تۈركىيەدىكى ھايات

ئوقۇلۇش ۋاقتى: < 1 مىنۇت

تور دۇنياسىدا بولۇپمۇ “فېيسبۇك”تا نۇرغۇنلىغان “تۈركىيەدىكى ھايات” ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن يازمىلارنى ئۇچرىتىمەن. گاھىدا ئادەمنى كۈلدۈرىدىغان قىزىقارلىق ئىشلەر سۆزلەنسە، گاھىدا ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان مۇھاجىرەتتىكى مۇشەققەتلىك ھايات يېزىلىدۇ. بەزىدە  تۈركىيەدە ياشاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەجرىبە-ساۋاقلار يەكۈللەنسە، بەزىدە تۈركىيەدە قانداق ياشاش كېرەكلىكىتوغرىسىدا پىكىرلەر ئوتتۇرغا قۇيىلىدۇ. “تۈركىيەدىكى ھايات” سەھىپىسىدە توردا ئېلان قىلىغان يۇقىرقى مەزمۇنلاردىكى يازمىلارنى توپلاش نىشان قىلىنغان. بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:

  1. يازمىلارنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. فېيسبۇكنى تاقىۋەتكەندە ياكى تارقىۋېتىلگەندە يۇقىرقى مەزمۇنلاردىكى پايدىلىق ماتېرىياللار يوق بولۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىگە تەۋە بولغان سۇپىدا ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.
  2. يازمىلارنى قولاي بىر شەكىلدە تېپىش ئىمكانىيىتى يارىتىش. بلوگنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنىڭ ئەڭ تېز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالدىغا چىقىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

بۇ سەھىپىدە تۈركىيەدىكى ھايات باش تېما قىلىنغاچقا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاسان چۈشىىنىشى ئۈچۈن بەزى ئۇقۇملار تۈرك تىلىدىكى تەلەپپۇز قىلىش شەكلى بويىچە ئېلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: يازمىلار ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن چىقىرىلىدۇ. مەنبەنى ئەسكەرتىش ئاساسىدا ھەر قانداق يەردە تارقاتسا بولىدۇ.