دادامغا خەت – سەيياھ

دادامغا خەت
ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت

دادامغا خەت

سەيياھ

سالام قەدىرلىك دادا!

ساڭا يېزىشقا تەمشىلىپ بولۇپ يېزىشتىن ۋاز كەچكەن ساناقسىز خەتلىرىمدىن بىرسىنى تاماملاشقا تىرىشىۋاتىمەن. كۆرۈشمىگىنىمىزگە 6 يىل بولاي دەپ قالدى. بۇ 6 يىلدا 60 يىللىق ئۆمربمگە يەتكۈدەك تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئىگە بولدۇم. ئەلۋەتتە، ئۇنتۇش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان قاباھەتلىك قىسمەت ۋە ئاچچىق رېئاللىقلارمۇ ئۆز پەيلىنى ھېس قىلدۇردى. ھايات مورىغا ئوخشايدۇ، دەيتتىڭ، ئاندىن،-تۈتۈننىڭ ئاچچىغىنى تۈتۈن بىلىدۇ،-دەپ قوشۇپ قوياتتىڭ. شۇنداق، ھايات مورىغا، تۇرمۇش تۈتۈنگە ئوخشايدىكەن. تۇرمۇش قايناملىرىغا غەرق بولماي تۇرۇپ، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكلىرىنى تىتىماي تۇرۇپ، ھاياتنىڭ ئەگرى-توقايلىرىنى بېىشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ بۇ تۈتۈننى ھېس قىلمايدىكەن، بۇ مورىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىكەن ئىنسان. سۆزۈمنى باشلا-باشلىمايلا دەرت ئوقۇپ كەتتىم-ھە! ئىچىمدىن نېمە كەلسە شۇنى يېزىۋاتىمەن!

سېنى سىغىندىم دادا!  ئالتە يىلدىن بىرى سېنىڭ سىمايىڭنى كۆرەلمەسلىك، باغرىڭغا ئۆزۈمنى ئاتالماسلىق، ھېدىڭنى پۇرىيالماسلىق، بىر داستىخاندا غىزالىنالماسلىق، يانمۇ-يان ئېتىز-ئىرىقلارنى چۆگىلىيەلمەسلىك، يانمۇ-يان مېڭىپ مەسچىتكە چىقالماسلىق… ئاددىي تۇيۇلىدىغان، ئەمما ھوزۇرىنى ھېس قىلالايدىغانلار ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھەسرىتىدە كۆيىدىغان بۇ مەنزىرىلەر مېنى سېغىندۇرۇپ خېلىلا ھالسىراتتى. سېغىنىش سۆزىنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببەت، ۋاپا، تەلپۈنۈش، ئىشتىياق يۇغۇرۇلغان ھىجرانلىق تىنىقلىرىمنى، پىغانلىق تىۋىشلىرىمنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى «سېغىنىش» سۆزىنىڭ ئۆزىمۇ ھېس قىلىشى مۇمكىن ئىدى تۇيغۇسى بولغان بولسا. پەن-تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ ئىنسانلار پىلانېتلارنى سەيلە قىلىشقا پىلان تۈزىۋاتقاندا، بىر قىتئەدە تۇرۇپ بىر-بىرىنى يوقلاپ بارالماسلىق، ھېيت-بايراملاردا سوۋغا-سالام ئەۋەتەلمەسلىك، تېلېڧۇن ئارقىلىق ھەم كۆرۈشەلمەسلىك، ئۇچۇرلاشقان، تورلاشقان دۇنيادا سىنلىق بولسىمۇ تەبەسسۇم قىلىپ زوق بىلەن دىدارلىشالماسلىق…. بۇ چارىسىزلىككە مەھكۇم ئىزتىرابلارنى تەسۋىرلەشكە سېغىنىش سۆزىنىڭ قانداقمۇ قۇربىتى يەتسۇن!؟ بەلكى تىلىمىزدىلا ئەمەس، دۇنيادىكى بارچە تىللاردا بۇ خىل جۇدالىقنى مەھكۇملارنىڭ ھېس تۇيغۇلىرى بىلەن قوشۇپ تەسۋىرلەپ بېرەلىگۈدەك سۆز يوقتۇ….

سالام سۆيۈملۈك دادا!

