مېنىڭ ئىسمىم قىزىل – ئورخان پامۇك

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 4 مىنۇت

   “مېنىڭ ئىسمىم قىزىل”ناملىق ئەسەردە 1591- يىلى ئوسمانىيە پادىشاھى ئۈچىنچى مۇرات زامانىدا ئىستانبۇلنىڭ قارلىق قىش ۋاقتىدىكى توققۇز كۈنلۈك ۋەقەلىك بايان قىلىنغان. روماننىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، كىتابتىكى ھەر بىر پىرسۇناژنىڭ ۋەقەلىكنى ئۆز تىلىدا بايان قىلغانلىقىدۇر. جانسىز شەيئىلەرنىڭمۇ ھەتتا ئۆلۈمنىڭمۇ ھېكايىنى ئۆز تىلىدا تەسۋىرلىشى ئوقۇرمەنگە ئاجايىپ زوق بېشىغلايدۇ.

   ئاپتورنىڭ” ئەڭ رەڭدار رومانىم” دەپ تەرىپلىگەن بۇ ئەسىرى، ئورخان پامۇكنىڭ دۇنيادا ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتابى ھېسابلىنىدۇ. 59 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان رومان مەن بىر جەسەت، مەن بىر ئىت، مەن ئورخان، مەن بىر تۈپ دەرەخ، مەن پۇل، مەن ئات، مەن شەيتان…قاتارلىق تېمىلار بىلەن ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ھېكايىنى بايان قىلىدۇ.

رومان ھەققىدە

   ئوردا سەنئەتچىسى نازاكەتلىك ئەپەندى بىر كېچىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ ۋە قۇدۇققا تاشلىۋېتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلىمى بىلەن سەنئەتچىلەرنىڭ ئىشلىرى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. ئىستانبۇلدا قورقۇش، ۋەھىمە ھۆكۈم سۈرگەن شۇ كۈنلەردە، سەنئەتچىلەر قەھۋەخانىدا مەدداھلارنىڭ ھېكايىلىرى بىلەن ھوزۇر سۈرۈپ ياشايدۇ.

   نازاكەتلىك ئەپەندى ئەسلى كېپىنەك، زەيتۇن ۋە لەيلەك بىلەن بىرلىكتە باش نەقىشچى ئۇستاز ئوسماننىڭ نەقىشخانىسىدە ئىشلەيتتى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نازاكەتلىك ئەپەندى پادىشاھنىڭ يېزنە تاغىغا تاپشۇرغان ۋە ھەممە كىشىدىن مەخپى تۇتقان كىتابى ئۈچۈنمۇ رەسىم سىزىشقا باشلايدۇ. نازاكەتلىك ئەپەندى بۇ كىتابنىڭ ئىشىنى ئۇستازى ئوسماندىنمۇ مەخپى تۇتىدۇ. يېزنە تاغىنىڭ كىتابىغا رەسىم سىزىپ ئۇستاز ئوسمانغا خىيانەت قىلغانلىقىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ يەنىلا ئىشىنى داۋام قىلىدۇ.

   كىتاب ئىشى باشلىنىپ بىر يىلدىن كېيىن يېزنە تاغىنىڭ جىيەنى قارا ئىستانبۇلغا قايتىپ كېلىدۇ. يېزنە تاغا كىتاب ئىشنى قاراغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارارىغا كېلىدۇ. قارا بىلەن يېزنە تاغىنىڭ قىزى شەكۈرە ئوتتۇرسىدا بۇرۇنقى ئىشىق ئوتى بار ئىدى.

   قارا ئىستانبۇلدىن ئايرىلغان 12 يىل جەرياندا شەكۈرە توي قىلىپ شەۋكەت ۋە ئورخان ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بولىدۇ. ئەمما شەكۈرەنىڭ ئۇرۇشقا كەتكەن ئېرى تۆت يىلنىڭ ياقى قايتىپ كېلەلمەيدۇ. شەكۈرە مەلۇم ۋاقىت قېيناتىسىنىڭ يېنىدا قالغان بولسىمۇ، ئېرىنىڭ ئىنىسى ھاساننىڭ ئۆزىگە قارشى باشقىچە ھېسلىرىدىن بىئارام بولۇپ دادىسىنىڭ ئۆيىگە قايتقان كېلىدۇ.

