مەن نېمە ئىش قىلالايمەن؟

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت

ئەسكەرتىش: يېڭى ئائىلە ئەزاسىنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىشى بىلەن بلوگنى يېڭىلاشقا ھېچ پۇرسەت بولمىدى. بۈگۈن ۋەزىپەمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن كۈندىلىك خاتىرەمدىن بىر پارچىنى ئورتاقلىشىپ قويدۇم.

مەن نېمە ئىش قىلالايمەن؟

مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغان گەپلەردىن بىرى “سەن نېمە ئىش قىلالايسەن؟” دېگەن سوئال ئىدى. ھەر قېتىم تىلىمنى چىشلەپ قالاتتىم. چۈنكى مەن سىياسەتچى، تەشكىلاتچىلاردەك چاپاننى سېلىپ چىقىپ داۋا قىلالمايتتىم؛ مەلۇم يولدى ھەقىقەت دەپ تاللاپ ئۇنىڭ ئۈچۈن جېنىمنى تىكىپ تەشۋىقات قىلالمايتتىم؛ ئۇيغۇر ئۈچۈن مىليون مىليون پۇل “خەجلەۋاتقان” بايلاردەك پۇللۇقمۇ ئەمەس ئىدىم؛ تاغدىكى ساپ نىيەتلىك ئۇيغۇرلاردەك ئىسلام ئۈچۈن دەپ ئۆلۈپمۇ بېرەلمەيتتىم. ئۇنداقتا مەن نىمە ئىش قىلالايمەن؟

كىچىكىمدىن تارتىپ پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن تالىپ بالىلاردەك دىنىي مەلۇماتىم ھەم يوق ئىدى؛ ھۈنەرگە بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ياغاچچىلىق، تاشچىلىق، تۆمۈرچىلىك، لايچىلىق، قاسساپلىق قاتارلىقلاردىن ھېچ بىرى قولۇمدىن كەلمەيتتى. يىللاردىن بېرى ئۆگەنگەن بىردىن- بىر نەرسەم ئۆزۈمنىڭ ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغانلىقىمنى بىلىش بولسا كېرەك.

مەن نىمە ئىش قىلالايمەن؟ بۇ يەردە ئېنىقلاش كېرەك بولغان مۇھىم بىر ئۇقۇم بار. “ئىش” دېگەن نىمە؟ قانداق بولسا ئىش قىلغان بولىدۇ؟ ئەگەر بىرىگە نىسبەتەن ئىش ھېسابلانغىنى باشقىسىغا نىسبەتەن ئىش ھېسابلانمىسا، ھەتتاكى ئىشنى بۇزغان ھېسابلانسا ئاخىرقى قارارنى كىم بېرىدۇ؟ ياكى چوقۇم ئاخىرقى قارارنى بىرى بېرىشى كېرەكمۇ؟ ئوقۇش ئىش ھېسابلىنامدۇ؟ قۇرئان ئوقۇش، ئىماملىق قىلىش ئىش ھېسابلىنامدۇ؟ بەش مو بولۇپ پىتنە چىقىرىش ئىش بولامدۇ؟ توختىماي قىززىق نوقتا يارىتىش مىللەت ئۈچۈن قىلىغان ئىشمۇ؟ مەن مۇشۇنداق خىياللار بىلەن ئۆز ئۆزۈمنى تونۇشقا تىرىشاتتىم.

مەن نىمە ئىش قىلالايمەن؟ بۇنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن مەن نىمە ئىش قىلىۋاتىمەن ياكى مەن ھازىر قانداق ياشاۋاتىمەن دېگەن سوئالىغا جاۋاب تېپىشىم كېرەك ئوخشايدۇ دېدىم ئىچىمدە. ئالدى بىلەن كۈنلۈك قىلغان ئىشلىرىمغا قاراپ باقتىم. بەش يىلدىن بېرى  ھەر كۈننى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ئوندىن ئارتۇق تارماققا بۆلۈپ خاتىرلەپ ماڭغانلىقىم ئۈچۈن نىمە “ئىشلار”نى قىلغانلىقىمغا قاراپ باقتىم. دېققەت قىلىپ ۋاراقلاپ باقسام، ۋاقىتنىڭ كۆپىنچە قىسمى ئۆزۈمنىڭ شەخسىي ئىشلىرىم ھېسابلىنىدىكەن. نە مىللەتكە، نە ئۈممەتكە بىۋاستە پايدىسى بار “ئىشلار” ئىكەن.

بۇلارنىڭ ئارىسىدىنمۇ يەنىلا “مەن نىمە ئىش قىلالايمەن؟” دېگەننىڭ جاۋابىنى تاپالمىدىم. چۈنكى مەندىن “سەن نىمە ئىش قىلالايسەن؟” دەپ سورايدىغانلارنىڭ يۇقىردا قىلىنغان “ئىشلار”نى سورىمىغانلىقى ماڭا ئاشكارە ئىدى. ئۇنداقتا ئۇلار مەندىن نېمىنى سوراۋاتىدۇ؟ يەنە داۋاملىق ئىزدەشكە باشلىدىم.