سامانىڭ زىننىتى، كېچىنىڭ ھۆسنى، سۈرگۈن دېۋانىلىرىنىڭ تەسەللىسى يۇلتۇزلاردىن سىمايىڭنى ئىزدەيمەن.  گاھ نۇرسىز، گاھ پارلاق يۇلتۇزلارغا قاراپ ئايرىلىشنى ئەڭ مۇكەممەل ئەكىس ئەتتۈرگەن سىمالار مۇجەسسىمىمىكى دەپ قالىمەن. بەزىلىرى ئۆزىلا بىلىدىغان دەرتلىرى بىلەن بوغۇشىۋاتقان، بەزىلىرى ھەممىگە ئايان ئامەت قۇشلىرىنىڭ قانىتىغا ئېسىلپ پەرۋاز قىلىۋاتقان. ئۇيقۇسىز كېچىلەردە يۇلتۇزلاردىن تەسەللى تاپىمەن. يەتتە قاراقچى يۇلتۇزلىرىغا قاراپ ئۆيىمىزنى، ئۆيىمىزدە مېنى سېغىنىپ يۇلتۇزغا قاراۋاتقان سېنى ئىزدەيمەن. تۇيغۇلىرىمدا سەن بىلەن مۇڭدىشىپ چىقىمەن.

يۇلتۇزلار دادامنى رەسىمگە تارتىپ ئەكىلىپ بەرسەڭلارچۇ! دادام ئۆيىمىزنىڭ ئۆگزىسىدە ئاسمانغا قاراۋاتىدۇ، سىلەرگە قاراۋاتىدۇ، چوڭقۇر خىياللار ئىلكىدە ساقاللىرىنى سىيلاۋاتىدۇ. مەن سىلەرگە قاراپ ئۇنى كۆرگەندەك، ئۇمۇ سىلەرگە قاراپ مېنى كۆرىۋاتىدۇ. سىلەرنىڭ نۇرۇڭلاردا سىمالار ئەكىس ئېتىدۇ. سىلەر ئىككىلىمىزنى تەڭلا كۆرەلەيسىلەر!!

 ئىچىمدىن چىقىرالمىغان ھېسلىرىم ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىتىدۇ. ئەمما ئىككىنچى قېتىم تېخىمۇ كۈچلۈك شاۋقۇن بىلەن قايتا ئولىشدۇ تۇيغۇ ھۈجەيرىلىرىمگە. بەزىدە ئاستا شىپىرلايمەن…. يۇلتۇزلار… دادامنى….

يۈزۈمگە سۆيۈپ، قۇلاقلىرىمغا نېمىلەرنىدۇ پىچىرلاۋاتقان يازنىڭ سەلكىنلىرىدىن، چىچىمنى يىنىك تەۋرىتىپ سىيلاپ ئەركىلىتىۋاتقان كۆرۈنمەس سۆيگۈ ئەلچىلىرىدىن ساڭا سالام يوللايمەن. ساقاللىرىڭنى ھىدلىغاندەك ھوزۇرلىنىمەن سەلكىن ئىچىدە كۆزۈمنى يۇمۇپ سېنى سىزغىنىمدا كۆڭۈل قەسىرىمگە. سىمايىڭ قايتىدىن جانلىنىدۇ، ساقاللىرىڭ بىلەن ئوينىشىۋاتقان نەۋرىلەرنىمۇ كۆرىۋالىمەن بۇ ئەسنادا. شاماللارغا دېگۈم كېلىدۇ:

كېچىنىڭ سەلكىنلىرى، مۇھەببەتنىڭ تەلقىنلىرى، ئاشىقلارغا ئارمىغان، يوق ھېچبىر يەر سەن بارمىغان، دەردمەنلەرگە تەسەللى، مەھزۇنلارغا دىلكەش بەئەينى. تەبىئەتنڭ ئەركىلىرى، كائىناتنىڭ كۆرۈنمەس سەيياھى. سەيياھ بولۇپ دادامنىڭ يېنىدىن ئۆتكىنىڭلاردا مېنى سۆيگەندەك دادامنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويۇڭلا. ساقاللىرىنى تاراپ قويۇڭلار. پەرزەنت ھەسرىتىدە ياندى ئاقكۆڭۈل بوۋاي. ئۇزۇن-ئۇزۇن يەلپۈپ قويۇڭلار…

