ۋەتەنداشلىق توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت

   بۇ يىل كىرگەندىن بېرى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋەتەنداشلىق مەسىلىسى ئۈچۈن تېپىرلاۋاتقانلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكى ئوتتۇرغا چىقتى. مۇنازىرىلەر بۇرۇنقى ۋاقىتتىكىدىن كۆپلەپ قالدى. بۇرۇن ئىقامەت مەسىلىسى قىززىق نوقتا بولسا، بۇ يىلدىن باشلاپ ۋەتەنداشلىق مەسىلىسى مودا بولۇشقا باشلىدى. چۈنكى ئىقامەت چىقىدىغانلارنىڭ چىقىپ، چىقمىغانلارنىڭ قېپ قالغاندەك قىلاتتى. (ئىنشائاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئەڭ تېز سۈرئەتتە قولىمىزغا تەگسۇن)

   ۋەتەنداشلىق مەسىلىسىگە قىزىقىدىغانلار ئاساسەن 2013- يىلنىڭ ئالدى كەينى تۈركىيەگە كەلگەن (رەسمى ۋە غەيرى رەسمى يول بىلەن) مۇساپىر ئۇيغۇرلار ۋە ۋەزىيەت ناچارلاشقاندا مىسىر، ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن (بۇنىڭ ئىچىدە ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيە ۋەتەنداشلىقى ئۈچۈن تىزىملاتمىغان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس) ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپقان.

    نېمە ئۈچۈن بۇ يىل ۋەتەنداشلىق مەسىلىسى بۇرۇنقىغا قارىغاندا قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى؟ بۇنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك ئارقا كۆرۈنۈشى بار

  1. ئەڭ نېگىزلىك سەۋەب ۋەتەندىكى ئەھۋاللارنىڭ ئېغىرلىشىشى ۋە قايتىشنى ئويلاپ يۈرگەنلەرنىڭ خىيالنىڭ كۆپۈككە ئايلىشنى. ۋەتەنگە قايتىش پۇرسىتى بولمىغانلار، ۋەتەندىن پۇل ئېلىپ چىقالمايۋاتقانلار تەبئىي ھالدا تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ ۋەتەنداشلىقى ياكى باشقا بىر دۆلەتنىڭ ۋەتەنداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايدۇ.
  2. بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئاز بولىشى. بەزى كىشىلەرنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇشى، خىتايغا ئەۋەتىش ئېھتىماللىقىنىڭ يوق ئەمەسلىكى، ئىقتىسادنىڭ چېكىنگەن، ۋەتەن پارتىيىسىنىڭ شەرەپسىزلەرچە دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان ۋەزىيتى ئۇيغۇرلارنىڭ چۆچۈتۈپ قويدى. ئەڭ ئېغىرى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن كېلىۋاتقان ۋاسىتىلىق ۋە ۋاستىسىز تەھدىتلەر چارسىزى ئۇيغۇرلارنى بىخەتەرلىك تەشۋىشىگە مەھكۇم قىلىدى ۋە قىلىۋاتىدۇ.
  3. پاسپورت ۋاقتىنىڭ ئاز قېلىشى ياكى توشۇپ كېتىشى، يېڭىلاش پۇرسىتىنىڭ بولماسلىقى.
  4. ئىقتىسادى بېسىم. تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ناچارلاشقانلىقى، بولۇپمۇ دوللارنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ئوتتۇرغا چىققان مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈن كەچۈرۈشىگە بۇرۇنقىغا قارىغاندا قاتتىق تەسىر قىلدى. قىسقىسى پۇل تېپىش تېخىمۇ تەس بولدى، چەتئەللىك سالاھىيەت بىلەن ئىش تېپىشمۇ تەسلەشتى. ۋەتەنداش بولغاندا خالىغان يەردە ئىشلەش رۇخسىتىسىز دەرھال ئىشقا كىرىش پۇرسىتى بولاتتى.
  5. ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت مەسىلىسى. بىر قىسىم كىشىلەر ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەتنى قولىغا ئالدى. شۇ ۋەجىدىن كېيىنكى قەدەم بولغان ۋەتەنداشلىققا بولغان ئارزۇسى نامايەن بولۇشقا باشلىدى. ئۆتكەن يىل يىل ئاخىرىدا پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەتلىرىنىڭ يېڭى يىلدىن بۇرۇن قولىغا تېگىدىغانلىقى توغرىسىدا خېلى گەپلەر بولغان ئىدى. ئىقامەت مەسىلسى ھەل بولغانلار ۋەتەنداشلىق مەسىلىسىگە ئاتلاندى.

