مەككە ئېتىكاف خاتىرىسى
ئىسمىنى ئاشىكارلاشنى خالىمايدىغان سەيياھ
ئەسكەرتىش: يازما ئىسمىنى ئاشىكارلاشنى خالىمايدىغان بىر سەيياھقا ئائىتتۇر. ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمەستىن يوللاندى.
رۇسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن سانت پېتېربۇرگ ساياھىتى قىلىش ئانچە ئاقىلانىلىك بولمىسا كېرەك… ئۇنىڭ ئۈستىگە رامىزاندا سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىشىمغا سەۋەبلەر توشۇق ئىدى:
- رامىزاندا ئۆمرە قىلىشنىڭ ئەجرى (بۇخارى 1782-ھەدىس، مۇسلىم 1256-ھەدىس)
- رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونى ئېتىكاپ قىلىشنىڭ تەكىتلىك سۈننەت ئىكەنلىكى
- ھەرەمدە ئوقۇغان نامازنىڭ ساۋابى (يۈزمىڭ ھەسسە)
ئەسكەرتىش: ھىجرىيە كالىندارى قەمەرىيە (ئاي) كالىندارى بولغاچقا كېچە كۈندۈزدىن بۇرۇن بولىدۇ. بىر كۈن (سوتكا) – شامدىن باشلىنىدۇ. شۇڭا يازمىدا، ھىجرىيە كالېندارى بويىچە ئاۋۋال بىر كۈننىڭ كېچىسىدىكى ۋەقەلەر ئاندىن شۇ كۈننىڭ كۈندۈزىدىكى ۋەقەلەر تىلغا ئېلىندى.
1. ۋىزا
بىن سالماننىڭ بىر (بىردىنبىر؟) پايدىسى، سەئۇدىغا ساياھەت ۋىزىسى ئېلىشنىڭ ئاسانلاشقانلىقى دېسەك خاتالاشمايمىز. سەئۇدى ساياھەت يا ئۆمرە ۋىزىسىنى سەئۇدى ئېلىكترولۇق ۋىزا تورى (https://visa.visitsaudi.com/ )غا چىقىپلا بىۋاسىتە ئالالايسىز. تەخمىنەن 10 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. ئېلىپلا ئەتىسى ئېمەيلگە ۋىزا ۋە سۇغۇرتا ئىسپاتى كېلىدۇ. مەن ياۋروپادىكى مەلۇم دۆلەتنىڭ گراژدان (ۋەتەنداش)ى بولۇپ، خىتاي تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتكەن. ۋىزا ۋە مەجبۇرىي سۇغۇرتا قوشۇلۇپ ماڭا جەمئىي رىيال=123 ياۋرو كەتتى (2024/3). دۆلەتكە كۆرە باھا پەرقلىق.
ئايروپىلان بېلىتىنى سەل كېچىكىپ، رامىزاندىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئالغانلىقىم ئۈچۈن سەل قىممەت توختىدى. ئىستانبۇلدىن بىر ئالمىشىش بىلەن بىر كىشىلىك بېرىپ-كېلىش بېلىتى 536 ياۋرو. تۈرك ھاۋا يوللىرى.
2. يولغا چىقتۇق
يۈك تاقام:
بويۇنغا ئاسىدىغان بىر سومكىچاق – ياندىن ئايرىمايدىغان مۇھىم نەرسىلەرنى سېلىش ئۈچۈن.
دولىغا ئارتىدىغان بىر سومكا – ئاساسەن يېنىمدا تۇرىدىغان نەرسە كېرەكلەر.
بىر كىچىك چامدان – باشقا ھەممە نەرسە، ئالماشتۇرىدىغان كىيىم… قاتارلىقلار.
شامدىن سەل بۇرۇن ماڭغان. ئايروپىلاندا ئىپتارلىق قىلدىم. ئىستانبۇلدا ئالمىشىشقا بىر سائەت 40 مىنۇت ۋاقىت بار ئىدى. مەسجىدتە شام بىلەن خۇپتەننى جەملەپ ئوقۇدۇم. بىر جامائەت تاراۋىھ ئوقۇپتىكەن بىللە تۆت رەكئەت ئوقۇۋالدىم. لېكىن مەن چۈشكەن يەر ف ئىشىك بولۇپ، ئۇچىدىغان يەر ئا ئىشىك ئىدى. ئۇچۇشقا 15 مىنۇتچە قالغاندا يېتىپ باردىم. يېقىنراق يەردىكى مەسجىدتە ئوقۇسام بوپتىكەن دەپ قالدىم. كەچلىك ئۇچۇش بولغاچقىمىكىن، ئايروپىلان بەك بوش. رىيادقا چۈشكىچە بامداتنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتەتتى، شۇڭا بامدات كىرگەندە تاھارەت ئېلىپ، ئارقىدىكى مۇلازىملاردىن سورىسام ئۇنىۋېدى، ئارقىدىلا ياندىكى جەيناماز بىلەن بامداتنى ئوقۇۋالدىم.
3. رىيادتىن مەدىنىگە
يەنە شۇ ۋىزا بىلەن ھەجگىمۇ كەلمەكچى بولغانلىقىم ئۈچۈن، رىيادتىن ئاپتوبۇس ئارقىلىق مەككىگە بېرىش، ياكى ئاۋۋال مەدىنىگە بېرىپ، ئاندىن ئاپتوبۇس يا پىكاپتا مەككىگە بېرىشنى ئويلاشقان ئىدىم. (ھەج ۋىزىسىسىز چەج قىلىشنىڭ ھۆكمىنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ: https://sajiya.biz/?p=12369&uls=uu ).
شۇڭا بارغۇچە رىياد-مەدىنە-مەككە، قايتقۇچە مەككە-رىياد يولىدا مېڭىشنى قارار قىلدىم.
توردىن مەدىنە ۋە مەككىگە قەرەللىك قاتنايدىغان ئاپتوبۇسلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئېيتىلغان بولسىمۇ، پەقىر سەئۇدى قاتناش تورى ساپتكو (SAPTCO) نىڭ ئېنگلىسچىسىدىن قەتئىي دۆلەت ئىچى قاتناش ئۇچۇرىنى تاپالمىدىم. (مى نو سپىك ئېڭگلىش، مەيبى؟)
قونۇپ، تاموژنىدىن ئۆتۈپ (بارماق ئىزى باستۇرىدۇ ۋە رەسىمگە تارتىدۇ)، ئايرودرومدىكى ساياھەت ئۇچۇر نۇقتىسىدىن ئېنگىلىسچە بىرقانچە سوئال سورىدىم. رىيادتا ھازىرچە بىرلا ئايروپورت بار بولۇپ، ئايرودرومدىن ئاپتوبۇس بېكىتىگە بېرىشكە پەقەت تاكسىلا مەۋجۇت، مېترو، ئاپتوبۇس بارمايدۇ (ياكى بەك مۇرەككەپ بولغاچ ماڭا دېمىدىمۇ). ئەلئەزىزىيە بېكىتى ۋە شاھ خالىد ئايرودرومى شەھەرنىڭ ئىككى چېتىدە بولۇپ، گوگۇل خەرىتىسىمۇ قاتناش يولى تېپىپ بېرەلمىدى. تاكسىنى 170 ئەتراپىدا دېگەنتى. تۇرسام يەرلىك ئەللىكلەر چامىسىدىكى بىرەيلەن كېلىپ تاكسى دېدى. باھانى 150 رىيالغا دېيىشتۇق. ئايروپورتتىكى ئەرراجى بانكىسىدا يۈز دوللار پۇل ئالماشتۇردۇم. (ماڭا يۈز دوللاردىنلا ئالماشتۇرىمىز دېگەن ئىدى، قايتىشىمدا سورىسام پارچە دوللارمۇ ئالماشتۇرىدىكەن…)
يەنە تېلېفون كارتىسىمۇ بېجىردىم. ئىككى شىركەت بار ئىكەن، مەن سەئۇدىنىڭ بىر ئايلىق 20 گىگابايت تورلۇق كارتىسىنى 80 رىيالغا ئالدىم. نومۇر ۋىزا ۋاقتى توشقىچە ئىشلەيدىكەن، لېكىن ھەر ئىككى ئايدا پۇل قاچىلاپ تۇرۇش كېرەك ئىكەن. (ماڭا 20 گىگا يېتىپ ئېشىپ قالدى.)
ئاندىن دېيىشكەن قارا تاكسىغا چىقتىم. يولدا ماڭا مەدىنىگە بېرىشقا تاكسىنى بەك تەۋسىيە قىلىپ كەتتى، گەپتىن گەپ چىقىپ بۈگۈننىڭ جۈمەلىكىنى ئېسىمگە سالدى.
مەدىنىگە تەخمىنەن 8 سائەت يول ئىدى، شۇڭا ئۈلگۈرمەيتىم. يېرىم سائەتلەردە ئاپتوبۇس بېكىتىگە كەلدۇق. ئىشىك ئالدىدا بىر تاكسىچى قولۇمدىن تۇتۇپ «مەدىنىگە 200 رىيال» دېدى. «جۈمە» دېسەم، «پېشىن» دەيدۇ. دېمەك، يولدا جۈمە ئوقۇغىلى بولمىغۇدەك دەپ، جۈمەدىن كېيىن مېڭىشنى نىيەت قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ساپتكو ۋە يەنە بىر شىركەتتىن سورىسام، مەدىنىگە 210 رىيال ئەتراپىدا بىر باھا دېدى. قارا تاكسىدا ماڭساممۇ بولامىكىن دېگەن خىيال بىلەن تۇرسام، بىرەيلەن بىرىنجى قەۋەت (رويى زېمىننىڭ ئۈستىدىكى قەۋەت) كە چىقىشىمنى ئېيتتى. 1-قەۋەتتە كىچىك شىركەتلەر (نۆۋەتتە شەخسىي ئاپتوبۇس دەيمەن) بولۇپ، باھاسى ئەرزان ھەم باھا تالاشقىلى بولىدۇ. لېكىن سۈپىتى ناچار ۋە مېڭىش ۋاقتى ئېنىق ئەمەس. ئاپتوبۇس تولغاندا ئاندىن ماڭىدۇ. شۇ ئەسنادا دۇبەيدىن كەلگەن قازاقلار ئۇچراپ بىر شىركەتتىكى بېلەتنى 130 رىيالغا دېيىشىپ بەردى. «ئەبۇ سەرھەد» دېگەن بۇ شىركەتتىكىلەرمۇ «جۈمەدىن كېيىن يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ماڭىمىز» دەپتى، ئىشىنىپ بېلەتنى ئېلىۋەتتىم.
