«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىن سۆز ئىزدەش ۋە ئۇنى نەقىل قىلىش – ئەلدەر

«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىن سۆز ئىزدەش ۋە ئۇنى نەقىل قىلىش
ئوقۇلۇش ۋاقتى: 5 مىنۇت

«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىن سۆز ئىزدەش ۋە ئۇنى نەقىل قىلىش

ئەلدەر

ھىجرىي 1442-يىلى، رەجەپ

    مەھمۇد كاشىغەرىي تەرىپىدىن مىڭ يىل بۇرۇن يېزىلغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تونۇشتۇرۇلماس. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (نۆۋەتتە دىۋان دېيىلىدۇ) 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيەدە قايتا بايقىلىپ، نەشىر قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە كۆپلىگەن تىللاردا، كۆپلىگەن نەشىر نۇسخلىرى ۋۇجۇتقا چىقتى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى نەشرى 1980-يىلدىن 1984-يىلغىچە «تۈركىي تىللار دىۋانى» نامىدا ئۈچ توملۇق قىلىنىپ نەشىردىن چىقتى[1]. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نۇرغۇن نەشىرلىرى روياپقا چىقتى.

    دىۋان – كۆپلىگەن تىلشۇناسلار تەرىپىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ كېلىنگەن بولسىمۇ، يېڭى تەتقىقاتچىلار، ھەۋەسكارلار ۋە خەلق ئاممىسى، دىۋاننىڭ ئۆزگىچە تۈزۈلۈشى تۈپەيلى، ئۇنىڭدىن سۆز ئىزدەشنى ئۇقمايدۇ. دىۋاندىن نەقىل ئېلىشقا كەلسەك، توردىكى يازمىلارنىڭ سۈپىتى تىلغا ئېلىشقۇ بىھاجەت، ھەتتا بەزى ئىلمىي ئەسەرلەر ۋە كىتابلاردىمۇ دىۋاندىن نەقىل ئېلىنغان سۆزنى ئوقۇرمەن شۇ نەقىل مەنبەسى بويىچە ئۆزىنىڭ قولىدىكى دىۋاننىڭ نەشىر نۇسخسىدىن تاپالىشى مۈشكۈل.

    بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى بولسا :

     – ھەر خىل نەشىردىكى بەت سانىنىڭ ماس كەلمەسلىكى.

   – نەقىل ئېلىش ئۇسلۇبىنىڭ ئوخشىماسلىقى. مەسىلەن، بەزىلەر بىر سۆزنى ئېندېكس بويىچە نەقىل كەلتۈرىدۇ. باشقىلار دىۋاننىڭ ئۆزىدىكى نەشرىنىڭ بەت سانىنى بېرىدۇ.

    – دىۋاندىن نەقىل ئالغان ئەسلى يازمىدىكى مەنبەنى باشقا بىرسى كۆچۈرگەندە خاتا كۆچۈرىۋالغان. مەسىلەن، بەت سانى، سان-سىفىر ئالمىشىپ كەتكەن ياكى باشقا خاتالىق يۈز بەرگەن.

    يۇقارقى مەسىلىلەر تۈپەيلى، دىۋاننىڭ مىراسخورلىرىدىن بولغان خەلقىمىزنىڭ ھەربىر ئەزاسىنىڭ دىۋاندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىشى ئۈچۈن، مەزكۇر يازما ھازىرلاندى.

سۆز ئىزدەش

     «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» بىزگە تونۇشلۇق باشقا لۇغەت/قامۇسلارغا ئوخشاش ئېلىپبە تەرتىبى بويىچە تۈزۈلمىگەن. بەلكى مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ سۆزى بويىچە «ئىشنى يېنىكلىتىش ۋە ئىخچام قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئەسەرنى مەندىن بۇرۇن ھېچكىم ئىشلەتمىگەن ۋە ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئالاھىدە بىر تەرتىپتە تۈزۈپ چىقتىم»[2]. دېمەك دىۋاندىن سۆز ئىزدەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ تەرتىپى بىلىش شەرت.

    دىۋاندىن سۆز ئىزدەشنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپبە تەرتىپىدە سۆزلەر ئىندېكسى تۈزۈلگەن بولۇپ، ئىندېكستىن سۆز ئىزدەش ئادەتتىكى لۇغەتتىن سۆز ئىزدەشتىن پەرقسىز. شۇڭا بۇ يەردە چۈشەندۈرۈلمىدى. لېكىن دىۋاننىڭ ھەممە نەشرى ئىندېكس بىلەن بېسىلمىغان بولغاچقا، ئۇنىڭسىز سۆز ئىزدەش تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلىدۇ.

