بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش – خارپېر لى

بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش
ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت

بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش[1] – خارپېر لى

كىتابنىڭ ئەسلى ئىسمى: To Kill A Mockingbird

بەت سانى: 355

ئاپتور ھەققىدە

    خارپېر لى  (Harper Lee)  1926- يىلى ئامېرىكا ئالاباما ئىشتاتىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ “بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش” ناملىق رومانى بىلەن داڭق چىقارغان. ھاياتىدا پەقەت ئىككىلا رومان يازغان خارپېر لى 2016 – يىلى ئىككىنچى رومانى «Go Set Watchman» نەشرىدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئىككى رومانى ھەققىدە توختالغاندا، ئەينى ۋاقىتتا ئىككىنچى روماننىڭ نەشرىياتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەنلىكىنى، بۇ ۋەجىدىن ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن نەشر قىلىنغانلىقىنى، بىرىنچى روماننىڭ داۋامى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خارپېر لى ئوڭدا، فىلىمدىكى باش پېرسۇناژ ئاتتېكۇس سولدا.

    “بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش” خارپېر لىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى بولۇپ، 1960-يىلى نەشر قىلغان. كىتاب نەشرىدىن چىقىپ بىر يىلدىن كېيىنلا پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1962-يىلى روبېرت مۇلىگاننىڭ رېژىسسورلۇقىدا ئوخشاش ئىسىم بىلەن فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن. “بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش”  فىلىمى گرېگورىي پېكنىڭ باش پېرسوناژ ئاتتېكۇسنىڭ خاراكتېرىنى مۇكەممەل جانلاندۇرۇپ بېرىشى بىلەن فىلىم تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ 1963 – يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇنداقلا 1960-يىللاردىكى ئەڭ ياخشى فىلىم دەپ باھالانغان. فىلىمدە قامچىلانغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىمۇ شەكلى ئۆزگەرگەن ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، بۇ ئەسەرنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ زور تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە قىلغان. ھازىرغىچە 40 تىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان رومان، ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تۇرماقتا دېيىشكە بولىدۇ.

تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى

    “بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش” ئېرىقچىلىق، ئادالەت، ياخشىلىق – يامانلىق، جاسارەت قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدىكەن بولۇپ، بۈيۈك دېپرېسسىيە (1929-1939-يىللىرى غەربتە يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي چېكىنىش)  ۋاقىتلىرىدا ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى سەھرا ھاياتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. بۇ يېرىم تەرجىمىھال خاراكتېرىدىكى رومان يازغۇچىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ياشىغان ۋەقەلەر، ھادىسىلەر ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ، روماندىكى باش پېرسوناژ سكوتنىڭ خاراكتېرى ئاپتورنىڭ  ئۆز كىشىلىكىنى ئاساس قىلىپ جانلاندۇرۇلغان. خارپېر لى ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى شەخسكە ۋە ئىجتىمائىي سەۋىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاددىي تىلى ئارقىلىق ئادالەت، باراۋەرلىك، بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە ئېرىقچىلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بەرگەن.

    “بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش” ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى قىسىمدا ئاساسلىقى سكۇتنىڭ تىلىدىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە مايكومبدا ياشايدىغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىدۇ. بۇ كېيىنكى قىسىمدىكى ۋەقەلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ھازىرلىق رولىنى ئوينايدۇ. بىرىنچى قىسىمدا كىچىك قىزنىڭ خاراكتېرى، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ تەسىرىدىن شەكىللىنىپ قالغان بىر تەرەپلىمە قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ.