   نازاكەتلىك ئەپەندىنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن نەقىشچىلەر ئوتتۇرسىدا بىر قورقۇش پەيدا بولىدۇ. بۇ كىتابتىن ھېچكىمنىڭ خەۋىرى يوق بولغاچقا قاتىلنىڭ نەقىشچىلەردىن بىر ئىكەنلىكىنى ھەممىسى تونۇپ يېتىدۇ.

   يېزنە تاغا قاتىلنى تېپىش ئىشىنى قاراغا تاپشۇرىدۇ. قارا پۈتۈن نەقىشچىلەر ۋە ئۇستاز ئوسمان بىلەن كۆرۈشىدۇ، ئەمما قاتىلنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تاپالمايدۇ. دەل بۇ ۋاقىتتا پادىشاھ ئۈچۈن تەييارلانغان كىتاب ئىشى سىرتقا يېيىلىپ كېتىدۇ. كىتابتىكى ئاخىرىقى رەسىمنىڭ دىنسىزلىق تەرغىپ قىلغانلىق ئىغۋاسى تارقىلىدۇ. قارا نازاكەتلىك ئەپەندىنىڭ بۇ رەسىمنى كۆرۈپ قېلىپ قورقۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە شۇ سەۋەبتىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ.

   بۇ كۈنلەردە شەكۈرە بىلەن قارا ئوتتۇرسىدا ئېستېر ئارقىلىق مەكتۇبلار يېزىلىدۇ ۋە قارا شەكۈرە بىلەن ئۆيلىنىشنى ئويلايدۇ. قارا شەكۈرەنى بىر كېچە ئۇچرىشىشقا قايىل قىلىدۇ. قارا بىلەن كۆرۈشۈپ قايتىپ كەلگەن شەكۈرە، دادىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرىدۇ.

   قاتىل يېزنە تاغىنى ئۆلتۈرۈپ كىتابتىكى ئاخىرقى رەسىمىنى ئېلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ كېچىسى بالىلارغا ھېچ بىر نەرسە دېمىگەن شەكۈرە ئەتىسى ئەتىگەندە قاراغا خەۋەر يوللاپ دادىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئىككىسى دەرھال توي قىلىشقا ۋە بۇ ئىشنى بىرلىكتە ئېنىقلاشقا كېلىشىدۇ. قارا يالغان شاھىدلار ئارقىلىق شەكۈرەنىڭ ئېرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتىپ، شەكۈرە بىلەن توي قىلىدۇ. توينىڭ ئەتىسى كۈنى دادىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى سىرتقا ئېلان قىلىدۇ. ئاندىن پادىشاھقا يېزنە تاغىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ئاخىرقى رەسىمنىڭ ئورۇنلانغانلىقىنى ئېيتىدۇ. پادىشاھنىڭ ئالدىدا پۈتۈن نەقىشچىلەر ۋە قارا شۈبھىلىك ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

   شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇستاز ئوسمان ۋە قاراغا قاتىلنى تېپىش ئىشىنى تاپشۇرىدۇ. قاتىلنى ئىزدەۋېتىپ، قارا نازاكەتلىك ئەپەندى ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقىتتا ئۈستىدىن چىققان بىر رەسىمنى بايقايدۇ. بۇ رەڭلىرى تارىلىپ كەتكەن بىر ئات رەسىمى ئىدى. ئات رەسىمىنى ئۇستاز ئوسمان بىلەن بىرلىكتە ئۇزۇن ۋاقىت كۆزىتىدۇ. سارايغا قايتىپ نۇرغۇن كىتابلاردىن ۋاراقلاش ئارقىلىق بۇ رەسىمنى كىمنىڭ سىزغانلىقىنى تېپىپ چىقىدۇ. قاتىل تۆت كىشىنىڭ بىرسى ئىدى.

