مەرھەمەت قىلمىغانغا، مەرھەمەت قىلىنمايدۇ.

مەرھەمەت قىلمىغانغا، مەرھەمەت قىلىنمايدۇ.
ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت

تۈنۈگۈن بىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان خىزمەتدىشىم ماڭا ئۆزىنىڭ قەتئىي ئىرادىگە كەلگەنلىكىنى، بۇ قېتىم چوقۇم ئۆز ئالدىغا بىر ئىش قىلىدىغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ قولىدا ئىشلەشتىن جىق تويغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇندىن بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىم مەن بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆز ئالدىمىزغا سودا قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى. لېكىن بىرەر قېتىممۇ ئەمەلىي قەدەم ئالالمىغان ئىدۇق. بۇنى مېنىڭ تىجارەتكە بولغان قىزىقىشىمنىڭ تۆۋەنلىكى، بۇرۇنقى مەغلۇبىيەتلەر ۋە ئوقۇش دېگەندەك باھانىلەر بىلەن خىزمەتدىشىمنىڭ ئوتتەك قىزىپ پوقتەك سوۋۇيدىغان مىجەزى سەۋەبلىك دېسەم خاتا بولمايدۇ ئەلۋەتتە.

ئۇنىڭ بۇ قېتىم نېمە ۋەجىدىن “قەتئىي ئىرادە” گە كەلگەنلىكىگە قىزىقىپ سورۇدىم. كاللامدىن تۈتۈن چىقىپ كەتكۈدەك جاۋاب بەردى.

-مەن باشقىلارنىڭ قولىدا ئىشلەپ، باشقىلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا ئۆتۈپ كېتەمدىم. مېنىڭ ئىنىمغا قاراپ باقە! تۈزۈك ئوقۇمىغان تۇرۇپ، ماشىنا ئېلىپ سېتىپ يۈرۈپ يىلىغا شۇنچە كۆپ پۇل تاپىدۇ. مەن بولسام ھېچ پۇل تاپالمايمەن. مۇشۇ شىركەتتە باشقىلارنىڭ باي بولۇشى ئۈچۈن جېنىمنى تىكىپ ئىشلەيمەن. مەنمۇ ئىنىمدەك ئۆز ئالدىمغا ئىش قىلىمەن، مەنمۇ پۇل تاپىمەن.

مەن ئۆزۈمنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىمنى ئاڭقىرىپ بولالمىغاچقا، ئۇنىڭغا تومتاقلا قىلىپ ئۆزىنىڭ زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىپ، پاراڭنى توختاتتىم.

ئۇنىڭ بۇ خىل “ئىرادە” گە كېلىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس ئىدى. بۇ قېتىم بەلكىم ئىنىسىدىن ئالغان ئىلھام سەۋەبچى بولغان بولسا كېرەك. لېكىن ماڭا بۇ خىل پوزىتسىيە ئىنىسى بىلەن بولغان كۆرۈنمەس بەيگىنىڭ ئاقىۋىتىدەك بىلىندى. چۈنكى بۇ خىل قېرىنداشلار ئارىسىدىكى غەيرىي رىقابەتنى تۇنجى قېتىم ئۇچرىتىشىم ئەمەس ئىدى.

بۇرۇنقى شىركەتتىكى خوجايىندىن نېمە ئۈچۈن دائىم ئىنىسىنىڭ شىركىتى تەرىپىدىن قۇيۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى، ئالدىنىدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ : “دادامدىن قالغان دۇكان پۈتۈنلەي ئىنىمغا قالغان ئىدى. مەن ھېچ نەرسەم يوق ئەھۋالدا نۆلدىن باشلاپ تىجارەت قىلدىم. ھازىر بولسا ئىنىمدىنمۇ كۆپ پۇل تېپىۋاتىمەن. مەن ھېچ چۈشەنمىدى، خۇددى ئىنىم مېنىڭ ئۆزىدىن كۆپ پۇل تېپىشىمنى خالىمايدىغاندەك دائىم مېنى تۇزاققا ئىتتىرىدۇ. ھەتتا نەچچە قېتىم ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ۋاقتىمدا ماڭا قىلچىلىك ياردەممۇ قىلمىغان ئىدى.”

مېنىڭچە خوجايىننىڭ دېگەنلىرىنىڭ قانچىلىك ھەقىقەت ئىكەنلىكى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت، بۇ رىقابەتتىن كېلىپ چىققان چىقىشالماسلىق، زىددىيەتلەرنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئىدى.

