ئىلاھىيەتتىكى ئىنكاس ۋە قايتا گۈللىنىش(1)

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 6 مىنۇت

زاھىرىيلىك ۋە يېڭى ھەنبەلىيلىك: ئىبن ھازىم، ئىبن تەيمىييە ۋە مۇھەممەد بىن ئابدۇل ۋاھاب

(«ئىسلام پەلسەپە تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ 263-دىن 268-گىچە قىسمى)

غەززالىينىڭ ئىسلام يېڭى پىلاتونىزىمىغا قىلغان شىددەتلىك ھۇجۇمى گەرچە ھەممىنى بېسىپ چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەقىلنىڭ ئىلاھىيەت بەس-مۇنازىرىلىدىكى كېسىم ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇنىڭغا بىنائەن غەززالى پەلسەپىنىڭ ئىمان ئاساسلىرى بىلەن چىقىشالايدىغان ھەم چىقىشالمايدىغان تەرەپلىرىنى ئېنىق ئايرىدى. تەبىئەت ئىلمى (فىزىكا) ۋە مېتافىزىكا ئىسلامىي قاراش نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە ئالاھىدە زىيانلىق ئىدى، مەنتىقە بىلەن ماتېماتىكا قارىماققا تامامەن زىيانسىزدەك كۆرۈنەتتى. ئەمەلىيەتتە، مەنتىقە يالغۇز پەلسەپە ۋە ڧىقىھتىلا ئەمەس،بەلكى ئەينى زاماندا ئىلاھىيەت بەس-مۇنازىرىلىدىكى تالاش تارتىشنى ھەل قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر قۇرال ئىدى.[1]

بەس-مۇنازىرىدىن بىزارلىق (ئەقىلىي ئىنكارچىلىق) ئۇرۇقىنى چېچىش جەھەتتە رول ئوينىغان غەززالىينىڭ تەسىرى 12- ئەسىردىن كېيىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئىلاھىيەت ۋە پەلسەپە ساھەسىدە داۋام قىلدى. ئۇ قوللانغان ئىككى خىل شەكىل: بىرىنچىسى، دەسلەپكى ئەسىردىكى ئىلاھىيەتشۇناس ۋە فەقىھلەرنىڭ زاھىرىيىچىلىق ۋە ئەنئەنىچىلىككە قايتىش، بۇلارنىڭ قەيسەر جەڭچىسى 9-ئەسىردە ياشىغان ئىبن ھەنبۇل (بۇ يەردە ئەقىلىيچىلىككە قارشى تۇرغۇچىلار زەۋق ۋە كەشىڧ دەپ ئاتالغان بىر قەدەر بىۋاستە تەجرىبە جەريانى ئارقىلىق ھەقىقەتنى بايقاشنى ئۈمىد قىلغان) نىڭ ئىچكى قاتلاملىرىغا چېكىنىشنى ئىنكار قىلىش.

بەس-مۇنازىرىدىن بىزارلىق (ئەقلىي ئىنكارچىلىق) نىڭ ئىككىنچى شەكلى ئۆز ئىپادىسىنى چۈشەنچە (نەزەرىيە) سەۋىيىسىدە ئشراقىيلىقتىن، بىر قەدەر ئەمەلىي دىنىي سەۋىيىدە تەسەۋۋۇپتىن تاپتى. بىرىنچى شەكىل ئىبن ھازم ئال كۇرتۇبى ۋە ئىبن تەيمىييە ئەل ھاررانىي كەبى مەشھۇر ئىلاھىيەتشۇناسلارنىڭ خەت مەنىسىدە (زاھىرى مەنىسىدە) قاتتىق چىڭ تۇرۇش مەيدانىنىڭ يېڭىۋاشتىن ئوتتۇرغا چىقىشىدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى. گەرچە يەنە كۆپلىگەن مۇھىم شەخىسلەر، مەسىلەن، ئىبن تەيمىييەنىڭ تالىپى ئىبن قەييۇم ئەل جەۋزىيە (ۋاپاتى:1350), ۋاھابى ھەرىكىتىنىڭ ئاساسچىسى مۇھەممەد بىن ئابدۇل ۋاھاب (ۋاپاتى:1792) بار بولسىمۇ، بۇ يەردە كوردوۋالىق ئىبن ھازم بىلەن ھەررانلىق ئىبن تەيمىييەنى ئىككى ئۈلگە دېيىشكە بولىدۇ.

