بۇنىڭدىن بۇرۇن “ۋاتساپنى ئەدەپ بىلەن ئىشلىتىڭ!” ، “20% ئەگەشكۈچىڭىز سىزگە ھەسەت قىلىدۇ.” دېگەن يازمىلارنى ئورتاقلاشقان ئىدىم. بۈگۈن بۇ تېمىدا يېڭى مەزمۇن ئورتاقلاشماقچىمەن.
بەزىدە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى ئورتاقلاشقان مەزمۇنلىرى ئۈچۈن يېتەرلىك ئىجابىي ئىنكاس ئالالمىغانلىقىدىن ، ھەتتا ئۆزى ئىنكاس بىلدۈرۈشى كېرەك دەپ قارىغان ئىنسانلاردىنمۇ ئىنكاس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بىئارام بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا “مېنىڭ نەرسەمنى قوللىمىدىڭ!” دەپ خاپىلىشىپمۇ قالىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن. كۈنىمىزدە بەزى مەزمۇن ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئوقۇرمەنلەردىن كەلگەن ئىنكاسلارغا بېقىپراق مەزمۇن يارىتىدىغانلىقىنى بايقاشمۇ تەس ئەمەس. بۇ خىل “ئوقۇرمەن مەركەزلىك” مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتنىڭ سەۋەبى، پايدىلىق ياكى زىيانلىقلىقى ھەققىدە مۇنازىرە قىلماقچى ئەمەسمەن. قىزىققۇچىلار Information Cocoons توغرىسىدا ئىزدىنىپ باقسا بولىدۇ.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ناھايىتى مۇھىم بىر مەزمۇننى ئورتاقلىشىسىز، 5000 ئادەم كۆرىدۇ، پەقەت 20 ئادەم ئىنكاس بىلدۈرىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
بۇ يەردە 1% پىرىنسىپىنى چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
بىر توپلۇمدىكى ئىجتىمائىي تارتقۇلارنى قوللانغۇچىلارنىڭ پەقەت % 1 ى مەزمۇن يارىتىدۇ؛ ،% 10 بۇ مەزمۇنلارغا ئىنكاس بىلدۈرىدۇ؛ % 89 كىشى ئوقۇش، كۆرۈش، ئاڭلاش، كۈلۈش، ئىشلىتىش، پايدىلىنىش بىلەن بولىدۇ، ئەمما مەزمۇنغا ھېچقانداق شەكىلدە ئىنكاس بىلدۈرمەيدۇ. كۈنىمىزدە بۇ نىسبەت بىر ئاز ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئىنكاس بىلدۈرىدىغانلارنىڭ نىسبىتى يەنىلا % 1-3 ئەتراپىدا بولىدۇ.[1]
بۇنىڭ پىسخىكا ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن. مۇھىمى بىز بىر نەرسىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك:
باشقىلار يازمىڭىزنى ياقتۇرۇش ئىنكاسىنى بىلدۈرگەندە، ئۇنى ھەقىقەتەن ياقتۇرغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ . بولۇپمۇ ئۇزۇن يېزىلغان ماقالىلەردە شۇنداق بولىدۇ. «ياقتۇرۇش» كۇنۇپكىسىنى باسقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ماقالىنى ئوقۇمايدۇ. يەنە مەسىلەن instagram قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نۇرغۇن سېتىش تاكتىكىلىرى ، قوراللىرى بار بولۇپ، سىزنىڭ مەلۇم بىر رەسىمىڭىزنىڭ يۈرەككە ئېرىشىشى باشقىلارنىڭ ئۇ رەسىمنى ياقتۇرغانلىقىدىن بولۇشى ناتايىن. Everlike قاتارلىق قۇراللار ئارقىلىق كۈندە مىڭلىغان رەسىمگە ئاپتوماتىك يۈرەك ئەۋەتكىلى بولىدۇ.
بۇنىڭ ئەكسىچە بولسىمۇ ئوخشاش: ھەمبەھىرلىگەنلىرىڭىزنى ئوقۇغان، پايدىلانغان ئەمما «ياقتۇرۇش» كۇنۇپكىسىنى باسمىغان كىشىلەر ئەمەلىيەتتە ئۇنى بەك ياقتۇرغان بولۇشى ، پەقەتلا ئۆزىنىڭ ياقتۇرغانلىقىنى كۆرسىتىشنى خالىمىغان بولۇشى مۇمكىن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئېھتىياجى تەبىئىي ئەھۋال، ئەمما بۇنى مۇبالىغە قىلىش كېسەللىكنىڭ ئالامىتى. پايدىلىق دەپ قارىغانلىرىڭىزنى ئورتاقلىشىشتىن قورقماڭ. قانچىلىك ئادەمنىڭ «ياقتۇرۇش» كۇنۇپكىسىنى باسقانلىقىغا بولسا بەك پىسەنت قىلىپمۇ كەتمەڭ.