   قارا ئۆيگە قايتىقاندىن كېيىن قەھۋەخانىدا كېپىنەكنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما كېپىنەكنىڭ ئۆيىدىن ھېچ بىر نەرسە تاپالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن قارا كېپىنەكنى ئېلىپ زەيتۇننىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇشقا بارىدۇ. ئىككىسى بىرلىكتە زەيتۇننىڭ ئۆيىنى ئاختۇرىدۇ، لېكىن مەدداھلارنىڭ ئىشلەتكەن رەسىملىرىدىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالمايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا لەيلەكنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. ئەمما ئۇ يەردىمۇ ھېچ نەرسە تاپالمايدۇ.

   ئەڭ ئاخىرىدا ئۈچەيلەن بىرلىكتە زەيتۇننى تاپىدۇ ۋە بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئەسلىشىپ مۇڭدىشىدۇ. پاراڭلىشىش جەريانىدا قاتىل ئۆزىنى چاندۇرۇپ قويىدۇ ۋە ھەممىسى قاتىلنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدۇ. قاتىل بىلەن ئېتىشىش جەريانىدا قارا قاتتىق يارىلىنىدۇ.

   قېچىش ئۈچۈن يۈگۈرگەن قاتىل بولسا ھاسان تەرىپىدىن خاتا تونۇلۇپ قېلىپ چېپىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. قاتىلنىڭ تېپىلىشى پۈتۈن نەقىشچىلەرنى راھەت قىلىدۇ ۋە بۇرۇنقى ھالەتكە قايتىدۇ. قارا شەكۈرە بىلەن بىرلىكتە ھايات كەچۈرىدۇ.

شەخىسلەر

   نازاكەتلىك ئەپەندى: كىتابلارغا قىستۇرما رەسىم سىزىش ۋە كىتاب بېزەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نەققاش. ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن جەسىتى سۈيى تارتىلىپ كەتكەن بىر قۇدۇققا تاشلىۋېتىلىدۇ. ھېكايە ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى بىلەن باشلىنىدۇ.

   يېزنە تاغا: رەسسام، پادىشاھ ھىجرەتنىڭ 1000- يىللىق خاتىرە كۈنىگە ئۈلگۈرتۈپ مەخپى شەكىلدە كىتابنى پۈتتۈرۈشنى يېزنە تاغىدىن تەلەپ قىلىدۇ ۋە ۋەقەلىك شۇنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىلگىرىلەيدۇ.

   شەكۈرە: باش قەھرىمان. يېزنە تاغىنىڭ قىزى. قارانىڭ ئاشىقى. ئورخان، شاۋكەت ئىسىملىك ئىككى بالىنىڭ ئانىسى.

   قارا: شەكۈرەنىڭ نەۋرە ئاكىسى. شەكۈرەگە ئاشىق يىگىت. يېزنە تاغىنىڭ ياردەمچىسى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىدۇ.

  ئۇستاز ئوسمان: ئۇستا رەسسام. باش قەھرىمان كېپىنەك (يەكشەنبە)، زەيتۇن (سەيشەنبە)، لەيلەك (جۈمە) ۋە نازاكەتلىك ئەپەندى (چارشەنبە) قاتارلىقلارنىڭ ئۇستازى. ھېكايە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى نازاكەتلىك ئەپەندىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن باشلىنىدۇ.

   ھاسان: شەكۈرەنىڭ قېينئىنىسى. شەكۈرەگە كۆڭلى بار يىگىت. قاتىل زەيتۇننى يولدا خاتا تونۇپ قېلىپ ئۆلتۈرۋېتىدۇ.

   ئېستېر: ساۋاتسىز بىر يەھۇدى ئايال. شەكۈرە بىلەن قارا ئوتتۇرسىدا مەكتۇپ يەتكۈزىدۇ.

