پەلسەپە ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز – ئابدۇرېھىم دۆلەت

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 7 مىنۇت

ئەسكەرتمە:

ئابدۇرېھىم دۆلەت ئەپەندىنىڭ «پەلسەپە ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز» ماقالىسىنى ياقتۇردۇم. شۇ سەۋەبلىك ئەسلىسىنى كۆچۈرۈپ قويدۇم.

ئادەمنىڭ ھەممە نەرسىنى بىلگۈسى، تېگى-تەكتىگە يەتكۈسى، سىر-ئەسىرلىرىنى ئۇققۇسى  كېلىدۇ.  بۇ ئىنساننىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتى. ۋەھالەنكى، بۇ تۈپ خۇسۇسىيەت بەزى كىشىلەردە  ئالاھىدە كۈچلۈك بولسا، بەزى كىشىلەردە تولىمۇ زەئىپ بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر  بىلدۈرۈلگەن نەرسىلەرگىلا قانائەت ھاسىل قىلىپ، بىلدۈرۈلگەن ساھەلەر ھەققىدە پىكىر  قىلىپ بېقىشقا ئىنتىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنى مۇشۇنداق كىشىلەر  تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلار كۆز ئالدىدىكى ھەممە نەرسىنى « شۇنداق بولاتتى » ،« ئەزەلدىنلا شۇنداقكەن » ياكى « شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك» دەپ قارايدۇ. مانا مۇشۇ خىل قاراش ئۇلارنىڭ پىكىر قىلىش يولىنى توسۇپ قويغان، ئۇلاردىن ئادەم نېمىشقا ئىككى پۇتىدا  ماڭىدۇ؟ نىمىشقا ھايۋانلاردەك تۆت پۇتلاپ ماڭمايدۇ؟ دەپ سورىسىڭىز، ئۇلار چوقۇم سىزنى  ساراڭ ئىكەن، ئېلىشىپ قاپتۇ، دەيدۇ. ئۇلار بۇ سوئالغا چۈنكى ئادەم دېگەن ئادەم- دە،  ئادەم ھايۋان ئەمەس، ئادەم ئەزەلدىن ئىككى پۇتلاپ ماڭىدىغان تۇرسا، دەپ جاۋاب  بېرىدۇ.

زادى نېمە ئۈچۈن ئىنسانلار مۇشۇنداق پىكىر قىلىشقا كۆنۈپ قالغان؟  « سوفيەنىڭ دۇنياسى » دېگەن كىتابتا بۇنىڭغا: « بۇ كۆنۈككەن تەپەككۇرنىڭ نەتىجىسى »  دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شەيئىلەرنىڭ ھەرىكىتى، ھەممە شۇنداق دەپ تونۇغان ئومۇميۈزلۈك قانۇنىيەتلەر ئىنسانغا  شۇنداق پىكىر قىلىشىنى ئۆگەتكەن.  دەل بۇ كۆنۈككەن تەپەككۇر ئادەمنى زالالەتكە باشلايدۇ، پەقەت ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەرلا  ئەنە شۇنداق غەلىتە (باشقىلارغا نىسبەتەن) بىمەنە سوئاللارنى سورايدۇ ھەم شۇنىڭ جاۋابى  ھەققىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىدۇ. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ سىرىنى  بىلىش-بىلمەسلىك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كونكرېت تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئەمما بۇ  ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلىش ئۈچۈن تاشلانغان مۇھىم قەدەم ھېسابلىنىدۇ، مانا  مۇشۇنداق قەدەم تاشلاشقا جۈرئەت قىلدىغان كىشىلەرنى بىز پەيلاسوپ دەپ ئاتايمىز.

بەلكىم ئۇلار ئىزدىگەن نەرسىلىرىنى تاپالىشى، ھەتتا ئۆزى خىيال قىلمىغان نەرسىلەرگە  ئۇچراپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ تاپقان  « ھەقىقەت » لىرى سەپسەتە بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما بىز نېمىگە ئاساسەن بۇنى سەپسەتە دەيمىز؟ يەنە نېمىگە ئاساسەن بەزى  مەلۇم نەرسىلەرنى ھەقىقەت دەيمىز؟ روشەنكى، بىز سەپسەتە دەپ قارىغان نەرسىلەرمۇ،  ھەقىقەت دەپ قارىغان نەرسىلەرمۇ بىز ئەقلىمىزگە تايىنىپ تاپقان نەرسىلەردۇر. ئەگەر ئەقىل ئارقىلىق تېپىلغان  « سەپسەتە » ياكى « ھەقىقەت » نىڭ توغرا –خاتالىقىنى يەنە بىلەن ئۆلچىسەك، ئەقىل بىلەن باھا بەرسەك، بۇ ئىشەنچىلىك بولامدۇ (ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار  شۇنداق قىلىۋاتىدۇ)؟ ياكى ئۇ كۆپ سانلىق كىشىلەر ئېتىراپ قىلسا ھەقىقەت ھېسابلىنامدۇ؟  ۋە ياكى، پالانى شۇنداقكەن دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقەت ھېسابلىنامدۇ؟ ياكى  ئىنسانلار ئۆزىدىن ھالقىغان بىر كۈچنىڭ قازىلىقىغا موھتاجمۇ؟ بۇ مەسىلە ئىنسانلار بىرلىككە  كېلەلمىگەن مۇھىم بىر مەسىلىدۇر.

