ئەسكەرتىش: ئەسەرنىڭ ئەسلى تەرجىمىسى ئىنگىلىزچە- ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما شەكلىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھۆججەتتە پەقەت ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كۆچۈرۈلۈپ تەييارلاندى. ئىملا، تىنىش بەلگە خاتالىقلىرىنى ئاساسەن تۈزۈتىلمىدى.
بىر ئوقۇرمەننىڭ تەسىراتى:
«ناتونۇش ئايالدىن كەلگەن خەت»- مۇھەببەتنى بەك تۆۋەن كۆرمەڭ!
«مېنىڭ سىزنى سۆيۈشۈم سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.» بۇ دەل يازغۇچى زىۋېگنىڭ «ناتونۇش ئايالدىن كەلگەن خەت» تىكى مۇھەببەت قارىشى. روماندا ۋە كىنودا بۇ ئايال ئۆمۈر بويى پەقەت ئاشۇ ئەر يازغۇچى قوشنىسى ئۈچۈنلا ياشايدۇ. ئۇ ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىدۇ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇنى كۆزىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالسا باشقا ئادەمنى ئەسلا سىغدۇرالمايدۇ.
ھازىر قاراپ باقىدىغان بولساق، بۇنداق مۇھەببەت بەكلا شەخسىيەتچىدەك تۇيۇلىدۇ. بىر قىزغا نىسبەتەن بۇ بەكلا رەھىمسىز، لېكىن مۇھەببەت زىيادە كۈچلۈك بولۇپ، خىيال رېئاللىقتىن غالىب كەلگەندە، بۇنداق مۇھەببەت تېخىمۇ قىممەتلىك، قىزلارغا نىسبەتەن بۇ ئەسەر ئۆزلىرىنى قەدىرلەشنى، ئۆزىنى يوقىتىپ قويماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ناتونۇش ئايالدىن كەلگەن خەت
سىتفان زىۋېىگ (ئاۋىسترىيە)
PDF شەكلىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ ئوقۇيالايسىز
ئاتاقلىق يازغۇچى R تاغ ئارىسىدا قىلغان يېڭى ھاۋا ئالماشتۇرۇش زىيارىتىدىن قاق سەھەردە ۋېناغا قايتىپ كەلگىنىدە، بىر سان گېزىت سېتىۋالدى. گېزىتنىڭ ۋاقتىغا كۆزى چۈشۈشى بىلەنلا بۇ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى ئېسىگە سالدى. بۇ ئۇنىڭ قىرىق بىرىنچى يېشىدى، چاپسانلا كۆڭلىدىن كەچكەن بۇ ئوي ئۇنىڭدا نە خۇشاللىق، نە پۇشايمان ھېسسى ئويغاتمىدى. ئۇ شاراقلاپ تۇرغان گېزىت بەتلىرىگە پەرۋاسىزلىق بىلەن كۆز يۈگۈرتىۋەتكەندىن كېيىن تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە ياندى.
خىزمەتچىسى ئۇنىڭغا، ئۇ ئۆيدە يوق چاغدا، ئىككى مېھماننىڭ كېلىپ كەتكەنلىكىنى، بىرنەچچە كىشىدىن تېلېفون كەلگەنلىكىنى ئېيتتى، ئاندىن يىغىلىپ قالغان خەت ـچەكلەرنى پەتنۇستا ئېلىپ كەلدى. ئۇ خەتلەرگە ئېرەڭسىزلىك بىلەن كۆز تاشلاپ، بىر ـئىككى پارچە خەتنىڭ ئەۋەتكۈچىسىگە قىزىقىپ، لىپاپلارنى ئېچىپ كۆزدىن كەچۈردى. بۇ چاغدا ئۇ نا تونۇش پوچېركا بىلەن ئادرېس يېزىلغان قېلىن بىر پارچە خەتنى قويۇپ تۇردى. شۇ ئارىدا چاي كەلتۈرۈلدى. ئۇ ھۇزۇرلانغان ھالدا كرېسلوغا تاشلىنىپ، گېزىت ـژۇرناللارنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ چىقتى، ئاندىن بىر تال سىگارىت تۇتاشتۇرىۋېلىپ، ھېلىقى خەتنى قولىغا ئالدى.
بۇ ئىككى دۈژنە كېلىدىغان ۋاراقلاردىكى ئىتتىك يېزىلغان ناتونۇش، ئايال كىشىنىڭ پوچېركىسىدەك خەتلەرنى، خەتتىن كۆرە ئەسەر قوليازمىسى دېگەن تۈزۈكرەك ئىدى. ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا، لىپاپىنىڭ ئىچىدە يەنە بىرەر قوشۇمچىسى قالدىمىكىن دېگەندەك تۇتۇپ باقتى. بىراق، لىپاپ قۇرۇق، ئاشۇ ۋاراقلاردىن باشقا نەرسە يوقىدى. لىپاپىدا ياكى خەتنىڭ ئاخىرىدا ئەۋەتكۈچىنىڭ ئادرېسىمۇ، ئىمزاسىمۇ يوقىدى. ئۇ «غەلىتىغۇ» دەپ ئويلىدى ۋە قوليازمىنى قايتا قولىغا ئالدى. ئۈستىدە، ئېچىلىشتىلا شۇنداق سۆزلەر تۇراتتى: «مېنى ئەزەلدىن تونۇمايدىغان سىزگە! ».
ئۇ ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدى. بۇ سۆز ئۇنىڭغا قارىتىلغانمۇ ياكى تەسەۋۋۇرىدىكى بىرسىگە قارىتىلغانمۇ؟ ئۇنىڭ قىزغىنلىقى بىردىنلا ئېشىپ، خەتنىڭ داۋامىنى ئوقۇشقا باشلىدى:
مېنىڭ ئوغلۇم تۈنۈگۈن ئۆلۈپ كەتتى. مەن بۇ گۆدەك، نازۇك جان ئۈچۈن ئەجەل بىلەن ئۈچ كېچە ـكۈندۈز ئېلىشتىم. تارقىلىشچان زوكام ھۇجۇمىدىن قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەندە ئۇنىڭ كارۋىتى يېنىدا توپ ـتوغرا قىرىق سائەت ئولتۇردۇم. سوغۇق داكىنى ئۇنىڭ يېنىۋاتقان پىشانىسىغا قويۇپ، تىنىمسىز كىچىك قوللىرىنى كېچە ـكۈندۈز تۇتۇپ چىقتىم. ئۈچىنچى ئاخشىمىغا كەلگەندە ئۆزەم يىقىلغۇدەك ھالەتكە كەلدىم. كۆزلىرىمنى ئاچالمايتىم، ئاندىن ئىختىيارسىزلا ئۇخلاپ كېتىپتىمەن. مەن قاتتىق ئورۇندۇقتا ئۈچ ياكى تۆرت سائەت ئۇخلىغان بولۇشۇم چوقۇم، ئەنە شۇ چاغدا ئەجەل ئۇنى ئېلىپ كېتىپتۇ. مانا ئۇ، بىچارە، تاتلىق بالا، ئۆزىنىڭ كىچىك كارۋىتىدا ئۆلۈك ياتىدۇ؛ كىمدۇر ئۇنىڭ ئەقىللىق قارا كۆزلىرىنى يۇمدۇرۇپ، قوللىرىنى ئاق، كېچىلىك مايكىسى ئۈستىگە ئېلىپ قويۇپتۇ.
كارۋاتنىڭ تۆرت بۇلۇڭىدا تۆرت تال شام يورۇق يېنىپ تۇرۇپتۇ. قاراشتىن شۈركۈنىمەن، مىدىرلاشتىن قورقىمەن. شامنىڭ لاپىلدىشى بىلەن ئۇنىڭ يۈزى ۋە مەھكەم يۇمۇلغان ئاغزى ئۈستىدىكى كۆلەڭگىلەر لىپىلداپ، خۇددى قوۋۇزلىرى مىدىرلاۋاتقاندەك، گويا ئۇ ئۆلمىگەندەك، ھازىرلا ئويغۇنۇپ، بالىلارغا خاس يۇمشاق، ساپ ئاۋازى بىلەن بىرنېمىلەرنى دەپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىدۇ. بىراق، مەن بىلىمەن، ئۇ ئۆلگەن. يەنە بىر قېتىم ئۈمىدلىنىپ، ئارقىدىنلا يەنە ئۈمىدسىزلىك ئازاۋى تارتماسلىق ئۈچۈن كارۋات تەرەپكە قارىمايمەن. بىلىمەن، بىلىمەن، مېنىڭ ئوغلۇم تۈنۈگۈن تۈگەپ كەتتى. ئەمدى دۇنيادا سىزدىن باشقا ھېچكىمىم قالمىدى، پەقەت سىز –ھەققىمدە ھېچنېمە بىلمەيدىغان سىز –قالدىڭىز. پەقەت سىز –شۇ تاپتا بولار ـبولماس ئادەملەر ۋە ئىشلار بىلەن كۆڭۈل ئېچىۋاتقان سىز –پەقەت سىز –مېنى ئەزەلدىن بىلمەيدىغان، مەن بولسام ھاياتىم بويى سۆيگەن سىز –قالدىڭىز.
مەن بەشىنچى شامنى يېقىپ ۋە شىرەگە قويۇپ، مانا شۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن. يۈرىكىمنى بىرسىگە ئاچماستىن، تۈگەپ كەتكەن ئوغلۇمنىڭ بېشىدا قانداقمۇ تەنھا ئولتۇرالايمەن؟ ھەمدە بۇ قورقۇنۇچلۇق مىنۇتلار ھەققىدە سىزدىن باشقا كىمگە سۆزلىيەلەيمەن؟ سىزدىن –بۇرۇندىن مېنىڭ بارلىغىم بولغان، ھېلىھەم شۇنداق بولۇپ تۇرغان سىزدىن –باشقا كىمگە؟ بەلكىم ئۆزەمنى ئېنىق چۈشەندۈرەلمەسمەن ياكى سىز مېنى چۈشەنمەسسىز. بېشىم بەكلا ئېغىرلىشىپ كەتتى؛ چېكىلىرىم لوقۇلداپ، ئوت چىقىۋاتىدۇ؛ پۇت ـقوللىرىم قاخشاۋاتىدۇ. زوكام بولسام كېرەك. بەلكىم تارقىلۇچان زۇكاممۇ بولغاندۇرمەن. ھازىر تارقىلۇچان زوكام ئۆيمۇ ـئۆي كەزمەكتە. شۇنداق بولغان بولسام ياخشىدىغۇ، مەنمۇ ئوغلۇم بىلەن كېتەتتىم ـدە، ئۆزەمنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا ھاجەت قالمايتى. بەزىدە كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ. بەلكىم بۇ خەتنى يېزىپ بولالماسمەن. قەدىرلىكىم، ئەمما مەن پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ، سىز بىلەن–ئەزەلدىن مېنى تونىمايدىغان سىز بىلەن مۇشۇ بىر قېتىم، دەل مۇشۇ بىر قېتىم سۆزلەشمەكچىمەن.
سىز بىلەن تەنھا سۆزلىشىپ، سىزگە تۇنجى قېتىم ھەممە ئىشنى ئېيتماقچىمەن. سىز مېنىڭ پۈتۈن ھاياتىم ھەققىدە بىلىشىڭىز كېرەك. ئۇ (ھاياتىم) ھەرقاچان سىزگە مەنسۇپ بولۇپ كەلدى، سىز بولسىڭىز ئۇنىڭ ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمەي كەلدىڭىز. لېكىن سىز مېنىڭ سىرىمنى پەقەت مەن ئۆلگەندە بىلىدىغان بولدىڭىز؛ جاۋاپ بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمىغان چاغدا بىلىدىغان بولدىڭىز؛ پۇت ـقوللىرىمنىڭ دەم قىزىپ، دەم مۇزلاپ تۇرىشى ھەقىقەتەنمۇ تۈگەۋاتقانلىقىمدۇر. ئەگەر مەن جەزمەن ياشايدىغان بولسام ئىدى، بۇ خەتنى يىرتىپ تاشلاپ، خۇددى بۇرۇنقىدەكلا ئۈنچىقماستىن يۈرىۋەرگەن بولاتتىم. بىراق، بۇ خەتنى قولىڭىزغا ئالغىنىڭىزدا، بىلىڭكى، ئۆلگەن بىر ئايال سىزگە ھايات ھىكايىسىنى، بارلىق ئويغاق سائەتلىرىنىڭ ھەممىسى سىزگە مەنسۇپ بولغان ھاياتنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەۋاتقىنىنى بىلىسىز. سۆزلىرىمدىن قورقۇپ كەتمەڭ. ئۆلگەن ئايالنىڭ ئارتۇقچە تەلىپى بولمايدۇ: سۆيگۈ، ھىسسىداشلىق، تەسەللىگە ئىھتىياجى يوق. مېنىڭ بىرلا تەلىپىم بار، دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىگە، سىزگە ئاشكارە بولغان دەرد ـئەلەملىك قەلبىمنىڭ ساداسىغا ئىشەنگەيسىز. كشى ئۆزىنىڭ يالغۇزبالىسى ئۆلۈپ ياتقان كارۋات بېشىدا ئولتۇرۇپ يالغان ئېيتمايدۇ، ھەربىر سۆزۈمگە ئىشەنگەيسىز، بۇنىڭدىن باشقا ھېچ تەلىپىم يوق.
مەن سىزگە پۈتۈن ھاياتىمنى، سىزنى بىرىنچى قېتىم بىلگىنىمدىن كېيىن ھەقىقىي تۈردە باشلانغان ھاياتىمنى بايان قىلىمەن. ئۇندىن بۇرۇنقى ھەممە نەرسە ئاددىي، خۇنۇك، قالايمىقان، خۇددى چاڭ ـتوزاڭ باسقان، ئادەم ۋە نەرسە ـكېرەكلەر تولغان، ئۈستىنى ئۆمۈچۈك تورى قاپلاپ كەتكەن گەمىگە ئوخشاش كەچمىشىمنى ھېچ خاتىرىلىيەلمەيمەن، ئۇنى قەلبىممۇ تونىماس بولغان. سىز مېنىڭ ھاياتىمغا كىرىپ كەلگىنىڭىزدە مەن ئون ئۈچ ياشتا ئىدىم ۋە سىز ھازىر تۇرىۋاتقان بىنادا –سىز مېنىڭ مۇشۇ (ئاخىرقى نەپىسىمدىكى) خېتىمنى تۇتۇپ تۇرغان بىنادا؛ بىر قەۋەتتە، يەنە كېلىپ، ئىشىكلىرى ئۇدۇلمۇ ـئۇدۇل قارىشىپ تۇرغان ئۆيدە ياشايتۇق. سىز بىزنى، ئاشۇ بوغالتىردىن تۇل قالغان بىچارە ئايال (ئۇ ھەمىشە قارىلىق كىيىپ يۈرەتتى) بىلەن ئۇنىڭ ۋىجىككىنە نارېسىدە قىزىنى پەقەتلا ئەسلىيەلمىسىڭىز كېرەك، چۈنكى بىز ئۇششاق بۇرژۇئازىيىچە يوقسۇللۇقىمىز ئىچىگە پېتىپ جىم ـجىت ياشايتۇق.
ئىشكىمىز بېشىدا نام ـنىشان تاختىمىزمۇ يوق، بىزگە مىھمانغا كېلىدىغانلارمۇ، بىزنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلارمۇ يوق بولغاچقا بەلكىم سىز بىزنىڭ ئىسىم ـپەمىلىمىزنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان بولسىڭىز كېرەك. بۇلارمۇ ئۇزاق زامان بولغان، ئونبەش، ئونئالتە يىل ئاۋالقى ئىشلار. سىز ھەقىقەتەنمۇ بۇلارنى ئەسلىيەلمەيسىز، قەدىرلىكىم. ئەمما مەن، ئىھ، مەن ھەممە ئۇششاق تەپسىلاتلارغىچە ئەسلىيەلەيمەن. بىرىنچى قېتىم سىز توغرۇلۇق ئاڭلىغىنىم، بىرىنچى قېتىم كۆرگىنىم. نېمىشكە خاتىرەمدە بولمىسۇن، بۇ مەن ئۈچۈن دۇنيانىڭ باشلىنىشى تۇرسا. سەۋرى قىلىڭ، قەدىرلىكىم، سىزگە ھەممىنى دېمەكچىمەن،ھەممىنى بېشىدىن تارتىپ دېمەكچىمەن. بىردەملىك ئۈچۈن ئاڭلاشتىن زېرىكىپ كەتمەڭ، سىزدىن ئۆتۈنىمەن. مەنمۇ سىزنى ھاياتىم بويى ياخشى كۆرۈشتىن زېرىكمىگەنمەن.
بىنامىزغا سىز كۆچۈپ كىرىشتىن ئىلگىرى، سىز ئولتۇرغان ئۆيدە ئىپلاس، جىدەلخور، ۋەھشىي بىر ئادەم ئولتۇراتتى. ئۇلار نامرات ئىدى، ئۇلار بىزگە ئوخشاش بەكرەك نامرات قوشنىلىرىغا ئۆلگىدەك ئۆچ ئىدى. چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ چۈشكۈنلەشكەن، تۆۋەن تەبىقە قوپاللىقى بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى خاھلىمايتۇق. ئېرى ھاراقكەش بولۇپ، خويۇنىنى ئۇراتتى. ھەمىشە كېچىلىرى ئۈستەللەرنىڭ ئۆرۈلىشى، تەخسىلەرنىڭ سۇنغان ئاۋازلىرى بىزنى ئويغۇتىۋېتەتتى. بىر قېتىم، ئايال باش ـكۆزى يېرىلغۇچە تاياق يەپ، چاچلىرى چۇۋۇلغان ھالدا پەسكە قاراپ قاچقان، ھاراقكەش ئېرى تاكى كىشىلەر ئۆيلىرىدىن ساقچى چاقىرىمىز دەپ قورقۇتقانغىچە ئارقىسىدىن قوغلىغان ئىدى. ئاپام باشتىن تارتىپلا ئۇلار بىلەن باردى ـكەلدى قىلىشتىن ئىھتىيات قىلغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن ئوينىشىمنى چەكلەيتى. شۇڭا ئۇلار ھە دېسىلا دەردىنى مېنىڭدىن ئالاتتى، ئەگەر كوچىدا ئۇچرىشىپ قالساق ئارقامدىن ئەپسانە گەپلەرنى دەپ توۋلايتى. ھەتتا بىر قېتىم قاتتىق قار كومىلىچىنى ئېتىپ پىشانەمنى قانىتىۋەتكەنىدى.
پۈتۈن بىنادىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى يامان كۆرەتتى. مەلۇم بىر ئىش يۈز بېرىپ: (بىلىشىمچە، ھاراقكەش ئەر ئوغۇرلۇق قىلىپ، تۈرمىگە قامالغان ئىدى)، ئۇلار تۇيۇقسىزلا لاقا ـلۇقىسىنى ئېلىپ كۆزدىن يۈتتى، كىشىلەرمۇ يېنىك نەپەس ئالدى. «ئىجارە بېرىلىدۇ» دەپ يېزىلغان تاختا ئالدى ئىشىككە بىرنەچچە كۈن ئېسىپ قويۇلغاندىن كېيىن ئېلىۋېتىلدى، باشقۇرغۇچىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بىر يازغۇچى، سىپايە بويتاق مۇشۇ ئۆينى ئىجارە ئالىدىغان بوپتۇ. شۇ چاغدا مەن سىزنىڭ نامىڭىزنى بىرىنچى قېتىم ئاڭلىغان ئىدىم.
بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن سىرچى، تازىلىغۇچى ۋە گىلەم سالغۇچىلار كېلىپ، ئىلگىرى ئولتۇرغانلاردىن قالغان پاسكىنىچىلىقلارنى ئېرىغداشقا باشلىدى. بىنادىن تاراق ـتۇرۇق ئاۋازلار، بولقا ئاۋازى، پول سۈرتكەن، تام قىرغان ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى، ئاپام بولسا بەك خوشال ئىدى، بۇ تاراقلاشلار ئۆتكۈنچى ئىدى. مەن سىزنى ھەتتا ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىنمۇ كۆرەلمىدىم. ھەممە ئىش سېنىڭ خىزمەتكارىڭنىڭ باشچىلىقىدا قىلىناتتى. پاكار بويلۇق، جىددىي قىياپەتلىك، كۈلرەڭ چاچلىق بۇ ئەپەندىم بارلىق ئىشلارغا پەس ئاۋازدا سىستېمىلىق كۆرسەتمىلەر بېرىپ تۇراتتى. ئۇ بىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، چۈنكى، بىرىنچىدىن بىزنىڭ شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان مەھەللىمىزدە مۇلازىمنىڭ پەيدا بولىشى قانداقتۇر ئېسىلزادىلىكتىن بىشارەت بېرەتتى، ئۇندىن باشقا ئۇ ئۆزىمۇ ھەممە كىشىگە بەكمۇ ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلاتتى، ئۇ ئۆزىنى خىزمەتكاردەك تۇتمايتى، ھەمدە ھەممىگە تونۇش سۆز ـچۆچەكلەرگىمۇ ئورۇن قالدۇرمايتى.
ئۇ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپلا ئاپامغا خۇددى ئېسىلزادە خېنىملارغا مۇئامىلە قىلغاندەك ئىززەت ـھۆرمەت بىلەن مۇراجەت قىلدى ھەتتا مەندەك بىر كىچىك قىزغىمۇ ھەمىشە دوستانە ۋە مۇلايىملىق بىلەن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇنىڭ سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ھۆرمەت ـئىھتىرام بىلەن تىلغا ئېلىشىدىنلا، ئىككىڭىزنىڭ مۇناسىۋىتى مۇناسىۋىتى ئادەتتىكى خوجايىن ۋە خىزمەتكار مۇناسىۋىتىدىن كۆپ ئۇزاپ كەتكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. بۇ ئاقكۆڭۈل بوۋاي جون دائىم سىزنىڭ يېنىڭىزدا تۇرالىشى، دائىم سىزنى كۈتەلەيدىغانلىقى بىلەن مېنىڭ قەلبىمدە يوشۇرۇن ھەسەت تۇغدۇراتتى، ئۇنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم.
مېنىڭ نەقەدەر تارتىنچاق، يۈرەكسىز قىز ئىكەنلىكىمنى ۋە سىزنىڭ ئۇنى ئىلكىگە ئېلىۋالغان بىر كۈچ ئىكەنلىكىڭىزنى باشتىن تارتىپ چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سىزگە ئېيتىپ بېرەي، قەدىرلىكىم، بۇ ئۇششاق ـچۈششەك ئەخمىقانە ئىشلارنى سىزگە بىرمۇ ـبىر ئېيتىپ بېرەي.
ھەتتا سىز تېخى رەسمىي تۈردە مېنىڭ ھاياتىمغا سىڭىپ كىرمەيتۇرۇپلا، بىر سىرلىقلىق بارىدى. شەھەر ئەتراپىدىكى بۇ كىچىك بىنادا ھەممە ئادەم سەۋرىسىزلىك بىلەن سىزنىڭ كۆچۈپ كىرىشىڭىزنى كۈتتى تار ماكاندا ياشىغۇچى ھەرقانداق كىشى يېڭى قوشنىسىغا قىزىقىدۇ، مەن سىزگە بولغان بۇ قىزىقىشنى، بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ، بىنا ئالدىدا ئۆي جاھازلىرى باسقان يۈك ماشىنىسىنى كۆرگىنىمدە تۇنجى قېتىم ھىس قىلغانىدىم. ھامماللار كۆپ ساندىكى ئېغىر جاھازلارنى توشۇپ بولغان ۋە ئەمدى ئازراق ئۇششاق نەرسىلەرنى توشۇۋاتاتتى. مەن ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان غەلىتە، باشقىچە نەرسىلەرنى قىزىقىپ كۆردۈم. ھىندىستاننىڭ بۇتلىرى، ئىتالىيىنىڭ ئويمىلىرى، كۆركەم رەڭلىرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چوڭ مايبوياق رەسىملەر ۋە كېيىن ئېلىپ كېلىنگەن بىرمۇنچە كىتاپلار شۇنچە كۆپ، شۇنچە چىرايلىق ئىدى، مەن بۇلارنىڭ مۈمكىنچىلىكىگە ئىشىنەلمەيلا قالغان ئىدىم. خىزمەتكارىڭىز بۇ كىتاپلارنىڭ چاڭلىرىنى پەي قاققۇچ بىلەن بىرمۇ ـبىر قېقىپ، ئىھتىيات بىلەن ئىشىك ئالدىغا تىزىۋاتاتتى. مەن بارغانسېرى ئىگىزلەۋاتقان كىتاپ دۆۋىسىنى ئىھتىيات بىلەن ئايلىنىپ كۆرۈشكە باشلىدىم،خىزمەتكارىڭىز مېنى قوغلىۋەتمىدى ھەم يېقىنراق كېلىشىمگىمۇ ئىجازەت بەرمىدى. يۇمشاق تېرە بىلەن قاپلانغان كىتاپ مۇقاۋىلىرىنى سىلاپ باققىم بولسىمۇ، تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. مەن قورۇنغان ھالدا كىتاپلارنىڭ ئىسىملىرىغا قاراشقا باشلىدىم؛ بۇلارنىڭ ئارىسىدا فىرانسۇزچە، ئېنگىلىزچە كىتاپلار بارىدى ھەم مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن تىللاردىكى كىتاپلار بارىدى. شۇنىسى ئېنىق ئىدىكى، ئاپام چاقىرىپ قالمىغان بولسا، مەن بۇ يەردە كۈن بويى قاراپ تۇرىۋەرگەن بولاتتىم.
