قۇربانلىق قىلىش تەجرىبىلىرىم

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت

ئەسكەرتىش: بۇ يازمىدا ئىستانبۇلدا قۇربان ھېيتلىق قۇربانلىق قىلىش، ئەقىقە قۇربانلىقى قىلىش جەريانىدا ئېرىشكەن تەجرىبىلىرىم خاتىرلەندى. ئۆزۈم پايدىلنىش ئۈچۈن خاتىرلەنگەن بولسىمۇ، بلوگنىڭ مەقسىتى بويىچە ئورتاقلاشتىم.

 

ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربانلىق قىلىش ئورۇنلىرىدا قۇربانلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى رەتلەندى. قۇربانلىق قىلىش ئورۇنلىرىدىكى تەرتىپسىزلىك، ئاڭسىزلىق، مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى قاتارلىقلار ئايرىم يېزىلىدىغان بولغاچقا بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىدى.

دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار:

  1. قۇربانلىقنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن نۇمۇرىنى دۈمبىسىنىڭ ئىككى يېنىغا (يەنى قۇرساق قىسمىغا) ئەمەس، ئۇمۇرتقا تەرەپكە ياكى بويۇن قىسمىغا يازدۇرۇش لازىم. بولمىسا بىر كېچىدە ماللار بىر بىرى بىلەن سۈركۈلۈپ يېزىپ قويغان نۇمۇر ئۆچۈپ كېتىدۇ. قۇربانلىق قىلغۇچى بولسا قۇربانلىقنىڭ رەسىمىنى تارتىۋېلىشى كېرەك. ھېيت كۈنى بېرىپ رەسىمگە قاراپ ئىزدىگەندە ئاسانراق تاپقىلى بولىدۇ.
  2. ئالدىن قاسساپ ئۇقۇشۇپ قويۇش لازىم. ئەلۋەتتە چاقچاق تەرىقىسىدە ئەمەس، قارشى تەرەپنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلىگەن ھالدا قانچە پۇل بېرىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا دىيىشىپ قويۇش لازىم. بولمىسا «خەقنىڭ ئىشىغا تومۇزدىمۇ قول توڭلاپتۇ« دەپ ۋاقتى كەلگەندە ساقلاپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدىغان ئىش.
  3. قوي ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەتئىي ئىشەنچ باغلىماسلىق كېرەك. ئۇلارنىڭ بەرگەن نۇمۇرى، رەت تەرتىپى، قاسساپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، سىزنى چاقىرىشى دېگەنلەر ۋاقتى كەلگەندە قالايمىغان بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلارمۇ قولىدىن كېلىشىچە ياخشى قىلىشقا تىرىشىدۇ، لېكىن بەزى نەرسىلەرگە ھەقىقەتەن ئامال يوق بولغاچقا تەدبىرلىك بولۇش لازىم. ھېيت كۈنى ھەممە ئادەم مەيدانغا چۈشۈۋېلىپ، دۇنيادا ئۆزىنىڭ قازىنى چوقۇم بىرىنچى بولۇپ قاينىشى كېرەكتەك ئالدىرايدۇ. شۇڭا ئۆچرەت، تەرتىپ دېگەندەك نەرسىلەر ئاساسەن يوق بولىدۇ. كىم گام-گۇم بولسا، سەل چاققانراق بولسا «بازار چاققانىڭ« بولىدۇ.
  4. قۇربانلىقنى باغلاپ تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بىرە-ئىككى مېتىرلىق كىچىك ئارغامچا ئېلىۋېلىش لازىم. ئېغىلدىن قوچقارنىڭ مۈڭگۈزىدىن تۇتۇپ سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ قاسساپ ساقلاش ئەزىيەتلىك ئىش. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىمىز كىچىك ئارغامچا ئېلىۋالساقلا بولىدۇ. سەل ئۇزۇن ساقلاپ قالغاندىمۇ قۇربانلىقنى ئارغامچا بىلەن تۇتساق بەك جاپا تارتىپ كەتمەيمىز.
