ئامېرىكا ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىش جەرىيانىم

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت

 تەييارلىغۇچى: ھەسەن مۇھەممەد (يۈزبېتىدىن ئاپتور روخسىتى بىلەن ئېلىندى.)

4يىلدەك تۈركىيەدە تۇرغاندىن كىيىن تۈركىيەگە تويۇپ سەسكىنىش باسقۇچىغا كېلەي كېلەيلا دەپ قالدىم، كېتىشنىڭ ئامىللىرىدىن بىرى بولغان ئامېرىكا ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ماتېىيال تەييارلاپ بېرىدىغان شىركەت ئىزدىدىم. ئۇيغۇرلارغا تەييارلاپ بەرگەن ماتېرىياللىرى بىلەن ۋاستىچى ۋىزا ئالىدىغان شىركەتكە  (ۋىزا ئېلىش مەركىزىگە) باردۇق.

ئامېرىكا كونسۇلىنىڭ راندېئۇسىغا  160 دوللار كېتىدىكەن، بىزگە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تەييارلاپ بېرىش بەدىلىگە بىزدىن 400 دوللار تەلەپ قىلدى. شۇنداق بولغاندا ماتېرىياللارنى 160 دوللار كونسۇلنىڭ ئالىدىغان پۇلى قالغان 240 دوللار بىزگە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تەييارلاپ بەرگەننىڭ ھەققىگە ئالىدىغان بولدى. قايسى ماتېرىياللارنى تەييارلاپ بېرىدىغانلىقىمىزنى سورىغىنىمىزدا بىزنى كونسۇلغا ئېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئايرۇپىلان بېلىتىنى ھەقىقىي پۇل تۆلەپ ئالىدىغانلىقىنى، مېھمانخانىنىمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىدى. ئاندىن كونسۇلنىڭ نىمىلەرنى سورايدىغانلىقىنى دەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ماقۇل دېدۇق ۋە 400 دوللارنى بېرىپ راندوۋىمىزنى 24-چىسلاغا ئالغان بولدۇق.

ۋاستىچى بىلەن ئوتتۇرىمىزدىكى دىئالوگ بۇ شەكىلدە بولدى:

“سەنچە چىقىش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟ “

“85%”

“ماتېرىياللارغا قارامدۇ؟ “

“ئېچىپمۇ قويمايدۇ، ساڭا قاراپ بىر ئىككى سوئال سوراپ بېرىش بەرمەسلىكنى قارار قىلىدۇ.”

 “سەن ماتېىيال تەييارلاپ بەرگەن بىلەن ئۆزىمىز راندوۋ ئېلىپ بارغاننىڭ پەرقى بارمۇ؟ “

“ئەلۋەتتە پەرقى بار، بىز دىگەن شىركەت. بىزنىڭ تەييارلىغان نەرسىلىرىمىزنى كۆرۈپ بۇلار قالايمىقان ساختا نەرسىلەرنى قىلمايدۇ دەپ قارايدۇ. بىزگە ئىشىنىدۇ”

“ھە!!! بولىدىكەن ئەمسە …. “

بىزدىن تەييارلاشنى تەلەپ قىلغان نەرسىلىرى:

ئۆيى بولسا ئۆي خېتى ياكى ئۆي ئىجارە توختامى

بانكىنىڭ ئالتە ئايلىق ھېسابات خاتىرىسى ئەڭ ئاخىرقى قالدۇق سومما 10000 لىرا ئەتراپىدا پۇل بولۇشى(مەن  5000 دوللار قالدۇق سوممىسى بار، كىرگەن چىققان پۇل 160 مىڭ دوللارلىق بانكا ھېسابىنى ئاپاردىم.)

ئىشلەۋاتقان يېرىدىن ئىشلەۋاتقانلىقىغا ئائىت ئىسپات ياكى ئۆزىنىڭ ئىشخانىسى بولسا باج نۇمۇرى بىلەن ئىمزا بايانى (مېنىڭ بۇرۇن ئاچقان ئۆي-مۈلۈك شىركىتىم بار ئىدى، شۇنىڭ باج لەۋھەسى بىلەن ئىمزا بايانى ئېلىپ باردىم.)

