مۇپەتتىش – نىكولاي ۋاسىلىيەۋىچ گوگول

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت

مۇپەتتىش: ئى [ئە] بىرەر ئىش ياكى خىزمەتنىڭ قانداق كېتىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرغۇچى خادىم : مۇپەتتىش گۇرۇپپىسى . مۇپەتتىش ئىشخانىسى .( ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى)

سلام وردم رشوت دگلدر ديو آلمادىلر

Selâm verdim rüşvet değildir deyü almadılar

سالام قىلسام پارا ئەمەسكەن دەپ سالامنىمۇ ئالمىدى.

فۇزۇلى – شىكايەتنامە

 

    ئەسلىدە رامىزان ئېيى بويىچە باشقا كىتابلارنى ئوقۇشنى تاشلاپ، يىلدا بىر كېلىدىغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى ئويلاشقان ئىدىم. ئەمما نېمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم، ئىچىم سىقىلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ئوقۇشنى پىلانلاپ كېلىۋاتقان كىتابلارنى قولۇمغا ئالدىم. ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىۋەتمەي دەپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ نىپىزىنى تاللىدىم. شۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى باش تېما، نىكولاي ۋاسىلىيەۋىچ گوگولنىڭ “مۇپەتتىش” ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇدىم.

   كىتابتا ئىككى يۈز يىل بۇرۇنقى چار پادىشاھ ۋاقتىدىكى رۇسىيەنىڭ چىرىكلەشكەن ھاكىمىيىتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، سانت پېتىربۇرگدىن بىر مۇپەتتىش كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ پات-پاراڭ بولۇپ كەتكەن، باشقا بىرەيلەننى مۇپەتتىش دەپ خاتا تونۇپ قېلىپ نۇرغۇنلىغان ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلغان ۋالىي ۋە ئەتراپىدىكى ھەر قايسى قاتلاملاردىكى باشلىقلارنىڭ چىرىكلىكى، چاكىنىلىقى قامچىلانغان. مەركىزىي ئىدىيەسى بىزگە ناتونۇش بولمىغان، مىڭ يىلدىمۇ قېرىمايدىغان “باشلىق ياكى تەكشۈرگۈچى كېلىدۇ” مەسىلىسى.

    بۇ كىتابنى ئوقۇۋېتىپ كىچىك ۋاقتىمدىكى بەزى ئىشلار يادىمغا كېلىپ قالدى.

    بىرىنچىسى، يۇرتۇمدا ياز مەۋسۇمى بەك ئىسسىق بولاتتى. بەزى ۋاقىتلاردا ھاۋانىڭ بۇلۇتلۇق، سالقىن بولۇشىنى بەكلا ئۈمىد قىلىپ كېتەتتۇق. كېيىن يۇقىرىدىن باشلىق كەلسە باشلىقلارنى ئىسسىقتا قىينىلىپ قالمىسۇن دەپ ئامانغا سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرىدىغان بومبا ئاتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق. دېمىسىمۇ يۇقىرىدىن باشلىق كېلىدىغان كۈنلىرى يۇرتۇم باشقىچىلا سالقىن بولۇپ قالاتتى. باشلىق كېلىدۇ دېسە، مەكتەپلەرنى ئوقۇ- ئوقۇتۇشنى تاشلاپ كەڭ كۆلەملىك تازىلىق قىلدۇراتتى. بەزىدە ناھىيە بويىچە ھەممە يەر تازىلىق بىلەن مەشغۇل بولۇپمۇ كېتەتتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتسە، ئىچىمىزدە “بىرەر باشلىق كەلگەن بولسا بوپتىكەن”، دەپمۇ قالاتتۇق. قىلىنغان پۈتۈن ئىشلار شۇ باشلىقلارغا كۆرسىتىش ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى.

    ئىككىنچىسى، دادام كىچىككىنە ئەمىلى بار ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئىدى. كىچىك ۋاقتىمدا ئۆيگە مېھمان كېلىشتىن بۇرۇن، ئاپام مېھمان كەلگەندە چوڭلارغا سالام قىلىشىمنى تاپىلايتتى. ئەپسۇس، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا مەن مېھمانغا كەلگەن چوڭلارغا ئەمەس، ئۇلار ماڭا سالام بېرىپ، قولۇمنى سۆيۈپ كېتەتتى. بۇ خىل سۆيۈشنىڭ مېنى ھەقىقىي سۆيگەنلىكىدىن ئەمەس، دادامدىن قورقۇپ، دادامغا ھاجىتى چۈشۈپ قىلىنغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى كىچىككىنە مەن چېغىمدا سىزىپ قالاتتىم . يىللا ئۆتتى، دادام باشقا يەرگە يۆتكىلىپ كەتتى. ئەينى ۋاقىتلاردا ئۆيگە كېلىپ قوللىرىمنى سۆيۈپ، ھەتتا بالىلىرىغا مېنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىپ يۈرىدىغان كىشىلەرنى يوللارنى ئۇچراپ قالسا سالام قىلسام، سالامنى تەستە ئالىدىغان شەكىلدە ئۆزگەرگەن ئىدى.

    بۇ كىتابنى ئوقۇۋېتىپ يەنە تۈركىيەدىكى داڭلىق كىنو ئەپسانىسى بولغان كەمال سۇنالنىڭ “توسۇن پاشا (Tosun paşa) ناملىق كومېدىيە فىلىمى، بىر زامانلاردا ۋەتەندە ئېيتىلىپ يۈرگەن “باشلىق كېلىدۇ” ناملىق ناخشا يادىمغا كەلدى.

     ”توسۇن پاشا“دىمۇ “مۇپەتتىش”كە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئەھۋال ئېكرانغا يورۇتۇلغان بولۇپ، كۈلكە ئىزدەۋاتقانلارغا قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن.

     كىچىك ۋاقتىمدا ئۆيدە چوڭ تازىلىق قىلغاندا ھۇرۇنلۇق قىلىپ ئاپامغا “باشلىق كېلىدىغاندەك تازىلاپ كېتىدىكەنمىز؟” دەپ غۇدۇڭشۇپ قوياتتىم. يەنە تېخى مۇشۇ ناخشىنى ئۈنلۈك قويۇپ ھويلىمىزنى تازىلىغىنىم تۈنۈگۈنكىدەك يادىمدا.

     “مۇپەتتىش” ھادىسىسى پۈتۈن دۇنيادا ۋە تارىختىن بېرى مەۋجۇت بولغان نورماللىشىپ كەتكەن “بىنورماللىقلار”دىن بىرى بولسا كېرەك.

 

ئىنكاس يازىمەن