ئىنسانلار ئۆزىنىڭ چەكلىك بىلىشى بىلەن قانائەت ھاسىل قىلمايدىغان مەخلۇق بولغاچقا،  ھەر ۋاقىت ئۆزىگە نامەلۇم دەپ قارالغان نەرسىلەرنىڭ سىرىغا يۈرۈش قىلىپ شۇلار ھەققىدە  بەلگىلىك چۈشەنچە –قاراشلارغا كېلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، قەيەرگە  باردىغانلىقىنى، كائىناتنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى، ئادەمنىڭ كائىناتتىكى ئورنىنى، ئادەم  بىلەن ئادەم مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئادەمنىڭ بۇرچىنىڭ نېمىلىكى  قاتارلىق سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى ئىزدەش، بىلىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى  باشلانغۇچ تونۇش-بىلىشلىرىدىن دەسلەپكى پەلسەپە شەكىللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاۋام ئۈچۈن پەيلاسوپلار خۇدا بار دېسە، ئۇلارمۇ بار ئىكەن دەپ تونۇيدۇ. يوق دېسە، يوق ئىكەن دەپ تونۇيدۇ. بار- يوقلۇقى  ھەققىدىكى چۈشەنچە ئۆزىدىن كەلگەن ئەمەس. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ  بۇ ھەقتىكى ئېتىقاد چۈشەنچىلىرى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشى، ئىزدىنىشىنىڭ  نەتىجىسى ئەمەس. ئۇلار خۇدا بار دەپ قارىسىمۇ، قانداق بارلىقىنى بىلمەيدۇ ھەم  چۈشەندۈرەلمەيدۇ. ئەگەر باشقىلار يوق دەپ چۈشەندۈرسە، ئۆزىنىڭ بار دېگەن قارىشى  بىلەن ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالمايدۇ.

پەلسەپە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد پەيلاسوپلارنىڭ پىششىقلىشىدىن ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ  سىستېمىلىشىپ، كېڭىيىپ بارىدۇ. تەدرىجى يوسۇندا بەلگىلىك جەمئىيەت، مىللەتنىڭ  ئومۇمىي ئىش- پائالىيىتىنىڭ قېلىپىغا ئايلىنىپ، شۇ جەمئىيەتنىڭ دۆلەت شەكلى، مەدەنىيىتى،  سىياسىي- ئىقتسادىي فورمىلىرىنىڭ ئاساسىي بوپقالىدۇ. ئىنسانلار ھەرۋاقىت بەلگىلىك  نەزەرىيە، قائىدىلەرگە ئاساسەن ئىش كۆرىدىغان بولغاچقا، پەلسەپىۋى ئىدىيىلەر مۇقەرەر  يوسۇندا كىشىلەرنىڭ ئىشەنچ قىلىپ رىئايە قىلىدىغان مۇقەددەس پىرىنسىپ- ئۆلچەملىرىگە  ئايلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، كىشلىك تۇرمۇشتا ئادەملەر پەيلاسۇپ بولمىسىمۇ پەلسەپىۋى  چۈشەنچىلەرنى خۇرۇچ قىلغان، جەمىيەتلىشىپ كەتكەن دۇنيا قاراش، قىممەت قاراشلارنىڭ  يېتەكچىلىكىدە ياشايدۇ.  ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۇنياغا قاراپ باقىدىغان بولساق، قارىماققا پەلسەپىۋى روھ ئاجىزلىغان،  ئەمما پەلسەپىۋى چۈشەنچىنى يىلتىز قىلغان ئىستىخىيىلىك كۆنۈككەك ئىدىيە ھەممىسىنىڭ  ھەرىكىتىنى كونتىرول قىلغان.

مەسلەن، بۈگۈنكى دۇنيا كىشىلىرى پراگماتىزمنىڭ ئاكتىپ  ئىجراچىلىرى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھەممە ئىشنىڭ توغرا- خاتالىقىنى ئۆلچەيدىغان قازىغا  ئايلانغان. چېكىدىن ئاشقان پراگماتىستىك روھ تۈرتكىسىدە ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىشلىرى  پەقەت ۋە پەقەت ئەمەلىي ئۈنۈمنىلا بىردىنبىر ئەڭ ئالىي مەقسەت قىلغان.  بۇ بۈگۈنكى زامان كىشىلىرىنىڭ بەختىمۇ ياكى پاجىئەسىمۇ؟ بۇنىڭغا ھازىر بىر نەرسە دېمەك  تەس.  ئۇنداقتا پراگماتىزم ئىنكار قىلىنىشى كېرەكمۇ؟  ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، بولۇپمۇ بىزدەك ئەمەلىي ئۈنۈمگە ھەممىدىن بەكرەك ئېھتىياجلىق  كىشىلەر ئۈچۈن پراگماتىستىك روھ بولمىسىمۇ بولمايدۇ، ۋەھالەنكى بۇ خىل روھ چوقۇم  « بىزچە »  ئىستېمال قىلىنىشى كېرەك.