مەن نىمە ئىش قىلالايمەن؟ تۇيۇقسىز ئۆزۈمنىڭ ھېچ ئىش قىلالمايدىغانلىقىمنى بىلگەن بولدۇم. چۈنكى ئىش قىلىش ئۈچۈن “ھەقىقەتنى” تاپقان بولىشى، ھېچ بولمىغاندا تاپقاندەك ئىشىنەلىشى كېرەك ئىكەن. ھېچ بولمىغاندا مەن ئۈچۈن شۇنداق ئىدى. شۇنداق قىلىپ جاۋابىنى تاپقاندەك بولدۇم. ئەسلىدە مەن ھېچ بىر “مۇسبەت ئىش” قىلالمايدىكەنمەن. چۈنكى مۇكەممەللىيەتچى ئىدىم. قىلغان ئىشنىڭ توغرا بولىشىغا ئىشەنگەندىلا ئاندىن باشلىيالايتتىم.

بىر ھازا چۈشكۈنلەشكەن بولدۇم. نىمە ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلالمايمەن؟ مەنمۇ باشقىلاردەك “ئىش” قىلسام بولمامدۇ؟ “ئىش”نى قانداق قىلىش كېرەك؟ ۋە ياكى ئىنسان چوقۇم “ئىش” قىلىشى كېرەكمۇ؟ دېگەن يېڭى سوئاللار كاللامنى چىرمىۋالدى.

يەنە دەرھال ئۆزۈمگە قايتتىم ۋە “ئىش”قىلالمايدىغانلىقىمنى تونۇپ يەتكەن بولدۇم. “ئىش” ئۇقۇمىغا بولغان پەرقلىق چۈشەنچە مىنى گاڭگىرتىپ قويغاندەك قىلاتتى. مەن سوئال سورىغۇچىلارنىڭ دەۋاتقان “ئىش” لىرىدىن ھېچ بىرىنى قىلالمايتتىم. بۇ سەۋەبلىك بەلكىم قابىلىيەتسىز، بىكاردىن بىكارغا 23 يىل پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغان، قۇلىدىن پوق كەلمەيدىغان نان قېپى دەپ قارىلىشىممۇ مۇمكىن ئىدى. ئۇلارمۇ ھەقلىق ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەقىقىتىدە مەن ھەقىقەتەن ھېچ ئىش قىلالمايتتىم.

مەن نىمە ئىش قىلالايمەن؟ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچىسىدىن جاۋاپ تېپىشقا تىرىشتىم. ئەگەر سىياسەت ئارقىلىق كۈن كەچۈرۈش ئىش ھېسابلىنىدىغان بولسا مەن ھېچ ئىش قىلالمايدىكەنمەن؛ ئەگەر يېتىپ ياردەم يېيىش، مۇناسىۋەت بىلەن بىر خالتا ئۇننى كۆپ ئېلىۋېلىش ئىش ھېسابلىنىدىغان بولسا مەن ھېچ ئىش قىلالمايدىكەنمەن؛ ئەگەر ۋەتەندىن يۇشۇرۇن پۇل ئەكەلدۈرۈپ، باشقىلارغا خۇددى پۇلى يوقتەك كۆرۈنۈپ، يەنە ھەر ھەپتىدە يېشىشى كاۋاب، قورساق تويغاندا يىغىلىپ تاغدىن باغدىن پاراڭ سوقۇش ئىش ھېسابلىنىدىغان بولسا مەن ھېچ ئىش قىلالمايدىكەنمەن؛ ئەگەر قۇرسىقى توق، ئۆزىنى نامايەن قىلىش ئېھتىياجى بىلەن قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىپ ئارقىسىغا بىر مۇنچە گۇپپاڭچىسىنى سېلىپ يۈرۈش ئىش ھېسابلىنىدىغان بولسا مەن ھېچ ئىش قىلالمايدىكەنمەن.

مىنىڭ قىلالىغان ئىشىم ھەم ئوقۇپ ھەم ئىككى شىركەتتە ئىشلەپ ھېچ بىر يەردىن بىر تىيىن ياردەم ئالماي كۈنۈمنى ئۆزۈمنىڭ ئالغانلىقىم؛ ھېچ بىر كىشىگە بىر تىيىن قەرزىمنىڭ بولمىغانلىقى؛ ۋەتەن بىلەن ئالاقە ئۈزۈلگەن ۋاقىت ئىچىدە مەيلى ئاشكارە بولسۇن، يۇشۇرۇن بولسۇن ۋەتەندىن بىرە تىيىن پۇل ئېلىپ باقمىغانلىقىم؛ بىرە سىياسىي تەشكىلاتنىڭ تەرەپدارى بولۇپ باشقا بىرە جەمئىيەت، تەشكىلاتقا ھۇجۇم قىلمىغانلىقىمدۇر؛

ئەمدى مەندىن “سەن نىمە ئىش قىلالايسەن؟” دەپ سورايدىغانلارغا جاۋابىم شۇ شەكىلدە بولىدۇ.

ئىش قىلىشنىڭ ئۈنۋان، ياش، پۇل بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق. مىنىڭ بىردىن- بىر قىلالىغىنىم ئۆزۈمنىڭ كۈنىنى ئۆزۈمنىڭ ئالغانلىقىم، رەببىمدىن باشقىسىنىڭ “قۇلى”غا ئايلىنىپ قالمىغانلىقىمدۇر. ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلاي دېسەممۇ قولۇمدىن كەلمەيدىكەن. ئەمما سىلەر دەۋاتقان “ئىشلار”نى مەن ھەقىقەتەن قىلالمايدىكەنمەن.

ئىنكاس يازىمەن