تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئىلتىماس قىلىش ۋە ۋازكېچىش جەريانىم 2022-09-21 يېڭىلاندى.

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 7 مىنۇت

1. ئەسكەرتىش:

     ئەگەر تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئېرىشىپ بولغان بولسىڭىز ياكى ئىستىسنا يولى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىپ بولغان بولسىڭىز بۇ يازمىنى ئوقۇشنىڭ ئورنى يوق. مەزكۇر يازما مېنىڭ نورمال يول ئارقىلىق ۋەتەنداشلىققا تىزىملىتىش ۋە ھەر قايسى باسقۇچلارنىڭ قانداق داۋام قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. 

2. ئەسكەرتىش:

  1. بۇ يازما تامامەن قانۇنىي يول بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن، قولىدا پاسپورت، ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامىتى ياكى ئىشلەش رۇخسىتى بولغانلار ئۈچۈن ھازىرلانغان.
  2. بۇ پەقەت مېنىڭ مېڭىپ باققان يوللىرىمدىن خۇلاسىلەنگەن تەجرىبىلەر خالاس. ئوخشاش ئۇسۇلدا ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشىشىڭىز ناتايىن. ئەمما ئوقۇپ قويسىڭىز پايدىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
  3. بۇ يازما ئىستانبۇلدا ۋەتەنداشلىققا ئىلتىماس قىلىش جەريانىمنى خاتىرلەپ ماڭىدىغان سۇپا ھېسابلىنىدۇ. ھەر قېتىملىق يېڭىلىق يېزىلىش تارىخى بىلەن قوشۇپ خاتىرىلىنىدۇ.

قىسقىچە ئەھۋالىم:

  1. 2014- يىلنىڭ بېشىدا ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى بىلەن تۈركىيەگە كەلدىم.
  2. قولۇمدا ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ۋە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقتى قالغان پاسپورت بار.
  3. بۇ بەش يىلدا 6 ئايدىن ئارتۇق تۈركىيىدىن ئايرىلىپ باقمىدىم.
  4. ساياھەت ئىقامىتى ئىلتىماس قىلىپ باقمىدىم. ھازىرغىچە ئالغان ئىقامەتلىرىم ئىنسانىي ئىقامەت، ئوقۇغۇچىلىق ئىقامەت ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەتتىن ئىبارەت.

تۆۋەندە ۋەتەنداشلىق ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىش جەرىيانىم قەدەممۇ- قەدەم يېزىلىدۇ. دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەزمۇنلارنى قوشۇپ يېزىپ ماڭىمەن.

بىرىنچى قەدەم: كۈن ساناشقا ئىلتىماس قىلىش

2018-يىل 10-ئاي

ئەگەر تۈركىيەگە تۇنجى كىرگەن كۈندىن باشلاپ بەش يىل تۈركىيەدە ياشىغان، 6 ئايدىن ئۇزۇن ۋاقىت تۈركىيە سىرتىدا قالمىغان، قولىدا ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامىتى، پاسپورتى بار بولسا نوپۇس ئىدارىسىگە بېرىپ ۋەتەنداشلىق ئىلتىماس قىلىش ھەققى بار يوقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كۈن ساناش ئىلتىماسى قىلسا بولىدۇ.

بەش يىل توشمايمۇ ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن تۆت بەش ئايدىن كېيىن ۋەتەنداشلىققا ئىلتىماس قىلىش ھەققى يوق دېگەن قارار كېلىدۇ خالاس. (ئىستانبۇل سىرتىدىكى جايلاردا بىر ئايدا، ھەتتا بىر نەچچە سائەتتە كۈن ساناش ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ بېرىدىكەن. ئىستانبۇلدا ئۈچ تۆت ئاي نورمال)

ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك ماتېرىياللار:

  1. پاسپورتنىڭ باش بەت، كىرىش- چىقىش تامغا ئۇرۇلغان پۈتۈن بەتلەرنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى. (پۈتۈن كۆپەيتىدىغان ئىشلارنى تەييارلاپ ئاندىن كېلىڭ، چۈنكى نوپۇس ئىدارىسىدە كۆپەيتسىڭىز بەك قىممەت، مەن كىرگەندە بىر بېتى ئۈچۈن 1 لىرا ئالاتتىكەن. ئەڭ ئاز ئۈچ ماتېرىيالنى 3 نۇسخىدىن قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. تەييارلاپ كەلسىڭىز ۋاقىتتىنمۇ، پۇلدىنمۇ تىجىلىپ قالىدۇ.)
  2. ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەتنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى. ئىشلەش رۇخسىتى بولسا ئىقامەت بولمىسىمۇ بولىدۇ. ئىشلەش رۇخسىتى بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەتنىڭ قايسىسىدىلا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پەرق قىلمايدۇ.
  3. كۈن ساناش ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلى (بۇنى نوپۇس ئىدارىسىدە تولدۇرسىڭىز بولىدۇ، ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كېيىن 2 نۇسخا كۆپەيتىۋېلىڭ)

بۇ ئىلتىماس قىلىش ئاخىرلىشىپ نەچچە ئايدىن كېيىن تېلېفونغا ئۇچۇر كېلىدۇ. شۇ ئۇچۇر بىلەن نوپۇس ئىدارىسىگە بارىمىز. ئۇ يەردە نۇمۇر ئېلىپ ساقلاشنىڭ ئورنى يوق، بىۋاستە SMS يېزىقلىق ئۈستەلگە بارساق بىزگە قارار يېزىلغان قەغەزنى بېرىدۇ.

ئۇ قەغەزدە ۋەتەنداشلىق ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىش ھەققىمىزنىڭ بار ياكى يوقلىقى يېزىقلىق. بەش يىل توشمىغان بولسا ئىلتىماس قىلالمايسەن دەپ قايتۇرۇۋېتىدۇ. بەش يىل توشقان بولسا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك ماتېرىياللار بار قەغەزنى بىلەن ساغلاملىق ئىسپاتى ئېلىش ئۈچۈن دوختۇرخانىدىن بىرنى تاللاپ بېرىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە ساغلاملىق ئىسپاتى ۋە باشقا ماتېرىياللارنى تەييارلايمىز. كۈن ساناش قارارىنى ياخشى ساقلاپ لازىم، چۈنكى ئىلتىماس قىلغاندا لازىم بولىدۇ.

ئوخشاش ئۇسول بويىچە ئائىلىدىن يەنە بىرىمىز 2019-يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋەتەنداشلىق كۈن ساناش ئىلتىماسى قىلدۇق. خىزمەتچى خادىملەرنىڭ ئالاھىدە ياخشى پوزىتسىيسىدىن باشقا ئۆزگۈرۈش بولماپدۇ.

رەسىمدىكى نۇمۇر ئېلىش ئېكرانىدىن پايدىلىنىپ danışma نى بېسىپ نۇمۇر ئالىسىز. (نۇمۇر ئالماي ئۆچرەت ئاتلاپ سوئال سورايدىغان ئىشنى قىلماڭ!) نۇمۇر كەلگەندە خىزمەتچى خادىمغا ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسى ئۈچۈن كۈن ساناش ئىلتىماسى قىلىمەن دېسىڭىز قولىڭىزدا ئىشلەش رۇخسىتى ياكى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەتنىڭ بار يوقلىقىنى سورايدۇ. بىرسى بولسىلا تۈركىيەگە قاچان كىرگەنلىكىڭىز مۇھىم ئەمەس، ئىلتىماسىڭىزنى ئېلىۋېرىدۇ. ئەمما بەش يىل توشمىغان بولسا رەت قىلىنىدۇ خالاس. كۈن ساناش قارارى كەلگەندە SMS تىن نۇمۇر ئېلىپ بارىمىز. ۋەتەنداشلىق ئىلتىماس قىلىش ھەققىمىز بار ئىكەنلىكىگە ئائىت قارار كەلگەندىن كېيىن DOSYA AÇ تىن نۇمۇر ئېلىپ ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسى رەسمىي ئىلتىماسنى باشلايمىز.