تېخى سىزنى بىلمەيدىغان بولساممۇ، پۈتۈن چۈشتىن كېيىن سىزدىن باشقا ھېچنېمە ئويلۇمۇدۇم. مېنىڭ پەقەت قاتتىق قەغەزدە مۇقاۋىلانغان، ئەرزان باھالىق ئوننەچچە پارچە كىتاۋىم بارىدى، ئۇلارنى ھېچنېمىگە تەڭ قىلمايتىم ۋە قايتا ـقايتا ئوقۇيتىم. ئاشۇ سەرخىل كىتاپلارنىڭ ئىگىسى بولغان ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ بولغان، شۇنداقلا شۇنچە كۆپ تىل بىلىدىغان، شۇنچە باي ھەم بىلىملىك بۇ كىشىگە قىزىقىپ قالدىم. بۇ كىتاپلار مەندە بىر خىل دەرىجىدىن تاشقىرى ھېيىقىش ھىسسىياتى تۇغدۇردى. مەن سىزنىڭ تەققى ـتۇرقىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئۇرۇندۇم. سىز مېنىڭ كۆز ئالدىمغا بىزنىڭ جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىمىزغا ئوخشاش ئاپپاق ئۇزۇن ساقاللىق، كۆزەينەك تاقىغان قېرى ئەپەندى سىياقىدا كېلەتتىڭىز، پەقەت تېخىمۇ مۇلايىم، چىرايلىق، نازاكەتلىك بولسىڭىز كېرەك. سىز مېنىڭ شۇ چاغدىكى تەسەۋۋۇرۇمدا قېرى چال تۇرۇقلۇق، نېمىشقا سىزنى تولۇق ئىشەنچ بىلەن چىرايلىق دەپ كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگەنلىكىمنى بىلمەيمەن. گەرچە تېخى سىزنى كۆرمىگەن بولساممۇ، شۇ كۈنى كېچىسى تۇنجى قېتىم سىزنى چۈشىدىم.
ئىككىنچى كۈنى كۆچۈپ كىردىڭىز، بىراق، پۈتۈن ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ پايلىغىنىمغا قارىماي، سىزنى كۆرەلمىدىم، بۇ بولسا مېنىڭ قىزىقىشىمنى تېخىمۇ ئاشۇردى. ئاخىرى، ئۈچىنچى كۈنى، مېنىڭ بالىلىق تەسەۋۋۇرۇمدىكى بوۋاينىڭ ئوبرازىغا قىلچە يېقىن كەلمەيدىغان ئوخشىماسلىقنى بايقاشقا نېسىپ بولدى. تەسەۋۋۇرۇمدىكىسى كۆزەينەكلىك، سىپايە، قېرى كىشى بولغان بولسا، سىز –جاغدا بولغىنىڭىز ئۈچۈن بۈگۈنمۇ شۇ پېتى تۇردىڭىز –ئاچ جىگەررەڭ سپورت كىيىمى كىيىۋالغان ئىدىڭىز ۋە ئۆزگىچە يېنىكلىك، ئەركىن ھەم بالىلارچە تېتىكلىكىڭىزنى نامايان قىلىپ، يوقۇرىغا چىقىشتا دائىم ئىككى پەللەمپەينى بىر ئاتلايتىڭىز. سىز شىلەپىڭىزنى قولىڭىزغا ئېلىۋالغاچقا، جانلىق ئىپادىلىك، نۇر يېغىپ تۇرىدىغان يۈزىڭىزنى، ياشلارغا خاس پارقىراپ تۇرغان چېچىڭىزنى بىر قاراشتىلا بايقاپ، ھەيرانلىقىمنى يوشۇرالماي قالدىم. سىزنىڭ شۇنچە ياش، چىرايلىق، چەبدەس ۋە زىلۋا بوي ـتۇرقىڭىز مېنى ھەقىقەتەنمۇ چۆچۈتىۋەتتى.
ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسكى، شۇ دەسلەپكى مىنۇتلاردىلا سىزنىڭ ئۆزگىچە خۇسۇسىيەتلىرىڭىزنى سېزىۋالدىم، مەنلا ئەمەس، سىز بىلەن تونۇشىدىغان ھەركىم سىزنىڭ ئىككى خىل خىسلەتكە ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى، يەنى بىر قارىماققا يەڭگىل، ئويۇنچى، غەيرى نەرسىلەرگە قىزىقىدىغان ياش بالا ئىكەنلىكىڭىزنى؛ يەنە بىر جەھەتتە بولسا ئۆزىڭىز شۇغۇللىنىۋاتقان سەنئەتتە تەڭداشسىز، قەتئىي، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان، ئىنتايىن بىلىملىك، سالاپەتلىك كىشى ئىكەنلىكىڭىزنى سېزەتتى. ئەينى ۋاقتىتتا مەن ئاڭسىز يوسۇندا سىزنىڭ ھەر بىر ئادەمگە شۇنداق تەسىرات قالدۇرىدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلغانىدىم. سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدا شۇنداق ئىككى تەرەپ بارىدى: بىرى تاشقى دۇنيا ئۈچۈن ھىس قىلىنىدىغان ئوچۇق تەرەپ، يەنە بىرى ئۆزىڭىزگىلا مەلۇم بولغان قاراڭغۇ تەرەپ. بۇنداق چوڭقۇر يوشۇرۇنغان ئىككى ياقلىمىلىق سىزنىڭ ھايات سىرىڭىز بولسىمۇ، ئەمما مەندەك بىر ئون ئۈ ياشلىق كىچىك بۇ ئىككى خىللىقنى بىر قاراشتىلا بايقىۋېلىپ، خۇددى سېھىرلەنگەندەك سىزگە ئەسىر بولۇپ قالغان ئىدىم.
ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنىڭ ماڭا ئوخشاش بىر قىزچاق ئۈچۈن چۈشەنگۈسىز مۆجىزە، نەقەدەر مەپتۇن قىلارلىق سىر ئىكەنلىكىڭىزنى ئەمدى بىلگەنسىز، قەدىرلىگىم؟ مەن سىزنىڭ نۇرغۇن كىتاپلارنى يازغان، باشقا بىر دۇنيادا شان ـشۆھرىتى كۆزگە كۆرۈنگەن، كۆپچىلىك ھۆرمەتلەيدىغان يىگىرمە بەش ياشلىق خۇشخۇي، بەرنا يىگىت ئىكەنلىكىڭىزنى تۇيۇقسىزلا بايقىغان ئىدىم! نېمىسىنى ئېيتاي، شۇ كۈندىن باشلاپ، بىزنىڭ بۇ بىنادىكى بىچارىلارچە ئۆتكەن پۈتكۈل بالىلىق ھاياتىمدا سىزدىن باشقا ھېچنەرسە مېنىڭ ئىشتىياقىمنى قوزغىمىدى، مەن كىچىك قىزلارنىڭ تەنتەكلىكى، تېگىگە يەتمەي قويماسلىقتەك تەرسالىقى بىلەن پەقەت سىزنىڭ ھاياتىڭىزغا، پەقەت سىزنىڭ مەۋجۇتلىقىڭىزغىلا قىزىقاتتىم. مەن سىزنى، يۈرۈش ـتۇرىشىڭىزنى ۋە سىزنى يوقلاپ كەلگۈچىلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتەتتىم، سىزنى يوقلاپ كەلگۈچىلەرنىڭ خىلمۇ ىىللىقى سىزنىڭ خاراكتېرىڭىزدىكى ئىككى خىللىقنى ئىسپاتلىغاچقا، بۇلار مېنىڭ قىزىقىشلىرىمنى بوشاشتۇرماقنىڭ ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەيتەتتى.
سىزنىڭ دوستلىرىڭىز كېلەتتى، –بەزىدە بىر توپ ياش يىگىتلەر سىز ئۇلار بىلەن روھلۇق كەيپىيات بىلەن كۈلىشەتتىڭلار؛ بەزىدە رەزگى كېيىنگەن ئوقۇغۇچىلار؛ ئاندىن بەزەن خانىملار ماشىنا بىلەن كېلىشەتتى؛ بىر قېتىم ھەتتا ئوپېرا ئۆمىگىنىڭ دىرېكتورى، كاتتا دىرىژور كەلگەنىدى، مەن ئۇنى بۇرۇن سەھنىدىكى ئورنىدا يىراقتىن كۆرگەن ئىدىم. يەنە سودا مەكتىۋىدە ئوقۇۋاتقان بىرمۇنچە قىزلار كېلەتتى، ئۇلار ئىزا تارتىشىپ غىپلا قىلىپ كىرىپ كېتەتتى. كېلىدىغان خوتۇن ـقىزلار ئىنتايىن، ئىنتايىن كۆپ ئىدى. مەن بۇنىڭدىن ھېچبىر غەلىتىلىك ھېس قىلمايتىم. ھەتتا بىركۈنى ئەتتىگەندە مەكتەپكە ماڭغان چېغىمدا، يۈزىگە قېلىن چۈمبەل تارتقان بىر خانىم سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىن چىقىپ كەلدى، بۇمۇ ماڭا غەلىتە تۇيۇلمىغان ئىدى. نېمىشكە دېسىڭىز مەن ئۇ چاغدا پەقەت ئون ئۈچ ياشتا بولغاچقا، بۇنداق قىزىقىش، ھەۋەسنىڭ دەل مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيتىم.
قەدىرلىكىم، مەن سىزنى پۈتۈنلەي ياخشى كۆرۈپ قالغان،سىزگە ئەبىدىيلىك ئاشىق بولۇپ قالغان ئاشۇ كۈن، ئاشۇ سائەت ھېلىھەم ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ: شۇ كۈنى مەن بىر قىز ساۋاقدىشىم بىلەن بىردەم ئايلىنىپ كەلگەندىن كېيىن دەرۋازا ئالدىدا پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قالدۇق. شۇ ئەسنادا بىر كىچىك ماشىنا كېلىپ توختىدى. شۇ چاغدا ماشىنىدىن جىددىي ۋە تاقەتسىزلىك بىلەن ئەپچىل سەكرەپ چۈشكەن ھالىتىڭىز ھازىرمۇ قەلبىمنى لەرزىگە سالىدۇ. سىز ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن مەن ئىختىيارسىز ھالدا دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىمەن دەپ سىزنىڭ يولىڭىزنى توسىۋالغاچقا، ئىككىمىز سوقۇلۇپ كەتكىلى تاس قالدۇق. سىز شۇ چاغ نۇرلۇق، مۇلايىم، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن تولغان كۆزلىرىڭىز بىلەن ماڭا قاراپ كۆيۈنگەندەك كۈلۈپ قويغىنىڭىزنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. پەقەت ئىچكىي ھاياجاننى ئىپادىلىگۈچى كۈلۈمسىرەش بىلەن، بەكمۇ سىلىق، ئىنتايىن يېقىملىق تاۋۇش بىلەن: «كۆپ رەخمەت، كىچىك خېنىم» دېگىنىڭىزنىلا ئېيتالايمەن.
پۈتۈن جەريان مانا شۇنداق، قەدىرلىكىم، لېكىن كۆزۈم سىزنىڭ مۇلايىملىق يېغىپ تۇرغان كۆز نۇرىڭىز بىلەن ئۇچراشقاندىن تارتىپ سىزگە ئەسىر بولۇپ قالدىم. كۆپ ئۆتمەي، سىزنىڭ بۇ كۆز نۇرىڭىز قارشى تەرەپنى قۇچاغلاپ، ئۆز يېنىغا تارتقاندەك، كىشىنىڭ جاسارىتىنىمۇ يوقۇتىۋېتىدىغانلىقىنى بايقىدىم. بۇ ھىسسىيات بىلەن تولغان، يۈرەكنى لەرزىگە سالىدىغان تۇغما كۆز نۇرى ئىدى.
سىز دۇكانلاردىكى ساتقۇچى ئاياللارغا، سىزگە ئىشىك ئېچىپ بەرگەن ھەر بىر ئايال خىزمەتچىگە ۋە يېنىڭىزدىن ئۆتكەن ھەر بىر ئايالغا ئاشۇنداق نەزەر تاشلايسىز، بۇنداق كۆز نۇرى سىزنىڭ جىسمىڭىزدا مۇھەببەت ۋە ھىسسىيات پەيدا بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيتى، بەلكى سىزنىڭ ئاياللارغا بولغان مۇلايىملىقىڭىز، سىزنى ئۇلارنى كۆرۈش بىلەنلا كۆز نۇرىڭىزنى ئىختىيارسىز يېقىملىق قىلىشقا ئۈندەيدۇ. لېكىن مەن كىچىك بولغاچقا بۇنى نەدىن بىلەي، سىزنىڭ بايىقى تاتلىققىنا كۈلۈمسىرىشىڭىزنى ماڭىلا، پەقەت ماڭىلا قارىتىلغان دەپ ئويلاپتىمەن. شۇڭا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بولغان مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئىچىدە مەندەك بىر نارېسىدە بىردىنلا ئايالغا، مەڭگۈ سىزگە مەنسۇپ بولغان ئايالغا ئايلاندىم. ‹كىم بۇ؟›دەپ سورىدى قىز ساۋاقدىشىم. مەن دەرھال جاۋاپ بېرەلمەي قالدىم. سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئاغزىمدىن چىقىرالمىدىم. مۇشۇ سېكوند ئىچىدە، مۇشۇ بىردىن بىر سېكوند ئىچىدە سىزنىڭ ئىسمىڭىز يۈرىكىمنىڭ قېتىدىكى تەڭداشسىز ۋە مۇقەددەس ئىچ سىرىمغا ئايلاندى.
»بىزنىڭ بىنادا ئولتۇرىدىغان بىرسى بولمامدۇ»، –دېدىم ئاغزىم گەپكە كەلمەي كېكەچلەپ.—خوش، ئەمىسە نېمىشقا ئۇ بىر قاراپ قويسا قىزىرىپ كېتىسەن؟ –دېدى ئۇ يوقىلاڭ ئىشلارغا ئارىلىشىۋالدىغان قىزلارنىڭ ئادىتى بويىچە مەسخىرە ۋە تەنە قىلىپ. ئۇنىڭ مەسخىرىسى خۇددى كۆڭلۈمدىكى سىرىمنى ئېچىۋەتكەندەك تۇيۇلۇپ، قېنىم يۈزۈمگە ئۇرغۇدى. مەن ئوڭايسىزلانغىنىمدىن ئۇنى بوغۇۋەتكۈدەك يەرگە يېتىپ، «كالۋا» دەپ زەردەم بىلەن دوق قىلدىم. لېكىن ئۇ تېخىمۇ كۈلۈپ، ئەزۋەيلىگەن ھالدا مەسخىرە قىلىۋەردى. ئاخىرى غەزەپتىن كۆزلىرىمگە ياش تولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولماي يۈگۈرگەنچە يوقۇرىغا چىقىپ كەتتىم.
مۇشۇ سېكوندتىن باشلاپ مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. ئاياللارنىڭ سىزدەك ئەركە يىگىتلەرگە دائىم مۇشۇ سۆزنى دەيدىغانلىقىنى بىلىمەن. لېكىن ئىشىنىڭكى، ھېچقانداق ئايال سىزنى ماڭا ئوخشاش قۇللارچە، ئىتتەك ساداقەت بىلەن جانۋارلارچە ياخشى كۆرگەن ئەمەس، ھېلىھەم شۇنداق. دۇنيادا ھېچقانداق نەرسە كىچىك قىزنىڭ كۆرۈنمەس، يوشۇرۇن مۇھەببىتىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ، چۈنكى، بۇ تاماسىز، سەبى، قۇللارچە ئىتائەتمەن، ھارارەتلىك مۇھەببەت بولۇپ، بالاغەتكە يەتكەن ئاياللارنىڭ ئاچكۆز، ئاڭلىق تاماخور مۇھەببىتىگە زادى ئوخشىمايدۇ. پەقەت غېرىپ بالىلارلا بارلىق قىزغىن ھېسسىياتىنى يىغالايدۇ. باشقا كىشىلەر ئىختىمائىي ئالاقە جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببىتىنى قالايمىقان سەرپ قىلىپ تۈگىتىۋېتىدۇ:
ئۇلار دائىم مۇھەببەت ھەققىدە پاراڭ ئاڭلايدۇ، مۇھەببەت ھەققىدە يېزىلغانلارنى ئوقۇيدۇ، ئۇلار مۇھەببەتنىڭ ھەممە ئادەمنىڭ تەقدىرىدە ئورتاق دۇچ كېلىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئادەتتە مۇھەببەتنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرىدۇ. ئۇلار گويا ئوغۇل بالىلار بىرىنچى تال تاماكىنى چەككەنلىكى بىلەن كۆرەڭلىگەندەك، ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرىنى كۆز ـكۆز قىلىشىدۇ. ئەمما، مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتىپ بەرگۈدەك كىشىممۇ يوق ئىدى. ماڭا يول كۆرسىتىدىغان، مېنى ئاگاھلاندۇرىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى؛ مەن قىلچىلىك تەجرىبەممۇ يوق، شۈبھە ـئىھتىياتمۇ قىلماستىن قىسمىتىم چوڭقۇرلىقىغا بېشىمچىلا كىرىپ كەتتىم. قەلبىمدە ھەممە ئىش ھەمدە چۈشۈممۇ سىزگە بولغان ئىشەنچنى مەركەز قىلىپ كۆكلەيتى. دادام ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەچكە، ئاپامنىڭ كۈنبويى دىلى سۇنۇق، چىرايى تۇتۇق، چەكسىز، ئېغىر خاپىغانلىقى ۋە نەپىقە پۇلىدىن ئەنسىرەپلا يۇرىشى بىلەن ماڭا خۇددى يات كىشىدەكلا ئىدى. ئاز ـتولا يولدىن چىققان ئوقۇغۇچى قىزلارنىڭ مۇقەددەس تۇيغۇلىرىم بولغان مۇھەببەتنى ئەخلاقسىزلىق بىلەن ئويۇنچۇق قىلىۋېلىشى مېنى سەسكەندۈرەتتى. بۇرۇنقى چېچىلىپ كەتكەن بارلىق ھېسسىياتىمنى –مەركەزلەشتۈرۈپ، تاقەتسىز رەۋىشتە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان خۇلقۇمنى سىزگە قاراتتىم. سىز مېنىڭ (نېمە دەپ تەرىپلىسەم بولىدىكىن؟ ھېچ ئوخشىتىش يېتەرلىك ئەمەس) ھەقىقەتەنمۇ بارلىقىم، پۈتۈن ھاياتىم ئىدىڭىز.
سىزگە مۇناسىۋەتلىك بولماستىن ھېچنەرسە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايتى. مېنىڭ بارلىق مەۋجۇدىيىتىممۇ سىز بىلەن باغلانغاندىلا ئاندىن ھېس قىلىناتتى. سىز مېنىڭ پۈتۈن ھاياتىمنى ئۆزگەرتىۋەتتىڭىز. بۇرۇن مېنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇشۇم ياخشىمۇ ئەمەس، يامانمۇ ئەمەس، نورمال ئىدى، ھازىر بىر سەكرەپلا پۈتۈن سىنىپ بويىچە بىرىچى بولۇپ قالدىم؛ مەن تەشنالىق بىلەن نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇۋەتتىم. دائىم يېرىم كېچىگىچە ئوقۇيتۇم. بىلەتتىمكى، سىز كىتاپنى ياخشى كۆرەتتىڭىز. مەن بىردىنلا قەيسەرلىك بىلەن پىئانىنو چېلىش مەشقىنى باشلاپ، ئاپامنى بەكمۇ ھەيران قالدۇرىۋەتتىم، چۈنكى سىزنى مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدۇ، دەپ ئويلايتىم؛ سىزنىڭ زوقىڭىزنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن كىيىملىرىمنى دائىم تۈزەپ، دەزماللاپ، پاكىز يۈرىدىغان بولدۇم. مەن كونا ئوقۇغۇچىلىق ساراپانىم (ئۇ ئاپامنىڭ كىيىمىنى ئۆزگەرتىپ تىكىلگەن ئىدى) نىڭ سول تەرىپىدىكى تۆرت چاسا ياماقتىن بىزار بولاتتىم. مەن سىزنى مۇشۇ ياماقنى كۆرۈپ قېلىپ مېنى ياراتماي قويمىسۇن، دەپ دائىم پەللەمپەيدىن چىققۇچە سومكام بىلەن شۇ يەرنى توسۇۋالاتتىم ۋە بۇ ياماقنى كۆرۈپ قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەپ، قورققىنىمدىن تىترەپ كېتەتتىم. لېكىن بۇ نەقەدەر ساددىلىق ئىدى ـھە! سىز شۇ قېتىمدىن باشقا بىر قېتىممۇ ماڭا تىكىلىپ قاراپ قويمىدىڭىز.
لېكىن مەنچۇ، مەن كۈن بويى ھېچ ئىش قىلماي سىزنى كۈتەتتىم. سىزنىڭ ھەربىر ھەركىتىڭىزنى كۈزىتەتتىم. بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشىكىدە كىچىككىنە مارىغۇچ (تۆشۈك) بولۇپ، بۇ مارىغۇچتىن ئۇدۇل سىزنىڭ ئىشىكىڭىزنى كۆرگىلى بولاتتى، بۇ مارىغۇچ مېنىڭ دۇنيانى كۆرىدىغان كۆزۈم ئىدى –ئاھ، قەدىرلىكىم، سىز كۈلمەڭ، ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاشۇ مارىغۇچ ئالدىدا ئۆتكۈزىۋەتكەن سائەتلىرىم ئۈچۈن خىجىللىق ھىس قىلمايمەن. مەن ئاشۇ ئايلار ۋە يىللار داۋامىدا مارىغۇچ ئالدىدا، مۇزدەك كارىدوردا يېرىم كۈن ـيېرىم كۈنلەپ سىزنى كۈتەتتىم، ئاپامنىڭ گۇمانسىراپ قالماسلىقى ئۈچۈن قولۇمغا كىتاپ ئېلىۋالاتتىم. مەن خۇددى چىڭ تارتىلغان تارغا ئوخشاپ قالغانىدىم، بۇ تار سىزنىڭ كۆرىنىشىڭىز بىلەنلا تىترەشكە باشلايتى. مېنىڭ يۈركىم باشتىن ـئاخىر سىزگە يېقىنلىقتىن جىددىيلەشتى، سىز ئۈچۈن سوقتى. لېكىن سىز خۇددى يانچۇغىڭىزدىكى سائەتنىڭ چىكىلدىشىنى سەزمىگەندەك بۇلارنى قىلچە سەزمەيتىڭىز. بۇ سائەت پىنھاندا تۇرۇپ تاقەت بىلەن سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى سانايتى. ئۇنىڭ ئاڭلانماس چىكىلدىشى نەگە بارسىڭىز سىزگە ھەمرا ئىدى. ئاشۇ توختىماي ئۆتۈۋاتقان مىليونلىغان سېكوندلار ئىچىدە سىز ئۇنىڭغا بىر قېتىم مۇنداقلا قاراپ قويدىڭىز.
سىزنىڭ ھەممە ئىشىڭىزنى، ھەربىر تۇرمۇش ئادىتىڭىزنى مەن بىلەتتىم؛ ھەربىر گالىستۇكىڭىز، ھەر بىر قۇر كىيىمىڭىز، ھەممە دوستلىرىڭىز ماڭا تونۇشلۇق ئىدى. دوستلىرىڭىزنى تونۇش بىلەنلا قالماي، ئۇلارنى يەنە پەرقلەندۈرۈپ، مەن ياخشى كۆرۈدىغان ۋە ياخشى كۆرمەيدىغان ئىككى خىلغا ئايرىپمۇ ئالغان ئىدىم. مېنىڭ ئون ئۈچتىن ئون ئالتە ياشقىچە بولغان ھاياتىمنىڭ ھەر بىر سائىتى سىزگە تەئەللۇق بولغانىدى. ئىھ، مەن قانچىلىغان ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلمىغان ـھە! سىزنىڭ قولىڭىز تەككەن ئىشك تۇتقۇچلىرىنى سۆيەتتىم؛ سىز ئىشكتىن چىقىۋاتقىچە تاشلىۋەتكەن سگارت قالدۇقىنى تېرىۋېلىپ، ئۇنى مۇقەددەس نەرسىدك ساقلايتىم، چۈنكى ئۇنىڭغا سىزنىڭ ئاغزىڭىز تەككەن ـدە!
