ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى نامايەندىلەر- ئىمىنجان ئەخمىدى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت

ھەش-پەش دىگۇچە كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يازمىغىلى بىر ئايدىن ئېشىپتۇ. كىتاب ئوقۇمىغانلىقتىن ئەمەس، كىتابنى تاللاپ، يېزىپ چىقىشقا پۇرسەت بولمىغان ئىدى. نىمىلا دىگەن بىلەن ئوقۇش يېزىشتىن ئاسان ئەمەسمۇ. بۈگۈن يېرىم كېچىدە ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ نېمىلا بولمىسۇن بلوگنى يېڭىلاشنى قارار قىلدىم. كىتابلارنىڭ ئىچىدە ئىمىنجان ئەخمىدىنىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى نامايەندىلەر» ناملىق كىتابى كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى.بەك قىممەتلىك كىتابتەك ھىس قىلمىغان بولساممۇ، توردىن بۇ كىتاب توغرۇلۇق يېزىلغان مەزمونلارنى ئىزدەش جەريانىدا بۇ كىتابنى تۇنۇشتۇرۇپ يېزىپ قويۇش، مەنبە قاتارىدا تور دۇنياسىدا يورۇتۇش تەقاززاسىنى ھىس قىلدىم.

«ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى نامايەندىلەر» ناملىق كىتاب خەلىق نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1996-يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى نامايەندىلىرى ۋە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى نامايەندىلىرىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان. كىتابتا تونيۇقۇنتىن باشلىنىپ لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن ئاخىرلىشىدىغان جەمئىي 132  ئەدىبنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى تۇنۇشتۇرۇلغان. ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى قىزىققان شەخىسلەرنى توردىن ئىزدەپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تېپىشتا  ياردىمى بولۇپ قالا دىگەن نىيەتتە  پۈتۈن ئەدىبلەرنىڭ ئىسىملىرى رەت تەرتىپى بويىچە يېزىپ چىقتىم. (ئەدىبلەرنىڭ ئىسىملىرى كىتابتىن ئەينەن ئېلىندى)

  1. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى نامايەندىلىرى:

تونيۇقۇق

يوللۇغ تېكىن

ئاپرىنچور تېكىن

پرتانراكشىت

پراتيايا شىرى

ئاتساڭ

ئەبۇ نەسىر فارابى

سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ

يۈسۈپ خاس ھاجىپ

مەھمۇد قەشقەرى

ئەھمەد يەسسەۋى

ئەھمەد يۈكنەكى

جابىنەگ

شۆئاڭفۇ

مازۇ چاڭ

گۇەن يۇنشى قايا

سەئىدۇللا

كۇكۇن

رەبغۇزى

قۇتب

كى كى قۇرسا ئىچقۇ

خارەزمى

سەيفى سەرايى

ھەيدەر خارەزمى

دۇربېك

ئابدۇرەھىم ھاپىز

ئاتائى

سەككاكى

لۇتفى

يۈسۈپ ئەمىدى

ئەھمەدى

يەقىنى

گەدائى

ئەھمەد ھاجىبەگ

سەئىد ئەھمەد

شاھ غېرىپ مىرزا

شاھ قۇلى ئۇيغۇر

ھۈسەيىن بايقارا

ئەلىشىر نەۋائى

زەھرىددىن مۇھەممەد بابۇر

سۇلتان مەھمۇدخان

سۇلتان سەئىدخان

ئايازبېك قۇشچى

مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر

قىدىرخان يەركەندى

سۇلتان ئابدۇرەشىد خان

ئاماننىساخان

مەجلىسى

شاھ مەھمۇد جۇراس

ھىرقەتىي (گۇمنام)

ئابىد قۇمۇلى

موللا پازىل

مۇھەممەد سىدىق زەلىلى

مۇھەممەت بىننى ئابدۇللا خەراباتى

سالاھى

نەۋبەتى

خوجاجاھان ئەرشى

خوجا سىدىق فۇتۇھى

موللا بىلال ئىبنى يۈسۈپ خوتەنى

موللا يۇنۇس يەركەندى

موللا مۆمىن يەركەندى

موللا ئابدۇلئەلىم (شائىراخۇن)