روماندىن ئارىيە

   1. مەن بىچارە، يەنى سىلەر كۆرۈپ تۇرغان دەرەخ رەسىمى ئەنە شۇنداق ماھارەت بىلەن سىزىلمىغانلىقىم ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر قىلىمەن. بۇ پەرەڭ ئۇسلۇبى بويىچە سىزىلغان بولسام، مېنى راست دەرەخ دەپ ئويلاپ قالغان ئىستانبۇلنىڭ پۈتۈن ئىتلىرى كېلىپ ماڭا سىيىشىدىن قورققانلىقىم ئۈچۈن شۇنداق دېگىنىم ئەمەس. چۈنكى، مەن بىر ھەقىقىي دەرەخنىڭ ئۆزى ئەمەس، پەقەت مەنىسى بولۇشنىلا ئويلايمەن.

   2. شۇنداق قىلىپ، مەن ئۆز رەڭگىمنى نامايەن قىلغاندا، گويا ئالەمگە”قىزىل بول!” دەيمەن ۋە ئالەم مېنىڭ قان رەڭگىمگە ئايلىنىدۇ. كۆزى كۆرمەيدىغانلار بۇنى ئىنكار قىلىدۇ، لېكىن ھەممە يەردە مەن مەۋجۇد.

   3. ئورنۇمدا بولساڭلار، باشقا بارلىق رەسسام بۇرادەرلىرىڭلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ماڭا ئوخشاش قىلاتتىڭلار، دېدىم.

ئۇلارنىڭ سۆزۈمنى توغرا تاپقانلىقىنى ئاڭلاپ يىغلىۋەتكىم كەلدى. زادى ماس كەلمەيدىغان مېھرىبانلىق قەلبىمنى يۇمشاتقانلىقى ئۈچۈن ھەممىنى دەۋەتمەكچى بولدۇم، لېكىن بۇ سەۋەبتىن ئەمەس ئىدى؛ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىۋەتكەن قۇدۇقنىڭ تېگىگە گەۋدىسى ئۇرۇلغاندا چىققان ئاۋازنى قايتا ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن، دېمەكچى ئىدىم، لېكىن بۇ سەۋەبتىنمۇ ئەمەس.

بالىلىقىمدا نامرات مەھەللىمىزدىن دائىم ئۆتىدىغان بىر ئەما بوۋاي كۆز ئالدىمدا گەۋدىلەنگەنىدى؛ ئۇ پاسكىنا كىيىملىرىدىن تېخىمۇ پاسكىنا ئۇزۇن ساپلىق بىر تۆمۈر قاچىنى چىقىرىپ، مەھەللە كۆلچىكىنىڭ بېشىدا يىراقتىن قاراپ تۇرغان بىز بالىلارغا قاراپ:”بالام، قايسىڭلار بۇ ئەمە تاغاڭلارنىڭ قاچىسىغا كۆلچەكتىن سۇ ئەكىلىپ بېرىسىلەر؟” دەيتتى.

ھېچكىم ئۇنىمىغاندا:” ساۋاب بولىدۇ، بالام، ساۋاب!”دەيتتى.

ئۇنىڭ كۆز قارچۇقلىرى خىرەلىشىپ، كۆزلىرىنىڭ ئېقىغا ئوخشاش بولۇپ قالغانىدى.

ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسىدە شۇ ئەما تاغىغا ئوخشاش بولۇپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ، يېزنە تاغا جابانلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە قانداق كۆڭلۈم قىيغانلىقىنىمۇ تېزلا ئىقرار قىلدىم ۋە ئۇنىڭدىن قىلچە لەززەتنىمۇ ھېس قىلمىدىم. بەكمۇ راستىنى ئىيتىۋەتمىدىم، ئېيتماي ئېلىپمۇ قالمىدىم.