جۈمەدىن يېرىم سائەت كېيىن (12:30) چىققان ئاپتوبۇس، ئەسىرگە ئەزان توۋلىغاندا (15:30) قوزغالدى. بېنگاللىقلارنىڭ بۇ شىركىتىنىڭ ئاپتوبۇسىنىڭ ئورۇندۇقلىرى ئالاھىدە سۈپەتلىكمۇ ئەمەس، بەك ناچار ۋە قاتتىقمۇ ئەمەس. ھاجەتخانا بار بولسىمۇ، سۇ يوق بولغاچ تاھارەت ئالغىلى بولمايتتى. يەنە WiFi مۇ يوق. شۇڭا «ئەبۇ سەرھەد»نى تەۋسىيە قىلماي دەپ تۇرسام ئارىلىقتا دىگەرگە توختىدى. شامغا توختاپ شام ۋە خۇپتەننى جەملەپ ئوقۇپ، تاماق يەپ چىقتۇق. ئىككى ئەرەب بۇرادەر چاي بىلەن مېھمان قىلدى. .ئالاھەزەل بىرە سائەت توختىدۇق. 25 رىيالغا بىر كىشىلىك رۇز بۇخارى (توخو بېسىلغان – ئەرەبىستاندىكى ئۆزبېك ئەمەس چەتئەللىكلەر چۈشەنچىسى بويىچە – بۇخارا پولوسى؟) ئالدىم. بۇنىڭغا ئەسلى ئىككى ئادەم تويغۇدەك، ياندىكى ئىككى ئەرەب بۇرادەرمۇ شۇنى بۇيرۇتۇپ يەنە گۈرۈچ قوشقۇزۇش تەرزىدە گەپلەرنى قىلىۋاتاتتى. «مېنىڭكىنى يېيىشىپ بەر» دەپ، بۆلۈپ بېرىپ ئاندىن ئاران يەپ تۈگەتتىم.
ئاندىن يەنە يولغا چىقتۇق (19:30). ئارىلىقتا يېرىم ياتا كۆز يۇمۇپ يۈرۈپ، مەدىنىگە بىرە سائەتلىك يەردە توختاپ سۇھۇرلۇق يەپ، بىرە سائەت توختاپ يولغا چىقتۇق (3:00). شۇنداق قىلىپ بۇ رامىزاندا تاراۋىھ ئوقىمىغان بىردىنبىر كېچە بولدى. ئاپتوبۇسقا سەمەرقەندلىك ئۆزبېك ئاتا-بالىمۇ چىققان ئىدى. بۇلارمۇ مەدىنىگە بېرىپ، ئاندىن ئۆمرە قىلىپ ۋە بىراقلا ھەج قىلماقچى ئىكەن.
4. مەدىنەدە ئېتىكاپ
ئاپتوبۇستا يېنىمدا ئولتۇرغىنى مەدىنەگە ئېتىكاف قىلغىلى ماڭغان پاكىستانلىق پاشتۇن ئابدۇررەھىم بولدى. پېشانىگە پۈتۈلسە شۇنداق بولىدىكەن-دە. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە:
زائۇن (ئېنگىلىسچە ئاتىلىشى Visitors) دېگەن ئەپ بىلەن تىزىملىتىدىكەنسىز. پەقەت سەئۇدى نومۇرىدىلا تىزىملاتقىلى بولىدۇ.
ھەر رامىزاننىڭ 10ى دىن 13ى گىچە پەقەت 14 سائەتلا ئېچىلىدىكەن. تەخمىنەن تۆت مىڭ كىشى ئېتىكاف قىلىدىكەن. تىزىملىتالىسا يېمەك، ياتاق ئىشلىرى بەك قولاي ئىكەن. مەككە ئېتىكاپىمۇ شۇنداقمىش (ئۇ پەقەت مەدىنەدىكى مەسجىدى نەبەۋىدە ئېتىكاپ قىلىپ باققان).
كېيىن توردىن قارىسام ئېيتقانلىرىغا ئوخشاش چىقتى. تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى بۇ توردىن كۆرەلەيسىز (ئېنگىلىسچە):
https://theharamaynguide.com/blogs/articles-2/itikaf-registration-in-makkah-madinah
https://lifeinsaudiarabia.net/itikaf-registration-madina-makkah/
مەن ئۆزەمچە بىر چەتئەللىك تونۇشنىڭ گېپى بويىچىلا سومكىنى ئارتىپ ماڭغان بولغاچقا، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بۇ ئىشلارنى ئۇقماپتىمەن. ئەگەر رەسمىي تىزىملىتىپ ئېتىكاپ قىلماقچى بولسىڭىز، يۇقارىقى تورلاردىن پايدىلىنالايسىز. شۇنداقتىمۇ مېنىڭچە سەئۇدىدا بىر تونۇشىڭىز بولۇشى كېرەك، تېلېفون نومۇرى قاتارلىق ئىشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ساياھەت ۋىزىسى ئارقىلىق ھازىرچە تىزىملاتقىلى بولمايدۇ، ھېچبولمىسا ئىقامەت بولىشى كېرەك (2024-يىلى).
مەدىنىگە بامداتتىن بۇرۇنراق كەلدۇق. بېكەتتىن بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسجىدى كۆرىنىدىكەن. شۇ تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ يەنە بەش مىنۇت ماڭسا مەسجىدى نەبەۋى ئىكەن. ئابدۇررەھىم بىزنى باشلاپ باردى. ھويلىدىلا بامداتنى ئوقىۋالدۇق. كىشىلەر بىرە قۇر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىچىگە كىرىپ قاراپ باقتۇق. بىنا ئىچىگە چامدان كىرگۈزمەيتى. شۇڭا چامداننى ئىشىك يېنىدىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ ئارقىسىغا قويۇپ كىردۇق. ئىچىدە ئۇخلىغىلى قويماسمىش دەپ، ھويلىغا چىقىپ بىر ئاز كۆز يۇمغاندىن كېيىن ئويغۇتىۋەتتى. ئۆزبېك ئاتا-بالا «رەۋزەتۇسسافانى كۆرىمىز» دەپ كىرىپ كەتتى. قارىسام كىشى بەك كۆپ ئىدى. «نۇسۇك» دېگەن ئەپتىن تىزىملاتقانلار كىرىدىغان ئايرىم جاي بار ئىكەن (تىزىملاتمىغانتىم). مەن يەنە مەككىگە ماڭىدىغان بولغاچقا ھويلىدا بىر ئاز يېتىۋالماقچى بولدۇم.
سائەت توققۇزلاردا ئويغۇتىۋەتتىمىكىن. بۈگۈن رامىزاننىڭ 20سى بولغاچ، ئېتىكاپ قىلماقچى بولغىنىم ئۈچۈن، مەككىگە ماڭىدىغان ۋاستە ئىزدىدىم. ئارىلىقتا غۇسلى قىلماقچى بولۇپ، 33 ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدىكى ھاجەتخانىغا كىرسەم، 2،3 قەۋەتلىك بولۇپ، ئىچىدە (پەلەمپەي ۋە يولنىڭ ئەتراپىدىكى بىكار يەرلەردە) بىرمۇنچە كىشىلەر ئۇخلايدىكەن. بۇ يەردە ئويغاتمايدىغان بولسا كېرەك. شۇڭا تىزىملاتماي ئېتىكاپ قىلماقچى بولغانلار مۇشۇ يەرلەردە ئۇخلايدىغان ئوخشايدۇ دېدىم.
شۇنىڭ بىلەن ئاپتوبۇس بېكىتىنى سوراپ يۈرۈپ تاپتىم. 333-ئىشىكتىن چىقىپ، ئۇھۇدقا ماڭىدىغان يولدا، ئۇدۇل ماڭسىڭىز، ئىككى يۈز مېتىرلاردىن كېيىن سولدا مەككىگە بارىدىغان شەخسىي ئاپتوبۇسلار بار، باھاسى 50، 60 رىيال. لېكىن ۋاقتىدا بارىدىغان چوڭ شىركەتنىڭ ئاپتوبۇس بېكىتىنى تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈن، پويىزغا ئولتۇرۇپ باقماقچى بولدۇم.
يەنە شۇ ئۇھۇدقا ماڭىدىغان يولدا، مەسجىدى نەبەۋىنى ئارقىڭىزدا قىلىپ، يولنىڭ سول تەرىپىدە، 100 مېتىرغا يەتمىگەن يەردىلا 300-400-يوللارنىڭ بېكىتى بار. 400-يول ئايرودرومغا بارىدۇ. 300-يول ئارقىلىق پويىز ئىستانسىسىغا بارىمىز. بېلەت 11 يېرىم رىيال. 15 مىنۇتتا كەلدۇق. ماڭا مەسجىدى نەبەۋىدىكى ئۇچۇر بەرگۈچى پويىز بېلىتىنىڭ قىممەت ئىكەنلىكى ۋە ئالدىن تورغا چىقىپ ئېلىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى. توغرا چىقتى. بۈگۈنكى بار ئورۇن كەچ سائەت 9 يېرىمنىڭ پويىزىدا ھەم 900 نەچچە رىيال ئىدى. ئايروپىلان بېلىتىنىڭ پۇلىغا پويىزدا ئولتۇرغۇم كەلمىدى. پويىز ئىستانسىسى خادىمى ماڭا بېلەتنى ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئېلىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. بېلەتنى ھەرەمەين تېز پويىز (https://sar.hhr.sa/home#) تورىدىن ئالالايسىز. شۇنىڭ بىلەن قايتتىم.
