ئىشلەش رۇخسىتى توغرىسىدا 2019-03-08 يېڭىلاندى

ئوقۇلۇش ۋاقتى: 5 مىنۇت

2019-03-08 كۈنى:

يېقىن ئاغىنىمىز 3- ئاينىڭ 7- كۈنى ئىشلەش رۇخسىتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئىشلەش رۇخسىتىگە ئالاقىلىق ئالدىنقى يازمىدا قوشۇپ قويۇشقا تىگىشلىك ئىككى مۇھىم نوقتا:

بىرىنچىسى، ئۇيغۇرلارغا “مائارىپ جەمئىيىتى“دىن چىقىرىپ بېرىدىغان “تۈرك نەسىلدىن بولغانلىق ئىسپات قەغىزى” (Türk soylu belgesi)  بولسا شىركەتلەردىن بۇرۇنقىدەك 5 تۈرك گراژداننى سۇغۇرتىلىق ئىشلىتىش شەرتى قويۇلمايدىكەن.

ئىككىنچىسى، بۇ قېتىم ئىشلەش رۇخسىتى ئالغان قېرىندىشىمىز تۇلۇق ئوتتۇرا دىپلومى بىلەن ئىلتىماس قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. نورمال شەرتلەردە تۇلۇق كۇرسنىڭ ئۈستىدە ئۇنۋانغا ئىگە چەتئەللىكلەر ئوقۇغۇچىلىق ئىقامىتى ياكى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت بىلەن پۈتۈن كۈنلۈك ئىشلەش رۇخسىتىنى ئىلتىماس قىلالايدۇ.

ئەسكەرتىش: بەزى خىزمەتلەردە، مەسىلەن ئائىلە خىزمەتچىسى، ئاشپەز، ھاممال دىگەندەك ئىشلاردا دىپلوم تەلەپ قىلىنمايدىكەن. لېكىن ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت بولىشى كېرەك ئىكەن.

قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەش رۇخسىتى ئېلىشىنىڭ بۇرۇنقىدىن ئاسان بولغانلىقى دەلىللەندى. شارائىتى يار بېرىدىغان قېرىنداشلارنىڭ ئىش ئىزدەپ بېقىشىنى، ئىش تاپقاندا ئاۋۋال ئىشلەش رۇخسىتىنى ئاسان ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى شىركەتكە ئېيتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى نۇرغۇن شىركەتلەر ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىتىبار سىياسەتتىن بىخەۋەر ھالدا چەتئەللىك دېگەن ھامان ۋاز كېچىشى مۇمكىن.

ئىشلەش رۇخسىتى ئېلىش ئۈچۈن نىمىلەر كېرەك؟

  1. تۇلۇق ئوتتۇرا دىپلومى بولسا يېتەرلىك. لېكىن بەزى خىزمەتلەردە دىپلوم بەكمۇ مۇھىم ئەمەسكەن.
  2. پاسپورتنىڭ يېتەرلىك ۋاقتى بولىشى كېرەك (پاسپورتى يوق قېرىنداشلاردىن ئىشلەش رۇخسىتى ئالغانلارنى ئاڭلىمىدۇق)
  3. تۈرك نەسىلدىن بولغانلىق ئىسپات قەغىزى” (Türk soylu belgesi)
  4. بىر شىركەت (سۇغۇرتىڭىزنى، كىرىم بېجىڭىزنى تۆلەشكە رازى بولىشى كېرەك)

 

تۆۋەندە ئىشلەش رۇخسىتىگە ئالاقىدار بۇرۇنقى يازمىلارنى ئوقۇيالايسىز.

2019-01-30 كۈنى:

بۇ قېتىم ئىلتىماس قىلغان ئىشلەش رۇخسىتى چىقتى. خۇشاللىنارلىقى بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ماقۇللانغان بولدى. بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولىشى مۇمكىن. مەسىلەن:

ئىككىنچى قېتىم ئوخشاش بىر شىركەتتە،ئوخشاش بىر ئىش ئورنىغا ئىلتىماس قىلىش؛ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان غەمخورلۇقى (بۇ يەردە بىر كۈلۈۋاتقان ئىپادە بار) دىگەندەك.

