ئىستانبۇل-شەھەر خاتىرىسى
ئورخان پامۇك
رامىزان كېلىشتىن بۇرۇن ئوقۇۋاتقان پۈتۈن كىتابلارنى توختىتىپ قويغان ئىدىم. روزا ھېيتتىن كېيىن «قايسى كىتابنى باشلىسام بولۇر؟» دەپ ئولتۇرۇشىمغا ئورخان پامۇكنىڭ «ئىستانبۇل» كىتابى كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن «ۋابا كېچىلىرى»دىن چىقىرالمىغان ئاچچىقىمنى مۇشۇنىڭدىن چىقىراي دەپ قولۇمغا ئالدىم. كىتابنى ئوقۇۋاتقان كۈنلەردە ئائىلە بويىچە بەشىكتاشقا، ئەمىنئۆنۈگە، بوسپورۇس بوغۇزىغا دېڭىز سەيلىسىگە چىققان بولدۇق. بۇ كىتابنىڭ سايىسىدە بوسپورۇس كۆزۈمگە تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنگەن بولدى.
كىتاب «ھەسرەت» نى مەركەز قىلغان ھالدا يېزىلغان خاتىرە بولۇپ، ئورخان پامۇكنىڭ بالىلىقى ۋە ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىكى ئىستانبۇل خاتىرىلىرى يېزىلغان ئىكەن. ئوسمانىيە خەلىپىلىكىدىن كېيىنكى ئىستانبۇل، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقانلارنىڭ مودېرنلىشىش بىلەن ئەنئەنە ئوتتۇرىسىدىكى تېڭىرقاشلىرى، كوچا – كوچىلارنىڭ تەسۋىرلىرىدە ئىنتايىن جانلىق ئىپادىلەنگەن ئىكەن.
يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ئىستانبۇلنىڭ كوچىلىرى، كوچىدىكى ھەر بىر دۇكان ھەر بىر ئىمارەت مېنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك ھېسابلىناتتى. بەزىدە شۇ ۋاقىتلارغا قايتىپ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھىتنى ھېس قىلىپ باققۇم كېلەتتى. ئورخان پامۇك ۋە تانپىنارنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇ خىل ھەۋىسىم ئازراق بولسىمۇ بېسىقىپ قالاتتى.
ئىستانبۇل، شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا قالغان، كۈلتۈرلەر بىر يەرگە جەم بولغان، ئوسمانىيەدىن كېيىنكى مودېرنلىشىش تولغىقىنى باشتىن كەچۈرگەن شەھەر، ئەخمەت راسىمنىڭ دېگىنىدەك ھەقىقەتەن ھەسرەت ئىچىدىمۇ گۈزەللىككە تولغان بىر شەھەر. گەرچە ئوپئوخشاش قىسمەت بىزنىڭ يۇرتلارغا كەلمىگەن بولسىمۇ، كىتابنى ئوقۇۋېتىپ ھازىرقى ۋەزىيىتىمىزگە سېلىشتۇرۇپ ئۈرۈمچىنى، تۇرپاننى، غولجىنى ۋە قەشقەرنى ھېس قىلىشقا تىرىشىپ باقتىم.
ئورخان پامۇك بۇ ئەسىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئىستانبۇل» دېگەن كىتابىمنىڭ يېرىمى شەھەر ھەققىدە، قالغان يېرىمى بولسا يىگىرمە ئىككى يېشىمغىچە بولغان ھاياتىمنىڭ ھېكايىسىدۇر. كىتابنى يېزىپ پۈتتۈرگەن چېغىمدا ئاجايىپ ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكىنىم ئېسىمدە. ئۆز ھاياتىمدىكى مەن يېزىشنى ئارزۇ قىلغان، مۇھىم بىر خاتىرە، دەپ قارىغان نەرسىلەرنىڭ بىرىنى بولسىمۇ «ئىستانبۇل» غا كىرگۈزەلمىگەنىدىم. يىگىرمە ئىككى يېشىمغىچە بولغان ھاياتىمنى ۋە باشقا ئەسلىمىلىرىمنى يازسام يىگىرمە قىسىملىق كىتابتىن يەنە بىرسى پۈتەتتى. ئوتوبىئوگرافىيە يېزىشنىڭ بىر ئەسلەش يولى ئەمەس، بەلكى بىر ئۇنتۇش شەكلى ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدا تونۇپ يەتتىم.»
ئوقۇپ باقمىغانلارغا، ئىستانبۇلنى چۈشىنىشنى خالايدىغانلارغا تەۋسىيە قىلىمەن.
ئۈزۈندىلەر:
«مەن تۇغۇلغان بۇ شەھەر 2000 يىللىق تارىخىدا ئەزەلدىن بۇنداق نامرات، ۋەيرانە ۋە يېگانە ھالەتكە چۈشۈپ قالمىغان، ئىستانبۇل ماڭا نىسبەتەن بىر خارابە شەھەر، ئىمپېرىيەنىڭ قالدۇق ھەسرىتى بىلەن تولغان شەھەر. ھاياتىم بۇنداق ئازابلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەربىر ئىستانبۇللۇققا ئوخشاش ئىستانبۇلنى ئۆزۈمنىڭ ھەسرىتىگە ئايلاندۇرۇش ئىدى.»
