ئادەم زادى قانداق ياشىشى كېرەك- ھاللوت كىشنار (ئامېرىكا)

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە “ماقالە يېزىقچىلىقى ۋە ئۆرنەكلەر” ناملىق كىتابتىن ئېلىندى. تۇنجى ئوقۇغان ۋاقتىمدا تەسىر قىلغاچقا ئورتاقلىشاي دەپ تەھرىرلەپ قويدۇم.

ئۇ كىتابخانىدا ئولتۇرۇپ ناھايىتى تەشۋىشلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى:” ئىككى ھەپتە ئىلگىرى بىر خىزمەتدىشىم ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشىنى ھازىر باشقىلار قىلىۋاتىدۇ، خۇددى ئۇ بۇرۇن ياشىمىغاندەك. مەن ھەمىشە ھامان بىر كۈنى بىزمۇ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالىمىز، خۇددى بىز ئەزەلدىن بۇ دۇنيادا ياشىمىغاندەك، كېيىنكىلەر بىزنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، دەپ ئويلايمەن”.

ماڭا يۇقىرىقى گەپلەرنى قىلغان كىشىنىڭ قۇرقۇۋاتقىنى ئۆلۈم بولماستىن، باشقىلار ئەسلىگۈدەك ھېچ ئىش قىلماي تۇرۇپ كىشىلىك دۇنيا بىلەن خەيرلىشىش ئىدى.

ئۇنداقتا، بىز كىشىلىك ھاياتقا قانداق مۇئامىلىدە بولىشىمىز لازىم؟ ئۆزۈمنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن مەن تۇرمۇشنى بىرقەدەر مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە بولىدىغان تۆت تۈرلۈك قانۇنىيەتنى ئېنىقلاپ چىقتىم.

  1. مۇسابىقە چاقىرىقنامىسىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئازاب- ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىش

بىز تەقدىرنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن بەختسىزلىكلىرىگە بەرداشلىق بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىشىمىز زۆرۈر. بولمىسا بىز ئۈمىد، سۆيۈش توغرىسىدا مەڭگۈ ئېغىز ئاچالمايمىز. مۇبادا ئازاب- ئوقۇبەتلىك زەربىنى (بۇ خىل زەربە ھېسسىيات جەھەتتىكى زەربىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قوبۇل قىلىشقا تەييارلىقىمىز بولمىسا، ھەقىقىي شادلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ھېس قىلالمايمىز.

بىز ھەرقانداق بىر خىل ئازاب- ئوقۇبەتنى مەلۇم بىر ئۇسۇل بىلەن توسقىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز لازىم. كىشىلىك تەلىپى رەت قىلىشقا ئۇچرىغاندا، بەدەننى كېسەل چىرمىۋالغاندا، شىرىن خىيال ئەمەلگە ئاشمىغاندا… كىشى مانا مۇشۇنداق بىر قاتار ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغاندا، زادى قانداق قىلىشى كېرەك؟

مېنىڭچە، ئالدى بىلەن روھى يۈكىڭىز بەك ئېغىر بولۇپ كەتمەسلىكى، ئۈمىدسىزلىك ۋە ئاپەت ئىچىدىن خالاس بولۇپ چىقىشىڭىز، يەنى قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدىكى مەلۇم قىسمىنى ئۈزۈل- كېسىل پاكلىۋېتىشىڭىز كېرەك. رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىڭ. بەخىتسىزلىك تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى، ئەمما ئۇ مەڭگۈلۈك ئەمەس. بەخىتسىزلىككە يەنىلا چىداشلىق بەرگىلى بولىدۇ.

  1. كەڭ دائىرىدە دوست تۇتۇش

ھەر قانداق ئادەم ھايات مۇساپىسىدە بىر نەچچە سىرداش دوستنىڭ ھەمراھلىقىغا مۇھتاج.

