كىتاب ئوقۇش خاتىرىلىرى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

بۇرۇندىن تارتىپ كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يازىدىغان ئادىتىم بار ئىدى. ھەر بىر كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن مەيلى بەك ياراپ كەتسۇن مەيلى تەستە تۈگىتەي ئىشقىلىپ كىتابتىن ئالغان ھاياتىمغا، قىممەت قارىشىمغا بولغان تەسىرىنى، كىتابتىكى كۆز قاراشلارغا بولغان رەددىيىەلەرنى، بەزىدە ئاپتورنىڭ كىتابنى يازغان ۋاقتىدىكى روھى-كەيپىياتى، مەيدانى قاتارلىقلارنى يېزىپ خاتىرە قالدۇرۇپ قوياتتىم. كېيىن بۇ خاتىرە يېزىش شەكلى تەرەققى قىلىپ يازغان خاتىرىلىرىمنى ئاۋازلىق قىلىپ، ئارقىسىغا لىرىك مۇزىكىلارنى كىرىشتۈرۈپ تېلېفونغا ساقلاپ قويىدىغان، يىلدا بىرە قېتىم قايتا ئاڭلاپ قويىدىغان بولدۇم . (چۈنكى ھازىرقى شارائىتىمىزدا يازغان خاتىرىلىرىمنى ئوقۇشقا كۆپ پۇرسەت بولمايتتى، شۇڭا ئاۋازلىق قىلىپ يوللاردا، ئاپتوبۇستا، مېترولاردا ئاڭلايتتىم.)

شۇ ئادىتىم تۈپەيلى باشقىلارنىڭمۇ كىتابتىن ئالغان تەسىراتىغا بەك قىزىقاتتىم. ئەجەبا باشقىلار مەن ھېس قىلمىغان قايسى نۇقتىلارنى ھېس قىلغان بولغىيتتى؟ مەن تەنقىد قىلغان نۇقتىغا قانداق قارايدىغان بولغىيتتى؟ ئاپتور ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىدىغاندۇ؟ دىگەندەك سوئاللار دائىم كاللامغا كېلىپ قالاتتى.

ناھايىتى ئەپسۇس، بۇ نۇقتىدا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان كىتاب ئوقۇش خاتىرىلىرىنىڭ تور دۇنياسىدا ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەيلى ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلار بولسۇن، مەيلى چەتئەل تىلىدىكى كىتابلار بولسۇن، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە سۇنۇلغان كىتاب ئوقۇش خاتىرىلىرى بەك ئاز ئىكەن. شۇڭا ئۆزۈمنىڭ ئوقۇغان، ئوقۇۋاتقان كىتابلىرىمنىڭ قىسقىچە كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىنى تور دۇنياسىغا ساقلاپ قويۇشنى قارار قىلدىم. بۇنداق قىلىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئارتۇقچىلىقلىرى بار ئىكەن:

مىنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك ھالدا كىتاب ئوقۇشۇمغا ۋەسىلە بولىدىكەن. يېزىش جەريانى گەرچە ئاسان بولمىسىمۇ، كىتابنى ئۆزلەشتۈرىشىم ۋە تەپەككۇرنى چوڭقۇرلاشتۇرىشىمدا بەك پايدىسى بولىدىكەن.

بلوگقا يېڭى مەزمۇنلار قېتىش ماڭا بىر مەسئولىيەت تۇيغۇسى بېرەلەيدىكەن.

ماڭا ئوخشاش كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىگە قىزىقىدىغانلار ئۈچۈن كىچىككىنە بولسىمۇ پايدىسى بولىدىكەن.

كىتاب تەۋسىيە خاتىرىسى شەكلىدە ساقلىنىپ قالىدىكەن.

ئانا-تىلىنى ئۆگىنىش، يېزىقچىلىق سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش پۇرسىتى بولىدىكەن.

ئەڭ مۇھىمى تور دۇنياسىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ماتېرىياللارنى مىقدارىنى كۆپەيتكىلى بولىدىكەن.

شۇڭا بلوگىمدا كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى سەھىپىسى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان خاتىرىلەرنى بەھىرلىنىشنى لايىق كۆردۇم.

قېرىنداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن.