سەپسەتە ۋە مەنتىق خاتالىقلىرى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت

سەپسەتە: < پەلس > توغرا پىكىر قىلىش قائىدىسىگە خىلاپ پىكىر. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى خاتا ئەكس ئەتتۈرۈشىدۇر. تۆۋەندە كۆپ ئۇچرايدىغان سەپسەتە، مەنتىق خاتالىقلىرى مىسال كۆرسىتىش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلىدۇ.

ئادۋۇكات سەپسەتىسى

بىر ئادۋۇكات ئۆزىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، ئوقۇغۇچىسىغا كەلگۈسىدە تۇنجى دەۋادا قازانغان كىرىمنى ئادۋوكاتقا تاپشۇرۇشى كېرەك دەپ شەرت قوشۇپتۇ. ئوقۇغۇچى كىيىن بۇ شەرتنىڭ ئادالەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ، كەلگۈسىدە تۇنجى دەۋادا كىرگەن كىرىمنى ئادۋوكاتقا بەرمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئادۋۇكات سوتقا ئەرز قىپتۇ.

سوت ئېچىلغاندا ھەر ئىككى تەرەپ بۇ سوتنىڭ ئېچىلىشىنىڭ كېرەكسىز ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىقلا بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ.

ئادۋۇكات: ئەگەر مەن بۇ سوتتا ئۇتۇپ چىقسام، سوتتا ئۇتۇپ چىققانلىقىم ئۈچۈن ئوقۇغۇچى ماڭا پۇل تۆلىشى كېرەك؛ ئەگەر مەن ئۇتتۇرۇپ قويسام، ئوقۇغۇچى تۇنجى دەۋادا ئۇتۇپ چىققانلىقى ئۈچۈن پۇل تۆلىشى كېرەك. شۇڭا بۇ سوتنىڭ ئېچىلىشى ئەھمىيەتسىز. مەيلى مەن ئۇتۇپ چىقاي ياكى ئۇتتۇرۇپ قوياي بەرىبىر ئوقۇغۇچى ماڭا پۇل تۆلەيدۇ دەپتۇ.

ئوقۇغۇچى: ئەگەر مەن بۇ سوتتا ئۇتۇپ چىقسام، سوت ھۆكۈمى بويىچە ئۇتقانلىقىم سەۋەبىدىن پۇل تۆلىمەسلىك ھەققىم بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇتتۇرۇپ قويسام، تۇنجى سوتتا ئۇتۇپ چىقالمىغانلىقىم ئۈچۈن يەنە تۆلىمەسلىككە ھەقلىق بولىمەن. شۇڭا سوتتا ئۇتۇپ چىقساممۇ، ئۇتتۇرۇپ قويساممۇ يەنىلا پۇل تۆلىمەسلىككە ھەقلىقمەن دەپتۇ.

قەدىمقى يۇنان پەيلاسوپلىرى مۇشۇ تۈردىكى سەپسەتىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل مەنتىق، لوگىكا قائىدىلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئەقىلنىڭ خالىغانچە ئىشلىتىلسە بولمايدىغانلىقىنى، بىر ئۇسول، قائىدە ئىچىدە ئىشلىتىلىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئادۋۇكات سەپسەتىسى مەنتىق خاتالىقلىرى  (سەپسەتىلەر) ئىچىدە ئەڭ داڭلىق بىرى ھېسابلىنىدۇ.

Tu Quoque  سەپسەتىسى

دېيىلىۋاتقان مەسىلە ئۈستىدە ئۆزىنى ئاقلاشنىڭ ئورنىغا باشقىلارنىڭمۇ ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلغانلىقى ياكى قىلىۋاتقانلىقىنى دېيىش ئارقىلىق “ئۆزىنى ئاقلاش” سەپسەتىسى.

مىسال:

ئا: تاماكا چەكمىسەڭ بولاتتى. چۈنكى تاماكا چىكىش سالامەتلىكىڭگە زىيانلىق.

