مەن ئىشلىتىدىغان ئەپلەر 2019\07\02 يېڭىلاندى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت

بىر رىۋايەتتە ئىبراھىم ئەلەيھسسالامنىڭ بىر كۈننى ئۈچكە بۆلگەنلىكى، بىرىدە ئىبادەت قىلىدىغانلىقى، بىرىدە دۇنيا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى ۋە ئارام ئالىدىغانلىقى، يەنە بىرىدە بولسا ھېساب كىتاب قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان. رەسۇلىمىزنىڭ ھەدىسىدە بىر كۈن تۆتكە بۆلۈنگەن بولۇپ بىر قىسمى ھېساب- كىتاب قىلىش ئۈچۈن ئايرىلغان ئىكەن. ئۆزۈم ھېساب- كىتاب قىلىشقا (پۇل- مالنىڭلا ھېسابى ئەمەس) مايىل بولغاچقا بۇ خىلدىكى قوراللاردىن كۆپ پايدىلىنىمەن. بۇ يازمىدا ئۆزۈم ئىشلىتىدىغان ئەپلەرنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن. ئەگەر تېخىمۇ قوللىنىشچان ئەپلەر بولسا ئىنكاسقا يېزىپ قويساڭلار بولىدۇ.

  1. Life Cycle

ئۈچ يىلدىن بېرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ۋاقىت ئىزىغا چۈشۈش ۋە ھېساپلاش قۇرالى

ئالاھىدىلىكى: يېڭى بىر يەردە بولۇنغان ۋاقىتتا، ئۇ يەرنىڭ ئىسمى ۋە تۈرى بېكىتىپ قويۇلسا ئۇ يەردە قانچىلىك ۋاقىت سەرىپ قىلىنغانلىقىنى كۈنلۈك، ھەپتىلىك، ئايلىق ۋە يىللىق ھېسابلاپ، ئىستاتىستىكا قىلىپ چىقىرىپ بېرىدۇ. مەسىلەن: رامىزاندا مەلۇم مەسچىتتە تەراۋىھ نامىزى قىلىشنى پىلانلىغان بولسىڭىز، ئۇ مەسچىتنىڭ ئىسمى بىلەن تۈرىنى (ئىبادەت دېگەندەك) بېكىتىپ قويسىڭىز، بىر ئايدىن كېيىن قانچىلىق ۋاقىتنى شۇ مەسچىتتە ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزنى ئاپتۇماتىك چىقىرىپ بېرىدۇ.

ئارتۇقچىلىقى: بىر كۈندە پەقەت 1% لا توك سەرپ قىلىدۇ.

ماڭغان قەدەم سانىنى، ئابتوبۇس بېكىتىدە ساقلىغان ۋاقتىڭىزنى، كۈنلۈك يولدا كەتكەن ۋاقىت، ئۆيدە ئۆتكۈزگەن ۋاقىت، ئۇخلىغان ۋاقىت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ بېرىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ ئەپ خىتاينىڭ ئەمەس.

 

  1. 随手记

بەش يىلدىن بېرى ئىشلىتىۋاتقان كىرىم- چىقىم خاتىرىلەش ئەپى.

ئالاھىدىلىكى: كۈندىلىك كىرىم- چىقىملارنى پۇل جىنسىغا قاراپ خاتىرلەپ ماڭىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا ھەممە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تېلېفونلىرىغا ئوخشاش ھېساب بىلەن كىرىش قىلغىلى بولىدۇ. ئوخشىمىغان كاتېگورىيەگە ئاساسەن ناھايىتى ئوبرازلىق ھالەتتە ئايلىق دوكلات چىقىرىپ بېرىدۇ. قايسى كاتېگورىيەگە كۆپرەك چىقىم بولغانلىقىنى، قانچە پىرسەنت ئاشقانلىقىنى ياكى ئازايغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. پۇللىرىنىڭ قەيەرگە كېتىپ بارغانلىقىنى بىلمەكچى بولغان، ھېساب- كىتاب قىلىشقا ئامراق قېرىنداشلار ئۈچۈن تەۋسىيە.

ئارتۇقچىلىقى: خاتىرىلەشكە قولايلىق. ئايلىق دوكلاتى ياخشى. مەلۇم تۈردە مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە قانچىلىك چىقىم  قىلىنغانلىقىنى دەرھال كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: مەن ساتىراشخانىغا 2019- يىلى 40  لىرا؛ 2018- يىلى 105 لىرا؛ 2017- يىلى 110 لىرا؛ 2016- يىلى 110 لىرا؛ 2015- يىلى 45 لىرا خەجلەپتىمەن. بۇنىڭدىن ئوخشاش ئانالىزنى قىلغاندا، ئايلىق چىقىملىرىمنى ئىلمىي شەكىلدە پەرەز قىلغىلى، يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنغىلى بولىدۇ.

