ۋىدىئو سۈرئەتىنى كونترول قىلىش قۇرالى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

ۋىدىئو سۈرئەتىنى كونترول قىلىش قۇرالى كۈندىن كۈنگە كۆپلەپ كىتىۋاتقان ئىنتېرنېت دۇنياسىدىكى ۋىدىئو دەرسلىرى ھەر تۈرلۈك ھاجىتىمىز چىقماقتا. بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە دىنى سۆھبەتلەر، ئىلمى مۇنازىرىلەر، تېخنىكىلىق ئۇچۇرلار ۋە ھەر خىل تىل دەرسلىرى تېز سۈرئەتتە كۆپەيمەكچە.

بەزى سۆھبەتلەرنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولىشى ئەمما سۆھبەت سائەتىنىڭ ئۇزۇن بولىشى تەبئىي ھالدا ۋىدىئو سۈرئىتىنى تېزلىتىپ ئاڭلاش ئىھتىياجى پەيدا قىلىدۇ. You Tube تور بىكىتىنىڭ ئۆزىنىڭ كونترول قىلىش كۇنۇپكىسى بولسىمۇ، بىر قەدەر قۇلايسىز بولۇش بىلەن بىرلىكتە، تاللاش دائىرىسىمۇ بەك چوڭ ئەمەس. مەسىلەن بىر ۋىدىئونىڭ تېزلىگىنى 1.75 ھەسسىگە چىقارغىلى بولمايدۇ.

قېرىنداشلارغا Video Speed Controller بۇ قۇرالنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ قۇرالنىڭ قۇلايلىق يېرى، ۋىدىئونىڭ سول تەرەپ ئۈستىگە قۇللىنىشچان كۆزنەك چىقىدۇ ۋە بىر كۇنۇپكا بىلەنلا تەڭشىۋالغىلى بولىدۇ. ۋىدىئونى سەل تېزلىتىپ ئاڭلىغاندا، ئىككى سائەتلىك ۋىدىئونىڭ بىې سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئاڭلاپ تۈگەتكىلى ھەم زىھنىنى باشقا ۋىدىئولارغا سەرىپ قىلغىلى، ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ. بۇ قۇرال You Tube تىكى ۋىدىئولار ئۈچۈنلا ئەمەس، Facebook ئۈستىدىكى ۋىدىئولار ئۈچۈنمۇ ئىشلەيدۇ.

ھەر بىر ئىشىمىزدا ئۈنۈم بىلەن سۈپەتنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىش، باشقىلار بىر سائەتتە قىلغان ئىشنى يېرىم سائەتت تۈگۈتۈش؛ بىر كۈندە ئوقۇغان كىتاپنى يېرىم كۈندە ئوقۇش؛ تۆت يىل ئوقۇغان مەكتەپنى ئىككى، ئۈچ يىلدا تاماملاش ۋەتىنىمىز، خەلقىمىز، ئۆزىمىز ئۈچۈن قىلالايدىغان ئىشلىرىمىزدىندۇر.

قاچىلاش ئۇسولى: chrome ئىزدەش ماتورىنى ئېچىپ Video Speed Controller نى ئىزدەپ قاچىلسىڭىزلا بولىدۇ. باشقا ئىزدەش ماتورلىرىدىمۇ ئوخشاش قۇراللارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن. قىسقىسى ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشكە پايدىلىق بىر قۇرال.

ئىنكاس يازىمەن