ئىككى پارچە ئاق تەگلىك رەسىم(مەن چېچىم ئۇزۇن ۋاقىتتا چۈشكەن رەسىمنى ئاپارسام پىشانىسى ئوچۇق بولمىسا بولمايدۇ دېدى. ئالتە ئاينىڭ ئىچىدە چۈشكەن رەسىم بولۇش بەك بۇرۇنقى رەسىم بولماسلىقى كېرەككەن.)

ئىقامەت(مېنىڭ ئىقامىتىم ئۇزۇن مەزگىللىك ئىدى شۇنى ئاپاردىم، ئىقامەت شەرت ئەمەسكەن.)

توي خېتىمنى ئېلىپ باردىم. لېكىن ئۇنى سورىمىدى.

ئاندىن سىزنىڭ ساياھەت قىلىشىڭىز ئۈچۈن ئايرۇپىلان زاكاس بېلىتى.  (ماڭا “بېلەتنىڭ پۇلىنى تۆلەيمىز، راس ئېلىنغان بولۇپ كۆرۈنىدۇ” دىگەن. لېكىن بەرگىنى توردىن زاكاس قىلىنغانلىق ۋارىقى، بۇنى  booking دىن ئۆزى قىلىۋالغىلى بولىدۇ ھېچقانداق پۇل كەتمەيدۇ.)

مېھمانخانا زاكاس قىلغانلىق ئىسپاتى (ماڭا  hrsتوربېتىدىن نېۋيورۇكتىكى بىر مېھمانخانىنىڭ زاكاس قىلىنغانلىق قەغىزىنى بەرگەن. بۇنىمۇ ھەقسىز قىلغىلى بولىدۇ.)

مۇشۇ نەرسىلەرنى تەييار قىلىپ 24- چېسلانى ساقلىدىم. زارىقىپ كۈتكەن 24- چىسلامۇ كەلدى. ئەتتىگەندە ئىستىنيەدىكى ئامېرىكا كونسۇلىغا يېتىپ كەلدۇق. راندوۋىمىز سائەت 10 دا ئىدى. 9: 30 دا كونسۇلنىڭ ئىچىگە كىرگىلى قويىدىكەن. كىرىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىكەنمىز.

ئىچىگە كىرگەندە تەكشۈرىدىغان يېرىگە كەلگەندە ئىچىدىكى ساقچىنىڭ كۆزىگە نىمە كۆرۈندۈم بىلمىدىم، ئۈچىمىز بىللە كىرگەن مېنى ئايرىم ئېلىپ قېلىپ ئايىغىمنى سالدۇرۇپ قايتا تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىن ئۆتكىلى سالدى. پاسپورتۇمنى ئېچىپ

“بۇرۇن ئامېرىكا ۋىزىسى ئالغانمۇ؟” دەيدۇ،

” ياق” دېدىم،”بىرە ئىش بولدىمۇ؟” دېسەم،

“گەپ قىلما! مەن گەپ قىلىمەن سەن گەپ قىلمايسەن” دېدى

 “ماقۇل” دېدىم.

ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋىزىسىنى كۆرۈپ “نېمىگە باردىڭ؟” دەيدۇ.

“ئوقۇغىلى” دېدىم

قولۇمغا بىر نەرسە سۈرۈپ كىرسەڭ بولىدۇ دېدى. كىرسەم باشقىلاردىن ئالمىغان بارماق ئىزىنى مەندىن ئالدى پاسپورت، ئىقامىتىمنى كۆپەيتىۋالدى. نومۇر بەردى ساقلاپ ئولتۇردۇم. ئون نەچچە ئادەم ئىچىدىن بىرىگە بەردى قالغان فابرىكىسى بار تۈرك گاراجدانلىرىغىمۇ بەرمەي رەت قىلىۋەتتى. مېنىڭ ئىشىممۇ ئوخشاپتۇ دەپ ئويلىدىم. 10- نومۇرلۇق كۆزنەكتىن مېنى چاقىرتتى،

“نىمە ئۈچۈن بارىسەن؟”

“ساياھەت ئۈچۈن”

“تونۇش ياكى تۇغقىنىڭ بارمۇ ؟”  (ئۆگەتكىنى بويىچە يوق دېدىم، ئەمەلىيەتتىمۇ يوقتى .)

“بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىسەن؟”

“ئۆي مۈلۈكچىلىك قىلىمەن”

“بانكا ھېسابات تالونى بارمۇ؟”

“بار” دېدىم ۋە ئېلىپ بەردىم.

“پاسپورتىڭ؟”

بەردىم، ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرنى كۆرۈپ، “نىمە قىلغىلى باردىڭ؟”

“ئوقۇغىلى، ئەرەبچە ئۆگەندىم “.

“قاچان پۈتتۈردۈڭ ؟”

“پۈتتۈرەلمىدىم، ئۇرۇش باشلىنىپ قايتىپ، كەتتىم.”

پاسپورتۇمنى باشتىن ئاياق كۆرۈپ چىقىپ،

“كەچۈرۈڭ! سىزگە ۋىزا بېرەلمەيمىز” دەپ بىر ۋاراق تۇتقۇزۇپ قويدى. قايتىپ چىقتىم.

دىقەت قىلىشقا تېگىشلىك  ئىشلار:

ئامېرىكا ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى بىردەك بېرىۋالسا قايتىپ، كەلمەيدۇ دەپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە بەرگەن ماتېرىياللىرىڭىزغا ئاساسەن سىزنىڭ قايتىپ كېلىشىڭىزگە ئىشىنەلىسە ئاندىن پاسپورتىڭىزنى ئېلىپ قالىدۇ ماتېرىياللارنى قولىڭىزغا بېرىدۇ، ئۈچ كۈن ئىچىدە پاسپورتىڭىزغا ۋىزىڭىزنى چاپلاپ ئادرېسىڭىزغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ.

باشقا تورداشلارنىڭ مەندەك بىكاردىن بىكا ناھەق 400 دوللار خەجلەپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن يېزىپ قويدۇم.

مەن تېما يوللاپ كۈچەپ تارقىتىڭ دەپ باقمىغان. لېكىن بۇ قېتىم بۇ يازمامنى كۈچەپ تۇرۇپ تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. مەندىن 400 دوللار پۇل ئېلىپ قىلىپ بەرگەن نەرسىسى ياتاق زاكاس قىلىش قەغىزى، ئايرۇپىلان زاكاس قىلىش قەغىزى، قالغان نەرسىنى ئۆزەم تەييار قىلدىم. ئۇلارنىڭ تەييار قىلغان نەرسىسى ئۆزىمىزمۇ قىلالايدىغان ھېچقانداق پۇل كەتمەيدىغان نەرسىلەر ئىكەن. سىناپ باققۇسى بارلار راندوۋنى ئۆزەڭلا ئېلىپ ماتېرىياللارنى تەييارلاپ چىقىپ تەلەي سىناپ باقساڭلا زىيان بولسا 160 دوللار، چىقىپ قالسا تەلىيىڭىز. مەندىن كىيىن ئىلتىماس قىلغۇچىلار مەندەك ئىككى ئەرزىمەس ۋاراققا 240 دوللار تۆلەپ يۈرمەي، ئۇ پۇلنى تىجەپ قېلىپ، يەنە بىر سىناپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ.

دىققەت: ئامېرىكا كونسۇلىغا تېلىفۇن ياكى ئېلېكتىرونلۇق نەرسىلەرنى ئېلىپ كىرگىلى قويمايدىكەن. راندوۋغا يېرىم سائەت قالمىغۇچە ئىچىگە كىرگىلى قويمايدىكەن. ئامېرىكا كونسۇلىنىڭ ئالدىدا ئاشۇ ماتېرىياللارنى 200 لىراغا تەييارلاپ بېرىدىكەن.

One Comment on “ئامېرىكا ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىش جەرىيانىم”

  1. قېنى گوللاندىيەدە ئايدۇرۇمدا پانالىق تىلەش توغرىلىق ماقالىڭىز بار ئىدى تاپالمىدىمغۇ؟

ئىنكاس يازىمەن