بەس-مۇنازىرە

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىڧەنىڭ ئوغلى ھامماد” مىنى چەكلىگەن ئىشلارنى ئۆزۈڭ قىلىدىكەنسەنغۇ؟ ” دېدى.

ئىمام ئەزەم دېدىكى:” ئەۋلادىم! بىز بەس-مۇنازىرە قىلغاندا، قارشى تەرەپنىڭ ھەق يولدىن ئادىشىپ كېتىش ئەندىشىسى بىلەن خۇددى بېشىمىزدا بىردىن قۇش باردەك، ھەر ۋاقىت ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك قورقۇش ئىچىدە مۇئامىلە قىلاتتۇق، شۇڭا ئويلاپ گەپ قىلاتتۇق. ھالبۇكى سىلەر بەس-مۇنازىرە قىلغاندا، قارشى تەرەپنىڭ خاتالىق سادىر قىلىشىنى تىلەيسىلەر. بۇ قارشى تەرەپنىڭ كاپىر بولىشىنى تىلىگەندەك بىر ئىش. كىمكى قارشى تەرەپنىڭ كاپىر بولىشىنى تىلىسە، ئالدى بىلەن ئۆزى كاپىر بولىدۇ.  مەنتىقە ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئىلىملەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى ئۆلچەم بۇ شەكىلدە بولىدۇ.”

ئىنكاس يازىمەن