ياندا نەق پۇل ئاز قالغان ئىدى. مەككىگە بېرىپلا قىينىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، 330-ئىشىككە يېقىن يەردىكى پۇل ئالماشتۇرۇش ئورنىدىن يۈز دوللار ئالماشتۇردۇم. پەقەت نەق پۇل ئالماشتۇرىدىكەن، كارتا بىلەن تۆلىگىلى بولمايدىكەن. شۇڭا سەئۇدىدا كارتا ئېلىۋالغان بولسىڭىز ئامال بار كارتىدا تۆلەڭ. چۈنكى بەزى يەرلەر كارتا ئالمايدۇ، قارا تاكسى، شەخسىي ئاپتوبۇس ۋە بەزى كىچىك ئاشخانا ۋە دۇكان دېگەندەك…
5. مەككىگە
قايتىپ ئاپتوبۇس بار جايدىكى بىر دۇكاندىن ئېھراملىقنى 40 رىيالغا سېتىۋالدىم. ماڭا قىممەت تۇيۇلدى. چامدان ۋە سومكىنى ئېلىپ كەلسەم سائەت 11لەر بوپتىكەن. رىيالغا مېڭىشقا قوزغالغان ئاپتوبۇسقا 70 رىيالغا قىممەت بولسىمۇ چىقتىم. بارى شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇن ئىكەن.
مەدىنەنىڭ مىقاتىغا بىر سائەتتەك مېڭىپلا كېلىپ قالدۇق. مىقاتتا بىر سائەتچە توختىدى. تاھارەت ئېلىپلا ئېھرام باغلىدىم. ئارىلىقتا بىر ماي پونكىتىدا توختاپ، پېشىن ۋە ئەسىرنى جەملەپ ئوقۇدۇق. ئاندىن توختىماي شامدىن بۇرۇنراق (18:00 ئەتراپىدا) مەككىگە كەلدۇق. شوپۇر يېنىدا تازا ئاپتاپتا قېلىپ، ئاپتاپ ئۆتۈپ قاپتۇ. 70 رىيالغا پۇشايمان قىلدىم-يۇ، شامدىن بۇرۇن كەلگىنىمگە خۇش ئىدىم.
مەككىگە ئاز قالغاندا توساقتا ساقچىلار ئارىلاپ ماشىنىلارنى ۋە ئاپتوبۇسلارنىمۇ توسۇپ تەكشۈرىدىكەن، بىزنى تەكشۈرمىدى. مەككىدىكى جارۋال (جرول) دېگەن بېكەتتە چۈشتۇق، بېكەتتىن ھەرەم مەسجىدىگە بارىدىغان يول بار. لېكىن بەزى يوللاردىن چامدان كىرگۈزمەيدىكەن.
6. ئۆمرە
مەككىدىكى بىر تونۇش مېنى ئالغىلى كەلدى. شامنى ئوقۇپ ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا تاماق يېدۇق. چامدېنىمنى تونۇشنىڭكىدە قويۇپ، باشقا كىشىلەر بىلەن ئاپتوبۇستا مەسجىدى ھەرەمگە ماڭدىم. خۇپتەنگە ئاران ئۈلگۈرسەك يولنى ئېتىۋەتتى. پەستە ئاۋازنى ئاران پەرق قىلغۇدەك ئوقۇدۇق.
ئاندىن كىرىپ، تاراۋىھ ئوقۇلىۋاتقاندا ئۆمرە قىلىۋالدىم. ئۆمرە بەكلا ئاسان بولۇپ، ئاساسلىق مىقاتتىن ئېھراملىق ئۆتۈش، يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلىش (كەئبىنى ئايلىنىش)، سەفا-مەرۋە ئارىسىدا يەتتە قېتىم يۈرۈش ۋە چاچنى چۈشۈرۈپ (ياكى قىسقارتىپ) ئېھرامدىن چىقىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۆمرىدىن بۇرۇن ئۆمرە توغرۇلۇق سىنلارنى بىر قانچە قېتىم كۆرىۋەتكەن، «ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى»نى بىر قانچە قېتىم ئوقۇغان، ئۆمرە قىلغاچ ھەم قوللانمىنى تېلىفوندا ئېچىپ، قاراپ تۇردۇم.
ئۆمرە قىلىش ئۇسۇلى (سىن):
https://www.youtube.com/watch?v=tOMUgfER4Ww
ئۆمرە، ئىھرامغا ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر (سىن):
https://www.youtube.com/watch?v=PGtZ_zlCZWI
ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى (كىتابچە):
https://elkitab.org/hej_we_y%D9%94omre_qollanmisi_muhemmed_yusup/
چاچ چۈشۈرىدىغانلار بەك كۆپ دەيتتى. لېكىن بىرلا ساتىراشخانا بار ئىكەن. ئۆچرەتتە تۇرۇپ باشنى چۈشۈردۈم. بەزىلەر توكلۇق قىرغۇچ يا ئۇستىرا ئەكېلىپ چاچلىرىنى چۈشۈرۈشۈپ قويىدىكەن. 25 رىيال ۋە ئوتتۇز رىياللىقى بار ئىكەن. 25 رىياللىقىنى قىلدىم. قىممىتىدە قايچا بىلەن كېسىپ پاسۇن چىقىرىپ قويسا كېرەك؟
7. مەككىدە ئېتىكاپ
چاچ چۈشۈرگۈچە تەھەججۇت باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەسجىدى ھەرەمگە ئېتىكاپ نىيىتى بىلەن كىرىپ، ناماز ئوقۇغىلى يەر ئىزدىدىم. 174-ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، بىرەيلەننىڭ ئىككى جەينامىزى بار ئىكەن، «ناماز ئوقۇمسەن» دەپتى، بېرىپ بىللە ناماز ئوقۇدۇم. نامازدىن كېيىن ماڭا بىر جەينامازنى ھەدىيە قىلدى. خۇپتەننى ئاڭلىنا-ئاڭلانماي ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن، بامداتتىن بۇرۇن ئۆزۈم قايتا ئوقۇۋالدىم.
سومكامنى ئۆمرە قىلغىلى كىرگەندە، ئىشىكتىن كىرگۈزمىگەن ئىدى. قايسى ئىشىك ئىكەنلىكى ئەستە يوق، پەقەت بۇرجى سائەت (سائەت مۇنارى) نىڭ ئۇدۇلىدا ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. سۈرۈشتۈرۈپ يۈرسەم، 1-ئىشىك ئىكەن. سومكامنى ئېلىپ كىيىمنى يەڭگۈشلەپ 174-ئىشىك ئالدىدا ئورۇنلاشتىم. ئەتىسى (21-كۈنى) بىر ئىستاكان زەمزەم بىلەنلا روزا تۇتۇپتىمەن. بامداتتىن كېيىن ياتسام سائەت 8،9 لاردا ئويغۇتىۋەتتى. قارىسام 175-ئىشىك ئۇدۇلىدىكى يەردە بىرمۇنچە كىشىلەر ئۇخلاۋېتىپتۇ، شۇلارغا قېتىلدىم.
مەككىدىمۇ تىزىملىتىپ ئېتىكاپ قىلغىلى بولىدۇ. ئۇلار باب 174 تىن چىقىپ بىرىنجى قەۋەتتە تۇرىدىكەن. خادىملار تىزىم نومۇرى بولمىسا كىرگۈزمەيدىكەن. ئۇلارغا ئۈچ ۋاق تاماق بېرىلىدىكەن، ھەمدە ئۇخلاش ئىشلىرىمۇ ئاسان ئىكەن، لېكىن بىلىشىمچە پەقەت سەئۇدى ۋەتەنداشلىرى ياكى ئىقامىتى بارلارلا تىزىملىتالايدۇ (2024-يىلى). تىزىملىتىش تەپسىلاتى «4. مەدىنەدە ئېتىكاپ» قىسمىدىكى توردا بار.
تىزىملاتماي ئېتىكاپ قىلغانلار يا بىنانىڭ ئىچىدە (1-قەۋەتتىن) باشقا قەۋەتلەردە تۇرىدىكەن؛ ياكى تېشىدا، ئۈستىدە ھەرەمنىڭ سىرتقى ئايلانمىسىدغا تۇتىشىدىغان قۇرۇلۇش بار ئىككى تەرىپىدە تۈۋرۈكلەر بار بولغان، 175-ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىغا ئوخشاش (جەمئىي ئۈچى بار، نومۇرى ئېسىمدە قالماپتۇ) يەردە تۇرىدىكەن. بۇ يەرلەرگە كىشىلەر ئىككى تۈۋرۈك ئارىسىغا سومكا چامىدانلارنى قويۇپ قويىدىكەن. يەنە مۇشۇ يەردە ئۇخلاشقىمۇ بولىدۇ. كۈندۈزلىرى توساق قويۇپ قويىدۇ، شۇڭا كۆپىنچە كىشىلەر بۇ يەردىن ئۆتمەيدۇ. تاراۋىھتىن كېيىن 175-ئىشىكتىن چىقىدىغانلار ئۈچۈن توساقتىن ئېلىۋېتىدۇ. شۇڭا قوزغىلىش كېرەك. بىرە سائەتتىن كېيىن قايتىپ كەلسە بولىدۇ. تەھەججۇتتىن باشلاپ ئەتىسى تاراۋىھقىچە شۇ يەردە تۇرالايسىز. كېيىنچە تەھەججۇت ۋە بامداتتىن كېيىنمۇ توساقنى ئېلىۋېتىدىغان بولدى.
ھاجەتخانا ئۈچۈن 100-ئىشىك ئالدىدىكى ھاجەتخانا (T12B) سولدىكى 174-ئىشىك ئالدىدىكى ھاجەتخانا (T13) دىن ئۈچ ھەسسە ئاز. ھەممىسىدە ئولتۇرغۇ ۋە زوڭزايغۇ ھاجەتخانا بار.
