ھەقىقەتنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتقان دەۋرى: كېيىنكى ھەقىقەت دەۋرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 3 مىنۇت

ھەقىقىتى ئاشكارىلانغان ھەقىقەتنىڭ ھەقىقەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغان بولدۇق. – فىرېدرىخ نىچشې

ئەسكەرتىش: Post Truth  بەزى مەنبەلەردە “ھەقىقەتتىن كېيىن” دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، سۆزلۈك مەزمۇنىغا دىققەت قىلغىنىمىزدا “كېيىنكى ھەقىقەت” دېيىش تېخىمۇ مۇۋاپىق. بۇ سەۋەبلىك مەزكۇر يازمىدا كېيىنكى ھەقىقەت دەپ ئېلىندى.

1.كېيىنكى ھەقىقەت ئۇقۇمى

ئوكسفورد لۇغىتى 2016 – يىلىنىڭ ۋەكىللىك سۆزلىكىنى “كېيىنكى ھەقىقەت (Post Truth)” دەپ ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا شۇ يىلىدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ۋە كەمبرىج ئانالىتىكا شىركىتىنىڭ سايلىغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن مەيىللىك مەزمۇنلارنى سۇنۇش نەتىجىسىدە دونالت تراپمنىڭ پىرېزىدېنت بولغانلىقى سەۋەبچى بولغان دېسەك بەك خاتالاشقان بولمايمىز.

ئۇنداقتا يېقىنقى بىر قانچە يىلدا مودا بولۇۋاتقان كېيىنكى ھەقىقەت دېگەن زادى نېمە؟

Post Truth  ئۇيغۇرچىغا بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىنسا “ھەقىقەتتىن كېيىن” دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. Post  مەلۇم بىر بۆلەك ۋاقىت پارچىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرسە، Truth  توغرىلىقنى ياكى ھەقىقەتنى بىلدۈرىدۇ. ئوكسفورد لۇغىتىدىكى ئىزاھاتىغا قارىغان ۋاقتىمىزدا، “ھەقىقەتتىن كېيىن” تەبىرىنىڭ بىر تەرەپلىمە بولۇپ قالغانلىقىنى بايقاش تەس ئەمەس.

Truth  نىڭ ئۇيغۇر تىلىدا “ھەقىقىي ئەھۋال، چىنلىق، ھەقىقەت، سەمىمىيلىك، راستچىللىق” دېگەندەك مەنىلىرى بار. بۇ يەردىكى مەنىسى بولسا ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلدۈرىدىغان رېئاللىقتىن زىيادە ھەقىقەتتۇر. ھەقىقەت بىلەن رېئاللىقنىڭ پەرقىنى ئاددىي قىلىپ ئېيتساق: ھەقىقەت شەخسنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈشى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىققان، كىشى تەرىپىدىن يارىتىلغان نەتىجىدۇر. رېئاللىق بولسا شەخسنىڭ پىكىر يۈرگۈزىشىدىن مۇستەسنا ھالدا مەۋجۇت بولغان ئوبيېكتىپ نەرسىدۇر. ئوكسفورد لۇغىتىدە Post Truth ئۇقۇمى« جامائەت پىكرى يارىتىشتا ئوبيېكتىپ پاكىتلار ھېس تۇيغۇ مايىللىقىغا قارىغاندا ئاز ئۈنۈم بېرىدىغان ئەھۋال» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن.[1]

قىسقىسى Post Truth ئوبيېكتىپ پاكىتلارغا قارىغاندا، ھېس تۇيغۇلارنىڭ بەكرەك ئۈستۈن بولغان، كۆز قاراشلارنىڭ توغرا ياكى خاتالىق ھۆكۈمىنىڭ  ئەھمىيەتسىزلەشكەن، مۇھىم بولمىغان دەۋرنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇنى ھەقىقەتتىن كېيىنكى دەۋر ئەمەس، كېيىنكى ھەقىقەت دەۋرى دەپ تەرجىمە قىلىش سۆزلۈكنىڭ ئەسلى مەنىسىگە تېخىمۇ يېقىن بولسا كېرەك. چۈنكى Post Truth ھەقىقەت يوقالغان، غايىب بولغان ياكى ئىنكار قىلىنغان دەۋرنى ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنىڭ ئەھمىيەتسىزلىكىنى كەتكەن دەۋرىنى كۆزدە تۇتىدۇ.

كېيىنكى ھەقىقەت دەۋرىدە جامائەت پىكرىنى قۇرۇشتىكى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ۋاسىتىلەردىن بىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردۇر. شۇنداقلا كېيىنكى ھەقىقەت دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ئەڭ چوڭ رول ئوينىغانمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردۇر.