لېكىن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغىنى، پاسپورتىمنىڭ ۋاقتى ئىككى يىل قالمىغانلىقى سەۋەبلىك ئىلتىماس قىلغان ئىككى يىللىق ئىشلەش رۇخسىتى تەستىقلانماي، پەقەت بىر يىللىق ئۇزارتىشنى تەستىقلىغانلىقى بولدى. قۇلۇمدا ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت تۇرۇپ،يەنىلا پاسپورتنىڭ ۋاقىتى توشۇپ قېلىش توسالغۇسىغا دۇچ كەلگەن بولدۇم.

قىسقىسى: “ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەتنى قولىغا ئالغانلارغا ئىشلەش رۇخسىتى بېرىلىدۇ؛ پاسپورتنى ۋاقتى توشقان بولسىمۇ ئىشلەش رۇخسىتى بېرىلىدۇ.” دېگەنلەر ماڭا كەلگەندە ئىشلىمىدى. مەن پەقەت بېشىمدىن ئۆتكەننى ئورتاقلىشىپ قويدۇم.

رېئاللىقتا ھەقىقىي مىسالى بولمىغان خىيال بىلەن ھەقىقىي بېشىمدىن ئۆتكەن رېئاللىقتىن مەن يەنىلا كېيىنكىسىنى ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋال دەپ قارايمەن. ئۈمىت قانچە چوڭ بولسا، ئۈمىدسىزلىنىشىش شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا بەزى نەرسىلەرگە ئارتۇقچە ھاياجانلىنىپ كېتىشنىڭ ھازىرچە ھاجىتى يوق.

 

2018-12-31 كۈنى:

1. ئىشلەش رۇخسىتى دىگەن نىمە؟

ئىشلەش رۇخسىتى (Çalışma İzni)، تۈركىيەدە ياشايدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ ئىشلەش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىلتىماس يولى بىلەن ئالىدىغان رۇخسەت بەلگىسىدۇر. ئىشلەش رۇخسىتى يوق ئەھۋالدا ئىشلەش تۈركىيە قانۇنغا خىلاپ. ئەمما تۈركىيەدە نۇرغۇنلىغان سۇرىيىلىكلەر، ئافغانلار، تۈركمەنلەر،ئۆزبېكلەر ئىشلەش رۇخسىتىسىز ئىشلەيدۇ، ھۆكۈمەتمۇ ئىشلەش رۇخسىتىگە بەك دېققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. ھازىرغا قەدەر بىرەرسىنىڭ ئىشلەش رۇخسىتى يوق ئىشلەپ تۇتۇلۇپ قېلىپ، جازالانغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. لېكىن بۇنداق دېگەنلىك ھەم ئىشلەش رۇخسىتىنىڭ كېرىكى يوق دېگەنلىك بولمايدۇ.

2. ئىشلەش رۇخسىتىنىڭ قانداق ئەۋزەللىكلىرى بار؟

بىرىنچىدىن، ئىشلەش رۇخسىتى ئىقامەتنىڭ ئورنىدا قوللىنىلىدۇ. ئىشلەش رۇخسىتى چەتئەللىكنىڭ تۈركىيەدىكى قانۇنلۇق كىملىكى ھېسابلىنىدۇ. ئىشلەش رۇخسىتى بولغان ئەھۋالدا ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلىشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. “ساياھەت، ئائىلە ۋە ئوقۇش ئىقامەتلىرى بىلەن تۈركىيەدە قانۇنلۇق تۇرغان ۋە 5 يىلىنى توشقۇزغانلار، 6 – يىلىدا چوقۇم ئىشلەش رۇخسىتى ياكى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت رۇخسىتى ئالغاندىلا ئاندىن تۈركىيە پۇقرالىقىنى ئىلتىماس قىلالايدۇ.”[1]

ئىككىنچىدىن، سوغۇرتا بەدىلى شىركەت تەرىپىدىن تۆلىنىدۇ. بۇ سوغۇرتا ئىشچىنىڭ ئائىلىسىدىكى ھەممە كىشىگە ئىشلەيدۇ. ئائىلىڭىزدىكى ھەممە ئەزا دۆلەت دوختۇرخانىلىرىدا ھەقسىز داۋالىنالايدۇ. ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، دورا پۇلى بىلەن كېسەل كۆرۈش ھەققى ئاز بولسىمۇ ئېلىنىدۇ. كېسەل كۆرۈش ھەققى دورا ئالغاندا دورىخانا تەرىپىدىن ئېلىنىدۇ. كېسەل كۆرۈش ھەققى تاپشۇرۇلمىسا دورا بېرىلمەيدۇ.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوغۇرتىسى مەكتەپ تەرىپىدىن تۆلىنىدۇ. لېكىن بۇ سوغۇرتا پەقەت ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگىلا ئىشلەيدۇ. ئىشلەش رۇخسىتى بىلەن ئېرىشكەن سوغۇرتا تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئىشلەيدۇ.