23-كۈنىمىكىن-تاڭ، سۇدانلىق شەھەر لايىھەسى كەسپىدە ئوقۇيدىغان مەھمۇد بىلەن تونۇشۇپ قالدۇق. ئۇنىڭ بىلەن سۇداننىڭ ئىچكى ئۇرۇش ئەھۋالىنى دېيىشتۇق. گەپتىن گەپ چىقىپ ماڭا (3-سۈرە ئال ئىمران، 37-ئايەت) «ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە (جاپا – مۇشەققەتسىزلا) ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ.» دېگەن ئايەتنى ئەسلەتتى.
ئارىلىقتا يېنىمىزدىكى بىر پاكىستانلىقمۇ گەپكە قېتىلدى. ئۇنىڭغا «ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستان…» دېگەننى ئۇقتۇردۇم. ماڭا ھازىرقىدەك تاراتقۇ ھەممە يەردە بار ۋاقىتتا، لاگىرلار خەۋىرىنىڭ ھەممە يەرگە پۇر كەتمىگەنلىكىدىن، ئۇنى غەربنىڭ ئىستىخبارات ئويۇنى دەپ ئويلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭغا خىتاينىڭ ئىچىدىكى ھەممە ئۇچۇرنى قامال قىلغانلىقتىن ناھايىتى ئاز مەلۇماتنىڭ تېشىغا چىقىدىغانلىقى ۋە لاگىردىن قۇتۇلغانلارنىڭ خەۋەرلىرى بارلىقى يەنە باشقا مۇخبىر ۋە يۇتۇبچىلارنىڭمۇ بۇ توغۇرلۇق خەۋەرلىرى بارلىقىنى ئېيتتىم.
ئەلقىسسە، ئۇ پاكىستان ئارمىيەسىدىن بولۇپ، سەئۇدى ئارمىيەسىگە مەشقاۋۇللۇق قىلىدىكەن. ئۇنى «سىندىباد» دەپ تۇرايلى. شۇنىڭ بىلەن سىندىبادتىن بىن لادىننىڭ پاكىستان ئارمىيە بازىسىدا تېپىلغانلىقى ھەققىدە سورىدىم. ئۇ «ئارمىيە گېنىراللىرىنىڭ قوشئويۇن (double game) ئوينايدىغانلىقى، ئەگەر پاكىستاننىڭ خەۋىرى بولمىسا ئامېرىكىنىڭ چېگرىدىن ئۆتۈپ ئۇ بازىغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. يەنە گەپتىن گەپ چىقىپ، پاكىستاننىڭ خىتاينىڭ بېقىندى دۆلىتىدەك كۆرىنىدىغانلىقىنى دېسەم، ئىمرانخاننىڭ دەۋرىدە شۇنداقراق بولۇپ قالغانلىقىنى، لېكىن ئارمىيەنىڭ غەربكە مايىل ئىكەنلىكى ۋە ئىمرانخاننى ئۆرىۋەتكەنلىكى ۋە خىتايدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. قارىسام پاكىستانلىقلار ئىمرانخانغا ئامراقكەن. ئۇنى مىللەتچى بولسىمۇ ئىسلامپەرۋەر دەپ قارايدىكەن. سىندىبادتىن يەنە «پاكىستاندا تولۇق شەرىئەت يولغا قويۇلۇش ئېھتىمالى قانداق يۈز بېرىدۇ؟» دەپ سورىدىم. يەنى باشقا دۆلەت بېسىۋالامدۇ ، خەلق قوزغىلاڭ قىلامدۇ… دېگەندەك. ئۇ «خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى قاقتى-سوقتى قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشى ۋە ئاستا دېموكراتىك ئۆزگۈرۈش ئارقىلىق بولىدۇ» دېدى. كۆپىنچە مۇسۇلمانلارغا تۈركىيە (ئاق پارتىيە) مودېلى بەك ياراپ كېتىدىكەن… دەپ ئويلىدىم.
24-چىسىلا چارشەنبە بامداتتىن كېيىن يەرنى يۇيدى. باشقا يەردە بىردەم تۇرۇپ قايتىپ ئۇخلىدۇق. قوپسام ساپما كەش يوق. ئۆزەمچە باشقىلاردىن مەسجىدى ھەرەمدە نەرسە كېرەكلىرىنىڭ ئوغرىلانغانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىمنى، لېكىن ئۆزىگە پۇختا بولسا ھېچنېمە بولمايدىغانلىقىنى يازاي دەپ تۇرغان تېخى… شۇنىڭ بىلەن تونۇشلاردىن كەش سوراپ ھاجەتخانىغا بېرىپ تۇردۇم (كەش ئالغىلى ئېتىكاپتىن چىققۇم كەلمىدى). شۇنىڭدىن باشلاپ كۈندە بامداتتىن كېيىن سائەت 6لەردە يەر يۇيدى. ئەسلى كۈندە يۇياتتىكەن، مەن يېڭى كەلگەندە بىر ئىككى كۈن يۇماپتۇ.
تېلېفوننىڭ توكى 26-كېچە پۈتۈنلەي تۈگىدى. بىرەيلەن كۈتۈپخانىدا توك قاچىلىغىلى بولارمىش دېگەندەك قىلىپتى، يالاڭ ئاياغ باردىم. كۈتۈپخانا مەلىك فەھد ئىشىكى تەرەپتە، ئېنىق دېگەندە 79-ئىشىكتە ئىكەن. لېكىن 79دىن ئېھراملىقلارنىلا كىرگۈزگەچكە 74-ئىشىكتىن كىرىپ 1-قەۋەتتىن 79 تەرەپكە ماڭدىم. كۈتۈپخانىدا توك قاچىلىغىلى قويمايدىكەن. ئوڭ تەرەپ پەستە توك چاتىدىغان يەر بولسىمۇ ھېچكىم سىنىماپتۇ، مەندىمۇ سەئۇدى چاتقۇسى بولمىغاچقا توك بارمۇ بىلەلمىدىم. كۈتۈپخانىدا ئاساسەن ئەرەبچە كىتابلار بار ئىدى. سول تەرەپتە «چەتئەل تىلىدىكى كىتابلار» دېگەن كىچىك بىر دائىرىسى بار ئىكەن، لېكىن ئۇيغۇرچە كىتاب يوق.
قايتىپ كەش سورىغۇدەك بىرسىمۇ يوق ھاجەتخانىغا كېتىۋاتسام، سىندىبات ئارقامدىن كېلىپ، «ئاياغسىز نەلەرنى ئايلىنىپ يۈرۈيسەن» دەيدۇ. «كەشىم يىتۈپ كەتتى، ھاجەتخانىغا ماڭدىم» دېسەم، زەن سېلىپ قارىۋېدى، پۇتۇمنى كۆرسىتىپ «كەشىمنى يىتتۈردۈم» دېسەم، ئاق ساپما كەشىنى سەپلا بەردى. بىرئاز تەكەللۇپتىن كېيىن ئۇنى كىيىپ ھاجەتخانىغا باردىم. چىقىپ سىندىبادنىڭ يېنىغا قايتىپ، كەشنى قايتۇرسام، «سەن كىيىۋەر» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، «باشقا كەشىڭ بارمۇ؟» دېسەم «ھەئە» دەپتى، ماڭا كۆرسىتىشىنى سورىدىم. ھەقىقەتەن، بىر جۈپ خۇرۇم ساپما كەشى بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن رەھمەت ئېيتىپ ئاق ساپما كەشلىك بولۇپ قالدىم.
26-كېچە يەنە بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ يېتىپ باقماقچى بولدۇم. كىچىكرەك سومكا بىلەن كىرگىلى بولىدىكەن، شۇڭا سومكامنى ئېلىپ كىردىم. رەسمىي ئېتىراپقا تىزىملاتقانلار 1-قەۋەتتە تۇرىدىكەن. مەن ئىككىنجى ئارا قەۋەت (second mezzanine floor) كە چىقتىم. لېكىن 26-كۈنى جۈمە بولغاچقا سائەت 9 يېرىملاردىلا كىشىلەر توشۇپ ئويغۇنۇپ كەتتۇق.
ئەلھاسىل، مەن يەنە تېشىدا، 175-ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇرۇشنى قارار قىلدىم. چۈنكى، ئىچى ماڭا ئىسسىق تۇيۇلدى. ھەم ئىچىدە ھاجەتخانا بولمىغاچقا ھاجەت قىلىش ئۈچۈن پەسكە چۈشۈش كېرەك بولاتتى. ھەم تاماق ئەكېلىپ بېرىدىغان بىرسى بولمىسا، خەقتىن سوراشقا ياكى كىم بېرۇركىن دەپ تەلمۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. لېكىن بىنا ئىچىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئارامخۇدا ئۇخلىغىلى بولاتتى (جۈمەدەك ئالاھىدە ئەھۋال مۇستەسنا). مېنىڭچە پايدىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنى خالايدىغان مەنپەئەتچىلەر (utilitarians) بامداتنى ئىچىدە ئوقۇپ، پېشىنگىچە ئۇخلاپ ئاندىن تېشىغا چىقىپ سۇھۇرلۇقنى يەپ بولغىچە تېشىدا تۇرۇپ، ئاندىن تاھارەتنى سۇنمىغىدەك ئېلىۋېلىپ بامداتقا ئۈلگۈرۈپ يەنە ئىچىگە كىرىپ كەتسە بولغۇدەك. پەقىر ئاددىي كاللام ۋە ھورۇنلۇقۇم تۈپەيلى تېشىدىلا تۇردۇم.
