ئىسمائىل غاسپىرالى- تۈرك تىلى ئىسلاھاتچىسى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

بۇ كىتاب ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ ۋاپاتىنىڭ 100- يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن نەجىپ ھابلەمىتئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ تۈرك تىلىدا يېزىلىپ ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. كىتابتا ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ خارەكتىرى،كۆز قاراشلىرى، مىللەتچىلىك قارىشى، ئىنقىلابچى روھى، ئىسلامىي كىملىكى، “تەرجىمان”نىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى، تۈرك دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىقلار ئىخچام شەكىلدە چۈشەندۈرۈلگەن.

ئىسمائىل غاسپىرالى:

1851- يىلى 3-ئاينىڭ 21- كۈنى قىرىم باغچە سارايغا يېقىن بولغان ئوۋچى يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن.

1874- يىلى ئىستانبۇلغا كەلگەن.

1881- يىلى ئاق مەسچىتتە نەشىر قىلىندىغان Tavrida   گېزىتىدە “رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى” تېمىسىدا كۆپ قىسىملىق رىسالە شەكلىدە ئەسەر ئېلان قىلغان.

1883- يىلى تاتارچە بىر گېزىت نەشىر قىلىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن ۋە  “تەرجىمان” گېزىتى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان.

1884- يىلى تىل نۇقتىسىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى بىلەن بىر ۋاقىتتا ،مائارىپ ساھەسىگە قەدەم قويۇپ باغچە سارايدا تۇنجى باشلانغۇچ مەكتەپنى ئاچتى.

“ئۇسۇلى سەۋتىيە” ئارقىلىق قىرىق كۈندە تۈركچە ساۋات چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. تۇنجى “ئۇسۇلى جەدىت” قىزلار مەكتىپىنى ئاچىسى پەمبە خانىم بولاتكوۋاغا ئاچقۇزغان.

1905- يىلى يۇشۇرۇن ھالدا تۇنجى رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ چىققان.

1905- يىلىنىڭ ئاخىرى “Nisvan Alem” نامىدا رۇسيە تۈركلىرىنىڭ تارىخىدىكى تۇنجى ئاياللار ژورنىلى چىقارغان،

1912- يىلى بومبايدا بىر “ئۇسۇلى جەدىت” مەكتىپىنى قۇرۇپ، قىرىق كۈندە ساۋات چىقىرىش مېتودىنى يولغا قويغان،

1914- يىلى باغچەسارايدا ۋاپات بولغان.  بۇ ۋاقىتتا ئۇسۇلى جەدىت مەكتەپلىرىنىڭ سانى 5000 غا يېقىنلاشقان ئىدى.

“ئىسمائىل غاسپىرالى تۈرك مىللەتچىلىكنىڭ نامىنى تىلغا ئالماي تۇرۇپمۇ ئەڭ قۇيۇق ۋە ئەڭ مۇكەممەل ھالدا تۈرك مىللەتچىلىكىنى تەشەببۇس قىلغان.  بۇ نۇقتىدا ئەگەر ئىنقىلابچىلىق- ئاشكارا ھالدا چوڭ خەتەرلەرگە تەۋەككۇل قىلىش بولغاندا، ئىسمائىل غاسپىرالى ئىنقىلابچى ھېسابلانمايتتى. ئەمما ئەگەر ئىنقىلابچىلىق – نۆۋەتتىكى جەمئىيەت، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش بولغاندا، ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.”

“غاسپىرالى، تۈرك مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدە ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. جۇغراپىيىلىك مۇساپە ۋە پەرقلىق شېۋىلەرنى بۇ پۈتۈنلۈككە قارشى دەپ قارىمايتتى. بۇ پىكرىدە تىلغا ئالاھىدە ئىتىبار بېرەتتى، ئاددى بىر تۈركچە بىلەن سۆزلىشىپ، يېزىشنىڭ بۇ پۈتۈنلۈكنى ساقلاپ قېلىشتا مۇھىم قەدەم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. “

“ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ پىكىرلىرى، نەشىر قىلغان “تەرجىمان” ژورنىلى ئارقىلىق كاپكاسيا، قازان، سىبىرىيە، تۈركىستان، ئىران ۋە مىسىرغا تارقالغان.”

“تۈرك تىلىنى تۇنجى ئىسلاھ قىلغۇچىسى ئەلشىر ناۋائىي بولسا ئىككىنچىسى شۈبھىسىزكى ئىسمائىل غاسپىرالى ئەپەندىدۇر.”

جەدىت ھەرىكىتى ،ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ ھاياتى، كۆز قاراشلىرىنى دەسلەپكى باسقۇچتا چۈشىنىپ بېقىشنى خالايدىغان ئوقۇرمەنلەرگە ماس كېلىدىغان بىر كىتاب.

ئېلكىتاب نۇسخىسى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرەلەيسىز:

ئىسمائىل-غاسپىرالى

ئەسكەرتىش: ئېلكىتاب نۇسخىسىنى “ئېلكىتاب” تورىدىكى نۇسخىسىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئوقۇشقا قولايلىق شەكىلگە ئەكىلىپ قويدۇم.

ئىنكاس يازىمەن