ئىبن ھازم 994-يىلى كوردوۋادا تۇغۇلغان. ئاتىسى ئۈمەييە خەلىپىسىنىڭ ۋەزىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تەقدىرى خوجىسىنىڭ تەقدىرىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرغان. 1013-يىلى بەربەرلەر ئۈمەۋىيلەرگە قارشى قوزغىلىپ چىققاندا، ئىبن ھازم كوردوۋادىن قوغلىنىپ، مال مۈلىكى مۇسادىر قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۈمەۋىيلەر ھاكىمىيىتىنىڭ قايتا تىكلىنىشى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ، مەملىكەتنىڭ بۇ بېشىدىن ئۇ بېشىغىچە قاتراپ يۈردى. گەرچە ئۈمەۋىيلەرنىڭ ئورنى ئاجىز بولسىمۇ، ئەمما ئۇ باشتىن-ئاخىر ئۇلارغا سادىق بولدى. لېكىن ئۇنىڭ سىياسىي پائالىيىتى 1023-يىلى ئۇنىڭ ھامىيسى مۇستازھىر قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن مەغلۇپ بولدى. ئۇ ئىككىنچى قېتىم يەنە كوردوۋادىن ئايرىلىش ھەم سىياسىيدىن قول ئۈزۈشكە مەجبۇرلاندى. ئاخىرقى ئۆمرىدە ئۇ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1064-يىلى بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالاشتى.

ئىبن ھازىمنىڭ ئاڭ داڭلىق ئەسىرى بەلكىم 25 يېشىدا يازغان زاھىرىي ئىلاھىيەتشۇناسلىق ۋە ئىسلامدا پلاتونچە مۇھەببەتنى ئەكىس ئەتتۈرگەن تۇنجى رىسالە «كىتاب ئەل زوھرى» نىڭ مۇئەللىپى ئىبن داۋۇت ئەل ئىسڧاھانى (ۋاپاتى:909) نىڭ ئەسىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان «تەۋق ئەل ھامانە» (كەپتەرنىڭ بويۇن چەمبىرى) ناملىق ئالىيجاناب مۇھەببەت ئەسىرى ئىدى.[2] مول پىسخولوگىيىلىك كۆزىتىش ماتېرىيالى بولمىش بۇ كىتاب ئىنگلىزچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە كۆپلىگەن ئەخلاقىي ۋە ئاتپوبىئوگراڧىيىلىك مۇلاھىزىلەر بار. شۇ سەۋەبتىن بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالغان ھەم تېخىمۇ سىستېمىلىق ئەخلاق رىسالىسى-«ئەخلاق ۋە يۈرۈش تۇرۇش» ناملىق ئەسەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ.[3]  ئەرەبچە بۇ خىل ئەخلاقىي ئەسەرلەرنىڭ ئازلىقىنى ئويلىغاندا، بۇ ئەسەرنى مۇھىم ئەمەس دېگىلى بولمايدۇ. بىراق، بۇ خىلدىكى كۆپلىگەن ئەرەبچە ئەسەرلەرگە ئوخشاشلا، ئۇ سىستېمىلىق ئەخلاقىي بەھىسلەر (مۇزاكىرىلەر) دىن زىيادە ئەدەبىي تۈرگە بەكرەك يېقىندۇر.

بىز بۇ يەردە ئىبن ھازىمنى ئىلاھىيەتشۇناس ۋە مۇنازىرىچى سۈپىتىدە تىلغا ئالىمىز. ئىبن ھازم يۇقىرىدا زىكرى قىلىنغان« كىتاب ئەل زۇھرې»نىڭ ئاپتورى-ئاتىسى داۋۇت بىن ھالاڧ ئىسڧاھانىينىڭ ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىدە قوزغىغان زاھىرىيلىك ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پۈتۈن قىياس ياكى تەھلىل شەكىللىرىنى ئىنكار قىلدى ۋە زاھىرىيلىك يۈزلىنىشىدە چىڭ تۇردىكى. بۇ يۈزلىنىشتە مەدرىس پەلسەپىسىنىڭ بارلىق شەكىللىرى، مەيلى لىبېرال (ئەركىن) ياكى مۇتەئەسسىپ بولسۇن ۋە ياكى مۇئتەزىيلەر بىلەن ئەشئارىيلەر بولسۇن، ھەممىسىنى غەيرىي يول (بىدئەتچىلىك) دېدى.[4]