ب: سەنمۇ چېكىسەنغۇ. ئالدى بىلەن ئۆزەڭ تاماكىنى تاشلاپ ئاندىن ماڭا نەسىھەت قىل.

تاماكا چېكىدىغان بىرى باشقىسىغا تاماكا چەكمە، تاماكا چىكىش زىيانلىق دەپ نەسىھەت قىلسا مەنتىق جەھەتتىن ھېچ بىر مەسىلە يوق. لېكىن قارشى تەرەپنىڭ ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلغانلىقىنى ياكى قىلىۋاتقانلىقىنى باشقىلارنىڭ نەسىھىتىگە توسالغۇ قىلىۋېلىش مەنتىق جەھەتتىن خاتا بولىدۇ.  نەسىھەت قىلغۇچى تەرەپنىڭ تاماكا چېكىشى ياكى چەكمەسلىكى تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق بولغان ھەقىقىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

ئەلۋەتتە ئۈنۈم نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، تاماكا چېكىدىغان ئادەمنىڭ باشقىلارغا تاماكا چەكمە دەپ نەسىھەت قىلىشى، كۆپۈنچە ئەھۋالدا ئۈنۈمسىز بىر ئىش بولۇپ ئاخىرلىشىدۇ. چۈنكى نورمال تۇرمۇشتا كىشىلەر راتسىئونال بىر شەكىلدە ئەمەس، ھېسسىي شەكىلدە مەسىلىگە قارىشى ئېغىر بولىدۇ. پىكرى تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىدىن زىيادە پەند-نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ شەخسىيىتىگە مەركەزلىشىپ قالىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتا شۇكى، بۇ سەپسەتىنى رەت قىلىشىنىڭمۇ چەك- چىگرىسى بولىدۇ.

ئىسپاتلاش مەجبۇرىيىتى سەپسەتىسى

ئىسپاتلاش مەجبۇرىيىتى سەپسەتىسى(Argumentum ad Ignorantiam) بىر شەيئىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى توغرا دەپ ھۆكۈم چىقىرىش؛ ياكى بىر شەيئىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى خاتا دەپ ھۆكۈم چىقىرىش سەپسەتىسى.

بۇ سەپسەتە” بىر شەيئى، ئەكسى ئىسپاتلانمىغۇچە توغرا.” دىگەن خاتا قىياسقا ئاساسلىنىدۇ.

مەسىلەن:

دىندارلار ئىلاھنىڭ بارلىقىنى شۇ شەكىلدە ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ. ئىلاھنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ھېچ كىم تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلاھ بار.

دىنسىزلار بولسا ئىلاھنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى شۇ شەكىلدە ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىلاھنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ھېچ كىم تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلاھ يوق.

ھالبۇكى بۇ ئىككى بايانات ئوخشاش مەنتىق خاتالىقىنى سادىر قىلغان بولىدۇ. ئىلاھنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بۇ شەكىلدە راتسىئونال بىر ئىنسانغا ئىسپاتلاش مۇمكىن بولمايدۇ. ئوخشاش شەكىلدە دىندار بىرىگە بۇ شەكىلدە رەددىيە بېرىشمۇ ئۆز ئۆزىنى كاچاتلاش بولىدۇ.

مۇجمەل كەلىمە سەپسەتىسى

بىر كەلىمىنى مەلۇم ئىپادىنىڭ پەرقلىق يەرلىرىدە پەرقلىق مەنىدە قوللىنىشتىن كىلىپ چىققان خاتا يەكۈن.

مەسىلەن:

قانۇنغا قارشى چىققانلار تۈرمىگە كىرىدۇ، سەن يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى قانۇنىغا قارشى چىقتىڭ، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈرمىگە كىرىشىڭ كېرەك.