    روماننىڭ ئىككىنچى قىسمىدا روماننىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان ئاق تەنلىك قىز مايەللا ۋە دادىسىنىڭ قارا تەنلىك ياش توم روبىنسوننى باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەش، ئەرز قىلىش جەريانى ۋە سكوتنىڭ بو رەدلىينى قايتىدىن تونۇپ يېتىش جەريانى بايان قىلىنىدۇ. بۇ قىسىمدا ئادۋوكات ئاتتېكۇس قارا تەنلىك روبىنسون ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق قىلىدۇ. روبىنسوننى سوتلاش جەريانىدا، ئون ئىككى ئاق تەنلىكتىن تەركىب تاپقان زاسېداتېللار ئۆمىكى ئىككى ئاق تەنلىك گۇۋاھچىنىڭ ھېكايىسىگە ئىشىنىدۇ ۋە ئاتتېكۇسنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك، قايىل قىلارلىق ئاقلاش سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماي، جاۋابكارنىڭ قارا تەنلىك ئىكەنلىكىگە قاراپلا جىنايەت سادىر قىلغان دەپ قارار چىقىرىدۇ. ئاتتېكۇس نارازىلىق ئەرزى سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، روبىنسون بۇ قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئۆزىگە ھۆرلۈك ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتمەي يۆتكەش جەريانىدا قېچىشقا ئۇرۇنۇپ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن روماندىكى ئەڭ چوڭ “بۇلبۇل” قارا تەنلىك ياش بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلىدۇ. كىتابنىڭ ئىسمى روماندىكى ئەڭ داڭلىق دىيالوگىدىن كەلگەن بولۇپ:

    “بۇلبۇل ئىنسانلار ئۈچۈن مۇڭلۇق سايراشتىن باشقا بىر ئىش قىلمايدۇ. ئۇلار ئىنسانلارنىڭ باغچىسىدىن يېمەيدۇ، ئامبارلاردا ئۇۋا سالمايدۇ، پەقەت قەلبىنى بىزگە ئىزھار قىلىدۇ خالاس. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش گۇناھتۇر.”

    خارپېر لى بۇ ئىككى قىسىمنى ئىنتايىن ماھىرلىق بىلەن بىر-بىرىگە باغلىغان بولۇپ ئالدىنقى قىسىمى كېيىنكى قىسىمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چوڭ رول ئوينىغان. بىر تەرەپتىن ئادۋوكات ئاتتېكۇسنىڭ جەسۇرلىقى، ئۆزىنىڭ ھەتتا ئائىلىسىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشىغا قارىماي قارا تەنلىك روبىنسۇننى ئاقلىشى ئىنسان تەبئىيىتىنىڭ ئىجابىي تەرەپلەرنى ئەكسى ئەتتۈرسە؛ زاسېداتېللار، دەۋاگەر قاتارلىقلارنىڭ قارا تەنلىكلەرگە بولغان ئېرىقچى مۇئامىلىلىرى ئىنساننىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ سەلبىي تەرىپىنى ئېچىپ بېرىدۇ.