ئىككىنچى قەدەم: ساغلاملىق ئىسپاتى ئېلىش

2019-يىل 3-ئاي

نوپۇس ئىدارىسىدىن كۆرسىتىپ بەرگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ كېرەك بولسا ئۇچرىشىش(راندېۋۇ) ئېلىپ بەدەن تەكشۈرتىمىز. قانۇنى سۇلتان سۇلايمان دېگەندەك چوڭ، ئادەم كۆپ دوختۇرخانىلارنى تاللاشتىن ساقلىنىڭلار. ساغلاملىق ئىسپاتى ئېلىپ بولغىچە ئۈچ تۆت قېتىم بېرىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ. يىراق بولسىمۇ كىچىك، ئادەم ئاز دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرگەندە بىر كۈندە پۈتۈن تەكشۈرۈش تۈگەيدۇ. ئۈچ تۆت كېيىن ساغلاملىق ئىسپاتىنى ئېلىۋالسا بولىدۇ.

ئۈچىنچى قەدەم: ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش

2019-يىل 3-ئاي

ساغلاملىق ئىسپاتىنى ئالغاندىن كېيىن، باشقا كېرەكلىك ماتېرىياللار بىلەن قوشۇپ ھەممىسىنى بىر ئەسلى نۇسخىسى، بىر كۆپەيتىلمە نۇسخىسى شەكلىدە ھازىرلاپ نوپۇس ئىدارىسىگە بارىمىز. بۇ قېتىم “Dosya Aç” دېگەن نومۇرنى ئېلىپ ئۆچرەت ساقلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

ئاساسلىق كېرەكلىك ماتېرىياللار:

  1. ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلى (فامىلە يېزىشنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭ!!!)
  2. پاسپورت، تەرجىمە نوتەر نۇسخىسى
  3. ئىقامەت نوتەر نۇسخىسى
  4. تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى (كونسۇلدىن ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىلتىماس يېزىپ تەييارلىيالمىغانلىقىمىزنى دېسەك بولىدۇ)
  5. دوختۇرخانىدىن ئالغان ساغلاملىق ئىسپاتى
  6. كۈن ساناش قارارىنىڭ ئەسلى ۋە كۆپەيتىلمە نۇسخىسى
  7. ئىشلەيدىغان بولسا ئىشقا كىرىش ئىسپاتى، 4A بەلگىسى
  8. ئىشلىمەيدىغانلار ئۈچۈن ئەگەر بار بولسا ئىشلەيدىغان ئائىلە ئەزاسىنىڭ پۈتۈمى(Taahhütname). نەتەردىن “مەن ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالىمەن” دېگەن ماتېرىيالنى چىقىرىپ بېرىدۇ)
  9. ئىككى پارچە رەسىم

كېرەكلىك ماتېرىياللارنىڭ تۇلۇق نۇسخسىسى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرەلەيسىز.

ئەسكەرتىش: ھەممە ماتېرىيال چوقۇم بىر ئەسلى بىر كۆپەيتىلمە نۇسخىسى بولىشى كېرەك. كام بوپ قالسا تەييارلاپ كەلگىن دەپ قايتۇرۇۋېتىدۇ.

ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بارماق ئىزى بېرىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش ئېلىش توغرىسىدا رازىلىق قەغىزى بېرىدۇ. بۇ يەرنى بېسىپ كۆرەلەيسىز.