ئاخشاملىرى مەن تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن يۈزلەرچە قېتىم تۆۋەنگە چۈشۈپ، تار كوچىدا تۇرۇپ چىراق يېنىپ تۇرغان ئۆيىڭىزگە قاراپ تۇراتتىم. مۇشۇنداق ئۇسۇللار بىلەن سىزنىڭ كۆرۈنمەس مەۋجۇتلىقىڭىزنى، تەسەۋۋۇرۇمدا سىزگە يېقىنلاشقانلىقىمنى ھېس قىلاتتىم. سىز ساياھەتكە چىقىدىغان ھەپتىلەردە –ئاقكۆڭۈل جون سىزنىڭ سېرىق رەڭلىك ساياھەت سومكىڭىزنى پەسكە ئېلىپ چۈشكەنلىكىنى كۆرسەم يۈرىكىم قورقۇنۇچتىن توختاپ قالغاندەك بولۇپ قالاتتى –تىرىك تۇرۇپ ئۆلەتتىم. ھاياتنىڭ مەنىسىمۇ قالمايتى. كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ، زېرىكىش ئىچىدە نېمە قىلارىمنى بىلمەي قالاتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە تولا يىغلاپ ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرىمدىن ئۈمىدسىز كەيپىياتىمنى ئاپام بىلىپ قالارمىكىن دەپمۇ ئىھتىيات قىلاتتىم.
مەن ھازىر سىزگە دەۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى كۈلكىلىك، بىمەنە، بالىلارچە ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، بۇ ئىشلار ئۈچۈن نومۇس قىلىشىم كېرەك ئىدى، لېكىن مېنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىم ئەزەلدىن مۇشۇ گۆدەكلەرچە ھېسسىياتتا ئىپادىلەنگەندەك پاك ۋە قىزغىن ئىپادىلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، مەن نومۇس قىلمىدىم. سۆزلەي دېسەم، ئەينى ۋاقىتتا سىز بىلەن قانداق بىرگە ياشىغانلىقىمنى ئۇدا بىرنەچچە سائەت، بىرنەچچە كېچە ـكۈندۈز سۆزلىيەلىشىم مۈمكىن. سىزچۇ، سىز ماڭا تۈزۈككىنە تىكىلىپ قارىغىنىڭىزمۇ يوق، چۈنكى ھەر قېتىم سىز بىلەن پەللەمپەيدە ئۇچراشقىنىمدا خۇددى ئوتتىن قورقۇپ دەرياغا ئۆزىنى تاشلىغان كىشىدەك، سىزنىڭ ئوت يېنىپ تۇرغان كۆزلىرىڭىز بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن قورقۇپ، بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ يۈگۈرگەنچە يوقۇرىغا چىقىپ كېتەتتىم. ئېيتىشقا توغرا كەلسە، سىز ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەن ئاشۇ يىللارنى ئۇدا نەچچە سائەت، نەچچە كېچە ـكۈندۈز سۆزلەپ بېرەلەيمەن.
سىزنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭىزدىكى بارلىق ئىشلارنى بىرمۇ ـبىر ئېيتىپ بېرەلەيمەن. لېكىن مەن سىزنى زېرىكتۈرۈشنى، بىئارام قىلىشنى خالىمايمەن، پەقەت سىزگە بالىلىق دەۋرىمدىكى ئەڭ گۈزەل بىر كەچۈرمىشىمنى سۆزلەپ بەرگىم كېلىدۇ. سىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى يوقلا بىر ئىش، ئەمما ماڭا ئوخشاش بىر بالا ئۈچۈن بۇ ئاجايىپ زور ئىش، شۇڭا مېنى مازاق قىلماسلىقىڭىزنى سورايمەن. بىر يەكشەنبە كۈنى بولىشى كېرەك، سىز ساياھەت قىلغىلى كەتكەنىدىڭىز، خىزمەتكارىڭىز گېلەمنى تازىلاپ، تۈرۈلگەن ئېغىر گېلەمنى ئۆيگە سۆرەپ ئەكىرىشكە تىرىشىۋاتاتتى. بۇ ئاقكۆڭۈل كىشى بۇ ئىشنى ناھايىتى كۈچىنىپ قىلىۋاتاتتى. ماڭا قاياقتىن كەلگەن جۈرئەت بىلمەيمەن، مەن بېرىپ ئۇنىڭدىن« ياردەملىشەيمۇ؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ھاڭ ـتاڭ بولۇپ قالدى، لېكىن يەنىلا مېنىڭ ياردەملىشىشىمگە ماقۇل بولدى. شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ تۇرار جايىڭىزنىڭ ئىچىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇ چاغدا مەندە پەيدا بولغان تارتىنچاقلىق، ساداقەتلىك ھېسسىياتىمنى سىزگە ئېيتىپ بېرىشكە تىلىم ئاجىز. مەن سىزنىڭ دۇنيايىڭىزنى، سىز ھەمىشە ئالىدىدا ئولتۇرىدىغان شىرەيىڭىزنى كۆردۈم. شىرە ئۈستىدىكى كۆك رەڭلىك كىرىستال لوڭقىغا بىر دەستە گۈل سېلىنغان ئىدى. مەن سىزنىڭ ئىشكاۋىڭىزنى، رەسىملىرىڭىزنى، كىتاپلىرىڭىزنى كۆردۈم. مەن ئالدىراپ ـتېنەپ، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا ئوغۇرلۇقچە كۆز يۈگەرتىپ چىقتىم. سىزنىڭ سادىق خىزمەتكارىڭىز جون مېنىڭ تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشىمغا يول قويمايتى، ئەلۋەتتە. لېكىن مۇشۇنداق بىر قاراشنىڭ ئۆزىدىلا ئۆي ئىچىدىكى پۈتكۈل ئاتموسفرانى سۈمۈرىۋالدىم. بۇ مەيلى ئويغاقبياكى ئۇخلىغاندا بولسۇن، جىمىكى شېرىن خىياللىرىمنى يېتەرلىك ئوزۇق بىلەن تەمىنلىدى.
مانا شۇ كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئۆتكەن بىر مىنۇت، بالىلىق دەۋرىمدىكى ئەڭ بەختلىك چېغىم ئىدى. مەن شۇلارنى ئېيتىش ئارقىلىق، سىزگە بىر جان ئىگىسىنىڭ باغلانغانلىقىنى، سىز ئۈچۈن ئىزتىراپقا چۈشكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرماقچىمەن (چۈنكى سىز ئەزەلدىن مېنى تونۇمايسىز ئەمەسمۇ.) مەن بۇ ئەڭ بەختلىك مىنۇتلارنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە يەنە شۇ چاغدا يېقىنداپ قالغان ئاشۇ ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ۋاقىتلارنىمۇ ئېيتىپ بېرىمەن. بۇرۇنلا ئېيتقىنىمدەك، سىزنىڭ ۋەجىڭىزدىن ھەممىنى ئۇنتۇغانتىم، ئاپامغىمۇ دىققەت قىلماپتىمەن، ھېچكىمگە كۆڭۈل بۆلمەيتىم. مەن ئىننسبرۇكلۇق، ئاپامغا يىراق تۇققان كېلىدىغان، ياشىنىپ قالغان سودىگەرنىڭ ئۆيلىنىش نىيىتى بىلەن پات ـپات كېلىپ ئۇزاق ئولتۇرۇپ كېتىۋاتقىنىغا دىققەت قىلماپتىمەن. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كېلىشى ۋە بەزى چاغلاردا ئاپامنى ئېلىپ تىياتېر كۆرۈشكە ئېلىپ كېتىشى مېنى خۇشال قىلاتتى، چۈنكى مەن يالغۇز قېلىپ سىزنى ئويلايتىم، كېلىشىڭىزنى كۈتەتتىم، بۇ مەن ئۈچۈن چەكسىز بەخت ئىدى. ئاخىرى بىر كۈنى ئاپام مېنى ئۆزىنىڭ خانىسىغا چاقىرىپ، بىرمۇنچە ۋاتىلداپ، مەن بىلەن جىددىي سۆزلەشمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئاپام بىر نېمىنى سېزىپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپ ئەنسىرەپ يۈزۈم بىردىنلا تاتىرىپ، يۈرىگىم دۈپۈلدەپ سېلىشقا باشلىدى. دەسلەپتە ئويلىغىنىم سىز ۋە مېنى تاشقى دۇنيا بىلەن باغلاپ تۇرىدىغان سىرىم بولدى. بىراق، ئاپام ئۆزى بەكمۇ خىجىل بولىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. مېنى مۇلايىملىق بىلەن بىر ـئىككى سۆيۈپ (ئادەتتە ئۇ مېنى زادىلا سۆيمەيتى)، ئاندىن ئۆز يېنىغا تارتىپ سافاغا ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ، ھېلىقى تۇققىنىنىڭ خوتۇنى ئۆلۈپ كېتىپ بويتاق قالغانلىقىنى، ھازىر ئۆزى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش تەلىپى قويغانلىقىنى، ئۇ بولسا ئاساسەن مېنىڭ غېمىمنى يەپ رازىلىق بېرىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى ئىزا تارتقان ھالدا سۆزلەشكە باشلىدى. يۈرىكىمدە ئىسسىق قان ئۇرغۇدى، شۇ پەيتتە مەن سىزنى ئويلىدىم.
ئۇنداقتا بىز يەنىلا مۇشۇ يەردە تۇرامدۇق؟ ئاپامدىن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ سورىدىم. ياق، بىز ئىننسبرۇكقا كۆچۈپ كېتىمىز، فېردىناندنىڭ ئۇ يەردە چىرايلىق داچىسى بار. ئۇنىڭ باشقا سۆزلىرى قۇلىقىمغا زادىلا كىرمىدى. ئۇشتۇمتۇت كۆزئالدىم قاراڭغۇلاشتى. كېيىن ئاڭلىسام شۇ چاغدا ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن. مەن ئاپامنىڭ ئىشىك ئارقىسىدا كۈتۈپ كۈتۈپ تۇرغان بولغۇسى ئۆگەي دادامغا پىچىرلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، قوللىرىمنى كەرگەنچە، خۇددى قوغۇشۇن پارچىسىدەك ئوڭدامغا ئۇچۇپ كېتىپتىمەن.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە كۈن ئىچىدە نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى، ماڭا ئوخشاش ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقى بولمىغان بالا، ئۇلارنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئىرادىسىگە قانداق قارشى تۇرغانلىقىمنى سىزگە تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. شۇلارنى ئويلىسام ھازىرمۇ قەلەم تۇتقان قولۇم تىترەۋاتىدۇ. مەن ھەقىقى سىرىمنى ئاشكارىلىيالمايتىم، نەتىجىدە، ئۇلار مېنىڭ قارشىلىقلىرىمنى ئۆزلىرىچە كاژلىق، مىجەزىنىڭ ئوساللىقى دېيىشىپ، مېنىڭ بىلەن كارى بولماي، ئۆزلىرىنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىشتى. مەن مەكتەپتىن كەلگىچە دائىم ئۆيدىكى بىرەر جابدۇق ئېلىپ كېتىلگەن ياكى سېتىۋېتىلگەن بولاتتى. ئۆيىمىز قاراپ تۇرۇپ بوشاپ قېلىۋاتاتتى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ھاياتىممۇ نابۇت بولماقتىدى.. بىر كۈنى مەن ئۆيگە چۈشلۈك تاماققا كەلگەندە ھامماللار بارلىق ئۆي جاھازلىرىنى يۆتكەش ئۈچۈن يىغىشتۇرىۋاتقان ئىكەن، قۇپ ـقۇرۇق بۇ ئۆيدە يىغىشتۇرۇپ تەييارلاپ قويۇلغان ساندۇقلار بىلەن ئاپام ئىككىمىزنىڭ ئاخىرقى بىر كېچىنى ئۆتكۈزىشىمىز ئۈچۈن راستلاپ قويۇلغان ئىككى دانە سەپەر كارۋىتى تۇراتتى، ئەتە ئىننسبرۇكقا كېتەتتۇق.
مۇشۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈندە، ئۇشتۇمتۇت، سىزنىڭ يېنىڭىزدا بولمىسام ياشىيالمايدىغانلىقىمنى جەزملەشتۈردۈم. سىز مېنىڭ بىردىن بىر نىجات يۇلتۇزۇم سىز. ئەينى ۋاقىتتا قانداق ئويلىغانلىقىمنى، ئاشۇ ئۈمىدسىزلىك ئەسىر قىلىۋالغان پەيتتە ھەقىقىي سەگەكلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزدۈممۇ ـيوق، بۇنى مەڭگۈ ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمەيمەن. لېكىن، ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم، مەكتەپ فورمىسىنى كەيدىم (ئاپام ئۆيدە يوق ئىدى) ، سەۋدالەرچە مەست ـمۇستەغرەق سىزنى ئىزدەپ ماڭدىم. ياق ماڭمىدىم، پۇت ـقوللىرىم قاتقان، ئۆزەمنى بىلەلمەيدىغان بىر ھالدا سىز تەرەپكە قاراپ سۈرۈلدۈم. بۇرۇنلا دېگىنىمدەك، بۇ سەبى، ئون بەش ياشلىق مەستانە قىز ئۈستىدىن كۈلىشىڭىز مۈمكىن، بىراق، قەدىرلىكىم، ئەينى ۋاقىتتا جاندىن ئۆتكىدەك سوغۇق كارىدوردا تۇرۇپ، قورققىنىمدىن پۈتۈن ئەزايىم ياغاچتەك قېتىپ كەتكەنلىكىنى، ئەمما يەنە چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر كۈچنىڭ تەسىرىدە ئالغا قاراپ قەدەم باسقانلىىمنى، توختىماي تىترەپ تۇرغان قولۇمنى قانچىلىك كۈچ بىلەن ئۇزۇتۇپ (بۇ كۆرەش قورقۇنۇچلۇق بىرنەچچە سېكوندتا بولۇپ ئۆتكەن بولسىمۇ بۇ ۋاقىت ماڭا تولىمۇ ئۇزۇن بىلىنىپ كەتكەنتى) قوڭغۇراق كونۇپكىڭىزنى باسقانلىقىمنى بىلسىڭىز ئىدى، مېنى ھەرگىزمۇ مازاق قىلمىغان بولاتتىڭىز. قۇلاقنى يارغىدەك قوڭغۇراق ئاۋازى ھېلىھەم قۇلىقىم تۈۋىدە سادا بېرىپ تۇرىدۇ. قوڭغۇراق جاراڭلاپ، ئارقىدىنلا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. يۈرىكىم سوقۇشتىن توختاپ، پۈتۈن بەدىنىمدىكى قانمۇ قېتىپ قالدى. مەن پۈتۈن دىققىتىم بىلەن سىزنى ئىشىكنى ئاچقىلى كېلىۋاتامدۇ، دەپ جىمجىت تىڭشاپ تۇردۇم.
لېكىن سىز كەلمىدىڭىز. ھېچكىم كەلمىدى. دەرۋەقە بۇ ئاخشام سىز ئۆيدە يوق ئىدىڭىز، جونمۇ ئىش بېجىرىشكە چىقىپ كەتكەن بولىشى ئىھتىمال، شۇڭا مەن پۇتۇمنى سۆرەپ، قۇرۇقدىلىپ، چۆلدەرەپ قالغان ئۆيىمىزگە قايتىپ كىردىم. قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازى تېخىچە قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇراتتى. ھالسىزلىنىپ سەپەر كارۋىتىنىڭ ئۈستىگە يىقىلدىم. ئۇ قەدەر چارچاپ ماڭغىنىم تۆرت قەدەملا بولسىمۇ، گويا مەن قېلىن قاردا سائەتلەرچە ماڭغاندەك ھېرىپ كەتكەن ئىدىم. لېكىن ئۇلار مېنى ئېلىپ كەتكۈچە سىزنى بىر كۆرىۋېلىش، سىز بىلەن بىرەر ـئىككى ئېغىز پاراڭلىشىۋېلىش ئىستىگىم يوقالمىغان ئىدى. مەن سىزگە قەسەم قىلىپ بېرىمەنكى، بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ شەھۋانى ئىستەك ئارىلاشمىغان ئىدى. ئۇ چاغدا تېخى ساددا، گۆدەك قىزچاق بولغانلىقىم ئۈچۈن سىزدىن باشقا ھېچنېمىنى ئويلىمايتىم. مەن پەقەت پۈتۈن نىيىتىم بىلەن سىزنى كۆرۈشنى، يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ، سىزگە چىڭ يېپىشېۋېلىشنىلا ئىستەيتىم. شۇنداق قىلىپ، قەدىرلىكىم، پۈتۈن بىر كېچە، ئۇزۇن ۋە قورقۇنۇچلۇق پۈتۈن بىر كېچە سىزنى كۈتتۈم. ئاپام يېتىپ ئەمدىلا ئۇىلىشىغا، شەپە چىقارماستىن كارىدورغا چىقىپ، سىزنىڭ قايتىپ كېلىشىڭىزنى كۈتۈپ، قۇلىقىمنى دىڭ تۇتۇپ تىڭشاپ تۇردۇم. بۇ قەھرىتان يانۋار كېچىسى ئىدى. چارچىغانلىقىمدىن مۈگدەيتىم، پۇت ـقوللىرىم تېلىپ ئاغرىيتى. كارىدوردا ئولتۇرغىدەك ئورۇندۇقمۇ يوق ئىدى، يەردىلا چاپلىشىپ ياتتىم. ئىشىڭ ئاستىدىن سوغۇق شامال ئۇرۇپ تۇراتتى. ئىسسىساملا ئۇخلاپ قېلىپ سىزنىڭ ئاياق تىۋىشىڭىزنى ئاڭلىيالماي قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ، ئاستىمغا ئەديالمۇ سالماستىن، جاندىن ئۆتكىدەك سوغۇق چىقىپ تۇرغان قاتتىق پول ئۈستىدە يېلىڭ كىيىم بىلەنلا ياتتىم. سوغۇقتىن پۈتۈن ئەزايىم ئاغرىپ، ئىككى پۇتۇمنىڭ پېيى تارتىشىپ تۈگۈلۈپلا قالدىم، بىلەكلىرىم دىر ـدىر تىترەيتى. پات ـپات ئورنۇمدىن تۇرۇشقا مەجبۇر بولاتتىم. بۇ قورقۇنۇچلۇق قاپقاراڭغۇ كارىدور ھەقىقەتەنمۇ جاننى ئالغۇدەك سوغۇق ئىدى، لېكىن مەن سىزنى گويا يازمىشىمنى كۈتۈپ تۇرغاندەك كۈتتۈم، كۈتتۈم.
ئاخىرى، تاڭغا يېقىن –سائەت ئىككى- ـئۈچلەر بولسا كېرەك –بىرسىنىڭ پەستە دەرۋازىنى ئېچىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم، ئارقىدىنلا پەللەمپەيدىن چىقىۋاتقان ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى. شۇئان، بايىقى توڭلاشلىرىم ئاللىقاياقلارغا كېتىپ، پۈتۈن ئەزايىم قىزىپ كەتكەندەك بولدى. مەن ئاستاغىنا ئىشكنى ئېچىپ سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئېتىلىپ بېرىپ ئايىغىڭىزغا ئۆزەمنى تاشلىماقچى بولدۇم. ئاھ، مەن –بۇ ساراڭ قىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلمەيمەن. ئاياق تىۋىشى بارغانسېرى يېقىنلاشتى، پىلىلداپ تۇرغان شام نۇرى پەللەمپەينى يورۇتۇپ چىقىپ كەلدى. پۈتۈن ئەزايىم تىترەپ، ئىشىك تۇتقۇچىغا چىڭ ئېسىلىۋالدىم. چىقىۋاتقان راستىنلا سىز بولغىيمىدىڭىز؟
شۇنداق، چىقىۋاتقان كىشى سىز ئىدىڭىز، قەدىرلىكىم، لېكىن سىز يالغۇز ئەمەس، ماڭا يەڭگىل نازلىق كۈلكە ۋە يەرگە سۆرەلگەن يىپەك كۆينەكنىڭ شىلدىرلىشى، سىزنىڭ بوش گەپ قىلغىنىڭىز ئاڭلاندى، دېمەك، سىز بىر ئايال بىلەن بىللە كەلگەن ئىدىڭىز. مەن بۇ كېچىنى قانداق تاڭ ئاتقۇزغانلىقىمنى بىلمەيمەن. ئەتىسى ئەتتىگەن سائەت سەككىزدە مېنى ئىننسبرۇكقا ئېلىپ كېتىدۇ. ئەمدى مېنىڭ ئازراقمۇ قارشىلىق قىلىش كۈچۈم قالمىغان ئىدى.
مېنىڭ ئوغلۇم تۈنۈگۈن قازا قىلدى. ئەگەر مەن راستىنلا داۋاملىق ياشىماقچى بولسام، ئۇ ھالدا يەنە تەنھا ياشاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەتە ئەتتىگەندە ياتلار، قارىلىق كىيگەن كېلەڭسىز ئەرلەر مېنىڭ بىچارە ئوغلۇمنى، بىردىن بىر ئوغلۇمنى سالىدىغان تاۋۇت ئېلىپ كېلىشىدۇ. بەلكى يار ـبۇرادەرلەرمۇ كېلەر، ئۇلار كەلسە گۈلچەمبىرەكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن تاۋۇت ئۈستىگە گۈللەرنى قويۇپ قويغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ ئۇلار مەندىن ھال سورايدۇ، ماڭا ئاللىنېمىلەرنى دەيدۇ، لېكىن ئۇلار ماڭا قانچىلىك ياردەم بېرەلەيدۇ؟ بىلىمەن، شۇ ئىشلاردىن كېيىن مەن يەنە يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرىمەن. دۇنيادا يەككە ـيىگانە تۇرمۇش كەچۈرۈشتىنمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق. مەن بۇنى ئەينى ۋاقىتتا ئىننسبرۇكتا بەكمۇ ئۇزۇن بىلىنگەن ئىككى يىل جەريانىدا چۈشىنىپ يەتكەن. ئون ئالتە ياشتىن ئون سەككىز ياشقىچە بولغان ئاشۇ ئىككى يىلدا خۇددى مەھبۇسقا، تاشلاندۇق مەھبۇسقا ئوخشاش ھايات كەچۈرگەن ئىدىم. ئۆگەي دادام مۇلايىم، كەم سۆز كىشى بولۇپ مېى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، ئاپام بولسا ئاڭسىزلىقتا ئۆتكۈزگەن گۇناھىنى يۇماقچى بولغاندەك سىزىقىمدىن چىقمايتى. يىگىتلەر ئەتراپىمدىن كەتمەي ماڭا خۇشامەت قىلاتتى. لېكىن مەن ئۇلارنى توڭلۇق بىلەن سىلكىۋېتەتتىم. سىزدىن ئايرىلىپ خوشال ۋە كۆڭۈللۈك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالىمايتىم.