مەن ماددىي ئۈنۈم ئۈچۈن روھىيىتىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىدىن ۋاز كېچىشنى، ئۇنى دەسمايە  قىلىشىنى تەشەببۇس قىلمايمەن. چۈنكى، مېنىڭ نەزىرىمدە ئادەم ماددىي ۋاستىلەرنى  ئۆزىنىڭ مەنىۋى مەقسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىغان جانلىق. ئۇنىڭ بارلىق پائاليىتى  شۇنى مەركەز قىلىش كېرەك.

ۋىليام جامېس (پراگماتىزىم پەلسەپىسىنىڭ مۇھىم ئاساسچىلىرىدىن بىرى) مۇنداق قارايدۇ:  پايدىلىقلا بولىدىكەن،  ئۇ ھەقىقەت. بۇ خىل قاراشتىن ئەگەر ئەمەلىي قىممىتى بولمىسا، بىز ھەقىقەت ئەمەس دېگەن  مەنە چىقىدۇ، بۇ مەنە يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەمەلىي قىممەتكە توسالغۇ بولغان ھەرقانداق بىر  نەرسە تاشلىۋېتىشى كېرەك، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئەمدى بىز بۇ يەردە پايدىلىق دېگەن سۆز  ئۈستىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشىمىز كېرەك. ئۇ زادى ئىنسانغا قايسى جەھەتتىن  پايدىلىق؟ ئۇنىڭ كونكرېت ئوبيېكتى نېمە؟ مۇشۇلار ئايدىڭلاشسىلا، بىزنىڭ يۇقىرىقى  ھۆكۈمنى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىشىمىز ئوڭايلىشىدۇ.  ئەگەر بۇ پەقەت ئىنسانلارنىڭ ماددىي ھالىتىگىلا پايدىلىق بولسا ھەم ھەقىقەت دەپ ئېتىقاد  قىلىنغان بەزى پرىنسىپ،  مىزانلار بۇ خىل ماددىي ھالەتنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈشكە پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالغانلىقتىن،  بۇلار ھەقىقەت ئەمەس دەپ ھېسابلىنىپ، ئۇلاردىن ۋاز كېچىش مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ  قارالسا، ئۇ ھالدا شەخسەن مەن بۇ قاراشنى رەت قىلىمەن.

مەن يەنە ئەگەر بۇ مەنىۋى ھالەتكىلا پايدىلىق بولسا، ماددىي يۈكسىلىش مەنىۋى ھالىتىنى  دەخلى-  تەرۇزغا ئۇچۇراتتى دەپ، ماددىي يۈكسىلىشتىن ۋاز كېچىشنىمۇ يەنىلا رەت قىلىمەن.  چۈنكى، مەن بۇ ھەر ئىككىلا خىل ھالەتنى بىر-بىرىگە دەخلى- تەرۇز قىلدۇرۇشماي،  ئەكىسچە ئەپچىللىك بىلەن ماسلاشتۇرۇش، بىر- بىرىنى ئۆز – ئارا سىڭدۈرۈۋېتىش تامامەن  مۇمكىن دەپ قارايمەن.

زېمىندا ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن مېنىڭ بۇ قارىشىمنىڭ توغرىلىقىنى  ئىسپاتلىيالايدىغان كىشىلەر ئاز بولسىمۇ يەنىلا بار. ئەلۋەتتە، ھەقىقەت ئىجىراچىلىرىنىڭ ئاز  بولۇپ قالغىنى ئۇنىڭ ھەقىقەت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. پەقەت بەزىبىر گۇمراھ  كىشىلەرنى سەل گۇمانغا قويۇپ قويىدۇ، خالاس.  ئەگەر بۇ يەردىكى ئەمەلىي قىممەت ماددىي ۋە مەنىۋى ھالەتلەردىكى ئىككىلا خىل يۈكسىلىشنى كۆرسەتسە، خۇددى ۋىليام جامېس ئېيتقاندەك  : «پەقەت ئۇ مۇتلەق ھەقىقەت دەپ قارالغان ئۇقۇم، ئادەمگە شۇنداق تەسەللى بېرەلىسىلا، ئۇ ھالدا ئۇ چوقۇم كېرەكسىز  ئەمەس، ئۇنىڭ پەقەت شۇنچىلىك قىممىتى بار»، ئۇ كونكرېت رول ئويناۋاتقان بولسا، بۇ  قاراشنى ئېھتىيات بىلەن قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ.

