۇ يازمىنى يېڭىلاپ قويدۇم.

دېققەت قىلىشنى تىگىشلىك نۇقتىلار:

    بىرىنچى، ئائىلە بويىچە ياۋروپاغا بېرىشنى ئويلاشقانلار ئۈچۈن بىرىنچى قېتىمدا ئائىلە بويىچە ۋىزا ئىلتىماس قىلىش تەۋسىيە قىلىنمايدىكەن. ياخشىراق بولغىنى ئاۋۋال شەرتى ئەڭ ياخشى بولغان بىرەيلەن ۋىزا ئىلتىماس قىلىپ ئالغاندىن كېيىن قالغان ئائىلە ئەزالىرىغا ئىلتىماس قىلىش ئىكەن. (قانچىلىك توغرىلىقى شەخىسنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا باغلىق)

    ئىككىنچىسى، ۋىزا بېرىلگەن ئەھۋالدا چېگىردىن ئۆتۈش مەقسىتىدە بولسىمۇ بىر قېتىم بېرىپ كېلىش ئەۋزەل ئىكەن. ماڭا ئوخشاش ئائىلىسىدىن ئايرىم تۇرۇشنى خالىمايدىغانلار ئۈچۈن ئەگەر ئائىلە ئەزلىرى ئىچىدە بىرىگە ۋىزا بېرىلىپ، قالغانلىرى رەت بولغان ئەھۋالدا، ۋىزا بېرىلگەن كىشى بېرىپ كېلىشى ئاقىللىق بولىدىكەن. چۈنكى كېيىنكى قېتىملىق ۋىزا ئىلتىماسىغا تەسىر قىلىش ئېھتىمالى بولىدىكەن.

    ئۈچىنچىسى، تۈركىيە چېگرىسىدىن چىققاندا ياخشى تەييارلىق قىلىش كېرەك ئىكەن. قولۇمدا ۋىزا، ئىشلەش رۇخسىتى، ئوقۇغۇچىلىق بەلگىسى، يەرمەنكىگە قاتنىشىش بېلىتى بولىشىغا قارىماي ئايرۇپىلانغا چىقىشىم ئويلىغىنىمدەك ئاسان بولمىدى.

   دەسلەپتە ئايرودرومىدا ئاپتوماتىك بېلەت چىقارغۇچتىن ئايرۇپىلان بېلىتىنى چىقىرىۋېلىپ بىرىنچى قېتىملىق سوراقتىن قۇتۇلغان قۇتۇلۇپ قالدىم. شۇ تەرىقىدە تاموژنىدىن سوراقسىز ئۆتتۈم. لېكىن ئايرۇپىلانغا چىقىدىغان ۋاقىتتا، پاسپورتىمنى كۆرۈپلا “ئەپەندىم، سىزنى بۇ تەرەپكە ئالايلى، بۇ يەردە ساقلاڭ!” دېدى ۋە شۇنىڭ بىلەن 20 مىنۇتتەك ئاۋارە قىلىش، سوئال – سوراق باشلاندى. “نىمە ئۈچۈن بارىسىز؟ تۈركىيىدە نىمە ئىش قىلىسىز؟ نىمە ئۈچۈن بىر كۈنلۈكلا بارىسىز؟ نەدە تۇرىسىز؟ قايتىش بېلىتىڭىز قېنى؟ ئۇ يەردە تۇرىدىغان مېھمانخانىنىڭ زاكازى قېنى؟” دېگەندەك سوئاللار سورالدى. توختىماي ماتېرىياللىرىمنى رەسىمگە تارتىپ، بىرلىرىگە يوللاپ، تېلېفوندا تەلىمات سوراشلىرى مېنى خېلى بىئارام قىلدى. ئىچىمدە “ئايلىنىپ ئۇچىدىغانلارنىڭ ئايرۇپىلانغا چىقىش خېلى تەسكەندە ئەسلى” دېدىم. ئۇنى سوراپ بۇنى سوراپ ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتىمۇ كەلدى. پۈتۈن يولوچىلار ئايرۇپىلانغا چىقىپ بولدى. رادىئودا ئاناۋۇنس(announce) باشلاپ كەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا گېرمانىيىدە دوستۇمنىڭ يېنىغا بارىدىغىنىمنى بىلىپ، دوستۇمنىڭ ئۆيىنىڭ ئادرېسىنى سوراپ تۇرۇۋالدى. مەن بىلمىگەچكە تېلىفۇن قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئاللاھقا شۈكۈر، دوستۇممۇ نەق تېلېفونغا قاراپ تۇرۇپتىكەن. دەرھال ئادرېسىنى ئېيتىپ بەردى، مەنمۇ ئەڭ ئاخىرقى يولوچى سۈپىتىدە ئايرۇپىلانغا چىقتىم. ئەگەر دوستۇم ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالمىغان بولسا مېنى ئايرۇپىلانغا چىقارمايدىغان بولغىيمىدى بىلمىدىم. قىزىق يېرى، مەندىن سوئال سوراش جەريانىدا نېمە ئۈچۈن ئۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورىدىم. “گېرمانىيە كونسۇلنىڭ بەرگەن ۋىزىسى قولۇمدا تۇرۇپتۇ، مەن گېرمانىيىدە قېلىپ قالساممۇ سىلەرگە گەپ كەلمەس” دېدىم. ئەمما كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا “يۇقىرىدىن شۇنداق يوليورۇق چۈشتى” دەپلا قويدى. قىسقىسى، مەيلى ۋىزا بىلەن ماڭىدىغانلار بولسۇن، مەيلى ئايلىنىپ ماڭىدىغانلار بولسۇن، ھەممە نەرسىنى ياخشى تەييارلاپ ئايرودرومغا بېرىش كېرەككەن. ياۋروپادا قېلىپ قالىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلۈكى چېگرىدىن چىقىشنى خېلى تەسلەشتۈرۈپ قويغان چىراي.

