ئەلكىمىياگەر- پائۇل كوئېلھو [برازىلىيە]

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت

بەزىدە ئىزدەۋاتقان خەزىنىڭىز ئۇزاقلاردا ئەمەس بەلكى سىزنىڭ يېنىڭىزدا بولىشى مۇمكىن، ئەمما خەزىنىنىڭ يېنىڭىزدا ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۇزۇن بىر سەپەرنى باشتىن كەچۈرۈشىڭىز بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

رومان ھەققىدە

“ئەلكىمىياگەر” (ئەسلى نامى: O Alquimista) پائۇلو كوئېلھو (Paulo Coelho) نىڭ ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان ۋە تەھلىل قىلىنغان رومانىدۇر.  ھازىرغىچە دۇنيادا 68 خىل تىل- يېزىقتا 35 مىليون نۇسخا سېتىلغان. برازىلىيىدە 154 قېتىم نەشر قىلىنىپ، ئىككى مىليون تىراژدا سېتىلغان ۋە بىرازىلىيىنىڭ نەشرىياتچىلىق تارىخىدا “ئىنجىل” دىنمۇ كۆپ سېتىلغان تۇنجى ئەسەرگە ئايلانغان.

پائۇلو كوئېلھو 33 تۈرلۈك خەلقئارالىق مۇكاپاتقا نائىل بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە “گارسىيە ماركوز (Gabriel Garcia Marquez) بىلەن تەڭلىشەلەيدىغان ۋە كىتابخانلىرى ئەڭ كۆپ لاتىن ئامېرىكىسى يازغۇچىسى” دەپ قارالغان. پائۇلو كوئېلھو: مىڭبىر كېچە”دىكى بىر ھېكايىنىڭ ئىلھامى بىلەن  “ئەلكىمىياگەر”نى11 كۈندە يېزىپ تاماملىغان بولساممۇ، ئەسەرنىڭ پۈتۈن ئىجادىيەت جەريانىغا 41 يىللىق يۈرەك قېنىمنى سەرپ قىلدىم،- دەپ كۆرسەتكەن.  ئەمما ئەسىرلەر بۇرۇن يېزىلغان مەۋلانىنىڭ «مەسنەۋى»سىدىكى «خەزىنە ئىزدەيدىغان ئادەم» بېيىتىغا ئوخشاشلىقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

“ئەلكىمىياگەر” ئىسپانىيەدىن چىقىپ مىسىر پرمىدالىرىنىڭ ئېتەكلىرىگە خەزىنىسىنى تېپىش ئۈچۈن بارغان ئەندەلۇسلۇق چوپان يىگىت سانتىياگو چۆچەكلەردەك سەرگۈزەشتلىرىنىڭ پەلسەپىۋى ھېكايىسىدۇر.

پېرسۇناژلار

سانتىياگو: چۈشىدە كۆرۈنگىنى بويىچە سەپەرگە چىقىپ، ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكەن كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا “خەزىنىسىنى” تاپقان بىر پادىچى. سۇ بىلەن ئوت – چۆپتىن باشقا بىر غېمى بولمىغان قويلار بىلەن يۈرۈيدىغان بولۇپ، توساتتىن ئۆزىنى چۆلدە بۇلغان،خەزىنە ئىزدەپ چىققان. بەزى ۋاقىتلاردا قويلار بىلەن “چۈشىدە كۆرگەن خەزىنىسى” ئوتتۇرسىدا ئىككىلىنىشتە قالغان، ئەمما نەتىجىدە “توغرا” يولنى تاپقان يولچى. بىر قىزغا ئاشىق بولغان لېكىن شەخسى غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا ھەقىقىي ئاشىقى فاتىمەنى تاپقان بىرى.

پاتىمە: سانتىياگو چۆلدە ئۇچرىتىپ، ئاشىق بولۇپ قالغان چۆل قىزى. ئۇ قىزمۇ سانتىياگوغا ئاشىق بولىدۇ ۋە ئۇنى ساقلايدۇ.

كىمىياگەر: چۆلدە ياشايدىغان، ھەقىقىي كىمىيا فورمۇلىنى بىلىدىغان بىرى. بىر قېتىم سانتىياگوغا كىمىيا فورمۇلىنى كۆرسىىتىدۇ ۋە سانتىياگوغا خەزىنىسى تېپىش يولىدا ياردەمچى بولىدۇ.