ئۈچۈنچىدىن، ئىشچىنىڭ قانۇنى ھەق-ھوقوقى كاپالەتكە ئېگە بولىدۇ. ئايلىق ئىش ھەققىنى چوقۇم بانكا يولى ئارقىلىق تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇڭا ئىش ھەققىنى ئالالماسلىق بولمايدۇ.

تۆتىنچىدىن، ۋىزا ئىلتىماس قىلغاندا پايدىسى بولىدۇ.  (گەرچە ماڭا پايدىسى بولمىغان بولسىمۇ باشقىلارنىڭ گىپى بويىچە يېزىپ قويدۇم) ئىشلەش رۇخسىتى چەتئەللىكنىڭ تۈركىيەدە مۇقىم خىزمىتىنىڭ بار ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى. شۇڭا ۋىزا ئىلتىماس قىلغاندا ۋىزا چىقىش ئېھتىماللىقى يوقىرى بولىدۇ.

بەشىنچىدىن، باج كەچۈرۈم قىلىنغان ماشىنا سېتىۋالالايدۇ.  (مەن سىناپ باقمىدىم، لېكىن قائىدە بويىچە بولىدۇ). چەتئەللىكتىن چەتئەللىككە سېتىلىدىغان ماشىنىلاردىن سېتىۋالالايدۇ. بۇ خىل ماشىنىلار ئادەتتە بازا باھاسىدىن خېلىلا ئەزان بولىدۇ.

ئالتىنچىدىن، بىر چەتئەللىكنىڭ قانۇنسىز ئىشلىشى قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس. ئىشلەش رۇخسىتى ئېلىش ئىمكانىيىتى بولغانلار ئىشلەش رۇخسىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانۇنى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنالايدۇ. ئىشلەش رۇخسىتى قولدا بولسا ساقچى كىملىك تەكشۈرۈپ قالسىمۇ ئىقامەتنى كۆرسەتكەندىكىدىن ياخشىراق مۇئامىلە قىلىدۇ.

 

3. ئىشلەش رۇخسىتىنىڭ  تۈرى ۋە ۋاقتى ؟

3.1.  مۇددەتلىك ئىشلەش رۇخسىتى

مۇددەتلىك ئىشلەش رۇخسىتى چەتئەللىك ئىشچىنىڭ مەلۇم بىر جۇغراپىيلىك رايوندا ئىشلىشى ئۈچۈن، مەلۇم بىر كەسپتە مەلۇم بىر ئىشلەتكۈچى ئۈچۈن، بەلگىلىك مۇددەتلىك ۋە تۇنجى ئىلتىماستا ئەڭ كۆپ بىر يىللىق مۇددەتكە ئىگە بولغان بىر ئىشلەش رۇخسىتىنى كۆرسىتىدۇ. بىر شىركەتتە ئىلتىماس قىلىپ ئېلىنغان مۇددەتلىك ئىشلەش رۇخسىتى بىلەن باشقا شىركەتتە ئىشلىگىلى بولمايدۇ. يېڭى ئىش ئورنىدىن  قايتىدىن ئىلتىماس قىلىش كېرەك.

