تەجرىبىلەرنى ئايىمايلى!

تەجرىبىلەرنى ئايىمايلى!
ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت

كېچە سائەت ئىككىدە ئويغۇنۇپ كېتىپتىكەنمەن. نورمال ۋاقىتتىكىدەك ئويغانغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ ئەزان ئېيتىشنى ساقلاپ ئولتۇرىۋېرىپتىكەن. ساقلىسام ھېچ ئەزان ئېيتمايدۇ. شۇڭا ئۇنى-بۇنى يېزىپ باقتىم. دېمىسمۇ يازما يازمىغىلى خېلى بوپ قاپتىكەن. ئالدى بىلەن بىر نەچچە ھېكايە سۆزلەپ بېرەي.

 

بىرىنچى، بۇنىڭدىن توققۇز ئون يىل بۇرۇن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا، بىر كىشى ئۆيىدە كىچىك بىر ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىنى قەيەرگە قويغانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئىنتېرنېتتىن “ئەخمەقلەرچە” قەيەردە ئىكەنلىكىنى سورىغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. بۇ “ئەخمەقلەرچە” سوئالغا باشقا بىرى جاۋابمۇ بېرىپتىكەن. نەتىجىدە ئۇ ئېلېكتىر ئەسۋابى جاۋاب بەرگەن كىشىنىڭ ئېيتقىنىدەك تېلېۋىزورنىڭ ئارقا تەرىپىدە ئۇنتۇلۇپ قالغان ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىشنى بىر قارا يومۇردەك ھېس قىلىپ، ئادەملەر ھەممە نەرسىنى ئىنتېرنېتتىن سورايدىغان بولۇۋاپتۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم.

 

ئىككىنچى، يېقىندا قوي سويىدىغان ئىشىم چىقىپ قالدى. شۇنداق قىلىپ ئۆيگە ئەڭ يېقىن قۇشخانا (بۇ قېتىم قۇشخانا ئىزدەشتە، قۇشخانىنىڭ كىمنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇشىدىن زىيادە قانچىلىق يېقىن بولۇشى مۇھىم ئىدى) ئىزدەشكە باشلىدىم. ئاۋۋال ئىنتېرنېتتىن ئىزدەپ سىناپ باقتىم. ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە تېلىفۇن قىلىش ئارقىلىق تۇنۇش- بىلىش، قۇلۇم- قوشنىلاردىنمۇ سورىغان بولدۇم. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، تونۇشلىرىم ئىچىدە ئۇچۇق جاۋاپ بېرەلەيدىغان بىرەسى چىقمىدى. گۇرۇپپىلارغا يېزىلغان ئۇچۇردىنمۇ تۈزۈكرەك جاۋاب كەلمىدى. خەرىتىدە كۆرسەتكەن يەرمۇ خاتا بولۇپ چىقتى. ئاخىرى ماشىنا بىلەن يول بويىغا قاراپ مېڭىپ تەستە بىر قۇشخانا تاپقان بولدۇم. قۇلۇم-قوشنىلارنىڭ ھەممىسىگە، ئىنتېرنېتتا شۇ يەردە قۇشخانا بارلىقىنى ئېيتىپ قويغۇم، يېزىپ قويغۇم كەلدى.

 