مەن ئاشۇ تىنجىق ماكاندا ئۆزەمنى ئۆزەم ئازاپلاپ، يەككە ـيىگانە، زېرىكىشلىك ھايات كەچۈردۈم. ئۇلار ماڭا ئېلىپ بەرگەن ھەررەڭ ـسەررەڭ يېڭى كىيىملەرنى كىيىپمۇ قويمايتىم. مۇزىكا كېچىلىكلىرىگە، تىياتېرلارغا بېرىشتىن، باشقىلار بىلەن بىللە سەيلىگە چىقىشتىن قاچاتتىم، ئۆيدىن تالاغا چىقمايتىم، كوچىغىمۇ ئىنتايىن كەم چىقاتتىم. قەدىرلىكىم، مەن بۇ كىچىككىنە شەھەردە ئىككى يىلدىن كۆپرەك تۇرغان بولساممۇ، بىلىدىغان كوچام ئونغا يەتمەيدۇ، دېسەم ئىشىنەمسىز؟ مەن كۈن بويى ھەسرەت چېكىشنى، پۈتۈن نىيىتىم بىلەن ھەسرەت چېكىشنى ئويلايتىم. سىزنى كۆرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ھېچنېمىنى خالىمايتىم. پەقەت خىيال سۈرۈش ئارقىلىقلا ئۆزەمنى ئاۋۇندۇراتتىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەن پەقەت سەمىمىي ھالدا، يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا سىز بىلەن يالغۇز بولۇشنىلا خالايتىم، كۆڭلۈمنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىنى خالىمايتىم. مەن ئۆيدە يالغۇز قېلىپ، نەچچە سائەت، ھەتتا پۈتۈن كۈنلەپ ھېچ ئىش قىلماي سىزنى ئويلايتىم. بولۇپ ئۆتكەن نۇرغۇن ئىشلارنى قايتا ـقايتا ئەسلەپ، ھەر قېتىم سىزنى كۆرگەن، سىزنى كۈتۈپ تۇرغان ھالەتلىرىمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەتتىم. مەن بۇ ئۇششاق كۆرۈنۈشلەرنى خۇددى تىياتېر كۆرگەندەك قەلبىمدە قايتا ـقايتا كۆرەتتىم. ئۆتكەن ھاياتىمنىڭ ھەربىر سېكوندىنى سانسىز قېتىم كۆڭلۈمدە تەكرارلىغاچقا، پۈتۈن بالىلىق ھاياتىم ئېنىق ۋە روشەن ھالدا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. ئۆتكەن يىللارنىڭ ھەر بىر مىنۇتى ماڭا نىسبەتەن شۇنداق جانلىق، شۇنداق كونكىرېت بولۇپ، گويا تۈنۈگۈن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردەك ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا، مەن پىكىر ـخىيالىمنى پۈتۈنلەي سىزگە مەركەزلەشتۈرگەن ئىدىم. سىز يازغان كىتاپلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالاتتىم. سىزنىڭ ئىسمىڭىزگېزىتكە بېسىلغان كۈنلىرى مەن ئۈچۈن بايرام بولاتتى. كىتاپلىرىڭىزنى كۆپ قېتىم ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن ھەر بىر قۇرلىرىغىچە يادقا ئېيتىپ بېرەلەيمەن دېسەم ئىشىنەمسىز؟ ئەگەر بىرسى مېنى يېرىم كېچىدە تاتلىق چۈش كۆرۈپ ئۇخلاۋاتقان چېغىمدا ئويغۇتۇپ، سىزنىڭ كىتاۋىڭىز ئىچىدىن باش ـئاياقسىز بىر قۇرنى ئوقۇپ بەرسە، –ئارىدىن ئون ئۈچ يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ –ئۇنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ يادا ئېيتىپ بېرەلەيمەن. سىزنىڭ ھەربىر سۆزىڭىز مەن ئۈچۈن مۇقەددەس پەرمان بولۇپ كەتكەن! ماڭا پۈتۈن دۇنيا پەقەت سىز بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. ۋېنا گېزىتلىرىدىن تياتېر ۋە مۇزىكا كېچىلىكلىرىنىڭ تۇنجى رەت رەسمىي قويۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئېلاننى كۆرگەندە، كۆڭلۈمدە، سىزنى قانداق نومېر قىزىقتۇرار، دېگەن ئوي پەيدا بولاتتى. كەچ بولىشى بىلەنلا، مەن يىراقتا تۇرۇپ سىزگە ھەمرا بولاتتىم: سىزنى، تىياتېرخانىغا كىردى، شۇ تاپتا ئولتۇردى، دەپ ئويلايتىم. بۇنداق ئىشلارنى مىڭلارچە قېتىم چۈشىگەندىمەن. چۈنكى بىر قېتىم مەن سىزنى ئۆز كۆزۈم بىلەن مۇزىكا كېچىلىكىدە كۆرگەن ئىدىم.
بىراق، نىمىشقا بۇ ئىشلارنى دەپ ئولتۇرىمەن؟ نىمىشقا بىر تەرك ئېتىلگەن بالىنىڭ بۇنداق ئەسەبىيلەرچە، ئۆزىنى ئۆزى ئازاپلايدىغان، شۇنداق پاجىئەلىك، شۇنداق ئۈمىدسىز ھەۋىسىنى بۇ ھەقتە قىلچە ھېسقا ئىگە ئەمەس، ھەمدە مېنى ھېچ تونىمايدىغان كىشىگە ئېيتىپ بېرىشىمنىڭ نېمىسى ياخشى؟ مەن ئەمەلدە يەنىلا بالىمىدىم يا؟ مەن ئۇ چاغ ئون يەتتىگە كىرىپ قالغان، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئون سەككىز ياشقا كىرىدىغان قىز ئىدىم، يىگىتلەر كوچىلاردا ماڭا قايرىلىپ قارايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. لېكىن بۇ قاراشلار ئاچچىغىمنىلا كەلتۈرەتتى. چۈنكى ماڭا سىزدىن بۆلەك ئادەم بىلەن مۇھەببەت باغلاش، ھەتتا ئۇ پەقەت چاخچاق ئورنىدىكى جىلۋە بولغان تەقدىردىمۇ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز، ئويلاپ يەتكۈسىز دەرىجىدە يات ئىدى، سەل ـپەل ھەۋەس قىلىشنىمۇ گۇنا دەپ بىلەتتىم. مېنىڭ سىزگە بولغان سۆيگۈم بۇرۇنقىدەكلا تەۋرەنمەس بولسىمۇ، جىسمانىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىم ۋە ھىسى ئويغىنىشىمغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ قىزغىن، تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ ئاياللىق تۈسى ئالغان ئىدى. شۇنداقلا گۆدەكلىكىدىن ئىختىيارسىز ھالدا سىزنىڭ ئۆيىڭىزنىڭ قوڭغىراق كونۇپكىسىنى باسقان كۆزى ئېچىلمىغان مەسۇمە، بۇ كۈنلەردە ئۆزىنى سىزگە تەقدىم قىلىش، سىزگە تاپشۇرۇشنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالغانىدى.
كىشىلەر مېنى تارتىنچاق، يۈزى تۆۋەن دېيىشەتتى (سىرىمنى ئۆز ئىچىمدە ساقلاپ، ھېچكىمگە تىنمايتىم.) لېكىن –كۆڭلۈمدە پولاتتەك ئىرادە پەيدا بولغان ئىدى. مەن پۈتۈن نىيەت، پۈتۈن تىرىشچانلىقىم بىلەن بىر نىشانغا —ۋېناغا قايتىپ بېرىش، ۋېناغا قايتىپ بېرىش، سىزنىڭ يېنىڭىزغا بېرىشقىلا —باغلانغان ئىدى. باشقىلار ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك دېسۇن ـدېمىسۇن تىرىشىش ئارقىلىق، ئىرادە كۈچۈم بىلەن مۇرادىمغا يېتىش ئىمكانىيىتىنى ياراتتىم. ئۆگەي دادام ئىنتايىن باي ئىدى، مېنى ئۆز قىزىدەك كۆرەتتى، لېكىن مەن ئۆزەمنى ئۆزەم بېقىش پىكرىدە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرى مەقسىدىمگە يەتتىم. ۋېنادىكى تۇققىنىمىزغا قارايدىغان ناھايىتى چوڭ بىر كىيىم ـكېچەك دۇكىنىدا خىزمەتچى بولدۇم.
قويۇق تۇمانلىق كۈز كۈنلىرىدىن بىرىدە (ئاخىرى، ئاخىرى! ) ۋېناغا يېتىپ كېلىپ، ئەڭ ئەۋەل نەگە بارغانلىقىمنى ئېيتىشىمغا زۆرۈرىيەت بارمۇ؟ چامادانىمنى ۋوگزالدا قويۇپ، ترامۋايغا سەكرەپ چىقىپ (ترامۋاينى شۇنچىلىك ئاستا ھەيدىدىكى، ھەر بىر بېكەتتە توختىغاندا يۈرىكىمگە ئوت كەتكەندەك بولاتتى) ئاشۇ بىنانىڭ ئالدىغا كەلدىم. دەرىزىڭىزدىن چىراق نۇرىنىڭ شولىسى چېچىلىپ تۇراتتى، يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سالاتتى. شۇ تاپ بۇ شەھەر –ماڭا نىسبەتەن شۇنداق يات، شۇنداق ۋاڭ ـچۇڭلۇق بۇ شەھەر –جانلاندى، مەن قايتا تىرىلدىم، چۈنكى مېنىڭ مەڭگۈلۈك چۈشۈم بولغان سىز مەۋجۇتلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم. مەن سىزنىڭ تۇيغۇڭىزغا كۆرە مەيلى ئارىمىزنى سانسىز تاغ ـدەريالار ئايرىپ تۇرسۇن ياكى باش كۆتۈرۈپ تىكىلىشسەك كۆز نۇرىمىز ئارىسىنى نېپىز دېرىزە ئەينىكى ئايرىپ تۇرسۇن، ئەمەلىيەتتە ئوخشاشلا سىزدىن يىراق ئىكەنلىكىمنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم، چىراق نۇرى چاقناۋاتقان ئاشۇ ئۆيدە سىز، مېنىڭ دۇنيايىم. ئىككى يىلدىن بېرى خىيال قىلغان بۇ سائەتلەر ئاخىرى يېتىپ كەلدى. بۇ تۈتەك قاپلىغان، ئىللىق، ئۇزۇن كېچىدە، تۆۋەندە دەرىزىڭىزگە چىراق ئۆچكىچە قاراپ تۇرۇپ، ئاندىن ئۆزەمگە تۇرار جاي ئىزدىگىلى كەتتىم.
كېيىن ھەركۈنى ئاخشىمى ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىدا شۇ تەقلىتتە تۇرىدىغان بولدۇم. مەن دۇكاندا سائەت ئالتىگىچە ئىشلەيتىم، ئىش ئېغىر، كىشىنى بەكلا ھارغۇزاتتى. ئەمما بۇ ھال مېنى خوشال قىلاتتى، چۈنكى خىزمەت ئالدىراشلىقى كۆڭلۈمدىكى پاراكەندىچىلىكنى ئانچە ھېس قىلدۇرمايتى. دۇكاننىڭ تۆمۈر قاپقىقى يېپىلغاندا، مەن كۆڭلۈمدىكى ياخشى كۆرۈدىغان جايىمغا قاراپ چاپاتتىم. مېنىڭ بىردىن بىر ئارزۇيۇم سىزگە بىر قېتىم نەزەر تاشلىۋېلىش، سىزنى بىرلا كۆرىۋېلىش، پەقەت يىراقتا تۇرۇپ كۆز نۇرۇم بىلەن يۈزىڭىزگە سۆيۈش ئىدى. تەخمىنەن بىر ھەپتىدىن كېيىن ئاخىرى سىزنى ئۇچراتتىم. بۇ ئىش خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن، كۆز يۇمۇپ ـئاچقۇچىلىك پۇرسەتتە بولدى: مەن كۆز ئۈزمەي دەرىزىڭىزگە قاراۋاتقاندا، سىز ئۇشتۇمتۇتلا كوچىنى توغرا كېسىپ كېلىپ قالدىڭىز. بىردىنلا مەن يەنە ئاشۇ كىچىك قىزچاققا،ئون ئۈچ ياشلىق قىزغا ئايلىنىپ قالغاندەك، ئىسسىق قانلىرىم يۈزۈمگە ئۇرغانلىقىنى ھېس قىلدىم. سىزنىڭ كۆزىڭىزگە قاراشقا تەشنا بولغان كۈچلۈك ئارزۇيۇمغا خىلاپ ھالدا، ئىختىيارسىز بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ، خۇددى ئارقامدىن بىرسى قوغلاۋاتقاندەك. يېنىڭىزدىن ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ كەتتىم. ئىش ئۆتكەندىن كېيىن قىز ئوقۇغۇچىدەك تارتىنىپ قېچىپ كەتكىنىم ئۈچۈن خىجىللىق ھېس قىلدىم. چۈنكى مەن پۈتۈن نىيىتىم بىلەن سىزنى ئۇچرىتىشنى، سىزنى ئىزلەشنى، قىيىندا ئۆتكەن مۇشۇ يىللاردىن كېيىن، مېنىڭ كىملىكىمنى تونۇشىڭىزنى، ماڭا دىققەت ـئېتىۋار قىلىشىڭىزنى، سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە ئىگە بولۇشنى ئويلاپ كەلگەن ئەمەسمىدىم!؟
مەن ھەركۈنى كەچتە سىزنىڭ تار كوچىڭىزدا، ۋېنانىڭ سۆڭىكتىن ئۆتكىدەك سوغۇق بورىنى ۋە قار ـشىۋىرغانلىرىغا قارىماي سىزنى كۈتۈپ تۇرغان بولساممۇ، لېكىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ماڭا ئېتۋار قىلمىدىڭىز. بەزىدە بىكاردىن ـبىكار بىرنەچچە سائەت تۇراتتىم. بەزىدە يېرىم كۈن تۇرغاندا ئاخىرى سىز دوستلىرىڭىز بىلەن بىرگە ئۆيىڭىزدىن چىقىپ كېلەتتىڭىز. ئىككى قېتىم ئاياللار بىلەن قولتۇقلىشىپ، مەھكەم يېپىشقان ھالدا سىرتقا چىقىۋاتقىنىڭىزنى كۆرۈپ، يۈرىكىم قاتتىق جىغىلداپ، پارە ـپارە بولۇپ كەتكەندەك ھېس قىلغان ئىدىم ۋە شۇندىلا مەن رېسىدە بولغانلىقىمنى، كۆڭلۈمدە يېڭى ۋە غەيرى سېزىمنىڭ ئويغانغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم. بالىلىق دەۋرىمدىن باشلاپ ئاياللارنىڭ سىزنى ئىزدەپ كېلىدىغانلىقىنى ھەمىشە كۆرەتتىم، ئۇ چاغلاردا بۇ ماڭا باشقىچە تۇيۇلمايتى. لېكىن ئەمدى بىردىنلا ۋۇجۇدۇمدا ئازاپلىنىش ھېس قىلدىم. قەلبىمدىكى سۆيگۈ ـھىسسىياتى ئۆركەشلەپ، سىزنىڭ باشقا بىر ئايال بىلەن بولغان كۆڭۈل يېقىنلىقىڭىزنى بۇنداق ئاشكارە ئىپادىلىشىڭىزگە ئاچچىغىم كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنداق يېقىنلىققا ئۆزەم ئىگە بولۇشقا ئىنتىزار بولدۇم. بىر خىل بالىلىق غۇرۇرۇم قوزغىلىپ ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىغا بىر كۈن بارمىدىم. مەندە بۇنداق بالىلىق غۇرۇر بۇرۇندىنلا بار ئىدى. بۈگۈنمۇ ئوخشاشلا شۇنداق بولغان بولىشى مۈمكىن. ئەمما بۇ كاجلىق بىلەن قېيداش ئىچىدە ئۆتكۈزگەن كېچە ئىنتايىن مەنىسىز بولدى، بۇ نېمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق ـھە! خۇددى پۈتۈن قىسمىتىمدە ئۇزاقتىن ـئۇزاق سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنىڭ سىرتىدا تۇرغىنىمغا، سىزنىڭ ھاياتىڭىز بولسا مەن ئۈچۈن ھامان يېپىق بولغىنىغا ئوخشاش، ئىككىنچى كۈنى كەچتە مەن يەنە دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ، ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىدا ئۇزۇنغىچە، بەكمۇ ئۇزۇنغىچە كۈتتۈم.
بىركۈنى كەچتە ئاخىر ماڭا دىققىتىڭىز چۈشتى. سىزنىڭ كېلىۋاتقانلىقىڭىزنى يىراقتىنلا كۆرۈپ، يېقىن كەلگەندە قېچىپ كېتىپ قالماسلىقىم ئۈچۈن ئۆزەمنى توختىتىۋالدىم. تەلىيىمگە دەل شۇ چاغدا بىر ئاپتوموبىل كوچىدا توختاپ يۈك چۈشۈرىۋاتقان بولۇپ، كوچا تارلىشىپ كەتكەن ئىدى، شۇڭا سىز ماڭا سۈركىشىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدىڭىز. سىز ئاشۇ پەرۋاسىزلارچە نەزىرىڭىز بىلەن باش ـئايىغىمغا سەپسېلىپ ئۆتتىڭىز. نەزىرىڭىز مېنىڭ تەلمۈرۈپ قارىغان كۆزلىرىمگە چۈشۈشى بىلەن، كۆز نۇرىڭىز دەرھال مەخسۇس ئاياللارغا قارىتىلغان كۆز نۇرىغا –كەچمىش خاتىرىلىرىم مېنى دەھشەتكە سالدى –ئاشۇنداق سەزگۈر، مۇلايىملىق، شېرىنلىك تولۇپ تاشقان كۆز نۇرىغا؛ ئىچكى ھىسىياتنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە يەنە كىشىنىڭ يۈرىگىنى سۇغۇرىۋالىدىغان كۆز نۇرىغا، قارشى تەرەپنى مەھكەم قۇچاقلايدىغان كۆز نۇرىغا، روھنى سۈرەتكە تارتقۇچى كۆز نۇرىغا ئايلاندى. بۇنداق كۆز نۇرى ئىلگىرى سىز ئۈچۈن بالىلارچە ئىشقىمنى ئويغاتقان بولسا، ئەمدى بىرىنچى قېتىم ئايالغا ئايلاندۇردى. بىر، بەلكىم ئىككى سېكوند سىزنىڭ قاراشلىرىڭىز مېنىڭ كۆزۈمنى تۇتۇپلا ئالدى —مەن كۆز نۇرۇمنى قاچۇرالمايتىم ھەم ئەپقېچىشنىمۇ خالىمايتىم —ئاندىن سىز يېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتىڭىز. گەرچە ئاللىقاچان قەدىم ئاستىلاپ كەتكەن بولسىمۇ، يۈرىكىم شىددەت بىلەن سالاتتى. بىر خىل يېڭىپ بولمايدىغان ھەۋەس مېنى بۇرۇلۇپ قاراشقا مەجبۇر قىلغىنىدا، كۆردۈمكى، سىزمۇ توختاپ مەن تارەپكە قاراۋاتاتتىڭىز. سىز زور ھەۋەس، ناھايىتى قىزىقىش بىلەن مېنى كۈزىتىۋاتتىڭىز؛ چىرايىڭىزدىن مېنى تونىمىغانلىقىڭىزنى شۇئانلا بايقىدىم.
سىز مېنى تونۇمىدىڭىز، شۇ چاغدا تونۇمىدىڭىز، ئەزەلدىن ھەم تونۇغىنىڭىز يوق. قەدىرلىكىم، ئاشۇ كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ئارىلىقتىكى ئۈمىدسىلىككە تولغان ھىسسىياتىمنى سىزگە قانداق تەرىپلىسەم بولىدىكىن؟ ئەينى ۋاقىتتا شۇنداق تەقدىرگە –سىز مېنى تونىماسلىقتەك تەقدىرگە –مۇپتىلا بولغان ئىدىم، بىر ئۆمۈر شۇ قىسمەتكە بەرداشلىق بېرىپ كەلدىم، بۇ تەقدىر مېنى شۇ يوسۇن ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان بولدى. سىز مېنى تونۇمىدىڭىز، باشتىن ـئاخىر تونۇمىدىڭىز. مەن بۇ ئۈمىدسىزلىكنى نېمە دەپ تەرىپلىسەم بولىدىكىن؟ ئىننسبرۇكتا ياشىغان ئىككى يىل ئىچىدە سىزنى ھەر سائەت، ھەر مىنۇت سېغىناتتىم، سىز بىلەن ۋېنادا قايتا ئۇچراشقاندا قانداق بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم، كەيپىمنىڭ قانداق بولىشىغا قاراپ، قىزىقىشىممۇ ئەسەببىيلىكتىن ئەڭ بەختلىك ئىھتىماللىقلارغىچە ئۆزگىرىپ تۇراتتى. ئەگەر شۇنداق دېيىشكە مۈمكىن بولسا، مەن بۇ فانتازىيىلەرنى بىر قېتىم كاللامدىن ئۆتكۈزۈپ بولغانىدىم. كۆڭلۈم پەرىشان چاغلاردا شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلاتتىم: سىز مېنى رەت قىلاتتىڭىز، مېنى بەك پەس ۋە بەك سەت ھەمدە زېرىكىشلىك دەپ ياراتمايتىڭىز. مەن سىزنىڭ كۆيۈمسىزلىك، سوغۇق، باغرى قاتتىقلىقىڭىزنىڭ ھەممە خىل قورقۇنۇچلۇق كۆرۈنۈشلىرىگە ئۇچرىغان ئىدىم. لېكىن تۇيغۇلىرىمنىڭ نا ئېنىق جانلىقلىقى ئىچىدە ياكى چۈشكۈنلىكىمنىڭ ئەڭ زور چەكلىمىدىكى ئاڭلىقلىقىدا ئەمەس، تەۋەككۈلىسىگە مۇشۇ بىر قورقۇنۇچلۇق ئىھتىماللىقنى –سىزنىڭ ئەزەلدىن مېنىڭ مەۋجۇتلىقىمنى ئاكتىۋ ھىس قىلمىغانلىقىڭىزنى جەزملەشتۈردۈم.
ئەلۋەتتە، مەن ئەمدى بىلدىمكى، —ئەمەلىيەتتە سىز ماڭا ئۆگەتتىڭىز! —بىر ئەركەك ئۈچۈن، بىر قىزنىڭ ياكى بىر ئايالنىڭ چىرايى چوۇقۇم ئادەتتىن تاشقىرى ئۆزگۈرۈشچان بولسا كېرەك، چۈنكى بۇ كۆپىنچە بىر ئەينەك، بىر قايناق ھىسسىياتنىڭ بۈگۈنى، بالىلىقنىڭ بۈگۈنى، بىر خىل خوراشنىڭ بۈگۈنى ئىكەن. ئۇ سىتاكاندىكى شولىدەك چاپسانلا كۆزدىن يۈتكەن ئىكەن. سىز ماڭا بىر ئەر كىشىنىڭ بىر ئايالنىڭ چىرايىنى ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭ (ئايالنىڭ) يېشى چىرايىدىكى نۇر ۋە كۆلەڭگىلەرنى ئۆزگەرتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ كىيىم ـكېچەكلىرىمۇ ھەر سورۇنغا قاراپ ھەر خىل بولىشى بىلەن ئۇنى ھەر خىل قىلىپ كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردىڭىز. بۇلار قوبۇل قىلىنىشى كېرەك بولغان رىجەلەر ئىدى. مەن ئەينى ۋاقىتتا تېخى كىچىك قىز بولغاچقا سىزنىڭ ئۇنتۇغاقلىقىڭىزنى چۈشىنەلمەي، سىزنى تېنىمسىز ئويلاۋېرىپ، نەتىجىدە، سىزنىمۇ دائىم مېنى ئويلايدۇ، دائىم مېنى كۈتىدۇ، دېگەن خاتا تۇيغۇغا كېلىپ قالغان ئىدىم. ئەگەر مەن سىزنىڭ قەلبىڭىزدە ھېچنېمە ئەمەسلىكىمنى، سىزنىڭ ئەزەلدىن مېنى قىلچىلىك ياد ئېتىپ قويمايدىغانلىقىڭىزنى ھەقىقىي بىلگەن بولسام، بۇ دۇنيادا يەنە قانداقمۇ ياشار ئىدىم؟ مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىڭىز، ھەمدە سىزنىڭ ھاياتىڭىز بىلەن مېنىڭكى ئارىسىدا ھېچقانداق رىشتىنىڭ يوقلىقى ماڭا سىزنىڭ قاراشلىرىڭىزدىنلا مەلۇم بولدى. بۇ قاراش مېنى ئويغىتىپ، بىرىنچى قېتىم خىيالى دۇنيايىمدىن رېئاللىققا قايتۇردى، بىرىنچى قېتىم يازمىشىمدىن بىشارەت بەردى.
سىز ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ كىملىكىمنى بىلمىدىڭىز.ئىككى كۈندىن كېيىن بىز يەنە ئۇچرىشىپ قالغىنىمىزدا، سىز خۇددى تونۇيدىغاندەك ماڭا قارىدىڭىز، ئەمما بۇ سىزنى ياخشى كۆرگەن، ئۆزىڭىز ئويغاتقان قىز دەپ تونۇش ئەمەس، پەقەت ئاددىيلا، ئىككى كۈن ئاۋال مۇشۇ يەردە ئۇچرىشىپ قالغان ئون سەككىز ياشلىق قىز دېگەن تونۇشلۇق ئىپادىسى ئىدى. سىز ماڭا دوستانە ھەيرانلىق بىلەن قارىدىڭىز، مېيىغىڭىزدا سۇس كۈلۈمسىرەش جىلۋە قىلدى. يېنىمدىن يەنە ئۆتۈپ كەتتىڭىز ۋە ئرلدىنقى قېتىمقىدەكلا دەرھال قەدەملىرىڭىزنى ئاستىلاتتىڭىز. مەن ۋۇجۇدۇم تىترىگەن ھالدا تەنتەنە قىلدىم؛ ماڭا گەپ قىلىشىڭىزنى تىلىدىم. مەن سىزنىڭ بىرىنچى قېتىم ماڭا قان بىلەن گۆشتىن پۈتكەن بىر جانلىققا قارىغاندەك قارىغانلىقىڭىزنى سەزدىم. مەنمۇ قەدىمىمنى ئاستىلاتتىم ۋە ئۆزەمنى ئەپقاچمىدىم. قايرىلىپ قارىماي تۇرۇپلا ئارقامدا ئىكەنلىكىڭىزنى بىردىنلا سەزدىم. سۆيۈملۈك ئاۋازىڭىز بىلەن ماڭا بىرىنچى قېتىم بىۋاسىتە گەپ قىلىدىغانلىقىڭىزغا كۆزۈم يەتتى. بۇ خىل قىياس پۇت ـقوللىرىمنى بوشاشتۇرۇپلاۋەتتى. يۈرىگىم ئىتتىك سېلىپ، قورققۇنۇمچە قەدىمىمنى توختاتتىم، سىز يېنىمدىلا ئىدىڭىز. سىز ماڭا ئوچۇق ـيورۇق، خوشال ـخۇرراملىق بىلەن، خۇددى كونا تونۇشلاردەك پاراڭ قىلدىڭىز، ھەي، سىز مەن توغرۇلۇق ھېچنېمە بىلمەيتىڭىز، سىزدە ئەزەلدىن مېنىڭ ھاياتىم ھەققىدە ھېچقانداق تونۇش بولۇپ باقمىغان. سىز مەن بىلەن شۇنداق ئەركىن ئازادە ۋە جەلپ قىلارلىق ھالدا سۆزلەشتىڭىزكى، ھەتتا مەن سىزگە جاۋاپ بېرەلمەيلا قالدىم. ئىككىمىز پۈتۈن كوچىنى بىللە مېڭىپ تۈگەتتۇق. كېيىن سىز مەندىن كەچلىك تاماقنى بىللە يېيىشنى خالاش ـخالىماسلىقىمنى سورىدىڭىز. مەن ماقۇل بولدۇم. قانداقمۇ سىزنى رەت قىلالايمەن؟
بىز كىچىك بىر ئاشپۇزۇلدا غىزالاندۇق. بۇ ئاشپۇزۇلنىڭ نەدىلىكى ئېسىڭىزدىمۇ؟ چوقۇم ئېسىڭىزدىن چىقىپ قالدى. سىز بۇ كەچكى غىزانى ئالاھىدە پەرقلەندۈرۈپ يۈرمەيسىز، چۈنكى بۇنداق كەچكى غىزالار سىز ئۈچۈن ئاز ئەمەس، سىز ئۈچۈن كىم ئىدىم مەن؟ پەقەت نەچچە يۈزلىگەن ئايالنىڭ ئىچىدىكى بىرسى، سىزگە دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان گۈزەللەرنىڭ بىرىمەن، خالاس. نېمىشكە مېنى يادىڭىزدا تۇتىشىڭىز كېرەككەن؟ مەن ناھايىتى ئاز گەپ قىلدىم. سىزنىڭ يېنىڭىزدا ئولتۇرۇپ گېپىڭىزنى ئاڭلاش مېنى بەختنىڭ يوقۇرى چېكىگە يەتكۈزگەن ئىدى. مەن سوئال سوراش، ئەخمىقانە سۆھبەتلەر بىلەن بىرەر سېكوندنىمۇ ئىسراپ قىلىۋەتكۈم كەلمەيتى. مۇشۇ بىر سائەتلىك ۋاقىت ئۈچۈن سىزگە رەخمىتىم چەكسىز. قىزغىن ھۆرمىتىمنى نەقەدەر تولۇق قازاندىڭىز ـھە. نەقەدەر يۇمشاق، نەقەدەر چېچەن، نەقەدەر پاراسەتلىك، تامامەن ئۆزىنى تۇتىۋالالايدىغان، تەنتەك، يېڭىلتەكلىكتىن خالى، نەقەدەر تەمكىن ئىدىڭىز ـھە. ھەتتا مەن بۇرۇنلا ئۆزەمنى پۈتۈن يۈرۈكۈم ۋە روھىم بىلەن سىزگە ئاتىغان بولساممۇ، دەسلەپ كۆرۈشكەندىلا ئىپادىلىگەن ئۆز ـئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچ، قەدىناسلىق مېنى ئەسىر قىلىۋالغان ئىدى. ئاھ، ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندە، سىز مېنى بالىلارچە كۈتكەنلىرىمدىن ئويغاتماي، قانداق بىر ئالۋاستىنى قوغلىۋەتكەنلىكىڭىزنى بىلىڭىز ئىدى.
كەچ كىرگەندە بىز ئاشپۇزۇلدىن چىقتۇق. ئاشپۇزۇل ئىشىكىدە مېنىڭ ئالدىراش ياكى ئەمەسلىكىمنى سورىدىڭىز. سىزگە ئۆزەمنى تاپشۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىمنى قانداقمۇ يوشۇرالاي! مەن خېلى كۆپ ۋاقتىم بارلىقىنى ئېيتتىم. سىز سەل ئىككىلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن ئۆيىڭىزگە بېرىپ بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشقا رايىمنى سورىدىڭىز. بۇ كۈتۈلگەن نەتىجە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان ئىدىم ۋە :«خوشاللىق بىلەن» دېدىم.
شۇئان سەزدىمكى،مېنىڭ بۇنداق تېز ماقۇل بولۇشۇمدىن ئوڭايسىزلاندىڭىزمۇ ياكى خوشال بولدىڭىزمۇ، ئىشقىلىپ تاسادىپىيلىك ھىس قىلدىڭىز. ئەلۋەتتە، ھەيران قېلىشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى بۈگۈن چۈشەندىم. ئەمدى بىلدىمكى، ئاياللار ئۇنداق چاغلاردا دائىم تۇيۇقسىز تۇرغاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىشى، يالغاندىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەندەك ياكى باسالمىغاندەك بولىۋېلىشى، ئەمەلىيەتتە ئەرلەرگە ئۆزىنى تاشلاشقا ئالدىرىغان تەقدىردىمۇ، چوقۇم ئەر كىشىنىڭ قايتا ـقايتا يالۋۇرۇپ، يالغان ـياۋىداق گەپلەرنى قىلىپ، قەسەم ئىچىپ، خىلمۇ ـخىل ۋەدىلەرنى بېرىشىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئاچچىقلىنىشىنى ناز بىلەن خوشاللىققا ئايلاندۇرىشى كېرەك ئىكەن. ماڭا مەلۇم، پەقەت ناز بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى كەسپ قىلغان ئاياللار ۋە پاھىشە ئاياللارلا بۇنداق تەكلىپنى شەرتسىز ھالدا قوبۇل قىلىدۇ، ئۇندىن باشقا سەبى، ساددا، تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن قىزلارلا شۇنداق قىلىشى مۈمكىن. ئەمما بۇ مەن ئۈچۈن بىردىن بىر ئوچۇق ئىپادە ئىكەنلىكىنى، مىڭلىغان كۈنلەر ۋە تۈنلەر داۋامىدا بۈگۈنگىچە توپلانغان سېغىنىشنىڭ ئېتىلىپ چىقىشى ئىكەنلىكىنى نەدىنمۇ بىلەتتىڭىز. ئىشقىلىپ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋال مۇنداق بولغان ئىدى: سىز بىردىنلا مەپتۇن بولدىڭىز ۋە مەن بولسام سىزگە قىزىقىشقا باشلىدىم. بىز بىرلىكتە كېتىۋاتقاندا بولسا بىر تەرەپتىن ماڭا گەپ قىلىپ، بىر تەرەپتىن ھەيرانلىق بىلەن يەر ئاستىدىن ماڭا قاراپ تەخمىنەن باھالاپ باقتىڭىز. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى ھەققىدىكى تۇغما ئىقتىدارىڭىز، سېھرىگەرلەردەك ئىقتىدارىڭىز سىزگە شۇئانلا بۇ تۇمۇچۇقتەك، ئىشەنچلىك قىز ھەققىدە نىمىنىڭدۇر ئادەتتىكىدىن باشقىچە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارىدا مەلۇم بىر سىر بارلىقىنى ئۇقتۇردى. قىزىقىشىڭىز ئويغانغانلىقىنى، سىزنىڭ بۇ سىرنىڭ پەخپىيىتىنى ئېچىشنى نەقەدەر خالاۋاتقىنىڭىزنى ئايلاندۇرۇپ سورىغان چېكىپ بېقىش تىپىدىكى سوئاللىرىڭىزدىن بىلىپ تۇردۇم. بىراق مەن ئۆزەمنى قاچۇردۇم. دۆترەك كۆرۈنۈشكە تىرىشتىم.
بىز بىرلكتە يوقۇرى قەۋەتكە چىقىپ ھوجرىڭىزغا كىردۇق.مېنى كەچۈرۈڭ، قەدىرلىكىم، مەن سىزگە بۇ كارىدور، بۇ بىنا پەللەمپىيى، ماڭا قانداق تۇيغۇ بەخش ئەتكەنلىكىنى —مېنى قانداق مەپتۇن قىلغانلىقىنى، قانداق بىئارام بولغانلىقىمنى، قانداق ئەسەببىيلەشكەنلىكىمنى، قانچىلىك چىدىغۇسىز ئازاپ بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بەخت ئىچىدە قالغانلىقىمنى —ئۆلەيلا دەپ قالغىنىمنى دېسەم چۈشىنەلمىسىڭىز كېرەك. بۇلارنى كۆز يېشى قىلماستىن ئويلىيالمايتىم، ئەمدى كۆز يېشىممۇ قۇرۇپ پۈتتى. بۇ يەردىكى ھەر بىر نەرسە ئىشقىم بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. ھەممە نەرسە بالىلىق دەۋرىمنىڭ ۋە ئۈمىدلىرىمنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن: بۇ دەرزازا تۈۋىدە سىزنى كۈرمىڭ قېتىم كۈتكەن ، بۇ پەللەمپەيدە دائىم سىزنىڭ ئاياق تىۋىشىڭىزنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىغان؛ ئۇ يەردە مەن سىزنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەن، مانا بۇ مارىغۇچتىن مارىلاۋېرىپ، مادارىمدىن كەتكۈچە سىزنى ئىزدىگەن؛ ئىشىگىڭىز ئالدىدىكى پۇت سۈرتكۈچكە تىز چۆكۈپ ئولتۇرغان؛ قۇلۇپتا ئاچقۇچ شاراقلىسا ھەمىشە «كېچىلىك قاراۋۇللۇق»ۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتكەنلىرىم. مېنىڭ پۈتكۈل بالىلىق دەۋرىم، ئوتتەك قىزغىن مۇھەببىتىم مۇشۇ بىرنەچچە كۋادرات گەز ئارىلىقتا ئۆتكەن. مېنىڭ پۈتۈن ھاياتىم شۇ يەردە ئىدى. شۇ تاپتا بولسا بۇ قۇيۇندەك بېسىپ كەلگەن قىسمەت مېنى ئەقلىمدىن مەھرۇم قىلماقتىدى. مەن ھەممىگە، ھەممىگە ئېرىشكەنىدىم، ھەمدە سىز بىلەن–سىز ۋە مەن بىرلىكتە –سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە، ئۆيىمىزگە كىرىپ كەلدۇق. شۇنى ئويلاپ كەتتىمكى، بۇ ئادەتتىكى ئىشتەك تۇرسىمۇ، بىراق باشقا نېمە دېيىشىمنى بىلمەيمەن –ئىشىكىڭنىڭ سىرتىدا يېتىش، بۇ زېرىكەرلىك كۈندىلىك دەۋر قىلىش مېنىڭ پۈتكۈل مەۋجۇدىيىتىم، سېنىڭ ئىشىكىڭ بولسا، بالىلىقىمدىن تارتىپلا سىرلىق پادىشاھلىق —ئالائىددىننىڭ غارى بولۇپ قالغانىدى. ئويلاپ بېقىڭ، بۇ ئىشىك —ھازىر مەن مەس ـئەلەس ھالدا كىرىشكە باشلىغان ئىشىك —كۈرمىڭ قېتىملاپ تەلمۈرۈپ باققان بولغىيدىم —مۇشۇ جۇشقۇن مىنۇتلارنىڭ مەن ئۈچۈن قانچىلىك قىممەتكە توختىغىنىنى سىز ھەرگىزمۇ تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمەيسىز، قەدىرىكىم.
پۈتۈن كېچىنى سىز بىلەن ئۆتكۈزدۈم. بۇندىن بۇرۇن بىرمۇ ئەركىشى قولۇمنىڭ ئۇچىنى تۇتۇپ باقمىغانلىقىنى، بەدىنىمنى سىلاپ ياكى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى خىيالىڭىزغىمۇ كەلتۈرمىدىڭىز. مەن سىزگە ئازراقمۇ قارشىلىق بىلدۈرمىگەن تۇرسام بۇنى بىلىشىڭىز مۈمكىنمۇ، قەدىرلىكىم؟ سۆيگۈم ھەققىدىكى سىرىمنى پەرەز قىلىپ قالمىغاي دەپ، بارلىق تارتىنىش ۋە ئىككىلىنىشلىرىمنى بېسىۋالغان ئىدىم، بولمىسا سىز چۆچۈپ كەتكەن بولاتتىڭىز. سىز پەقەت يۈزەكى، پارچە ـپۇرات، مەنتىقىسىز نەرسىلەردىن بىزار ئىدىڭىز. باشقا بىرىنىڭ قىسمىتىگە ئارىلىشىپ قېلىشتىن قورقاتتىڭىز. سىز ئۆزىڭىزنى ھەركىم ئۈچۈن، دۇنيادىكى ھەممە كىشىگە ئىسراپ قىلىشنى خالايتىڭىز؛ قۇربان بېرىشنى قوبۇل قىلمايتىڭىز. ئەگەر ھازىر مەن سىزگە ئۆزەمنى تاپشۇرغان چېغىمدا تېخى يۈزى ئېچىلمىغان قىز ئىدىم، دېسەم، يالۋۇرىمەنكى، مېنى خاتا چۈشىنىپ قالماڭ، قەدىرلىكىم. مەن سىزنى ئەيىپلىمەكچى ئەمەس. سىز مېنى يولدىن چىقارغان، ئالدىغان، قايمۇقتۇرغان ئەمەس، مەن ئۆزەمنى مەجبۇر قىلىپ، ئۆزەمنى سىزنىڭ قوينىڭىزغا تاشلىدىم، پىشانەمدىكىنى كۆردۈم. مەن ئەبەدىل ـئەبەد سىزنى ئەيىپلىمەيمەن. ئەكسىچە، مەڭگۈ مىننەتدارمەن، چۈنكى بۇ كېچە مەن ئۈچۈن نەقەدەر مول تۇيغۇلۇق، بەخت بىلەن پارلىغان كېچە بولغانىدى، قاراڭغۇلۇقتا كۆزلىرىمنى ئاچقىنىمدا يېنىمدىلىكىڭىزنى تۇيماق نەقەدەر بەخت ئىدى ـھە. ئۆزەمنى گويا خەننەتتىكىدەك ھىس قىلاتتىمكى، ئەتراپىمنى مېنى ئوراپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ يوقلىقىدىن ھەيران ئىدىم. مەن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن، قەدىرلىكىم، بۇ سائەتلەرنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ھەرگىز ئۈمىد قىلغىنىم يوق. سىز ئۇخلاپ ياتىسىز، مەن سىزنىڭ نەپىسىڭىزنى ئاڭلاپ، تېنىڭىزنىڭ تېنىمگە يېقىنلىقىنى ھىس قىلىپ، بەختتىن يىغلىۋەتكەنلىكىمنىلا بىلىمەن.
ئەتىسى سەھەردە كېتىشكە ئالدىرىدىم. ئىشقا بارمىسام بولمايتى، ھەمدە خىزمەتكارىڭىز كىرىشتىن بۇرۇن كېتىۋالاي دېدىم. مەن ئۇنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايتىم. مەن كېيىنىپ بولۇپ تۇرۇشۇمغا سىز مېنى تەكرار قۇچاغلاپ باغرىڭىزغا باستىڭىز ھەم زەڭ قويۇپ قارىدىڭىز؛ ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى غۇۋا بىر ئەسلىمە يۈرىكىڭىزنى دولقۇنلاتتىۇ ياكى مېنىڭ گۈزەللىكىم سىزنى ھاياجانغا سالدىمۇ؟ ئاندىن سۆيۈپ قيدىڭىز. مەن قوينىڭىزدىن ئاستاغىنە ئۆزەمنى سۇغۇرۇپ چىقىپ مېڭىشقا ھازىرلاندىم. شۇ چاغدا سىز مەندىن: «بىرنەچچە تال گۈل ئېلىۋېلىشنى خالىمامسىز؟» دەپ سورىدىڭىز. خالايمەن، دېدىم. سىز يېزىق ئۈستىلىدىكى كۆك رەڭلىك كىرىستال لوڭقىدىن (كىچىك ۋاقتىمدا سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە ئوغۇرلۇقچە قارىغىنىمدىن بېرى بۇ لوڭقا ماڭا تونۇش ئىدى) تۆرت تال ئاق ئەتىرگۈلنى سۇغۇرىۋېلىپ ماڭا بەردىڭىز. كېيىن مەن بىرنەچچە كۈنلەرگىچە شۇ گۈللەرنى سۆيۈپ يۈردۈم.
ئاۋال بىز باشقا بىر كېچىسى بىللە بولۇشنى ئورۇنلاشۇرىۋالغان ئىدۇق. مەن ئۆيىڭىزگە باردىم ۋە بۇ كۈنىمۇ شۇنداق گۈزەل ئۆتتى. سىز ماڭا ئۈچ كېچىڭىزنى ئاتا قىلدىڭىز. ئاندىن سىز سەپەرگە چىقىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتتىڭىز (مەن بالىلىق دەۋرىمدىن باشلاپلا سىزنىڭ ساياھەتكە چىقىشىڭىزنى ئۆلگۈدەك يامان كۆرەتتىم) ، سىز قايتىپ كەلگەن ھامانلا ماڭا خەۋەر بېرىشكە ۋەدە قىلدىڭىز. مەن سىزگە پوچتا ساندۇقۇمنى ئېيتىپ بەردىم، ھەقىقى ئىسىمىمنى ئېيتىپ بەرگىم كەلمىدى، سىرىمنى يوشۇردۇم. ئايرىلىدىغان چاغدا سىز يەنە بىرنەچچە تال ئەتىرگۈلنى بەردىڭىز.
ئىككى ھەپتىنىڭ ھەر كۈنىسىدە سوراپ تۇردۇم، ئەمما يوق، كۈتۈش ۋە ئۈمىدسىزلىكنىڭ دەھشەتلىك ئازابىنى نېمە دەپ تەسۋىرلىسەم بولىدىكىن؟ مەن سىزنى ئەيىپلىمەيمەن. مەن سېنىڭ شۇنداقلىقىڭنى، ھىسسىياتچان ۋە ئۇنۇتقاقلىقىڭنى؛ سېخى ۋە يېڭىلتەكلىكىڭنى ياخشى كۆرگەن ئىدىم. مەن دەل شۇنداقلىقىڭىزنى سۆيۈپ قالغان ئىدىم، ھازىرمۇ شۇنداق. سىز ئاللىنىۋاق قايتىپ كەلگەن ئىدىڭىز. مەن بۇنى دېرىڭىزنىڭ يورۇقلىقىدىن كۆرگەنىدىم. سىز ماڭا خەت يازمىدىڭىز. ئاخىرقى سائەتلىرىمگىچىمۇ سىزدىن، پۈتۈن ھاياتىمنى بەرگەن كىشىمدىن ھېچ خەت —ھەتتا بىر قۇر بولسىمۇ –تاپشۇرىۋالمىدىم. ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە كۈتتۈم، بىراق سىز ئەۋەتمىدىڭىز. بىرقۇرمۇ يازمىدىڭىز،… بىر قۇرمۇ…
مېنىڭ بالام تۈنۈگۈن ئۆلۈپ كەتتى، ئۇ ھەم سىزنىڭ ئوغلىڭىز ئىدى. ئۇ سىزنىڭمۇ ئوغلىڭىز ئىدى، قەدىرلىكىم، ئاشۇ ئۈچ كېچىدىن بىرىنىڭ مەھسۇلى. قەسەم قىلىپ بېرىمەنكى، كىشى ئەجەل شەپە بېرىۋاتقان چاغدا ھەرگىز يالغان ئېيتمايدۇ. ئۇ بىزنىڭ بالىمىز ئىدى، سىزگە جىددىي سۆز بېرىمەنكى، مەن سىزگە ئۆزەمنى تاپشۇرغاندىن تارتىپ تاكى بالا جىسمىمدىن ئاجرىغىچە ھېچقانداق ئەركەككە قولۇمنىڭ ئۇچىنى تۇتقۇزمىدىم. سىزنىڭ تېگىشىڭىز مېنى مۇقەددەسلەشتۈرىۋەتكەن ئىدى. پۈتۈن دۇنيانى بەرگەن تەقدىردىمۇ مەن قانداق باشقا ئەركەكلەر بىلەن سىزنى ئورتاقلاشتۇرىشىم مۈمكىن، ھەتتا پەقەت مۇنداقلا سىپىلاپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىش بولغان تەقدىردىمۇ؟ ئۇ بىرنىڭ بالىمىز ئىدى، قەدىرلىكىم، مېنىڭ ئىختىيارى مۇھەببىتىم ۋە سىزنىڭ خىيالىڭىزغىمۇ كەلتۈرمىگەن، تولۇپ ـتاشقان، تەبىئىي قۇچاقلىشىڭىزدىن بولغان، بىزنىڭ بالىمىز، بىزنىڭ ئوغلىمىز، بىزنىڭ بىردىن بىر بالىمىز.
بەلكىم (ئىھتىمال چۆچۈپ ياكى پەقەت ھەيران بولۇپ(بۇ بالىنى شۇنچە يىللاردىن بېرى نېمىشكە سىزدىن يوشۇرغانلىقىمنى سورارسىز، قەدىرلىكىم. نېمىشكە ئۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۇيقۇغا كەتكەندە، مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەندە، مەندىن ئايرىلىپ، كەلمەسكە كەتكەندە ئاندىن بۈگۈن سىزگە دەيمەن؟ بىراق، قانداقمۇ سىزگە دېيەلەيمەن؟ سىز ماڭا –ئۆزى خالاپ سىز بىلەن ئۈچ كېچىنى ئۆتكۈزگەن، ھېچ قارشىلىق قىلماستىن ئۆزىنى سىزگە تۇتقان يات بىرسىگە –ھەرگىز ئىشەنمەيتىڭىز. شۇنداق، ئېنىق ھالدا ئۆزى خالىغان. ئىسمىنى بىلمىگەن بىر ئايالنىڭ كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىتتا ئۆتۈپ كەتكەن (سەن بىلەن، سىز يېڭىلتەك بىلەن ئۆتكۈزگەن)كەچۈرمىشىگە ھەرگىز ئىشەنمەيتىڭىز. بالىنى يۈرەكلىك ھالدا مېنىڭ دېيىشكە ھەرگىز قوشۇلالمايتىڭىز. مېنىڭ سۆزلىرىم راستەك تۇيۇلغان ئەھۋالدىمۇ، سىز يەنىلا گۇمان قىلىپ:
«مېنىڭ باي ئىكەنلىكىمدىن، باشقا بىرىنىڭ بالىسىنى ماڭا ئارتماقچىمۇ، نېمە» دېگەن گۇماننى نېرى قىلالمايتىڭىز. مەندىن ھەمىشە شۈبھىلىنىدىغان بولۇپ قالاتتىڭىز. بۇ بولسا ئىككىمىزنىڭ ئارىسىغا قورقۇنۇچلۇق بىر كۆلەڭگە، گاڭگىراتقۇچى كۆلەڭگە پەيدا قىلىپ، ئىشەشسىزلىك تۇغدۇراتتى. مەن بۇنى ئىستىمەيتىم. بۇندىن باشقا مەن سىزنى بىلىمەن. مەن سىزنى ناھايىتى ياىشى بىلىمەن، بەلكىم ئۆزىڭىزدىن ياخشىراق بىلىمەن. مەن سىزنىڭ مۇھەببەتتە كۆڭۈل ئازادىلىك، خۇشال ـخۇرراملىقنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى، غەم ئەندىشىسىز ئويۇن ـتاماشاغا ئامراقلىقىڭىزنى، ئۇشتۇمتۇتلا دادا بولۇپ قالسىڭىز يەنى بىردىنلا باشقا بىر كىشىنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن مەسئۇل بولۇپ قالسىڭىز، چوقۇم مەزىسىزلىك ھىس قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. ئەمەلىيەتتە سىز پەقەت ئەركىن بولغىنىڭىزدىلا نەپەس ئالالايدىغان كىشى، قانداقتۇر مەن تۈپەيلى چەكلىنىپ قالغاندەك ھىس قىلاتتىڭىز. بۇ مەجبۇرىيەت تۈپەيلى ئىرادىڭىزگە قارشى ھالدا مېنى ئۆچ كۆرۈپ قالاتتىڭىز، شۇنداق، سىزنى بىلىمەن، شۇنداق بولاتتى. مېنىڭ كاشىلام تۈپەيلى بولغان ئۆچلىكىڭىز بەلكىم پەقەت بىر ياكى ئىكى سائەت ياكى پەقەت بىرنەچچە مىنۇت بولىشى مۈمكىن، ئەمما مېنىڭ غورۇرۇم سىزنىڭ مېنى ئۆمۈر بويى، ھېچ ئەندىشىسىز ئويلىشىنى ئىستەيدۇ. مەن بارلىق ئاقىۋەتلەرنى يالغۇز ئۈستۈمگە ئېلىشقا رازىمەنكى، سىزگە يۈك بولۇشنى خالىمايمەن؛ بارلىق باردى ـكەلدى قىلغان ئاياللىرىڭىز ئىچىدە دائىم مۇھەببەت ۋە تەشەككۈر تۇيغۇسى بىلەن ئويلايدىغان بىرى بولۇشنى ئىستەيتىم. بىراق، ئېمىنمەنكى،سىز ئەزەلدىن مېنى ئويلاپ باققان ئەمەس. مېنى ئۇنۇتقان سىز.