بۇ يەردە ئېھتىيات بىلەن دېگەن سۆزنى  قىلىشىمغا ئۇنىڭ يەنە مۇنۇ سۆزى سەۋەپ بولغان: «ئەگەر مەلۇم بىرخىل تۇرمۇش بىز ئۆتكۈزۈشكە تېگىشلىك بىرقەدەر ياخشى تۇرمۇش بولسا ھەم بىز مەلۇم بىر قاراشقا ئېتىقاد  قىلساق، ئۇ (شۇ قاراش) بىزنى مۇشۇ خىل تۇرمۇشقا باشلىيالىسا، ئەگەر ئۇنىڭغا ئىشەنسەك،  بەزىدە تېخىمۇ چوڭ مەنپەئەت بىلەن توقۇنۇشۇپ قالمىسىلا، بىز ئەڭ ياخشىسى ئۇ قاراشقا ئىشىنىشىمىز كېرەك ».   بىز بۇ سۆزدىن ئەگەر ئېتقاد قىلغان بۇ قاراش مەنپەئەت بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسا، بۇ قاراشقا ئىشىنىشتىن ۋاز كېچىشىمىز كېرەك، مەنپەئەت ئۈچۈن قاراشنى  قۇربان قىلىشقا بولىدۇ، دېگەن يەكۈنگە ئېرىشەلەيمىز.

 ھەم يەنە بۇ يەكۈندىن مەنپەئەتكە  پايدىلىق بارلىق ئىش ۋە شەيئىلەر ھەقىقەتتۇر دېگەن يەكۈننى كەلتۈرۈپ چىقىرالايمىز  (ئەمەلىيەتتە،  بۇ بۈگۈنكى دۇنيادىكى كرىزىسنىڭ تۈپ مەنبەسى). خەنزۇ نەسىرچىسى جۇگوپىڭنىڭ ۋىليام  جامسىنىڭ مۇنداق بىر سۆزىنى نەقىل ئالغىنىنى كۆرگىنىم ئېسىمدە : « ئەگەر خۇداغا ئىشىنىش   پايدىلىق بولىدىغان بولسا، مەن ئىشەنگەن بولاتتىم».

ئومۇمەن، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇ تەكىتلىگەن ئەمەلىي قىممەتنىڭ مەنىۋى تەرەپتىن كۆرە  ماددىي تەرەپكە بەكرەك ئاغىدىغانلىقىنى كۆرەلمەيمىز. ئۇنىڭ« بۇخىل ئېتىقادنىڭ ماڭا  روھىي ئارام بەھىش ئېتىدىغانلىقىنى ۋاقتىنچە ئېتىراپ قىلاي» دېگەن سۆزى بۇ قارىشىمىزنى تېخىمۇ قۇۋۋەتلەيدۇ.

كىشىلىك ھاياتتىكى نۇرغۇن ئەقىدە، پرىنسىپلار، مىزان- قائىدىلەرگە ئىنسانلار رىئايە  قىلىشى، ئېتىقاد قىلىش بىلەنلا كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ئەمەلىي قىممەتكە  ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما، بۇنىڭلىق بىلەنلا ئۇلارنى ھەقىقەت ئەمەس، كېرەكسىز  دەپ ھۆكۈم چىقىرىۋېتىش ئىنسانلارغا، مۇقەددەس پرىنسىپلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك  ھېسابلىنىدۇ. خۇداغا ئىشىنىش قارىماققا ھېچقانداق ئەمەلىي قىممەت ئېلىپ  كېلەلمەيدىغاندەك، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدىغاندەك  بىلىنىدۇ، ئەمەلىي قىممەت بولمىغانلىقى ئۇچۇن، خۇداغا ئىشىنىشتىن ۋاز كېچىش، ئەمەلىي  قىممەتنى خۇداغا ئىشىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىش مەنتىقسىزلىق ئەمەسمۇ؟

بۇ خىل  ئىشىنىش پەلسەپىۋى، ئەقلىي خۇلاسە يولى بىلەن بارلىققا كەلمەي، ئەمەلىي قىممەتكە  ئاساسەن بارلىققا كەلسە، بۇنى ھەرگىزمۇ توغرا دېگىلى بولمايدۇ. بۇنداق ئېتىقادتىكى  كىشىلەرنىڭ خۇداسى نۇرغۇن بولىدۇ. كىم نان بەرسە شۇ ئۇنىڭ خۇداسىغا ئايلىنىدۇ.