شۇنى يادىمىزغا ئېلىشىمىز كېرەككى، ئەبۇ ھەنىفە(ۋاپاتى:767) دىن باشلاپ فەقىھلەر «قۇرئان» ۋە ھەدىستە ئېنىق بەلگىلىمە ئوتتۇرغا قويۇلمىغان شەرىئەت ياكى ئىلاھىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىلمۇ خىل ئەقلىي ئۇسۇللارنى قوللاندى. «كىتاب ئەل ئىبتال»[5] ناملىق رىسالىدە ئىبن ھازم قىياس، راي(مۇستەقىل ھۆكۈم)، ئىستىھىسان،تەقلىد، تەۋىل ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا قەتئىي قارشى چىقتى ۋە يالغۇز يېزىقتىكى ئەسلى مەنە (لەۋزى،زاھىرى) مېتودىنى قوللىنىشنىڭلا توغرا ئىكەنلىكىنى چۈنكى بۇ «قۇرئان»، ھەدىس ياكى ئىجمائقا تايانغان، ئېنىق، توغرا، يالغۇز يول ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇردى. ئۇ ھەممە ئېتىراپ قىلغان شەرىئەت ۋە ئەقىدە مەنبەسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مەنبە ئىجمائنى قوبۇل قىلدى. بىراق بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ياكى يېقىن-ئۇرۇقلىرىنىڭ ئىجمائىنى مۇھىم شەرت قىلىش ئاساسىدا چەكلەپ قويدى. ئىبن ھازم بۇ ئارقىلىق،ئىجمائنى «قۇرئان» ۋە ھەدىستە ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلمىغان ڧىقھى ياكى ئېتىقادى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى بىر ئەمەلىي يول سۈپىتىدە كۆرۈپ،ئۇنى ئاسالىق قىممىتىدىن مەھرۇم قىلدى.

ڧىقھى مەسىلىلەردىكى بارلىق قىياس شەكىللىرىنى ئىنكار قىلغان ئىبن ھازم ئارقىدىنلا مەدرىس ئىلاھىيىتىدىكى بارلىق ئۇسۇللارنى قۇرۇق ئاۋارىچىلىق ۋە زىيانلىق دەپ قاراپ چۆرۈۋەتتى. ئىلاھىيەتشۇناسلار مەيلى مۇئتەزىيلەر، ئەشئارىيلەر ۋە باشقا مەزھەپتىكىلەر بولسۇن، بۇلارنىڭ ئاللانىڭ ماھىيىتى، ماددىنىڭ تۈزۈلۈشى، ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتنىڭ خاراكتېرى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشى پۈتۈنلەي بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ھەم باتىلدۇر. ئىنسان جەزمەن بۇ خىل سىرلارنى چۈشىنىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى، بولۇپمۇ ئاللاھنىڭ ماھىيىتىنىڭ سىرلىقلىقى (ئەقىل يەتمەيدىغانلىقى) ۋە ئاللاھنىڭ خىلمۇ خىل ھېكمىتىنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى تەن ئېلىش كېرەك.[6] بىلىشنىڭ ھەقىقىي ئوبيېكتى، بىرى بىزنىڭ سەزگۈ كۈچىمىز سېزەلەيدىغان دائىرىدىكى شەيئى ياكى ئەقىل بىۋاستە ئىدراك قىلالايدىغان شەيئى. يەنە بىرى «قۇرئان» ۋە ھەدىستە ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلغان شەيئى. كائىنات ۋە ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى توغرىسىدا بىزنىڭ بىلىشىمىز پۈتۈنلەي «قۇرئان» دا ئېنىق بايان قىلىغان مەزمۇنلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ خالاس. ئەمما «قۇرئان»دا ئاللاھ ئۆزى ئىختىيار قىلىپ ئىشلەتكەن ئىسىملاردىكى ئەقلىي مۇددىئا ياكى مەنە تامامەن بىزنىڭ بىلەلىشىمىزنىڭ سىرتىدىدۇر. دۇرۇس، بىزنىڭ ئاللاھ ئۆزى تاللىغاندىن باشقا ھەر قانداق ئىسىم ياكى سۈپەتنى خالىغانچە ئۇنىڭغا شېرىك (تەۋە) قىلىدىغانغا سالاھىتىمىز يوقتۇر.[7]  بۇ ئىسىم ۋە سۈپەتلەرنىڭ ئەقلىيلەشتۈرۈلۈشى مەيلى مۇسبەت ياكى مەنپىي ئىبارىلەر بولسۇن، ئەسلا توغرا ئەمەس. بىز جەزمەن ئاللاھنىڭ ئادالىتى ۋە ئەخلاقىنى (خەيرىنى) تەستىق قىلىشىمىز، زۇلۇم ۋە شەررىنى ئىنكار قىلىشىمىز كېرەككى، بۇ مۇئتەزىيلەر ئوتتۇرغا قويغاندەك، ئاللاھنىڭ كالامىنى مەنتىقە جەھەتتىن تەلەپ قىلغان ئەھۋالدىكى ئەقلىي سەۋەب تۈپەيلى ئەمەس، بەلكى تامامەن «قۇرئان» دا ئوتتۇرغا قويۇلغان ئادالەت ۋە خەيرىنىڭ ئاللاھنىڭ سۈپىتى، زۇلۇم ۋە شەررىنىڭ ئۇنىڭ سۈپىتى ئەمەسلىكىگە ئاساسەن بولسۇن.