تۆتىنچى قەدەم: بارماق ئىزى تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئۇچرىشىش(راندېۋۇ) ئېلىش

2019-يىل 3-ئاي

نوپۇس ئىدارىسىدە ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ بولۇپ ئىككى ھەپتە ئىچىدە بايرامپاشا ھاكىملىقىغا(Kaymakamlık) بارىمىز. دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتىلار:

  1. ئەر ئاياللار قارشى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشىنى ئېلىپ قويسا بولىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن نوتەردىن چىقىرىلغان ۋاكالەتنامە تەلەپ قىلىنمايدىكەن. شۇڭا ۋەتەنداشلىققا ئىلتىماس قىلغۇچى ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ بېرىشى كېرەك ئەمەس ئىكەن. ئائىلە مۇناسىۋىتى يوق باشقا بىرسى ئۈچۈن ئۇچرىشىش ئېلىشقا توغرا كەلسە ۋاكالەتنامە تەلەپ قىلىدىكەن.
  2. ئىقامەت بولسىلا ئۇچرىشىش ئېلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىكەن. پاسپورت، تەرجىمىسى، نوتەر دىگەندەك مالىماتاڭ نەرسىلەر كېرەك ئەمەسكەن.
  3. چوقۇم ھاكىملىققا كىلىپ ئۇچرىشىش ئېلىشى كېرەك ئىكەن. تېلېفوندىن، توردىن ئالغىلى بولمايدىكەن.
  4. مەن 3-ئاينىڭ 19-كۈنى بارغاندا 7- ئاينىڭ 3-كۈنىنىڭ ئۇچرىشىشى چىقتى. ساپمۇساق ئۈچ يېرىم ئايدىن كېيىن.
  5. ئۇچرىشىش (راندېۋۇ) كۈنى كەلگەندە رەسىمدىكى ماتېرىياللارنى تەييارلاپ، بارماق ئىزى تاپشۇرۇش ئۈچۈن بېرىشى كېرەككەن.

بەشىنچى قەدەم: بارماق ئىزى تاپشۇرۇش

2019- يىل 7-ئاينىڭ 3- كۈنى

ئىستانبۇلدا ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسى قىلغانلار يۇقىرىدىكى باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، بارماق ئىزى تاپشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسىتىپ بېرىلگەن ھاكىملىقنىڭ چەتئەللىكلەر بۆلۈمىگە بارىدۇ.

بايرامپاشا ھاكىملىقىنىڭ (Kaymakamlık) ئادرېسىنى بۇ يەرنى بېسىپ خەرىتىدىن كۆرەلەيسىز.

مېترو ئارقىلىق SAĞMALCILAR بېكىتىدە چۈشۈپ 400 مېتىر ماڭسىڭىز يېتىپ بېرىسىز. ئۇ يەرنى تېپىش بەك تەس ئەمەس. ماشىنىلىق بارسىڭىز ماشىنىنى توختىتىدىغان يەرنى تەسرەك تېپىشىڭىز مۇمكىن.

رەسىمدە بايرامپاشا ھاكىملىقى (Kaymakamlık)

دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
  1. تاپشۇرىدىغان ماتېرىياللار: ئىقامەت كۆپەيتمىسى؛ پاسپورتنىڭ پۈتۈن تامغا، مۆھۈر، خەت يېزىلغان بەتلەرنىڭ كۆپەيتمىسى؛ E-Devlet ئارقىلىق چىقىرىلغان جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىك ئىسپاتى؛ ئۈچ پارچە رەسىم.
  2. ئۇچرىشىش سائىتىگە بەك رىئايە قىلىپ كەتمەيدۇ. ماڭا ئەتىگەن سائەت 10 نىڭ ئۇچرىشىشىنى بەرگەن بولسىمۇ، مەمۇرلار بىر- بىرى بىلەن قانداق قىلىپ تاماكىغا ئۆگىنىپ قالغانلىقىنى ھېكايە قىلىشىپ 10 يېرىمدا ئاندىن مەشغۇلات باشلىدى. شۇڭا چوقۇم ئۇچرىشىش سائىتىدە باراي دەپ جىددىيلىشىپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما چۈشتىن بۇرۇنقى ئۇچرىشىشقا چۈشتىن كېيىن بېرىپ يۈرمەڭ. 10\15 مىنۇت كېچىكىشنىڭ كارايىتى چاغلىقكەن.
  3. ماتېرىياللارنى كۆپەيتىدىغان يەر ھاكىملىق بىناسىنىڭ 5 قەۋىتىدە بار. ئەگەر بىرە ماتېرىيال ئۇنتۇلۇپ قالغان بولسا شۇ يەردىن كۆپەيتىۋالسىڭىز، توردىن چىقىرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. باھاسىمۇ مۇۋاپىق ئىكەن.
  4. ئالدى بىلەن ئۇچرىشىشتا بېكىتىلگەن ئۈستەل نۇمۇرىسىنى تاپىمىز. بېرىپ مەمۇرغا كەلگەنلىكىڭىزنى ئېيتمىسىڭىز ئۇلار دوختۇرخانىدىكىدەك چاقىرىپ يۈرمەيدۇ. تېلېفۇن نومۇر دېگەندەك ئۇچۇرلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن يان تەرەپتىكى ئۈستەلدە بارماق ئىزى تاپشۇرۇلىدۇ. مەمۇر قانداق قىل دېسە شۇنداق قىلساقلا بولىدۇ.
  5. تۈرك گراژدانى جۆرىسى يوق ئۇيغۇرلار يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشكە كىرمەيدۇ. ئۇ يەردە باشقا مىللەتتىن ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسى قىلغانلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار بارماق ئىزى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن باشقا بىر ئىشخانىغا كىرىپ يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشى كېرەك ئىكەن. بىزگە ئۇنداق شەرت يوق. بارماق ئىزى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئىلتىماس پۈتكەن بولىدۇ.
  6. قولىمىزغا بارماق ئىزى تاپشۇرغانلىق توغرۇلۇق ھېچ قانداق بىر قەغەز بېرىلمەيدۇ.
  7. بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان ئىشىمىز كىملىكنىڭ چىقىشىنى ساقلاش ئىكەن. ئەگەر ماقۇللانسا كىملىك ئالغىلى بارساقلا بولىدىكەن. يازدۇرغان تېلېفونغا ئۇچۇر كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ جەريان بەلكىم 6\8 ئاي، بەلكىم 1\1.5 يىل ۋاقىت ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

 

2019- يىلى 12- ئاينىڭ 6- كۈنى

 

2019- يىلى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى

تۇغۇلۇش ئىسپاتى توغرىسىدا

بۇ قېتىم ماتېرىياللارنى تاپشۇرغىلى بارغان ۋاقتىمدا تۇغۇلۇش ئىسپاتىنى تاپشۇرۇش ئىمكانىيىتى يوقلار ئۈچۈن ئىككى ماتېرىيال تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىرىنچىسى: نېمە ئۈچۈن تۇغۇلۇش ئىسپاتىنى تەمىنلىيەلمەيدىغانلىقىنى تەپسىلى بايان قىلىنغان ئىلتىماس خېتى.

ئىككىنچىسى، تۇغۇلۇش ئىسپاتىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئۇچۇرلار يېزىلغان ئىلتىماس خېتى. بۇنىڭغا ئاتا ئانىسىنىڭ ئىسم فامىلىسى، تۇغۇلغان يېرى، تۇغۇلغان يىل ئاي كۈن قاتارلىقلار يېزىلسا يېتەرلىك بولىدىكەن.

ئەگەر بۇرۇن بىر يەردە ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان تۇغۇلۇش ئىسپاتى بار بولسا، شۇنى تەرجىمە، نوتەر قىلىپ تاپشۇرسا يېتەرلىك بولىدىكەن. تۈركىيە كونسۇلۇدىن چىقىرىلغان ئاپوستېلغان ئېھتىياج يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھەر قانداق بىر يېڭىلىق بولسا مەزكۇر يازمىنىڭ ئارقىسىغا قوشۇپ قويىمەن.