بىزدە شۇنداق بىر ئاجىزلىق بار، قانداقلا بىر يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش (بولۇپمۇ  باشقىلارنىڭ) بىزنى ئوڭايلا ئۆزىگە رام قىلىۋالىدۇ. بىزمۇ دەرھال قول كۆتۈرۈپ ئەل  بولىمىز-دە، ئەجنەبىي ئىدىيىلەرنىڭ سادىق گۇماشتىسىغا ئايلىنىمىز. بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ  مۇستەقىل مەۋقەسى، پەلسەپىۋى چۈشەنچىلەردىن شەكىللەنگەن پەلسەپە سىستېمىسى  بولۇشى كېرەك.   ئادەم دېگەن نېمە؟  ئۇ قەيەردىن كەلگەن؟ قەيەرگە بارىدۇ؟ دۇنيا قانداق پەيدا بولغان؟ ئاخىرىسى بارمۇ؟  ھاياتنىڭ مەقسىتى، مەنىسى نېمە؟ دېگەندەك ھەرقانداق بىر پەلسەپە ئاۋۋال ئويلىشىدىغان  تۈپكى مەسىلىلەرگە جاۋاپ بەرگەن بولۇشى كېرەك. چۈنكى، بۇ جاۋابلار ئىنساننىڭ بىر پۈتۈن  ھاياتلىق پرىنسىپىنىڭ پەلسەپىۋى ئاساسىي بولالايدۇ. شۇلارنىڭ ياردىمىدە شەكىللەندۈرگەن  ئىدىيە، قىممەت قاراش، دۇنيا قاراشلار بىلەن يات مەپكۇرىلارنىڭ تەسىرىگە  لايىقىدا ئىنكاس قايتۇرالايمىز.

بىز چوقۇم پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق ھەقىقەتلەر بىلەن  مەلۇم بىر مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە خاس ھەقىقەتلەرنى پەرقلەندۈرۈۋېلىشىمىز كېرەك. بۇ  بىزنىڭ نېمىلەرنى رەت قىلىش، نېمىلەرنى قوبۇل قىلىشىمىزغا ئۈنۈملۈك ياردەم بىرەلەيدۇ. ئىمىرسون مۇنداق دەيدۇ :« ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆگىنىشكە تىگىشلىك يەرلىرى بولىدۇ ، شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوقۇغۇچى»  بۇ سۆزنى بۇ يەرگىمۇ تەتبىقلاشقا بولىدۇ. پەقەت بىزنىڭ مەنىۋىيەتتىن ئىبارەت كۈچلۈك قورالىمىز بولسىلا، سەگەكلىكىمىزنى ساقلىيالىساق،  ئارتۇق غەم قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.  بۇلار مەلۇم جەمئىيەتتىكى ئاز ساندىكى بىر تۈركۈم پىكىر ئىگىلىرىگىلا ئەمەس، پۈتكۈل  جەمئىيەت ئەزالىرىغا (ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە) ئومۇمىي تەلەپتۇر. پەقەت سىز ئۆزىڭىزنى  ئادەم دەپ قارايدىكەنسىز، چوقۇم بۇ مەسىلىلەردىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرماسلىقىڭىز كېرەك.  بولمىسا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەقەللىي ئادەملىك بۇرچىنى تەرك ئەتكەن بولىسىز.

بىز پراگماتىزىم، مەۋجۇدىيەتچىلىك، شەخسىيەتچىلىك دېگەندەك غەربنى مەنبە قىلغان  پەلسەپىلەرنى بىزدە مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايمىز. ئەمما، شۇخىل ئاتالغۇلارنىڭ يوقلۇقى  بىزدە شۇنداق پەلسەپىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. غەربلىكلەرنىڭ تۆھپىسى شۇكى، ئۇلار بۇخىل مەسىلىلەرنى سىستېمىلاشتۇرۇپ،  نەزەرىيىلەشتۈرۈپ، مۇكەممەل بىر پەلسەپىۋى تەلىمات ھالىتىگە ئېلىپ كەلگەن. بىز ئۇنداق  قىلمىغان. پەلسەپە نوقۇل سىستېمىلىق بىر نەزەرىيە ئىچىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ، باشقا  ھەرخىل سىستېمىسىز، پارچە-پارچە قاراشلار ئىچىدىمۇ شۇ خىل پەلسەپىنىڭ ئېلېمېنتلىرى  ھايات بولىدۇ. بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز دەل مۇشۇ ئېلېمېنتلارنى سۈزۈۋىلىپ، بىرىكتۈرۈپ،  سىستېمىلاشتۇرمىغان.

مەن بىر قىزنى ناھايتى ياخشى كۆرۈشۈم مۇمكىن. ئەمما، مەن ئۇنىڭغا  بولغان مۇھەببىتىمنى يا ئاغزاكى، يا خەتتە ئىپادىلىمىدىم، بۇنىڭلىق بىلەن مەندىكى  مۇھەببەتنى يوق دەپ ئېيتىشقا بولامدۇ؟ ئۇمۇ ئۇ مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ دەپ قارىسا، ماڭا  ئۇۋال قىلغان بولمامدۇ؟ گەرچە مۇھەببىتىمنى ئىپادىلىمەسلىكىم مەلۇم دەرىجىدە ئەخمەقلىق  بولسىمۇ.