دېمەك، ئىبن ھازمنىڭ ڧىقھى ياكى ئاقايىد مەسىلىلىرىدە مەدرىس پەلسەپىسىدىكى ھەر قانداق مېتودنى قوللىنىشنىڭ دۇرۇسلۇقىنى ئىنكار قىلغان تەنقىدىي، ئەركىن پىكىرچى، مۇتەئەسسىپ مۇئتەزىيلەر بىلەن ئەشئارىيلەر ھەم ھەر خىل مەزھەپتىكى ئىلاھىيەتشۇنالارغا قارىتىلغان. ئىبن ھازم «قۇرئان» ۋە سۈننەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە مۇتلەق بويسۇنۇشنى خالىدىكى، باشقىلارنىڭ ئۇنى ئىلاھىيەت بەس-مۇنازىسىرىگە سۆرەپ كىرىدىغان ھەر قانداق ئۇرۇنۇشىغا قەتئىي قارشى تۇردى.

ئىبن ھازم چىڭ تۇرغان بۇ ئىجادىيلىقى كەمچىل ئەنئەنىچىلىكنىڭ كۆپلىگەن ھىمايە قىلغۇچىلىرى بار ئىدى. بۇ ئەنئەنىچىلىك تارىخىدىكى 13-ئەسىردىكى بىر مۇھىم شەخىس سۈرىيەلىك ڧەقىھ ۋە “ئىسلاھاتچى” ئەخمەد بىن تەيمىييە. ئۇ 1262-يىلى ھەرراندا تۇغۇلۇپ،1327-يىلى دەمەشىقتە ۋاپات بولغان. گەرچە ئىبن ھازم بىلەن ئىبن تەيمىييەنىڭ ئارىسىدا ئىككى ئەسىردىن ئارتۇقراق ۋاقىت پەرقى بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىككىيلەن مۇئتەزىلىيلەردىن كېيىنكى پۈتكۈل ئىسلام تارىخىدا ئەنئەنىچىلىكنىڭ ئەڭ قەتئىي تەشەببۇسچىلىرى سۈپىتىدە نامى تىللاردا داستاندۇر. ئەقىلىي جەھەتتىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى غەززالىينىڭ تەڭدىشى بولالمىسىمۇ، ئەمما ئەقىلىيچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى كەسكىن پوزىتسىيە جەھەتتە غەززالىيدىن ئېشىپ چۈشتى. بۇ ئىككىيلەن ئىنتايىن ئۇچۇق ئىبارىلەر بىلەن گرېك تەسىرى ئاستىدا قالغان ئىسلام پەلسەپىسىگە ھۇجۇم قىلدى. بۇ جەھەتتە غەززالىيدەك تەكەللۇپ قىلىپ ئولتۇرمىدى. ئىبن تەيمىييە ھەتتا ئىبن ھازىمدىن تېخىمۇ كەسكىن ھالدا پەلسەپە ۋە ئىلاھىيەتتىكى ناچار ئادەتلەرگە قارشى چىقىپ، ئىلگىرىكىلەرنىڭ ساغلام يوللىرىغا قايتىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ دىنىي قىزغىنلىقىغا گويا بىر قانچە ئەسىرلىك دىنىي ئىستىقامەتنى بىكار قىلىپ، بۇلارنى ئىلاھىيەت ۋە پەلسەپە بەس-مۇنازىرىسى ئاۋارە قىلىشتىن خېلى ئىلگىرىكى زاماندىكى ھالىغا قايتۇرۇشقا نىيەت قىلغاندەك قىلاتتى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پۈتكۈل دىنىي ھەقىقەتنىڭ مەنبەسى «قۇرئان» ۋە ساھابىلەر ھەم تابىئىنلار رىۋايەت قىلغان ھەدىستۇر. ھەدىسىنىڭ ئۆزىدە ساھابە ۋە تابىئىنلەرنىڭ ئورنىنىڭ ئۈستۈنلۈكى ئېنىق ئېتىراپ قىلىغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ دىنىي مەسىلىلەردىكى نوپۇزلۇق ئورنىنى ھەرگىزمۇ باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ياكى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ ھەم ئۇلارنىڭ قارارى ئىجمائتا ئىپادىلەنگەندەك، تامامەن خاتالىقتىن مۇستەسنادۇر.[8]  تابىئىنلەرنىڭ ئىجمائى كېيىنكى ئىلاھىيەت، پەلسەپە ۋە تەسەۋۋۇپتا ئوتتۇرغا چىققان ئىختىلاپلاردىن كۆرگىنىمىزدەك، بۇ ئۆزگىچىلىكىدىن نامراتتۇر.  بۇنىڭدىن باشقا ساھابە ۋە تابىئىنلار ئىسلام جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار بارلىق دىنىي مەسىلىلەرنى خۇلاسە خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، كېيىن مەيدانغا كەلگەن ھەر قانداق نۇقتىئىينەزەر پىكىر ياكى ئەمەلىيەت جەزمەن بىدئەت دەپ جاكارلىنىدۇ. ئىبن تەيمىييە قىلچە ئىككىلەنمىگەن ھالدا بۇ خىل بىدئەتچىلىك گۇناھىنى سادىر قىلغانلار قاتارىدا خاۋارىجلار، شىئەلەر، مۇئتەزىيلەر، مۇرجىئىلەر، جەھمىيە ۋە ھەتتا ئەشئارىيلەر، قىسقىسى تۆتىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئەلىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىسلامنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىدىن چىققان بارلىق ئىلاھىيەتچى ياكى دىنى مەزھەپ، پىرقىلەر بار دەپ قارايدۇ.[9]