ئۈچۈنچى، ئەينى ۋاقىتتا گوللاندىيىگە مېڭىشتىن بۇرۇن “گوللاندىيىدە كۈرەش قىلىش” (战斗在荷兰) نامىدىكى بىر مۇنبەر ئۇچراتقان ئىدىم. بۇ مۇنبەردە گوللاندىيىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان، كاللىمىزغا كېلىدىغانلا نەرسە بولسا جاۋابى بىر خىل شەكىلدە چىقاتتىكەن. يولغا چىقىشتىن بۇرۇن گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ ئالاقە قىلغان، ئۇلاردىن سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ھەتتا ئىقلىم جەھەتتىن جانلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولغان بولدۇم. لېكىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەك ئۈنۈملۈك جاۋابلارغا ئېرىشەلمىگەن ئىدىم. ئاخىرىدا يەنىلا ئۈستىدە ئېيتىلغان مۇنبەردىن پايدىلىنىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ مۇنبەردە يولغا چىققاندا ئېلىۋېلىشقا تىگىشلىك يىپ-يىڭنىدىن تارتىپ، بارغاندىن كېيىن قانداق ئىقامەت ئىلتىماس قىلىش، مەكتەپكە قانداق تىزىملىتىش، تۇرمۇشتا دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار، ۋاقىتلىق ئىشنى قانداق ئىزدەش دېگەندەك ئىشقىلىپ ھەممىلا نەرسىنىڭ شۇنداق تەپسىلى چۈشەندۈرۈشى بار ئىدى. ھەتتا مېنى ئايرودرومدىن ئېلىپ ياتىقىمغىچە ئەكىلىپ قويىدىغانلارنىمۇ شۇ مۇنبەر ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. ئوقۇش جەريانىدا يۇلۇققان مەسىلىلەرنى ئاساسەن شۇ مۇنبەردىن مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىنىپ ھەل قىلىپ ماڭغان بولدۇم. خىتاي پاسپورتى بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلار خىتايلارنىڭ ئىش بېجىرىش تەرتىپلىرىگە ئوخشايتتى. ئوقۇش تەقدىرىمىز ئوخشاش بىر تۈركۈم خىتايلار بىلەن بىر مەزگىل شۇ مۇنبەردىن پايدىلانغان بولدۇم.

 

تۆتىنچى، ئالدىنقى قېتىم ئىنتېرنېتتا فامىلە توغرۇلۇق دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك نوقتىنى تىلغا ئالغاندا بىر تورداش “ۋەتەنداشلىق ئىلتىماس قىلىش ئىشىدا ھەممە ئىشنى باشقىلارنىڭ سىزگە ئېنىق دەپ بېرىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماي، چوڭلاردىن سورىسىڭىز سىزگە فامىلە ئىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئېيتىپ بېرەتتى ئەمەسمۇ.” شەكلىدە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ كۈنكى ئاچچىقىمدا كاللىسىنى تۇرپاننىڭ ئاپتىپىدا قاقلاپ باقسا بولغىدەك دەپلا ئويلۇدۇم. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنكاس بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ پىكرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيتتى.

 

يۇقىرىدا دېيىلگەن تۆت ھېكايىنى “تەجرىبىنى كەڭ دائىرىدە ئورتاقلىشىش” قا مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ. بىرىنچى ھېكايىدە باشقىلانىڭ توققۇز ئون يىل بۇرۇن ئىنتېرنېتتىن قانچىلىك ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلىدىغانلىقىنى قىزىقارلىق شەكلىدە كۆرسىتىپ بەرگەن. يەرشارى ئىنتېرنېت ئارقىلىق كىچىككىنە قول تېلېفونغا سىغدۇرىدىغان بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئىنتېرنېتتىن قانچىلىك پايدىلىنىۋاتىمىز؟ ئىنتېرنېت بىزنىڭ بىرىنچى ياردەمچىمىز بولۇۋاتامدۇ ياكى بولمىسا ئىككىنچى ھېكايىدىكىگە ئوخشاش، مەسىلىگە يولۇققان ۋاقىتتا تېخىچە ئەنئەنىۋى ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭغا-بۇنىڭغا تېلىفۇن قىلىپ سوراپ يۈرەمدۇق؟

 

تۇرمۇش رېتىمى بۈگۈنكىدەك تېز بولۇۋاتقان دەۋىردە تونۇيدىغان ئىنسانلار بىلەن تېلېفونلىشىپ ئىشنى ھەل قىلىش بىزنىڭ بىرىنچى تاللىشىمىز ئەمەس بەلكى گوگىلنىڭ، سۈننىي ئەقىلنىڭ، ئالگورىتىمنىڭ[1] ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۈنۈمىدىن پايدىلىنىش بىزنىڭ تۇنجى تاللىشىمىز بولالىشى كېرەك ئىدى. شۇندىلا ئۈنۈم يارىتالىغان بولاتتۇق.