    دىۋان – سەككىز چوڭ بۆلۈمگە بۆلۈنگەن بولۇپ، مۇئەللىپ بۇلارنى ئەسەرنىڭ بېشىدا ساناپ ئۆتكەن[3]. ھەر بۆلۈم، ئىسىم ۋە پېئىل دەپ ئىككى تارماق بۆلۈمگە ئايرىلغان. ئىسىم بۆلۈمى ئالدىدا، پېئىل بۆلۈمى كەينىدە. بۇ يەردىكى «ئىسىم» ھازىرقى تۇرغۇن سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ، يەنى زامان بىلەن تۈرلەنمەيدىغان ئىسىم، سۈپەت، سان، ئالماش، رەۋىش … قاتارلىق پېئىلدىن باشقا سۆز تۈركۈملىرىنى كۆرسىتىدۇ. پېئىللار ئۆتكەن زامان قوشۇمچىسى بىلەن ئۈچىنجى شەخس بىرلىكنىڭ 1- يۈرۈش قوشۇمچىسىنىڭ بىرىكمىسى[4] «دى، تى»لىق شەكىلدە بېرىلگەن بولۇپ، «دى، تى» ھەرپ سانالمىغان (مەسىلەن، ياغماق، «يغدى» شەكلىدە بولۇپ ئىككى ھەرپلىكلەر بابىدا). ھەر بۆلۈمدە سۆزلەر، ئىچىدىكى ھەرپ سانىغا ۋە سۆز قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن كىچىك باپلارغا بۆلۈنگەن. بۇ يەردىكى ھەرپ سانى خاقانىيە دەۋرىدىكى يېزىلىشقا ئاساسلانغان. نۆۋەتتە بۇلارنى تەرتىپى بويىچە دەۋرىمىزدىكى ئوقۇرمەنگە چۈشىنىشلىك ھالدا ئىزاھلايمەن.

   بىرىنجى بۆلۈم، ھەمزە بۆلۈمى. يەنى «ئ» بىلەن باشلانغان سۆزلەر. مەسىلەن، ئوغۇر – ھەمزىلىك ئىسىملار بۆلۈمى، ئوتتۇرىسى ھەرىكىلىك سۆزلەر بابلىرى، فَعَل فَعُل فَعِل شەکلىدە ئوتتۇرا ھەرپى ھەرخىل ھەرىكىلىك سۆزلەر بابى، اُغُر.

    ئىككىنجى بۆلۈم، سالىم بۆلۈمى. يەنى ھەمزە ياكى ي، ۋ بىلەن باشلانمىغان، ھەرپ تەكرارلانمىغان سۆزلەر. مەسىلەن، ساتلاندى – سالىم پېئىللار بۆلۈمى، تۆت ھەرپلىكەر بابى، فَعلَلدى شەكلىدە ھەر خىل ھەرىكىلىك سۆزلەر بابى، ستلندى.

    ئۈچىنجى بۆلۈم، مۇزائەف بۆلۈمى. يەنى تەركىبىدە بىر ئۈزۈك تاۋۇش تەكرارلىنىپ كەلگەن سۆزلەر. پېئىللاردا «تى» قوشۇلۇپ شەكىللەنگەن تەكرارلىقمۇ بۇنىڭغا كىرىدۇ. مەسىلەن، كۆك – مۇزائەف سۆزلەر بۆلۈمى، ئىككى ھەرپلىك ئىسىملار بابى، كُك. قۇمىتتى – مۇزائەف پېئىللار بۆلۈمى، ئۈچ ھەرپلىكلەر بابلىرى،  فَعَلدى شەكلىدە ئوتتۇرا ھەرپى ھەر خىل ھەرىكىلىك سۆزلەر بابى، قُمِتّى.

      تۆتىنجى بۆلۈم، مىسال بۆلۈمى. يەنى ھەرفىي ئىللە[5] «ئەلىف/ا، ۋاۋ/و، يا/ي» بىلەن باشلانغان سۆزلەر. مەسىلەن، يۈۋدى – مىسال پېئىللار بۆلۈمى، ئىككى ھەرپلىكلەر بابى، یُڤدی.