    تۆتىنچى، تۈركىيىگە قايتقاندا مەسىلە چوڭ بولمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرىدىن كىرىشى سەل تەسرەككەن دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قايتقان ئىدىم. لېكىن ھېچ قانداق سوئال- سوراقسىز چېگرىدىن كىردىم.

2019-03-15 كۈنى:

    بىرىنچى مارت جۈمە كۈنى ماتېرىياللارنى تاپشۇرغان ئىدىم. 15 ئىش كۈنىدە نەتىجىسى چىقىدۇ دېگەن. تۈنۈگۈن 3- ئاينىڭ 14- كۈنى ۋىزا ئىلتىماسىنىڭ نەتىجىسى چىققانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر كەلدى. لېكىن ۋىزا بېرىلگەن ياكى رەت قىلىنغانلىقى توغرۇلۇق گەپ يوق. ئۇنى پاسپورت بار لېپاپنى ئاچقانغا ئاندىن بىلگىلى بولىدىكەن.

بۈگۈن ئەتىگەن پاسپورتنى ئالغىلى باردىم. يولدا ھەر خىل ھېسلار ئارلاش، گاھى ۋىزا چىقىپ قالسا بۇ گۈزەل شەھەردىن كېتىدىغانلىقىم يادىمغا كېلىپ ئىستانبۇل تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنسە، گاھى ۋىزا رەت قىلىنغان بولسا يەنە تۈركىيىدەك قانون، قائىدە، سەمىمىيەت يوق يەردە ياشاپ كېتەرمەنمۇ دەپ خىياللار ئىچىدە باردىم. ھەتتا بۇلارنى ئويلاپ ھاڭۋېقىپ قېلىپ باشقا ۋىزا ئىلتىماس قىلىش مەركىزىگە كىرىپ كېتىپتىمەن.

پاسپورتلارنى ئالغىلى كىرسەم ئۈچ تانە پېچەتلەنگەن لېپاپ بەردى. ئائىلە بويىچە ئىلتىماس قىلغان بولغاچقا ياكى ھەممىمىزگە ۋىزا بېرىلگەن بولىشى، ياكى بولمىسا ھەممىمىزنىڭ رەت قىلىنغان بولىشى كېرەك ئىدى. ئۆزۈمنىڭكىنى بىرىنچى بوپ ئاچتىم.