مەن سىزنى ئەيپلىمەكچى ئەمەسمەن، قەدىرلىكىم، مەن سىزنى ئەيىپلىمەيمەن. بەزى چاغدا ئاچچىق سۆزلەر قەلىمىمدىن تۆكۈلۈپ كېتىپ قالغان بولسا كەچۈرىۋېتەرسىز. مېنىڭ بالام –بىزنىڭ بالىمىز –لىپىلدىغان شام ئاستىدا ئۆلۈپ ياتىدۇ. مەن مۇشتۇمۇمنى چىڭ تۈگۈپ خۇداغا شىلتىدىم ھەم ئۇنى قاتىل دېدىم؛ تىت ـتىتلىق، گاڭگىراش ھىس قىلىۋاتىمەن. قارغىشلىرىمنى كەچۈرۈڭ، مېنى ئەپۇ قىلىڭ! سىزنىڭ چىن كۆڭلىڭىزدىن ياردەمسۆيەر ياخشى كىشى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن. سىز ياردەم سورىغان ھەرقانداق ئادەمگە، ئۇ مەيلى يىراق يات كىشى بولغان تەقدىردىمۇ ياردەم بېرىسىز. ئەمما سىزنىڭ مەرتلىكىڭىز ئالاھىدىرەك. ياردىمىڭىز ھەركىم ئۈچۈن ئوچۇق، كىم قانچىلىك ئېلىۋالسا ئېلىۋالىدىغان. سىزنىڭ ھىممىتىڭىز كەڭ، چەكسىز كەڭ، ئەمما ئۇ (كەچۈرىسىز) ھورۇن. ئۇنى سوراپ ئېلىش كېرەك، ھەركىم ئۆزى ئېلىشى كېرەك. سىزنىڭ ياردىمىڭىز ياردەم تەلەپ قىلغانلار ئۈچۈن، تەلەپ شۇ. سىزنىڭ ياردىمىڭىز خۇشاللىق بىلەن ئەمەس، جىنايەت تۇيغۇسىدىن، ئاجىزلىقتىن. بۇ جەھەتتە سەمىمىي بولشىمىز كېرەك، سىز تەلەيلىك تەڭتۇشلىرىڭىزدىن نامراتراق بولۇشنى، كۆپرەك ئازاپ چېكىشنى ئىستىمەيسىز. كىشىلەرمۇ سىزگە ئوخشاش، ھەتتا بەك مىھماندوست بولغىنىڭزدىمۇ، ياردەم سوراشنى تەس كۆرىدۇ.
بىر قېتىم، تېخى بالا ۋاقتىمدا، مارىغۇچتىن قاراپ تۇراتتىم، ئىشىكىڭىزنىڭ قوڭغۇرىقىنى چالغان تىلەمچىگە قانداق ھالەتتە بىر نەرسە بەرگىنىڭىزنى كۆرگەن ئىدىم. سىز ئىنتايىن تېز ھەم ھەقىقەتەندىمۇ سېخىيلىك بىلەن، ھەتتا ئۇ تېخى سورىماي تۇرۇپلا، ئالدىرىغان ھالدا ئۇنىڭ چاڭگىلىغا تۇتقۇزۇپ قويغان ئىدىڭىز؛ شۇڭا ئۇمۇ تېزلا كۆزدىنيۈتكەن ئىدى. بۇ گويا ئۇنىڭغا قاراشتىن قورققىنىڭزدەك بىلىنگەن ئىدى. سىزنىڭ باشقىلارغا ياردەم قىلغان چاغدىكى گويا كىشىلەرنىڭ رەھمەت ئېيتىشىدىن قورققاندەك تەشۋىشلىك، ئۈن ـتىۋىشسىز تۇرقىڭىزنى ھېچ ئۇنۇتمىغان ئىدىم. نېمىشكە سىزگە بارمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىمۇ مانا شۇ. دۇرۇس، ھەتتا بۇ سىزنىڭ بالىڭىز ئىكەنلىكى رەسمىيلەشتۈرۈلمىگەن تەقدىردىمۇ سىزنىڭ ماڭا قۇلاق ئاسىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم. ماڭا تەسەللىي بېرەتتىڭىز، پۇل بېرەتتىڭىز، نۇرغۇن پۇل بېرەتتىڭىز. بىراق، بۇ بۇ ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلۇشقا بولغان يوشۇرۇن تاقەتسىزلىك بىلەن بولاتتى. مېنىڭچە ھەتتا بالىنى چۈشۈرىۋېتىشكە ئۈندەيتىڭىز. مەن ئۈچۈن ئەڭ قورقۇنۇچلۇق بولغىنىمۇ شۇ ئىدى، ئەگەر سىزلا تەلەپ قىلىدىغان بولسىڭىز مەن نېمىلەرنى قىلمايتىم! سىزنىڭ تەلەپلىرىنىڭىزنى قانداقمۇ يەردە قويالايمەن؟
بىراق بۇ بالا مېنىڭ بارلىقىم ئىدى. ئۇ سىزنىڭ پۇشتىڭىز، سىزنىڭ تەكرارىڭىز: سىزنى –غەم ـئەندىشىدىن خالى، بەختلىك ئادەمنى بەرىبىر مەن ئۆز يېنىمدا تۇتۇپ قالالمايتىم؛ لېكىن، شۇئاندا سىز ماڭا مەڭگۈلۈككە –مەن شۇنداق ئويلايتىم –بېرىلگەن، ۋۇخۇدۇمغا قامالغان ئىدىڭىز، مېنىڭ قېنىم بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپ باراتتىڭىز؛ ئەمدى قاچان خالىسام شۇ چاغدا «سىز»نى باقىدىغان، ئېمىتىدىغان، باغرىمغا باسىدىغان، سۆيىدىغان بولغان ئىدىم. قاراڭ، قەدىرلىكىم، مانا بۇ نېمىشكە مەن بالىڭىزغا ھامىلدار بولغىنىمدا شۇ قەدەر خوشال بولغىنىمنىڭ سەۋەبى، شۇنداقلا نېمىشقا بۇ توغرۇلۇق سىزگە تىنمىشىمنىڭ سەۋەبى؛ ئەمدى قولۇمدىن ھېچيەرگە قاچالمايتىڭىز. شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، قەدىرلىكىم، بۇ كۈنلەر ئۈمىد قىلغىنىمدەك پەقەت بەختىيارلىق ئىچىدە ئۆتكىنىمۇ يوق. بۇ يەنە قورقۇنۇچ ۋە ئازاپقا، ئىنسانلارنىڭ پەسكەشلىكىگە قارشى ئۆچمەنلىككە تولغان ئايلار ئىدى. بۇ ماڭا ئاسان توختىغىنى يوق.
ئاخىرقى ئايلاردا ئىشقا بارالمىدىم، بولمىسا تۇققىنىمىز بىلىپ قالاتتى ۋە ئۆيگە خەۋەر بېرىپ قويىشى مۈمكىن ئىدى. ئاپامدىن پۇل سورىيالمايتىم، شۇڭا ئاي ـكۈنۈم كەلگىچە ئاز ـتولا زىننەت بويۇملىرىمنى سېتىپ تۇرمۇشۇمنى قامدىدىم. بىر ھەپتە ئىلگىرى ئاخىرقى بىرنەچچە تىللايىمنى كىرچى خوتۇن ئىشكاپتىن ئوغۇرلاپ كېتىپتۇ، شۇڭا مەن بىر تۇغۇت دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تۇغۇشقا مەجبۇر بولدۇم. پەقەت ئىنتايىن نامرات، پاسكىنا، تاشلىۋېتىلگەن بىچارىلار، ئۇنتۇلغان سۆرەلمىلەرنىڭ بارىدىغان يېرى ئىدى؛ بالا، سىزنىڭ بالىڭىز مانا شۇ يەردە تۇغۇلدى. بۇ بىر جان ئالىدىغان يەر ئىدى، ھەممە نەرسە دۈشمەنلىككە تولغان، پۈتۈنلەي دۈشمەنلىككە تولغان ئىدى. ئۇ يەردە ياتقانلارنىڭ ھەممىسى بىر ـبىرىگە يات ئىدى، بىر بىرىمىزگە نەپرەتلەنگەن ھالدا، شۇمقۇشلارچە يالغۇز ياتاتتۇق. بىز شور پىشانىلىكىمىزدىن بۇ ئازاپقا تولغان، تىنجىق، نورمىدىن تاشقىرى ئادەم قاچىلانغان، ئاھۇ ـپەرياد، ۋايساشلار بىلەن دورا ھەم قان پۇرىقىغا تولغان ياتاقلارغا بىرلىكتە تاشلانغان ئىدۇق. يوقسۇللار نائىلاجلىقتىن دۇچار بولىدىغان ھاقارەت ۋە روھىي ـجىسمانىي جەھەتلەردىكى خورلۇقلارنىڭ ھەممىسىگە شۇ يەردە ئۇچرىدىم. مەن كېسەل، پاھىشە ئاياللار بىلەن ئەتىدىن كەچكىچە بىللە بولۇشتەك ئازاپنى كەچۈردۈم، ئۇلار ئورتاق تەقدىر ئىچىدىكىلەرگىمۇ پەسكەشلىك قىلاتتى؛ ئاسمان ئۆرۈلۈپ كەتسە چېۋىغىغا ئالمايدىغان ياش دوختۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارى بولمىغان ئاياللارنىڭ ئۈستىدىكى ئەدياللىرىنى ئېچىۋېتىپ، بىر خىل ساختا ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن مۇزدەك كۈلۈمسىرەپ، تەكشۈرىۋاتقان قىياپەتتىكى مىجىقلاشلىرىغا ۋە سېسترالارنىڭ ئاچكۆزلۈكىگە چىدىدىم.
ئىھ، كىشىنىڭ نومۇسى كىرىستقا مىخلانغان بولۇپ، كۆرۈلەتتى ھەم ھاقارەت يامغۇرىغا نىشان بولاتتى. كارتۇچكا بەلگە كىشىنىڭ ئىسمى ئورنىدا ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ بىردىن بىر بىر ئالامىتى ئىدى. كارۋات ئۈستىدە ياتقىنى قىزىققۇچىلار مىجىقلاپ ئوينايدىغان، كۆرگەزمە ۋە تەتقىقات ئوبېكتى بولغان مىدىرلاپ تۇرغان بىرپارچە گۆش ئىدى.
ئاھ، ئۆيلىرىدە ئەرلىرىنىڭ مۇھەببەتلىك كۈتۈشى بىلەن ئۇلارغا ئۆيلىرىدە بالا تۇغۇپ بېرىدىغان خوتۇنلار، يالغۇزلۇقتا، باشپاناھسىز، تەجىرىبە شىرەسى ئۈستىدە بالا تۇغۇشنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ! ھەتتا مۇشۇ كۈندىمۇ مەن كىتاپلاردىن «دوزاق» دېگەن سۆزنى ئوقۇپ قالسام، كۆز ئالدىمغا دەرھاللا ئاشۇ قۇشخانا، نومۇسسىزلىققا تولغان، تىقما ـتىقماق، تىنجىق كېسەلخانا، ئۇ يەردىكى ئىڭراش، نالە ـزار ئاۋازلىرى، نورمالسىز كۈلكىلەر، قورقۇنۇچلىغىدىن بەدەن تىكەنلىشىپ كېتىدىغان كەچۈرمىشلىرىم كېلىدۇ.
مېنى كەچۈرۈڭ، بۇلارنى سۆزلەپ ئولتۇرغىنىم ئۈچۈن مېنى ئەپۇ قىلىڭ. مەن بۇلارنى پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا دەيمەن، ئۇندىن كېيىن ھەرگىز دېمەيمەن. ئون بىر يىل سۈكۈت قىلدىم، ئەمدى مەڭگۈ ئۈنۈمنى چىقارمايمەن. مەن بۇلارنى بىر قېتىم، پەقەت بىرلا قېتىم، بۇ بالىغا قانچىلىك تەستە ئېرىشكەنلىكىمنى، ئۇنىڭ بارلىق خۇشاللىقىم ئىكەنلىكىنى، ئەمدى بولسا ئۆلۈپ ياتقانلىقىنى دەۋالاي. مەن ئۇ سائەتلەرنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدىم. ئۇلار بالىنىڭ كۈلكىسى ئىچىدە، بالىنىڭ ئاۋازى ئىچىدە، مېنىڭ بەختىيارلىقىم ئىچىدە بۇرۇنلا ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئىدى. بىراق ھازىر ئۇ ئۆلدى، ئازاپ تەكرار بېسىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا مەن ئىچ ـئىچىمدىن سىزگە مۇشۇ بىر قېتىملا يىغلىۋالاي. بىراق مەن سىزدىن ئاغرىنمايمەن، پەقەت خۇدادىن، پەقەت مۇشۇ ئارتۇقچە ئازاپلارنى ئاپىرىدە قىلغان خۇدادىنلا ئاغرىنىمەن. قەسەم قىلىمەنكى، سىزدىن ئاغرىنمايمەن، ئەزەلدىن ساڭا ئاچچىقىم كەلگەن ئەمەس. بەدىنىم ئاچچىق تولغاق دەستىدىن ئاغرىپ كەتكەن، جىسىمىم تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ نەزەرلىرى ئاستىدا نومۇستىن كۆيۈپ كەتكەن، ھەتتا ئازاپ يۈرىكىمنى تىلغىۋەتكەن، پەيتلەردىمۇ سەندىن ئاغرىنغان ئەمەسمەن. ئاشۇ كېچىلەر ئۈچۈن ئەزەلدىن پۇشايمان قىلغان، ساڭا بولغان مۇھەببىتىمدىن تانغان ئەمەسمەن. مەن ھەمىشە سىزنى سۆيدۈم، سىز ھاياتىمغا كىرىپ كەلگەن سائەتلەرنى ئۇلۇغلىدىم. ناۋادا ئاشۇ سائەتلەر ئۈچۈن، ئاشۇنداق دوزاققا قايتا چۈشۈش قىسمىتىگە دۇچ كەلسەم، قانداق ئازاپلارنى تارتىدىغانلىقىمنى ئالدىن بىلسەممۇ، مەن يەنە بىر قېتىم ئازاپ تارتىشقا رازى بولغان بولاتتىم، قەدىرلىكىم، يەنە بىر قېتىم، ھەتتا مىڭ قېتىم!
بىزنىڭ بالىمىز تۈنۈگۈن ئۆلدى، سىز ئۇنى ھېچ بىلمەيتىڭىز. سىز بەك تاسادىپىيمۇ بۇ كىچىك، گۈلدەك بەرق ئۇرۇپ تۇرغان ئوغۇلچاققا، ئۆزىڭىزنىڭ پۇشتىغا كۆز تاشلاپ باقمىغان ئىدىڭىز، ھەتتا غىل ـپال كۆرۈشكىمۇ نېسىپ بولمىغانىدى. مەن بالا بولغاندىن كېيىن ئۆزەمنى چەتكە ئېلىپ ئۇزۇنغىچە سىزگە يولۇقمىدىم. سىزگە بولغان ئىنتىلىشىممۇ بۇرۇنقىدەك ئازاپلىق بولمىدى. راستىنى دېگەندە سىزگە بولغان تەلۋىلەرچە مۇھەببىتىممۇ سۇسلىشىپ قالغان ئىدى. بالىنى سوغات قىلغىنىڭىزدىن كېيىن، ھېچ بولمىغاندا ئشىق ئازابىنى بەك تارتىپ كەتمىدىم. مەن كۆڭلۈمنى ئىككىگە بۆلۈپ، سىزگە ۋە ئۇنىڭغا بېرىشنى خالىمىدىم، شۇڭا بەرىبىر مېنىڭ تۇرمۇش ھاياتىمنىڭ سىرتىدا بولغان، بەختلىك (سىزگە) كۆڭلۈمنى بەرمىدىم، بىراق بۇ بالا ماڭا مۇھتاج ئىدى. ئۇ بېقىلىشى كېرەك ئىدى، مەن بولسام ئۇنى سۆيەلەيتىم ۋە باغرىمغا باسالايتىم. سىزنىڭ بۇ كوپىيەڭىز تۈپەيلىدىن مەن گويا سىزگە بولغان زارلىقىمدىن ۋە كۈلپەتلىك تەقدىرىمدىن قۇتۇلغاندەك كۆرۈنەتتىم. بولۇپمۇ، ئۇ شۈبھىسىز مېنىڭ ئىدى. پەقەت بەزى ـبەزىدە كەيپىياتىم تەۋەززۇ بىلەن سىزنىڭ ئۆيىڭىز تەرەپنى ئىشارە قىلاتتى. پەقەت بىرلا ئىشنى قىلدىم: ھەر يىلى تۇغۇلغان كۈنىڭىز كەلگەندە، سىزگە ئىككىمىز ئامراقلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرىنچى كېچىدىن كېيىن سىز ماڭا سوغا قىلغانغا ئوخشاش بىر دەستە ئاق ئەتىرگۈل سوغا قىلاتتىم. بۇ ئون بىر يىل ئىچىدە بۇ گۈللەرنى كىمنىڭ سوغا قىلىپ ئەۋەتىۋاتقانلىقىنى ئۆز ئۆزىڭىزدىن سوراپ باققانمىدىڭىز؟ بىر چاغلاردا ئۆزىڭىز مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئەتىرگۈل سوغا قىلغان قىزنى ئەسلىدىڭىزمۇ؟ بىلمىدىم، ھەم بىلمەيمەن. يىلدا بىر قېتىم بۇ گۈللەرنى سىزگە يوشۇرۇن ئەۋەتىش بىلەن سىزنىڭ ھېلىقى ۋاقىتقا بولغان ئەسلىمىڭىزنى ئويغاتماقچى بولاتتىم، ماڭا شۇنىڭ ئۆزى كىپايە ئىدى.
سىز بىزنىڭ بىچارە بالىمىزنى ھېچ بىلمىدىڭىز. ئەمدى ئۇنى سىزدىن يوشۇرغانلىقىمدىن ئاغرىنماقتىمەن، سىز ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالاتتىڭىز. سىز ئەزەلدىن بۇ بىچارە بالىنى، ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشىنى، قاپىغىنى يېنىككىنە ئېچىپ، ئاندىن ئەقىللىق قارا كۆزلىرى (سىزنىڭ كۆزلىرىڭىز!) بىلەن ماڭا ۋە پۈتۈن دۇنياغا يورۇقلۇق ۋە خوشاللىق نۇرىنى چاچقىنىنى كۆرمىدىڭىز. ئىھ، ئۇ نەقەدەر ئوچۇق، نەقەدەر سۆيۈملۈك ئىدى ـھە! سىزنىڭ خاراكتېرىڭىزدىكى ھەممە تەنتەكلىك تەركىپلىرى ئۇنىڭدا، ئۇنىڭ بالىلىق قىلىقلىرىدا تەكرارلىناتتى. سىزنىڭ چاپسان ۋە جانلىق تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىڭىز ئۇنىڭ خاراكتېرىدا قايتا ئىپادىلەنگەن ئىدى: خۇددى سىز كىشىلىك ھاياتنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرگەنگە ئوخشاش، ئۇمۇ ئويۇنچۇقلارغا بېرىلىپ ئۇدا نەچچە سائەت ئوينايتى، ئاندىن قوشۇمىلىرىنى تۈرۈپ، كىتاپنى قولىغا ئېلىپ ئەستايىدىل ئوقۇشقا باشلايتى. ئۇ بارغانسېرى سىزگە ئوخشاپ باراتتى. ئۇنىڭدىمۇ سىزدىكى جىددىي، ئەستايىدىللىق ۋە خۇشچاخچاقلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئالاھىدىلىك روشەن تەرەققىي قىلدى. ئۇ سىزگە ئوخشىغانسېرى شۇنچە ياخشى كۆردۈم. ئۇ ياخشى ئوقۇغۇچى ئىدى. فىرانسۇزچە سۆزلەيدىغان بولسا خۇددى قۇشقاچتەك ۋىچىرلاپ كېتەتتى، ئۇنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرى سىنىپ بويىچە ئەڭ رەتلىك ئىدى. ئۇ شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدىكى، قارا دۇخاۋا چاپىنىنى كىيگەندە ياكى ماترۇسچە ئاق كىيىم كىيگەندە شۇنداق چېچەن كۆرۈنەتتى. ئۇ قەيەرگە بارمىسۇن ئەڭ چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ باراتتى. ئۇنىڭ بىلەن گرېيدو ساھىللىرىنى ئايلىنىپ يۈرگىنىمىزدە، ئاياللار جايىدا توختاپ، ئۇنىڭ ئالتۇن رەڭلىك چاچلىرىنى سىلايتى. سېممېرىڭدا چاڭغى تېيىلىپ ئوينىغاندا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا زوقلىنىپ قارىشاتتى. ئۇ شۇنچە چىرايلىق، شۇنچە زېرەك، شۇنچە ياردەمسۆيەر ئىدى. ئۆتكەن يىلى ئۇ دېرېسىئانۇمدا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى بولغاندا مەكتەپ فورمىسىنى كېيىپ، شەمشەر ئېسىپ، خۇددى 18 ـئەسىردىكى ئوردا بالا ياساۋۇللىرىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى؛ ھازىر بولسا ئۇنىڭ ئۇچىسىدا كىچىككىنە كېچىلىك مايكىسىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق، بىچارە بالا، لەۋلىرى تاتىرىپ كەتكەن، قوللىرى يىغىلىپ قالغان ھالدا ئەنە ئۇ يەردە يېتىپتۇ.
بەلكىم سىز مەندىن قانداق قىلىپ بالىنى باياشاد، جانلىق، بەختىيار، توققۇزى تەل ھايات شارائىتىغا ئىگە قىلالىغانلىقىمنى سورارسىز. ئەڭ قەدىرلىك كىشىم، سىزگە ئەمدى قاراڭغۇ تەرەپلەرنىمۇ سۆزلەپ بېرەي. مەن ئىزا تارتمايمەن. ساڭا سۆزلەپ بېرىمەن. بىراق چۆچۈپ كەتمىگىن، قەدىرلىكىم، مەن تېنىمنى ساتتىم. مەن بىرى چاقىرسىلا كېتىۋېرىدىغان رەسمىي جالاپ، پاھىشە ئەمەس ئىدىم، ئەمما تېنىمنى ساتتىم. مېنىڭ باي دوستلىرىم، بايچەتچە ئاشنىلىرىم بارىدى. باشتا مەن ئۇلارنى ئىزدەپ بارغان ئىدىم، كېيىن ئۇلار مېنى ئىزدەيدىغان بولدى. مەن –دىققەت قىلىغانمىدىڭىزكىن –ناھايىتى چىرايلىق ئىدىم. مەن ئۆزەمنى بەرگەن ھەممىلا كىشى ماڭا ئامراق بولۇپ كېتەتتى، ماڭا تەشەككۈر ئېيتاتتى، ھەممىسى مەستانە ئىدى، ھەممىسى مېنى ياخشى كۆرەتتى؛ سىزدىن باشقا ھەممىسى، سىزدىن باشقا ھەممىسى، قەدىرلىكىم!