كەمچىللىكى: ئەپنىڭ تىلى خىتايچە ۋە ئىنگىلىزچە. ھەر قېتىملىق خەجلەنگەن، يانچۇققا كىرگەن پۇلنى ئايرىم- ئايرىم يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. مەن 50 كۇرۇش خەجلىسەممۇ خاتىرلەپ ئادەتلەنگەن. خاتىرىلەشكە ھورۇنلۇق قىلىدىغانلارغا ماس كەلمەيدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ خىلدىكى ئەپلەرنى كۆپ سىناپ كەتتىم. لېكىن ئەڭ ياخشىسى يەنىلا خىتايلارنىڭ ياسىغان ئەپى بولدى. بۇ ئەپ رەسىم، مېكروڧۇن، ئورۇن، تېلىفۇن دەپتىرى دېگەندەك ھەر قانداق ئۇچۇرغا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئەگەر تېخىمۇ ياخشى ھەم تېخىمۇ بىخەتەر ئوخشاش ئالاھىدىلىكى بولغان ئەپلەر بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار بولىدۇ.

3. Storytel

ئاۋازلىق كىتاب ئەپى.

يۇقىرىدىكى Life Cycle ئارقىلىق قىلىنغان ئىستىلىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بىر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 35 سائەت ئاپتوبۇس بېكىتىدە، قاتناش ۋاستىسىدە بولىدىكەنمەن. غەرب دۆلەتلىرىدىكى قاتناش ۋاستىلىرىدىكىگە ئوخشاش راھەت كىتاب ئوقۇش مۇھىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاۋازلىق كىتاب تۈركىيەدە ياشايدىغانلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئەۋزەل دەپ قارايمەن. بۇنداق بولغاندا بىر ئايدا كۆپ بولغاندا 6\7 كىتاب، ئاز بولغاندا 3\4 كىتابنى يولدىلا ئاڭلاپ تۈگەتكىلى بولىدۇ.

ئالاھىدىلىكى: ئىشلىتىشكە ئەپلىك، قەتئىي قېتىپ قالمايدۇ ۋە چېكىنىپتۇ كەتمەيدۇ. سۈرئەتنى ئەڭ تېز بولغاندا ئىككى ھەسسىگە چىقارغىلى بولىدۇ. سۈرئەتنىڭ تېز ئاستىلىغىغا ئاساسەن كىتابنى قانچىلىك ۋاقىتتا تۈگىتىلەيدىغانلىقىڭىزنى، يەنە قانچىلىك ۋاقىت قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

خەتكۈش ساقلاش ئالاھىدىلىكى بولۇپ، مۇھىم دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى ساقلاپ قويالايسىز. بۇ خەتكۈشلەر يوقاپ كەتمەي ساقلىنىپ قالىدۇ. خالىغان ۋاقىتتا كىتابنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى قايتا چۈشۈرۈپ خەتكۈشلەرنى قايتا ئاڭلىيالايسىز. ئالدى- ئارقىسىغا ماڭدۇرۇش قولايلىق.

ئەسەرلەرگە بېرىلگەن ئاۋاز سۈپەتلىك، سۈزۈك. ئەپنىڭ لاھىيەلىنىشىمۇ ئاددى ھەم كۆركەم.

تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچە ئاۋازلىق ئەسەرلەردىن باشقا، ئېلكىتابلارمۇ بار.

كەمچىللىكى: ئەپ ھەقلىق. پەقەت 14 كۈنلۈك ھەقسىز سىناق قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئايدا 26 لىرالىق مۇشتەرى ھەققى ئېلىنىدۇ.

ئاۋازلىق كىتابلارنىڭ سانىنى بىلگىلى بولمايدۇ. كاتېگورىيەلەرگە كىرگەندە نۇرغۇن كىتابلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، لېكىن توپلام قانچە ئەسەر قويۇلغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.

بەزى ئەسەرلەرنى Youtube تىنمۇ تاپقىلى بولىدۇ. پەقەت تېخىمۇ ياخشى بىر سۇپىغا قويۇپ قويغان ھېسابلىنىدۇ خالاس.

ئاۋازلىق كىتابنى تېلېفوننىڭ ئۆزىگە چۈشۈرۈپ باشقا يەرگە كۆچۈرگىلى بولمايدۇ. پەقەت تېلېفۇندىلا ئاڭلىغىلى بولىدۇ. كومپيوتېر نۇسخىسى يوق.

2019\07\02

داۋامى بار…

ئىنكاس يازىمەن