روماندىن پارچە

1. تاڭنىڭ ئالەم زىبۇ- زىننەتلىرىنى يېيىشىغا ئەگىشىپ، مەشرىق ئاستا- ئاستا كۈن تۇغۇشقا ئىنجىقلاۋاتقاندا، سانتىياگو قويلىرىنى دۇكاندارنىڭ ئىستىقبالى تامان ھەيدىدى.

“قويلارغا راھەت- دە،- دەپ ئويلىدى ئۇ،- ئۇلارنىڭ بىرەر نەرسە ھەققىدە باش قاتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئېھتىمال بۇلار ھەر خىل ئىشلاردا خوجايىنىمىزغا تايىنىمىز، دەپ ئويلايدىغاندۇ ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئەتراپىمدا پەرۋانە بولۇپ ياشايدىغاندۇ!؟”.

ئومۇمەن قويلارنىڭ ئارتۇق غېمى يوق، ئايىغى ئاستىدا بۇلۇق ئۆت- چۆپ بولسا ۋە كۆز ئالدىدا ئىچىدىغان سۈيى تۇرسا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە، تاكى سانتىياگو ئەندالوسىيەنىڭ ئاخىرقى بىر يايلىقىنى بىلسىلا، قويلار ئۇنىڭ قەدىردان دوستى بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. كۈنلىرى بىر خىل ئۆتۈۋەرسىمۇ، سەھەر بىلەن كەچنىڭ ئارىلىقى مەڭگۈلۈككە سوزۇلسىمۇ، قىسقىغىنە ئۆمرىدە بىرەر پارچە كىتاب ئوقۇمىسىمۇ، دۇنيانىڭ دەرۇ- شادلىقلىرىنى بىر – بىرىگە ھېكايە قىلىدىغان ئادەمزات تىلىنى بىلمىسىمۇ، پەقەت ئوت، سۇ يېتەرلىكلا بولسا،ئۇلار ئۆزلىرىنى بەختىيار ھېس قىلىۋېرىدۇ. ئەمما، بۇنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ئۇلار يۇڭ تېرىسى، گۆشى ۋە ھەمراھداچىلىقىنى ئىنسانلارغا ۋاقتى- ۋاقتىدا تەقدىم قىلىشىدۇ.

“مۇبادا مەن ياۋايى ھايۋانغا ئايلىنىپ قويلارنى بىر- بىرلەپ قىرىپ تاشلىسام، ئۇلار ئۆز قاتارىنىڭ بارغانچە سىلكىلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قورقۇنچقا چۈشۈشى مۇمكىن- ھە” دەپ ئويلىدى سانتىياگو ۋە ” پەقەت مەن ئۇلارنىڭ يېگۈلۈك، ئوت- چۆپ مول جايلارغا ئېلىپ بارغىنىم ئۈچۈنلا، قويلار تەبئىي سەزگۈلىرىدىن كۆپرەك ماڭا ئىشىنىدۇ” دېگەنلەر بىلەن خىيالدىن چۆچۈپ ئويغاندى.

2. جىمىكى ئادەملەر ياشلىق پەيتىدە ئۆز تەقدىرىنى بىلىدۇ، ئەنە شۇ ئۆمۈر باھارىدا بارچە نەرسىلەر ئاددىي ۋە ھەممە يوللار ئوچۇق بولىدۇ. ئۇلار خىيال قىلىشتىن قورقمايدۇ ۋە نېمىنى ئارزۇ قىلغان بولسا،شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىنتىلىدۇ، ئەمما پۇرسەتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سىرلىق ۋە كۆرۈنمەس بىر كۈچ ئۇلارنى تەقدىرنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنماي ئامالنىڭ يوقلۇقىغا ئىشەندۈرىدۇ.