27-كۈنى بامدات ئەزىنىدىن كېيىن، ئالدىمدىكى بىرەيلەن تاھارەت ئېلىۋالاي، جەينامىزىمغا قاراپ قوي دەپ ئىشارەت قىلدى. مەنمۇ بېشىمنى لىڭشىتىپ قويۇپ، بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇپ كەتتىم. سۈننەتنى تۈگىتەي دەپ تۇرسام، قىزىل كۆڭلەكلىك بىرەيلەننىڭ ئۇنىڭ جەينامىزىدا ناماز ئوقۇشى كۆز قىرىمغا چېلىقتى. خىيالىمدا «ئۇنىڭ كىيىمى قىزىل ئەمەستىغۇ؟» دەپ نامازنى تۈگىتىپ قارىسام، ھېلىقى ئادەم ئەمەس. بىرەر دوستى ياكى باشقا بىرەيلەن ناماز ئوقۇپ تۇرغان ئوخشايدۇ… دېسەم بۇ ئاداش نامازنى تۈگىتىپ، قاتلىنىدىغان جەينامازنى قاتلاپلا ئېلىپ ماڭدى. ئوھ، ئالە شەرىڭنى، بۇ نېمە ئىش بوپكەتتى؟ بۇ ئۇنىڭ تونۇشىمۇدۇ ياكى نېمە بولغۇيتتى دەپ ئويلاپ دېلونى ھەل قىلىپ بولغۇچە، باش لىڭشىتىپ «ھە مەن قاراپ قويىمەن» دەپ ئىما قىلغىنىم ئېسىمگە كېلىپ، ئارقىسىدىن ماڭدىم. قارىسام بۇ ئاداش بەش مېتىر نېرىسىدا تۇرۇپتۇ، بېرىپ ئېنگىلىسچە «بۇ سېنىڭما؟» دېسەم «ياق» دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن جەينامازنى قايتۇرۇپ كەپ تۇرسام، ئۇ كىشى تەرەتنى ئېلىپ قايتىپ، بېشىنى قاشلاپ تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭغا «جەينامىزىڭنى بىرسى ئەكەتتى» دەپ قايتۇرۇپ بەردىم.
كىمدىنكىن-تاڭ، «ھەرەم دوختۇرخانىسىدا تېلېفونغا توك قاچىلىغىلى بولىدۇ» دەپ ئاڭلاپ، 28-كېچە تاراۋىھتىن كېيىن باردىم. لېكىن ئىچىگە كىرمىدىم. پەملىشىمچە كېسىلى بارلارنىلا كىرگۈزگۈدەك. شۇڭا تېشىدىكى سېرىق جىلىتكىلىك بىرەيلەندىن «نەدىن توك قاچىلىغىلى بولىدۇ؟» دەپ سورىدىم. ئەجەبلىنەرلىكى ئۇ «نەگە بارىسەن؟» دەپ سورىدى، «مۇشەدە تۇرىمەن» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن «نومۇرۇڭ قانچە؟» دەيدۇ، «ھە، بۇ سەئۇدى نومۇرىتى…» دەپ كۆرسەتسەم ماڭا تېلېفون قىلدى. ئۇلانغاندىن كېيىن يېنىدىن بىر توكدان (powertank) چىقىرىپ بىر سائەتتىن كېيىن ئېلىۋالىدىغانلىقى، شۇڭا بىرە يەرگە بارامدىغانلىقىمنى سورىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىسمىنى سورىسام ئابدۇلفەتتاھ دېدى. رەھمەت ئېيتىپ تېلېفونغا توك قاچىلىدىم. قايتۇرغاندا قاچان تېلېفون قىلسام توكدىنىنى بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاللاھ رازى بولسۇن!
ھەرەمدە ئىشلەيدىغان خادىملاردىن ھەربىي ۋە ساقچىلار بار بولۇپ، كىشىلەر توپىنى ئۇياق-بۇياققا ماڭدۇرۇش، يولنى توساش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ. يەنە توپا رەڭلىك فورمىدىكى تازىلىق ۋە زەمزەم تارقىتىشقا مەسئۇل خىزمەتچىلەر بار. يېشىل جىلىتكىلىك يېمەكلىك (ئىپتارلىق) تارقىتىدىغان خىزمەتچىلەر بار. سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ بەزىلىرى قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى، يەنە بەزىلىرى تېخنىكا خادىملىرى بولسا كېرەك. كېيىنكى كۈنلەردە سىندىباد ۋە مەھمۇد توكدانلىرىنى بېرىپ تۇرغاچ، قىينالمىدىم.
گەپكە كەلسەك، نەرسىلىرىمنى ئىككى تۈرۈك ئارىسىدىكى تەكچىگە قويۇپ قويغان. توكداننى قايتۇرۇپ، قايتسام جەيناماز يوق. ئارقىغا چۈشۈپ كەتكەنمىدۇ دەپ بېرىپ قارىدىم، خىزمەتچىلەردىنمۇ سورىدىم، يوق. يىتكەن نەرسىلەرنى 66-ئىشىككە ئاپىرىپ قويارمىش. مېنىڭكىدەك جەيناماز تولا بولغاچ ئۇ يەرگە بېرىپ يۈرمىدىم (بەلكىم ھەدىيە بولغاچقا بەك تارتىشمىدىممۇ). شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئېلىۋالغان ئۇخلاش خالتىسىنى جەيناماز قىلدىم.
نېمىشقىكىن-تاڭ، بىرسى تەكلىپ قىلمىسا ياكى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويمىسا، بېرىپ سوراپ بىر نەرسە يېمەسلىكنى (ئاڭسىز ھالدا) قارار قىلىپ قاپتىمەن. (مەنمۇ بەزىدە، بۇ بايلار نېمانداق غەلىتە قىلىقلارنى قىلىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن جۇمۇ). شۇنداق قىلىپ خېلىلا ئاچ قالغان بولدۇم. ئەسلى، ئايلىنىپ يۈرۈپ كۆپ كىشىلەر يىغىلغان داستىخان يېنىغا بارسام بىرەسى بولسىمۇ كەل دەپ ئىشارەت قىلىپ قويىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن ئۇنداق قىلمىدىم.
ھەرەمدە ئىپتارلىققا بىر خالتا ياۋغان تاماق تارقىتىدۇ. ئىچىدە: ئۇرۇقسىز خورما، بىر پىشلاقلىق بولكا، بىر شېشە سۇ، بىر مېۋە سۈيى يەنە بىر كىچىك پېچىنە بار. ئويلاپ باقسام، بۇ ئېتىكاپ مەن ياۋغان تاماقنى ئەڭ كۆپ يېگەن ۋاقتىم بوپتۇ. بەزىلەر بىر نەرسىلەرنى ئەكېلىپ روزىدارلارغا ئىپتار قىلغۇزىدۇ. سۇھۇرلۇقتا بىر نەرسە تارقاتمايدۇ، كىشىلەر ئۆزلىرى بىر نەرسىلەرنى تېشىدىن سېتىۋېلىپ يەيدۇ. بەزىلەر كۆپ نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، ئوپچە داستىخان قىلىپ كىشىلەر بىلەن بىللە يەيدۇ
29-كېچە قورسىقىم ئەڭ ئاچقان كېچە بولدى. ئىپتارلىقتا تارقىتىلغان بىر خالتا يېمەك يېگەنچە، بىر مېۋە سۈيى بىلەن زەمزەملا ئىچتىم. شۇنداق ئاچ ئولتۇرۇپ، ھېچكىمنىڭ رىزقىنىڭ باشقىسىغا كەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئاللاھنىڭ ھەممىنى پۈتىۋەتكەنلىكى، تەقدىر، رىزىق … قاتارلىقلارغا بۇرۇندىنلا ئىمان ئېيتقانمەن. شۇغىنىسى، كاللىدىن ئۆتكەن بىلەن، باشتىن كەچۈرگەننىڭ پەرقى يەنىلا چوڭ ئىكەن…
يەنە بېنگاللىق بىر شەيخ بىلەنمۇ تونۇشۇپ قالغان ئىدىم. ئۇ بېنگالدىكى ئىككىنجى چوڭ شەھەردە مۇدەررىسلىك قىلىدىكەن. 28-كېچىدىن باشلاپ ھەر كېچە مېنى سۇھۇرلۇققا تەكلىپ قىلدى. تۇغقانلىرى شامغا ئېلىپ كەلگەن بىريانىنى يېدۇق. ئەممازە 29-كېچە سۇھۇرلۇققىچە ھېچنېمە يېمەي قورساق بەكلا ئاچقان.
30-كۈنى بامداتتىن كېيىن سىندىبادتىن، «خىتاي ياكى ھىندىستان دۆلىتىڭنى بېسىۋالسا ئېنىقلا ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشىسەن، چۈنكى ئۇلار كاپىر؛ ئەگەر بىر مۇسۇلمان دۆلەت، ئېيتايلۇق ئافغانىستان، شەرىئەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈنلا پاكىستاننى بېسىۋالسا ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشامسەن؟» دېسەم، «چوقۇم ئۇرۇشىمەن» دەيدۇ. «نېمىشقا؟» دېسەم، «بۇ بىز پېشىن بىلەن ئەسىر ئارىسىدا دېيىشىدىغان ئۇزۇن مۇنازىرە» دېدى. يەنە قاچان قايتىدىغانلىقىمىزنى دېيىشتۇق، گەپ ئارىلاپ، ماڭا يەنە ۋاقتىم بولسا رىيادتىكى خىيابان دۇنيا (Boulevard World)نى كۆرۈشۈمنى تەۋسىيە قىلدى. 27-كېچە زۇكام يۇققان ئىدى بىر ئىككى كۈن بۇرنۇم ئېقىپ، 30-كۈنىگە كەلگەندە گال ئاغرىپ سەل يۆتىلىپ قالدىم. قارىسام پېشىندىن كېيىن سىندىباد تېلېفونغا قاراپ يېتىپتۇ، مېنىڭمۇ گېلىم ئىششىپ ئاران تۇرغان شۇڭا بارمىدىم.
ئەسىردىن كېيىن سىندىبادنىڭ يېنىغا بېرىپ، پاراڭنى داۋاملاشتۇردۇم. بۇ گەپ بەك قىزىدى:
ئۇ باشتا «قايسى دۆلەتنىڭ ھەقىقەتەن شەرىئەتنى يۈرگۈزۈش مەقسىتى بار، باشقا ئويى بار دېگەننى قانداق بىلىمىز…» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىۋېدى، ئۇنىڭغا «بۇ پەرىزىمىزدە بىر دۆلەتنىڭ راستىنلا شەرىئەت ئورناتماقچى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىپ تۇرۇپ، ئاندىن جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكىنى» ئېيتتىم. ئۇلارنىڭ تالىبان بولمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى قوشۇپ قويدۇم.
