قۇربان ھېيتتىكى تەجرىبىلىرىم (2)

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

    ئۆتكەن يىلى “قۇربانلىق قىلىش تەجرىبىلىرىم” نى ئورتاقلاشقان ئىدىم. بۇ يىل ھېيتتىن بۇرۇن شۇ خاتىرەمنى قايتىدىن ئوقۇپ چىقىشىم نۇرغۇن ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرغان بولدى. بۇ يىلمۇ قۇربان ھېيت تەييارلىقىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى ھېس قىلدىم ۋە بۇرۇنقى يازمىنىڭ داۋامى شەكلىدە رەتلەپ، تەييارلاپ قويدۇم.

ھېيتتىن بۇرۇن تەييارلىق قىلىش كېرەك بولغان ئىشلار:
  1. بالىلار ئۈچۈن ھېيتلىق پۇل تەييارلىۋېلىش: ھېيت- ئايەملەردە ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەر، قولۇم-قوشنىلارنىڭ بالىلىرىغا ھېيتلىق بېرىش ھېيتنىڭ جوشقۇسىنى ھېس قىلدۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم. شۇڭا ھەر كىم ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن پارچە پۇل تەييارلىۋېلىش كېرەك دەپ ئويلايمەن. بالىلار تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغاندا ئاندىن يانچۇقنى ئاقتۇرۇپ، يا بولمىسا يامان چوڭ پۇل چىقىپ قالىدىغان، يا بولمىسا ھېچ نېمە چىقمايدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھېيتتىن بىر بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بانكاماتىكتىن پۇل چىقىرىۋېلىش، ھېيتلىق بېرىدىغان پۇللارنى ئايرىم يانچۇققا سېلىپ تەييارلاپ قويۇش لازىم. بۇنداق بولغاندا، بالىلارنى كۆرگەن ۋاقىتتا، ئىككىلەنمەيلا يانچۇقتىن خالىغان بىر ۋاراقنى چىقىرىپ بەرگىلى بولىدۇ.
  2. نەق پۇل تەييارلىۋېلىش: ھېيتتىن بۇرۇن بالىلارغا بېرىدىغان ھېيتلىق پۇلنىلا ئەمەس، قۇربانلىقنىڭ پۇلى ۋە باشقا ئىشلار ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان نەق پۇلى تەييارلاپ قويۇش لازىم. ھېيت كۈنى ئەتىگەندە بانكاماتىكلاردا ئۆچرەت بولىدىغان، بانكاماتىكتا پۇل تۈگەپ كېتىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. بۇلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن يېتەرلىك نەق پۇل تەييارلاپ قويۇش لازىم.
  3. قۇربانلىق ئۈچۈن يېتەرلىك خالتا ئېلىۋېلىش: مەيلى ئورۇنلاشتۇرغۇچى تەرەپ “خالتا بېرىمىز، بىز ھەل قىلىمىز”، دېگەن بولسۇن بولمىسۇن، بىر كۈن بۇرۇن تاللا بازىرىدىن كېرەكلىك نەرسەلەرنى ئېلىۋېلىش ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىن، ھەم كۆڭۈل خاتىرجەملىكى جەھەتتىن ناھايىتى ياخشى. يەرلىكلەر بىزگە ئوخشاش ئۆپكە ھېسىپ، پۇت، باش قاتارلىقلارنى ئېلىۋالمايدىغان بولغاچقا، ئۆز ئەھۋالىمىزغا ئاساسەن گۆش، ياغ، ئۆپكە، قېرىن، پۇت ۋە باش قاتارلىقلارنى ئايرىم- ئايرىم قاچىلاش ئۈچۈن ئاز دېگەندە بەش خالتا ئېلىۋېلىش لازىم. كۆپرەك ئېلىۋالساق تېخى ياخشى. ۋاقتى كەلگەندە تەييارلىقسىز كېلىپ قالغان قېرىنداشلارغا بەرسەكمۇ ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
  4. سوپۇن، قەغەز ئېلىۋېلىش: قۇربانلىق قىلغىلى بارغاندا كىچىك قۇتىدىكى قول يۇيۇش سوپۇنى، قەغەز ئېلىۋېلىش لازىم. قۇربانلىق قىلغۇچى ئازدۇر- كۆپتۇر قوي بوغۇزلاش، سويۇش، پارچىلاش دېگەندەك ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپ قالىدۇ. ئورۇنلاشتۇرغۇچى سۇ، سوپۇن دېگەندەك نەرسىلەرنى تەييارلىسىمۇ، ۋاقتى كەلگەندە يەنىلا “ئۆزۈم ئەكېلىۋالساممۇ بوپتىكەن”، دەيدىغان ئىش بولىدۇ. شۇڭا كىچىك بىر سوپۇننى، قەغەزنى ئېلىۋېلىش ئىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.
  5. ئىچىملىك سۇ ئېلىۋېلىش: ھېيت كۈنلىرىدە بىر قىسىم دۇكان، تاللا بازارلىرى ئېچىلمايدىغان بولغاچقا، بولۇپمۇ سەھرالاردا قۇربانلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئىچىدىغان سۇ ئېلىۋېلىش ناھايىتى مۇھىم. ئۆيگىمۇ ھېيتتىن بىر ئىككى كۈن بۇرۇن نورمالدىكى ئىستېمالدىن بىر ھەسسە كۆپرەك ئىچىملىك سۇ ساقلاپ قويۇش لازىم.

   دادام دائىم “ئۆز ئىشلىرىڭغا پۇختا بولغىن”، دەيتتى. ئىشىنىمەنكى ھېيتتىن بۇرۇن بۇ يازمىنى بىر قېتىم ئوقۇپ قويۇشنىڭ مۇھىم ئىشلارنى ئەسكەرتىشتە ياخشى ئۈنۈمى بولىدۇ.

ئىنكاس يازىمەن