ۋىرۇستىن كېينكى دۇنيا قانداق بولا؟

ۋىرۇستىن كېينكى دۇنيا قانداق بولا؟
ئوقۇلۇش ۋاقتى: 2 مىنۇت

بىر قانچە كۈن بۇرۇن يۇۋال نوھ ھارارىنىڭ «تاجىسىمان ۋىرۇستىن كېيىنكى دۇنيا« ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇغان ئىدىم. ماقالىدە ئىككى چوڭ نوقتا ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ، بىرى پۇقرالارنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش بىلەن پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق – مەنپەئەتى مەسلىسى. ئىككىنچىسى مىللەتچىلىكنىڭ يەكلىنىشى بىلەن يەرشارى مىقياسىدىكى ئىتتىپاقنىڭ تەقەززاسى.

پۇقرالارنى نازارەت قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاپتۇر بۇ قېتىمقى تاجىسىمان ۋۇرۇس ھۇجۇمىدا ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن ئېرىشىلگەن ئۇچۇرلارنىڭ ۋىرۇس ھۇجۇمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ ئىككىنچى دولقۇنىدىن ئەنسىرەپ ساقلاپ قېلىنىش، غەيرى- رەسمىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىش ئەندىشىنى ئوتتۇرغا قويغان.

ئىككىنچى نوقتا تاجىسىمان ۋىرۇسىنى مەغلۇب قىلىش ئۈچۈن ۋىرۇسقا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى دۇنيا مىقياسىدا ئورتاقلىشىش تەۋسىيىسىنى قىلغان. پۈتۈن دۇنيا ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن بۇ ئۆتكەلدىن ئەڭ ئاز زىيان بىلەن ئۆتكىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. قىسقىسى بۇ ماقالىدە ۋىرۇستىن كېينكى دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ ئانالىز قىلغان.

قىزىققۇچىلار تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ماقالىنىڭ تۇلۇق مەزمۇنىنى ئوقۇپ باقسا بولىدۇ.

Yuval Noah Harari: the world after coronavirus

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ئىش. يېقىندا نەچچە يىل بۇرۇن ئىشلەنگەن تېلىۋېزىيە تىياتىرى Person of Interest  نى كۆرۈپ چىققان ئىدىم. بىر قىسمىدا پۇقرالارنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىدىغان بىر سۈنئىي ئىدراك پروگراممىسىنىڭ پۇقرالارغا قەستەن ۋىرۇس ھۇجۇمى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلىرىدا(DNA) ياخشىلىققا قايتىش ئىمكانىيىتى ئاز\ يوق بولغانلارنى يوقىتىش ۋە بۇ شەكىلدە ئىنسانىيەتنى ئاتالمىش «بەخت«كە ئېرىشتۈرۈش پىلانى سۆزلىنىدۇ.

ۋىرۇستىن كېينكى دۇنيا قانداق بولا؟

گەرچە بۇ بىر فانتازىيە خارەكتېرىدىكى ھېكايىدەك تۇيۇلسىمۇ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھارارىنىڭ ماقالىسىنىڭ بىرىنچى نوقتىسى بىلەن ناھايىتى يېقىن ئالاقىسى بار دەپ ئويلايمەن. ۋىرۇس ھۇجۇمى مەزگىلىدە يىغىلىۋاتقان ئۇچۇرلارنىڭ زىيىنى دەرھال ئوتتۇرغا چىقماسلىقى مۇمكىن، خۇددى يۇقىرىقى كىنودىمۇ نېمە ئۈچۈن سۈنئىي ئىدراك پروگراممىسىنىڭ بۇنداق بىر پىلاننى يۈزگۈزىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمىغىنىغا ئوخشاش. ئەمما ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇچۇر توپلاش خىزمەتلىرىنىڭ ۋىروس ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىنكى خەۋپى كىشىنى ئەندىشەلەندۈرمەي قالمايدۇ.

بەلكىم ئاۋۋال بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالايلى، دېيىشىڭىز مۇمكىن. بۇ خۇددى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۇرۇشنى ئاۋۋال ئاخىرلاشتۇرايلى، دەپ نۇرغۇن ئاساسىي پرىنسىپلارغا خىلاپ قارارلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ ئەمەلدىن قالدۇرمىغانغا ئوخشاش بىر ئىش. سىياسىي ئۆزگۈرۈش، ئۇرۇش مەزگىلى، پەۋقۇلئادە ۋاقىت دېگەندەك باھانىلەر نۇرغۇن ۋاقىتتا بۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ بۇرۇنقىدەك ئىناۋېتىنى ساقلاپ قېلىۋېرىدۇ. شۇڭا ۋىرۇستىن كېيىنكى دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ھەرگىزمۇ ئەھمىيەتسىز بىر ئىش ئەمەس.

