1984-جورج ئورۋېل

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت

Goodreads تا 20-ئەسىردىكى ئەڭ ياخشى يۈز روماننىڭ بىرىنچىسى بولۇپ باھالانغان؛ دەۋىر ھەپتىلىك ژورنىلى تاللىغان ئەڭ ياخشى رومانلارنىڭ تىزىملىكىدە 13- ئورۇندا تۇرغان كوللېكتىۋىزملىقنى قامچىلاش تېما قىلىنغان كىتاب. ھۆكۈمەتنىڭ قانداق قىلىپ خەلىقنىڭ قىلغان ھەر بىر ئىشىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى، كوللېكتىۋىزملىق ھۆكۈمەت بۇنىڭ بىلەنلا قالماي يەنە خەلىقنىڭ ئوي-پىكىرنىمۇ كونترول قىلىدىغان قورقۇنۇچلۇق ھالەت تەسۋىرلەنگەن. ئاپتور جورج ئورۋېل ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن ناتسىست گېرمانىيىدىن ئىلھام ئېلىپ بۇ ئەسەرنى يازغان. 1945-يىلى يېزىلغان ئەسەر ئەينى ۋاقىتتىكى ئوقۇرمەنلەرگە 1984- يىلدىكى ئەنگلىيىگە كوللېكتىۋىزملىق ھاكىمىيەت بىلەن باشقۇرۇلسا قانداق ھالدا كېلىپ قالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بەرگەن.

1984-يىلىدىكى لوندون شۇنداق دەھشەتلىك بىر ماكان سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. تويغۇدەك يېمەك يوق، كىيىدىغان، ئىشلىتىدىغان ھەممە نەرسە شۇنچىلىك قىس. شەھەرنىڭ ھەممە يېرى شۇنچىلىك بەربات، پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ پىرامىدا شەكىللىك بىناسىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ھۆكۈمەت بىناسى ئېسىل بىر ھالەتتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. كوچىدا پارتلىغان بومبىلارنىڭ نىمە ئۈچۈن، كىم تەرىپىدىن پارتىلىتىلغانلىقىنى ھېچ كىم بىلمەيدۇ ھەم بىلەلمەيدۇ. ئەڭ يامان يېرى ھاكىمىيەت« غوجاكاڭنىڭ كۆزى سەندە» دەپ خەلقنى ساراسىمىگە سالىدۇ.

ھاكىمىيەتتە چەكلەنگەن نۇرغۇن ئىشلار بار. ئۇلارنى قىلغان كىشىلەر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىلىدۇ. مۇھەببەتلىشىشكە ئوخشاش مەنىۋىيەت. ھىسسىيات تەلەپ قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەن، بىردىن بىر مەنىۋىيەت پارتىيەگە تەقدىم قىلىنىشى شەرت قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن بىللە خەلقتىن قىلىش تەلەپ قىلىنغان نۇرغۇن قەبىھ ئىشلار بار. مەجبۇرى خەۋەر كۆرۈش، ئىككى مىنۇتلۇق نەپرەت پائالىيىتىگە قاتنىشىش دىگەندەك.

ئۈچ بابتىن تەركىپ تاپقان بۇ كىتاب، بىرىنچى بابتا ئەنگىلىيىنىڭ 1984- يىللاردىكى ھالى ۋە باش پېرسۇناژ ۋىنىستون سىمىسنىڭ  كۈندىلىك ھاياتى ۋە ئۇنىڭ مەخپى ھالدا كۈندىلىك خاتىرە يېزىشى(كۈندىلىك خاتىرە يېزىش چەكلەنگەن بىر جەمئىيەت) بىلەن باشلىنىدۇ. كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن يازماقچى بولغانلىقىنى، ھېچ كىمگە ئېيتالمايدىغان ھاكىمىيەتكە بولغان نەپرىتىنى يېزىش بىلەن باشلايدۇ؛ ئىككىنچى بابتا ۋىنىستوننىڭ بىر ئايال بىلەن مەخپى ھالدا مۇھەببەتلىشىشى؛ ئۈچىنچى بابتا ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇپ قېلىپ قاتتىق قىيناشلارغا ئۇچرايدىغانلىقى، پۈتۈنلەي كاللىسىنىڭ يويۇلىشى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئىچ- ئىچىدىن «چوڭ ئاكىسىنى» سۆيىدىغان ھالەتكە كېلىشىدەك قورقۇنۇچلۇق ھادىسە يېزىلغان.

“غوجاكىنىڭ ئاستىدا ئىچكى پارتىيە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ سانى ئالتە مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، پۈتۈن ئوكيانىيە نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %2 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىدىكىسى بولسا تاشقى پارتىيەدۇر. ئۇلار ئوكيانىيە نوپۇسىنىڭ %85 نى تەشكىل قىلىدۇ. “

” سېنىڭ ئۆزگەرتىلىشىڭ ئۈچ باسقۇچتىن تەركىپ تاپقان؛ ئۆگىنىش، چۈشىنىش ۋە قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت.”

” ئۇرۇش تىنچلىق دېمەكتۇر، ھۆللۈك قۇللۇق دېمەكتۇر، نادانلىق قۇدرەت دېمەكتۇر.”

-كۈندىلىك خاتىرەمدىن ئېلىندى.

ئىنكاس يازىمەن