     بەشىنجى بۆلۈم، ئۈچ ھەرپلىك سۆزلەر بۆلۈمى. بۇ بۆلۈمدە كۆپىنچە تەركىبىدە (باش ھەرپىدىن باشقا) ھەرفىي ئىللە «ئەلىف/ا، ۋاۋ/و، يا/ي» بولغان ئاخىرقى بوغۇمى يېپىق بوغۇم بولغان سۆزلەر ئۇچرايدۇ. بۇ بۆلۈمدىكى پېئىللارنىڭ ئۆزىكى ئاساسەن يېپىق بوغۇم بىلەن ئاياغلاشقان. مەسىلەن، بەيرەم – ئۈچ ھەرپلىك سۆزلەر بۆلۈمى، ھەرپ ئارتتۇرۇلغان سۆزلەر بابلىرى، فَيعَل شەكلىدە ھەر خىل ھەرىكىلىك سۆزلەر بابى، بَيرَم. يەنە، كۈيۋەندى – ئۈچ ھەرپلىك سۆزلەر بۆلۈمى، مەنقۇس پېئىللار بۆلۈمى، فَعلَلدى شەكلىدە ھەر خىل ھەرىكىلەنگەن تۆت ھەرپلىك سۆزلەر بابى، كُيفَندى.

    ئالتىنجى بۆلۈم، تۆت ھەرپلىكلەر بۆلۈمى. بۇ بۆلۈمدە كۆپىنچە تەركىبىدە (باش ھەرپىدىن باشقا) ھەرفىي ئىللە «ئەلىف/ا، ۋاۋ/و، يا/ي» بولغان ئاخىرقى بوغۇمى ئوچۇق بوغۇم بولغان سۆزلەر ئۇچرايدۇ. بۇ بۆلۈمدىكى پېئىللارنىڭ ئۆزىكى ئاساسەن ئوچۇق بوغۇم بىلەن ئاياغلاشقان. مەسىلەن،  تۈ – ئىككى ھەرپلىك ئىسىملاردىن ياسالغان تۆت ھەرپلىك سۆزلەر بۆلۈمى، تو. يەنە، سۈلەدى – تۆت ھەرپلىك پېئىللار بۆلۈمى،  فَعَلدى شەكلىدە ئوتتۇرا ھەرپى ھەر خىل ھەرىكىلەنگەن ئۈچ ھەرپلىك سۆزلەر بابى، سُلادى.

    يەتتىنجى بۆلۈم، غۇننىلىكلەر بۆلۈمى. غۇننە دىماغ تاۋۇشى بولۇپ، كاشىغەرىي «چ، ڭ» [6]ھەرپلىرىنى كۆزدە تۇتىدۇ. يەنى تەركىبىدە «چ، ڭ» ھەرپلىرى بار سۆزلەر. مەسىلەن، سىڭۈت – غۇننىلىكلەر بۆلۈمى، ئۈچ ھەرپلىكلەر بابلىرى، سِنكُت.

    سەككىزىنجى بۆلۈم، ئىككى ساكىن بىللە كەلگەن سۆزلەر بۆلۈمى. ساكىن – ھەرەكە بىلەن ئوقۇلمايدىغان ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بىر يېپىق بوغۇم ئارقىسىدا بىر ئۈزۈك تاۋۇش كەلگەنگە باراۋەر. بۇ بۆلۈمدىكى سۆزلەرگە تېخىمۇ توغرا ئىزاھ بولسا، تەركىبىدە ھەر قانداق ئۈچ ئۈزۈك تاۋۇش ئۇلىنىپ كەلگەن سۆزلەر. مەسىلەن، ئارسلان – ئىككى ساكىن بىر يەردە كەلگەن سۆزلەر بۆلۈمى، ئىسىملار بابى، ارسلان.

    يۇقارىدا ئىككى بۆلۈم كاشغەرىينىڭ قويغان ئىسمى بويىچە ئىزاھلانمىدى :

    بەشىنجى بۆلۈمدىكى سۆزلەرنى كاشغەرىي چۈشەندۈرۈپ : «بۇ باپ ۋە بۇ باپقا ئوخشاشلارنى <مەنقۇس> دەپ ئاتىدۇق. چۈنكى، بۇ باپتىكى سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇمشاق ھەرپ – ھەرپى لىن چۈشۈپ قېلىپ، سۆز يېزىلىشتا ئەمەس، ئېيتىلىشتا ئىككى ھەرپلىككە ئايلىنىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەرپلىرى يېزىقتا تولۇق بولىدۇ»[7] دەيدۇ. دېمەك. بۇ يەردىن خاقانىيە تۈركچىسىدە ھەرفىي ئىللە بىلەن يېزىلغان تۈركچە سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ قىسقا سوزۇق تاۋۇش ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ.