ئىبن تەيمىييەنىڭ ئېيتىشىچە، دىنغا ئىشەنگۈچىلەرنى تۇيۇق يولغا باشلاپ، بۇزۇپ، مەزھەپلەرگە پارچىلانغانلىق مەسئۇلىيىتىنى ئالدىنقىلارنىڭ بىردىنبىر نوپۇزلۇق تەپسىرى بىلەن زىت ھالدا« قۇرئان» نى خالىغانچە شەرھلەنگەن ئىلاھىيەتشۇنارسلار، پەيلاسوپلار ۋە تىلشۇناسلارنىڭ قۇرۇق مېتودلىرى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.  ئۇ پەخرىدىن رازىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ يازغانكى: “مەن بارلىق ئىلاھىيەت ۋە پەلسەپە مېتودلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھېچبىر كېسەلگە داۋا بولالمايدىغانلىقى ۋە چاڭقىغان تەشنالىقنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى بايقىدىم. مەنچە بولغاندا، ئەڭ ياخشى مېتود«قۇرئان»نىڭ مېتودىدۇر. مەن ئىسپات ۋە تەستىق ئاھاڭدا: “مېھرىبان ئاللاھ ئەرشتىن ئورۇن ئالدى” «قۇرئان» 20-سۈرە 4-.ئايەتنى ئىنكار ئاھاڭدا:”ئۇنىڭ ئوخشىشى يوقتۇر”«قۇرئان» 42-سۈرە 2-ئايەتنى ئوقۇدۇم”.[10]  دەرھەقىقەت، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەجرىبىگە ئىگە بولغان كىشى بۇ مېتودلارنىڭ ئۈنۈمسىزلىكىدىن ھەرگىز شۈبھىلەنمەيدۇ دەيدۇ. پەيلاسوپلار ۋە ئىلاھىيەتشۇناسلار ئەزەلدىن ئاللاھنىڭ ئادالىتى، ھېكمىتى، رەھمىتى ۋە ھەتتا توغرا، ھەقىقىلىقىنى كەسكىن ئىسپاتلاشقا قادىر بولالىغان ئەمەس. گەرچە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر باشقىلارغا قارىغاندا ھەقىقەتكە بەكرەك يېقىنلىشالىغان بولسىمۇ، بىراق خاتالىقتىن تامامەن خالىي ھېچكىم يوق. ئەمەلىيەتتە، خاتالىقتىن خالىي بولۇشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى شەرتسىز ھالدا ئىلگىرىكىلەر(سەلەڧەر)نىڭ نوپۇزىغا تەسلىم بولۇشتۇر.

كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك، ئىبن تەيمىييەنىڭ ئەڭ كەسكىن، قاتتىق تەنقىدى پەيلاسوپلارغا قارىتىلغان. ئۇلارنىڭ دىنىي ھەقىقەتنى بايان قىلىشتىكى تەلىماتىنىڭ ئاساسى شۇكى، ئىلاھىي كالام ئاساسلىقى پۈتۈن ئىنسانلارغا خىتاب قىلغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ ئاسان چۈشىنىشى مەقسىتىدە قەستەن تەشبىھ ۋە تەمسىللەر بىلەن ئىپادە قىلىنغان. ئاللاھ ۋە ئاخىرەت ھاياتى كەبى مەسىلىلەر ھەققىدىكى دىنىي ھۆكۈملەر ناھايىتى ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلەردە پايدىلىقتۇر. ئەمما مۇقەررەر راست بولۇشى ناتايىن.[11]

ئىبن تەيمىييەنىڭ پەيلاسوپلارغا قارشى قىلغان تەنقىدى ئاساسلىقى ئۇنىڭ «مەنتىقچىلەرگە رەددىيە» ناملىق ئەسىرىدە، ئىبن رۇشىدنىڭ ئىلاھىيەت توغرىسىدىكى«كەشىڧ» ناملىق ئەسىرىگە يازغان شەرھىدە ۋە «ۋەھى ئىلىملىرى ۋە ئەقلىي ئىلىملەرنىڭ بىردەكلىكى» ناملىق ئەسىرىدە بار.[12] «مەنتىقچىلەرگە رەددىيە»دە ئۇ (ئارىستوتېلچە) مەنتىقچىلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم ئەمەس ئۇقۇملارنى پەقەت تەبىر بېرىش ئارقىلىقلا بىلگىلى بولىدۇ دىگەن چۈشەنچىسىگە ھۇجۇم باشلىدى. ئۇنىڭ ئاساسى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولمىغان ئىكەن، بۇ خىل قاراش ئىسپاتقا مۇھتاج. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ سەۋەبى يوق دەپ قارىلىپ مۇلاھىزىدىن چەتتە قالدۇرۇلىدۇ.[13] ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇقۇملارغا تەبىر بېرىشكە ئەگىشىپ كەلگەن قىيىنچىلىقلارمۇ زور ئىدى. ھەتتا مەنتىقچىىلەرنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان غەززالىيغا ئوخشاش مۇئەللىپلەرمۇ ئالىملار يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى ئېتىراپ قىلشقا مەجبۇر بولدى. ئۇنداقتا ئاشۇ نادان جاھىللار”چەكلىك تۈر” ۋە “ماھىيەتتىكى ئايرىمىلىق”دىگەن تەبىر ئاساسلىنىدىغان ئۇقۇملارغا مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىپ باقسۇن قېنى.[14]

مەنتىقچىلەرنىڭ ئىككىنچى چوڭ خاتالىقى ئۇلارنىڭ “تەبىر تەبىرلەنگۈچى شەيئىگە دائىر ھەقىقىي بىلىشىنى ئىپادىلەيدۇ” دىگەنلىكىدۇر. تەبىر دېگەنلىك پەقەت سۆزلىگۈچىنىڭ بايانى ياكى تەشەببۇسى بولۇپ، ئۇ ئېنىقكى پۈتۈنلەي ئاساسسىز بولۇشىمۇ مۇمكىن. تەبىر بەرگۈچى بەلكىم بۇ بايانىدىكى ھەقىقەتنى ئالدىن بىلىشى ياكى ئالدىن بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ ئالدىن بىلسە، ئۇنداقتا ئۇ تەبىرلەنگۈچى شەيئىگە دائىر ھەر قانداق يېڭى مەزمۇننى ئۆگەنمىگەن. ئەگەر ئالدىن بىلمىسە، ئۇ ئىسپاتلانماي تۇرۇپ ئۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.[15]

