بۇرۇنقى ھالىتى تېخىمۇ گۈزەل نەرسە – تېرىڭىزدۇر.

بۇرۇنقى ھالىتى تېخىمۇ گۈزەل نەرسە - تېرىڭىزدۇر.
ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

✒️بۇرۇنقى ھالىتى تېخىمۇ گۈزەل نەرسە – تېرىڭىزدۇر.

 

📚 بەزىدە بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىمىزنى ئەسلەپ ” بۇرۇنقى كۈنلەر نېمىدېگەن گۈزەل- ھە!” دەپ خۇددى پۇرسەت بولغان بولسا شۇ ۋاقىتلارغا قايتىشنى ئىككىلەنمەيلا تاللايدىغاندەك ھېس قىلىمىز. ھەتتا مېنىڭ بىر زامانلاردا بىر ئەسىر بۇرۇنغا قايتىپ ياشاش ئىستىكىممۇ بار ئىدى. ئەگەر قولىمىزغا قەغەز – قەلەمنى ئېلىپ، ئىنچىكىلىك بىلەن بۇرۇن ۋە ھازىر ئېرىشكەن، يوقاتقان نەرسىلەرنىڭ تىزىملىكىنى چىقارساق، ئەقلىي ھالدا قايتىدىن بۇ مەسىلىسىنى ئويلاشساق، “قازاننىڭ قۇلىقى ” نىڭ بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ ئوخشاشلا تۆت ئىكەنلىكىنى/ بولىدىغانلىقىنى بايقىشىمىز مۇمكىن.

    بىزنىڭ تۇنجى ئويلىشىمىزدا بۇرۇننى ناھايىتى ياخشى دەپ ئويلىۋېلىشىمىزنى، كانىماننىڭ ” بىز بۈگۈننى كەلگۈسىدە ئەسلەشنى خالايدىغان شەكىلدە ئەستە ساقلايمىز” دېگەن قارىشى بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولۇشى مۇمكىن. بىز “ھازىر”دا تۇرۇپ بۇرۇننى ئويلىغان ۋاقتىمىزدا، ھازىر ئىلىكىمىزدە بولغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆتمۈشتىمۇ بار دەپ قارىۋېلىش ئاساسىدا، ئۆتمۈشنىڭ ياخشى تەرەپلىرى بىلەن ھازىرنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، بۈگۈننىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قاچىدىغان شالغۇت بىر يولنى تاللايمىز.

    بۇرۇنقى ھاياتقا بولغان ئەقلى بولمىغان ئىنتىلىش ھازىرقى ھاياتتىكى مەلۇم نەرسىلەرگە بولغان زېرىكىشتىن/ قۇتۇلۇش ئارزۇسىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەمما بۇ دېگەنلىك ھازىرنىڭ پۈتۈن نەرسىلىرىدىن زېرىككەنلىك ھەممە نەرسىدىن بىراقلا قۇتۇلۇشنى خالاش دېگەنلىك بولمايدۇ. چۈنكى بۈگۈندە ھايات ئىكەنمىز، بۈگۈننىڭ چەكسىز نۇقتىلىرى ۋۇجۇدىمىزغا سىڭگەن بولىدۇ.

    يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنسان ئادەتنىڭ قۇلىدۇر. ئۆزگىرىش (ھەر قانداق ئۆزگىرىش ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدىغان بولغاچقا، ئىنساننىڭ تەبىئىيىتىدە ئىمكان قەدەر ئاز ئېنېرگىيە سەرپ قىلىش ئارقىلىق ھاياتتا قېلىش خاھىشى بولىدۇ) ئىنسان ئۈچۈن جەلپ قىلارلىق بىر ئىش ھېسابلانمايدۇ. بۇرۇنغا قايتىش بىر خىل ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈننىڭ نۇرغۇن نەرسىسىگە شۇنچىلىك ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىنسان، بۇرۇنغا قايتقاندىكى ئۆزگىرىشتىن بىئارام بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىنمۇ بۇرۇنقى ھالىتى تېخىمۇ گۈزەل نەرسە – بۇرۇنقى ھالەت ئەمەسلىكى چىقىدۇ.

    شۇڭا “بۇرۇنقى ھالىتى گۈزەل بولغان بىردىن- بىر نەرسە – تېرىڭىزدۇر” گە ئوخشاش باشقا پارامېتىرلارنى (مەسىلەن ئىقتىسادىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە روھى ھالەتلەرنى) ھازىرقى ھالەتتە مۇقىملاشتۇرۇپ، پەقەتلا ئۆزىمىز خالايدىغان ئۆزگىرىشچان قىممەتلەرنى (تېرىمىزنى) سېلىشتۇرغان ۋاقىتتا، ئاندىن بىر قەدەر ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدۇ.

    قىسقىسى، بۈگۈن ھەممە ئادەم ئۈچۈن بۇرۇنقى تېرىسىدەكلا گۈزەلدۇر.

   2020/09/18

ئىنكاس يازىمەن