    دەۋرىمىزدىكى ئوقۇرمەنگە قولاي بولىشى ئۈچۈن، يۇقارىدا بەشىنجى بۆلۈم، تەركىبىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى سۆزلەرگە ئاساسەن يېپىق بوغۇم بىلەن ئاياغلاشقان دەپ تەبىرلەندى. بۇ تەبىرگە چۈشمەيدىغان سۆزلەر جەمئىي 25 بولۇپ :

     «فَعَل شەكلىدە باش ۋە ئوتتۇرا ھەرپلىرى ھەرىكىلىك بولغان «و- ۋاۋ» ھەرپى بىلەن كەلگەن سۆزلەر» بابىدىكى، «بۇ باپتىكى ھەرپى ئىللەت بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەر» دىن بەشى «قَيا، قِيا، كُيا، كِيا، يَنا» ۋە «بۇ باپتىكى باشقا بىر تۈر»دىن بىر سۆز «يَيا».

    «ھەرپ ئارتتۇرۇلغان سۆزلەر بابلىرى»دىكى « فَعلى شەكلىدە ھەرخىل ھەرىكىلىك سۆزلەر بابى»دىن ئالتىسى «بوجى، قَيدا، كُيدا، قُيقا، قِيما، قُيما» ۋە «فَعالو شەكلىدە ھەرخىل ھەرىكىلىك سۆزلەر بابى»دىن سەككىزى «تَياغو، تُريغا، سُياغو، بِتيكو، كُليكا، قَليما، اكاما، كُشيكا» ۋە «بۇ باپتىكى مىساللار»دىن ئۈچ سۆز «يُريغا، يُليكو، اَياكو».

    «مەنقۇس پېئىللار بۆلۈمى»، «ئىككى ھەرپلىكلەر بابى»دىكى ئىككى سۆز «تورور، قَينَدى».

    ئالتىنجى بۆلۈمدىكى سۆزلەرنى كاشغەرىي چۈشەندۈرۈپ : «بۇ باپتىكى سۆزلەرنىڭ بۇيرۇق شەكلى تۆت ھەرپلىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ بابنى تۆت ھەرپلىكلەر بابى دەپ ئاتىدۇق»[8] دەيدۇ.

    دەۋرىمىزدىكى ئوقۇرمەنگە قولاي بولىشى ئۈچۈن، يۇقارىدا ئالتىنجى بۆلۈم، تەركىبىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى سۆزلەرگە ئاساسەن ئوچۇق بوغۇم بىلەن ئاياغلاشقان دەپ تەبىرلەندى. بۇ تەبىرگە چۈشمەيدىغان سۆزلەر ئاساسەن «ي» ھەرپى بىلەن ئاياغلاشقا  سۆزلەر بولۇپ، جەمئىي 34 :

    «ئىككى ھەرپلىك ئىسىملاردىن ياسالغان تۆت ھەرپلىك سۆزلەر بۆلۈمى»دىكى «فَعَل فَعُل فَعِل شەکلىدە ئوتتۇرا ھەرپى ھەرخىل ھەرىكىلىك سۆزلەر بابى»دىن ئىككى سۆز «بُتُق، جَتُق». «فَعال شەكلىدە ھەرخىل ھەرىكىلىك سۆزلەر بابى»دىن ئۈچ سۆز «خِتاى، تَغاى، جِغاى». ھەمدە «فَعلال شەكلىدە ھەرخىل ھەرىكىلىك سۆزلەر بابى»دىكى 17 سۆزنىڭ ھەممىسى (ي بىلەن ئاياغلاشقان). شۇنداقلا «فَعللال شەكلىدىكى سۆزلەر بابى»دىن بىر سۆز «تُرمُتاى».

    «تۆت ھەرپلىك پېئىللار بۆلۈمى»دىكى «ئىككى ھەرپلىكلەر بابى» دىن ئون سۆز «تَيدى، تُيدى، تِيدى، تُيدى، سُيدى، قَيدى، قُيدى، قُيدى، قِيدى، كُيدى» ۋە «بۇ بابتىكى باشقا بىر تۈر»دىن بىر سۆز «يَيدى».

