تۈركىيەنىڭ يېڭى ئۆي – مۈلۈك قانۇنى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت

تەييارلىغۇچى: ئابدۇراھمان

تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە ئۆي – مۈلۈك ۋاسىتىچىلىكى (ئەملاكچىلىق، Emlak) بىر كەسىپ ھالىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدىغان بولۇپ، تۈركىيە ئۆي – مۈلۈك ۋاسىتىچىلىكى تولىمۇ قالاق بىر ھالەتتە.  قايسى دەرىجىدە قالاق دېسىڭىز، بۇ دۆلەتتىكى قاسساپمۇ، پىركازچىكمۇ، شوپۇرمۇ، ساتىراشمۇ ھەتتا يولدىكى ئىككىنچى قول ماللارنى يىغىپ ساتقۇچىمۇ بىر مال-مۈلۈك ۋاستىچىسى يەنى ئەملاكچى ھېسابلىنىدۇ.

ئۆي – مۈلۈك قانۇنىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى،  ئۆي – مۈلۈك كەسپىنىڭ كەسىپ ھالىتىدە مۇئامىلە قىلىنماسلىقى، مۇنتىزىم تەربىيىلەنگەن كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ بولماسلىقى سەۋەبىدىن بۇ كەسىپ  كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە قويمىچىلىق، ئالدامچىلىقنىڭ سىموۋۇلغا ئايلىنىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى.

ۋەتەندىن چىققان مۇھاجىرلىرىمىز ئارىسىدا ئەملاكچى (ئۆي – مۈلۈك ۋاسىتىچىسى) سۆزىگە ماسلاشتۇرۇپ ئىلمەكچى نامىنى بېرىپ ئۈلگۈردى. چۈنكى بۇ كەسىپنى قىلىۋاتقانلارمۇ باشقا يەرلىك ئۆي – مۈلۈك ۋاسىتىچىلىرىغا ئوخشاشلا مۇنتىزىم تەربىيە كۆرمىگەن بولغاچقا خېرىدارىنى تەجرىبە  بۇيىمى سۈپىتىدە كۆرەتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئۆي سېتىۋالغۇچى ياكى ئىجارىگە ئالغۇچىلار يەرلىك خەلققە ئوخشاش “مەن بىكاردىن ۋاستىچىگە پۇل بېرەمدىم، ئۇنىڭدىن بۇ پۇل يانچۇقۇمدا قالسۇن” دەپ ئويلايدىغان بولغاچقا،  بىلىدىغان بىرىگە ھەققىنى بېرىپ بۇ ئىشلارنى قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن ئۆي ئىجارە ئالغۇچى ۋە ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى زىيىنى ئوتتۇرغا چىقىدۇ .

شۇ سەۋەب تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەئەتىنى  قوغداش، شۇنداقلا باج ئوغرلاش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ‍ئۈچۈن 2018- يىلى 6- ئاينىڭ 5- كۈنى  يېڭى “ئۆي – مۈلۈك قانۇنى”  چىقاردى ۋە بۇ قانۇننىڭ ئەمەلىيلىشىشى ‍ئۈچۈن 18 ئاي مۆھلەت بېرىلدى. بۇ يازمىدا يېڭى قانۇندىكى بەزى يېڭىلىقلار تۇنۇشتۇرۇلىدۇ.

يېڭىلىقلار

بىرىنچى، يېڭى ئۆي – مۈلۈك قانۇنىغا ئاساسەن بىر كىشى ئۆي – مۈلۈك ۋاستىچىلىكى دۇكىنى ئاچماقچى ياكى دۇكىنىدا ئىشلىمەكچى بولسا، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا تولۇق ئوتتۇرا دىپلوم ساھىبى بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن كۇرسلار ياكى ئىسمەك كۇرسلىرىنىڭ (ISMEK) ئۆي – مۈلۈك ۋاسىتىچىلىكى مەسلىھەتچىلىكى (Emlak Danışmanlık) كۇرسىدا ئوقۇپ، مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا رۇخسەت قىلىنغانلىق گۇۋاھنامىسى ئېلىش كېرەك.

دىققەت: بۇ قانۇن چىقىشتىن بۇرۇن ئۆي – مۈلۈك ۋاسىتىچىلىكى دۇكىنى ياكى شىركىتى ئېچىۋاتقانلاردىن بۇ گۇۋاھنامە  تەلەپ قىلىنمايدۇ. لېكىن ئەسلىدىكى ئورنىدىن باشقا بىر ئورۇنغا يۆتكەلگەندە چوقۇم يېڭى قانۇندا تەلەپ قىلىنغان شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

ئىككىنچى، ئۆي – مۈلۈك ۋاستىچىلىك شىركىتى ياكى دۇكىنى ئېچىش ‍ئۈچۈن مەخسۇس ئاجرىتىلغان ئايرىم بىر ئىشخانا بولۇشى، ئەمەلىي قوللىنىدىغان ئىشخانىنىڭ كۆلىمى 30 كۋۋادىرات مېتىردىن چوڭ بولۇشى، ئەگەر بۇ ئىشخانىدا ئىككىنچى بىر كىشىنى ئىشلەتمەكچى بولسا، ئايرىم بىر ئۈستەل ۋە ئورۇندۇق بولۇشى، ئىشخانىنىڭ كۆلىمىنىڭ 36 كۋۋادىرات مېتىر ۋە ھەر بىر ئىشلەيدىغان كىشى كۆپەيگەندە ئىشخانا چوڭلۇقى ماس ھالدا كىشى بېشغا 6 كۋۋادىرات مېتىردىن چوڭىيىپ  مېڭىشى كېرەك.