قىياستىكى باشقا خىلمۇ خىل ھۆكۈملەرنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان ھۆكۈملەرنىڭ ئۈنۈمى (توغرىلىقى) ھەققىدە مەنتىقچىلەرنىڭ نەزەرىيسى ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىكلىك. ئالدى بىلەن، مەنتىقىچىلەر ھۆكۈمنى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم ۋە مەلۇم ئەمەس دەپ ئىككىگە ئايرىدى. بىراق، ئىنسانلارنىڭ ئىدراك ئىقتىدارىنىڭ پەرقلىق تۈپەيلى، بۇ خىل ئايرىشنىڭ ئاساسى ئېنىق ۋە كەسكىنلىكتىن يىراقتۇر. چۈنكى بەزى ئىنسانلار خۇددى ئىبن سىنا شەخسەن بايان قىلغاندەك، بىۋاستە سەزگۈسىنىڭ ئۆتكۈرلىكى تۈپەيلى قىياسىنىڭ توغرىلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان “ئوتتۇرا”نى باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا ئاسان ئىدراك قىلالايدۇ.[16]

تۆۋەندە ئىبن تەيمىييە ئارىستوتېل مەنتىقىسىنىڭ تۈۋرۈك تاشلىرىدىن بىرى بولمىش بۇرھان (ئىسپاتلاش) نەزەرىيىسىگە ھۇجۇم قىلدى. تىلغا ئېلىنماقچى بولغان بۇ بۇرھان ئارستوتىل ۋە ئەرەب ئارىستوتېلچىلار مۇقەررەر ھەقىقەتنى ئىپادىلىگۈچى قىياس جەريانىغا نىسبەتەن سۇئال قويمىدى، ئەمما ئۇ بۇرھاننىڭ تامامەن بوش، قۇرۇق ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدى. چۈنكى ئەڭ يۈكسەك ئىسپات شەكلى بولمىش بۇرھان جەزمەن پەقەت كاللىدا مەۋجۇت بولغان ئادەتتىكى ئۇقۇملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھالبۇكى، بارلىق مەۋجۇدىيەتلەر جۈزئىي بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا بۇرھاننىڭ ئادەتتىكى جەھەتتىن مەۋجۇدىيەتلەر توغرىسىدا ھەم ئالاھىدە جەھەتتىن ئاللاھ توغرىسىدا ھەر قانداق بىر ھەقىقىي بىلىمنى بېرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.[17]  شۇڭا نەتىجە شۇكى، بۇرھان مېتودى ۋە ياكى ئۇلار ئېيتقان مۇشۇ مېتودنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىشلىتىلىشى بولمىش مېتافىزىكا، مەۋجۇدىيەت ھەققىدە قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق بىر نەرسىدۇر.

بۇنىڭدىن باشقا، مەۋجۇدىيەت تەلىملىرىدە ئۇلار بەش خىل ئاساسىي گەۋدە ( يەنى شەكىل، ماددا، جىسىم، روھ ۋە ئەقىل) ۋە 10 كاتېگورىيە (ئارىستوتېل مەنتىقىسىدىكى 10 چوڭ كاتېگورىيە) نى ئېتىراپ قىلغان. لېكىن بۇ ئىككى تىزىملىكنىڭ ئىنتايىن تەپسىلىي، كەم-كۈتىسىز ئىزاھلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇلار ئاللاھ ۋە كۈللى ئەقىللەر كەبى يۈكسەك مەۋجۇدىيەتكە ماس ئەمەس، ياكى بۇ مەۋجۇدىيەتلەرنى بىلىشىمىزگە نىسبەتەن قىل چاغلىق ياردەممۇ بېرەلمەيدۇ.[18]

بۇ تەنقىدلەر پەيلاسوپلارنىڭ ياكى ئۇلارنىڭ تەقلىدچىلىككە ئۈندىگەن ئىلاھىيەتشۇناسلارنىڭ قوللانغان مېتودلىرىنىڭ ئۈنۈمسىزلىكى ياكى مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە يېتەرلىك. نېمىلا دېمىگەن بىلەن، مەنتىقە ھەر بىر ئىنسانىي مېتود ياكى ۋاستە، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خاتالىق ياكى مەغلۇبىيەتنىڭ تەسىرىگە ئاسانلا ئۇچراپ تۇرىدىغان نوقۇل بىر ئىنسانىي ئادەتتۇر. شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇ «قۇرئان» ۋە ھەدىستە بەلگىلەنگەن ۋە مۆمىنلەرنىڭ باشقا ھەر قانداق مېتودلارغا كۆز قىرىنى سالماي، مۇشۇنىڭدىلا چىڭ تۇرۇشى مەجبۇرىيەت بولغان شۈبھىسىز مېتودقا ئەسلا يەتمەيدۇ.