ئاتېئىزىم بىر ئېتىقادتۇر، ئۇلارمۇ ئۆزلىرى ئىشەنگەن ئېتىقادىنى مۇداپىئە قىلىدۇ. بىز دەۋاتقان ئېتىقات بىلەن ئاتېئىزمغا باغلىغان ئېتىقات ئوخشاش مەنىدە ئەمەس.

ئا نىڭ سورىغان سوئالى بولسا تۈركىيەدە پاسپورتسىز ئىقامەتنىڭ(تۈركىيەدە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پاسپورتى يوق ياكى پاسپورتىنىڭ ۋاقتى توشۇپ كەتكەن، لېكىن قۇلىدا ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت بار) ئىشلىتىلىش دائىرىسى؛ ب نىڭ جاۋابى بولسا ۋەتەندە پاسپورت يوق ئەھۋالدا كىملىك بىلەن ياشاشقا ئوخشاتقان.

بۇ يەردە ب نىڭ سادىر قىلغىنى بولسا مۇجمەل كەلىمە سەپسەتىسى. بىر كىشى ۋەتەندا كىملىك بىلەن ياشىسا گراژدان بولغان دۆلەتتە ياشىغان بولىدۇ؛ ئەمما تۈركىيەدە بىر چەتئەللىك پاسپورتى يوق ئىقامەت بىلەن ياشىغان بولسا بۇ يەردە دېيىلگەن ئىقامەت بىلەن ۋەتەندىكى گراژداننىڭ ئىشلەتكەن كىملىكى ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلىق نەرسىلەر.  ئىقامەت دىگەن كەلىمىنىڭ مەنىسىنى بۇرمىلىغان.

دەللاللىق سەپسەتىسى

دەللاللىق سەپسەتىسى(fallcy of slippery slope) كىچىك بىر ھەرىكەتنىڭ چوڭ كۆلەملىك ۋە بەزىدە قاملاشمىغان نەتىجە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش سەپسەتىسى.

مەسىلەن:

ئەگەر بالىلارنىڭ كىنو تاللاپ كۆرۈشىگە روخسەت قىلساق، ئۇلار كېيىن مەكتەپ تاللاش رۇخسىتىنى بىزدىن كۈتىدىغان بوپ قالىدۇ.

ئەگەر بىز ھەمجىنىسلارنىڭ توي قىلىشىغا روخسەت قىلساق، كېيىن ئىنسانلار ئىتلىرى، بېقىۋالغان مۈشۈكلىرى بىلەن توي قىلىمىز دەپ تۇرۇۋالىدۇ.

ئۈمىتچىلىك سەپسەتىسى

ئارزۇ قىلغان، ئۈمىت قىلغان نەتىجىنى ئالدىن بېكىتىۋېلىپ شۇنىڭغا بولغان قاتتىق تەشنالىقىنى دەلىل دەپ ئويلاپ، توغرىلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇش سەپسەتىسى.

مەسىلەن:

چوقۇم غەلبە قازىنىمىز، چۈنكى بىز دېگەن قالتىس خەلق، دۈشمىنىمىز بىر تېپىككە يارىمايدۇ. ياكى دۇنيا مەزلۇملار بىلەن بىللە.

ئاق- قارا سەپسەتىسى

ئاق- قارا سەپسەتىسى  (False Dichotomy) ئەمىلىيەتتە كۆپ خىل ئېھتىماللىق بولسىمۇ، قارشى تەرەپنى ئىككى ئېھتىماللىق ئارىسىدىن تاللاشقا مەجبۇرلاش ۋە شۇ ئارقىلىق يەكۈن چىقىرىدىغان مۇتلەقچىلىك سەپسەتىسى.

مەسىلەن:

  1. يا مىنى ياخشى كۆرىسىز، ئەگەر ياخشى كۆرمىسىڭىز ماڭا ئۆچلۈك قىلغان بولىسىز. (قىز- ئوغۇللار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تەڭداشسىز سەپسەتە)

     2. يا دېكوراتسىيىنى قوللايسەن، ئەگەر قوللىمىساڭ دېمەك سەن دېموكراتىيىگە قارشى تۇرىدىكەنسەن.