ياز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى ئىدى. مەن بىر كىچىك ئوغۇل بالا بىلەن بىر قىزچاقنىڭ دېڭىز ياقىسىدا كۆڭۈل قويۇپ قۇمدىن قورغان ياساۋاتقانلىقىنى تاماشا قىلىۋاتاتتىم. ئۇلار قورغاننى پۈتكۈزۈپ بولايلا دەپ قالغان ۋاقىتتا، بىر شىددەتلىك دولقۇن «قورغان« غا ئۇرۇلۇپ، ئۇنى نەم قۇم ھالىتىگە ئەكېلىپ قويدى. ئەينى ۋاقىتتا مەن بۇ ئىككى بالا چوقۇم ھۆڭرەپ يىغلاپ تاشلايدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم. پەرىزىمنىڭ ئەكسىچە، ئۇ ئىككىسى قول تۇتۇشۇپ خوشال- خۇرام ھالدا قىرغاق تەرەپكە يۈگۈرۈپ كېتىشتى. ئاندىن كېيىن ئىشنى يېڭىۋاشتىن باشلىدى.

ئادەم ئۆمرىدە نۇرغۇن ۋاقت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ ياسىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى قۇم ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. شىددەتلىك دولقۇن ھەر ۋاقىت ئۇنى ئۆرۈۋېتەلەيدۇ. دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا، ئەگەر بىرسى سىزنىڭ قولىڭىزنى چىڭ سىقسا، سىز بەك ئازابلىنىپ كەتمەيسىز. سىزدە يېڭىدىن باشلاش ئىشەنچىسى تۇغۇلىدۇ.

  1. باشقىلارغا تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىش

كىشىلىك دۇنيادا ھەممىلا ئادەمنىڭ باياشات بولالىشى مۇمكىن، ئەمما ھەممىلا ئادەم تۇغما قابىلىيەتلىك بولىۋەرمەيدۇ.  بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىجابىي كۈچىمىزدىن پايدىلىنىپ، ئەۋلادلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشىمىز لازىم. بىر تەجرىبىلىك تېز خاتىرلىگۈچى خادىم ياكى بىر پېشقەدەم ئىشچى يېڭى خادىملارغا ياكى يېڭى ئىشچىلارغا خىزمەت تەجرىبىسىنى ئۆگىتىدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتۈش ئارقىلىق باشقىلاردا تەسىر پەيدا قىلالايدۇ. بىز بىلىدىغان، ئەڭ ئۇزۇنغا داۋام قىلىدىغان بىر خىل قانائەتلىنىشنىڭ ئۆزى بىر قىسىم كىچىك ئەمما مۇھىم بولغان تەرەپلەردە باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشتۇر.

  1. ياشىغان ئىكەنمىز، مەنىلىك ياشاش

پەيلاسوپ ھوراس كلون مۇنداق دېگەنىدى:« بەزى كىشىلەر ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىمەنغۇ دەپ ئويلىغاچقا، دەماللىققا ئۇلار ئەيش- ئىشرەتلىك تۇرمۇش يولىنى تاللىۋالىدۇ؛ بەزى بىر قىسىم كىشىلەر بولسا، تۇرمۇشقا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار ناھايىتى مەنىلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئالدىنقى تۈردىكى كىشىلەر گەرچە ھايات بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ روھى ئاللىقاچان ئۆلگەن. كېيىنكى تۈردىكى كىشىلەر گەرچە ئۆلگەن بولسىمۇ، ئۇلار مەڭگۈ ھايات. مەيلى مەن قاچان، قايسى ۋاقىتتا ئۆلەي، مەن كېيىنكى تۈردىكى كىشىلەردىن بولۇشقا بەل باغلايمەن«.

تۇرمۇش زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

تۇرمۇش ھەرگىزمۇ بىرەر توم ئۇلۇغ ئەسەر يېزىش ئەمەس، بايلىق، ھوقۇق ۋە كۈچ توپلاشمۇ ئەمەس، ئەكسىچە تۇرمۇش سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش دېمەكتۇر. بىز تۇرمۇشنىڭ بايلىق ۋە تەجرىبىنىڭ توپلىنىش جەريانى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىمىز لازىم. ھەر قېتىم بىر يېڭى دوست تۇتقاندا، يېڭى بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەندە، ھەر بىر يېڭى كەچۈرمىش بىزنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىدۇ.

تۇرمۇش خۇددى بىر پارچە ياخشى كىتابقا ئوخشايدۇ، سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەسىراتىڭىز قانچە چوڭقۇر بولسا، كىتابتىكى مەزمۇن تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىندۇ، كىتابتىكى ئوبراز تېخىمۇ جانلىق گەۋدىلىنىدۇ، ئاخىرىدا سىز ئۇنىڭدىن بىر خىل مۇكەممەل بەھرىمەنلىككە ئېرىشەلەيسىز.

(«شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى« ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.)