ئىچىدە ئىككى ۋاراق قەغەز پاسپورتنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىستۇرۇلۇپ قويۇلغانىكەن. شۇ بەتنىلا ئاچسام گېرمانىيە شېنگېن ۋىزىسى تۇرمامدۇ. شۇ چاغدىكى ئەڭ ساپ ھېسلىرىم ئوتتۇرغا چىققان بولىشى مۇمكىن. تۈركچە “Anasını satıyım, vize vermişler be!” دەپ سەت گەپ قېپ سالدىم. يېنىمدىكى پاسپورتىنى ئالغىلى كەلگەن كىشى “رەت قىلىنىشنى خالامتىڭ؟” دېگەندەك ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپ قالدى.

كاللامدا شۇ ۋاقىتتا شۇنچىلىك كۆپ ئىشلار جانلىنىپ كەتتى. مەن بىر قەدەر ئىنتىلگەن ھەم ئەڭ قورققان ئىش يۈز بەرگەن ئىدى. ھاياتىمدىكى يەنە بىر چوڭ تاللاش مېنى قىيناش ئالدىدا تۇراتتى.

باشقا ئىككى لېپاپنىمۇ بىر خىل تەمكىنلىك بىلەن ئاچتىم، ئائىلە ئىلتىماسى بولغاچقا ئۇلارنىڭكىنۇ چىقتى دەپ ئويلۇدۇم. بالام بىلەن ئايالىمنىڭ لېپاپىنىڭ ئىچىدە مېنىڭكىدىن بىر ۋاراق قەغەز ئارتۇق ئىدى. بۇ پۈتۈن گېرمانچە يېزىلغان ۋاراقتىكى خەتنى چۈشىنەلمىدىم. شۇ ۋاقىتتا ئايالىم بىلەن بالامنىڭ پاسپورتىدا ھېچ ۋىزا يوقلىقىنى بايقىدىم.

ئاخىرى دوستلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ ماڭا ۋىزا بېرىلگەنلىكىنى، ئايالىم ۋە بالامغا ۋىزا بېرەلمىگەنلىكىنى بىلدىم. ئائىلە ۋىزىسى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان مەندەك بىرى ئۈچۈن بۇ گېرمانىيە كونسۇلى قىلغان “چاخچاق” ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كاللىدا يۈزمىڭلىغان سوئاللار بىلەن قايتىپ كەلدىم. قانچىلىك پىلان سوقسام، رەببىم ئويلىمىغانلا يەردىن بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن دېدىم ئىچىمدە.

ئۆزۈمنىڭ قانداق قىلىپ ئالالىغانلىقىمنى نەچچە كۈنگىچە تەپسىلى يېزىپ قوياي، ئىنشائاللاھ.

 

تۆۋەندە گېرمانىيە ۋىزىسى ئىلتىماس قىلىشقا ئالاقىدار بۇرۇنقى يازمىلارنى ئوقۇيالايسىز.

2019-03-03 كۈنى:

24- يانۋار گېرمانىيە ۋىزىسى ئىلتىماس قىلىشقا قارار قىلدىم ۋە 1- فېۋرال ئىلتىماسنى تاماملىدىم. 6 كۈنچە پۈتۈن ئىلتىماس ئىشى تۈگىگەن بولدى. ھازىر نەتىجىسىنى ساقلاۋاتىمەن. ۋىزا ئالالىساممۇ، رەت قىلىنساممۇ يېزىپ، ئورتاقلىشىپ قويۇش مەقسىتىدە تەييارلاپ قويدۇم. تېما توغرىسىدا ھەر قانداق سوئالىڭىز، پىكرىڭىز بولسا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ.

