ھايۋانلار قورۇقى-جورج ئورۋېل

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

ھايۋانلار قورۇقى 1945-يىلى يېزىلغان بولۇپ «1984» نىڭ ئاپتورى جورج ئورۋېلنىڭ يەنە بىر دۇنياغا داڭلىق ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. كىتابتا بىر قورۇقتىكى ھايۋانلارنىڭ ئۇلارنى باشقۇرىدىغان ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى ئىنسانلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئىنقىلابى تەسۋىرلەنگەن. قورۇقتىكى ھايۋانلارنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىغۇچى ئىنسانلارنى قورۇقتىن قوغلاپ چىقىرىپ، ھەممە ھايۋاننىڭ باراۋەر بولىدىغان بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرۈش قىلغانلىقى يېزىلغان. ئەپسۇسكى، ئىنقىلاب غەلبىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىنقىلابنىڭ بېشىدىكى چوشقىلار  ئىنقىلابنىڭ مىۋىسىنى تارتىۋېلىش ئارقىلىق، ئىنسانلاردىنمۇ بەكرەك دىكتاتور ۋە قانخور باشقۇرغۇچىغا،ھۆكۈمرانغا ئايلىنىدىغان دېتوپيا ۋەقەلىكى تەسۋىرلەنگەن. 

جورج ئورۋېل بۇ ئەسەرنى -1937يىلى ئىسپانىيە ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يازغان. 1936-يىلى ئەسلى مەقسىتى ئىسپانىيە دېموكراتىيىسىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشقا بارغان ئاپتور،ئىنقىلابنىڭ ئىچىدىكى سولچى سىياسەتچىلەرنىڭ ھوقۇق تالىشىش جېدەللىرىدىن ئىلھام ئالغان. شۇنىڭ بىلەن ئىسپانىيەدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، سوۋىت كونتروللىقىدىكى ئىسپانىيەنىڭ ئېغىزدا دېموكراتىيە، خەلقچىللىق دىگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىدىيە كونتروللۇقى، قانخورلۇقتەك قىلمىشلىرىغا قاتتىق غەزەپلەنگەن. 1930- يىللىرى ئىسپانىيە سولچى ئېقىملار سوۋېتتىن ئۈمىت كۈتۈپ، سوۋىت پەرەس بولغان چاغلاردا، ئاپتور يازغان ئەسەرلىرى بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى ستالىن ھاكىمىيىتىنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ بەرگەن ۋە بالىلار ھېكايىسى شەكلىدە ھايۋانلار قورۇقى دىگەن روماننى يېزىپ چىققان.

ئاستىدىكى جەدۋەلدە ئەسەردىكى بىر قىسىم ھايۋانلار ۋە سىموۋىل قىلىنغان ئىنسانلار قوشۇپ قويۇلدى.

 

ئىسمى

قايسى ھايۋان

سىموۋىلى

قېرى چوشقا

چوشقا ھايۋانلار ئۈچۈن يېڭى ئىدىيىنى چىقارغان، ماركسقا سىموۋول قىلىنغان

سىنوۋبول

چوشقا

ئەسلى بىر ئىنقىلابچى ئىدى كېيىن قوغلىنىپ ئىنقىلابنىڭ دۈشمىنى سۈپىتىدە كۆرسىتىلدى. توروسىكىغا سىموۋول قىلىنغان.

ناپالېئون

چوشقا

ئىنقىلابچى، ئىنقىلابتىن كېيىن زۇلۇم قىلىشقا باشلىغان ، ستالىنغا سىموۋول قىلىنغان.

سىكۇائېر

چوشقا

ناپاليوننىڭ قوللىغۇچىسى، ناتىق، مولتوڧقا سىموۋول قىلىنغان.

بوكسېر

ئات

ئىنقىلابقا ساددىلارچە ئىشىنىپ كىيىن سېتىلىپ كېتىدىغان خەلققە سىموۋول قىلىنغان.

كلوۋېر

ئات

ئاۋام-خەلققە سىموۋول قىلىنغان.

بۇنيامىن

ئىشەك

ھەممە نەرسىنىڭ توغرىلىقىدىن گۇمان قىلالايدىغان، ئىنقىلابتىن بۇرۇنمۇ كېيىنمۇ ئوخشاش ياشايدىغان،ئىشلارغا بەكمۇ ھەيران بولمايدىغان، بىلىملىك  زىيالىلارغا سىموۋول قىلىنغان،بەلكىم  ئاپتور ئۆزىنى يازغان بولىشى مۇمكىن.

يەنە باشقا ھايۋانلارمۇ بار…

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، ۋەتەننى ئازار قىلىش يولىدا كۈرۈش قىلىۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئوقۇپ بېقىشىغا ئەرزىيدىغان  ئەسەر.

كىتاب ئىسمى: ھايۋانلار قورۇقى

ئىنگىلىزچە ئىسمى: Animal farm

2 Comments on “ھايۋانلار قورۇقى-جورج ئورۋېل”

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ كىتابنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسى بارمىدۇ؟

    1. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
      ھازىرغىچە توردا ئېلكىتاب نۇسخىسىنى تاپالمىدىم. ئەمما ئەۋلاد كارتون گۇرۇپپىسى يېڭىدىن ئاۋازلىق نۇسخىسىنى چىقىرىپتۇ، ئەگەر خالىسىڭىز ئاۋازلىق نۇسخىسىدىن پايدىلىنالايسىز.
      https://itunes.apple.com/us/app/awazliq-kitap/id961327340?mt=8&fbclid=IwAR1U61ytZzSVOasqGqGSD-n0AwysUnlDOmQPLw-AiVl1IDgKEIFxqguDiBI

      https://play.google.com/store/apps/details?id=com.ewlat.awazliq&hl=en_US&fbclid=IwAR2QCo5LTAB5TTb3wSbIPpkVwSEL-Fo4sdh7lkKx8bR3txr1i6Q6dw68rko

ئىنكاس يازىمەن