 

2020-يىلى 1- ئاينىڭ 16- كۈنى

2020-يىلى 1- ئاينىڭ 27- كۈنى

بۇنىڭدىن بىر ھەپتە بۇرۇن نوپۇس ئىدارىسىدىن قىسقا ئۇچۇر كەلدى. ھەر قېتىمقىغا ئوخشاش نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتمىغان قىسقا ئۇچۇر ئۈچۈن نوپۇس ئىدارىسىغا باردۇق.

ئۈچ نەرسىنى تۇلۇقلىشىمىز كېرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى:

بىرىنچىسى: ئەينى ۋاقىتتا تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىنى تەمىنلەش ئىمكانىيىتى يوق دەپ ئىلتىماس قەغىزى سۇنغان ئىدۇق. ئەمما بۇ قېتىم تۇغۇلۇش ئىسپاتى شەكلىدىكى بايان قەغىزىنىڭ بولىشىنى تەلەپ قىلدى. بايان قەغىزىدە تۇنۇلغان ۋاقتى، تۇغۇلغان يېرى، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئىسىم فامىلىسى قاتارلىقلار يېزىلىشى كېرەك ئىكەن. قىسقىسى، تۇغۇلۇش ئىسپاتىنى تەمىنلەش ئىمكانىيىتى يوقلار، تەمىنلىيەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىلتىماس بىلەن تۇغۇلۇش ئىسپاتى شەكلىدىكى بايان قەغىزىنى بىرلىكتە سۇنۇش كېرەك ئىكەن.

ئىككىنچىسى، ۋەتەنداشلىق ئىلتىماس قىلىشنىڭ سەۋەبىنى تەمىنلەش كېرەك ئىكەن. ئوقۇغۇچىلىك كېنىشكىسى ياكى ئىشلەش رۇخسىتى دېگەندەك. ئەگەر بۇلار ئىككىلىسى بولمىسا ئۈچۈنچى بىر ماتېرىيال تەلەپ قىلىنىدىكەن.

ئۈچۈنچىسى، پۈتۈم. باشقا بىرىنىڭ ئۆزىنىڭ تۈركىيەدىكى بارلىق چىقىملىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىق توغۇرلۇق نوتەر تەستىقلىغان ماتېرىيال. مەسىلەن، رەپىقىسى ياكى باشقا بىرەر باي دېگەندەك. چىقىملارنى ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچى ئايلىق مائاش كىرىمىنى، SGK ماتېرىياللىرىنى ۋە باشقا كىرىم مەنبەلىرىنى تەمىنلەش كېرەك ئىكەن. قىسقىسى، تۈركىيەدە ئۆلۈپ قالماي قانداق ياشاۋاتىسەن دېگەننى ئىسپاتلاش كېرەك ئىكەن.

بۇ ئۈچ ماتېرىيالنى تۇلۇقلاپ تاپشۇرۇشۇم كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

2020-يىلى 2- ئاينىڭ 27- كۈنى

2020- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى

 

     ئالدىنقى ھەپتە نوپۇس ئىدارىسىدىن چاقىرتىپ، بىرىنچى قېتىم تاپشۇرغان ساغلاملىق ئىسپاتىمنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. (2019- يىلى 3- ئايدا تاپشۇرغان ئىدىم) شۇنىڭ بىلەن قايتىدىن دوختۇرخانىدىن ئۇچرىشىش ئېلىپ، ساغلاملىق ئىسپاتى تاپشۇرىشىم كېرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مېڭىپ بۇ قەدەمگە كەلگەندە ئارقامغا قايتىدىغان پۇرسەتمۇ بولمىغاچقا، دوختۇرخانىدىن ئىككىنچى قېتىم ئۇچرىشىش ئالدىم.