    دىۋاندىن سۆز ئىزدىگەندە، دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار :

  1. سۆزنىڭ خاقانىيەچە ئىملاسىنى بىلىش. بۇنى زامانىمىزدىكى كۆپىنچە كىشىلەر بىلمەيدۇ. شۇڭا سۆزنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. خاقانىيەچىدە، چاغاتايچىنىڭ ئەكسىچە، سۆزلەردە ھەرفى ئىللە ئاز قوللىنىلىدۇ. سوزۇق تاۋۇشلار كۆپىنچە ھەرەكە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
  2. ئەگەر ئىملانى بىلمىگەندە، بىر قانچە ئىملا بىلەن ئىزدەش كېرەك بولىدۇ.
  3. دىۋاندا، قۇرۇلمىسى بىردىن كۆپ بۆلۈمگە چۈشىدىغان سۆزلەر بولۇپ، بۇلارنى ئىزدىگەندە ئاۋۋال سۆز قۇرۇلمىسى چۈشىدىغان بۆلۈم، ئاندىن شۇ بۆلۈمگە تەۋە باپقا قاراش كېرەك.

نەقىل كەلتۈرۈش

دىۋاندىن نەقىل كەلتۈرگەندە، كۆپىنچە دىۋاننىڭ نەشرى ۋە بەت سانى بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىكى مەسىلە، دىۋاننىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىلا ئاساسلىق ئىككى نەشرى بولۇپ، بىر سۆزنىڭ ھەر بىر نەشىردىكى بەت سانى پەرقلىق. يەنە بەزىدە، سۆزنىڭ پەقەت ئىندېكىستا بېرىلگەن بەت ۋە توم سانلىرىلا بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا سۆزلەرنى تېپىش تېخىمۇ قىيىن. مەسىلەن، ئۇيغۇر (اُيغُر) سۆزىنى نەزەرگە ئالساق :

– شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980-يىل، 8-ئاي، 1-نەشرىدە، 151-بەتتە؛

– شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2008-يىل، 10-ئاي، 1-نەشرىدە، 94-بەتتە؛

-شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2008-يىل، 10-ئاي، 1-نەشرى، ئىندېكستا : 94-20. I 151-4. (يەنى شۇ نەشىر 94-بەت، 20-قۇر؛ تۇنجى نەشىر بىرىنجى توم، 151-بەت، 4-قۇر)؛

– شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2012-يىل، 1-ئاي، 1-نەشرىدە، 94-بەتتە؛

    بۇنىڭغا بىر مەنبەدىن يەنە بىر مەنبەگە كۆچۈرگەندە كېلىپ چىقىدىغان خاتالىقلارنى (ئاساسەن، بەت، قۇر، توم، نەشىر سانلىرى ئالمىشىپ كېتىش) ھەمدە دىۋاننىڭ باشقا تىللاردىكى نەشىرلىرىدىكى بەت سانىدىكى پەرقلەرنى قوشقىنىمىزدا، بۇ خىل نەقىل كەلتۈرۈشنىڭ مەنقۇل[9] سۆزنى بېرىلگەن مەنبەسى بويىچە ئىزدەپ تېپىشقا قانچىلىك قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز.

    شۇڭا مۇئەييەن بىر سۆزنى، ھەركىمنىڭ دىۋاننىڭ ئۆزىدە بار نەشرىدە تاپالىشى ئۈچۈن، دىۋاندىن سۆز نەقىل كەلتۈرگەندە تۆۋەندىكى ئەندىزىنى قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن :

    – ئۇيغۇر : «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، ھەمزىلىك ئىسىملار بۆلۈمى، ئوشۇقچە ھەرپلىكلەر بابلىرى، اَفعَل شەکلىدە ھەرخىل ھەرىكىلىك سۆزلەر بابى، بۇ باپتىكى مىساللار، «اُيغُر».

    – تاڭلادى : «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، غۇننىلىك پېئىللار بۆلۈمى، ھەرخىل ھەرىكىلىك سۆزلەر بابى، «تنكلادى».

    – كۆك : «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، ئۈچ ھەرپلىك سۆزلەر بۆلۈمى، فَعل فُعل فِعل شەكىللىرىدە ئوتتۇرا ھەرپى ساكىنلىق سۆزلەر بابى، «كوك».

    – تەڭدى : «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، غۇننىلىك پېئىللار بۆلۈمى، ئىككى ھەرپلىكلەر بابى، «تنكدى».

    – تەڭرى : «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، غۇننىلىكلەر بۆلۈمى، فعالى شەكلىدە ھەرخىل ھەرىكىلىك سۆزلەر بابى، «تنكرى».