ۋىزا ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇللىرى ۋە پەرقى

گېرمانىيە ساياھەت ۋىزىسى ئىلتىماس قىلىشنىڭ بىرقانچە ئۇسۇلى بار بولۇپ، ئۈنۈملۈك ۋە ئىشەنچلىك بولغانلىرىدىن ئىككى تۈرلۈك ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى بار. بۇلار ئۆزى بىۋاستە ئىلتىماس قىلىش ۋە  ۋىزا شىركەتلىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ ئىككى خىل ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلىنىڭ پەرقىنى تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ:

ۋىزا شىركىتى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىش بىلەن ئۆزى ئىلتىماس قىلىشنىڭ پەرقى: 2019 دىكى باھا
شىركەت ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىش ئۆزى ئىلتىماس قىلىش
چوڭلارغا 120 ياۋرو چوڭلارغا 80 ياۋرو
6 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا 85 ياۋرو 6 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ھەقسىز
مۇلازىمەت ھەققى ئۈستىدە دېيىلگەن پۇلنىڭ ئىچىدە ماتېرىيال تاپشۇرغاندا بىر كىشىدىن 170 لىرا مۇلازىمەت ھەققى ئالىدۇ.
ئايروپىلان بېلەت زاكاز قىلىپ بېرىدۇ 携程 تورىدىن قىلسىڭىز بولىدۇ
ياتاق زاكاز قىلىپ بېرىدۇ Booking  تورىدىن قىلسىڭىز بولىدۇ
مۇمكىن بولسا 50 ياۋروغا يەرمەنكە ئۈچۈن تەكلىپنامە ئېلىپ بېرىدۇ.  توردىن ئۆزىڭىز ئىلتىماس قىلسىڭىز 25 ياۋرو ئەتراپىدا پۇل كېتىدۇ
ساياھەت پىلانىڭىزنى تۈزۈپ بېرىدۇ 穷游تورىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ
ساياھەت سۇغۇرتىسىنى ئېلىپ بېرىدۇ خالىغان بىر سوغۇرتا شىركىتىدىن ئالسىڭىز بولىدۇ
ماتېرىيال تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئۇچرىشىش[1] ئېلىپ بېرىدۇ  IDATA   توردىن ھەقسىز ئالالايسىز
ۋىزا ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ ئۆزىڭىز تولدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ
پارچە- پۇرات مۇلازىمەتلىرى ئۆزىڭىز قىلسىڭىز بولىدۇ

ۋىزا ئىلتىماس قىلىش قەدەم باسقۇچلىرى:

گېرمانىيىگە ۋىزا ئىلتىماس قىلىش IDATA ۋىزا ئىلتىماس قىلىش مەركىزىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ماتېرىياللار تەييارلانغاندىن كېيىن مەيلى شىركەت بولسۇن، مەيلى ئۆزى ئىلتىماس قىلغان بولسۇن ھەممىسى IDATA ۋىزا ئىلتىماس قىلىش ئورنىغا بېرىپ ماتېرىياللارنى تاپشۇرىدۇ. IDATA ماتېرىياللارنى گېرمانىيە كونسۇلغا تاپشۇرىدۇ.

1. كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تەييارلاش

كېرەكلىك ماتېرىياللار  IDATA  توربېتىدە تەپسىلىي يېزىقلىق. ئاساسلىق ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

پاسپورت: باش بەت، ئىمزا قويۇلغان بەتنىڭ بىر نۇسخا كۆپەيتىلمە نۇسخىسى

ئىقامەت: كۆپەيتىلمە نۇسخىسى

ۋىزا ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلى: بۇ ئادرىستىن تولدۇرالايسىز.

بىئومىتىرىيلىك رەسىم

ساياھەت ساغلاملىق سوغۇرتىسى

ئايرۇپىلان بېلىتى، ياتاق زاكاز تالونى، ساياھەت پىلانى

بانكا ھېساب ئىسپاتى: 20000 لىرا بولسا يېتەرلىكمىش.

ئىشلەيدىغانلار ئۈچۈن ئايرىم تەلەپ قىلىنىدىغانلار:

ئىشلەش رۇخسىتى كۆپەيتىلمىسى، SGK خىزمەت ھۆججىتى، SGK ئىشقا كىرىش ئۇقتۇرۇشى (شىركەت بوغالتىرى چىقىرىپ بېرىدۇ)، مائاش تالونى، ئىشلەش توختامى، باشقا كىرىم مەنبەسى بولسا شۇنىڭغا ئالاقىدار ماتېرىياللار.