تاڭنى زۇلمەتنىڭ خاتمىسى، كۆركەم قۇياشنىڭ چىللىغۇچىسى، سىخىي ئۇپۇقلارنىڭ قولدىشى دېيىشىدۇ. تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇنقى مۇدھىش قاراڭغۇلىقنى يورۇقلۇقنىڭ ھەشەمىتى بىلەن قىياسلايدىغانلارمۇ بار. تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئوقۇلغان ساماۋى چاقرىقلار سېغىنىش تۇيغۇلىرىدا مەس-ئەلەس تېڭىرقىغان روھىمنى ئۆزۈمگە قايتۇرۇپ كېلىدۇ. تاڭ ئاتقىچە ئۆزۈمنى يەنە بىر دۇنياغا تەقدىم قىلىمەن. ئۇزۇن-ئۇزۇن ئۆكسۈپ يىغلايمەن. زېمىننىڭ جىنىسلىرى بولمىش بىتۇنلار ئىچىمدىن تۆكۈلگەن نادامەت ۋە ئۈمىد تىلەكلىرىمگە شاھىت. تىلەكلىرىمدە سېغىنىش ئەلەملىرى قارايتقان رەھىمسىز كېچىلەرنىڭ كېلىدىغان تاڭ بىلەن تەڭ كەلمەسلىككە كىتىشىنى كۆپ زىكىر قىلىمەن. ئەلۋەتتە، سېنىڭ ئىسمىڭ پۈتكۈل زىكىرلەرنىڭ تاجى، دادا!

 بۇلاقتەك سۈزۈك، قاردەك پاك، مامۇقتەك يۇمشاق، مامكاپتەك مۇلايىم، پاختىدەك يىقىملىق، تۇپراقتەك سادىق، سۇدەك ھوزۇرلۇق، كۆكتەك باغرى كەڭ، تاغدەك يۆلەنچۈك، باغۇ-بوستاندەك ئارامگاھ، ئۇزۇن سەپەرگە دىلكەش، ھايات داۋانلىرىدا تايانىچ، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق بوران-چاپقۇنلىرىدا قانات، ئۆمۈر قۇيۇنلىرىدا سىرداش، زەپەر قۇچقاندا تاج، بەخىت مىلۇدىيەسىنى ياڭراتقاندا تەڭكەش، شادلىق قاينىمىدا ئۈزگەندە قولۋاق، ئامەت قۇشى سايرىغاندا دان، مىھرى-ۋاپا دۇنياسىغا ھارارەت، سۆيگۈ-شەپقەت كارتىنىسىغا سىمڧۇنىيە… سەن ئىدىڭ ئاھ جان دادام!

سالام مېھنەتكەش دادا،

شۇ تاپ بەلكى ئېغىر تىنىقلىرىڭ بىلەن تامغا يۆلەنگەنچە، تورۇسقا نەزەر سېلىۋاتقانسەن. بەلكى، ئاكىلرىمنىڭ قويمىغىنىغا ئۇنماي، ھەرە ئورغىقىڭنى ئېلىپ بۇغدايلىققا قاراپ مېڭىۋاتقانسەن، بەلكى ئازما بېشىدا قۇرداشلىرىڭ بىلەن تۈگىمەس دۇنيا پاراڭلىرى بىلەن ئۆزۈڭنى بەزلەۋاتقانسەن. بەلكى ئۆمۈرلۈك قەدىناسىڭ-مىھرىبان ئانام بىلەن ئارقا ئويلىدا مەن توغۇرلۇق پاراڭلىشىۋاتقانسەن، بەلكى نەۋرىلەرنىڭ توي تەييارلىقى بىلەن …… ھەممە ئىشىنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلايدىغان ساددىلقىم خېلى كۆپ رىيازەتلەرگە دۇچار قىلغان بولسىمۇ، سەن توغرۇلۇق پەقەتلا يامان گۇمان قىلغۇم يوق، ئەمما:

بەلكى يېشىڭ يەتمىشتىن ئاشقاندا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانسەن ساقىلىڭنى سۆرەپ. بەلكى ئوقۇۋاتقان بالىلىرىڭنىڭ پىراقىدا مىڭ يىقىلىپ مىڭ قوپۇپ تاماق توشىۋاتقانسە…. مەكتەپ-ھە!!؟ بىر ئىرا ئۇنۇتۇلمىغۇدەك مەكتەپلەرگە. بەلكى كىتىۋالغانسەن ھە-دادا؟؟ دەرد-ئەلەملەرنى بىزگە قالدۇرۇپ، ھوزۇر ۋە ئازادىلىك ئىچىدە باغچىلارغا كىتىۋالغانسەن! سەنمۇ دەيتتىڭ، كىشى بىلەن ئېززىتى بىلەن ياشىغۇلۇق، يا ئىززېتى بىلەن كەتكۈلۈك. يېشىڭ 74، دۇنيا ئېمتىھانلىرىغا پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن ياخشى جاۋاپ بېرىشكە تېرىشتىڭ، سەن چوقۇم يۈز نومۇر ئالىسەن دادا. ھازا ئاچمايمەن، چۈنكى سەن ھازا ئېچىپ يىغلىغانلاردىن نەپرەتلىنەتتىڭ.