بۇ سىرلىق كۈچ ئىنسانلارغا خۇددى ئالدىنى توسۇپ تۇرغان ئېگىز تاغدەك تۇيۇلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئادەملەرگە تەقدىرنى بەلگىلەش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىساننىڭ روھى ۋە ئەركىنى بۈيۈك ۋەزىپىگە تەييارلايدۇ، بۇ ھاياتلىق ئالىمىدە بىر ھەقىقەت مەۋجۇت، سەن كىم بولۇشۇڭدىن، شۇنداقلا نېمە بىلەن شوغۇللىنىشىڭدىن قەتئىينەزەر بىرەر نەرسىنى چىن دىلىڭدىن ئىستىسەڭ، ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئېرىشىسەن. چۈنكى، بۇنداق ئارزۇ- ئىستەك ئالەمنىڭ روھىدا دۇنياغا كەلگەن بولىدۇ، سەن بۇ دۇنياغا گويا شۇنىڭ ئۈچۈن تۇغۇلىسەن.

بىرەر نەرسىگە چىن دىلىڭدىن ئىخلاس قىلساڭ، پۈتۈن ئالەم شۇ ئىستىكىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ.

3. ئىنساننىڭ بۇن دۇنيادىكى بىردىنبىر مۇقەددەس ۋەزىپىسى –ئۆز تەقدىرىنى ئۆرگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتۇر…

ھەممە ئادەمگە ياشلىق دەۋرىدە ئۆز تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئاياندەك تۇيۇلىدۇ… ئەمما، پۇرسەتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سىرلىق بىر كۈچ ئۇلارنى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئىمكانسىزلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ.

ئىنسانغا دۈشمەن بولۇپ تۇيۇلغۇچى بۇ سىرلىق قۇدرەت، ئۆز نۆۋىتىدە بىزگە تەقدىرنى قانداق ئۆزگەرتىشنىڭ يوللىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ ئىنسان روھى ۋە ئەركىنى ئاشۇ بۈيۈك ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا دەۋەت قىلىدۇ. بۇ دۇنيادا بىر ئالىي ھەقىقەت مەۋجۇت: قاچانكى، سەن نېمىنى چىن يۈرەكتىن ئىزدىسەڭ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئېرىشىسەن، چۈنكى بۇنداق ئىستەك ئالەم روھىدا دۇنياغا كەلگەن بولىدۇ، سەن بۇ ئالەمگە دەل شۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغانسەن.

تەسىراتلار:

«ئەلكىمىياگەر» كىتابخانىلاردا ئەڭ كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان يەرلەرگە قويۇلغان ئىدى. ھەر قېتىم كىتابخانىغا بارغىنىمدا كۆزۈمنىڭ ئالدىدا تۇرسىمۇ، «قۇم باسقان شەھەر» تۈسىنى ئالغان بۇ كىتابنى ئېلىپ ئوقۇش، ئۇزۇن بىر كىتاب ئوقۇش سەپىرىدىن كېيىن نىسىپ بولغان بوپتۇ. ناھايىتى زوق بىلەن بىر ئولتۇرۇشتا ئوقۇپ تۈگەتكەن، بىر نەچچە كۈن زوق ئالغان بولدۇم. “قوي پادىلىرى” بىلەن “غايىنىڭ” ئوتتۇرسىدا ئىنجىقلاپ تۇرۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە مىنىڭ ئىزدەپ يۈرگەن “خەزىنىلىرىم” ئارىسىدىن يەر ئالغان، بەلگىلىك ئىلھام بەرگەن بولدى.

كىتابتا دېيىلگىنىدەك، ئىزدەۋاتقان “خەزىنە” بەلكىم كىتاب ئىشكاپنىڭ ئەڭ كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان يېرىدە بولىشى مۇمكىن. بۇ كىتاب توغرۇلۇق تور دۇنياسىدا يېزىلغان خاتىرە، تەسىراتىڭ يوقلىقى سەۋەبلىك مەزكۇر كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىنى بەھىرلەندىم. ئوقۇپ باقمىغانلارغا كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.

كىتاب ئۇچۇرى:

ئەلكىمىياگەر- پائۇل كوئېلھو [برازىلىيە] -چوپان بالىنىڭ ئاجايىپ كەچۈرمىشلىرى

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇرسۇن قۇربان تۈركەش

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى

237 بەت

باھاسى: 18 لىرا

ئەسكەرتىش: ھازىرغىچە ئېلىكترونلۇق نۇسخىسى تېپىلمىدى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتابخانىلاردىن سېتىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئىنكاس يازىمەن