2. ئۇچرىشىش ۋاقتىنى تاللاش

ماتېرىياللار تولۇق تەييارلانغاندىن كېيىن،IDATA ۋىزا مەركىزى تورىدىن تىزىملىتىپ، كۆرۈشۈش ۋاقتى بېكىتىلىدۇ. ئادەتتە تىزىملاتقان كۈندىن ئىككى ياكى ئۈچ كۈن كىيىن كۆرۈشىدىغانغا توغرا كىلىدۇ.  ۋىزا ئۈچۈن ئالدىرايدىغانلار ماتېرىياللارنى تەييارلاشقا باشلىغاندىلا ئۇچرىشىش ئېلىپ قويسىمۇ بولىدۇ.

3. ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش

ئۇچرىشىشتا دېيىلگەن ۋاقىت بويىچە ۋىزا مەركىزىگە (ئىستانبۇلدىكىلەر ئۈچۈن تاكسىم خاربىيەدە  ۋىزا مەركىزى بار. ئەڭ يېقىن ۋىزا مەركىزىنى توردىن تېپىۋالسىمۇ بولىدۇ.) بېرىپ نۇمۇر ئېلىپ يېرىم سائەت ئەتراپىدا ساقلاپ نۆۋەت كەلگەندە ماتېرىياللار تاپشۇرۇلىدۇ. ماتېرىياللار تۇلۇق بولسا ۋىزا ئىلتىماس قىلىش ھەققى ئۈچۈن ياۋرو ، مۇلازىمەت ھەققى ئۈچۈن تۈرك لىراسى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاندىن بارماق ئىزى تاپشۇرساق ئىلتىماس قىلىش ئاخىرلاشقان بولىدۇ. 15 ئىش كۈنى ئىچىدە ئىلتىماس قىلىش نەتىجىسىنى توردىن تەكشۈرۈپ بىلىۋالساق بولىدۇ.

ۋىزا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

دىققەت: ئامال بار بىر قېتىمدا پۈتۈن ماتېرىياللارنى تۇلۇق تەييار قىلىپ ئىلتىماس قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ماتېرىيال تۇلۇق ئەمەسكەن دىگەن ۋاقىتتا، كام ماتېرىياللارنى تۇلۇقلاپ، قايتىدىن نۇمۇر ئېلىپ ئۆچىرەتتە ساقلاپ كۆپ ۋاقىت زايە بوپ كېتىدۇ.