   قىسقىسى بۇ يىلدىن باشلاپ ۋەتەنداشلىق مەسلىسى ئىقامەت مەسىلىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ قىززىق نوقتا بولۇشقا باشلىدى. 2019-يىلى فېۋرال ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنداشلىق چۇقانلىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى.

   بۇ چۇقانلارنىڭ ئىپادىلىنىشى تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە

  1. غەيرى رەسمى ۋەتەنداشلىق سېتىۋېلىش. تۈركىيەدىكى كونا ئۇيغۇرلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى، يىڭى چىققانلىرىنىڭ ئاڭسىزلىقى تۈپەيلى قانۇنى جەھەتتىن توغرا بولماسلىقىغا قارىماي بايلار ياكى ھوقۇقدارلار پۇل ياكى ئىمتىيازىغا تاينىپ تۈركىيە پۇقرالىقى سېتۋېلىشقا باشلىدى. ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى سېتىۋېلىش بەزىلەرگە نىسىپ بولغان بولسىمۇ قۇيۇلۇپ كەتكەنلىرىمۇ ئاز بولمىدى.
  2. ئۆتكەن يىلى روزى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى ئۇيغۇرلار بىلەن ھېيتلىشىش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. يىغىلىش ئەسناسىدا قىسمەن شەخىسلەر بەزى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىستىسنائى ۋەتەنداشلىق تەلەپ قىلىپ ئىلتىماس سۇندى. (مەن بۇنى كېيىن بىلدىم. ئۇ يەرگە بېرىشتىن بۇرۇن بۇنداق پىلاننىڭ بارلىقىنى بىلگەن بولسام، جاپا تارتىپ بېرىپ يۈرمەيتتىم ھەم تامىقىنى يېمىگەن بولاتتىم.) بۇنىڭ بىلەن كىشلەر يەككە ۋە كوللىكتىپ ھالەتتە ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋەت چەمبىرىگە تايىنىپ ھەرخىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ۋەتەنداشلىققا ئىلتىماس قىلىش يوللىرىنى ئىزدەشتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە قەيەرگە بىر دۆلەت رەھبىرى كەلسە، خالىغان بىر كىشى بىر ۋاراق قەغەزگە ئىلتىماس يېزىپ دەردلەر بىلەن تولدۇرۇپ سۇنۇشقا باشلىدى.
  3. فېۋرالنىڭ ئاخىرى مارتنىڭ بېشىدا 40 ئۇيغۇرغا ۋەتەنداشلىق بېرىلىپتۇ دەپ مىش – مىش گەپلەر تارقىلىپ يۈردى. بۇمۇ ئويلىمىغان يەردىن توغرا چىقىپ قالدى. ئىستانبۇلنىڭ مەلۇم رايوندىكى بىر نەچچە ئۇيغۇرنىڭ كىملىكنىمۇ قۇلىغا ئېلىپ بولغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىگە ئوت يېقىۋەتتى.
  4. ئەمدى پۈتۈن بۇلار 4-مارت كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنىغا كەلگەندە بىر بالداق يۇقرى كۆتۈرۈلدى. ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى رايۇنلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئايرىم- ئايرىم گۇرۇپ بولۇپ دىگەندەك ئالدىن تەييارلىغان ئىلتىماس ۋە ۋەتەنداشلىق تەلەپ قىلىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى سۇنۇشقا تىرىشتى. شۇ ۋاقىتتىكى قىستا- قىستاڭ ھالەت ۋەتەنداشلىق مەسىلىسىنىڭ قانچىلىك ئەۋجىگە چىققانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. (ئۆتكەن يىلى روزا ھېيتتىكى يىغىلىشتا، سۇلايمان سويلۇغا بۇنچە كۆپ كىشىنىڭ تىزىملىك سۇنۇش ئەھۋالى بولمىغان ئىدى.)