بەلكىم سىز پەلسەپە ئەسەرلىرىنى كۆرسىڭىز تولىمۇ چۈشىنىكسىزلىك، مۈجمەللىك ھېس  قىلىشىڭىز، پەلسەپىنى پەقەتلا بىر نەزەرىيىلەر دۆۋىسى دەپ قاراپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، بۇ  سىزنىڭ نەزەرىيىۋى سەۋىيىڭىزنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ياكى تەپەككۇرىڭىزنىڭ گاللىقىدىنمۇ؟  ئۇنداق ئەمەس،  بۇ يەردىكى تۈپكى مەسىلە پەلسەپە كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرگە سىز پەقەت كۆڭۈل  بۆلمەيسىز، ئۇنى كۈندىلىك تۇرمۇش بىلەن ئالاقىسىز، دەپ قارايسىز. (ئەلۋەتتە، ئۇ سىزگە  تاماقنى قانداق ئېتىشنى، قانداق يېيىشنى ياكى ئۆينى قانداق سېلىش، جابدۇشنى  ئۆگەتمەيدۇ، ئۇ پەقەت سىزگە نېمە ئۈچۈن، قانداق ياشاشنى ئۆگىتىدۇ، ھاياتىنىڭ مەنىسىنى  ئېيتىپ بېرىدۇ).

ئەگەر سىز يۇقارقىدەك (پەلسەپە كۆكۈل بۆلىدىغان) مەسىلىلەرگە كۆڭۈل  بۆلگەن،  ئۇلار مۇھىم ئىكەن، دەپ قارىغان بولسىڭىز، چوقۇم ئۇ ھەقتە ئاز- تولا پىكىر قىلغان  بولاتتىڭىز، شۇنىڭ بىلەن پەلسەپە سىزگە ئۇنچىۋالا يوچۇن، بىمەنە، چۈشىنىكسىز  بىلىنمىگەن بولاتتى.  سىزنى بىر تەنتەربىيە كەسىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى دەپ پەرەز قىلايلى، سىز بازار ئايلىنىپ بىر  ماگىزىنغا كىردىڭىز، ئەمدى سىزدىن سوراپ باقاي، سىز ئاۋال نېمىگە دىققەت قىلدىڭىز؟  (ياكى نەزىرىڭىز ئاۋۋال نېمىگە چۈشتى؟) چوقۇم سىز ئاۋال تەنتەربىيە كىيىم – كېچەكلىرى  ياكى سايمانلىرىغا قارايسىز. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى سىز تەنتەربىيىچى، شۇلار سىز ئەڭ كۆڭۈل  بۆلىدىغان نەرسىلىرىڭىز، سىزنىڭ تەنتەربىيىچى بولۇش مەقسىتىڭىز، شۇلارغا بولغان  ئېھتىياجنى پەيدا قىلغان، بۇ ئېھتىياج ئۆز نۆۋىتىدە سىزنىڭ شۇ نەرسىلەرگە (باشقا نەرسىگە  قارىغاندا) بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزگە سەۋەب بولغان.

يەنە مەسىلەن، سىز بىر سەپەرگە  چىقماقچى، سەپەرگە زۆرۈر لازىمەتلىكلەرنى ئالدىڭىز، يولغا چىقتىڭىز، يولدا يەنە بەزى  لازىمەتلىكلەرنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلدىڭىز، سەپەرنى داۋاملاشتۇرغاچ يول بويىدىكى  دۇكان، ماگىزىنلاردىن چالا قالغان نەرسىلەرنى ئالدىڭىز، بۇ جەرياندا سىز پەقەت سەپەرگە  چىققان ئادەمدە كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىلەرگە بەكرەك دىققەت قىلىسىز، شۇلارنى  باشتا ئالىسىز.  يۇقىرىقىلاردىن بىز مۇنداق خۇلاسىگە ئېرىشىمىز:  مەلۇم بىر مەقسەت مەلۇم ئېھتىياجنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛  ئادەم ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىنىڭ كونكرېت ھەرىكەت پىلانىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ؛  ئادەم كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نەرسە دەل ئۆزى ئېھتىياجلىق نەرسىدۇر؛  ئادەم ئەڭ ئاۋال ئۆزى كۆڭۈل بۆلىدىغان نەرسىگە دىققەت قىلىدۇ.  دېمەك، بىر ئادەمگە نىسبەتەن مەقسەت پەيدا قىلغان ئېھتىياج ۋە ئۇنى قاندۇرغىلى بولىدىغان  ياكى قاندۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان ساھە، شەيئىلەر ياكى شۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر شۇ  ئادەمگە نىسبەتەن (باشقا ساھەگە قارىغاندا) ئەڭ تونۇشلۇق، پىششىق بولىدۇ.