پېرسوناژلار ھەققىدە

سكوت روماننىڭ بايان قىلغۇچىسى ۋە باش پېرسوناژى. سكوت دادىسى ئاتتېكۇس، ئاكىسى جېم ۋە قارا تەنلىك ئائىلە خىزمەتچىسى كالىفورنىيە بىلەن بىرلىكتە ياشايدۇ. ئىنسانلار ئارىسىدىكى رەزىللىكلەرنى، بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى ۋە ئاقىۋېتىنى كۆرۈپ يەتكەندىن كېيىن “بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش” نىڭ نېمە ئۈچۈن گۇناھ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىدۇ.
ئاتتېكۇس سكوتنىڭ دادىسى، داڭلىق ئادۋوكات. ئايالى بالىلار كىچىك ۋاقتىدا ۋاپات بولۇپ كەتكەچكە بالىلاردىن يالغۇز خەۋەر ئېلىشقا، يالغۇز تەربىيەلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئىنسانلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان، ئاق كۆڭۈل، قەيسەر بىرى.
جېم سكوتنىڭ ئاكىسى. تەۋەككۈلچى، قورقماس، سىڭلىسىنى قوغدايدىغان يىگىت.
بو رەدلي سكوتلارنىڭ مەھەللىسىدىكى ئەزەلدىن سىرتقا چىقمايدىغان بىر كىشى. مەھەللىدىكى كىشىلەر ئۇنى ۋەھشىي، غەلىتە بىرى دەپ بىلگەچكە سكوت ۋە ئاكىسى دەسلەپتە ئۇنىڭغا بەك قىزىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە بو رەدلي ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل بىرى بولۇپ، سكوت ۋە ئاكىسىغا دائىم يوشۇرۇنچە كىچىك سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىدۇ. ھەتتا بالىلار خەتەرگە يۇلۇققان ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىككى بالىنى قوغداپ قالىدۇ. ئاخىرىدا سكوتمۇ بو رەدلىيغا بولغان بىر تەرەپلىمە قارىشىنى تۈزىتىدۇ. ئىنسانلارنى ھەقىقىي تونۇپ يەتمىگۈچە ئۇلارغا ئالدىراپ باھا بەرمەسلىك كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.
بوب يۇۋېل دەۋاگەر قىزنىڭ ئاتىسى. ھاراقكەش، ئىشسىز بىرى بولۇپ قىزىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئىچىدىكى ئېرىقچىلىق ۋە ئىنسانلارغا بولغان نەپرەت ئۇنى باشقىلارنى قارىلاشتىن توسۇپ قالالمايدۇ. بوب يۇۋېل ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىرقچى ئىدىيەنىڭ سىمۋولىدۇر.  بوب يۇۋېل قارا تەنلىك بىرى ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاتتېكۇسقا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ، ھەتتا بالىلارغا قەست قىلماقچى بولىدۇ. ئاخىرىدا بالىلارنى قوغداش ئۈچۈن كەلگەن بو رەدلىي تەرىپىدىن پىچاقلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.
مايەللا بوب يۇۋىلنىڭ دەۋاگەر قىزى. ئەمەلىيەتتە  بولسا ھاراقكەش، ئېرىقچى بىرىنىڭ بەختسىز قىزى. بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ قىلغان ئەيىبلىك ئىشىدىن يۈز ئابرۇيىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاتىسىدىن قورقۇپ باشقىلارغا تۆھمەت چاپلايدۇ.
بۇلاردىن باشقا يەنە تەپتىش، سوتچى، خىزمەتچى ئايال، سكوتنىڭ دوستى، تۇغقانلىرى قاتارلىق پېرسوناژلارمۇ بار.

    روماندىكى ئەڭ چوڭ “بۇلبۇل” ئىنسانلارنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراشلىرى، ئېرىقچىلىق مۇئامىلىسى نەتىجىسىدە ناھەق ھالدا ھاياتىدىن ئايرىلغان توم روبىنسون. ئاق تەنلىك قىزغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ياخشىلىق بەدىلىگە قارىلاش، تۆھمەتكە ئۇچراپ ئاخىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.

    روماندىكى يەنە بىر “بۇلبۇل” بولسا، باشقىلار تەرىپىدىن خاتا چۈشىنىلگەن، ۋەھشىي دەپ سۈپەتلىنىپ كېلىۋاتقان، ھالبۇكى ئىچكى دۇنياسى مېھرىبانلىققا تولغان بو رەدلىيدۇر. ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرى نەتىجىسىدە ئاخىرى سكوت تەرىپىدىن توغرا تونۇپ يېتىلىدۇ.

    يەنە بىر “بۇلبۇل” بولسا، باش سەلبىي پېرسوناژ بوب يۇۋېل. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى ئېرقچىلىقنىڭ، ئىنسانلارغا بولغان نەپرەتنىڭ يىلتىزى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بولۇپ، قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان نامراتلىق ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ.

تەسىرات

    بۇ روماننى ئەينى ۋاقىتتا “قانۇن ئوقۇغۇچىلىرى چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلەر” ئارىسىدا ئوقۇغان ئىدىم. تۇنجى ئوقۇشۇمدا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. بولۇپمۇ “بۇلبۇل” سىموۋۇلى ناھايىتى قالتىس ئىشلىتىلگەندەك ھېس قىلغانتىم. “بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش” فىلىمىنىمۇ بىر قانچە قېتىم كۆرۈپ چىقتىم. ھەر قېتىم “ئىنساننىڭ بۇ دۇنياغا زادى نېمە پايدىسى بار؟” دەپ ئويلانغان ۋاقىتلىرىمدا “بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش” يادىمغا كېلىپ ئاتتېكۇستىن ئىلھام ئېلىپ قالىمەن.