   بۇ نۇقتىغا كەلگەندە بىرقانچە سوئال ئىشارىتى قويۇلىشى كېرەك

  1. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق پارچە- پارچە ۋەتەنداشلىق ئىلتىماس قىلىش ھەرىكەتلىرى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ۋەتەنداشلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى بۇ شەكىلدە بولسا مۇۋاپىقمۇ؟ بۇ تۈركىيە رەھبەرلىرىگە قانداق تەسىر قالدۇرىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق پارچە- پارچە ۋەتەنداشلىققا ئىلتىماس قىلىشى، ئۇيغۇر مىللىتىنى شەخسىيەتچى ۋە چىقىشماس، تىپىشكەك قىلىپ كۆرسىتەمدۇ قانداق؟ تەشكىلاتلار دۆلەت ئالدىدا ئىتىبارسىزلىشامدۇ يوقمۇ؟
  2. ئەينى ۋاقىتتا تەشكىلاتلار نىمىشقا ھۆكۈمەتكە پەقەتلا چەكلىك كىشلەرنىڭ تىزىملىكىنى بىرىدۇ؟

   مەنچە بۇ سوئاللارغا  مەيلى ئىلمى، مەيلى ھېسسى جاۋاپ بېرىلسۇن ھېچكىم رازى بولمايدۇ. تەشكىلاتلار خالىسانىلىق(پىداكارلىق)، دىمۇكراتىيە(ھەر بىر كىشىنىڭ پىكىر ھەققى بولۇشى)، ئوچۇق- ئاشكارە بولۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا( خەلىقنىڭ ئېتىرازلىرى ۋە تەكلىپ تەنقىتلىرىگە مەرھابا دېيەلىشى)، ھېساب بېرەلەيدىغان بولۇشى( قىلغان ئىشلىرىنى ھېچبىر بىسىم ۋە تىل تۇتۇقلۇقى ھىس قىلماستىن  ئۆزى ۋەكىل بولۇۋاتقان خەلق بىلەن ئورتاقلىشىش)  كېرەك.

   تەشكىلاتلارنىڭ قىسمەن كىشلەرنىڭ ۋەتەنداشلىق ئىلىشىغا ياردەم بېرىشى توغرا دەپ قوبۇل قېلىنشى كېرەك. ھەممە ئۇيغۇرغا بىراقلا ۋەتەنداشلىق ئىلىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن بولغان شارائىتتا مىللەتنىڭ يېتەكچىلىرى بولسىمۇ بۇ ئىمتىيازغا ئېرىشەلىسە خەلق ئەلۋەتتە خۇشال بولۇشى كېرەك. ئەمما ھالقىلىق مەسىلە شۇكى: شەرقى تۈركىستانلىققا ۋاكالىتەن، شەرقى تۈركىستانلىقلار ئىچىدىن تاللىنىپ ۋەتەنداشلىققا ئىلتىماس قىلالىغانلار، تەشكىلات تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلەنگەنلەر كىملەر؟  تەشكىلاتلارنىڭ باشقا ئۇيغۇرلارغىمۇ ۋەتەنداشلىق ئىلتىماس قىلىپ بېرەلىشى ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار قانداق شەرتى ھازىرلىشى كېرەك؟ تەشكىلات تەرىپىدىن ۋەتەنداشلىققا ئىلتىماس قىلىنغانلارنىڭ بۇ شەرتلەرگە چۈشۈش نىسبىتى قانچىلىك؟