ھازىر توردىن تەكشۈرسەم، يەنە بۇرۇنقى پېتى تۇرۇپتۇ:(بىر يىل بولاي دېدى بۇلار باھالىغىلى…)

 

2021- يىلى 01- ئاينىڭ 11- كۈنى

ۋەتەنداشلىق ئۈچۈن يۈگۈرۈشلەر داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئالدىنقى ھەپتە دوختۇرخانىدىن ئۇچرىشىش ئېلىپ ساغلاملىق تەكشۈرەتتىم. شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن يېڭى ساغلاملىق ئىسپاتىمنى ئېلىپ نوپۇس ئىدارىسىغا باردىم. ئۇنى ئېلىپ قېلىپ، مېنىڭ تۈركىيەدىن ئالغان دىپلومىمنىڭ نوتېر نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشۇم كېرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەينى ۋاقىتتا ماتېرىيال تاپشۇرغاندا بۇنداق گەپلەرنى قىلمىغان ئىدى. كېرەكلىك ماتېرىياللارنى مۇشۇنداق بىردىن- بىردىن ئېيتىپ ئادەمنى ئاۋارە قىلىشى سەل ئوغامنى قايناتتى. شۇنداقتىمۇ بۇنىڭدىمۇ بىر خەير باردۇ، دەپ ئويلاپ ماقۇللۇق بېرىپ قايتىپ كەلدىم. يەنە بىر كۈنۈم مۇشۇ ئىش بىلەن ئۆتتى. قىممەت يارىتىشنىڭ ئورنىغا پۇتلى- كاشاڭلارنى تازىلاش بىلەن يەنە بىر كۈن “مەنىلىك” ئۆتتى. 😂 😂 😂

2021- يىلى 02- ئاينىڭ 10- كۈنى

    بۈگۈن نوپۇس ئىدارىسىغا كەم قالغان ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن باردىم. ماڭا بىر ۋاراققا ئىمزا قويۇشقا چاقىردى. كەسپىي كېسىلىم سەۋەبىدىن تۇلۇق ئوقۇپ چىقتىم. قارىسام ماڭا ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىمدا مەنمۇ تونۇمايدىغان بىر تۈركنىڭ كېپىل بولغانلىقىنى ھەم ئۇنىڭ SGK تەسچىلىك بەلگىسىنى ئېلىپ كېلىش تەلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىمنى يازغان بىلدۈرگە ئىكەن. مەن “كىمۇ بۇ تۈرك، تونۇمىسام مەن؟ نېمىشقا ماڭا بۇ كېپىل بولغىدەك؟” دېسەم، “ئۇنداق بولسا سەن بۇ تۈركنىڭ سەن بىلەن ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكىنى، مۇناسىۋەتلىك تەرتىپنىڭ خاتا بولۇپ قالغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ يازما ياز” دەيدۇ. شۇڭا باشقا بىرىنىڭ قىلغان خاتا ئىشىغا مەن يازما يېزىپ تۈزىتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئاخىرىدا ئۆزۈمنىڭ بۇ ئىشتىن بەك زېرىككەنلىكىمنى، رەت قىلىۋەتسىمۇ بالدۇرراق رەت قىلىۋېتىشىنى ، بۇنداق مېنى ساراڭ قىلىۋەرمەسلىكىنى ئېيتتىم. مەمۇر ئىششىدە يوق “بىز بۇنى ئەنقەرەگە يوللايمىز، بىرەر نەرسە لازىم دېسە سېنى يەنە ئىزدەيمىز” دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر كۈننى مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن بولدۇم.

    ئاخىرىدا “مەن ئوقۇش، خىزمەت، ئائىلە دېگەن مەسىلىلەردە باشقىلاردەك جاپا تارتمىغىنىم بىلەن، نۇرغۇن كىشى جاپا تارتمايدىغان ۋەتەنداشلىق ئىشىدا خېلى جاپا تارتىپ كېتىدىكەنمەن. شۇڭا ئادالەت بۇ دۇنيادىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تەجەللى بولۇپ بولىدىكەن” دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم.

