ئاۋاز ۋە خاراكتېر

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت
ئىلاۋە: مەزكۇر يازما «ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى« ناملىق كىتابنىڭ 70،71- بەتلىرىدىن ئېلىندى. 

پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاۋازى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى,  خارەكتېرىنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن، مەسىلەن:

1. ئاۋازى چوڭ ھەم قاتتىق كىشىنىڭ گەپ- سۆزلىرى كۈچلۈك، ئۇرغۇلۇق بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىش ئىقتىدارى ۋە پىسخىكا جەھەتتىن تەربىيىلىنىشى ياخشى بولۇپ، كىشىلەرنى جەلپ قىلىش كۈچى يۇقىرى بولىدىكەن.

2. ئاۋازى بوش، سىلىق- سىپايە ۋە ئاستا سۆزلىگۈچىنىڭ خۇي- پەيلى ياخشى بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپرەكى بىلىم ئەھلىلىرى ۋە كاتتا ئەربابلاردىن ھېسابلىنىدىكەن، داۋاملىق كىشىلەرنىڭ دەرت- ئەھۋالىنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىدىكەن.

3. گەپنى دىمىقىغا ئېلىپ، ئاۋازىنى ئېگىز- پەس چىقىرىپ ياكى دىماغ قېقىپ سۆزلەيدىغان كىشى ئاتىكاچى، مەنمەنچى كېلىدىكەن. بۇنداق كىشىلەر كىچىكىدىن باشلاپ ئەركە چوڭ بولغان بولۇپ، تۇرمۇش دولقۇنلىرىنىڭ زەربىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ھەم تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق- چۆچۈك تەمىنى كۆپ تېتىمىغان بولغاچقا، قۇرۇق گەپنى كۆپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىكەن. كىشىلەرنىڭ ھال- ئەھۋالىغا يەتمەيدىكەن.

4. ئاۋازىنى سەت، يېقىمسىز چىقىرىپ گەپ قىلىدىغان ھەم داۋاملىق سەت ھىجىيىپ يۈرۈيدىغان كىشىلەر ئەخمەق، نادان كېلىدىكەن. تېبابەتچىلىك نۇقتىسىدىن ‍قارىغاندا سەپرا مىجەز كىشىلەردىن بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

5. ئالدىراپ تاقا- تۇققا سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ئەخلاق- پەزىلىتى ناچار، خۇلق- مىجەزى ئوسال كېلىدىكەن.

6. گەپنى قول ھەرىكىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سۆزلىگۈچىنىڭ كۆپچىلىكى كەمتەر، ناتىق، بىلىملىك، قابىلىيەتلىك، سۆزمەن، چېچەن ھەم ئەقىل- پاراسەتلىك بولۇپ، سۆز سۆزلەشتىكى بۇ خىل  سەنئەت شۇ كىشىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن.

7. ئادەتتىكى بىرەر ئىش ئۈچۈن ئىشنىڭ ئالدى- ئارقىسىنى بىلمەي تۇرۇپ ياكى ئانالىز قىلمايلا قاتتىق ئاۋاز بىلەن قاقاقلاپ كۈلىدىغان، بىر – ئىككى ئېغىز تومتاق سۆز بىلەنلا باشقىلارنىڭ گېپىنى ئۈزۈۋېتىدىغان كىشى بىلىمسىز، ھاياسىز كېلىدىكەن.

(«قەشقەر گېزىتى«، «پەن ۋە تۇرمۇش« 247، 14- سان)