    روماندا ئېرىقچىلىق، بىر تەرەپلىمە قاراش قاتارلىقلار ئۇچۇق شەكىلدە قامچىلانغان بولۇپ، بۇ باش تېمىدىن سىرت، دىققەت تارتىدىغان نۇقتىلاردىن بىرى ئاتتېكۇسنىڭ بالىلارغا بولغان تەربىيە ئۇسۇلىدۇر. تۇنجى قېتىملىق بالىلار بىلەن قىلىنغان دىيالوگىدىن تاكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزىنىڭ بالىلارغا ياخشى ئۈلگە بولالماي قېلىشىدىن ئەندىشەلەنگۈچە بولغانغا قەدەر، ئاتتېكۇسنىڭ پۈتۈن ئىش- ھەرىكەتلىرى مۇنەۋۋەر بىر دادىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ بەرگەن دېيىشكە بولىدۇ. ئاتتېكۇس بىر دادا بولۇپلا قالماستىن، ئانىسى يوق بالىلار ئۈچۈن بىر ئانا، بىر ھەمراھ ھەم بىر ئاڭلىغۇچى ئىدى. بالىلار بىلەن ئوخشاش ئېگىزلىكتە تۇرۇپ مۇڭدىشىشى بالىلارنىڭ چوڭ بولۇشىدا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئىككى بالا ھەتتا دادىسىنىڭ بۇ يېقىملىقلىقىدىن ئاتتېكۇسنى ئىشقا يارىماس بىرى دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئاتتېكۇس ئۆزىنىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئورنىغا سىرتتىكى كوچىدىكى لالما ئىتنى ئۇستىلىق بىلەن بىر پاي ئوق بىلەنلا ئېتىپ تاشلاپ، بالىلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى تىكلەيدۇ. قارا تەنلىك روبىنسوننى ئاقلاش جەريانىدىمۇ ئاتتېكۇس بالىلار ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بېرىدۇ. بالىلارغا جاسارەتنى، باشقىلارغا سىرتقى قىياپىتىگە قاراپلا باھا بەرمەسلىكنى، ئىنسانلار ئارىسىدىكى مېھر – مۇھەببەتنى ئۇستىلىق بىلەن ئۆگىتىدۇ.

    قىسقىسى، ئوقۇپ باقمىغانلار ئۈچۈن چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەر دەپ قارايمەن. بولۇپمۇ كۈنىمىزدە “ئېرىقى كەمسىتىش” تىن زىيادە “ئېتنىك كەمسىتىش” كە ئۇچراۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن، مەۋجۇت سىستېما ئارقىلىقى ئۆز ھەق- ھوقۇقىنى قوغداشقا، ئادالەتكە كۆزى يەتمەيۋاتقان “بۇلبۇل”لار ئۈچۈن تەۋسىيەلىك ئەسەر. رومان بىلەن بىرگە “بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش” فىلىمىنىمۇ تەۋسىيە قىلىمەن.

    “بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش” فىلىمنىڭ بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ.

    “بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش” كىتابىنىڭ سېتىلىش ئادرېسى.

    To Kill a Mockingbird ئىنگىلىزچە نەشرىنىڭ سېتىلىش ئادرېسى

    ئىنگىلىزچە ئاۋازلىك كىتابىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئاڭلىيالايسىز.

[1] كىتابنىڭ ئەسلى ئىسمى “To Kill A Mockingbird” بولۇپ، Mockingbird   ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق كۈلرەڭ قۇش بولۇپ، ئاساسلىقى ئامېرىكا قىتئەسىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ. باشقا قۇشلارنىڭ سايرىشىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئاۋازىنى تەقلىد قىلالايدىغانلىقى بىلەن داڭلىق. يۇلغۇن لۇغىتىدە “مىمۇس تورغىيى” شەكلىدە، ئۇيغۇرسوفت خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغىتىدە “قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل” شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان ئىكەن. كىتاب تۈركچىگە “بۇلبۇلنى ئۆلتۈرۈش” نامىدا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، كىتابتا تىلغا ئېلىنغان قۇش سىمۋوللۇق مەنىسىگە ئىگە بولغاچقا، خاتىرىدە ئىخچام شەكىلدە “بۇلبۇل” دەپ ئېلىندى. مەزكۇر تەرجىمە كىتابتا تىلغا ئېلىنغان قۇشنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

ئىنكاس يازىمەن