مۇھەممەد سادىق قەشقەرى

مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى

ئۆمەر باقى

مەھزۇن

موللا ھەيدەر

موللا سالىھ

موللا نىياز

غەيرەتى

قەلەندەر

قاسىمى

ئەھمەد خوجامنىياز ئوغلى

مىرھەسەن سادائى

موللا سىدىق يەركەندى

ئەھمەد شا قارىقاشى

ئىبراھىم مەشھۇرى

ئىسمائىل بەگ

ئابدۇرەھىم نىزارى

نۇرۇز ئاخۇن زىيائى

تۇردى غەرىبى

ئىمىر ھۈسەيىن سەبۇرى

زوھۇرى

موللا نىيازى

خوشھال غەرىبىي

موللا قۇربان

موللا بىلال نازىمى

موللا ئىسماتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا

موللا مۇھەممەد نىيازى

موللا شاكىر

دىلبەر دورغا

مەھمۇد ھېكىم بەگ

ئاشۇراخۇن غەرىبى

ئاسىي

سەيدمۇھەممەد

موللا ئەلى بىننى موللا ئىمىن

موللا مۇسا سايرامى

موللا سەئىدۇللا

موللا باقى

سابىر ئاخۇن بىننى ئابدۇقادىر

تەجەللى

مۇھەممەد رەسۇل شەۋقى

ئابدۇللا شىرىپ ئوغلى خەستە

2. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى نامايەندىلىرى:

ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارىس قەشقەرى

ئىسمائىل ھاجى

ھاپىز ھاجى

ئارۇپ قاسىمى

ھەمرا بارات

ئابدۇللا ھاپىز

قۇتلۇق شەۋقى

ناسۇھا ئىمىن

نەمەت خەلپەت

دانىش ھەنىفى

ئابدۇجېلىل داموللا ھاجى

مۇھەممەد تۇردى قاسىم

مەرۇپ سەئىدى

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

مەمتىلى توختاجى

ئايۇپ مەنسۇرى

ئەھمەدى

مۇھەممەد روزى

قاسىمجان قەمبىرى

ئىبراھىم نورۇز

ئابدۇراخمان شائىر

ئەھمەد زىيائى

خېلىل ساتتارى

ئەنۋەر ناسىرى

نۇرمۇھەممەت بوساقۇپ

ئابدۇللا روزى

مۇھەممەت ئىمىن توختايۇۋ

بىلال ئەزىزى

ئەمەت غوپۇرى

لۇتپۇللا مۇتەللىپ

ئەدەبىيات تارىخىمىزدا، ئەلىشىر نەۋائىينىڭ «مەجالىسۇن نەفائىس» قاتارلىق ساناقلىق ئەسەرلەرنى ھىساپقا ئالمىغاندا، يازغۇچىلارنىڭ ئۆمۈر تارىخى،ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان مەخسۇس تەزكىرە ياكى بايانلار ئىنتايىن كەمچىل. بۇ ھال، بۈگۈنكى كۈندە يازغۇچىلارنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئىجادىي ئاپالىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىش ئىشىنى ئىنتايىن قىيىنلاشتۇرماقتا. مەزكۇر ئەسەردە ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى تونۇشتۇرۇلغان يۇقىرقى نامايەندىلەر توغرىسىدىكى بايانلارنىڭ بىر قىسمى تارقاق ۋە تولۇقسىز مەنبەلەردىن،ئۇلارنىڭ ئىجادىدا ئەكىس ئەتكەن بەزى ئىزنالاردىن ئېلىنغان بولغاچقا، ئۇنى يەنىلا مۇكەممەل بولدى دەو كەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە يەنىلا داۋاملىق ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئىنكاس يازىمەن