بەلكىم ھەممىگە يېتىشىمەن دېيىشنىڭ ھاجىتى يوقتۇر.

يېقىندا «تۆت مىڭ ھەپتە» ناملىق كىتابنى ئاڭلاپ چىقتىم.

كىتاب ۋاقىتنى قانداق تېجەش، قانداق ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ئەمەس. بەلكى ھاياتنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشقا مەركەزلەشكەن ئىكەن.

بىز ھەمىشە تېخىمۇ كۆپ كىتاب ئوقۇش، تېخىمۇ كۆپ تىل ئۆگىنىش، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش، بالىلارنى ياخشى تەربىيىلەش، ئاتا-ئانىمىزغا ياخشى قاراش، ھەتتا دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئالدىرايمىز. دۇنيادىكى ئەڭ نامرات ئادەمدىن ئەڭ باي ئادەمگىچە ھەممىسى ئىشقىلىپ بىر نەرسىلەرنى تېخىمۇ كۆپ قىلىشنىڭ كويىدا.

پەن – تېخنىكا ۋاقىتنى بەلگىلىك دەرىجىدە تېجەش بىلەن بىرگە، بىزنى تېخىمۇ ئالدىراش قىلىۋەتتى. ھەتتا ئاۋازلىق كىتابلارنى 2 ھەسسە تېزلىكتە ئاڭلاشقىمۇ كۆنۈپ قالدۇق. مەن ھەتتا بۇرۇنقى بىرپوستېردا قانداق قىلىپ يۇۋتۇيبتىكى ۋىدىئولارنى تېزلىتىشنى ئورتاقلاشقان ئىدىم. چۈنكى ئىچىمىزدە دائىم «بۇنى تېزرەك تۈگىتىپ، كېيىنكى ئىشقا ئۆتەي» دەيدىغان بىر خىيال بار. ئەمما كىتاب ئاڭلاۋاتقان شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىمۇ، يۇتۇبتىكى بىر مەنىسىز ۋىدىيونى كۆرۈۋاتقان شۇ ۋاقىتمۇ شۇ ھايات. ئۇنىڭدىن كېيىن باشلىنىدىغان باشقا بىر «ھەقىقىي ھايات» يوق ھەم مەڭگۈ كەلمەيدۇ.
مەسىلەن كىچىك شاھزادىدىكى يۇلتۇزلارنى سانايدىغان ئادەمدەك، ئۇ ساناپ بولسام ئەڭ باي بولسا دەيدۇيۇ، ئۇنداق كۈن مەڭگۈ كەلمەيدۇ. ئەمما بىز ئۆلۈپ كېتىمىز.

ئەسلى مەسىلە «قانداق قىلىپ ھەممە ئىشقا ئۈلگۈرۈش» ئەمەس، بەلكى مەن چەكلىك ۋاقتىمنى نېمىگە بېرىشنى خالايمەن، دېگەن سوئال بولۇشى كېرەك.

تاللاشنىڭ قىممىتىمۇ دەل مۇشۇ يەردە: بىر نەرسىنى تاللاش — باشقا مىڭلىغان مۇمكىنچىلىكتىن ۋاز كېچىش دېگەنلىك بولىدۇ. بالام بىلەن باغچىدا ئۆتكۈزگەن بىر چۈشتىن كېيىن، ئاتا-ئانام بىلەن قىلىشقان بىر تېلېفون، كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇغان بىر ناماز، ئالدىرىماي پىشۇرغان بىر تاماق، تېزلەتمەي ئاڭلىغان بىر كىتاب — بۇلار «كەلگۈسىدە كېلىدىغان تېخىمۇ مۇكەممەل بىر ھاياتقا تەييارلىق» ئەمەس. بەلكى بۇلارنىڭ ئۆزى ھايات بولىش كېرەك. قىلىۋاتقان ئىشنى تۈگىتىشكە ئالدىراش، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قىلىۋاتقان ئىشقا ۋاقىت سەرپ قىلىشنى خالىمىغانلىق، ئۇنىڭدىمۇ «ئەھمىيەتلىك» بىر ئىشنى قىلىشقا ئالدىراشتىن ئىبارەت. لېكىن ھەممىمىزگە ئايانكى، شۇ ئالدىرىغان « ئەھمىيەتلىك» ئىشىمىزنى قىلىشقا باشلىغاندا، ئۇنىمۇ بالدۇرراق تۈگىتىشكە ئالدىرايمىز.

مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ ئىسلامدىكى تەۋەككۈل چۈشەنچىسىگە زىت بىر خىل ھالەت. بىز چەكلىك ھاياتىمىزدا، قىلغان ئىشلارنىڭ نەتىجىسىنى كونترول قىلالايمەنغۇ دەپ، ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلىپ بولغاندىن كېيىن ياشاشنى باشلايمەنغۇ دەپ ئويلايمىز. بىراق ياشاشنى ھەرگىز باشلىيالمايمىز. بۇنى بىر كۈننى ئۈچكە ياكى تۆتكە بۆلۈپ ياشاش بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋالساق يەنە توغرا بولمايدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئاساستا، تەۋەككۇل ئارقىلىق ياشىسا، رەب كۆرسەتكەن يولدا خوشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ. بىز ئۆزىمىزنى قىيناپ چەكلىك ھاياتقا چەكسىز ئىشلارنى سىغدۇرۇشقا تىرىشىپ، نەتىجىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۆزىمىزنى قېيناپلا قالماي، ھازىردىنمۇ قۇرۇق قالىدىكەنمىز.

يەنە بىر تەرەپتىن «ئاستا ياشاش»نىمۇ يېڭى بىر نىشانغا، يېڭى بىر KPI غا ئايلاندۇرۇۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بەزى كۈنلەر بىكار ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزىدە تېلېفونغا بىر سائەت قاراپ قالىمىز، بەزىدە بالىغا ئاچچىقلىنىمىز، بەزىدە قىلغان ئىبادىتىمىزدىنمۇ رازى بولمايمىز. چەكلىك ئىكەنلىكىمىزنى قوبۇل قىلىش — مۇكەممەل ياشاش دېگەنلىك ئەمەس؛ مۇكەممەل ياشىيالمايدىغانلىقىمىزنىمۇ قوبۇل قىلىش دېگەنلىك.

سوئال بەلكىم ناھايىتى ئاددىي:

نېمىگە ئالدىرايمىز؟

كىتابلارنى تۈگىتەلمەي ئۆلۈپ كېتىشىمىز مۇمكىن. بىر تىلنى مۇكەممەل ئۆگىنەلمەي، دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەي، بالىلىرىمىزنى «مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادەم» قىلالماي ئۆلۈپ كېتىشىمىزمۇ مۇمكىن. بۇ نورمال. چۈنكى ھاياتنىڭ قىممىتى ھەممە ئىشنى تۈگىتىشتە ئەمەس، بىزگە بېرىلگەن مۇشۇ چەكلىك ۋاقىتنى كىمگە ۋە نېمىگە بېرىشنى تاللاشتا. تاللىغاندا ئاندىن قىممەت پەيدا بولىدۇ. تاللاش بولمىسا قىممەتمۇ بولمايدۇ. خۇددى بايلار پۇلدىن خوشاللىق تاپالمىغاندەك. پۇل تاللاپ خەجلەنگەندە ئاندىن قىممىتىنى تاپىدۇ.

بەلكىم ھەقىقەتەنمۇ، ئۇنچە ئالدىراشنىڭ،ھەممىگە يېتىشىمەن دېيىشنىڭ ھاجىتى يوقتۇر.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