2.ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تەسىرى

ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشى كىشىلەرنىڭ ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەرگە ئېرىشىشىنى قولايلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، ئاخباراتتا يالغانچىلىق ۋە پىتنە-پاساتلارنىڭ تېز سۈرئەتتە يېيىلىدىغان بىر ئەندىزىنى بارلىققا كەلتۈردى. Pew تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، فېيسبۇك تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم ئامېرىكىلىقلارنىڭ دائىملىق خەۋەر مەنبەسى سۈپىتىدە دىققىتىنى تارتىدىكەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى ئارقىلىق باشقىلار يوللىغان ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەرنى باشقا ئابۇنىتلارنىڭ قايتا يوللاپ تېخىمۇ كەڭ تاماشىبىنلارغا يەتكۈزۈشى، يانفون ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىغا ئەگىشىپ تۇرمۇشىمىزدا زور بىر بوشلۇقنى ئىگىلىمەكتە.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاخباراتچىلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىغا ئوخشىمايدىغان يېرى كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدىغان بومبا خاراكتېرلىك تېمىلار، تىل ۋە كۆرۈم تېخنىكىلىرى ئارقىلىق ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبنى ياراتقانلىقىدا ۋە پۈتۈن ئابۇنىتلارغا ۋاستىلىق شەكىلدە ئاخباراتچىلىق قىلىش پۇرسىتى سۇنغانلىقىدا. ھەقىقىي خەۋەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان، توغرا ياكى خاتا بولۇشى مۇھىم بولمىغان ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا سۇنۇلغان خەۋەرلەر ئىجتىمائىي تارتقۇلارنى كۈندىلىك يېڭىلىقلارنى تەقىپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مىلياردلارچە ئابۇنىتلار ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە تارقاپ، پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار «چېكىلىش» نى مەقسەت قىلىپ، ئاسان كۆزگە چېلىقىدىغان، پەرقلىق نەزەرىيەلەردىن پايدىلىنىپ كىرىم يارىتىدىغان ئىشلەپچىقىرىش سورۇنىغا ئايلاندى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئاخبارات تور بېكەتلىرى قانداق قىلغاندا ئابونىتلاردىن ئەڭ كۆپ چېكىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش كويىدا ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ ھەقىقەتنىڭ ئەھمىيەتسىزلەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرىدۇر . خالىغان كىشىنىڭ مەزمۇن ئىشلەپچىقىرالايدىغان ۋە خالىغان ۋاقىتتا بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتالايدىغان بۇ تەرتىپسىزلىك ئاخباراتچىلىقنىڭ ئەھمىيىتىنىمۇ يوق قىلماقتا.

كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خاھىشىغا مايىل بولغان ئۇچۇر ۋە مەنبەلەرنى تاللاپ، باشقا ئۇچۇر ۋە مەنبەلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان كېيىنكى ھەقىقەت دەۋرىدە ئەنئەنىۋى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلارنىڭ جامائەت پىكرى قۇرۇلۇشىدا بۇرۇنقى كۈچىنىڭ قالمىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان بولماقتا.[2]

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئورتاقلاشقان خەۋەر ۋە مەزمۇنلارنىڭ نۇرغۇن كىشى تەرىپىدىن پەقەتلا ئوقۇلمايدىغانلىقى، ئوقۇلغان ھالەتتىمۇ كۆپىنچە ئىنسانلار تەپسىلاتىغا دىققەت قىلماستىن، مەنبەلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا ئەھمىيەت بەرمەستىن ئۇچۇرنى ئېلىپ ۋە تەلۋىلەرچە تارقىتىشى ھاياتىمىزدا قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈردى .

نەتىجىدە ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلە بىز توردا ئېرىشەلەيدىغان، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان مىقداردىكى ئۇچۇرلا ئەمەس، قايسى ئۇچۇرلارغا ئىشىنىپ ئىشەنمەسلىك نۇقتىسىدا تەرەددۈتتە قېلىپ “ھەقىقەت”نىڭ ئۆزىنى تونۇشتا قىينىلىۋاتقانلىقىمىز ۋە ھەقىقەتنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئەھمىيىتىنى يوقاتقانلىقىدۇر.