شۇنىڭغا  ئوخشاش، ئەگەر سىزمۇ ئۆزىڭىزنى مەنمۇ ئۆزەمنىڭ كىملىكىنى بىلىشكە، ھاياتنىڭ ئىنسان  ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە، قىسقىسى ئادەمدەك ياشاشقا  ئېھتىياجلىق دەپ قارىسىڭىزلا، سىز پەلسەپىۋى ئىزدىنىشنى باشلىۋەتكەن بولىسىز، شۇنىڭ  بىلەن پەلسەپە يەنە سىزگە ناتونۇش نەرسە بولمايدۇ. يەنە كېلىپ سىز ئۆزىڭىزنىڭ  ئېھتىياجىنى قامدىيالىساملا كۇپايە، دەپ قارىسىڭىز، يەنىمۇ تەپسىلىي ئىچكىرىلەپ  كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.  كىشىلەر پەلسەپىنىڭ رولى ئېنىق، كونكرېت بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ كىشىلەر ئادەتتە  كۆزدە كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىگىلا ئىشىنىپ ئۆگىنىپ قالغان، بۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى  كۆزىنى تېخى ئاچالمىغان. ئادەمدە يۈزىگە جايلاشقان كۆزىدىن باشقا يەنە بىر كۆز بولىدۇ.

گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، پەلسەپىنىڭ رولىنىڭ خىرەلىكى، ئۇنىڭ ھەل قىلىغان (ياكى  ھەل قىلىدىغان) مەسىلىلەرنىڭ بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىمىزدىن ھالقىپ  كەتكەنلىكىدە.  ئىلىم- پەن سۈزۈكلۈك، ئېنىقلىققا، كونكرېتلىققا تولغان، ئەكىسچە، پەلسەپە ئابستراكىت  (مەۋھۇم) ئۇقۇم، نەزەرىيىلىرىگە تولغان. ئەمما، ئىلىم- پەندىكى ئېنىقلىق پەلسەپىنىڭ ئۇل  سېلىشىدىن كەلگەن. يېڭى پەن، يېڭى بىلىم، پەلسەپىنىڭ خىرەلىكىدىن باشلىنىپ، ئىلىم-پەننىڭ ئېنىقلىقىدا مۇكەممەللىشىدۇ.

ۋېل دولانىت مۇنداق دەيدۇ:«  ھەرقانداق بىر پەن پەلسەپىدىن باشلىنىپ، سەنئەتتە ئاخىرلىشىدۇ».  ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى سەنئەت بىز  چۈشەنگەن ناخشا- ئۇسۇلدىنلا دېرەك بېرىدىغان سەنئەت ئەمەس. پەلسەپە بىر شەيئى  ھەققىدىكى يېڭى پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى شەرھلەشكە باشلايدۇ، بۇ شەرھلەش  كونكرېتلاشقانسىرى ئاستا-ئاستا ئىلىم- پەن بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمما، بەزىدە  ئىلىم-پەن ھەرگىزمۇ پەلسەپە جاۋاب بېرىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرەلمەيدۇ. مەسلەن،  ياخشىلىق، يامانلىق، گۈزەللىك، رەزىللىك، غايە، ئېتقاد دېگەن مەسىلىلەرگە ئىلىم-پەن  ئامالسىز.

ئىلىم-پەن ئانالىز قىلىش، تەھلىل قىلىشنى ئاساسلىق ئۇسۇل قىلىدۇ. ئۇ بىر پۈتۈن شەيئىنى  پارچىلاپ، يەككە –يەككە ھالىتىدە تەتقىق قىلىدۇ. پەلسەپە دەل ئەكىسچە،  ئومۇملاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يەككە –يەككە شەيئى، ئۇقۇملارنى سىستېمىلاشتۇرۇپ،  بىر گەۋدە ھالىتىگە ئېلىپ كېلىدۇ. ئىلىم-پەن شەيئىلەرنىڭ نەق ھالىتىنى، رولىنى  سۈرۈشتۈرىدۇ، پەلسەپە مەنىسىنى، قىممىتىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. ئىلىم-پەن كۆرگەنلا نەرسىدىن  پايدا ئىزدەيدۇ، پەلسەپە بولسا مەنە ئىزدەيدۇ. ۋېل.دولانىت يەنە مۇنداق دەيدۇ:« ئىلىم-پەن بىزگە ئادەمنى قانداق قۇتقۇزۇشنى، قانداق ئۆلتۈرۈشنى ئۆگىتەلەيدۇ، پەقەت  ئەقىللا بىزگە قانداق چاغدا قۇتقۇزۇش، قانداق چاغدا ئۆلتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ».  دېمەك، ئىلىم-پەن بىزگە قورال تۇتقۇزالايدۇ، قانداق ئىشلىتىشنىمۇ ئۆگىتەلەيدۇ، ئەمما كىم ئۈچۈن، قانداق چاغدا ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ،  بۇ پەلسەپىنىڭ ۋەزىپىسى.