     3. يا سەھنىگە چۈشۈپ ئىشلارنى ئۆزۈڭ قىلغىن، ئۇنداق قىلالمىغاندىنكىن پۇتلا- كاشاڭ بولمىغىن. (بۇ يەردە مەسىلە مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى مەسىلىسىدىن ھالقىپ، قارشى تەرەپنىڭ سەھنىگە چۈشۈش، چۈشمەسلىك مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالغان. خۇددى سەھنىدىكى كىشىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىدەك ياكى ئەسلا بىر مەسىلە ئەمەستەك.)

بەس- مۇنازىرە قىلغاندا بۇ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان مەنتىق خاتالىقلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىر تەرەپ بىر ئۇقۇمنى يا ئاق يا قارا دەپ قىياس قىلىۋالغان بولسا، ھەم بۇ قىياس بىلەن مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن بولسا، قارشى تەرەپتىكى ئىنساننىڭ تەپەككۇرىدا ئوخشاش بىر ئۇقۇمغا نىسبەتەن ئاق، قارا، كۆك، قىزىل دىگەندەك نۇرغۇن تاللاش يوللىرىنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالىشى بەك تەس.

بۇنداق ۋاقىتتا بىرىنچى باسقۇچتا ئاق-قارا سەپسەتىسى ئوتتۇرغا چىقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئاق قارا سەپسەتىسى ئىچىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇقۇم ھەققىدە ئاق بىلەن قارىدىن باشقا تاللاشنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە تاشقى جەھەتتىمۇ، ھەقىقەتتىمۇ شەكسىز ئىشىنىدۇ.

بۇنى خەن تىلىدا 非黑即白 دەيدىغان بولۇپ، تارىخىتىن بېرى كىملەرنىڭ بۇ ئىشنى ئەڭ كۆپ قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش ئۆزىمىزدىكى بۇ مەسىلىنى بايقاش ۋە ساقلىنىش ئۈچۈن ئىلھام ۋە كۈچ بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

داۋامى بار…

4 Comments on “سەپسەتە ۋە مەنتىق خاتالىقلىرى”

  1. بۇ يازمىدا ناھايىتى ياخشى مەزمۇنلار بار ئىكەن. بەزى قىسىملىرىنى دەپتىرىمگە كۆچۈرۈپ يېزىۋالدىم… رەھمەت.. مەنپەئەتلىك مەزمۇنلارنى داۋاملىق يەتكۈزۈپ تۇرغايسىز…

  2. ئەسسالام قېرىندىشىم
    سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى بىر ئاي ئالدىدا تور بېكەتلەرنى ئ‍ارلاپ يۈرۈپ ئۇچۇرتۇپ قالدىم ۋە تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. سىزدەك بىر يۇقۇرى سەۋىيىلىك زىيالىينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارسىدا قولىدىن كېلىشچە ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىدىن سۆيۈندۈم. ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!

    ھە راست، سىزنىڭ بىر قىسىم يازمىلىرىڭىزنى فەيىسبۇك بېتىمدە ھەمبەھىرلەشتىم. مەقسەت تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارغا ئېسىل يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇش پۇرسىتىدە ئىگە قىلىشتۇر.

    ئېسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!

    1. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ياقتۇرغانلىقىڭىز ۋە ئىنكاسىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت. بەك ئاشۇرۇۋەتتىڭىز، قولىمىزدىن كېلىشىچە بىلگەنلىرىمىزنى ئورتاقلىشىشقا، بىرلىكتە ئىلگىرلەشكە تىرىشۋاتىمىز خالاس.
      بلوگدىكى يازمىلارنى خالىغانچە بەھىرلەنسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

ئىنكاس يازىمەن