“ئاتا، مېنى بىرىنچى بولۇپ ئالغىلى كەل جۇمۇ!”

"ئاتا، مېنى بىرىنچى بولۇپ ئالغىلى كەل جۇمۇ!"
ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت
“ئاتا، مېنى بىرىنچى بولۇپ ئالغىلى كەل جۇمۇ!”

يېقىندا ئوغلۇمنى يەسلىگە بەرگەن ئىدۇق. دەسلەپكى ھەپتىسى ئانىسى يەسلىگە بىللە ئېلىپ بېرىپ، يەسلىدە بىللە ئويناپ، قەدەممۇ – قەدەم بالىنى يالغۇز قېلىشقا كۆندۈرگەن ئىدى. بۈگۈن ئەتىگەن ئوغلۇمنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ مەن يەسلىگە ئېلىپ بارىدىغان بولدۇق. ئەسلىدە ئوغلۇم بىلەن مۇڭداشقاچ يەسلىگە پىيادە بېرىشنى ئويلىغان بولساممۇ، سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتقان بولغاچقا ماشىنا بىلەن ماڭدۇق. ماشىنىدا ئوغلۇم بىلەن پاراڭلىشىشقا تىرىشتىم. لېكىن ئۇ سەل ئەندىشىلىك كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ دېرىزىدىن سىرتقا قاراشلىرىدىن، ئېغىر ئولتۇرۇشلىرىدىن ئۆزۈمنىڭ كىچىك ۋاقتىمنى كۆرگەندەك بولدۇم.

كىچىك ۋاقتىمدا، ئاتام مېنى ۋېلىسىپىتنىڭ ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ يەسلىگە ئاپىرىپ قويۇپ ئاندىن ئىشقا باراتتى. شۇ ۋېلىسىپىتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىمدا، ئەتراپقا توختىماي قاراپ، يەسلىگە بارغانسېرى يېقىنلاپ قېلىۋاتقانلىقىمىزدىن ئەندىشە قىلاتتىم. ئاتام بىلەن بىللە بولغان شۇ ۋاقىتلارنىڭ ئاخىرلاشماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتىم. بۈگۈنمۇ بالامنىڭ ماشىنىنىڭ دېرىزىسىدىن توختىماي سىرتقا قارىشىدىن ئۇنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەندەك بولدۇم.

ماشىنىدا ماڭغاچ ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشىپ باقتىم، خۇددى ئاتام ئەينى يىللىرى مېنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشقىنىدەك. يەسلىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، بۇرۇنقىدەك ئىشىكتىن بىللە ئىچىگە كىرىدىغان ئاپىسى بولمىغاچقا “ئاپام نېمىشقا كەلمەيدۇ؟ ئاپامنى ساقلاپ بىللە كىرەيلى” دەپ ئىشىكتىن كىرگىلى ئۇنىمىدى. خىزمەت ۋاقتىم يېقىنلىشىپ قالغان، سەل ئالدىراۋاتقان ئىدىم.

شۇ ۋاقىتتا يەنە ئاتام يادىمغا كەلدى. “ئاتاممۇ ئەينى يىللىرى خىزمەتكە ئالدىرايدىغان بولغىيتتى – ھە. مېنىڭ ئالدىمدا ئالدىراۋاتقانلىقىنى چاندۇرمىغان بىلەن، مەن ئىشىكتىن كىرىپ كەتكەندىن كېيىن بەلكىم ئۇچقاندەك بېرىپ ۋېلىسىپىتنى مىنىپ تېز سۈرئەتتە ئىشقا بارىدىغان بولغىيتتى – ھە” دەپ ئويلىدىم. بىر ئاز پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئوغلۇم ئىشىكتىن كىرىشكە ئۇنىدى ، ئايىقىنى سېلىپ قويۇشۇمنى ئۆتۈنۈپ پەس ئاۋازدا “ئاتا، مېنى بىرىنچى بولۇپ ئالغىلى كەل جۇمۇ!” دەپ ئىشىكتىن كىرىپ كەتتى. ئىشىك يېپىلدى…