ئەلۋەتتە بۇنداق زور مىقداردىكى ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنالىشىمىز ئۈچۈن ئۈچۈنچى ھېكايىدىكى مۇنبەرلەر، ئەڭ مۇھىمى ئورتاقلىشىشنى بىلىدىغان، ئۇ بوشلۇقلارنى تولدۇرىدىغان كىشىلەر بولىشى كېرەك. “گوللاندىيىدە كۈرەش قىلىش” مۇنبىرىدىكى ئۇچۇرلار مەلۇم شەخىس ياكى تەشكىلات تەرىپىدىن تەييارلانغان ئەمەس. بەلكى گوللاندىيىدە ياشايدىغان، ياشاپ باققانلار بېشىدىن ئۆتكەن تەجرىبىلىرىنى ئىزچىل ئورتاقلىشىش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن. نۇرغۇن ئىنساننىڭ تەجرىبىسىنىڭ جۇغلىنىشى كېيىنكىلەرنىڭ ئوخشاش ئىشلارنى قىلغان ۋاقىتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ئازايتىدۇ ھەم شۇ ئارقىلىق ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

سۆز بۇ يەرگە كەلگەندە تېلېفوندا سورىساق تېخىمۇ تېز، ئۈنۈملۈك بولمامدۇ دېيىشىڭلار مۇمكىن. تۆتىنچى ھېكايىدە دېيىلگىنى دەل مۇشۇ نوقتا ئىدى. ھەممە ئادەمنىڭ ھەممە ئادەمنى تونۇپ كېتەلمەيدىغانلىقى ئىنكار قىلغۇسىز ھەقىقەت. ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا مەسىلىنى ھەل قىلغاندا،  تۇنۇش- بىلىشلەر بىلەن تېلېفوندا، ئۇچۇردا ياكى بىۋاستە كۆرۈشۈش ئارقىلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىناتتى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل ئەنئەنىۋى ئۇسۇللار بارغانسىرى شاللىنىپ قېلىۋاتىدۇ.[2]

بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولىشى مۇمكىن. ئالدى بىلەن ئۈستىدە دېيىلگەندەك ھەممە ئادەم ھەممە ئادەمنى تونۇپ كېتەلمەيدۇ. مەسىلىگە يۇلۇققان بىرى مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان بىرىنى تونۇشى ناتايىن. ھەممە ئىنساندا بىر ئىشقا يولۇقسىلا دەرھال باشقا بىرىگە تېلىفۇن قىلىپ ياردەم سورىيالايدىغان خاراكتېرىنىڭ بولىشىمۇ ناتايىن. بۇرۇن بۇ خىل ئەھۋاللاردا سۈكۈتتىن باشقا تاللىشى يوق كىشىلەر بۈگۈنكى كۈندە ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ. يەنە بىرى بولسا كۈندىلىك تۇرمۇش رېتىمى تېز بولۇش سەۋەبلىك ئىنسانلار بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىش نۇرغۇن ۋاقىتتا ئۈنۈمسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ. ئىنتېرنېتتىن بىر نەرسىنى سوراش، تۇنۇش- بىلىشتىن بىر نەرسىنى سوراشتىن قىسقا ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ ئىزدەش ماھارىتىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگىمۇ باغلىق.

ئىنتېرنېت ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىلىشش شەكلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. ئىنسانلار بىر- بىرلىرى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىش، پاراڭلىشىشتىن ئىنتېرنېت دۇنياسىدا رەقەملىك كىملىك بىلەن ئالاقە قىلىشقا يۈزلەندى. مەۋھۇم دۇنيادا ھەرىكەت قىلىش تېخىمۇ جەزبىدار كۆرۈنىدىغان بولدى. مەسىلەن ئەلبىل بلوگىغا ئوخشاش. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا بۇ دەۋىردە تۆتىنچى ھېكايىدىكىدەك پىكىرنى ئوتتۇرغا قويۇش ئەخمەقلىق ھېسابلىنىدۇ.[3] بۇ زامان مەسىلە يۈز بەرگەندە مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ مەندىن سوراپ بىلىۋال ئەمەس؛ مەن يۇلۇققان تەجىربەمنى ئورتاقلىشىپ قوياي. بەلكىم كېيىن بىرەرسىگە پايدىسى بولۇپ قالار دەيدىغان زامان.