شۇنىڭ بىلەن ئىدېئال دۇنيادا ئىككى مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ شەرىئەت ئۈچۈن ئۇرۇشماسلىقى كېرەكلىكىنى، شەرىئەتنىڭ زورلانماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭغا پەرىزىمىزدىكى سېنارىيەدە چوقۇم ئۇرۇش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ئاندىن، شەرىئەت توغرىسىدا، ئىسلامدا ھېچكىمنىڭ كىشىلەرنىڭ بېشىغا قىلىچ تەڭلەپ، ئىسلامغا كىرىشىنى ياكى شەرىئەتنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلمايدىلىقىنى، ئەمما ھەممە دۆلەتتە بىر قانۇن سېستىمىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلامنىڭ مەقسىتىنىڭ بىر دۆلەتتە پەقەت ئىلاھىي قانۇن بولغان شەرىئەتنى ئورنىتىش ئىكەنلىكى ئېيتتىم. چاقچاق ئارىلاش «ماڭا شەرىئەت توغۇرلۇق غەربلىكلەردەكلا گەپ قىلدىڭ» دەپ قىستۇرۇپ قويدۇم.
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن ئەگەر ئۇلارنىڭكىنىڭ ھەقىقەتەن توغرا ئىكەنلىكىنى بىلسە ئارمىيەدىن چېكىنىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن نائىلاج ئۇلار بىلەن ئۇرىشىدىغانلىقىنى؛ دۆلىتىنىڭ ئۆزىنى بېقىپ تەربىيەلىگەنلىكىنى، ئۇ ۋاقىتتا ئۆزگىرىۋالسا خىيانەت قىلغان بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ھەم جىنايەت ھەم گۇناھ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇنىڭغا «مېنى ھەيران قالدۇرغىنى سېنىڭ ئۇلارنىڭكىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشماقچى بولۇشۇڭ» دېدىم. يەنە «سەن ناھايىتى ساداقەتمەن ئىكەنسەن، ساداقەت بىر ئېسىل خىسلەت، لېكىن بىر مۇسۇلماننىڭ ساداقىتى ئاۋۋال ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە بولىدۇ» دېدىم. يەنە «قانداقسىگە بىر مۇسۇلمان شەرىئەتكە قارشى ئۇرۇشىدۇ؟» دېدىم.
ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئۇ ۋاقىتتا تاللىشىنىڭ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا ھەرقانداق ۋاقىتتا پەقەت ئىككىلا تاللىشى قالغاندەك ئويلاشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، دائىم كۆپلىگەن تاللاشلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى. ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىنمۇ ئويلىنىپ تەرەپ ئالماشتۇرسا بولىدىغانلىقى، ياكى بۇيرۇققا بويسۇنماي ئۆيىدە ئولتۇرىۋالسىمۇ بولىدىغانلىقى… قاتارلىقلارنى ئېيتتىم.
بۇنى يەنە گۇناھ دەپ ئويلاۋاتقاندەك قىلاتتى. ئىسلامدا باشلىققا بويسۇنۇشنىڭ پەقەت ئاللاھ ۋە ئەلچىسىگە بويسۇنۇش ئاستىدا، يەنى شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھالدىلا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. مەسىلەن، «خەلىپە سېنى بىگۇناھ بىرىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىسا بويسۇنمايسەن؛ باشلىقىڭ سېنى باسقۇنچىلىق قىلىشقا بۇيرىسا بويسۇنمايسەن» دېدىم. يەنە ساھابىلەرنىڭ باشقىلارنى قۇل قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىلاھىي ئادالەت بولغان ئىسلام شەرىئىتىنى دۆلەتنىڭ قانۇنى قىلىش ئۈچۈن كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى قىلغانلىقى ۋە مۇسۇلمانلارغا ئىسلامىي ئويغىنىشنىڭ كېرەكلىكى ھەمدە باشقا گەپلەرنى قىلىشتۇق. بىر نەرسىلەر كاللىسىدىن ئۆتكەندەك قىلاتتى. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئاندىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «قۇرئاننى تولۇق ئوقۇپ باقتىڭمۇ؟» دېدى، «تەرجىمىسىنى ئاز دېگەندە بىر قېتىم تولۇق ئوقۇپ چىققانمەن» دېدىم. ماشائاللاھ دەپ، ئۆزىنىڭمۇ تەرجىمىسىنى تولۇق ئوقۇپ چىقماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئارىلىقتا يەنە بىرمۇنچە گەپلەر بولۇندى، ئاخىرىدا «مەنمۇ ئىسلامىي ئويغىنىش بۇرۇنقىدەك، يەنە ساھابە تابىئىنلارنىڭ دەۋرىدەك ئۇرۇش بىلەن بولىدۇ دەپ قارايمەن. يەنە ئىسلامىي ئويغىنىش ئافغانىستاندىن چىقامدىكىن دەپ قارايمەن» دېدى. «نېمىشقا؟» دېدىم ھەيرانلىقتا. ئۇ خۇراساندىن چىقىدىغان قارا بايراق ھەققىدىكى ھەدىس توغۇرلۇق سۆز قىلدى. ئۇنىڭغا بۇ ھەدىسلەر سەھىھ ئەمەسمىكىن دېدىم.
(قارا بايراق توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ ئەمەسلىكى ھەققىدە:
يىغىپ ئېيتقاندا ئۇ ئىسلامىي ئويغىنىشنىڭ بولىشى ئۈچۈن ئىككى نۇقتىنى تىلغا ئالدى. مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئاننى ۋە ئىسلامنى چۈشىنىشى كېرەكلىكى، يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ يېتەكچى زېھنىيىتىدە بولۇشى كېرەكلىكى. كاپىرلارغىمۇ يېتەكچى بولىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدىمۇ سۆز قىلدى. دېگەنلىرىنى تەستىقلىدىم. لېكىن ئۇ بۇنداق ئۆزگىرىشنىڭ تۆت-بەش ئەۋلادتىن كېيىن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
شامدىن كېيىن، سىندىباد قايتقۇچە مەن بىلەن كۆرۈشتى. مېنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ تۇرۇشۇمنى ۋە ئىسلامىي ئويغىنىش ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ تۇرىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى. سالام بىلەن خوشلاشتۇق.
8. ھېيت ۋە فىتىر
ھېيت كېچىسى، سۇدانلىق مەھمۇد بىلەن جارۋال بېكىتى تەرەپكە تاماق يېگىلى ۋە بېلەت ئالغىلى چىقتۇق. چىققانلا يەردە، لىق ئاپتوبۇس بار ئىدى. لېكىن ھەممىسى شەخسىي ئاپتۇبۇس، بىر شەخسىي ئاپتوبۇس رىيادقا بېرىشنى 120 رىيال دېدى. مېنىڭ چوڭ شىركەتنىڭ ئابتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ سىناپ باققىم بار ئىدى، شۇڭا ئېرەنشىمىدىم.
فىتىر (پىتىر) سەدىقىسى بېرىش ئۈچۈن، جارۋالدا كىشىلەر يېمەكلىكلەرنى بىر كىشىلىك قاچىلاپ ساتاتتى. شۇلاردىن سېتىۋېلىپ، ئەتراپقا ئولىشىۋالغان كەمبەغەللەرگە بەرسىلا بولىدۇ. مەن فىتىرنى رامىزاننىڭ ئوتتۇرىلىدىلا بېرىۋەتكەن، شۇاڭ ئالمىدىم. مەھمۇد ئۆزى ۋە بىر مومىسى ئۈچۈن بەردى.
ئۇدۇلدىلا بىر شېكەر قومۇش سۈيى دۇكىنى بار ئىدى، شېكەر قومۇش سۈيى بىرى 5 رىيالدىن، ئاندىن يىراقراق يەردە شاۋارما بىرى 10 رىيالدىن ئالدۇق. ئۇ مېھمان قىلدى. شېكەر قوشۇش سۈيىگە زەنجىۋىل ئارىلاش بولغاچ، قىرتاق تەمى ماڭا پەقەت يارىمىدى، زورلاپ ئاران تۈگەتتىم. قايتقۇچە سورىساق ساپ شېكەر قومۇش سۈيىمۇ بار ئىكەن. شاۋارمانىڭمۇ تەمى ئانچە يارىمىدى، ھەم بەك ئاز. شاۋارماچىنىڭ يېنىدىكى بىر دۇكاندىن 10 رىيال دېگەن بىر تەسۋىنى باھا تالىشىپ، 5 رىيالغا ئالدىم. ھاجەتخانا ئىزدەپ يۈرسەك، مېزىلىك نان پۇراپ كەتتى، ئافغان ناۋاينىڭكىدىن بىر ئېرىمچىكلىك بىر نورمال نان ئالدۇق. مەن نورمالنى بەكرەك ياقتۇردۇم. جەمئىي 7 رىيال (نورمىلى 1 رىيالمىكىن؟). ئاندىن يەمەنلىكنىڭ ئاشخانىسىدا ئولتۇرۇپ «شاي ئەدىن» ئىچتۇق، بۇ شېكەرلىك ئەتكەن چاي ئىكەن. تەمى يامان ئەمەس تېتىدى. ئىككى شاي ئەمىن بىلەن ئىككى بوتۇلكا سۇ 5 رىيال.