3.2.  مۇددەتسىز ئىشلەش رۇخسىتى

مۇددەتسىز ئىشلەش رۇخسىتى تۈركىيەدە ھېچبىر جۇغراپىيىلىك رايون، كەسىپ، مۇددەت چەكلىمىسى بولمىغان ئىشلەش رۇخسىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىشلەش رۇخسىتىگە ئىگە شەخسلەر ئۈچۈن تۈرك ئەمگەك كۈچى بازارى چەكلىمىلىرى دىققەتكە ئېلىنمايدۇ. لېكىن مۇددەتىسز ئىشلەش رۇخسىتىگە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن چەتئەللىك شەخسنىڭ تۈركىيەدە ئەڭ ئاز 8 يىل ئۈزلۈكسىز ۋە قانۇنىي ھالدا ئىقامەت قىلغان بولىشى ياكى ئەڭ ئاز 8 يىل تۈركىيەدە قانۇنىي ھالدا ئىشلىگەن بولىشى كېرەك. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا “ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەتكە ئىگە بولغان ئاھىسكالىق، بۇلغارىيىلىك، گىرىتسىيەلىك تۈركلەر ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى مۇددەتسىز ئىشلەش رۇخسىتى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.” دېگەن مەزمۇن بار. ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەتنىڭ بېرىلگىنىگە ئۇزۇن بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، مۇددەتسىز ئىشلەش رۇخسىتى توغرىسىدا مۇسبەت ئۆرنەكلەر يوق بولىشى مۇمكىن.

3.3. مۇستەقىل ئىشلەش رۇخسىتى

مۇستەقىل ئىشلەش رۇخسىتى چەتئەللىك ئىشچىنى ھېچبىر جۇغراپىيىلىك رايون، كەسىپ، ئىشلەتكۈچى ياكى مۇددەت چەكلىمىسى بولمىغان ھالدا ئىشلەش ھوقۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ خىل ئىشلەش رۇخسىتى توغرىسىدا بىلىدىغىنىم يوق.

يۇقىرىدا دېيىلگەن ئۈچ خىل ئىشلەش رۇخسىتى ئىچىدە مىنىڭ بىلىدىغىنىم مۇددەتلىك ئىشلەش رۇخسىتى. بۇ يازمىمۇ مۇددەتلىك ئىشلەش رۇخسىتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا يېزىلغان.

مۇددەتلىك ئىشلەش رۇخسىتىنى بىر شىركەتكە تۇنجى كىرگەن ۋاقىتتا ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر يىللىق ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ. ئوخشاش بىر ئورۇندا ئىككىنچى يىلى ئىلتىماس قىلغاندا ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئىككى يىللىق ئۇزارتىش ئىلتىماسى قىلغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش شىركەتتە ئوخشاش ئورۇندا ئۈچ يىل ئىشلىگەن بولىدۇ. يەنە ئۇزارتىشقا توغرا كەلگەندە بەش يىللىق ئۇزارتىش پۇرسىتى بولىدۇ. بۇلارنىڭ شەرتى ئىشلەش رۇخسىتى ئىلتىماس قىلغاندا ئىشچىنىڭ پاسپورتىنىڭ يېتەرلىك ۋاقتى بولىشى كېرەك. 60 كۈندىن ئاز ۋاقتى قالغان پاسپورت بىلەن ئىشلەش رۇخسىتى ئىلتىماس قىلغىلى بولمايدۇ. قانچىلىك ۋاقتى قالغان بولسا قائىدە بويىچە ئەڭ كۆپ بولغاندا شۇنچىلىك ۋاقىتلىق ئىشلەش رۇخسىتى بېرىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھۋال مەۋجۇت. پاسپورتنىڭ ۋاقتى ئاز قالغان ياكى توشۇپ كەتكەنلەر ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت بىلەن ئىشلەش رۇخسىتى ئالالامدۇ دىگەن نۇقتىدا ھازىرغىچە ئىجابىي ئەمەلى مىسال ئاڭلاپ باقمىدىم. ئۆزۈممۇ 31- دېكابىر ئىككى يىللىق ئىشلەش رۇخسىتى ئۇزارتىش ئىلتىماسنى سۇندۇم. دېيىلگەندەك مىنىڭ پاسپورتىمنىڭ ئۇنداق ئۇزۇن ۋاقتى قالمىغان ئىدى. سىناپ بېقىش تەرىقىسىدە ئىككى يىللىق ئىلتىماس قىلىپ باقتىم.

بىر شىركەتتە ئىلتىماس قىلىپ ئېلىنغان ئىشلەش رۇخسىتى بىلەن باشقا شىركەتتە ئىشلىگىلى بولمايدۇ. چوقۇم يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىش كېرەك. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئىشلەش رۇخسىتى شىركەتكە باغلانغان ھالەتتە ئىلتىماس قىلىنغان ئىشلەش رۇخسىتى. مىنىستىرلىقىدىن بېرىلگەن ھېچ بىر يەرگە باغلىق بولمىغان ئىشلەش رۇخسىتىمۇ بار. لېكىن بۇ بىزنىڭ ئەھۋالىمىزغا ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ يازمىدا دېيىلىۋاتقان ئىشلەش رۇخسىتى مەلۇم شىركەت، قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىنغان باغلاغلىق ئىشلەش روخسىتىدۇر.