  5. پىچاق ئېلىۋېلىش. كونىلاردا «كېرەك تاشنىڭ ئېغىرلىقى يوق« دەيدىغان گەپ بار. ئۆزىمىز بوغۇزلاپ، سويالماي قالساقمۇ قۇربانلىق قىلىش مەيدانىدا بىرە تۇنۇش چىقىپ قالسا پىچاقنى بېرىپلا ئىشنى پۈتتۈرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇستا قاسساپلار قولىدا پىچاق يوق بولغاچ چەتتە ساقلاپ تۇرۇپ قالىدىغان ئەھۋالنى كۆپ كۆردۈم. ئەلۋەتتە، بۇنداق سورۇندا پىچاق يۈتۈپ كېتىش ناھايىتى نورمال ئەھۋال. ئۆز مېلىغا چىڭ بولۇپ لازىم. بىرسى «مەن بىردەم ئىشلىتىۋالاي« دېدىمۇ، بولدى، ئۇ پىچاق ئاساسەن يوقلا بولىدۇ.
  6. قۇربانلىق قىلىدىغان يەرگە يېڭى ئالغان ھېيتلىق كىيىملەرنى كېيىپ بارماسلىق كېرەك. نېمە ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى دېمىسەممۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. (شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان قۇربانلىق قىلىش ئورۇنلىرىدا ھېيتلىق كىيىملەرنى كىيىپ بېرىش ئىمكانىيىتى بار. چۈنكى قاسساپلار سىزنى يېقىن يولاتماي تۇرۇپمۇ قۇربانلىقنى پارچىلاپ، خالتىغا سېلىپ، تەييار قىلىپ بېرىدۇ.)
  7. گۆش سالىدىغان خالتىنى ئۆيدىن ئېلىۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. قۇربانلىق قىلىش مەيدانىدا ئۇيغۇر بالىلار خالتا ساتىدۇ. شۇ يەردىن نورمال باھادا ئالغىلى بولىدۇ. شۇ خالتا ساتىدىغان بالىلارغا ھېيتلىق ھېسابىدا پايدا قىلىپ بەرسەك ياخشى دەپ ئويلايمەن. ئاز دېگەندەك تۆت بەش خالتا تەييارلىۋېلىش لازىم. ئىزدىگەندە خالتا چىقماي قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوينى ئېسىپ پارچىلىغان ۋاقىتنى ساقلىماي، بوغۇزلانغان ۋاقىتتىلا تەييارلىۋېلىش لازىم. ھەممە نەرسىنىڭ تەييار تورىشى ئىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.
  8. قاسساپلىقتىن خەۋىرى يوق ھەم يېنىدا بىرە ئۇستا ھەمراھ بولمىغان كىشىلەر قۇربانلىق مالغا چېقىلمىغىنى ياخشى. قوينى ئاسقاندا قوينىڭ قولىدىن ئېسىپ قويغان قېرىنداشلارنى كۆردۈم. ئەلۋەتتە قاسساپقا پۇل بېرىشنى خالىمىسا، بىرە تۇنۇش-بىلىشىمۇ بولمىسا ئالدىراپ- تىنەپ بوغۇزلاپ، سويىمەن دېيىشنىڭ ئورنى يوق. ساقلاپ تۇرۇپ ئادەم ئاز قالغان ۋاقىتتا قىلسىمۇ ئوخشاشلا بولىۋېرىدۇ.
  9. قۇيقىلاش، تېرە سويۇش ئىشىنى ھەل قىلالمايدىغانلار، قۇربانلىقنىڭ بېشىنى، پۇتلىرىنى ئېلىۋالمىسىمۇ بولىدۇ. مەن بۇرۇن نەچچە قېتىم ئېلىۋېلىپ ئۆزۈم تازلىيالماي ئاخىرى تاشلىۋەتكەن ئىدىم. ماڭا ئوخشاشلا بولسا ئاۋارە بولۇپ ئۆيگە ئېلىپ كېلىپ يۈرمەي شۇ يەردىكى ئېھتىياجى بارلارغا بەرسە بولىدۇ. قۇربان ھېيتتىن باشقا ۋاقىتتا قوي سويغاندا قاسساپقا ئېيتىپ پاچاقلارنى تازىلىتىپ، باشنى چاقتۇرۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما قۇربان ھېيتتا ئۇنداق قىلىش ھېچ قارشى ئېلىنىدىغان ئىش ئەمەس. چۈنكى ئادەم بەك كۆپ، قاسساپلار بەك ئالدىراش.
  10. ئاۋارىچىلىقتىن قورقىدىغانلار، ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگەندە قازىنى قاينىمىسىمۇ بولىدىغانلار پېشىندىن كېيىن، ھەتتا ئەسىر نامىزىغا يېقىن قۇربانلىق قىلىش ئورنىغا بارسىمۇ بولىدۇ. ئادەممۇ ئاز، مۇھىتىمۇ پاكىز راھەت شەكىلدە قۇربانلىق قىلغىلى بولىدۇ.

مەنچە بۇ نۇقتىلارغا دېققەت قىلغان ۋاقىتتا بىر قەدەر ئاسان يول بىلەن قۇربانلىقنى تەييارلىغى بولىدۇ. يەنە تولۇقلايدىغان نۇقتىلار بولسا قوتۇپ قويىمەن.