بېكەتنى تېپىپ نورسۋېست باس (Northwest Bus)تىن بېلەت ئالدىم. ھېيت كىرىپ بولغان ئىدى، يەنى سائەت 0:00 دىن ئاشقان شۇڭا بېلەتنى (مەن ئالماقچى بولغان 10-چىسىلا ئەمەس) 11-چىسىلاغا چىقىرىپ قويۇپتۇ. سۇدانلىق مەھمۇدقا دەپ ئالماشتۇرغۇزدۇم (سۇداندا ئەرەبچە سۆزلىشىدۇ). قارىسام پاسپورتقا قاراپ يازغان ئىسمىمدا بىر ھەرپ خاتا ئىكەن… «ھە بوپتۇلا» دەپ بېلەتنى پۈكلەپ سومكىغا سالدىم (كېيىن چاتاق چىقمىدى). توردىن (https://booking.nwbus.sa/online/ )مۇ بېلەت ئالغىلى بولاتتى. لېكىن مېنىڭ بېكەتنىڭ ئېنىق ئورنىنى بىلگۈم بار ئىدى. شۇڭا ئاتايىن بېكەتكە بارغان. بېكەت جارۋالنىڭ يېنىدا بولۇپ، ھەرەمدىن 100-ئىشىك ئۇدۇلىدىكى «جارۋال»دىن چىقىپ سولغا بۇرۇلۇپ، يولنى بويلاپ بۇرجى سائەت تەرەپكە ماڭسىڭىز تاپىسىز. ئاۋۋال شەھەر ئىچىگە قاتنايدىغان بېكەت بار، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپلا ساپتكو قاتارلىق شەھەرئارا بېكەت بار. ئەگەر ھەرەمدىن 104-ئىشىك ئۇدۇلىدىكى «جەبەل ئەلكەئبە»دىن چىقسىڭىز، ئوڭغا بۇرۇلىسىز. جارۋال يىراقراق، لېكىن ئەتراپتا دۇككان ئاشخانىلار بار. شەخسىي ئاپتوبۇسچىلارمۇ بار.
شۇنداق قىلىپ، كەلسەم سومكا يوق. ئارقىغا ئۆتۈپ تازىلىقچىلاردىن سورىسام، 104-ئىشىككە بېرىپ سورا دېدى. بارسام ئارقىدىكى بىر يەرنى كۆرسەتتى، بىرمۇنچە جەيناماز بىلەن بىر قانچە سومكا، چامدان ئەخلەتتەك دۆۋىلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئاختۇرسام يوق. يەنە بىرەيلەندىن سورىسام سەفا-مەرۋەدىكى بىر ھاجەتخانانىڭ يېنىدا دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى، 25-ئىشىكتىن چىقىپ كېتىدىكەنمەن… ماڭغۇچە ئىچىمدە سومكىنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم دەپ ماڭغان ئىدىم. 175-ئىشىككە قايتقاچ، ئىچىمدە «ئى ئاللاھ سومكامنى تېپىشىمنى شۇنداق ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن» دەپ ماڭدىم. 175-ئىشىك ئالدىغا كېلىپ، مەن سومكىنى قويغان تەرەپتىكى تامنى ياقىلاپ سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدىم. بۇ ھالىمنى كۆرگەن بىر بېنگاللىق بوۋاي سومكىلار بار جاينى كۆرسىتىپ قويدى. تەكچىنى يۇيدىمىكىن-تاڭ، پەسكىرەك بىر يەرگە سومكىلارنى دۆۋىلەپ قويۇپتۇ. سومكام بىلەن ئۇخلاش خالتىسىنى تاپتىم. تاھارەت ئېلىپ، شۈكرى سەجدىسى قىلىپ، ۋىتىرنى ئوقۇپ ياتتىم. «كىمكى ئاللاھقا تاپشۇرۇنسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ» (65-سۈرە تالاق، 3-ئايەت) نېمىشقىكىن-تاڭ، مەن مەسجىدتە ئۇچراشقان بېنگاللىقلار بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ قالىمەن.
ھېيت چارشەنبە بولدى. قايتىش بېلىتىم جۈمە ئەتىگەن سائەت بىردە ئىدى. شۇڭا مەككىدىن ھېيت (نىڭ 2-كۈنى، چارشەنبە) كەچتە چىقىشنى قارار قىلدىم.
روزا ھېيت نامىزىنى 6:40 لاردا ئوقۇدۇق. خۇتبە تۈگىگىچە يېرىم سائەتلەر ئۆتتى. ئاندىن مەسجىدى ھەرەم چۆلدەرەپ قالدى. پېشىندىن كېيىن، قىيامەتنىڭ كىچىك ئالامەتلىرىدىن دەپ قارىلىدىغان بۇرجى سائەتكە بېرىپ بىرنەرسە سېتىۋالدىم. ئاپتاپتا مېڭىش تونۇرنىڭ يېنىدا يۈرگەندەك تۇيۇلاتتى.
بۇرجى سائەتنىڭ قىيامەتنىڭ كىچىك ئالامەتلىرىدىن ئىكەنلىكى ھەققىدە (ئېنگىلىسچە):
https://thedirorg.wordpress.com/2014/10/17/the-hour-has-already-cast-its-shadow/
https://www.youtube.com/watch?v=VVVjfD5JvNY
9. قايتتۇق
چامداننى ئېلىپ سائەت 22 لەردە بېكەتكە كەلدىم. چامدان ۋە سومكىلارنى يىغىشتۇرۇپ، ھاجەتخانىغا كىرىپ كىيىم ئالماشتۇرغۇچە 22 يېرىم بولۇپ قالدى. ئون مىنۇتلاردىن كېيىن بىرەيلەن كىرىپ ئەرەبچە رىياد يەنە باشقا شەھەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى توۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن سوراپ 22:50 لەردە ئاخىرى ئاپتوبۇسقا چىقىۋالدىم. 23:30لاردا قوزغالدۇق. يېنىمغا ئېنگىلىسچە بىلىدىغان لاھورلۇق شاھزاد ئولتۇردى. بىرئاز پاراڭلاشتۇق. رىيادتا بىر مەمۇرنىڭ شەخسىي (ئائىلە) شوپۇرى ئىكەن. خىزمىتىدىن رازى ئەمەس ئىكەن. «ئىككى يىللىق توختامنى تۈگىتىپلا قايتىمەن» دېدى. شوپۇرمۇ پاكىستانلىق بولغاچ، شاھزادتىن كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى ئوبدان ئىگەللىدىم. ئاپتوبۇس بەش يەردە توختايدىكەن، تۇنجىسى تائىف بولدى. 1:50 ئەتراپىدا كەلدۇق. چۈشۈپ بىر نەرسە ئالاي دەپ تۇرسام، شاھزاد ماڭا بىر چاي ئېلىپ بەردى. بامداتقا توختىماسمىزمىكىن دەپ ئەنسىرەپ تۇرغان ۋاقىتتا ماي قاچىلاش پونكىتىدەك بىر يەردە توختىدۇق. ئىتتىك تاھارەت ئېلىپ، ناماز ئوقۇپ بولغۇچە كۈنمۇ چىقتى. ياندىكى دۇكاندىن ئۇششاق چۈششەك نەرسىلەرنى ئېلىپ ناشتىلىق قىلدىم، يەنە ئېشىپ قالدى. جەمئىي 25 رىيال بوپتۇ. ئاندىن بىر چاينى 2 رىيالغا ئالدىم.
شۇ ئەسنادا، مەن بىلەن بىر ئاپتوبۇسقا چىققان ئالماتۇلىق تۆت ئۇيغۇر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇلارمۇ ئۆمرە ۋە ئېتىكاپقا كەلگەن ئاكا-ئۇكىلار ئىكەن. ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن. ئۇلار 104-ئىشىك تەرەپتە تۇرۇپتىكەن شۇڭا ئۇچراشماپتۇق. تەقدىر قىسمەت دېگەن ھە؟!
يولدا يەنە قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بولغان ئەرەبىستان چۆلىنىڭ كۆكىرىشىنىڭ ئىزناسىمۇ كۆرىنىپ تۇراتتى. بۇ ھەقتە سەھىھۇلمۇسلىمدىكى ھەدىس:
https://sunnah.com/muslim:157c
رىيادقا كەلگەندە پېشىنغا ئاز قالغان ئىدى. ئالماتۇلىق ئاكا-ئۇكىلارمۇ ئايرودرومغا بارىدىكەن. لېكىن بىر يەرگە بېرىپ، ئاندىن بارىمىز دېدى. شۇنىڭ بىلەن پېشىننى ئوقۇۋېلىشنى دېيىشتۇق. بىر مۇلازىمدىن مەسجىد دەپ سورىسام، ساپتكو بار تەرەپنى كۆرسەتتى، ئۇ يەرگە بېرىپ بىرەيلەندىن سورىسام 1-قەۋەتنى كۆرسەتتى. ئېسىمغا كەلگەندە جۈمە كۈنى جامىگە تېشىغا چىققانلىقىم بار ئىدى، شۇڭا ئالماتۇلىق ئاكا-ئۇكىلارغىمۇ شۇنداق دېگەن ئىدىم. ئۈستىگە چىقساق، ئۇلار «چىقىش ئېغىزى پەستىكەن» دېدى. «تۇرۇپ تۇرۇڭلار» دەپ بىرسىدىن سوراپ كەپ بولغىچە ئۇلار يوق. ئەسلىدە ماڭا بېكەت ئىچىدىكى مەسجىدنى كۆرسىتىپتىكەن. ئالدىنقى قېتىم بۇ يەردە تاھارەت ئېلىپلا، بېكەتنىڭ قارشى ئۇچىدىكى جامىگە كەتكەنلىكىم ئېسىمگە كەلدى. ئۇلارنىڭ ئالاقىسى بولمىغاچ تېپىشالمىدۇق. ئاق يول بولسۇن.
بېكەتتىن چىققاچ ھەجگە مەككىگە بارىدىغان بېلەتنى سۈرۈشتۈرۈپ باقماقچى بولغان ئىدىم. 14-كۆزنەك، يەنە نورسۋېست باس ئىدى. سورىسام، ئۇدۇل ۋە كۆپ توختاۋلىق ئىككىسى بار ئىكەن. ئۇدۇلى – پەقەت مىقاتتىلا توختايدىكەن. 12 سائەت ئەتراپىدا، 194 رىيال دېدى. يەنە بىرسى 15-16 سائەت، ئەمما 10 رىيال ئەرزان. بېلەتنى كۆپ بولغاندا بىر ھەپتە بۇرۇن ئالغىلى بولىدىكەن. «ھەج مەزگىلىدە بېلەت ئېلىش ئاسانمۇ؟ كىشىلەر بەك كۆپىيىپ كېتەمدۇ؟» دېسەم «ياق» دېدى.