    مەمۇرلار مېنى باھالىغىلى بىر يىل بولاي دەپ قاپتۇ. بىر ئادەمگە 10 يىللىق قاماق جازاسىنى بېرىپ سولاپ قويۇشنىڭ ئۇنىڭغا ھېچ قانداق مۆھلەت بەرمەي 10 ئاي سولاپ قويغىنىدىن ياخشى بىلىنگىنىدەك ئاخىرى چىقماس، مۆھلەتسىز باھالاشلار ئادەمنىڭ خېلى تاۋلاپ قويىدىكەن.

2021- يىلى 10- ئاينىڭ 7- كۈنى

ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىم 22 ئايلىق تولغاقتىن كېيىن ئاخىرى ئىككى يىل بۇرۇنقى باسقۇچقا قايتىپ قاپتۇ. ھەممە ئىشتا بىر خەير بولىدۇ دەپ بۇنىڭ ھېكمىتىنىمۇ بىلىش نىسىپ بولۇپ قالا ئىنشائاللاھ.

2021- يىلى 10- ئاينىڭ 8- كۈنى

2021- يىلى 10- ئاينىڭ 11- كۈنى

دەۋرىيلىككە كىرىپ قالدىمۇ بىلمىدىم. بۇ باسقۇچلار يەنە قايتىدىن باشلاپ كەتتى.

2021- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى

يەنە مۇشۇ باسقۇچقا قايتىپ قاپتۇ. ھەجەپمۇ ئۇزۇنن ۋاقىت تۇرۇپ كەتتى مۇشۇ باسقۇچتا.

2022- يىلى 1- ئاينىڭ 14- كۈنى

ساراڭ قويدەك ئوخشاش يەرلەردە چۆگىلەپلا يۈرىيدۇ. يېقىندىكى سىياسىي ئەھۋاللارغا قارىغاندا رەت قىلىۋەتسىمۇ ھەيران قالمايمەن.

2022- يىلى 08- ئاينىڭ 23- كۈنى

سەككىز ئايلىق ساقلاشتىن كېيىن ئارخىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئەسلىدە بۇ ئىلتىماسنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ئىتىماسمۇ سۇنۇپ بولغان ئىدۇق.

2022- يىلى 09- ئاينىڭ 30- كۈنى

تۆت يىللىق ساقلاش، 6357 لىرالىق نوتېر ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك چىقىم، ئونلارچە قېتىملىق نوپۇس ئىدارىسى زىيارىتى، بىر قېتىملىق ئەنقەرە نوپۇس ئىدارىسى زىيارىتىدىن كېيىن بۈگۈن بۇ ئىلتىماسىمىزنى ئەمەلدىم قالدۇرۇش تەلىپىمىزنىڭ ماقۇللانغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بۇ مۇشەققەتلىك جەرياننى ئاخىرلاشتۇردۇق. نورمال يول بىلەن ۋەتەنداشلىق ئىلتىماس قىلىش جەريانىمىز مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان بولدى. خەير.

 

 

 

ئەسكەرتىش: نورمال يوللار ئارقىلىق ۋەتەنداشلىققا ئېرىشكەنلەردىن بىر قانچىسىنى ئاڭلىدىم. بەزىلىرى سەل يول ماڭغان، بەزىلىرىنىڭ كەسپى  پەرقلىق، بەزىلىرى جۆرىسىنىڭ ۋەسىلىسى ئارقىلىق ئېرىشكەن. نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئىستىسنا ۋەتەنداشلىققا ئىلتىماس قىلمايمۇ تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن. ئەمما ئىستىسنا بىلەن ئىلتىماس قىلىش ئىمكنىيىتىڭىز بولسا، ئۆزىڭىزنى قىينىماي ئىستىسنادىن ئىلتىماس قىلىڭ!

 

سۆزلۈك

نوتەر: Notary, Noter,公正

ئۇچرىشىش: Appointment, Randevu, 预约

ئىقامەت: Residence permit, İkamet, 暂住证

ساغلاملىق ئىسپاتى: Sağlık Raporu,健康证明

ھاكىملىق: Kaymakamlık

پۈتۈم:  Taahhütname