«ئىستانبۇلنىڭ چىرمىۋالغان ھەسرەت، ‘داۋاسى بار كېسەل’ ئەمەس ياكى بىز قۇتقۇزالايدىغان ‘ئۆزلۈكىدىن كەلگەن كۈلپەت’ مۇ ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىز خالاپ يۈكلىۋالغان ھەسرەت. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇردۇن مۇنداق ئېيتقان:
«شاد خۇراملىق مەنىسىزلىكتۇر، شېرىنلىك ئازابتۇر.»
«تۈركىيەدىكى مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ئوخشاش بىزنىڭ قورقىدىغىنىمىز ئاللاھ بولماستىن، بەلكى ئاللاھقا ئىخلاسمەنلىك قىلىدىغانلارنىڭ قىزغىنلىقى ئىدى.»
«رەسسامغا نىسبەتەن مۇھىمى شەيئىنىڭ ھەقىقىتى ئەمەس، ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ، يازغۇچىغا نىسبەتەن مۇھىمى ئىشنىڭ جەريانى ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئورۇنلاشتۇرۇش. ئەسلىمە يازغۇچىسىغا نىسبەتەن مۇھىمى باياننىڭ توغرىلىقى ئەمەس، بەلكى ئالدى- كەينىنىڭ ماسلىشىشى.”
كۆپچىلىك بىر-بىرىنى “بىز”دەپ سۆزلەيدىغان بۇ دۇنيادا ھەممە ئادەم بىر-بىرىنى تونۇيتتى. بىر- بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكلىرىنى بىلەتتى. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق سالاھىيىتى بار ئىدى. كەمتەرلىك، ئەنئەنە، ئەجداد، تارىخ، رىۋايەتلىرىمىزنى ھۆرمەت قىلاتتى. بىراق ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ‘ئۆزۈم’ گە ئايلىنالمايتتىم.»
«ئەييۇب بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغان، شەرقچە مۇكەممەل ئوبرازغا ئىگە، دەل شۇنداق بولغاچقا ئەييۇبتىن بىزارمەن. ئەييۇبقا كەلگەندە ئالتۇن قىرغاقتىكى خارابە ۋە تارىخى قوزغاتقان تاتلىق ھەسرەت غايىب بولىدۇ.ئىستانبۇلدا خارابە، ‘ھەسرەت’ شۇنداقلا بۇرۇن بولغان كېيىن مەھرۇم بولغان سەلتەنەت بولغاچقىلا، ئىستانبۇلنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئاستا- ئاستا چۈشەندىم. شۇنداق قىلىپ ئۆزۈمنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن ئەييۇبتىن ئايرىلىپ باشقا رايونلاردا لاغايلاپ يۈرۈپ خارابىلەرنى ئىزدەيتتىم .»
«ھاياتلىقتا ئەڭ مۇھىم بولغىنى سەنئەت ئەمەس، بەلكى مەغرۇرلۇق . ياۋروپالىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سەنئەتكار بولالىشى ئۇلارنىڭ مەغرۇرلۇقىدىن بولغان. ياۋروپادا ئۇلار سەنئەتكارنى سودىگەر ياكى يانچۇقچى ئەمەس، بەلكى ئالاھىدە ئادەم دەپ قارايدۇ. بىراق بۇ دۆلەتتە سەنئەتكار بولىمەن دېسەك، يەنىلا مەغرۇرلۇقۇڭنى ساقلىيالامسەن؟ سەنئەتنى چۈشەنمەيدىغانلارنىڭ سىنى قوبۇل قىلىشى، رەسىملىرىڭىزنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە، پۇلدارلارغا ياخشىچاق بولۇشۇڭ كېرەك. بۇنداق نامرات دۆلەتتە شۇنچىۋالا ئاجىز، نىمجان ۋە چالا ساۋات كىشىلەر ئەتراپىمىزدا تۇرغاندا مەغلۇپ بولماي، مەيدەڭنى تىك تۇتۇپ ياشىشىڭ ئۈچۈن پۇلۇڭ بولۇشى كېرەك. شۇڭا بىناكارلىق كەسپىدىن ۋاز كەچمىگىن بالام.»
«بىردەمدىن كېيىن ئېشىكنى ئېچىپ ماڭا تەسەللى بېرىدىغان ئاشۇ كوچىلارغا چاپىمەن. يېرىم كېچىدىن كېيىن ئۆيىمىزدىكى شىرەدە ئولتۇرۇپ كوچىدىكى ھەسرىتىمنى يازىمەن.
-رەسسام بولغۇم يوق،- دېدىم مەن،- مەن يازغۇچى بولىمەن.»
ئورخان پامۇك ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە توردا نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللار باركەن. ئاستىدا ئۇلىنىشلىرى بىلەن قوشۇپ ئورتاقلىشىپ قويدۇم.