ئۆلۈپ كەتسەڭ يىغلىمايمەن مەنمۇ بارىمەن،

قۇچاق ئىچىپ ئۇ دۇنيادا ساقلاپ تۇرارسەن.

سىغىنىشنىڭ باياۋىنى چارچاتتى مىنى،

مەنزىل بارچە ئۇزاپ كەتتى، ھەممە يار كاتاڭ.

بۇ ئالەمگە ئاڭلىتالماي ھاردىم سۆيگۈمنى،

ساڭا ساقلاپ باراي دىدىم توغرىمىكىنتاڭ.

كۆنەلمىدىم كۆيۈشلەردىن يوقسۇن كۈلكىگە،

جەسەتلەرگە تۇيدۇرغۇم يوق تىۋىشلىرىمنى.

يەتكۈزەي دەپ چاڭ قوندۇرماي ساقلىدىم ساڭا،

يۈرۈگۈمگە قوشنا قىلىپ سىغىنىشىمنى.

ھاياتتۇرسەن بەلكى ئۆلۈپ كىتىۋالغانسەن،

بىغىشلايمەن تۈنلەردىكى نىدالىرىمنى.

جۇدالىقنىڭ پەريادىدا مەس بولۇپ ئاقتىم،

كەتكەن بولساڭ ئىپ بارىمەن ئىستەكلىرىمنى

سېنى، سىلەرنى سېغىنىش تۇيلىرى نىرۋامنى كۆپ چارچاتتى، لېكىن كۆنۈپ قىلىشقا تىرىشىۋاتىمەن. بېشىدا دېگىنىمدەك ئالتە يىللىق تەجرىبەم بار. بۇندىن كىيىن ياخشى بوپ كىتىشكە تىرىشىمەن.

ھەرنەرسىنى خۇدا ئاتا قىلغاندەك

بۇ سەرگەردانلىقمۇ خۇدانىڭ پۈتۈكلىرىدىن بىر پارچە

مەن نەپەسىلىرىم  بىلەن مۇڭداشتىم

نەپەسلىرىممۇ بۇ ماكانسىزلىققا كۆنۈپ قاپتۇ

ئاستا -ئاستا ئۆزۈمدىن يىراقلىشىۋاتقان تۇيغۇمنى كۆزىتىمەن

چىچىمدىكى ئاقلار خوتەندىكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپىيىپ قاپتۇ.

تۈن يىرىمىدا ناخشا توۋلىغۇم كەلدى:

ئوتتۇز ياش بىرىنىڭ يىشىغا تەڭداش

كىرمىدىم ئوتتۇزغا مەن تىخى ياپياش

مەن ھىجران پۇراۋاتقان مەينەت دىڭىز بويىدا بىلىق تۇتۇۋاتقان ھەۋەسكارلارغا قارايمەن

دىڭىزنىڭ دولقۇنلىرى

يۇمران تەۋرىنىۋاتقان سۇلاردىن

شاماللارنى قوغلاپ يۇمۇلنىۋاتقان قۇملارنى ئىزدەيمەن

كىچىك قىيىقلار  يۇلغۇنلارنى

كىمىلەر قۇرۇپ قالغان توغراقلارنى ئەسلىتىدۇ

مەن شۇنداق ئۆسۈپ يىتىلىۋاتىمەن

دادام ۋەتەندە ۋەتەنسىز شۇنداق يىتىلگەنىكەن

مەن ۋەتەنسىز، دادىسىزلىقتا ياشاۋاتىمەن

 ياتئەلدە ماكانسىز…

بىرنەرسىلەردىن بىرنەسىلەرنى ئىزدەپ

سېنى سېغىندىم دادا، سېنى چىن دىلمىدىم سېغىندىم. جەم بولۇش دۇنيادا نېسىپ بولمايدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما ئۇ دۇنيادا ئايرىلىش يوق. ھەر ئىككىلىمىز بۇنىڭغا ئىشىنىمىز. ئامان بول!

سېنى سېغىنىپ ئوغلۇڭدىن!

ئىنكاس يازىمەن