   يۇقىرقى مەزمۇنلار ئوقۇلۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئومۇملىشىپ كەتكەن بىر ئاساسسىز رەددىيەگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن “دەرنەكلەر، تەشكىلاتلاردا ھەققىڭىز بارمىدى؟ بىر نەسە ئۆتكۈزۈپ قويغانمىدىڭىز؟” ئوخشاش ئۇسۇلدا ساپاسىزلارچە جاۋاپ بېرىشكە توغرا كەلسە، “دەرنەك ۋە جەمئىيەت ئانىڭىز ۋە دادىڭىزنىڭمىدى؟ دەرنەك ۋە جەمئىيەتكە ئانىڭىز ۋە دادىڭىزنىڭ ئىسىمىنى قويۇۋالغانمۇ؟ شەرقى تۈركىستان ياكى ئۇيغۇر پالان، پوكۇنچىنىڭ مونوپۇل قىلىۋالغان سىغىم كالىسى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئورتاق شەرەپ كىملىكى…” دىگەندەك گەپلەر دېيىلىشى مۇمكىن.

   بىر تەشكىلات تەشكىلات بولۇپ تورالىشى ۋە نىيەت مەقسەتلىرىنى روياپقا چىقىرىشى ئۈچۈن خەلىق ئىنتايىن مۇھىم. خەلىقنىڭ قوللىشى بولمىسا تەشكىلات ھېچ ئىش قىلالمايدۇ. خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش، ئۈنۈملۈك شەكىلدە ۋەتەنداشلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، خەلقنىڭ ئۆز ئالدىغا بۇ ئىش ئۈچۈن كوچىلاردا پارام- پارچە يۈرمەسلىكى ئۈچۈن ئۈستىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان سوئاللارنىڭ ياخشى بىر شەكىلدە جاۋابلىنىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.

    خۇلاسە كالام،  ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ۋەتەنداشلىقى ئىلتىماسى قايسى ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەك؟ ھەل قىلىنماسلىقنىڭ سەۋەبى نىمە؟  بۇ سوئال مۇھاتابىنى تاپالمىغاندا خەلىق ئۆزى بىلگەننى قىلىۋەرسە ھىچ كىشى قاقشىمىسۇن…

   ئەسكەرتىش:

   بۇ يازما ئەلبىل بلوگىدا ئېلان قىلىندى. ياقتۇرمىسىڭىز ئىختىيارىڭىز. ئەمما “ئۆچۈرۈڭ! پىتنە تېرىماڭ!” دېگەندەك گەپلەر بىلەن نەسىھەت، تەھدىت قىلماڭ. خاتا دەپ قارىسىڭىز سۇيىقەست نەزەرىيىسى دەپلا ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ. مەن پەقەت كۆرگەن، بىلىدىغانلىرىمنى ئۆز بلوگىمدا سېنارىيە شەكلىدە تەسۋىرلەپ بەردىم خالاس. بۇ يازما تور دۇنياسىدا قالىدۇ. بۇلارنى رەقەملەر بىلەن ئىسپاتلاش قولۇمدىن كەلمەيدۇ. لېكىن خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش باشقىلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.

2 Comments on “ۋەتەنداشلىق توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم”

  1. بەك ئورۇنلۇق گەپ بولدى مەن گۆچ ئىدارىسىدە بەزەن ئۇيغۇرلارغا قىلۋاتقىنىنى كۆردۈم دىسەممۇ بەزەن ئىنساپسىز دەرنەكنىڭ چاپارمەنلىرى ئىسپاتلاڭ دەپ يۈرىدۇ ئىسپاتلاش قولۇمدىن كىلىدۇ مەن تونىيدىغان خەلەققە تۇنۇشلۇق بولغان يىڭى چىققان كىشىلەرمۇ باتتى ئارىسىدا ئەممە توغرا كۆرمۈدۈم خەلقىمىزنىڭ نەزىردىن چۇشۇپ كەتمىسۇن دەپ

ئىنكاس يازىمەن