ئۆي – مۈلۈك ۋاستىچىلىك شىركىتى ئېچىشنىڭ باشقا شەرتلىرى

كۆچمەس مۈلۈك تىجارەت ئۇچۇر بەلگىسى بولۇش. بۇنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئۆي – مۈلۈك ۋاسىتىچىلىرىنىڭ خىزمەت كېنىشكىنى دىيىشكە بولىدۇ. بۇ يەتتە خانىلىق ساندىن تۈزىلىدۇ، شەھەر كودى بىلەن باشلىنىدۇ يەنى ئىستانبۇلنىڭ 34 بىلەن باشلىنىدۇ ۋەھاكازالار.

18 ياشتىن ئاشقان بولۇش. بۇرۇن تىجارەتتە ۋەيران بولمىغان بولۇشى ۋە ياكى ۋايران بولغان خاتىرىسى بولماسلىقى، بىرىگە قەرزدار بولۇپ ئۇ قەرزنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەشكە بۇيرۇلغان بىرى بولماسلىقى قاتارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغان كىشى ئۆي – مۈلۈك ۋاستىچىلىك شىركىتى ئاچالايدۇ ۋە بۇ گۇۋاھنامىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى بەش يىل بولىدۇ.

بەش يىلدىن كېيىن قايتىدىن يىڭىلاش كېرەك. باشقا بىرىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ. يۇقىردىكى شەرتلەرنىڭ بىرىنىڭ كام ئىكەنلىكى بايقالغاندا گۇۋاھنامە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

مۇلازىمەت ھەققى

مال- مۈلۈك ئېلىم – سېتىمدا ئېلىنىدىغان مۇلازىمەت ھەققى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئالغۇچى ۋە ساتقۇچىدىن سېتىلغان پۇل سوممىسىنىڭ  2% دىن جەمئىي 4% ۋە KDV  ئېلىنىدۇ. يەنى 260000 لىرالىق بىر ئۆيدىن ئۆي – مۈلۈك ۋاسىتىچىسىنىڭ ئالىدىغان خىزمەت بەدىلى  260000/0.04/1.18=12272 لىرا بولىدۇ. ئالغۇچى ۋە ساتقۇچىنىڭ ھەربىرىدىن 12272/2=6136  لىرا ئالالايدۇ. بۇنىڭدىن ئارتۇق مۇلازىمەت ھەققى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ.

كۆپىنچە ھاللاردا مۈلۈك ئىگىسى ئۆي – مۈلۈك ۋاسىتىچىسىغا مۈلىك ئۈچۈن مەلۇم بىر  باھا بېكىتىپ بېرىپ، مۇشۇ پۇلنى ماڭا بېرىپ قالغىنىنى  ئۆزۈڭ ئېلىۋال دەيدۇ. يېڭى قانۇندا مۇشۇنداق دېگەن ئەھۋالدىمۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ كۆپ بولغاندا ئالغۇچى ۋە ساتقۇچىدىن 2%تىن جەمئىي 4% ئېلىش بەلگىلىمىسگە ئەمەل قىلىش كېرەك. ئارتۇق تەلەپ قىلغىنىنى ئىسپاتلىيالىسىڭىز ئۆي – مۈلۈك ۋاسىتىچىسىغا جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئېغىر بولغاندا ۋاستىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

ئىجارە بېرىش مۇلازىمەت ھەققى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر ئايلىق ئىجارە ھەققى ۋە KDV بولىدۇ. مەسىلەن 1000 لىرالىق ئىجارىسى بار ئۆينى ئىجارىگە ئالغىنىمىزدا، ئۆي – مۈلۈك ۋاسىتىچىسىنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلالايدىغىنى 1000+180=1180لىرا بولۇپ، بۇنىڭدىن  ئارتۇق تەلەپ قىلغاندا  ئۆي – مۈلۈك ۋاسىتىچىسىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلسا بولىدۇ.

 ئۆي – مۈلۈك ۋاسىتىچىسىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى

ئېلىم – سېتىم ئىشلىرىدا كېرەكلىك ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق تەييارلاش ۋە ئالغۇچقا تولۇق تەمىنلەپ بېرىش، ئالغۇچى ۋە ساتقۇچىغا مۇقىم مۈلۈكنىڭ بارلىق تەپسىلاتىنى تولۇق بىلدۈرۈش، ھېچ نەرسىنى يوشۇرماسلىق، ئالغۇچى ۋە ساتقۇچىنى يۈزلەشتۈرۈش، باھا تالاش تارتىشىدا ئادىل بولۇش، ئۆي – مۈلۈك ۋاسىتىچىسىگە سېتىش ھوقوقى بېرىلگەن بولسا ئۆي – مۈلۈك ۋاسىتىچىسى ساتقۇچىغا ۋاكالىتەن سېتىش، ئالغۇچى ۋە ساتقۇچىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلار.

تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئالماقچى بولسىڭىز سوئالىڭىزنى قالدۇرسىڭىز كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە چۈشەندۈرۈپ قويىمەن. گۇۋاھنامىنى ئالغاندا رەسمىي ھالدا مۇلازىمەت قىلىشنى باشلايمەن.

 

ئىنكاس يازىمەن