يۇقىرىقى ئىككى مىسالغا قاراپ ئۆزۈمنى ئويلاپ قالدىم. مەنمۇ ئاتا- ئانامنىڭ، قېرىنداشلىرىمنىڭ يېنىدا بولغان بولسام، يۇقىرىدا دېيىلگەنلەردەك چاكىنىلىشىپ كېتەر بولغىيمىدىم؟ ئۇنداق بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىمنى قانداق بىلىمەن؟ ياكى بۇ خىل چاكىنىلىق نورمال ئىشمۇ؟

مۇشۇ سوئاللارنى ئويلاپ باشلانغۇچ ۋاقىتىمدىكى بىر لېكسىيە يادىمغا يەتتى. لېكسىيەنىڭ نېمە توغرۇلۇق ئىكەنلىكى پەقەتلا يادىمدا يوق. بىردىن بىر يادىمغا قالغىنى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىنىڭ شۇ سۆزلىرى: “مەن مۇشۇ ياشقا كىرگۈچە ئانامغا پەقەت بىرلا قېتىم كۆڭلىنى رەنجىتكۈدەك گەپ قىلىپ باققان. ھېلىھەم شۇ گەپنى قىلغانلىقىمغا بەك پۇشايمان قىلىمەن. ئۇ ۋاقىتتا ئانام چەينەككە چاي دەملىگەندە مەن ئۇنىڭغا` سىز سۈت قايناتقان چەينەكتە چاي دەملىدىڭىزمۇ؟` دېگەن ئىدىم. ئانام كۈلۈپ تۇرۇپ `ياق، قىزىم، ئۇنداق ئەمەس` دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. بۇ مېنىڭ ئانامغا قىلغان ئەڭ كۆڭۈل رەنجىتكۈدەك گېپىم ئىدى.”

مەن ئەينى ۋاقىتتا تېخى ئەمدىلا ئون ياشلار چامىسىدىكى بالا ئىدىم. ھەم بۇ كۆڭۈل رەنجىگەندەك گەپمۇ ئەمەسكەنغۇ دەپ ئويلىغانىدىم. لېكىن ئۆزۈمنىڭ شۇ ۋاقىتقىچە ئانامنى قانچىلىك خاپا قىلىپ، كۆڭلىنى رەنجىتىپ كەتكەنلىكلىرىمنى ئويلاپ بىر تەرەپتىن بۇ مۇئەللىمنى پەرىشتە ئوخشايدۇ دەپ ئويلىسام، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزۈمدىن قاتتىق نومۇس قىلىپ كەتكەن ئىدىم.

ھازىر نۇرغۇنلىرىمىز ئاتا- ئانىمىزدىن، ئۇرۇق- تۇغقان، قېرىنداشلىرىمىزدىن ئايرىلىپ ياشاۋاتىمىز. شۇڭا ئۈستىدىكى مىساللىرىدىكى قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى چاكىنىلىق ۋە مۇئەللىمنىڭ ئالىيجاناپلىقىدىن تولىمۇ ئۇزاقتا دەپ ئويلايمەن. بىر تەرەپتىن، “ھەممە ئىشتا بىر خەير بولىدۇ” دېگەن تەبىر بويىچە بۇلار بەلكىم بىزنىڭ يۇرتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئېرىشكەن خەيرلىك ئىشلاردىن بىرسىدۇر. چۈنكى قەلبىمىزدە ئاتا- ئانىمىز، قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان ھېچقانداق مەنپەئەت ئارىلاشمىغان ساپ قېرىنداشلىق مېھرى يەر ئالغان دەپ ئويلىسام. يەنە بىر تەرەپتىن ، تۆۋەندىكىدەك زەنجىرسىمان سوئاللار كاللامنى قالايمىقان قىلىۋېتىپ باراتتى. بىر كۈنلەردە بىز ئۇلار بىلەن دىدارلاشساق ھازىرقىدەك ساپ مېھر – مۇھەببەت يەنە داۋام قىلالامدۇ؟ ئۇلار بىلەن قانچىلىك ئېجىل – ئىناق ئۆتۈپ كېتەر بولغىيتتۇق ؟ ياكى بولمىسا مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئۈستىدە تىلغا ئېلىنغانلارغا ئوخشاش  چاكىنىلىقلارغا غەرق بولارمىدۇق؟ بۇنداق بولمايدىغانلىقىمىزغا قانداق كاپالەتلىك قىلالايمىز؟ ۋە ياكى بۇنداق بولۇشى نورمال بىر ئىشمۇ؟

ئاخىرى يۇقىرىدا دېيىلگەن سوئاللارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ تۇرۇپ، ھازىر يېنىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن قانداق قىلىۋاتىمىز، ئۇلارغا ئۈستىدە تىلغا ئالغان مىسالدىكى قېرىنداشلاردەك چاكىنىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتامدۇق ياكى پېنسىيەگە چىققان مۇئەللىمدەك ئاۋايلاپ، ئاسراپ مۇئامىلە قىلىۋاتامدۇق،  دېگەن سوئاللارنى سوراپ باقساق، سوئالغا جاۋاب تاپقىلى بولىدىكەن دەپ ئويلۇدۇم. چۈنكى يېنىدىكى مىللىي، دىنىي، ئورتاق كەچمىشى بولغان قېرىندىشىغا مېھرىبانلىق قىلالمىغان، ۋاقتى كەلگەندە ئۆز ئاتا- ئانا، ئۇرۇق – توغقان، قېرىنداشلىرىغا مېھر – شەپقەت قىلالىشى ناتايىن.

ئىنكاس يازىمەن