مەۋجۇتلۇق دېگەن ئۇقۇم ھەر خىل چۈشەندۈرۈلۈشى مۇمكىن. ئەگەر مەۋجۇتلۇقنى تەرەققىياتتىن ئايرىپ تۇرۇپ، “مەن قانداقلا بولسام مۇشۇ پېتىم مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشنى خالايمەن” دېسە، بۇنداق پىكىرگە دەيدىغان ھېچ بىر سۆز يوق. چۈنكى ئويۇننىڭ ئىچىدە بولمىغاچقا، ئۇيۇن قائىدىسىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىغىلى بولمايدۇ. ئۆزىنىڭ تاللىغان يولىدا داغدام مېڭىۋەرسە بولىدۇ. لېكىن مەۋجۇتلۇقنى ھازىرقى دۇنيا تەرەققىياتى بىلەن باغلاپ تۇرۇپ، ئويۇننىڭ ئىچىگە كىرگەن ۋاقىتتا، ئۇيۇن قائىدىسىگە ماس ھەرىكەت قىلىش لازىم.

ئۇيغۇرلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرالامدۇ؟ ئۈستىدىكى بىرىنچى خىل پىكىر بويىچە ئېيتقاندا، ئەگەر ئەنئەنىۋى ئالاقە قىلىش شەكىللىرىنى داۋام قىلساق  شۇ شەكىلگە ماس “مەۋجۇتلۇق” نىسىپ بولىدۇ. بۇ “مەۋجۇتلۇق” بىر خىل ئالىجاناپ، ئىنسانپەرۋەر شەكلىدە بولۇش بىلەن بىرگە ئېزىلىپ، زۇلۇمغا ئۇچراپ، باشقىلارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قېلىپ “مەۋجۇد بولۇش”شەكلىدۇر. ئەگەر بۇنى قوبۇل قىلماي، ئۇيغۇرلار باشقا تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرگە ئوخشاش ئادەمدەك مەۋجۇت بولۇپ تورىشى كېرەك دېيىلسە، ئويۇن قائىدىسىگە بويسۇنۇشى، تەرەققىي قىلىشى، ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلىشى، بىر- بىرىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆتۈرۈشىگە ياردەم قىلىش كېرەك.

شۇڭا تەجرىبىلەرنى ئورتاقلىشىشىمىز؛ بىر قېرىندىشىمىزنى بولسىمۇ ئۆزىمىز بېشىمىزدىن كەچۈرگەن ئوخشاش قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشىمىز؛ ئۇنىڭغا باشقا يېڭى- يېڭى بايقالمىغان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك. ئوخشاش ئورەكتىن ھەممە ئادەمنىڭ ئۆتۈشى تەرەققىيات بولمايدۇ. يېڭى- يېڭى ئورەكلەردىن بۆسۈپ ئۆتۈش تەرەققىيات بولىدۇ. ھەم بۈگۈنكى دۇنياغا ھاكىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى بۇ خىل تەرەققىياتقا تايىنىدۇ.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ خىل تەجرىبە ئورتاقلىشىش بەك مۇھىم. ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ بىزنىڭ كۈلتۈرىمىزگە ماس كەلمەيدىغان قانۇن – نىزاملىرى، قائىدە- بەلگىلىمىلىرى بولىدۇ. ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى. ھازىر بىر ئۆلۈم بولۇپ قالسا مېيىتنى قانداق مازارغا كۆمىمىز؟ ئۆزىمىز يۇيۇپ، تاراپ ئاپىرىپ كۆمۈپ قويساق نۇرغۇن دۆلەتتە قانۇنسىز بولىدۇ. بۇنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە بار. لېكىن سىزنىڭ، مېنىڭ بۇ تەجرىبىلىك ئادەمنى تونۇشۇم ناتايىن.

ئۆزۈم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن سوراپ، ئىزدىنىپ ھەل قىلىمەن دېيىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئەگەر تۈركىيىدەك بىر بيۇروكراتىيە ئېغىر دۆلەتتە بولۇپ قالسىڭىز، سىزنىڭ چەتئەللىك بولۇپ قېلىشىڭىز ئىشىڭىزنى خېلىلا تەسلەشتۈرۈپ قويىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا مىللەتلىك كىشىلەرنىڭ تەجرىبىسىنىڭ بىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىزگە، كۈلتۈرىمىزگە ماس كېلىشى ناتايىن.