يەنە بىر تەرەپتىن، ۋىرۇستىن كېينكى دۇنيادا شۇنداق خەتەر ئوتتۇرغا چىقىدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ، ھازىر باشقا ئامالىمىز يوق دېيىشىڭىزمۇ مۇمكىن. يەنى ھازىرقى ۋىرۇس ھۇجۇمىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن چوقۇم پۇقرالارنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش شەرت بولىدۇ. بۇنداق بولمايدىكەن تېخىمۇ كۆپ جاننىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىمىز، دېگەندەك. ئەمما بۇ يەردە پۇقرالارنىڭ، ھەتتا كۆپ ساندىكى پۇقرالارنىڭ بۇ خىل نازارەت قىلىشنى قوللىشى، پۈتۈن دۆلەت پۇقرالىرىنى، ھەتتا ئىنسانىيەتنى خەۋپكە تەۋەككۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن سەۋەب بولالمايدۇ. بۇ خۇددى بىر قىسىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بىر پۈتۈنلۈكنى خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشقا زورلىغاندەك بىر ئىش. چۈنكى تاجىسىمان ۋىرۇس پۈتۈن ئىنسانىيەتنى، ياكى بولمىسا بىر دۆلەتنىڭ پۈتۈن پۇقرالىرىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ. ھېچ قانداق تەدبىر ئېلىنمىغان تەقدىردىمۇ ئىنسانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتمەيدۇ. ئەمما پۇقرالارنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان خەۋپ بولسا بىر دۆلەتنىڭ ھەممە پۇقراسىنى نىشان قىلغان، شەخىسنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىگە دەخلى تەرۇز قىلغان بولىدۇ. بۇ داڭلىق «پويىز مەسىلىسى« گە ئوخشاپ قالىدىغان مۇنازىرىنىڭ تېمىسى بولۇپ قالىدۇ. قىسقىسى، شەخسىي ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىشنى ئاممىۋى بىخەتەرلىك باھانىسى بىلەن سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇمۇ دەل يۇۋال نوھ ھارارىنىڭ ئەندىشىسىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك.

ۋىرۇستىن كېينكى دۇنيا قانداق بولا؟

ئەگەر ۋىرۇستىن كېينكى دۇنيادا ئۈستىدە دېيىلگەندەك خەتەر ئوتتۇرغا چىقسا، بۇ پۇقرالار ئۈچۈن يېڭىش ئىمكانىيىتى يوق دېيەرلىك بولغان ئويۇننىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغان بىلەن باراۋەر بولىدۇ. چۈنكى ۋىرۇس مەزگىلىدە قانۇنلاشتۇرۇلغان قورقۇنچلۇق ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش سىستېمىسى داۋاملىق قانۇنىيلىقىنى ساقلاپ قېلىۋېرىدۇ. ھۆكۈمەتلەر پۇقرالارنىڭ سىياسىي كۆز قارىشى، ئىش ھەرىكىتى ھەققىدىكىلا ئۇچۇرغا ئېرىشىپ قالماي، نېمىنىڭ پۇقرالارنى كۈلدۈرىدىغانلىقىنى، نېمىنىڭ يىغلىتىدىغانلىقىنى ۋە نېمىنىڭ ھەقىقىي ئاچچىقلاندۇرىدىغانلىقىنىمۇ بىلىۋالالايدۇ.

ئەگەر شىركەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەر پۇقرالارنىڭ بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلىرىنى تۈركۈملەپ يىغىشقا باشلىسا، ئۇلار پۇقرالارنى تېخىمۇ ياخشى تونۇۋالىدۇ، ئاندىن ھېسسىياتىنى ئالدىن پەرەز قىلىپلا قالماي، ھېسسىياتىنى كونترول قىلىپ، ئۆزى خالىغان نەرسىنى پۇقرالارغا ساتالايدۇ.

ھازىرقى ۋەزىيەتتە ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇ غايەت زور قىماردا دوغا تىكىش تىكمەسلىك توغرىسىدا كەسكىن قارار چىقىرىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ۋىرۇستىن كېينكى دۇنيا ھازىرقىغا ئوخشىمايدىغان بىر دۇنيا بولىدىغانلىقى ئېنىق.