ئىپپىتىمنى ساتقانلىقىمنى دېسەم ئەمدى مېنى پەس كۆرەرسىزمۇ؟ ياق، سىز مېنى پەس كۆرمەيسىز. ھەممىنى چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى، بۇنى سىزنى دەپ قىلغانلىقىمنى، باشقا بىر ئۆزىڭىزنى دەپ شۇنداق قىلغانلىقىمنى، بالىڭىزنى دەپ قىلغانلىقىمنى چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. ھېلىقى تۇغۇت دوختۇرخانىسىدىكى ياتاقتا كەمبىغەلچىلىكنىڭ نەقەدەر قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدىم. دۇنيادا كەمبىغەللەر ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئاياق ئاستى قىلىشىغا، ھاقارەت قىلىشىغا ئۇچرايدىغان دائىمىي قۇربانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. نېمە بولسا بولسۇن مەن بالىڭىزنىڭ، نۇرلۇق، چىرايلىق بالىڭىزنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن قاتلامدا، مىھرى شەپقەتسىز، قوپال بولۇپ كوچىدا چوڭ بولىشىغا، ئارقا كوچىلاردىكى بۇزۇلغان ھاۋادا چوڭ بولىشىغا قاراپ تۇرالمايتىم. ئۇنىڭ چىرايلىق ئاغزىدىن سەت گەپلەرنىڭ چىقىشىغا، ئاپپاق بەدىنىگە گادايلارنىڭ پۇرلىشىپ كەتكەن قوپال كىيىملىرىنى كېيىشىگە چىداپ تۇرالمايتىم. سىزنىڭ بالىڭىز ھەممىگە ئىگە بولىشى، كىشىلىك دۇنياسىدىكى بايلىقلاردىن، ھەممە شاد ـخۇرراملىقتىن بەھرىمەن بولىشى، سىزنىڭ دەرىجىڭىزگە يېتىشى، سىزنىڭ دۇنياڭىزدا ياشىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا، پەقەت مۇشۇ سەۋەپتىنلا، قەدىرلىكىم، مەن ئىپپىتىمنى ساتتىم. بۇ ئىش ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھېچ قۇربان بېرىش ھېساپلانمايدۇ، شەرەپ ۋە نومۇس دېگەنلەر مەن ئۈچۈن مەنىسىنى يوقاتقان.
مەن پەقەت سىزگىلا مەنسۇپ ئىدىم، سىز—ئىپپىتىمنىڭ بىردىن ـبىر ئىگىسى بولغان سىز مېنى سۆيمىگەن ئىكەنسىز، ئۇنداقتا ئىپپىتىمنىڭ نېمە بولىشى مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئەمەسمۇ. ئەرلەرنىڭ سۆيگۈسى، ھەتتا چوڭقۇر ئىشقى ھىسسىياتىغا، گەرچە مەن ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ھۆرمەت قىلساممۇ ۋە ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىسىمۇ، پىسەنت قىلىپ قويمايتىم، ئۆز قىسمەتلىرىمنى ئويلىغان چېغىمدا ئۇلارنىڭ زېرىكتۈرگۈچى مۇھەببىتى ئاچچىقىمنى كەلتۈرەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا مىھرىۋان ئىدى، مېنى ئەركىلىتەتتى، ھۆرمەت قىلاتتى. بولۇپمۇ يېشى چوڭراق بىرى ئاقسۆڭەكلىك دەرىجىسى بار بويتاق مېنى قىزىدەك ياخشى كۆرەتتى. ئۇ دادىسىز بالىنىڭ، بالىڭىزنىڭ دېرېسىئانۇمغا كىرىپ ئوقۇشى ئۈچۈن ئۆز تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ يول ماڭغان بىردىن بىر كىشى ئىدى. ئۈچ ـتۆرت قېتىم ماڭا توي قىلىش تەكلىۋى بەردى، بۈگۈنلەردە مەن تيرولدا كۆز قاماشتۇرىدىغان قەلئەنىڭ ئايال خوجايىنى بولۇپ، دۇنيادا ھېچنېمىدىن غېمىم بولمىغان بولاتتى. بالا ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇنىڭ مۇلايىم ۋە جاندىن ياخشى كۆرىدىغان دادىسى، مېنىڭ يېنىمدا بولسا خۇلقى ـمىجەزى مۇلايىم، سۆيۈملۈك ئېرىم بولغان بولاتتى. ئۇ مېنى تەلىپىگە ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن خېلى قىستىدى، مەن ئۇنىڭ كۆڭلى قانچىلىك يېرىم بولىدىغانلىقىنى بىلسەممۇ، باشتىن ـئاخىر ئۇنىڭغا تېگىشكە ئۇنىمىدىم. بەلكىم ئۇنى رەت قىلغىنىم ئەخمەقلىق بولغاندۇر، چۈنكى رەت قىلمىغان بولسام ھازىر بىر ئورۇندا خاتىرىجەم تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋە ھىمايىگە ئېرىشكەن بولاتتىم ھەم بۇ كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان بالىمۇ مەن بىلەن بىللە بولاتتى، لېكىن –بۇنى نېمىشكە سىزگە دېمەسلىكىم كېرەككەن –ئۆزەمنى چۈشەپ قويۇشنى خالىمىدىم. مەن ئەركىن بولۇشنى، سىز ئۈچۈن ھەمىشە ئەركىن بولۇشنى خالايتىم. يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر بىر يېرىدە –يوشۇرۇن ئېڭىمدا –ئۆتكەن كۈنلەردىكى بالىلىق چۈشلىرىم تېخى بەرباد بولمىغان ئىدى: بەلكىم سىز مېنى يەنە بىر قېتىم يېنىڭىزغا چاقىرىپ قېلىشىڭىز مۈمكىن ئىدى، ھەتتا بىر سائەتلىك بولسىمۇ. ئاندىن مەن ھەممىنى نېرى چۆرىۋېتىپ، ئىھتىماللىقى بولغان مۇشۇ بىر سائەت ئۈچۈن، پەقەت چاقىرغىنىڭىز ھامان يېتىپ بېرىش ئۈچۈن تۇرمۇش قۇرماسلىقىم كېرەك ئىدى. ئەجەبا، تاكى بالىلىق دەۋرىمدىكى تۇنجى ئويغۇنۇشۇمدىن تارتىپ، پۈتۈن ھاياتىم سىزنىڭ ئىرادىڭىزنى كۈتۈشتىنلا تەركىپ تاپقان ئەمەسمىدى؟
ئاشۇ كۈتكەن سائەتلەر ھەقىقەتەنمۇ يېتىپ كەلدى. بىراق سىز بۇنى بىلمىدىڭىز، زادىلا سەزمىدىڭىز، قەدىرلىكىم! سىز مېنى تونۇمىدىڭىز! سەل ئاۋاللىرى مەن سىزنى تىياتىردا، ئويۇن كۆرۈۋاتقاندا پرېيتېردا ئۇچرىتىپ قالاتتىم، كوچىدا مېنىڭ يۈرەكلىرىم سېلىپ كېتەتتى، بىراق سىز تۈپ ـتۈز قاراپ ئۆتۈپ كېتەتتىڭىز. تاشقىي جەھەتتىن قارىغاندا مەن ھەقىقەتەنمۇ باشقىلا ئادەمگە ئايلانغان ئىدىم؛ دېيىشلىرىچە، مەن تارتىنچاق بالىدىن ئايالغا، چىرايلىق ئايالغا ئايلانغان ئىدىم، ئۈستىۋېشىمدا قىممەتباھا كىيىملەر، ئەتراپىمنى خۇشتارلىرىم ئورىۋالغان. بۇ ھالدا قانداقمۇ مېنىڭ ئاشۇ ياتاقخانىڭىزدىكى غۇۋا چىراق يورۇقىدا تارتىنىپ تۇرغان گۈزەل گۈزەل قىزچاق ئىكەنلىكىمنى تونۇيالايتىڭىز؟ بەزىدە مەن بىلەن بىللە كېتىۋاتقان ئەپەندىلەردىن بىرەرسى سىز بىلەن سالاملىشاتتى. سىز ئۇنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالغاچ ماڭا ھۆرمەت بىلدۈرەتتىڭىز، بىراق قاراشلىرىڭىز ئەدەپلىك ناتونۇش، ماختاشقا تولغان ئەمما ھېچ تونۇشمايدىغاندەك يىراق، قورقۇنۇچلۇق يىراق بولاتتى.
بىر قېتىم –بۇ ھېلىمۇ ئېسىمدە –گەرچە دائىملىق ئىشتەك بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ خىل تونۇماسلىقتىن قاتتىق ئازاپ چەككەن ئىدىم. مەن بىر دوستۇم بىلەن ئوپېرانىڭ لوژىسىدا ئولتۇراتتىم، سىز قوشنا لوژىدا ئولتۇردىڭىز. تەكلىپكە كۆرە چىراق بىر ئاز سۇسلاشتۇرۇلدى. مەن سىزنىڭ يۈزىڭىزنى كۆرەلمەي قالدىم، بىراق ئاشۇ كېچە بىللە بولغىنىمىزدا يېنىمدا ئاڭلاپ تۇرغاندەك، نەپىسىڭىزنى سېزىپ تۇردۇم. قولىڭىز، چىرايلىق، نازۇك قولىڭىز لوژىلىرىمىزنى ئايرىپ تۇرغان مامۇق قوللۇق ئۈستىدە تۇراتتى. مەن ئۈچۈن بەكمۇ سۆيۈملۈك، ئىلگىرى بىر قېتىم ئۈستۈمدە سەزگەن بىراق ھازىر ياتلارغا مەنسۇپ بولغان بۇ قوللارغا سۆيۈش ئىستىكى شۇنداق كۈچلۈك بېسىپ كەلدىكى، ئۆزەمنى تۇتىۋېلىشقا ئاجىز ئىدىم. ياڭراپ تۇرغان مۇزىكا ئاۋازى يۈرەك تارلىرىمنى چېكەتتى، ئىستىگىم بارغانسېرى كۈچەيمەكتە ئىدى، تولۇپ ـتاشقان ئىشق لەۋلىرىمنى سىزنىڭ قوللىرىڭىز تەرەپكە تارتاتتى، مەن بارلىق كۈچۈمنى يىغىپ، جېنىمنىڭ بېرىچە تىرمىشىپ، ئۆزەمنى تۇتىۋالدىم. بىرىنچى پەردە ئاياقلاشقاندىن كېيىن، مەن دوستۇمغا كېتەيلى دەپ تۇرىۋالدىم. سىز ماڭا شۇنچە يېقىن يەردە تۇرسىڭىزمۇ، ئەمما قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ماڭا شۇنچە يات ئىدىڭىز، مەن زادىلا چىداشلىق بېرەلمىدىم.
بىراق پۇرسېت يەنە كەلدى، يەنە بىر قېتىم كەلدى، مېنىڭ بۇ زايا كەتكەن ئۆمرۈمدىكى ئاخىرقى قېتىملىقى ئىدى. بۇ دېگۈدەك بىر يىل ئاۋال، سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىزنىڭ ئەتىسى. توۋا، دەيمەن، پۈتۈن كۈن بويى سىزنى ئويلىغان ئىدىم، ھەمىشە تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى خۇددى بايرامدەك تەبرىكلەيتىم. مەن ئەتتىگەندىلا سىرتقا چىقىپ، سىز ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن ئاشۇ سائەتلەرنى خاتىرلەتمەك ئۈچۈن ھەر يىلقىغا ئوخشاش ئاق ئەتىرگۈل سېتىۋېلىپ سىزگە ئەۋەتتىم. چۈشتىن كېيىن ئوغلۇم بىلەن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ دېمېل قەھۋەخانىسىغا، ئاندىن ئاخشامدا تياتېرغا باردىم. مەن ئۇنىڭ (گەرچە ئۇ بۇنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلمىسىمۇ) كىچىكىدىن تارتىپلا بۇنىڭ بىر سىرلىق خاتىرە كۈن ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. ئەتسى، شۇ ۋاقىتتىكى ئەر دوستۇم بىلەن بىللە بولدۇم، برۈنندىكى ياش فابرىكانت، ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن ئىككى يىلدا بىللە ياشىغان ئىدىم. ئۇ ماڭا چوقۇناتتى ۋە مېنى ئەركىمگە قويۇۋەتكەن ئىدى، ماڭا چەكسىز كۆيۈنەتتى، ئۇمۇ باشقا ئەرلەرگە ئوخشاش مەن بىلەن توي قىلىشنىلا ئويلايتى. گەرچە ئۇ مېنى ۋە بالامنى سوغىلارغا كۆمۈۋېتىپ تۇرىدىغان، ئۆزىمۇ سۆيۈملۈك، ساددا ۋە تۈز، رايىش مۇلايىم بولسىمۇ، خۇددى باشقا ئەرلەرگە قىلغىنىمدەك، ئۇنىمۇ سەۋەپسىزلا رەت قىلغان ئىدىم.
بىز بىرلىكتە كونسېرتقا بېرپ، ئۇ يەردە بىر قىسىم روھى كەيپىياتى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان دوستلار بىلەن ئۇچراشتۇق، ئاندىن رىڭستراسستىكى بىر رېستۇراندا كەچلىك تاماق يېدۇق. كۈلكە پاراڭلار ئارىلىقىدا مەن تابارىندىكى تانسا زالىغا بارساق بولاتتى، دېگەن تەكلىپنى بەردىم. مەن ئادەتتە بۇنداق سورۇنلاردىن، ھاراق ـشاراپنىڭ كۈچى بىلەن سۈنئىي پەيدا قىلىنغان شادلىق سورۇنلىرىدىن بىزار ئىدىم، ئادەتتە مەن ھەمىشە بۇنداق يەرلەرگە بېرىش تەكلىۋىنى رەت قىلاتتىم. بۇ قېتىم، قانداقتۇر، چۈشىنىپ بولمايدىغان سىرلىق كۈچ ھەممەيلەننىڭ خوشال ـخۇررام، ئېچىلىپ يېيىلىپ ئولتۇرغان پەيتىدە قاپبەلدىنلا مۇشۇنداق تەكلىپ بېرىشكە قىستىغان ئىدى، ئۇ يەردە نېمىدۇر بىر ئالاھىدە نەرسە مېنى كۈتۈپ تۇرغاندەك تەخىرسىز ئىستەك مېنى ئىلكىگە ئالغان ئىدى. ھەممەيلەن دەرھال ھەمىشەمكى سىزىقىمدىن چىقمايدىغان ئادەت بويىچە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى، بىز تانساخانىغا بېرىپ شامپان ئىچىشتۇق. بىردىنلا مەن ئەسەبىيلەرچە، جىسمانىي ئازاپ دېگۈدەك خوشاللىقنىڭ ئىلكىدە قالدىم، بۇنداق بىر ئەھۋال ئىلگىرى ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى. مەن ئارقا ـئارقىدىن قەدەھ كۆتۈرۈپ، شەھۋانىي ناخشىلارغا قوشۇلۇپ بىللە ئېيتتىم ۋە تانسا ئوينۇغۇم ياكى ۋارقىراپ ھوزۇرلانغۇم كېلەتتى. بىراق، تۇيۇقسىزلا گويا نېمىدۇر مۇزدەك ياكى نېمىدۇر چوغدەك بىر نەرسە دەرھاللا يۈرىكىمگە تەككەندەك بولدى، تۇرۇپ كەتتىم: سىز قوشنا شىرەدە بىرمۇنچە دوستلىرىڭىز بىلەن ئولتۇرغان ئىكەنسىز، ھەۋەس ۋە ئاچكۆزلۈك بىلەن ماڭا قاراۋاتتىڭىز، بۇ قاراش ھەرقاچان يۈرىكىمنىڭ قات ـقېتىنى لەرزىگە كەلتۈرىۋېتەتتى. ئو يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئىختىيارسىز ھالدا تولۇپ ـتاشقان ئىشقىي كۈچىڭىز بىلەن تىكىلمەكتە ئىدىڭىز. مەن تىترەپ كەتتىم. قولۇمدىكى ئىستاكان چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالدى. ياخشىكى، شىرە ئەتراپىدىكى دوستلىرىم مېنىڭ ھودۇقۇشلىرىمنى بايقىماي قالدى، ئۇلار شاۋقۇن ـسۈرەن، كۈلكە ـپاراڭ ۋە مۇزىكا ئىچىدە ئەسلىرىنى يوقۇتۇپ قويغان ئىدى.
قاراشلىرىڭىز بارغانسېرى ئوت بولۇپ يېنىپ، مېنى كۆيدۈرۈپلاۋەتتى. سىز ئاخىرى مېنى تونۇدىڭىزمۇ ياكى يات ئايال، يېڭى بىر ئەمەك دەپ ئىنتىلدىڭىزمۇ بىلەلمىدىم. قېنىم ئۇرغۇپ مەڭزىمگە چىقتى؛ دوستلىرىمنىڭ گەپلىرىگە كۆڭلۈم جايىدا بولمىغان ھالدا جاۋاپ بېرەتتىم. كۆز نۇرىڭىزنىڭ مېنى شۇ قەدەر ساراسىمىگە سېلىۋەتكەنلىكىدە گەپ يوق. سىز باشقىلارغا بىلىندۈرمەي يەڭگىل باش لىڭشىتىپ، ئالدى زالغا چىقىشىمنى ئۇقتۇردىڭىز، ئارقىدىنلا قەستەن ئاشكارە ھەركەتلەر بىلەن ھېساۋاتىڭىزنى قىلىپ، ئاندىن ھەمرالىرىڭىز بىلەن خوشلىشىپ، مېڭىشتىن بۇرۇن سىرتتا مېنى كۈتىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ يەنە قايتا ئىشارە قىلمىدىڭىز. توڭۇۋاتقاندەك ياكى زوكام تەككەندەك بەدىنىم شۈركىنەتتى. ئاغزىم گەپكە كەلمەيتى، ھاياجىنىمنى بېسىۋالالمايتىم. بەختىمگە يارىشا شۇ چاغدا بىر جۈپ نېگىر ئۇسۇلچىسى پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ، پاقىلدىتىپ، ئىنچىكە ئاۋاز بىلەن ۋارقىراپ، بىر خىل غەلىتە، يېڭىچە ئۇسۇل ئويناشقا چۈشۈپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئورنۇمدىن ئىتتىك تۇردۇم ـدە، ئەر دوستۇمغا سىرتقا بىردەملىك چىقىپ كىرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپلا ئارقىڭىزدىن چىقتىم.
سىز دالاندا كىيىم قويۇش ئۆيى يېنىدا مېنى كۈتۈپتۇرغان ئىكەنسىز، مېنىڭ چىقىشىم بىلەن تەڭ يۈزلىرىڭىز نۇرلىنىپ كەتتى. سىز كۈلۈمسىرەپ چوڭ قەدەملەر بىلەن ئالدىمغا كەلدىڭىز. دەرھاللا بايقىدىمكى، سىز مېنى تونۇمىدىڭىز. سىز مېنىڭ ئۇزاق زامان ئىلگىرىكى كىچىك قىزبالا ئىكەنلىكىمنى ياكى كېيىنكى ياش قىز ئىكەنلىكىمنى تونۇمىدىڭىز. يەنە بىر قېتىم مېنى يېڭى بىرسى، نا تونۇش ئايال سۈپىتىدە كۆرۈپ پېيىمغا چۈشكەن ئىدىڭىز. سىز مۇلايىم ئاۋازدا:
ماڭىمۇ بىرەر سائەتلىك ۋاقتىڭىزنى بېرەلەرسىزمۇ؟« دەپ سورىدىڭىز. سىزنىڭ تولۇق ئىشەنچلىك ئاۋازىڭىزدىن، مېنى كېچىلىك نازىنى ساتىدىغان ئايال دەپ قارىغانلىقىڭىز چىقىپ تۇراتتى. –بولىدۇ، –دەپ جاۋاپ بەردىم مەن، ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكى ياش قىزنىڭ قاراڭغۇ كوچىدا مۇشۇنداق تىترەك ئاۋازدا، تەبىئىي ھالدا قوشۇلغىنىغا ئوخشۇتۇپ.
–قاچان كۆرۈشەلەيمىز؟ –دەپ سورۇدىڭىز. –قاچان خالىسىڭىز شۇ چاغدا، –دېدىم جاۋابەن قىلچىلىك تارتىنماستىن. سىز سەل ھەيران بولۇپ، ماڭا سەپ سالدىڭىز، ئۆتكەن قېتىمقى جاپسانلا ماقۇللۇق بىلدۈرۈشۈم سەۋەپلىك پەيدا بولغان ئەجەپلىنىشىڭىزگە ئوخشاش بۇ ھەيرانلىققا گۇمانلىنىش ۋە قىزىقىش مۇجەسسەملەنگەن ئىدى.
—ھازىر قانداق بولار؟ –دەپ سورىدىڭىز ئىككىلەنگەن ھالدا.
—بولىدۇ،—دېدىم مەن، –چاتاق يوق.
مەن كىيىم قويۇش ئۆيىگە بېرىپ پەلتويىمنى ئېلىۋالماقچى بولدۇم، ئەمما ئەر دوستۇم بىلەن پەلتولىرىمىزنى بىرگە قويغىنىمىز ئۈچۈن بىلەت ئۇنىڭدا ئىدى. قايتىپ كىرىپ ئۇنىڭدىن بىلەتنى سوراپ ئېلىش، يېتەرلىك سەۋەپ كۆرسىتىلمەستىن مۈمكىن ئەمەس ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، شۇنچە يىللاردىن كېيىن روياپقا چىقىۋاتقان سەن بىلەن بىرگە بولۇش سائەتلىرىنى قۇربان قىلىۋەتكۈم كەلمەيتى. شۇڭا مەن سېكوندمۇ ئىككىلەنمەي، شارپامنى كەچكى مۇراسىم كىيىمىمنىڭ ئۈستىگە تاشلىدىم ـدە، پەلتويىم ۋە ئىككى يىلدىن بېرى مېنى قامداۋاتقان مۇلايىم، ھىسىياتچان ئەركىكىم بىلەنمۇ كارىم بولماي، كەچكى تۇمان قاپلىغان نەم ۋە سوغۇق قاراڭغۇلۇققا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. ئۇنى دوستلىرىنىڭ ئالدىدا كۈلكىلىك ئەخمەققە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدىم. كېيىنكى ئىككى يىلدا ئۇنىڭ خانىمى بىرىنچى قېتىم بىر يات كىشى ئۇشقۇيتىشى ھامانلا ئارقىسىدىن كېتىپ قېلىۋاتاتتى. ئىھ، مەن كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر بىر يېرىدە، سەمىمىي دوستۇمغا نەقەدەر رەزىللىك، نەقەدەر پەسكەشلىك قىلىۋاتقىنىمنى بىلىپ تۇراتتىم. قىلمىشىمنىڭ بەكمۇ بىمەنە بولغانلىقىنى، ساراڭلارچە قىلىقىم تۈپەيلى بىر ياخشى ئىنساننىڭ قەلبىدە مەڭگۈلۈك كۆڭۈل جاراھىتى پەيدا قىلغانلىقىمنى ھىس قىلاتتىم. ھاياتىمنى بەرباد قىلغانلىقىمنى ھىس قىلاتتىم، لېكىن مەن تاقەتسىزلىك بىلەن، لەۋلىرىڭىزنى لېۋىمدە ھىس قىلىشنى، قۇلىقىمغا يۇمشاق پىچىرلىغان مۇلايىم ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاشنى دېگەندە، دوستلۇق دېگەن، ھەتتا مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇم نېمىدى؟ ھازىر سىزگە دېسەم، مانا بۇ سىزنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىم ئۈچۈن ئىدى، ئەمدى ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى، تۈگىدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، سەكراتتا ياتقىنىمدا ئەگەر سىز چاقىرسىڭىز، مەن بىردىنلا جانلىنىپ، چاچراپ تۇرىمەن ۋە سىز بىلەن ماڭىمەن.
ئىشك ئالدىدا بىر تاكسى تۇراتتى، بىز ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ ئۆيىڭىزگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. مەن يەنە تاۋۇشىڭىزنى ئاڭلىماقتا ئىدىم، سىزنىڭ كۆز چاقنىتىدىغان جەزىبىڭىزنى يېنىمدىلا ھىس قىلاتتىم، سەبىي، قىن ـقىنىغا پاتمىغان شادلىق مېنى بۇرۇنقىدەكلا ئىلكىگە ئالغان ئىدى. ئون نەچچە يىل جۇدالىقتىن كېيىن سىزنىڭ پەللەمپىيىڭىزدىن قايتا چىقىپ كېتىۋاتاتتىم، بولدىلا، بولدىلا، بۇنى تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. شۇئاننىڭ ئۆزىنى مەن ھەممە نەرسىنى ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق ھىس قىلماقتىدىم، ئۆتكەن كەچمىشتىكىسى ۋە ھازىرقىسى؛ سىزنىلا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ھەرقاچان سېزىپ تۇراتتىم. خانىڭىز ئازراقلا ئۆزگۈرۈپتۇ. ئۇ يەردە بىر نەچچە يېڭى رەسىم ۋە كىتاپ، ئۇ يەر، بۇ يەردە ئوخشىمىغان جاھازلار، بىراق ھەممە نەرسە يەنىلا ناھايىتى تونۇش. يېزىق شىرەسى ئۈستىدە مېنىڭ ئەتىر گۈللىرىم سېلىنغان لوڭقا تۇراتتى، كۈن ئاۋال مەن بۇلارنى تۇغۇلغان كۈنۈڭدە، ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان، شۇئاندا گەرچە يېنىڭدا تۇرغان، قولغا قول تۇتۇشقان ھالدا سۆيۈشۈپ تۇرغان بولسىمۇ سەن تونۇمايۋاتقان بىر ئايالنى ئەسلىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەنىدىم. قانداقلا بولمىسۇن، سىزنىڭ گۈللەرگە پەرۋىش قىلىپ تۇرغىنىڭىز ئۈچۈن مەن يەنىلا خوشال. دېمەك، نېمىلا بولمىسۇن مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ئىزلىرى بارىكەن، مېنىڭ سۆيگۈ نەپىسىم سىزنى قوشاپ تۇرۇپتۇ.