 

4. ئىشلەش رۇخسىتىنى كىملەر ئىلتىماس قىلالايدۇ؟

تۈركىيەدە ماگىستىرلىقتا ياكى دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان، ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. باكالاۋرلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قائىدە بويىچە ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتى بولمايدۇ. تۈركىيىدىن دۆلەتلىك ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالىدىغان باكالاۋرلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قائىدە بويىچە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنمۇ ئىشلەش رۇخسىتى ئىلىتماس قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇيدىغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار كەسىپ، ھەپتىلىك ئىشلەش سائەت چەكلىمىسى قويۇلمىغان ئاساستا خالىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىشلەش رۇخسىتى ئالسا بولىدۇ. مەسىلەن: ئىلاھىيەتتە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارمۇ، تاشقى سودا شىركەتلەردە كەسپىگە ئالاقىسىز ئورۇنلاردا ئىشلىيەلەيدۇ.

ئىشلەش رۇخسىتىنى شىركەت ساھىبى ئىشچى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىدۇ. ئىشچى ئۆزى ئىلتىماس قىلالمايدۇ. شىركەت قانۇنلۇق ۋەكىلىنىڭ E-Devlet ئارقىلىق، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئائىلە، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرلىقى  (T. C. Aile, Çalışma ve Sosyal Hizmetler Bakanlığı) تور بېتىدىن كىرىش ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. نورمالدا شىركەتنىڭ بوغالتىرلىرى بۇ ئىلتىماسنى قىلىدۇ.

ئىشلەش رۇخسىتى ئىلتىماس قىلشى خىزمىتىنى قىلىدىغان ۋاستىچى شىركەتلەرمۇ بار. 2000 لىرا ئەتراپىدىكى خىزمەت بەدىلىگە ئىلتىماس قىلىش ئىشىنى شىركەتكە ۋاكالىتەن قىلىپ بېرىدۇ. نورمالدا تۈرك شىركەتلىرى بۇنداق قىلىشنى خالىمايدۇ ۋە شىركەت بوغالتىرى مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماسنى قىلىدۇ.

 

5. ئىشلەش رۇخسىتى ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى نىمە؟

بىر شىركەت بىر چەتئەللىك ئىشچى ئىشلىتىش  ئۈچۈن بەش سۇغۇرتىلىق تۈرك گراژدان ئىشچىسى بولىشى كېرەك.

شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلەغ مىقتارى يوقىرى بولىشى كېرەك.

چەتئەللىك ئىشچىنى، قىلغان خىزمىتىگە قارىتا، ئەڭ ئاز دېگەندە ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىنىڭ بىر يېرىم ھەسسە ھەتتا ئىككى ھەسسە ئىش ھەققى بىلەن ئىشلىتىشى كېرەك.

يېڭىلىقلار: بۇ يىلدىن باشلاپ ئىشلەش رۇخسىتى ئىلتىماس قىلشى سېستىمىسى يېڭىلىنىپتۇ. شىركەتنىڭ ئېلىكترونلۇق ئىمزا (E-imza) ۋە  تىزىملىتىقلىق ئېلېكترنلۇق پوچتا ساندۇقى (KEP) بولۇشى كېرەك. بۇ ئىككىسى يوق ئەھۋالدا شىركەتنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشى كېرەك.

 

6. ئىشلەش رۇخسىتىنى قەيەردىن، قانداق ئىلتىماس قىلىمىز؟

ئىشلەش رۇخسىتى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك ماتېرىياللار:

ئىشچىنىڭ پاسپورتى: ئەڭ ئاز 60 كۈن ۋاقتى بولىشى كېرەك دەپ شەرتى بار.

ئىشچىنىڭ دىپلومى: تەرجىمە نوتېرلىق نۇسخىسى. باكالاۋرلىق دىپلومى بولسا يېتەرلىك. لېكىن ئۈستىدە دېيىلگەندەك ماگىستىر ياكى دوكتۇر ئوقۇغۇچىسى بولىشى كېرەك.

