جاھالەت سائادەتتۇر (2)

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

   تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا مەكتەپتىن خالىغانچە سىرتقا چىققىلى بولمايتتى. ئوغۇللار ئايدا بىر قېتىم چاچ ئالدۇرۇش ئۈچۈن سىرتقا چىقاتتۇق. مەكتەپ يىگۈدەك مۇسۇلمانچە نەرسىلەرمۇ يوق بىر يېزىدا ئىدى، كىيىم- كېچەك، ئۇيۇن- تاماشا ئېھتىياجىمىز يوق بولغاچقا، سىرتقا چىققاندىمۇ چاچ ئالدۇرۇشتىن باشقا قىلغۇدەك ئىش تاپالمايتتۇق.

   ئەتىگەندە 7 دە ناشتا قىلساق، چۈشلۈك تاماق 12 دە، كەچلىك تاماق سائەت 6 دە ئىدى. كەچلىك تاماق بىلەن ناشتىنىڭ ئارىسىدا 13 سائەت ئارىلىق بار ئىدى. بۇ 13 سائەتتە 5 سائەت كەچلىك مۇزاكىرە بولغاچقا مۇزاكىرىدىن كېيىن دائىم قورساقلىرىمىز ئېچىپ كېتەتتى. بەزىدە ئۆيدىن ئەۋەتكەن نەرسىلەرنى بۆلۈشۈپ يەيتتۇق. بەك بولمىغاندا ئاچ ياتاتتۇق. بەزىدە تاڭ ئاتقۇچە قۇرساق ئاچ ئۇخلىيالماي ئۆتكەن تۈنلەرمۇ بولغان ئىدى. يۇرتتىن ئەكىۋالغان تەييار چۆپلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك يەۋېرىش ئارىمىزدا شۇنداق نورمال ئىشى ئىدى.

   ئەڭ دەھشەت بولغىنى، بىر ۋاقىتتا ئۆيدىن ئەۋەتكەن باشقا يەيدىغان نەرسىلەر تۈگەپ، “ئاغرىپ قالغاندا يەرسەن “، دەپ ئەۋەتكەن ئاشقازان دورىسى، يەنە ئۇششاق چۈششەك ۋىتامىن، كالتسىي دورىلىرىنى ياتاقتىكىلەر بىللە ئولتۇرۇپ يەپ قۇرساق تۇرغۇزغىنىمىز ئىدى.  ھازىر ئويلىسام ھېلىمۇ ھېچ ئىش بولماپتىكەن شۇ ۋاقىتلاردا دەپ قورقۇپ كېتىمەن.

   قىزىق يېرى ئۇ ۋاقىتلاردا ھەممىمىز ئوخشاش، سىرت بىلەن بولغان ئالاقە تامامەن يوق بولغاچقا ئۇ كۈنلەر بەك ئېغىر بىلىنىپمۇ كەتمەپتىكەن. ھازىر ئويلىسام، يەنە بىر قېتىم شۇ يەردە تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇش دەپ قالسا بىرە ھەپتىدە ئۆلۈپلا قالىدىغاندەك ھېس قىلىمەن.

   بەلكىم ھازىرمۇ شۇنداق قېيىن شارائىتلاردا تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇكىلىرىمىز باردۇ. مېنىڭچە ئۇلارغىمۇ بۇ جاپالىق شارائىت بەك ئېغىر بىلىنىپ كەتمەكلىك. بەزىدە جاھالەت مۇشۇنداق سائادەت بوپ قالىدىكەن.

   سىرتقى دۇنيانىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيادىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىش، ھەم ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەسلىك ئادەمگە ئەڭ ئېغىر كەلسە كېرەك. ئۆزگەرتەلمىگەن دۇنيانىڭ ناچارلىقىنى بايقاشنى مەرىپەت ھېسابلاش قانچىلىق ئاقىلانىلىك بۇمۇ ئايرىم بىر نۇقتا.

   شۇڭا بەزىدە بىزنىڭ “باشقىلارغا ياردەم، باشقىلارمۇ ياخشى ياشىسۇن” نامى ئاستىدا قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز باشقىلارغا ھەقىقەتەن ياردەم قىلىشمۇ، باشقىلار بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلسە بىزدىن بۇ ياردەمنىڭ كېلىشىنى ئۈمىد قىلار بولغىيمىتى، دېگەندەك سوئاللار كاللامغا كېلىپ قالىدۇ.

   ماڭا تاللاش پۇرسىتىنى بەرسە، مەن يەنىلا ئەينى ۋاقىتتىكى تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ پەۋقۇلئاددە ناچار مۇھىتىنى مېنىڭ سەمىمگە سالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتىم. ئىش ئۆتتى، ماڭا قالغىنى پەقەتلا بىر ئەسلىمە. ھەتتا جاپالىق مۇھىتتا تاۋلىنىپ چىققاندەك مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا تولغان بىر ئەسلىمە ئىدى. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا بەزى ھەقىقەتلەرنى بىلگەن بولسام، ھازىر قولۇمدا قالىدىغىنى ئەسلىمە ئەمەس بەلكى ئازابلىق كەچۈرمىش بولار بولغىيتتى. شۇڭا بىر مەشھۇر شەخسىنىڭ ئېيتقان بۇ گېپى ناھايىتى توغرا بىلىنىدۇ: “ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ دائىم بىلىشنى خالىمايدىغان نۇرغۇن نەرسىلىرى بولىدۇ.”

 

2020-01-24

ئىنكاس يازىمەن