نەتىجىدە ئىنتېرنېت دۇنياسىدا ھەر خىل تەجرىبىلەرنى ئورتاقلىشىش ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ. ھەر بىر ئۇيغۇردا مەلۇم ئىشنى بېشىدىن كەچۈرگەن ۋاقىتتا “باشقا بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىم ماڭا ئوخشاش جاپا تارتىۋالمىسۇن. ئەسلى مانداق قىلسا ئاسانلا ئىشكەنتۇق. مەن بۇنى چوقۇم ئورتاقلىشىپ قوياي” دەيدىغان ئاڭ بولىشى كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئورتاقلىشىشلا ئەمەس، باشقىلار تاپالايدىغان شەكىلدە ئورتاقلىشىش كېرەك.

ئەلبىل بلوگنى دەسلەپتە ئاچقان ۋاقتىمدا ئىنتېرنېت دۇنياسىدا مەۋجۇد ئۇچۇرلارنىڭ مەۋجۇد بولۇش ئۈچۈنلا مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى، ناھايىتى ئەستايىدىل ئىزدىمىسەك تېپىلمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ سۈپەت ھەم ئۈنۈم جەھەتتىن ياخشى قىلاي دەپ باشلىغان ئىدىم. تۈركىيەدىكى ھايات سەھىپىسىدە ئۆزۈمنىڭ ھەم تورداشلارنىڭ ھەر خىل تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلىشىپ بەلكىم مېنى تونۇمايدىغان بىرە قېرىندىشىمغا ياردىمى تىگىپ قالار دېگەن نىيەتتە داۋام قىلىۋاتىمەن. يېزىلغان يازمىلار مۇناسىۋەتلىك كەلىمە ئىزدەلگەن ۋاقىتتا ئىزدەش موتورىنىڭ ئالدىنقى بەتلىرىدە چىقىدىغان شەكىلدە تەڭشىلىپ مېڭىۋاتىدۇ.

“ئالتۇن بولسىلا چوقۇم بىر كۈنى پارقىرايدۇ” دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بولىدىغان. گۈزەل يازمىدىن بىرنى يېزىپ ئاسان تاپقىلى بولمايدىغان ياكى يۇيۇلۇپ كېتىش خەۋپى بولغان سۇپىلاردا ئېلان قىلىش ئالتۇننى كۆمۈپ قويۇپ ئۆزۈڭ تاپ دېگەندەكلا بىر ئىش. شۇڭا ئىزدەشنى ئۆگىنەيلى. ئىزدەشتىن ئاۋۋال يېزىشنى، باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۆگىنەيلى. ئورتاقلاشقاندا ئۈنۈملۈك ئورتاقلىشىشنى ئۆگىنەيلى.

 

 

[1] مەنچە دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى، مەۋجۇتلۇقى بۇلارنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلۇۋاتىدۇ.

[2] مەيلى ئېتىراپ قىلىڭ قىلماڭ، توغرا بولسۇن خاتا بولسۇن كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالاقە شۇ خىل شەكىلگە قاراپ ئۆزگەرمەكتە

[3] تۆتىنچى ھېكايىدىكى ئىنكاسىنىڭ يەنە بىر ئەجەللىك لوگىكىلىق خاتالىقى شۇكى، مەن يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر ئىشنىڭ چەكسىز خىل يۈز بېرىش شەكلىنى باشقىلارغا ئېيتىپ ياردەم سوراپ جاۋابىنى ئېلىپ بولالمايمەن، بۇ ئىمكانسىز بىر ئىش. دەل ئەكسىچە، بۇ ئىشلار بېشىدىن ئۆتكەن بىرى، چەكسىز خىل يۈز بېرىش شەكلىنىڭ ئىچىدىن بېشىدىن ئۆتكەن تەجرىبىلەرنى ماڭا سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق مېنىڭمۇ ئوخشاش قىيىنچىلىقنى يەنە بىر قېتىم باشتىن كەچۈرۈشۈمنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.

ئىنكاس يازىمەن