  1. كېرەكلىك ماتېرىياللار تىزىملىكىدىكى پۈتۈن ماتېرىياللارنى تۇلۇق تەييارلاش( تىزىملىكتە يوق نەرسىنى سورىسا سورايدۇكى، ھەرگىز بىرە ماتېرىيالنى ئۇنتۇپ قېلىپ سورىماي قالمايدۇ). ماتېرىيال تۇلۇق ئەمەسكەن دىگەن ۋاقىتتا، كام ماتېرىياللارنى تۇلۇقلاپ، قايتىدىن نۇمۇر ئېلىپ ئۆچىرەتتە ساقلاپ كۆپ ۋاقىت زايە بوپ كېتىدۇ.
  2. ماتېرىيالنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن ۋىزا مەركىزى بىلەن تېلىفۇن ئارقىلىق كۆرۈشۈپ ماتېرىياللارنىڭ تۇلۇق بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش كېرەك، چۈنكى بەزى ماتېرىياللار تورغا يېزىلمىغان بولىشى مۇمكىن.
  3. رەسىمنىڭ چوڭ كىچىكلىكى، ماتېرىياللارنىڭ ئەسلى نۇسخىسى دېگەنلەرگە دىققەت قىلىش.
  4. ئىشلەيدىغانلار ئۈچۈن SGK دىن A4 ئىش قەغىزىنىڭ ئىمزا ۋە تامغىلىق ئەسلى نۇسخىسىنى تەييار قىلىش(E-devlet تىن چىقىرىلغان نۇسخىسى ئېتىراپ قىلىنمايدۇ).
  5. ئىلتىماس قىلشى ھەققى ئۈچۈن ياۋرو تەييار قىلىۋېلىش (ۋىزا ئىلتىماس قىلىش ھەققى چوڭلار ئۈچۈن 60 ياۋرو، 6 ياشتىن تۆۋەن بالىلاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ. ۋىزا ئىلتىماس قىلىشتا تۈرك لىراسى قوبۇل قىلىنمايدۇ، شۇڭا ماتېرىيال تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن يېتەرلىك ياۋرو ئالماشتۇرۇۋېلىش لازىم، بولمىسا پۇل ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن چىقىپ كىرىپ يەنە ئۆچىرەتتە تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.)
  6. 3 ئايلىق بانكا ھېساب ھۆججىتىنى چىقارغاندا چوقۇم ئادەم سانىغا قارىتا چىقىرىش. ئۈچ كىشى بولسا، بوۋاق بالا بولغان تەقدىردىمۇ چوقۇم بىرىنىڭ بانكا ھېسابىنىڭ ئىمزا، تامغىلىق ئەسلى نۇسخىسىنى ماتېرىياللارنىڭ ئارىسىغا قويۇش كېرەك. كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ئېتىراپ قىلىنمايدۇ.
  7. ساياھەت سوغۇرتىسى سېتىۋالغاندا ئىمزا، تامغىلىق ئەسلى نۇسخىسىنى ئادەم سانىغا قارىتا چىقىرىش( كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئىشلەتكەندە، سوغۇرتا ئۈچۈن پۇل تۆلىگەنلىك ئىسپاتىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا قانچە كىشى بولسا شۇنچە نۇسخا ئىمزا، تامغىلىق سوغۇرتا ھۆججىتى[2] چىقىرىش ئەۋزەل.)
  8. تولدۇرۇلغان جەدىۋەل ياكى باشقا كېرەكلىك ماتېرىياللارغا قويۇلغان ئىمزا پاسپورتتىكى ئىمزا بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك.

ئەسكەرتىش

يۇقىرىقىلار شەخسى تەجرىبىلىرىم ۋە ۋىزا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ئۆزۈم يولۇققان قىسمەن ئاۋارىچىلىقلاردىن چىقارغان خۇلاسىلىرىم ئاساسىدا يېزىلدى. ۋىزا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىلتىماسىمنىڭ نەتىجىسى چىققاندا ئايرىم يازما شەكلىدە ئورتاقلشىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قانداق قىلىپ گېرمانىيە ۋىزىسىنى قانداق ئالغانلىقىمنى، ياكى نىمە سەۋەبتىن رەت قىلىنغانلىقىمنى ئورتاقلىشىمەن. مەن يولۇققان بۇ ئەھۋاللار مۇقەررەر ئەمەس بولۇپ دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتسىيە مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن قىسمەن قۇلايلىقلار ياكى قىيىنچىلىقلار قوشۇلۇشى مۇمكىن. ئىلتىماس قىلىشتىن ئىلگىرى تەپسىلى سۈرۈشتۈرىشڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

[1] Randevu نى مۇشۇ شەكىلدە ئىشلىتىپ تۇردۇم

[2] Poliçe نى مۇشۇنداق دەپ ئاتاپ قويدۇم

 

3 Comments on “گېرمانىيە ۋىزىسى ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا- 2023-01-11 يېڭىلاندى”

  1. بەك ياخشى بىر يازما بوپتۇ مەنمۇ ئىلتىماس قىلىش ئالدىدا تۇرۋاتىمەن بىر قانچە سۇئالىم باتى سىلەگە

    1. رەھمەت. خالىسىڭىز بۇ يەردە سورىسىڭىزمۇ، ئېلخەت ئارقىلىق سورىسىڭىزمۇ ياكى تېلىفۇن نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز مەن سىزگە تېلىفۇن قىلساممۇ بولىدۇ. بىلىدىغانلار نەرسەم بولسا ئايىمايمەن. elbilhesen@gmail.com

  2. بەك ياخشى بوپتۇ مىنىڭ سورايدىغان سۇئالىم باتتى

ئىنكاس يوللاش تاقاقلىق