پەلسەپە ئۆزىنىڭ رولىنى، ئۈنۈمىنى پەيلاسوپلارنىڭ  نەزەرىيە، شەرھلىرىدە ئەمەس، بەلكى شۇ پەلسەپە ئىدىيىسى بىلەن قوراللانغان سىياسىيون،  پائاليەتچىلەرنىڭ ئىجىراسىدا ئاندىن ۋايىغا يەتكۈزۈپ نامايان قىلىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر مەسىلە شۇكى، مەلۇم بىر پەيلاسوپنىڭ  قاراش- تەلىماتلىرىنى ئەڭ ئاخىرقى ھەقىقەت، مۇقەددەس تۇتقا قىلىۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ.  مۇقەررەركى، شەخىسنىڭ قاراشلىرى چەكلىمىلىككە ئىگە. فىزىكىچىلار ئۈچۈن دۇنيانىڭ  ماھىيىتى-ھەرىكەت؛ خىمىكلار ئۈچۈن ماددا؛ ماتېماتىكلار ئۈچۈن سان.

دېمەك، كىشىلەر  ئۆزى ئۈچۈن تونۇشلۇق، پىششىق ساھەدىن چىقىپ، دۇنيا ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزىدۇ.  ئىنسانلارنىڭ بارلىق مەسىلىلەرنى بىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماي پىكىر يۈرگۈزەلىشى  مۇمكىن ئەمەس. مانا بۇ ساقلىنىش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان ئەزەلىي كەمتۈكلۈك.  پەيلاسوپلارنىڭ تەلىماتلىرىنىڭ مۇتلەق مۇكەممەل بولۇپ كېتەلمەسلىكىنى  مۇقەررەرلەشتۈرگەن. (بىلىش كېرەككى ئەقىلمۇ ئىنسانغا بىر سىناق) پەلسەپە چوقۇم  باشلىنىشى ۋە تۈگۈنچىسى بار ئەبەدىي ھەقىقەتلەر ئاساسىغا قۇرۇلۇشى، تەلىماتى، مىللەت،  دۆلەت، مەدەنىيەتتىن ھالقىيالىشى كېرەك.

پەلسەپىنىڭ مۇتلەق ھەقىقەت دەپ قاراشقا  بولىدىغان ئۇلى، تەلىماتلىرى باغلىنىدىغان ئوقى بولىدۇ. ناۋادا بۇ ئۇل، ئوقلارمۇ پەرەز،  قىياس ئاساسىغا قۇرۇلسا، بۇ پەلسەپە ئىبلىسنىڭ ئەپسۇنىغا ئايلىنىدۇ.  مېنىڭچە، ئىنسانلار مەلۇم مىللەت، مەدەنيەتكىلا تەۋە، شۇلارنىڭلا بەخىت، مەنپەئەتىگىلا  ۋەكىللىك قىلالايدىغان پەيلاسوپلارنىڭ ئەمەس، ئىرق، مىللەت، مەدەنىيەت چېگرىسىدىن  ھالقىغان، بارلىق ئىنسانلارنىڭ بەخىت مەنپەئىتىگە باراۋەر ۋەكىللىك قىلالايدىغان  پەيلاسوپلارنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەگىشىشى كېرەك.  نېتىزىنىڭ پەلسەپىسىنى گىتلېر ئىجرا قىلغان، ماركىسىنىڭ پەلسەپىسىنى لېنىن، ماۋزېدۇڭلار  ئىجرا قىلغان، جامالىدىن ئاففاننى، رەشىد رىزالار ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيىنى ھەسەنۇلبەننا  ئىجرا قىلغان؛ ئوتتورا ئاسىيادىكى جەدىتلىك ئىدىيىسىنى، بەزىدە ئابدۇقادىر داموللام،  مەمتىلى ئەپەندىلەر ئىجرا قىلغان. دېمەك، تارىخنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا،  پەلسەپەدىكى يېڭىلىنىش، ئىنقىلاپ ھەمىشە دۇنيانىڭ ھەممە ساھەلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن،  ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت ھالەتلىرىدە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغان.  يۇقىرىقى پەلسەپە ھەممىمىزگە ئايان. بىزمۇ مەن باشتا دېگەندەك پراگماتىزمنىڭ ئاكتىپ  ئىجراچىلىرى بولماقتىمىز. قارىغاندا پەيلاسوپلار ئۆز پەلسەپىسىنىڭ رولىنى، نەتىجىسىنى  ھايات ۋاقتىدا كۆرەلمىسە كېرەك.  ئەلۋەتتە، يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىم پەلسەپە ھەققىدىكى پارچە-پۇرات گەپلەردۇر. بۇ ھەقتە  ئىزدىنىش ھەممىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.

ئىنكاس يازىمەن