غايىۋىي دۆلەت- فارابى

فارابى- غايىۋىي دۆلەت
ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

خوشاللىق، ئۆزى ئۈچۈن ئىزدىنىلىدىغان، ئەزەلدىن بىر باشقا شەيئىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىلمەيدىغان “ياخشى” دۇر. [1]

– فارابى

فارابى (870- 950) قاراخانىيلار زامانىدا ياشىغان تۈرك – ئىسلام پەيلاسوپى بولۇپ ئىسمى مۇھەممەد، تەخەللۇسى فارابى، لەقىمى «ئىككىنچى ئۇستاز»دۇر. فارابىنىڭ «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشى ـ ئۇنىڭ پەلسەپە ساھەسىدىكى گەۋدىلىك ئورنى ۋە كۆپ مىقداردىكى ئەسەرلىرى سەۋەبىدىن، ئارىستوتېل تەلىملىرىگە پىششىقلىقىدىن، ئارىستوتېل ئەسەرلىرىگە شەرھى يازغىنىدىن ھەم ئۇنىڭ ئارىستوتېلدىن كېيىنكى بۈيۈك پەيلاسوپ بولغانلىقىدىندۇر.

ئۇنىڭدىن سىرت فارابىنىڭ ئەپلاتون بىلەنمۇ نۇرغۇن ئوخشاش قاراشلىرى بار بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى تەڭرىنى ئەڭ ئاخىرقى، مۇتلەق قانۇن چىقارغۇچى دەپ قارايدۇ. ھەر ئىككىلىسى ياخشى بىر سىياسىي سىستېمىنىڭ قۇرۇلىشى ئۈچۈن مەجبۇرى بولغان ئۇنسۇرلار ئارىسىدا تەڭرى ۋە تەبىئەت توغرىسىدىكى توغرا چۈشەنچىلەرنىڭ يەر ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

فارابىنىڭ پەلسەپە سىستېمىسىدا ئىككى مەركىزى كۆز قارىشى بار بولۇپ:

بىرىنچىسى، ھەقىقىي پەيلاسوپلار ئوتتۇرسىدا ئىختىلاپ چىقىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقى؛

ئىككىنچىسى، توغرا شەكىلدە چۈشىنىلگەن دىننىڭ پەلسەپە بىلەن زىت بولىشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىدۇر.

كىتابتا تىلغا ئېلىنغان كۆز- قاراشلار:

ئىسلامنىڭ ئەڭ ئۈستۈن، ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ مۇكەممەل چۈشىنىش شەكلى ۋە سەۋىيىسى پەلسەپىدۇر.

پەلسەپە تۇنجى بولۇپ گرېتسىيىدە ئوتتۇرغا چىققان ئەمەس، گرېتسىيىلىكلەر پەقەتلا پەلسەپە تارىخىدىكى بىر ھالقا خالاس. ئەسلىدە پەلسەپەنى ئۇلاردىن بۇرۇن ئېراقتىكى كالدىلىلار ئوتتۇرغا چىقارغان بولۇپ، ئۇلاردىن مىسىرغا ۋە كېيىن گرېتسىيىدە تارقالغاندۇر.

ئۆز- ئۆزىنى ئويلايدىغان بىر «ئەقىل» ھېسابلىنىدىغان تەڭرى چۈشەنچىسى ئەسلىدە ئارستوتىلنىڭ تەڭرى چۈشەنچىسىدۇر. بۇ نۇقتىدا فارابىمۇ ئوخشاش قاراشتا.

پىقىھچىلار قانۇن نۇقتىسىدا تۇرۇپ قۇرئاننى ئوقۇيدۇ، غەززالىيغا ئوخشاش ئالىملار بولسا ئەخلاق نۇقتىسىدىن قۇرئاننى ئوقۇيدۇ، فارابى بولسا قۇرئاننى بىر پەلسەپە دەپ قاراپ ئوقۇشنىڭ ياكى پەلسەپىنىڭ نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئوقۇشنىڭ ئەڭ ياخشى قۇرئاننى ئوقۇش شەكلى دەپ قارايدۇ.

فارابى ئىسلامنى خوشاللىق ۋە ئەبەدىي قۇتۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سىياسەت، قانون دەپ چۈشىنىشتە پىقىھچىلار بىلەن ئوخشاش بولسا؛ بۇ قانۇننى ئوتتۇرغا قويغۇچى ئەمەس بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى بولغان پىقىھچى بىلەن بۇ قانۇننى ئوتتۇرغا قويغۇچى بولغان پەيلاسوپ ئارىسىدا پەرقنى تەكىتلەپ پىقىھچىلاردىن ئايرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيلاسوپلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

ئۇ ئۆلگەندىن كېينكى  دۇنياغا بۇ دۇنيادىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشنى توغرا دەپ قاراش بىلەن بىرلىكتە، بۇ دۇنيانى پىدا قىلىش بىلەن كېينكى دۇنياغا ئېرىشىلەلەيدىغانلىقىنى قەتئىي شەكىلدە رەت قىلىدۇ.

كىتابتا يەنە تۇنجى مەۋجۇتلۇق، زىتلىق، سۆيۈش- سۆيۈلۈش، شىرك، خوشاللىق قاتارلىق مەزمۇنلارمۇ سۆزلىنىدۇ.

غايىۋىي دۆلەت فارابىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. تۈركچىدە « ideal devlet»  دەپ تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرچىدا « غايىۋىي دۆلەت» دەپ ئىشلەتتىم. «ئېسىلبالىق (پەزىلەتلىك شەھەر) ئاھالىسى توغرىسىدىكى قاراشلار» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن.

 

[1]A short history of philosophy” ناملىك كىتابتىمۇ ئوخشاپ قالىدىغان قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ خوشاللىقنىڭ ئاخىرقى مەقسەت ئىكەنلىكىنى «خوشاللىق ساندۇقى» دەپ ئاتالغان ئاڭ تەجرىبىسى ئارقىلىق نەقىل قىلغان. قىزىققۇچىلار ئوخشاشلىقلىرىنى سېلىشتۇرۇپ باقساڭلار بولىدۇ.

ئىنكاس يازىمەن