ئىبن تەيمىييەنىڭ ئەڭ مەشھۇر تالىپى ئىبن قايىم جەۋزىيە ئەقلىيلىككە قارشى تۇرۇپ، ئىلاھىيەت، پەلسەپە ۋە تەسەۋۋۇپقا زەربە بېرىش تارىخىدىكى يەنە بىر مۇھىم شەخىس ئىدى. ئەمما ھەنبەلىيللىكنىڭ يېڭىدىن جانلىنىشى، 18.ئەسىردە مۇھەممەد بىن ئابدۇل ۋاھاب تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە سەئۇدى سۇلالىسىنىڭ نەجىد ۋە ھىجازدىكى ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىكلەنگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئەرەبىستاندا رەسمىي مەزھەپ ھالىغا كەلگەن ۋاھابى ھەرىكىتىنىڭ قوزغىلىشى بىلەن ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى. «قۇرئان» ۋە ھەدىسنىڭ زاھىرى مەنىلىرىگە ئىشىنىشتە چىڭ تۇرغاندىن باشقا، ۋاھابىلار ئىبن تەيمىييىگە ئوخشاشلا، دىنىي ۋاجىپ ئىبادەتلەرنى تەكىتلەپ، ئەۋلىيالارغا چوقۇنۇش ۋە سوپى تەرىقەتلىرىدىكى ئاشقۇنلۇقلارنى قاتتىق ئەيىبلىدى. بارلىق بۇ يېڭى ھەنبەلىيلىك ھەرىكەتلىرىدە، ئۇلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ۋە كۆرگىنىمىزدەك[19] ئەقىلىيچىلىككە قارشى تۇرۇش قەتئىي ئېگىلمەس-سۇنماس روھقا ئىگە. 9.ئەسىر ئىلاھىيەتشۇناس ۋە ڧەقىھلىرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بۇدۇر.  ئۇلارنىڭ شۇئارى، “تەقۋادار ئەجدادلار(سەلاڧى سالىھ) يەنى، تۇنجى ئەۋلاد مۇسۇلمانلارنىڭ سۈننەت يولىغان قايتىش ۋە سۈننەتنى ئەسلىدىكى ساپ ھالىتىگە قايتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىدە چىڭ تۇرۇشتۇر.[20]

(داۋامى بار)

 

[1] غەززالىي:«پەيلاسوپلارنىڭ زىددىيىتى»16-17-بەتلەر؛«پەن ئۆلچىمى»60-61-بەتلەر.

[2]  كوربىن:«ئىسلام پەلسەپە تارىخى» 278-279-بەتلەر.

[3] نادا تومىش بۇ كىتابنى «ئەخلاق كىتابى» دېگەن نامدا ڧىرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلغان.

[4] سەئىد:«ھەر مىللەت ئەھۋالى» 75- 770بەتلەر.

[5] گولدزىھىر:«زاھىرىيلار مەزھىپىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى ۋە تارىخى» 207-230-بەتلەر.

[6] «ئەل ڧىسال» 2-جىلد 81-116-121-بەتلەر.

[7] يۇقىرقى كىتاب:74-بەت.

[8] ئىبن تەيمىييە: «مەجمۇئات ئەل رىسائىل» 1-قىسىم 16-بەت.

[9] يۇقىرقى كىتاب: 1-قىسىم 18-19-76-77-بەتلەر.

[10] يۇقىرقى كىتاب: 100-190-191-بەتلەر. بۇ «قۇرئان» ئىبارىلىرىنى تەپسىر قىلىشنىڭ ئىجابىي ۋە ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىدۇ.

[11] يۇقىرقى كىتاب: 160-161- بەتلەر، 180-181-بەتلەر.

[12] يۇقىرقى بىبلىئوگرافىيە.

[13] ئىبن تەيمىييە: «مەنتىقىشۇناسلارغا رەددىيە» 7-بەت.

[14] يۇقىرقى كىتاب: 19-20-بەتلەر.

[15] يۇقىرقى كىتاب: 32-33-بەتلەر.

[16] يۇقىرقى كىتاب: 88-89-بەتلەر. يۇقىرقى بايان 143-144-بەتلەر.

[17] يۇقىرقى كىتاب: 124-125-بەتلەر.

[18] يۇقىرقى كىتاب: 132-بەت.

[19] يۇقىرقى بايانغا قارالسۇن، 63-بەت.

[20] مارگولىئوئۇس: «ۋاھابىزم»؛ لائۇئۇست :«ئەخمەد بىن تەيمىييەدىن كېيىنكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسى تەلىماتلار».

ئىنكاس يازىمەن