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قەلبىمنى زىيادە ھاياجانلاندۇرمايدىغان بىر ئاساس تاپقاندا، ئۇلارنىڭ مېنىڭ يېزنە تاغا جانابلىرىنىڭ ئۆيىگە ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن بارمىغانلىقىمنى چۈشەنگەنلىكىنى سەزدىم

“ئۇنى ئالدىن نىيەت قىلىپ ئۆلتۈرمىدىم” دېمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشەنگىنىدەك، “يامان نىيەت بولمىسا، كىشى جەھەننەمگە كىرمەيدۇ” دەپ ئۆزۈمگە سەۋەب ۋە ئۆزۈرلەرنى تاپقانلىقىمنىمۇ چۈشەندى.

   4. يېزنە تاغاڭنى ئىككى ئىش ئۈچۈن ئۆلتۈردۈم. بىرى، ئۇ ئۇلۇغ ئۇستاز ئوسماننى پەرەڭ رەسسامى شېباستىيانۇنى مايمۇندەك دوراشقا مەجبۇرلىغانلىقى ئۈچۈن. يەنە بىرى، ئاجىزلىق كۆرسىتىپ ئۇنىڭدىن “مېنىڭ شەخسىي ئۇسلۇبۇم بارمۇ؟” دەپ سورىغانلىقىم ئۈچۈن.

   5. ئىنسان ئەسلىدە بەختىيارلىق تەسۋىلەنگەن رەسىمدىكى تەبەسسۇمنى ئەمەس، بەختىيار ياشاشنى ئىزدەيدۇ. رەسساملار بۇنى بىلىدۇ، ئەمما سىزالمايدىغىنىمۇ شۇدۇر. شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ھاياتتىكى بەختىيارلىقنىڭ ئورنىغا كۆزى كۆرگەن خۇرسەنلىكنى قويىدۇ.

   6. كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جۈملىسى “چۈنكى ئۇ ھېكايىسىنى تەسىرلىك بولسۇن ۋە بىزنى ئىشەنسۇن دەپ ھەرقانداق يالغاننى ھېيىقماستىن توقىۋېرەتتى.”

تەنقىدلەر

  مۇرات بارداقچى: “مېنىڭ ئىسمىم قىزىل” رومانى، ھېكايىسى ۋە بايان قىلىش شەكلى جەھەتتىن ئامېرىكىلىق يازغۇچى مايلېرنىڭ (Mailer) ” Ancient Evenings ” رومانىنىڭ بىر كۆچۈرۈلمىسى خالاس.

   ئورخان پامۇك، Das Magazin ئاتلىق شۋېتسارىيە ھەپتىلىك گېزىتىدە بەرگەن مەلۇماتىدا،”بۇ تۇپراقلاردا 30 مىڭ كۇرت ۋە بىر مىليون ئەرمىنىيەلىك ئۆلتۈرۈلدى. مېنىڭدىن باشقا ھېچكىم بۇلارنى دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىدى.” دېگەن ئىپادىلەرنى قوللانغان.بۇ سەۋەبتىن تۈركىيە جازا قانۇنىغا ئاساسەن”تۈركلۈككە ھاقارەت” نامى ئاستىدا ئەرز سۇنۇلغان بولسىمۇ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى بىلەن ئەرزنى قايتۇرۋېلىش بىلەن ئاخىرلاشقان.

   روماندا پارىس رەسىم سەنئىتىنىڭ قالاق ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقى ۋە فرانك رەسىملىرىگە بولغان قىزىقىشنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى تېما قىلىغان. بۇمۇ ئورخان پامۇكنىڭ شەرقشۇناس دىگەن ئاتاققا قېلىشىغا سەۋەب بولغان. ھەتتا بۇ كىتابنىڭ تۈركلەرگە ئەمەس، غەرب ئۈچۈن يېزىلغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلەرمۇ بولغان.