نامازدىن يېنىپ گوگۇلدنن ئەتراپتىكى ئاشخانىلارغا قارىدىم. بىر قانچىسىنىڭ نومۇرى يۇقىرى ئىدى. ئەررۇمانسىيە دېگەن ئاشخانىغا 14 مىڭدىن ئارتۇق باھا بېرىلىپتۇ. «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك » دەپ شۇنىڭغا كىردىم. 1-قەۋەتكە چىقىپ، ئارىلاش كاۋاپ بۇيرۇتتۇم. 30 رىيال بولدى. ماڭا يېرىم سائەت ساقلايسەن دېدى. پاكار تام بىلەن ئايرىلغان ياسىداق ئايرىمخانىلار بار ئىكەن. شۇنىڭ بىرسىدە ئولتۇرساق، بىر مۇلازىم كىرىپ، ئىككى تالونىنىڭ بىرىنى ئېلىپ كېتىدىكەن. قىرىق مىنۇتلاردىن كېيىن تاماق كەلدى ياندا ھۇمۇسمۇ بار ئىدى. بۇ مەن سەئۇدىدا يېگەن تاماقلار ئىچرە ئەڭ رازى بولغۇنۇم. ھەم غىغلا تويدۇم. بەش يۇلتۇز!
تاماق يەپ بولۇپ بىردەم ھاردۇق چىقارسام سائەت 14 بولۇپ قاپتۇ. چىقسام بىر تاكسى توختىدى. ئايروپورتقا دېسەم 120 رىيال دەپتى، چىقتىم. ئايروپورتقا دىگەردىن بۇرۇنراق كەلدىم. زەمزەم سۈيى دەپ سورىسام، رىيادتا يوق ئىكەنلىكى، پەقەت جىددە ۋە مەدىنە ئايروپورتلىرىدىلا بار ئىكەنلىكى ئېيتتى. يەنە تور دۇنياسىغا ئالدانغان بولدۇم.
دىگەرنى ئوقۇپ بولۇپ، بىرە سائەت يېتىپ بولغۇچە خىزمەتچىلەر كىرىپ ئويغۇتىۋەتتى. مەسجىدنى شامغىچە تاقايمىش… ئۈستىگە چىقسام ئايروپىلان ۋاقتى تېخى ئېكرانغا چىقماپتۇ. شۇڭا ساقلاپ ئولتۇردۇم. قارىسام مەسجىد ئوچۇق تۇرىدۇ. بۇ يەردە بىرلا مەسجىد بارمۇ دېسەم، ئۈستۈنكى قەۋەتتە بىرسى بارمىش. يەنە تېشىدا بىر جامىئ بارمىش.
ئارىلىقتا نۇسۇكتىن زۇلھەججەگە ئۆمرە ۋاقتى ئەپ قوياي دېسەم پەقەت بىر ئاي بۇرۇنلىقنىلا ئالغىلى بولىدىكەن.
خاتىمە
بۇرۇن ئېتىكاپ قىلىپ باققان بولسىڭىز، مەككە (ياكى مەدىنە) دە ئېتىكاپ قىلىش، ئۇنچە قىيىنمۇ ئەمەس. ئەگەر تىزىملىتالىسىڭىز، تازا راھەت ئېتىكاپ قىلىسىز. شۇڭا قورقماي سىناپ بېقىڭ. يالغۇز بارماي، بىرنەچچەيلەن بىللە بارسا تېخىمۇ ئاسان. ئېتىكاپ جەريانىدا (ئەگەر تېشىدىن تاماق سېتىۋالمىسىڭىز) چىقىم يوق. تاماق ئۈچۈن، تەخمىنەن بىر ۋاخلىققا ئون رىيالدىن ئوتتۇز رىيالغىچە كەتتى (2024).
ئېتىكاپ ئۈچۈن، ئاساسلىق (ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۈمبە سومكىسى تۈرىدىكى) بىر ياكى ئىككى سومكا (چامدان قولايسىز، مەسجىدكە كىرگۈزمەيدۇ)؛ مۇھىم نەرسىلەرنى سالىدىغان بىر سومكىچاق؛ ئەڭ ئاز ئۈچ قۇر كىيىم ئېلىۋالغان ياخشى. مېنىڭ كىيىملىرىم چامداندا قالغانلىقى ئۈچۈن، بىر قۇر كىيىم بىلەن ئون كۈنلۈك ئېتىكاپنى قىلىۋەتتىم. (ئاخىرىدا ئىشتاندا تاھارەت ئالغان سۇنىڭ ئىزلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.) لېكىن، ئۈچ قۇر كىيىم بىلەن ئون كۈننى ئوتكۈزگىلى بولغىدەك دەپ پەملىدىم. بەش قۇر ياكى كۆپرەك ئەۋالسىڭىزمۇ ئىختىيار، لېكىن سومكىغا پاتماسلىقى مۇمكىن. لۆڭگىدىنمۇ بىرنى ئېلىۋالغان ئىدىم، قەتئىي ئەسقاتمىدى. 3-ئايدا ھاۋا 30 گرادۇس ئەتراپىدا ئىدى.
ماڭا قاتناشقا رىياد ئايرىدرومىدىن بېكەتكە 150 رىيال، مەدىنەگە 130 رىيال، مەدىنەدىن مەككىگە 70 رىيال، مەككىدىن رىيادقا 194 رىيال (شىركەت ئابتوبۇسى) كەتتى. مەككىدە قارا تاسكىدا ئولتۇرغان 20 مىنۇتلۇق يەرگە 50 رىيال دېيىشتۇق. مېنىڭچە مەككە، مەدىنەگە بارىدىغان ئايروپىلان بېلىتىڭىز، رىيادا بارىدىغان بېلەتتىن 150 دوللاردىن 200 دوللارغىچە قىممەت بولۇپ قالسا، رىيادقا بېرىپ، ئاندىن ئابتوبۇسلۇق بارسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. يول خەتەرلىك ئەمەس. شەخسىي ئاپتوبۇسلارنىڭ ئېنىق ۋاقتى يوق، ھەم سەل جاپالىقراق. شىركەت ئاپتوبۇسلىرى يامان ئەمەس، شۇ ئۇزۇن يولنىڭ جاپاسىغا چىداش كېرەك.
زەمزەم ئۈچۈن، جىددە ۋە مەدىنە ئايرىدروملىرىدا مەخسۇس سېتىش ئورۇنلىرى بار بولۇپ، چەتئەلگە ماڭىدىغانلار شۇ يەردىن سېتىۋېلىپ ماڭسا بولىدۇ. لېكىن سىرتتىن سېتىۋالغىنىڭىزنى قوبۇل قىلماسلىقى بۈيۈك ئېھتىمال. باشقا ئايرىدروملاردا (مەسىلەن رىياد) بۇنداق مۇلازىمەت يوق. رىياد شەھەر ئىچىدىن زەمزەم سېتىۋېلىش ئورنى بار ئىكەن. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇلار (ئېنگلىسچە):
https://lifeinsaudiarabia.net/carry-zamzam-water-from-saudi-airlines/
بۇ ئۇچۇرلار ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، تەكشۈرۈپ تۇرغان ياخشى. مەن توردىن رىياد ئايرىپورتتىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ دەپ كۆرگەن ئىدىم، لېكىن ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
سەئۇدى ئەرەبىىستاندا ئومۇمەن ئېنگىلىسچە بىلىدىغانلار ئاز. بىرەسى ئۇچراپ قالسا، كۆزگە تۇتىيا قىلىپ سۈرتكىدەك بولۇپ كېتەتتىم. لېكىن ئاز تولا ئېنگىلىسچە ۋە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، باراكاللاھۇ فىيك… لەر بىلەن ئاساسلىق مەقسەتنى ئۇقتۇرۇش مۇمكىن. ئۇردۇچە ياكى بېنگالچە بىلسىڭىز، ئېنگىلىسچىدىن بەكرەك ئەسقاتىدۇ. ئەرەبچە بىلسىڭىزغۇ پادىشاھتەك ياشايسىز!
سەئۇدىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قانچە ۋاتسئاپ توپىمۇ بار، يەنە ئۇيغۇر ساياھەتچىلىكى دەپ ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋىزا ئېلىش ئىشلىرىنى قىلىدىغان بىر توپمۇ بار. شۇلاردىن ئۇچۇر ئىگەللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
سەئۇدىنىڭ توك چاتقۇسى گ (G) تىپلىق بولۇپ، ياۋروپانىڭ س (C) تىپلىق چاتقۇسى چۈشمەيدۇ. ئالدىن تەييارلىق قىلماقچى بولسىڭىز مانا ياكى كەلگەندە سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
شۇنداق قىلىپ ئارىلىقتا بىكار ۋاقىتلاردا ۋە ئۇيقۇم كەلمىگەندە يەنە ئايرىدرومدا ساقلىغاچ مۇشۇ خاتىرىلەرنى يېزىپ قويدۇم. يازما ئويلىغاندىن بەكرەك ئۇزىراپ كەتتى، ھەجنىڭكىنى ئايرىم يازارمەن. ئىنشائاللاھ ئەگەر سىزنىڭ ئەرەبىستان سەپىرىڭىز ئۈچۈن كىچىككىنە پايدىسى باركەن دەپ قارىسىڭىز ھەققىمدە خالىس دۇئا قىلىپ قويغايسىز.
سىزمۇ ساياھەت خاتىرسىنى يېزىپ ھەمبەھىرلەڭ، باشقىلار پايدىلىنىپ قالسۇن.
ھىجرىيە 1445-يىلى 2-شەۋۋەل (پەيشەنبە)، رىياد
مىلادىيە 2024-يىلى 11-ئاپرىل (پەيشەنبە)، رىياد
One Comment on “مەككە ئېتىكاف خاتىرىسى ”