ئۇچقاندەك ماشىنىغا يۈگۈردۈم، ماشىنىنى قانچىلىك تېز ھەيدىگەنلىكىمنى بىلمەيمەن، خۇددى ئەينى يىللىرى ئاتام ۋېلىسىپىتنى قانچىلىق تېز مىنىپ ئىشقا كەلگەنلىكىنى بىلمىگەندەك؛ ئوغلۇممۇ ھەم مېنىڭ ئىشقا ئالدىرىغانلىقىمنى بىلمەيتتى، خۇددى ئەينى يىللىرى مەن ئاتامنىڭ ئىشقا ئالدىرىغانلىقىنى بىلمىگەندەك. لېكىن پەرقىمىز ئاتام ئىشخانىسىغا كىرگەن ۋاقىتتا تەرلەپ، قىزىرىپ كېتەر بولغىيتتى. مەن بولسام ئىسسىق ماشىنىدىن چۈشۈپ، ئىشخانىغا كىرىمەن.

ئىشخانىغا كىرىپ، ئاتامنىڭ “كىچىك ۋاقتىڭدا سېنى يەسلىگە ئاپارغىنىمدا `ئاتا، مېنى بىرىنچى بولۇپ ئالغىلى كەل جۇمۇ!` دەپ يىغلىغان پېتىڭ يەسلىگە كىرىپ كېتەتتىڭ” دېگەن سۆزلىرى يادىمغا كەلدى. خۇددى كونا بىر فىلىم قايتا تەكرارلىنىۋاتقاندەك، مەن كىچىك ۋاقتىمغا قايتىپ ھازىرقى ئۆزۈمگە شۇنداق دەۋاتقاندەك ھېس قىلدىم.

26 يىل بۇرۇن يەسلىنىڭ ئالدىدا مەن ئاتامغا: “ئاتا، مېنى بىرىنچى بولۇپ ئالغىلى كەل جۇمۇ!” دېگەن ئىدىم. بۈگۈن ئوغلۇم: “ئاتا، مېنى بىرىنچى بولۇپ ئالغىلى كەل جۇمۇ!” دېدى.

ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتكەن، نۇرغۇن نەرسىلەر تەكرارلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى. بەلكىم 26 يىل كېيىن نەۋرەممۇ ئوغلۇمغا “ئاتا، مېنى بىرىنچى بولۇپ ئالغىلى كەل جۇمۇ!” دېيىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن مەن نەۋرەمنىڭ: “دادا، مېنى بىرىنچى بولۇپ ئالغىلى كەل جۇمۇ!” دېيەلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم، خۇددى ھازىرمۇ ئوغلۇمنىڭ ئاتامغا شۇنداق دېيەلىشىنى ئۈمىد قىلغاندەك.

خىياللىرىم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئۆزۈمنى ئاتامنىڭ يېشىدا تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىم. ئاتامنىڭ ئورنىدا ھازىر مەن بولغان بولسام، نېمىدىن خۇش بولغان بولاتتىم دەپ ئويلىدىم. كېلەچەكتە شۇنداق بولۇشى ،، خۇددى 26 يىل بۇرۇنقى ئىشلار بۈگۈن تەكرارلانغاندەك تەكرارلىنىشى مۇھتەمەل ئىدى. شۇنىڭ بىلەن تېلېفونۇمنى قولۇمغا ئېلىپ ئاتامغا ئۇچۇر قىلىپ ئۇنى خۇش قىلىپ قويدىم.

ھايات بەزىدە مۇشۇنداق كىچىك ئىشلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىممىتىنى، ئىنسانغا يېقىنلىرىنىڭ مېھرىنى ھېس قىلدۇرىدىكەن. نېمە قىلىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تۇرىدىكەن، شۇنداقلا ئەستە مەڭگۈ ساقلىغۇدەك گۈزەل ئەسلىمىلەرنى سۇنىدىكەن. شۇڭا كېلەچەكتىكى ئۆزىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ، باشقىلار بىزنىڭ ھازىر قىلىشىمىزنى خالايدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىۋېلىشىمىز كېرەككەن دەپ خىياللىرىمنى توختاتتىم.

ئىنكاس يازىمەن