تەسىراتلار

   روماننى ئوقۇپ بولۇپ، تەسىراتلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشقان، ئوقۇشقا دەۋەت قىلغان بولساممۇ، ئەمما ئەسەرنىڭ قەلبىمدە كۆتۈرگەن لەرزى تۈگىمىگەن ئىدى. قايتا قايتا ۋاراقلاپ ئوقۇدۇم. روماندا قاتىلنىڭ بايانلىرى Dostoyevsky نىڭ”جىنايەت ۋە جازا” رومانىنى ئەسلەتسە؛ ھېكايىدىكى مۇرەككەپ مۇھەببەت، ھېسسىيات تۈگۈنلىرى ماڭا خىتاي درامىسى “گۈلدۈرماما” نى ئەسلەتكەن بولدى.

   “مېنىڭ ئىسمىم قىزىل” دا بىر سەنئەتكارانە روھ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت ئېڭى، غايىۋى ئوبرازلار تۈركۈمى ۋە كامالەتكە يەتكەن بەدىئىي پەللە تۇرۇپتىكى، ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئوسمانىيە جەمئىيىتىنى مۇكەممەل ماي بوياق رەسىم ھالىتىدە كۆز ئالدىمىزدا يورۇتۇپ بەرگەنلىكتە ئىپادىلىنىدۇ.

   روماننىڭ تەسۋىرلىرى ئاجايىپ چوڭقۇر، مۇرەككەپ ھەم رەڭدارلىققا ئىگە. بىر قارىسا كىتابخان ھېكايىنى دەماللىققا چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ، يەنە بىر قارىسا ئۇنىڭ تېگىگە يوشۇرۇنغان ھايات ھەقىقەتلىرىدىن ئەقلى لال بولۇپ، روھىي جەھەتتىن بىر مەزگىللىك ھاڭ – تاڭلىققا چۆكىدۇ. ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇن ئۇزاق بىر دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، قۇرۇلمىسى تەرتىپسىز ۋە يەنە مۇنتىزىم، كىشىنى جەلپ قىلىش كۈچى چەكسىز قۇدرەتكە ئىگە.

   مېنىڭ ئىسمىم قىزىل شۇنداق بىر ھېكايىكى، جەسەتلەرنىڭ، شەيتانلارنىڭ، ئىتلارنىڭ ۋە ھەتتا ئالەمدىكى پۈتۈن رەڭلەرنىڭ زۇۋانغا كېلىپ بىر رەسىم ئىچىدە گەپ قىلغانلىقى، غەلىتە بىر شەكىلدە يېزىلغان شاھانە بىر ئەسەر. قىزىلدىن قارىغا، كىپىنەكتىن زەيتۇنغا، شەيتاندىن جەسەتكە ھەر بىر قەھرىماننىڭ روھىنىڭ، ئوقۇرمەننىڭ زېھنىگە ئىنچىكە، نازۇك تەسىر قىلغان بۇ ئەسەرنىمۇ شىددەت بىلەن تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەسكەرتىش

   ئەرمىنىيە مەسىلىسىدە ھەقىقەتنى بىلىشنى خالايدىغانلار تۈركىيىدىكى داڭلىق ئاكادېمىك مىم كامال ئۆكەنىڭ “ئەرمىنىيە مەسىلىسى” ناملىق كىتابىنى ئوقۇپ باقسا بولىدۇ. يازغۇچىنىڭ ئەرمىنىيە مەسىلىسىگە بولغان قارىشى بۇ كىتابنى ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقنى ئازايتىۋەتمەسلىكىنى ئۈمىت قىلىمەن.

   “مېنىڭ ئىسمىم قىزىل” نى تېما قىلغان “بىر كىتاب بىر ئالەم” پروگراممىسى ئىشلەنگەن بولۇپ، قىزىققۇچىلار ئاستىدىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىلەر.

   بىر كىتاب بىر ئالەم

   كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى تۈركچە كارتون شەكلىدە تونۇشتۇرغان ۋىدىيونى بۇ ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىلەر.

“مېنىڭ ئىسمىم قىزىل” قىسقا كارتون ڧىلىم

كىتاب ئۇچۇرى

تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: توختى ھاجى تىللا

مىللەتلەر نەشرىياتى

665 بەت

30 لىرا

ئىنكاس يازىمەن