خىزمەت توختامى: شىركەت بىلەن تۈزۈلگەن ئىشچى خىزمەت توختامى. بۇنىڭدا قانچە يىللىق توختام تۈزگەنلىكى، مائاشى، ۋەزىپىسى قاتارلىقلار يېزىلىدۇ.

ئىشچىنىڭ رەسىمى: نورمالدا ۋىزا، پاسپورت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان رەسىم بولسا يېتەرلىك.

شىركەت تىجارەت كىنىشكىسى(Faaliyet Belgesi)، Ticaret Sicil Gazetesi، يىللىق كىرىم چىقىم كۆرسەتكۈچى.

يۇقىرىدا دېيىلگەن ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى ئېلېكترونلۇق نۇسخا ھۆججەتلەردۇر. دېيىلگەن ماتېرىياللارنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئائىلە، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرلىقى تورى ئارقىلىق چەتئەللىكلەر ئۈچۈن ئىشلەش رۇخسىتى ئىلتىماس قىلىش سېستىمىسىغا كىرىپ ئىلتىماس سۇنۇلىدۇ.

يۇقارقىدەك كۆزنەك ئېچىلغاندىن كېيىن، قەدەممۇ قەدەم شىركەتنىڭ ئۇچۇرلىرىنى، ئىشچىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قالدۇرماي تولدۇرۇپ، تەييارلىغان ماتېرىياللارنى سىستېمىغا چىقارساق بولىدۇ.

 

7. ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار…

بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن بىرسى. پۈتۈن ماتېرىياللار چوڭلىقى 1 مېگابايتتىن چوڭ بولمىغان ھۆججەت بولىشى كېرەك. شۇڭا ماتېرىياللارنى تەييارلىغاندا چوقۇم ھەممىسىنىڭ بىر مېگابايتتىن كىچىپ بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىلتىماس قىلىش سېستىمىسى بەش ئون مىنۇت بوش قالغاندا ئاپتوماتىك سىستېمىدىن چىقىپ كېتىدۇ، شۇنداق قىلىپ ھەممە نەرسىنى قايتا يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىش سېستىمىسىغا كىرىپ تولدۇرۇشتىن بۇرۇن چوقۇم ماتېرىياللارنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىگە، ھەجمىنىڭ بىر مېگابايتتىن كىچىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

سىستېمىغا چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، “يوللاش” كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئىلتىماس ئاخىرلىشىدۇ.

ئىككى ھەپتىدىن بىر ئايغىچە ئەتراپىدا مىنىستىرلىقىدىن جاۋاب كېلىدۇ. ئۇيغۇن ئەھۋالدا تەستىقلىشى ۋە ئىلتىماس قىلىش پۇلىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇن بولمىغان ۋاقىتتا، كام ماتېرىياللار بولسا تولۇقلىنىشىنى، ئىش ھەققى ئاز يېزىلىپ قالغان، ئۆلچەمگە توشمىغان بولسا ئەڭ ئاز قانچىلىك يېزىلىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. نورمالدا بىر قېتىم جاۋاب قايتۇرۇشى بىر ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت ئالىدۇ.  (ۋاستىچى شىركەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىلتىماس قىلىپ، قولغا ئىشلەش رۇخسىتى ئالالايدۇ.) شۇڭا ماتېرىياللارنى بىر قېتىمدا توغرا، ئۇيغۇن شەكىلدە تەييارلاش لازىم.

ئەسكەرتىش: يۇقىردىكى مەلۇماتلار شەخىسىي تەجرىبىلىرىم ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگاننىڭ توربىتىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن تەييارلاندى. ۋاقىت، شارائىت ۋە ھاكىمىيەت ئالىمىشىش دىگەندەك ئىجتىمائى ئامىللار سەۋەبىدىن ئۆزگىرىپ تورىشى مۇمكىن. شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ئورگاننىڭ ئالاقىدار شەرتلىرى ۋە ئەمەلى شارائىتقا قاراپ تىخىمۇ چوڭقۇرراق ئىزدىنىپ بىقىشىڭلار تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

[1]

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، “ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ۋە تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئۆتۈش ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات”

مەنبەلەر:

“ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ۋە تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئۆتۈش ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات”

https://goo.gl/ah3gqS

https://birim.ailevecalisma.gov.tr/uigm

 

ئىنكاس يازىمەن