    يەنى نەقىل « بۆلۈم ، باب، باب، سۆز» تەرىقىسىدە بولۇپ، سەككىز بۆلۈمدىن باشقا ئاز دېگەندە ئىككى بابنىڭ ئىسمى بېرىلىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، سۆزنى تاپماقچى بولغاندا پەقەت بىر قانچە بەتنى ئاختۇرسىلا بولىدۇ. شۇنداقلا، ئىككى بابتىن كۆپ باب ئىسىم بېرىلسە تېپىش تېخىمۇ قولايلىشىدۇ. ئەلۋەتتە، نەقىل ئېلىنغان كىتابنىڭ نەشرىيات ئىسمى، نەشىر يىلى، بەت سانى قاتارلىقلار ئارقىسىغا قوشۇلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

    بۇ خىل نەقىل كەلتۈرۈشنىڭ دىۋاننىڭ تۈزۈلىشىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ھەرقانداق نەشىردىن سۆز ئىزدەشتە مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ. ھەتتا دىۋاننىڭ ئەسلى كۆچۈرۈلمە نۇسخىلىرىدىنمۇ ئىزدىگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىردىنبىر كەمچىلىكى، زامانىۋىي نەقىل كەلتۈرۈش ئۇسۇللىرىنىڭ ئەكسىچە، بەت سانى ئېنىق بېرىلمىگەچكە سۆزنى يەنە بىر قانچە بەت ۋاراقلاپ ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.

    خۇلاسەن، دىۋاندىن سۆز ئىزدىگەندە، ئۇنىڭ سەككىز بۆلۈمدىن تۈزۈلگەنلىكىنى ھەمدە ئسىم ۋە پېئىللارنىڭ سۆز قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن تەرتىپلەنگەنلىكىنى بىلىش، بولۇپمۇ ئىزدەلگەن سۆزنىڭ قولىمىزدىكى نەشرىدىكى بەت سانى نامەلۇم ئەھۋالدا ۋە ئىندېكس بولمىغان ئەھۋالدا، كەم بولسا بولمايدۇ. دىۋاندىن نەقىل كەلتۈرگەندە بولسا، « بۆلۈم ، باب، باب، سۆز» تەرىقىسىدە كەلتۈرۈش، دىۋاننىڭ ھەرقانداق نەشرىدىن ئوقۇرمەننىڭ مەنقۇل سۆزنى ئىزدەپ تېپىشىغا ئەڭ قولايلىق تۇغدۇرىدىغان نەقىل ئۇسۇلى.

[1]. «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2012-يىلى، 1-نەشرى. «تۈركىي تىللار دىۋانى»، 35-بەت.

[2]. «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2012-يىلى، 1-نەشرى. ئايىغۇچى كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئېتى بىلەن باشلايمەن، 5-بەت.

[3]. «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2012-يىلى، 1-نەشرى. ئايىغۇچى كۆيۈنگۈچى تەڭرىنىڭ ئېتى بىلەن باشلايمەن، 3-بەت.

[4]. ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر قاتارلىقلار، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2010-يىلى نەشرى. 3-توم، 1635-بەت.

[5]. ئەرەبچە ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلار «ئەلىف/ا، ۋاۋ/و، يا/ي» بولۇپ، بۇلار ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەردە «ۋ، ي» ۋە سوزۇق تاۋۇشلارغا توغرا كېلىدۇ.

[6]. «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2012-يىلى، 1-نەشرى. غۇننىلىكلەر بۆلۈمى، 951-بەت.

[7]. ئۈچ ھەرپلىك سۆزلەر بۆلۈمى، فَعَل شەكلىدە باش ۋە ئوتتۇرا ھەرپلىرى ھەرىكىلىك بولغان «و-ۋاۋ» ھەرپى بىلەن كەلگەن سۆزلەر بابى، قائىدە.

[8]. تۆت ھەرپلىك پېئىللار بۆلۈمى، تۆت ھەرپلىكلەر بابلىرى، قائىدە.

[9]. . مەنقۇل [منقول]: ئە. كۆچۈرۈلگەن، يۆتكەلگەن؛ نەقىل كەلتۈرۈلگەن، بىراۋنىڭ يازغانلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن؛ ئەنئەنىۋى؛ ئەنئەنە. <>~بولماق (~بولماق): كۆچۈرۈلمەك، نەقىل بولماق. ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي، خەمىت تۆمۈر، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 569-بەت.

ئىنكاس يازىمەن