سىز مېنى باغرىڭىزغا باستىڭىز. مەن يەنە سىزنىڭ يېنىڭىزدا لەززىتى ـمەلەخ ھالدا بىر كېچىنى ئۆتكۈزدۈم. بىراق سىز مېنىڭ يالىڭاچ تېنىمنى كۆرۈپمۇ مېنى تۇنۇيالمىدىڭىز. مەن بەختلىك ھالدا سىزنىڭ پىشقان مۇلايىملىقىڭىز ۋە كۆيۈنۈشلىرىڭىزدىن مەست ـمۇستەغرەق بولدۇم ھەمدە كۆردۈمكى سىزنىڭ ئىشقىۋازلىقىڭىز ئالدىدا سۆيگەن كىشىڭىز بىلەن جالاپنىڭ پەرقى يوق ئىدى؛ نەپسى خاھىشىڭىزدىن ئۆزىڭىزنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ،ئويلۇنۇپمۇ ئولتۇرماستىن ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك بېرىلىپلا كېتەتتىڭىز. تانساخانىدا ئۇچراپ قالغان بىر ئايال بولۇشۇمغا قارىماي، سىز ماڭا بەك يۇمشاق ۋە سىپايە بولدىڭىز، شۇنداق ئالىجاناپ، ھۆرمەت ئىھتىرام بىلەن مۇئامىلە قىلدىڭىز. بۇرۇنقى بەختىيارلىقتىن مەس بولغان ھالدا مىجەزىڭىزدىكى شەھۋانىي ھەۋەسكە تولغان قايناق ھىسىياتىڭىز ئىچىدە ئەقىل ـپاراسەتلىك روھنىڭ قايناق ھىسسى ۋە سەزگۈرلىكىمۇ بولغان ئۆزگىچە ئىككى خىللىقنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلدىم، بۇنىسى مەندەك بىر بالىنى سىزنىڭ قۇلىڭىزغا ئايلاندۇرغان ئىدى. مەن ئەزەلدىن بىر ئەر كىشىنىڭ جىنسىي سۆيگۈنى بۇنداق تەلتۆكۈس بېرىلگەن ھالدا، ئۆز ھىسىياتىنى قويۇپ بېرىپ، روھى دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگىچە ئاشكارىلاپ قويغىنىنى، ئىش تۈگىگەندە بولسا خاتىرىسىنى پۈتۈنلە ئۆچۈرۈپ، ياۋايىلىق بىلەن ھەممىنى ئۇنتۇپ قالغىنىنى كۆرمىگەن ئىدىم. مەن ئۆزەمنى ئۇنۇتقان ئىدىم. ، قاراڭغۇدا سىزنىڭ يېنىڭىزدا ياتقان كىم ئىدى؟ ۆۈنلىرىنى سىزدىن تامادا بولۇپ ئۆتكۈزگەن كىچىك قىزمۇ، بالىڭىزنىڭ ئانىسىمۇ ياكى ناتونۇش ئايالمۇ؟ ئاھ، بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق تونۇش؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇرۇن بىر قېتىم بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ جۇشقۇن ئىشق كېچىسىنىڭ ھەممە نېمىسى مەست ـمۇستەغرەق قىلغۇچى يېڭى ئىدى. مەن بۇ كېچىنىڭ تاڭ ئاتماس كېچە بولىشىنى تىلىدىم.
لېكىن يەنىلا تاڭ يورۇشقا باشلىدى. بىز ناھايىتى ۋاخچە تۇردۇق ھەم سىز مېنى بىللە ناشتا قىلىپ كېتىشكە تەكلىپ قىلغان ئىدىڭىز. تاماقخانىغا ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن خىزمەتكار تەرىپىدىن ھازىرلاپ قويۇلغان داستىخاندا پاراڭلاشقاچ ئولتۇرۇپ چاي ئىچتۇق. سىز سەمىمىي، مۇلايىم، ئۆز ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا تەبىئىي پاراڭ قىلاتتىڭىز. يېنىكلىك بىلەن سوئال سورىمىدىڭىز، شۇنداقلا مېنىڭ كىملىكىمگىمۇ قىزىقىش ئىپادىسىدە بولمىدىڭىز. ئىسمىمنى، نەدە ياشايدىغانلىقىمنى سورىمىدىڭىز. مەن سىزگە نىسبەتەن يەنە شۇنداق تاسادىپىي ئۇچراپ قالغان، بىرەر سائەت قىزغىنلىقتىن كېيىن ئۇنۇتقاقلىق تۇمانلىرى ئىچىدە ئىز دېرەكسىز غايىپ بولىدىغان بىر نەرسە بولۇپ قېلىۋەردىم. سىز ماڭا ئۆزىڭىزنىڭ ئىككى ـئۈچ ئايلىق شىمالىي ئافرىقا سەپىرىگە چىقىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتتىڭىز. خۇشاللىقىم قاببەلدىن ئۈزۈلۈپ تىترەشكە باشلىدىم، قۇلىقىم تۈۋىدە ›تۈگىدى، تۈگىدى، ئۇنتۇيدۇ!‹دېگەن سۆزلەر غوڭۇلدايتى. مەن سىزنىڭ ئايىغىڭىزغا يىقىلىپ، ›مېنى ئۆزىڭىز بىلەن ئېلىپ كېتىڭ، مېنى تونۇڭ، ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن ئاخىرقى قېتىمدا بولسىمۇ مېنى تونۇڭ!‹دەپ يىغلۇغۇم كەلدى. بىراق مەن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا يەنىلا شۇنداق تارتىنچاق، شۇنداق يۈرەكسىز، شۇنداق رايىش، شۇنداق ئاجىز ئىدىم. پەقەت ‹ۋاي ئېسىت›دېگەن سۆزلا ئاغزىمدىن چىقىپ كەتتى.
سىز ماڭا كۈلۈمسىرەپ قاراپ: ‹سىز راستىنلا پۇشايمان قىلىۋاتامسىز؟›
تۇيۇقسىز غەزەپ مېنى ئىلكىگە ئالدى. مەن تۇرۇپ سىزگە ئۇزاق ۋە قاتتىق تىكىلدىم. ئاندىن: ‹مەن ياخشى كۆرىدىغان كىشىمۇ دائىم ئۇزاقلارغا كېتىدۇ›دېدىم. مەن كۆزلىرىڭىزگە مىختەك تىكىلدىم. ›مانا، ھازىر تونۇيدىغان بولدى!‹پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئۇيۇشۇپ تىترەيتى.
بىراق، سىز كۈلۈمسىرەپ قاراپ ماڭا تەسەللى ئېيتتىڭىز:
بىراق بىز ھەمىشە قايتىپ كېلىمىز.
شۇنداق، –دېدىم مەن، –قايتىپ كېلىسىلەر. بىراق ئۇ چاغدا ھەممىنى ئۇنۇتقان بولىسىلەر.
سۆزۈمدە نېمىدۇر ئالاھىدىرەك، نېمىدۇر بىلىنىپ تۇراتتى. سىزمۇ تۇردىڭىز ۋە ماڭا ھەيرانلىق بىلەن ھەمدە يېقىنلىق بىلەن قارىدىڭىز. قوللىرىڭىزنى مۈرەمگە قويدىڭىز. گۈزەل نەرسىلەر ئۇنتۇلمايدۇ، مەن سىزنى ئۇنۇتمايمەن دېدىڭىز ۋە دەۋېتىپ ماڭا گويا مېنىڭ قىياپىتىمنى كاللىڭىزغا ئورنىتىۋالماقچى بولغاندەك زەڭ سېلىپ قارىدىڭىز. بىگىزدەك تىكىلىشىڭىز، ئىزدىنىشىڭىز، تەكشۈرىشىڭىزگە قاراپ ئاخىرى مەزگىللىك قارىغۇلۇقى ئاخىرلىشىدىغان بولدى دېگەن تۇيغۇغا كەلدىم. ئۇ مېنى تونۇيدىغان بولدى، ئۇ مېنى تونۇيدىغان بولدى! دېگەن ئوي پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى تىترىتىۋەتتى.
بىراق سىز مېنى تونۇمىدىڭىز. ياق، تونۇمىدىڭىز. مەن سىزگە نىسبەتەن ئەزەلدىن مۇشۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش ناتونۇش بولغان ئەمەس، ئۇنداق بولمايدىغان بولسا بىرنەچچە مىنۇتتىن كېيىنكى قىلىقنى قىلمىغان بولاتتىڭىز: سىز مېنى سۆيدىڭىز، قىزغىنلىق بىلەن يەنە سۆيدىڭىز. چۇۋۇلۇپ كەتكەن چاچلىرىمنى تۈزىتىشىم كېرەك ئىدى. ئەينەكنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئىدىم، ئەينەكتىن شۇنى كۆردۈم ۋە نومۇس ۋە ئەلەمدىن ئايلىنىپ كەتكۈدەك بولدۇم: سىز مېنىڭ پەلىيىم ئىچىگە بىرمۇنچە پۈتۈن پۇلنى تىقىۋاتاتتىڭىز. كۆز ئالدىڭىزدا يىغلىۋېتىشتىن ئۆزەمنى قانداق تۇتىۋېلىشىمنى بىلمەيتىم، مەن سىزنى بالىلىقىمدىن ياخشى كۆرگەن ھەم بالىڭىزنىڭ ئانىسى ئىدىمۇ، ئەمما سىز مېنىڭ كېچىلىكىمگە پۇل تۆلەۋاتاتتىڭىز! ساڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا مەن تابارىندىن تېپىپ كەلگەن پاھىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدىم.
سەن ماڭا پۇل تۆلىدىڭ، پۇل تۆلىدىڭ! يۈزۈمنىمۇ تۆكۈۋالغان ئىدىم.
نەرسىلىرىمنى ئالدىراش يىغىشتۇردۇم. دەرھال كەتكۈم كەلدى. ئازاپ بەكمۇ قاتتىق ئىدى. شىلەپەمنى ئالدىم. شىلەپەم يېزىق شىرەسىدىكى لوڭقىنىڭ تۈۋىدە، مېنىڭ گۈللىرىمنىڭ تۈۋىدە تۇراتتى. بېسىپ بولماس كۈچلۈك بىر خىل ئارزۇ تۈرتكىسىدە ئاخىرقى قېتىم سىزنىڭ خاتىرىڭىزنى قوزغاش ئۈچۈن يەنە بىر ئۇرۇنۇپ باقماقچى بولدۇم. ئەتىرگۈلىڭىزدىن بىرەر تال بېرىشنى خالىمامسىز؟ خۇشاللىق بىلەن دېدىڭىز ۋە دەرھال بىرتالنى سۇغۇرۇپ ئالدىڭىز.
بەلكىم بۇ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئايالنىڭ سوغىسىدۇرمۈمكىن، –دېدىڭىز جاۋابەن، –بىلمەيمەن. كىمدۇر بىرى سوغا قىلغان، ئەمما كىم، ئۇنىسىنى بىلمەيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇلارنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن.
سىزگە تىكىلدىم. ›بەلكىم بۇلارنى سىز ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن بىرسى ئەۋەتكەندۇر!‹
چۆچۈپ قارىدىڭىز. مەن سىزگە بىرخىلدا قاراپ تۇردۇم. يۈرىكىم تىلەيتى: ›مېنى تونۇڭ، تونىسىڭىزچۇ ئاخىر!‹كۈلۈمسىرەپ تۇرغان كۆزلىرىڭىز دوستانە، ئەمما يەنىلا تونۇغانلىق ئالامىتى كۆرۈنمەيتى.سىز مېنى تەكرار سۆيدىڭىز. ئەمما تونۇمىدىڭىز.
كۆز ياشلىرىمنىڭ تۆكۈلەي دەپ قالغىنىنى سېزىپ، سىزگە كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن ئىتتىك ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. ئالدىرىغىنىمدىن دالاندا خىزمەتچىڭىز جون بىلەن سوقۇشۇپ كەتكىلى تاس قالدىم. ئۇ تېزلا ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ توختىدى ۋە چىقىشىم ئۈچۈن ئالدى ئىشىكنى ئېچىپ بەردى. ئاڭلاڭ، مۇشۇ سېكونتتا، مۇشۇ ھەش ـپەش دېگۈچىلىك ئارىلىقتا، ياش بۇلدۇقلاۋاتقان كۆزلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا قارىۋىدىم، بوۋايغا قارىۋىدىم، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە تونۇغانلىقنى ئىپادە قىلىدىغان بىر نۇر پارلىدى. ئاشۇ ھەش ـپەش دېگۈچىلىك ئارىلىقتا، ئاڭلاۋاتامسىز؟ ئاشۇ قىسقا ئارىلىقتا بوۋاي مېنىڭ كىملىكىمنى دەرھال بىلدى. ئۇ مېنى بالىلىق دەۋرىمدىن بۇيان كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. مېنى تونۇغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاياقلىرىغا يىقىلىپ، قوللىرىغا سۆيسەم بولاتتى. بىراق مەن پەلەيىم ئىچىدىكى ماڭا قامچە بولۇپ تەككەن پۇللىرىڭنى تارتىپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم. ئۇ غالىلداپ تىترىگەن ھالدا ماڭا ئالاقزادىلىك بىلەن قارايتى، بەلكىم ئۇ ئاشۇ سېكونتتا مېنى سىزنىڭ ئۆمۈر بويى چۈشەنگىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇقراق چۈشەندى. ھەركىم مېنىڭ مەيلىمچە، ھەممە كىشى مەن بىلەن ياخشى، پەقەت سىز، سىزلا مېنى ئۇنتۇپ قالىسىز. پەقەت سىز، سىزلا ھېچقاچان تونۇپ باقمىدىڭىز! ….
مېنىڭ بالام ئۆلۈپ كەتتى، بىزنىڭ بالىمىز. ئەمدى بۇ دۇنيادا سىزدىن باشقا ياخشى كۆرگىدەك كىشىممۇ يوق. لېكىن، سىز كىمىم سىز؟ سىز مېنى ئەزەلدىن ئەبەتكە تونۇمىغان، يېنىمدىن خۇددى سۇنىڭ بويىدىن ئۆتكەندەك ئۆتۈپ كەتكەن، ھەمدە خۇددى تاشنى دەسسىگەندەك بېسىپ ئۆتۈپ كەتكەن بىرسى ئەمەسمۇ سىز؟ مېنى مەڭگۈلۈككە ساقلىتىپ قويۇپ، ئۆزىڭىز مېڭىۋەردىڭىز، مېڭىۋەردىڭىز. مەن بىر قېتىم سىزنى بالا ئارقىلىق تۇتىۋالغان ئىدىم. ئۇ پەقەت سىزنىڭلا بالىڭىز ئىدى. ئاخشام كېچىدە ئۇ رەھىمسىزلىك بىلەن مېنى تاشلاپ سەپەرگە كەتتى، ئۇمۇ مېنى ئۇنۇتتى ۋە مەڭگۈ قايتمايدىغان سەپەرگە كەتتى. مەن يەنە تەنھا قالدىم، ھەرقاچانقىدىنمۇ بەك يالغۇز قالدىم. مەندە سىزنىڭ ھېچنېمىڭىز يوق، ھېچنېمىڭىز، بالىمۇ يوق، بىر ئېغىز سۆزىڭىزمۇ، يازغان بىر قۇر خېتىڭىزمۇ، ھېچقانداق ئەستىلىكىڭىز يوق. ئەگەر بىرەرسى مېنىڭ ئىسمىمنى تىلغا ئالسا، سىز ئۈچۈن بۇنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوق. سىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا مەن ئاللىقاچان ئۆلگەن بىلەن ئوخشاش بولغاندىكىن، نېمىشكە خۇشاللىق بىلەن ئۆلمەيدىكەنمەن؟ سىز مەندىن ئاللىقاچان ئايرىلىپ كەتكەندىكىن، كۆزىڭىزدىن يۈتمەي نېمە قىلىمەن؟ ياق، قەدىرلىكىم، مەن سىزدىن رەنجىۋاتقىنىم يوق. مەن ئۆزەمنىڭ قايغۇ ـئەلەملىرىمنى سىزنىڭ شاد تۇرمۇشىڭىزغا ئارىلاشتۇرۇشنى خالىمايمەن. قورقماڭ، ئەمدى ھەرگىز يەنە خىجىل قىلمايمەن. مېنى كەچۈرۈڭ، بالام ئۆلۈپ تاشلىنىپ ياتقاندا ئىچىمدىكىنى سىزگە تۆكۈۋالاي. مۇشۇ بىر قېتىم سىزگە دېيىشىم كېرەك، ئاندىن ھەمىشەمكىدەك سۈكۈنات ئىچىگە چۆكۈمەن. بىراق مېنىڭ يىغامنى، سىزنى ھەرقانداق ئادەمدىن ئارتۇق ياخشى كۆرگەن ۋە سىز بولسىڭىز تونۇمىغان ئايالنىڭ يىغىسىنى، ئۇزۇن زاماندىن بېرى سىزدىن بىرەر پارچە خەت كۈتكەن، سىز بولسىڭىز ھېچ نەرسە ئەۋەتمىگەن ئايالنىڭ يىغىسىنى ھاياتلىقىدا ئاڭلىمايسىز. بەلكىم، بەلكىم مۇشۇنىڭدىن كېيىن سىز مېنى چاقىرىپ قالارسىز، مەن بولسام بىرىنچى قېتىم سەمىمىيەتسىزلىك قىلىدىغان، ئۆلۈپ ياتقان يېرىمدىن ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىمايدىغان بولدۇم. مەن سىزگە رەسىم، ئەستىلىك قالدۇرمىدىم، خۇددى سىز ماڭا ھېچنەرسە قالدۇرمىغاندەك. سىز مېنى ئەزەلدىن تونۇمىدىڭىز، ھېچ تونۇمىدىڭىز. بۇ مېنىڭ ھاياتتىكى يازمىشىم؛ ئۆلۈشۈممۇ يازمىشىمدىن. ئاخىرقى سائەتلىرىمدە سىزگە ئەۋەتەلمەيمەن. سىزگە ئىسمىمنىڭ نېمىلىكىنى، تەققى تۇرقۇمنىڭ قانداقلىقىنى بىلدۈرمەي كېتىدىغان بولدۇم. يىراقتىنمۇ ھىس قىلالماسلىقىڭىز مېنىڭ ئۆلۈشۈمنى ئاسان قىلىشى مۈمكىن. ئۆلۈمىم سىزنى ئازاپلايدىغان بولسا ئۆلەلمىگەن بولاتتىم.
يېزىشنى داۋاملاشتۇرالمايۋاتىمەن. بېشىم بەك ئېغىر… پۇت ـقوللىرىم سىقىراۋاتىدۇ، قىزىپ كېتىۋاتىمەن. يېتىپ قالسام كېرەك. بەلكىم ئاخىرلاشتۇرالارمەن، بەلكىم تەقدىر بىر قېتىم ئىنايەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بالامنى ئېلىپ كەتكىنىنى كۆرۈشتىن ساقلار… يېزىشنى داۋام قىلالمىدىم. ئەلۋىدا، قەدىرلىكىم، ئەلۋىدا. رەخمەت سىزگە. ئۇلار ياخشى بولغانىدى، ھەممىسى ياخشى بولغان. مەن سىزگە ئاخىرقى نەپىسىمگىچە رەخمەت ئېيتىمەن. خۇداغا شۈكرى، سىزگە ھەممىنى دەۋالدىم، سىز ھازىر بىلدىڭىز، ياق، سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرگەنلىكىمنى پەقەت قىياس قىلالايسىز. بۇ سۆيگۈ سىزگە ھېچ پۇتلىكاشاڭ بولمايدۇ. مەن سىزنى ئۈمىدسىزلىككە سالمايمەن، بۇ ماڭا زور تەسەللى. سىزنىڭ سەلتەنەتلىك، خۇشال ـخۇررام ھاياتىڭىزدا ھېچنەرسە ئۆزگەرمەيدۇ. مېنىڭ ئۆلىمىم سىزنى تەسىرلەندۈرمەيدۇ… بۇ ماڭا تەسەللى، قەدىرلىكىم.
بىراق، كىم… كىم تۇغۇلغان كۈنىڭىزدە ئاق ئەتىرگۈل ئەۋەتىپ بېرىدۇ؟ ئاھ، لوڭقا قۇرۇق تۇرارمۇ؟ يىلدا بىر قېتىم ئەتراپىڭىزغا پۇراق چاچقۇچى گۈل ھىدى –مېنىڭ يەڭگىل نەپىسىممۇ ئۇچۇپ كېتىدىغان بولدى! قەدىرلىكىم، ئاڭلاڭ، مەن سىزدىن ئۆتۈنەي،–بۇ مېنىڭ تۇنجى ۋە ۋە ئاخىرقى ئىلتىماسىم –مېنىڭ يۈز ـخاتىرەم ئۈچۈن بۇنى ئورۇنداپ قويۇڭ: ھەر تۇغۇلغان كۈنىڭىزدە –بۇ ھەممە ئادەم ئۆزىنى ئويلايدىغان كۈن –بىر ئاز ئەتىرگۈل ستىۋېلىپ، لوڭقىغا سېلىپ قويۇڭ. شۇنداق قىلىڭ، قەدىرلىكىم، شۇنداق قىلىڭ، باشقىلارغا ئوخشاش يىلدا بىر قېتىم ئۆلگەن ئاشىقىڭىزنى ئەسلەپ قويۇڭ. بىراق مەن ئىساغا ئىشەنمەيمەن، ھەم كۆپچىلىككىمۇ ئىشەنمەيمەن. مەن پەقەت سىزگىلا ئىشىنىمەن، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىز بىلەنلا ياشاشنى خالايمەن… ئاھ، پەقەت بىر كۈن، يىللار ئىچىدە پەقەت بىر كۈن سىزگە يېقىن ياشىغىنىمدەك… پۈتۈنلەي، تەل ـتۆكۈس سۈكۈت. سىزدىن ئۆتۈنىمەن، شۇنداق قىلىڭ، قەدىرلىكىم. بۇ مېنىڭ تۇنجى ۋە ئاخىرقى تەلىۋىم. رەخمەت سىزگە… مەن سىزنى سۆيىمەن، سىزنى سۆيىمەن. ئەلۋىدا.
ئۇنىڭ قوللىرى تىترەپ خەتنى قويدى. ئاندىن ئۇزۇنغىچە چوڭقۇر خىيال سۈردى. ئۇ قوشنىسىنىڭ نارېسىدە قىزىنى، بىر بويىغا يەتكەن قىزنى، كەچلىك بەزمىخانىدىكى بىر ئايالنى خىرە ـشىرە ئەسلىدى. لېكىن بۇ ئەسلىمە ناھايىتى تۇتۇق بولۇپ، شاقىراپ ئېقىۋاتقان دەريا ئاستىدىكى تاشنىڭ پالىلداپ تۇرغىنىغا ئوخشاش ئۆزگىرىشچان ئىدى. ئۇ سايىگە ئوخشاش گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ يوقۇلۇپ، بىر شەكىل تۈسىدە تۇرالمايتى. ئۆمۈچۈك تورىدەك يىپ ئۇچىغا ئىگە بولغاندەك قىلسىمۇ، ھەرقانداق قىلىپ ئويلاپ يېتەلمەيتى. ئۇ گويا بۇ سىمالارنى چۈشىدە كۆرگەندەك، دائىم چۈشىدە كۆرگەن ۋە ئېغىر ئۇيقۇدا كۆرگەن چۈشىدە، پەقەت ھەتتا چۈشىدىلا كۆرگەندەك ھىس قىلدى. ئۇنىڭ كۆزى ئالدىكى يېزىق شىرەسىدە تۇرغان لوڭقىغا چۈشتى. ئۇ قۇرۇق ئىدى؛ يىللاردىن بېرى بىرىنچى قېتىم ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە قۇرۇق تۇراتتى. گويا كۆرۈنمەس بىر قول ئىشىكنى داغدام ئېچىۋەتكەندەك، باشقا بىر دۇنيانىڭ سوغۇق شامىلى ئۇنىڭ جىم ـجىت خانىسىغا كىرىۋاتقاندەك ئۇ چۆچۈپ كەتتى. ئۆلۈمنى، ئۆلمەس مۇھەببەتنى ئېسىگە كەلتۈردى. نېمىدۇر ئۇنىڭ روھىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قېتىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇ خۇددى لەرزان مۇزىكا ئاڭلاۋاتقاندەك، روھى ئىچىدە كۆرۈنمەس مەۋجۇتلۇق تەرەپكە قىزغىنلىق بىلەن تىرىشىپ ئۇزىتاتتى.