مۇشۇ سەۋەبتىن بىز كوللېكتىپ سەۋىيەدە ئەخلاق مەركەزلىك ۋە ئەڭ مۇھىمى توغرىلىنالايدىغان رەقەملىك ئاممىۋى بوشلۇق بەرپا قىلىپ، كۆپچىلىكنى نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇنازىرىگە ئاكتىپ شەكىلدە قاتناشتۇرۇشىمىز، شەخسىي سەۋىيەدە بولسا ئۆزىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئىش ھەرىكەتلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلشىمىز، ھەقىقەتنى ئەھمىيەتسىزلەشتۈرۈشكە رۇخسەت قىلماسلىقىمىز، ھەقسىز ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنىڭ قۇللىرى بولۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

#جۇمھۇرىيەت كىتابىنىڭ يازغۇچىسى كەس سېيىنستايىن كېيىنكى ھەقىقەت دەۋرىدىكى شەخسىيلەشتۈرۈلگەن ئۇچۇر تەۋسىيەلىرى سەۋەبلىك شەكىللەنگەن ئەكىس سادا قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇتۇلۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك تەۋسىيەلەردە بۇلۇنغان:

بىرىنچىدىن. تاراتقۇلار قۇللانغۇچىلارغا تاللانغان، شەخسىيلەشتۈرۈلگەن مەزمۇنلار ئورنىغا ئۇمۇمىيلاشقان مەزمۇنلارنى تەۋسىيە قىلىشى كېرەك. بۇنى تاراتقۇلارنىڭ قۇللانغۇچىلار ئۈچۈن قىلىپ بېرىشى ناتايىن. ئەمما ئۆزىمىز بەلگىلىك دەرىجىدە ئەكىس سادانىڭ ئالدىنى ئالالايمىز. يۇتۇب، نەتفىلكسنى ئاچقان ۋاقتىمىزدا بىز دائىم ئاڭلايدىغان نەچچە قانالدىن باشقىسى تەۋسىيە قىلىنمىسا، ئۆزىمىز قىزىقىپ كەتمەيدىغان، ھەتتا ياقتۇرمايدىغان مەزمۇنلارنى كۆرۈشنى سىناپ باقساق بولىدۇ. قانچە تار يولنى تاللىساق، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ كونتروللىقىدا قېلىشىمىز شۇنچە ئاسانلىشىدۇ.

ئىككىنچىدىن، كەڭ دائىرىلىك تەجرىبىلەرگە ئېرىشىش. پەقەت ئۆز كەسىپىمىز، تىلىمىز، دۆلىتىمىز ۋە دەۋايىمىزنىلا ئەمەم، باشقا نەرسىلەرنىمۇ چۈشىنىپ بېقىشىمىز، باشقا باشقا ساھەلەردە ئۇچۇر ئىگەنللىشىمىز كېرەك. بۇنداق بولغان ئەكىس سادا ئېفېكتىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئۈچىنىسى ۋە ئەڭ مۇھىمى، ئۇچۇر، تەجرىبىلەرنى ئورتاقلىشىش. مەيلى ئۆزىمىزگە ئوخشىسۇن ئوخشىمىسۇن، بىزگە ياقسۇن ياقمىسۇن ئۇچۇر ۋە تەجرىبىلەرنى ئورتاقلىشىشىقا ئۇچۇق بولىشىمىز، پەرقلىق ئۇچۇرلارغا بولغان سەزگۈرلىكىمىزنى ئازايتىشىمىز كېرەك.

مەنبە:

Alpay, Y. (2017). Yalanın Siyaseti. İstanbul: Destek

https://imgeself.com/2021/04/26/hakikatin-onemini-yitirdigi-donem-post-truth-ve-sosyal-medya/

[1] Post Truth is defined as an adjective relating to circumstances in which objective facts are less influential in shaping public opinion than emotional appeals

[2] بۇنىڭ سەۋەبى كېيىنكى ھەقىقەت دەۋرىدە ئۇچۇرغا (بىلىمگە) ئېرىشىنىڭ پەۋقۇلئادە ئاسانلىشىپ كېتىشىدۇر. نەتىجىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇ دەۋرىدە دېموكراتىيەنىڭ پارچىلىنىش خىرىسى، شەخسلەر ئۈچۈن  “ئەكىس سادا (echo chamber)”، “ئۇچۇر غوزىسى (information cocoons)” “سۈزگۈچ كۆپۈك(filer bubble) ” قاتارلىق باشقا مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىماقتا. ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ قۇللانغۇچىلارنىڭ خاھىشىغا قارىتا شەخسىيلەشتۈرۈلگەن مەزمۇنلارنى تەۋسىيە قىلىشى ھەممە ئادەم بىلىدىغان ھەقىقەت. بۇ خىل ھالەت داۋام قىلغان ۋاقىتتا، شەخسلەر ئۆز چەمبىرىكىدىن سىرتقا چىقىشتىن قورقىدىغان، پەرقلىق پىكىرلەرگە سۈكۈت قىلالمايدىغان، چوقۇم ئۆزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بۇ خىل ئەھۋالغا ياردەمچى بولۇپ ئىشنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىنكاس يازىمەن